روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 14724|ئىنكاس: 78
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

           گۈلبوستان موللىمىن (سىھىر)

قىزلار ھەرگىز ئەمەستۇر ئەركەكلەرنىڭ قونچىقى،
تۇرمۇشىدا كۆپلىگەن باردۇر قايغۇ  ھەم دەرىتلەر.
كىرىۋالما كەينىگە ئۇلارنىڭمۇ ئەركى بار،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا، ئايالى بار ئەركەكلەر.

سەنمۇ سۈرگەن بولغىيتىڭ مۇھاببەتنىڭ پەيزىنى،
تاللاپ ،سۈيۈپ ئالغانسەن گۈزەل ئاشۇ جۈپتۈڭنى.
زۇلۇم قىلما ئايالىڭ تارىتقۇزمىغىن ئەلەملەر،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.

يولدىن ئازسا ئەگەردە ئاشۇ قىزلار، سىڭىللار،
يامان كۆزدە قارىما ،قىلىپ قويغىن نەسھەتلەر.
توغرا يولدا ماڭىدۇ ئەقلى ھۇشى بولسىلا ،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.

بىلسەڭ قىزلار كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئانىسى،
شۇلار بىلەن گۇللەيدۇ ۋەتىنىمىز ،مىللەتلەر.
بۈگۈن قىزلار ،ئەتىلا بۇلۇر مىللەت ئانىسى ،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.


2015-يىل 10-مارىت    ئاقسۇ شەھىرى
         
   گۈلبوستان موللىمىن (سىھىر)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +8 ئىناۋەت +13 تەڭگە +13 بايلىق +8 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
ئىدرسجان + 5 + 5 ماختاشقا تېگىشلىك
جام + 8 + 8 + 8 + 8 + 4 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-10 22:52:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالى بار ، بالىسى بار ئەرلەر پىشقان، مۇقىم كىرىم مەنبەسى بار، ياكى مۈلكى بار دىگەن تەرەپلەر قىزلارنىڭ نىشانى. ئەسلى قىزلار غا ئاسان ماقۇل كەلمەڭلەر ئائىلىسى بار ئەرلەر دىسە تۇغرا بۇلاتتى...

باھا سۆز

ئابلىمىت ئەپەندى ياخشى تەسەۋۇرنى ئوتۇرغا قويۇپتىغۇ ئەنە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 00:00
ئەقلى ھۇشى جايىدا قىزلار مال- مۈلۈكنى قوغلاشمايدۇ، ئەمدى مال -مۈلۈكنى قوغلاشقان قىزلارنىڭ قانداق قىزلار ئىكە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 11:29
ياخشىمۇسىز ئ‍ابلىمىت ئ‍ەپەندىم،،،،شىئ‍ىرىمغا ئ‍ىنكاس يازمىسىڭىزمۇ مەيلى ئ‍ەمما شىئ‍ىرىم ئ‍ارقىلىق قىزلار  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:31
ۋاقتى: 2015-3-10 23:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز لىرىكىلىق ھېسسىياتقا باي ، قاپىيە شەكىللىرى ئۆلچەملىك چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت يار بولغاي !

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە ئ‍ەزھەر 36 ئ‍ەپەندىم،،،،بولسا كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-10 23:46
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 23:11
شىئىرىڭىز لىرىكىلىق ھېسسىياتقا باي ، قاپىيە شەكىللىرى ...

رەھمەت سىزگە ئ‍ەزھەر 36 ئ‍ەپەندىم،،،،بولسا كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-3-10 23:55:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xunak arkaklar bar   ayali barturup  baxka   kizlarga   koyup  kaligan

باھا سۆز

بەلكىم، سىزمۇ شۇ...  ۋاقتى: 2015-3-14 17:52
راسىت دەيسىز كىرەم ئ‍ەپەندىم،،،،،رەھمەت سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:32
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 22:52
ئايالى بار ، بالىسى بار ئەرلەر پىشقان، مۇقىم كىرىم مەن ...

ياخشىمۇسىز ئ‍ابلىمىت ئ‍ەپەندىم،،،،شىئ‍ىرىمغا ئ‍ىنكاس يازمىسىڭىزمۇ مەيلى ئ‍ەمما شىئ‍ىرىم ئ‍ارقىلىق قىزلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەڭ ،قالايمىقان ھاقارەت قىلماڭ،،،،

باھا سۆز

نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ ئانىلار بۇلۇش بىلەن بىرگە رىئاللىقتا شۇنداق ئىشلارمۇ بار بولغاچقا دەپ قويدۇم، قىزلارغا ھ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 08:50
كىرەم133 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 23:55
xunak arkaklar bar   ayali barturup  baxka   kizlarga   koyup  kaligan

راسىت دەيسىز كىرەم ئ‍ەپەندىم،،،،،رەھمەت سالامەت بۇلۇڭ
مەن ئۈچىنچى تۆتىنچى كوپلىتىنى بەكرەك ياقتۇردۇم. مېنىڭچە سىز يەنىمۇ ياخشى يازالايتىڭىز بۇ شېئىرنى. ياخشى تېما تاللاپتىكەنسىز. قەلىمىڭىز يەنىمۇ ئۆتكۈر، بەرىكەتلىك بولسۇن! قىز، ئوغۇللىرىمىزغا ئىنساپ بەرسۇن..

باھا سۆز

رەھمەت جېنىم ،،،،ئەسلى مەنمۇ يەنىمۇ جىقراق يېزىشنى ئويلىغان ئىدىم ،،،،،ئەمما بەكلا ئالدىراشچىلىق بپ كەتتى ب  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 16:10
ۋاقتى: 2015-3-11 08:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 00:31
ياخشىمۇسىز ئ‍ابلىمىت ئ‍ەپەندىم،،،،شىئ‍ىرىمغا ئ‍ىنك ...

نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ ئانىلار بۇلۇش بىلەن بىرگە رىئاللىقتا شۇنداق ئىشلارمۇ بار بولغاچقا دەپ قويدۇم، قىزلارغا ھاقارەت قىلىش مەقسىدىم يوق. كۈڭلىڭىزگە ئالماڭ...

باھا سۆز

مىنىڭمۇ سىزىىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىش مەقسىدىم يوق،،،،كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 12:21
ۋاقتى: 2015-3-11 11:29:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 22:52
ئايالى بار ، بالىسى بار ئەرلەر پىشقان، مۇقىم كىرىم مەن ...

ئەقلى ھۇشى جايىدا قىزلار مال- مۈلۈكنى قوغلاشمايدۇ، ئەمدى مال -مۈلۈكنى قوغلاشقان قىزلارنىڭ قانداق قىزلار ئىكەنلىكىنى ئەقلى ھۇشى جايىدا ئەرلەر بىلىدۇ،  باشقىسىنى دىمەي...
ئاللاھ ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 03:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش