روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلارغا جىددى ئۇقتۇرۇش (2012-6-4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار، سىلەرنىڭ روھلان ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز جاپا تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
نۆۋەتتە ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى، تەكشۈرۈش كۆپ ۋە بەكلا قاتتىق بولىۋاتىدۇ، بۇنى سىلەر كۆپ بىلىپ كەتمەيسىلەر ھەقىچان، ئەمما ھەممە ئىشنى بىكەت باشلىقلىرىدىن سۈرۈشتە قىلغاچقا بىز سىلەردىن بۇرۇنراق خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەنمىز، بۇ قېتىملىق تور بىكەتنىڭ تاقىلىش سەۋەبىمۇ قىياس مۇلازىمىتىرى تەمىنلىگەن ھەقسىز بوشلۇققا قۇرۇلغان تور بىكەتكە بىرەيلەننىڭ «تارىخى مەزمۇن» يوللاپ قويغانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولدى، تور بىكەت ئېگىسى ۋە بوشلۇق تەمىنلىگۈچى ھازىرغىچە ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىمۇ يوق. (دىققەت، بۇ گەپ ئىچكى قىسىمدىلا قالسۇن، سىرتقا چىقىپ كەتمىسۇن)
شۇڭلارشقا باشقۇرغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم:
1. بىر كۈندە بىر يېڭى تېما يوللانسىمۇ مەيلى، ئەمما ئازراقلا سەزگۈر گەپ سۆز بار بولغان تېما -ئىنكاسلارنى قەتئىي رەت قىلىڭلار ، تەستىقسىز چىقىپ كەتكەنلىرى بولسا دەرھال تازىلىۋېتىڭلار ، بىر قىسىم ئەگىتىپ ئېيتىلغان گەپ-سۆزلەرمۇ بار، بۇلارنى  چۈشىنەلمەيدىغان باشقۇرغۇچىلارمۇ يوق، شۇڭا بۇنداق تېما، ئىنكاسلارنىمۇ قەتئىي چەكلىمىسەك بولمايدۇ .
بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەر، فىلىملەرگە دىققەت قىلڭلار.
2. سىياسى، دىنى، مىللەت، قانۇن-تۈزۈم، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى، قوش تىل ئوقۇتۇشى...قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان خەلق ئارىسىدىكى پاراڭلار  بىردەك تەستىقلانماسلىقى كېرەك
3. خەلق ئارىسىدىكى ئۇششاق زىدىيەتلىك مەزمۇنلار تەستىقلانماسلىقى كېرەك
يامان نىيەتلىك ئەزالارنى ئۇچىراتقاندا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە مەلۇم قىلىش كېرەك
4. مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغىتىدىغان مەزمۇنلار تەستىقلانماسلىقى كېرەك
يەنە بىرى چەتئەل پاراڭلىرى، چەتئەلگە ھەۋەسلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا دەخلى قىلىدىغان تېمىلارمۇ كۆرۈلمەسلىكى كېرەك.

مەن بۇلارنى بەكمۇ كۆپ دەپ كەتتىمن، ئەمما بىر قانچەيلەن تازا دىققەت قىلىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ.

تېما تەستىقلىغاندا تېمىنىڭ ماۋزۇسى ئۇيغۇرچىمۇ؟ ئىملاسى توغرىمۇ؟ مەزمۇنغا ماس كېلەمدۇ؟ تېمىنىڭ سەھىپىسى توغرىمىكەن؟ دېگەنلەرگەىمۇ قاراپراق تەستىقلىساڭلار، ئەگەر مەسىلە بولسا تەستىقلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا مۇنبەرگە كىرىپ يېڭى تېما تىزىملىكىدىن شۇ تېمىنى تېپىپ، تەھرىرلەش دېگەن خەتنى بېسىپ تەھرىرلىۋەتسەڭلار ياكى ماس كېلىدىغان سەھىپىگە يۆتكىۋەتسەڭلار.
ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ غۇلغۇلا قوزغاشقا قەتئىي بولمايدۇ.

يۇقارقى گەپلەرنى مەن خېلى بۇرۇنلا يوللاپ قويغان ئىدىم، ئەمما يەنىلا.....

يەنە 1 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرپ تۆۋەندىكى بىر قانچە تېمىنىمۇ ئەستايىدىلراق ئوقۇپ چىقىڭ.
باشقۇرغۇچىلار كۆرمىسىڭىز قەتئىي بولمايدىغان تېما - باشقۇرغۇچىلار  تۈزۈمى
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... =9100&fromuid=1
باشقۇرغۇچىلار تۈزۈمى
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... =5913&fromuid=1
باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلىغاندا ئەستايىدىل بولساڭلار
http://www.rohlan.biz/forum.php? ... =6236&fromuid=1
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-4 17:15:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ئىجرا قىلىمەن .......                                             
ۋاقتى: 2012-6-4 17:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چۇقۇم دىققەت قىلمەن.
ھازىر سەزگۇر دەۋىر شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك .
ۋاقتى: 2012-6-4 17:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلاننىڭ تاقىلىپ قىلىشىنى ھىچكىم خالىمايدۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلار سەگەكلىكىمىزنى يەنە  بىر قىتىم يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،ئوقتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلايلى!
ۋاقتى: 2012-6-4 17:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق!!!!
ۋاقتى: 2012-6-4 17:05:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
O(∩_∩)O ھاھا~، بۇ دېۋان مېنىڭ بولدى!
MA730 ئەپەندىم 2012-6-4 17:58 دە دېۋان تالىشىش ئىشلىتىپ ئېرىشكەن.
ۋاقتى: 2012-6-4 22:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق باشقۇرغۇچىلار ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرەيلى!
يەنە بىر-بىرىمىزگە مەسئۇل ھەم نازارەتچىلىكنى كۈچەيتەيلى!
ۋاقتى: 2012-6-4 23:49:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا چوقۇم دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. بىرىنى بايقساق بىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ماڭايلى. ھەممە بىرلىكتە كۈچ چىقارساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. تېما يوللىغىچىلارمۇ دىققەت قىلسا بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2012-6-5 13:25:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا پۇختا بولسا ، شۇنداقلا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئەستايىدىل ئورۇنلىسا ئىشىنىمەنكى روھلان مۇنبىرىمىز تېخىمۇ بەك راۋاجلىنىدۇ . روھلاندىكى ساپالىق ئەزالار بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك روھلىنىپ كېتىدۇ .
ۋاقتى: 2014-6-19 06:49:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇندىن خەۋەر تاپتىم

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-3 23:04

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش