روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 17936|ئىنكاس: 27
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇنازىرە باشلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېقىندىن بۇيان مائارىپقا سالدىغان مەبلەخ كۆپۈيۈپ ئوقۇتۇش شارائىتى زور دەرجدە ياخشلاندى.ئەمما ئوقۇتۇتۇش سۈپۈتى بۇرۇنقدەك ئەمەس .بۇ ھەر بىر مائارىپچىنى ئويغا سالدۇ ،ھەم ئەنسىرتىدۇ .سىزنىڭچە ئاساسلىق مەسلە نەدە .سىياسەتتىمۇ؟ئوقوتقۇچىدىمۇ؟ئوقوغۇچىدىمۇ؟ئاتا -ئانلاردىمۇ؟جەميەتتىمۇ؟رەھبەرلىكتىمۇ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +12 ئىناۋەت +11 بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
tulpar2 + 2 + 2 + 1 يارايسىز
kurban007 + 5 + 4 + 3 ياخشى تېما
alogli + 5 + 5 + 1

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-10-4 19:01:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە گۇناھنى ئوقۇتقۇچىغا ئارتىپ قويساقمۇ ئۇۋال بولىدۇ . ئۇلارنىڭمۇ ئائىلىسى ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇشى بولىدۇ .
( |" U/ i% @+ `& U! B% e5 @1-سەۋەپ : ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى تەربىيلەش مەسلىسى . بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى ھەم مۇنتىزىم مۇھىتتا تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەش مەسلىسىنى مەكتەپكىلا يۈكلەپ قويۇپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولىدۇ . % X( L2 j$ c8 J$ J: B; f" _% lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەرزەنتلەرنى ياراملىق تەربىيلەشتىكى بىرىنجى ئۆتكەل ئائىلە تەربىيسىنىڭ سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا باغلىق بولىدۇ . چۈنكى تۇخۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزسەك ئۇنىڭدىن چۈجە چىقىدۇ . تاشقا ھەر قانچە ئىسسىق ئۆتكۈزسىمۇ تاشتىن چۈجە چىقمايدۇ . شۇڭا سۈپەتلىك ئائىلە تەربىيىسى ھەممىدىن مۇھىم !
+ m0 i3 c6 [8 c  y: E+ E$ m2-سەۋەپ : جەمىيەتتىكى ھەممە ئىشتا پۇلغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى ، ئەنئەنىۋى ئەخلاقتىن چەتنىگەن يىرگىنىشلىك قىلمىشلار ، ئەيشى-ئىشرەتلىك تۇرمۇش مۇھىتى ، جاپادىن قاچىدىغان راھەتپەرەسلىك ئىدىيىسى .
% K1 u0 Z* W' B. ]9 l3-سەۋەپ : ئاتالمىش ‹‹ ساپا مائارىپى ›› دەيدىغان ، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ساپاسىزلاشتۇرىدىغان ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغان ، ئەمەلىي ئوقۇتۇش ئۈنۈمى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئەكسىچە ئەتىدىن-كەچكىچە ئۇ يىلدىن بۇ يىلغىچە تۈگىمەس زېرىكىشلىك قۇرۇق ئارخىپنى يالغاندىن توشقۇزۇپ كۈننى كەچ قىلىدىغان شەكىلۋازلىق خاھىشى !
/ u& \& E3 j" @4-سەۋەپ : ئىلگىرى ئانا تىلدىكى ھەر خىل دەرسلەرنى ئۆلچەملىك ھەم چۈشۈنۈشلۈك ئۆتۈپ كەلگەن ئىلغار نەمۇنىچى ۋە مۇنەۋۋەر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ قوش تىل ›› ئۆتكىلى سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى دەرس مۇنبىرىدە جارى قىلدۇرالماسلىقى !
$ s0 }* h. O/ i5-سەۋەپ : مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىدىغان ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئىستىقبالىغا كۆيۈنىدىغان ، ئاۋام ھىمايە قىلىدىغان مائارىپ سېپىدىكى ئەلسۆيەر ئىقتىدارلىق رەھبەرلەرنىڭ كەملىكىدە !!!

باھا سۆز

قوللايمەن: 1.0
قوللايمەن: 1
ئۇرۇنلۇق ئنكاس  ۋاقتى: 2011-10-4 19:28

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +31 ئىناۋەت +25 تەڭگە +8 بايلىق +16 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
arkinjuma + 10 + 8 + 3 + 3 + 2 يارايسىز
روھلان + 9 + 5 + 2 + 7 ئورۇنلۇق
uqkun618 + 2 + 2 + 1 قوللايمەن
titanic925 + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-10-4 17:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاۋال قارىشىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ باقمامسىز؟{:soso_e128:}
ۋاقتى: 2011-10-4 17:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇنىڭدا ھەممە تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-4 17:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يەنىلا ئوقۇتقۇچىلاردىن كۇرۇشكە بۇلۇدۇ ،50پىرسەنتنىڭ سەۋىيسى دەۋېر بىلەن تەڭ ئلگىرليەلمەيدۇ.
ۋاقتى: 2011-10-4 18:08:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ مۇھىمى مېنىڭچىمۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچىدا !ئاندىن  ئاتا-ئانا  ئاندىن جەمىيەت . ئاندىن...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-4 18:17:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆزنى ئاتاش روھى بەكلا كەمچىل .6 q) L* m( ?- h4 I6 i9 f& E  ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2011-10-4 18:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس ئەمما ئوقۇتقۇچىنى بەكلا ھۆرمەتلەيمەن ، مەن ئارىلىشىدىغان ئوقۇتقۇچى دوسلىرىممۇ ۋە تۇققانلىرىممۇ بار. مىنىڭچە  مۇشۇ كۈنلەردە يۇقارقى مەسىلىنى تەھلىل قىلساق: بىرىنچىدىن ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا ئوقۇتقۇچىدا بۇلىشى مۈمكىن . ئىككىنچىدىن  مەكتەپلەردىكى تۈزۈلمىدىمۇ ئەمىلىيەتكە دەۋىر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت بۇلىشى مۈمكىن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-4 19:09:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركاللا  تەشەككۇر  تەپەككۇرڭىزغا{:5_167:}
ۋاقتى: 2011-10-4 19:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئۇبدان مۇنازىردىن بىرنى باشلاپسىز.ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر تىمنى كەڭ تورداشلارغا سۇنغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر.مۇنازىرە بەلكىم بىز ھىس قىلمىغان،ئويلىمىغان ئەقىل ۋە پىكىر يوللىرى بىلەن تەمىن ئېتىشى مۇمكىن.
0 C. v# r6 O8 V( A, W3 r: r' E0 B) _مەن ئالدى بىلەن ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.مەن بىر ئوقۇتقۇچى
3 ?. o# M5 Z( Q+ P- uئەمدى مەن سىزگە قىلدىغان ئىشمىنى سۆزلەپ بېرەي.بولسا تەمكىن بۇلۇپ تىڭشارسىز.
& E! k1 L! g* Q4 d' W, c" W& x1›مەن ھەپتىسىگە 7خىل تەييارلىق بىلەن 14سائەت دەرس ئۆتىمەن.ھەر بىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن ئەڭ كامىدا 3بەتتىن خەت يازدى دىسەك ھەر ھەپتىدە 42بەت خەت يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.بىز ئادەتتە سىياسى ئۆگىنىش قىلغان چاغلاردا كىچىك خاتىرە دەپتەرنى 7مىنۇتتا بىر بەت توشقۇزغىلى بولىدۇ.(بىر ئادەم ئېيتىپ بەرسە)تىز يازسىڭىز.ئەمما كانسىپىككە ئۇنداق تىز سۈرئەتتە يېزىش مۇمكىن بولمايدۇ.ھەم ھازىرقى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە بىر سائەتلىك دەرس تەييارلاش ئۈچۈن ئەڭ كامىدا 3سائەت تەييارلىق قىلىش كېرەك.شۇنداق بولغان بىر ھەپتىنى 40سائەت دىسەك نۇرمال خىزمەت ۋاقتىدا دەرس تەييارلاپ ئاتان ئۈلگۈرسىز.مەكتەپتە مىنىڭ دەرسىم ئازراق تېخى.
$ b2 ?' S( k3 B) S. Y; R3 R7 a3 j2›تاپشۇرۇق مەسلىسى:ئادەتتە مائارىپ ئىدارىسنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ھەپتىسىگە 5سائەت بولغان ئەدەبىيات، ماتىماتىكا،قاتارلىق پەنلەردە ھەر ھەپتىدە 4قېتىمدىن كام بولمىغان تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش بار.سىياسەت،تارىخ،جۇغراپىيە دىگەندەك پەنلەردە ھەپتىدە بىر قېتىم تاپشۇرۇق بار،شۇنداق ھېساپلىساق مەن ھەر ھەپتىدە 7قېتىم تاپشۇرۇق تەكشۈرەيمەن.ئۇندىن باشقا يەنە بىرلىككە كەلگەن تاپشۇرۇق خۇلاسسىنى يازدىغان بىر دەپتەر بار،ئۇنىڭغا تەكشۈرگەن تاپشۇرۇقنى يېزىش ئۈچۈن ئەڭ كامىدا يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ،' y) O2 d3 Z- s4 {( T4 y. \' V# O4 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3›ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر ھەپتىدە 2قېتىم دەرس تېڭشاش ۋەزىيپىسى بار.; K- p& L0 g! ^1 t, n$ x  d5 a: L) p+ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4›ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خاتىرسى ،شەخسى سۆھبەت ۋە باشقا تۈرلۈك خاتىرلەرنى تولدۇرۇش مەسلىسى.سىنىپ مۇدىرلىرنىڭ سىنىپ يىغىنى،بىخەتەرلىك،ئەخلاقى تەربىيە،ساغلاملىق،ئون بىر پائالىيەت خاتىرسى دىگەندەك خاتىرلىرى بار.
6 ~3 o" m0 r) g! Oئىشىم چىقىپ قالدى،داۋامىنى سەل تۇرۇپ يازاي.
1 Y# _# E" \3 p7 F. Y1 m! e2›

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +9 ئىناۋەت +7 تەڭگە +3 بايلىق +7 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 9 + 7 + 3 + 7 + 1

باھا خاتىرىسى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 06:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش