روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2718|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز tagor

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3 X  P# q9 v" V0 _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۆشۈك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ بالا تەربىيەلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. ; ~8 D4 N8 [5 a. q) Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكلىرى يەرلىك ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ياسىلىپ، قۇرۇلمىسى ئاساسەن شال، تىز، چېتىق، پوزا (بەل ياكى ئومۇرتقا)، ناچا (ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە (تەڭلىك بالا ياتىدىغان قىسمى)دىن تەشكىل تاپىدۇ. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەشتىن ئىلگىرى ئۇۋۇدا، ياستۇق، شىلدىرشاپ، يۆگەك، زاكا، چەمبىرەك، جاك، شۈمەك، چۆرەك، تىزلىق، ئوشۇقلۇق، كاشا (قولتارتقۇ)، يۈز ياپقۇ قاتارلىق جابدۇقلار ھازىرلىنىدۇ.
# u  S# J5 i  S7 H& m& |    بوۋاقنى تۇنجى قېتىم بۆشۈككە بۆلەشتە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن، تەقۋادار ‹‹بۆشۈك ئانىسى›› ۋە ئۇنىڭ ئىز باسارلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئاياللار تەكلىپ قىلىنىدۇ. ‹‹بۆشۈك ئانا›› بۆشۈكنىڭ بىخەتەرلىكى، بۆشۈك جابدۇقلىرىنىڭ تەلتۆكۈس ھازىرلانغان – ھازىرلانمىغانلىقىنى بىر – بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەش مەشغۇلاتىنى باشلايدۇ ھەم ئانىغا تەپسىلىي ئۆگىتىدۇ.+ J* m7 F7 {2 X0 i9 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بالىنى بەخت – تەلەيلىك بولسۇن دەپ ياستۇقى ئاستىغا ‹‹توقىچاق›› (كىچىك پىرەنىك چوڭلۇقىدا پىشۇرۇلغان بوۋاق توقىچى) قويۇلىدۇ. قەيسەر، باتۇر بولسۇن دەپ، ئوغۇل بالىنىڭ زاكىسىنىڭ ئوڭ يېنىغا بۆرە ئوشۇقى، قەلەمتىراچ باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. قىز بالا بولسا پاك، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، چىرايلىق بولۇشىنى تىلەپ، زاكىسىنىڭ سول تەرەپ ئاستىغا ئەينەك، تارغاق، سۈزگۈچ باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. بەزى جايلاردا بۆشۈككە كۆز مونچاق، تىلتۇمار قاتارلىقلارنىمۇ ئېسىپ قويىدۇ.
& w& P0 w- s% I1 l6 ]/ j. a    ئەجدادلىرىمىز بالىنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيەسىدىكى رولىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن، ئۇلار بۆشۈكنى ‹‹بالا بېقىشنىڭ قېلىپى›› دەپ قاراپ كەلگەن.6 I' M+ e7 i3 T/ x- {3 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى رولىنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:2 \! }; ]& ~8 Q- W3 V$ t( Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بىرىنچى، بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.* J4 P5 T+ i" D( k$ k9 V0 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئىككىنچى، بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، زۇكام بولىدىغان، تولا چۈشكۈرۈپ، شالى ئاقىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ." R% t# R. e8 t& `9 K- f8 H  H$ E* Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۈچىنچى، بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا سېلىنىپ قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا ھۆلدە يېتىپ قالىدىغان، سوغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ، تولا جاراھەت چىقىدىغان، قەغىشلىك قىلىپ، باققۇچىسىنى ئارام ئالدۇرمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
% K9 r7 w7 v5 Y    تۆتىنچى، بوۋاق ئۈچۈن ئارام ئېلىش، ھۇزۇرلىنىشتۇر. بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ، ‹‹ئەللەي ناخشىسى››نى لەرزان ئېيتىپ سىيلىق تەۋرىتىپ بەرسە، ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ. قارارلىق، نورمال ئۇيقۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.% p9 o" s  w; [1 ?) p( iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بەشىنچى، بۆشۈك بوۋاقنىڭ بوغۇم – ئۈگىلىرىنى، مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ.
+ s& u4 q+ L+ h9 d6 C+ A- b( M$ ]  Z/ _* F5 F9 aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-29 22:05  # ?' a% y0 _; A/ r& k; {8 a+ K. \# C7 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 |0 A% c7 \1 z0 f1 G9 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 08:52

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش