روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3506|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 02:34  " g! p8 o1 r/ Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
& u/ E; t3 |* D1 q5 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خەلقىمىز تارىختىىن بۇيان ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن. ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ كەسىپ. كىمدۇ بىرى: «ئوقۇتقۇچى جاپاكەش ئىنسان، ئۇنىڭ ئەجرىسىز ھېچكىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەس. ئوقۇتقۇچى دېگەن كۈندە يەتتە - سەككىز سائەت دەرس ئۆتىدۇ، كېچىسىمۇ تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى بور توزاڭلىرى ئىچىدە ئۆتىدۇ» دېگەن. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بۇ «ئۇلۇغ كەسىپ»كە ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ؟ 6 t' V0 b; k% Z# q9 a6 Q# w6 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 Y7 N5 x# s  uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش. دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، خەت يېزىش، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىش ئوقۇتقۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ئوقۇتقۇچىلىق باشقا كەسىپكە ئوخشاش بىر - ئىككى يىلدا ئۈنۈم (نەتىجە) بېرىدىغان «ئىستېمال» كەسپى ئەمەس. ئۇنىڭ نەتىجىسى تېز بولغاندا بەش - ئون يىلدا، ئۇزاق بولغاندا 70 - 80 يىلدا كۆرۈلىدىغان، پايدا - زىيىنى بىۋاسىتە ئاۋام ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان ئالاھىدە كەسىپ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىدا ئۇنىۋېرسال ساپا بولۇشتىن تاشقىرى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىسا بولمايدۇ. مانا بۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ شەرەپلىكلىكى! ئوقۇتقۇچىنى باغۋەنگە، ئوقۇغۇچىنى كۆچەتكە تەمسىللىسەك، ئاشۇ ئۆسۈۋاتقان كۆچەتكە كۆيۈنگەن، سۇسىزلانغاندا ئازدۇر - كۆپتۇر سۇ بەرگەن، تاش - داڭگالنىڭ ياكى ۋەھىملىك بوران - يامغۇرنىڭ ئاستىدا قالغاندا مەدەت بەرگەن، ئۆسۈۋاتقاندا ئوغۇتلاپ پەرۋىشلىگەن، ياۋا سورت (شاخ) بايقالسا، ياخشى سورت تاللاپ ئۇلىغان، ھارام شاخلارنى ۋاقتىدا چاتىغان، دەرەخ تۈرىگە ۋە خۇسۇسىيىتىگە قاراپ پەرۋىش قىلالىغان، «مەن پەرۋىش قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىگە ئۆزۈم ئېغىز تېگەلمىسەممۇ، ئەل - يۇرت ئېغىز تەگسە مەن رازى» دېيەلەيدىغان باغۋەنلەر ھەقىقىي پىداكار باغۋەندۇر. ئەگەر ئۇلۇغلاش توغرا كەلسە، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئۇلۇغلىساق بولىدۇ. ھە دېسىلا ئوقۇغۇچىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ئورۇنسىز تىللاپ - ئۇرىدىغان، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان، ئوقۇغۇچىنى كەمسىتىپ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ئۇلارغا كۆيۈنمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ مۇبارەك نامغا يىراقتۇر.
9 \4 z8 `4 S7 y) c' p$ k1 A" W! ~7 qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق. شۇنداق ئىكەن، نۆۋىتىدە مائارىپنىڭ ساپلىقى جەمئىيەتنىڭ ساپلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مائارىپنىڭ ساپلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپلىقىدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەش لازىم. «100 يىللىق تەرەققىيات پىلانى»دا مائارىپ ئاساس، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، مائارىپنىڭ بىزنى كەلگۈسىگە ئېلىپ بارالايدىغان ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارغا يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى شەرەپلەرنى يۈكلىدى. دېمەك، «ئەڭگۈشتەر»نىڭ نۇرلىنىش ياكى نۇرلىنالماسلىقى پۈتۈنلەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقىدىسىگە باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇش كېرەك. - b+ v9 ^$ i8 v" \7 o3 Z9 H& v4 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 ~0 u5 C3 q( F, }% [# uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
5 [- y0 N/ a: G( |; i
' l! b5 |4 B2 f% R) C' i
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2012-7-21 20:55:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

7 S5 S5 N0 ~4 H  r0 E) t3 y$ Yئۆز بالىسىغا كۆيۈنۈش ئادەمنىڭ خىسلىتى ، باشقىلارنىڭ بالىسىغا كۆيۈنۈش پەرىشتىنىڭ خىسىلىتى .... W7 b" ~% v6 D: R& Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى ، ئۆز مەسئولىيىتىنى توغرا تونۇش ۋە ئەمەل قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نـۆل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 20:57  
4 l; N# l# o% T, ~/ @6 P# Y0 w1 l, kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2012-7-22 00:25:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئېيتىسىز،بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ دەۋىر ۋە مىللەت ئالدىدىكى بورچىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
ۋاقتى: 2012-7-22 12:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقوتقۇچىلا ئەمەس ھەرقانداق  بىر ئىنساندا ‹‹مەسئۇلىيەت› دىگەن ئاڭ بولسىلا ھەرقانداق ئىشقا سەل قارىمايدۇ.
ۋاقتى: 2012-7-22 20:19:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تەڭدىن تولىسى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، ئۆز كەسپنى قىزغىن سۆيىدىغان، بىلىمىنى بالىلارغا ھەقىقى يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىۋاتقانلاردۇر. يەنە ئاز بىر قىسى كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغانلاردۇر. بۇنداقلار ياشلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئەمى-تەمىنى تېتىپ، چۈشىنىپ يەتكەن بولغاچقا، خىزمەتكە بەك ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقلار مەلتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئىشلىرى نورمال رەۋىشتە يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ. مائارىپتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كەسپتىن ۋايساپ، دادلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ۋىجدانى ئازار يېگەن، شۇنچە ئىشلەپمۇ بىرەر قېتىم ماختاشقا ئېرىشەلمىگەن ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلاردۇر. ئېغىزىدا مائارىپتىن قۇسۇر تېپىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلمىي تەشكىللەپ، پەرزەنتلەرگە ھەقىقى بىلىم بىرىۋاتقانلارمۇ ھەم شۇلار. يۈك ھەقىقتەن ئېغىر، شىتات ئاز. قىلىپمۇ قىلىپ بولالمايۋاتقان. كېسەل-ئاغرىق بولسا، ھىچكىم ھال- ئەھۋالمۇ سوراپ قويمىغان. ئۈلۈپ كەتسە نامىزىغا ئەڭ ئاز ئادەم كېلىدىغانمۇ شۇ ئوقۇتقۇچىلاردۇر. كەسپدىشىمىز ئۆلسە، دەرس تاشلاپ نامازغا بارالمىساق بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ؟ بىز يىغلايدىغان، ياش تۆكىدىغان، ھەسرەت چېكىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. سۈرە ئۈگەنسەڭ بولمايدۇ، ناماز ئوقۇساڭ بولمايدۇ، ئۇزۇن كۆينەك، دوپپا كىيسەڭ بولمايدۇ......دەپ يۈرۈپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆزىگىمۇ سەت كۆرۈنۈپ بولدۇق. بىزنى ئۇلۇغلايدىغان خەق قالمىسا، مائارىپنىڭ تەقدىرى نېمە بولماقچى ئىدى. بىز زادى بالىلارنى نېمىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق؟ بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئويلاشمىساق، مىللى مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى تېخىمۇ پاجىئەلىك بولمامدۇ؟ قالغىنىنى تورداشلار مۇھاكىمە قىلسۇن. ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنەيلى...
ۋاقتى: 2012-7-23 19:40:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقوتقۇچىلا ئەمەس ھەرقانداق  بىر ئىنساندا ‹‹مەسئۇلىيەت› دىگەن ئاڭ بولسىلا ھەرقانداق ئىشقا سەل قارىمايدۇ.4 @$ H) O: x0 u( s  ?/ Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
توغرا ئېيتىسىز،بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ دەۋىر ۋە مىللەت ئالدىدىكى بورچىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ
ۋاقتى: 2012-7-24 03:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىنىڭ  ئۇلۇغلىقىنى ئۇقۇتقۇچى بولغانلارلا چۇشۇنىدۇ!!!!!
ۋاقتى: 2012-7-25 16:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ،ئۇنىڭ ئۇلۇغلىغى شۇ يەردىكى ئۇنىڭ مىھرىدە مىڭ قۇياش تەپتى بار .شۇڭا ئۇ بارغان جاي نۇرلىنىدۇ .بىراق ھازىرقى قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى بىزار قىلىپ قويماقتا.لىكىن كونىلاردا شۇنداق بىر گەپ بارغۇ،«زامان ساڭا باقمىسا،سەن زامانغا باق»دەيدىغان.شۇڭا زامانغا بېقىپ يەنىلا ئۇلۇغۋار روھى بىلەن ئۇلۇغۋارنىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 16:48  . k* ?7 K% p  W+ M1 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
, J% G$ {$ e2 G2 k* h9 _9 t$ zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 06:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش