روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2136|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە، ھەتتا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارغىمۇ ھەر جەھەتتە يۇقىرى تەلەپ قويۇلماقتا. ھازىر يەسلىلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكى ئالدىن ئۆتۈلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ھە دېگەندىلا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كىچىكىدىنلا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، بالىلارغا زىيادە بېسىم قىلىۋاتىدۇ.' f" e. _# {& e# B/ ?5 t$ i- \. R7 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىكى بىر ئايال بالىلار باغچىسى قىزىمنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويدى، دەپ ئەرز قىلغان. ئەسلىدە قىزى باغچىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ‹‹O›› ھەرپىنى ئالما، قۇياش ، پۇتبول ، تۇخۇم قاتارلىق يۇمىلاق نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلالايدىكەنتۇق، بىراق، باغچىغا كىرىپ 26 ھەرپنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، قىزى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالماس بولۇپ قالغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، نېۋادا ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئاچقان، نەتىجىدە بالىلار باغچىسى دەۋادا يېڭىلگەن.
/ l7 J& g, ^7 Y& N: C- f: b: t, Q    ئامېرىكىنىڭ ‹‹پۇقرالار ھوقۇقى قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا مۇنداق ئىككى ھوقۇقى بولىدۇ: بىرى، ئويناش ھوقۇقى، يەنە بىرى نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سوئال سوراش ھوقۇقى. ئامېرىكىدا مائارىپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئاتا – ئانىلارنىڭ ھوقۇقى، دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىشتىن بەھرىلىنىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ." [. I& y$ e3 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلارغا بالدۇرلا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىلار دوگما ئۆگىتىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتەك ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.% E* f) u) j, }- dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئېلىمىزدىكى يەسلى مائارىپىنىڭ ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش›› ئەمەلىيىتى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ بالىلار باغچىلىرىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
7 c) T5 Z* |8 H9 a- T    بالىلارنىڭ ئەركىن ئويناپ، تۇغما قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەندىلا، ئۇلار ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقى شەيئىلەرگە بولغان تەسىرات ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ تەلىم بېرىپ، يۆنىلىش بويىچە يېتەكلىگەندە، بالىلار تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
: J: p2 U3 |6 G/ y4 J. w5 m* V                                                          مەنبە: شىنجاڭ گىزتىدىن            
& `  [6 }0 |* }: d$ R* u$ |" w% S6 C* _* b$ J+ [$ I8 h+ l' ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2012-3-13 01:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا 7 ياشقا كىرمىگۈچە مەكتەپمۇ قوبۇل قىلمايتتى. نەدىن-نەگە قىيغېتىپ ئويناپ يۈرەتتۇق. ھازىرقى بالىلار 3.5 ياشتىلا بالىلار باغچىسىغا كىرىدىكەن، 4-5 ياشتا كىچىك تەييارلىق، 5-6 ياشتا چوڭ تەييارلىق 6-7 ياشتا ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدىكەن. بۇنداق شارائىتتا بالىلار قانداقمۇ ئەركىن بولالىسۇن!6 [1 W- e7 n. u% Y& h  mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىچىك چېغىدىلا ئوقۇشقا قىزىقماس قىلىپ ھۆ قىلىۋېتىدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن 9-يىللىقنى پۈتتۈرۈشكە كۆزى تۆت بولۇپ كېتىدىكەن. ھەي بۇ ئىشلارنى ...... يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش كۆتۈرۈپ چىققان قوشتىللىق ئوقۇتۇش باللىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى پۈتۈنلەي بوغۇپلا قويدى. ئۆز ئانا تىلدا ئاران دېگەندە يىتىشىپ كېتىۋاتقان بالىلىرىمىز، بۇ خىل يېڭىچە ئوقۇتۇشقا ماسلىشالماي سۆرۈلۈپلا قالدى.بۇ ئىشلارنى قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى.........

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 09:57

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش