روھلان مۇنبىرى
ئىگىسى: سىھىر
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-12 13:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 23:51
سېھىر خانىم ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت ۋە ئۇتۇقلار يار بو ...

ياخشىمۇسىز نۇرى ئەپەندىم،،،،ماڭا ناھايتىمۇ ياخشى بىر تەكلىپنى بىرىپسىز ،قىسقىسى بىر بىلىم بىرىپسىز ،،،ھەزىرغا قەدەر مەن سىز دىگەن بۇ خىل تەرتىپنى بىلمەيدىكەنمەن،،،،رەھمەت سىزگە،سالامەت بولسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-12 13:52:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن38 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 12:47
بەك ياخشى يېزىپسىز قەلىمىڭىز ئۆتكۇر بولسۇن

رەھمەت سىزگە سالامەت بۇلۇڭ،،،،،
ۋاقتى: 2015-3-12 13:59:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك «سېھىر» خانىم، بۇ ئالدىراشچىلىقىمدا ئەمدى ئاران بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى ھەققىدە تەكلىپ- تەھلىل بېرىشكە يەنىلا ئىمكانىيىتىم يار بەرمەيۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ شېئىرىڭىز ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە مەۋجۇت رېئال بىر مەسىلىنى شۇنچىلىك ئېنىق ۋە كەسكىن يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئېنىق.
شېئىر يېزىش- ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەس، يازدى دېگەندىمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ بۇنداق بىر مۇھىم رۈجەكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ يازىدىغانلار ئانچە كۆپمۇ ئۇچرىمايدۇ. مۇشۇ ۋەجىدىن سىزنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن، ھارمىغايسىز ھۆرمەتلىك «سېھىر» خانىم

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە جام ئەپەندىم،،،،،ئالدىراش ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تېمامنى كۆرگىنىڭىزگە ۋە ئىنكاس قا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-12 15:25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-12 15:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

قىزلار ھەرگىز ئەمەستۇر ئەركەكلەرنىڭ قونچىقى،
سېلىۋەرمە ئۇلارغا قايغۇ ئەلەم ھەم دەرىتلەر.
كىرىۋالما كەينىگە ئۇلارنىڭمۇ ئەركى بار،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

سەنمۇ سۈرگەن بولغىيتىڭ مۇھاببەتنىڭ پەيزىنى،
تاللاپ ،سۈيۈپ ئالغانسەن گۈزەل ئاشۇ جۈپتۈڭنى.
زۇلۇم قىلما جۈپتۈڭگە تارتقۇزمىغىن ئەلەمنى،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

يولدىن ئازسا ئەگەردە ئاشۇ قىزلار سىڭىللار،
يامان كۆزدە قارىماي نەسىھەر قىلىپ توساڭلار.
ھەقىقى بىر ئەركەكتەك توغرا يولغا باشلاڭلار ،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر

بىلسەڭ قىزلار كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئانىسى،
شۇلار بىلەن گۈللەيدۇ ۋەتەن مىللەت ھەممىسى.
قەدىرلەيلى قىزلارنى ،ئاڭلانمىسۇن نالىسى،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.

تورداشلار ،،،،ئۇستازلارنىڭ ياردىمى ئاساسىدا بۇ شىئىر مۇنداق ئۆزگەرتىلدى،،،،،

گۈلبوستان موللىمىن (سىھىر)   2015-يىل12-مارىت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-12 15:25:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 13:59
ھۆرمەتلىك «سېھىر» خانىم، بۇ ئالدىراشچىلىقىمدا ئەمدى ئ ...

رەھمەت سىزگە جام ئەپەندىم،،،،،ئالدىراش ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تېمامنى كۆرگىنىڭىزگە ۋە ئىنكاس قالدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-3-12 22:47:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ئەتتىگەندىن بېرى كاللامدىن چىقمىدى، جەمىيەتتىكى ھەممە نەپرەتلىنىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇ تېمىنى يورۇتقان سېھىر سىڭلىمنىڭ سېھىرلىك قەلىمىگە تەشەككۈر، بايا قارىسام بۇ شېئىرنى تەھرىرلەپ قايتا يوللاپتۇ ، بەزى جايلىرى تازا چۈشمىگەندەك ھېس قىلىپ ، ئۆزەمچە بىلەرمەنلىك قىلىپ ، سىڭلىمنىڭ شېئىرىغا قاش - كىرپىك سىزىپ باقتىم، ئەگەر ئاپتۇرغا ۋە كۆپچىلىككە ياقسا سېھىر سىڭلىمنىڭ بۇ شېئىرنى مۇشۇ بويىچە ئىشلىتىىشىنى ئۈممۈد قىلىمەن.

قىزلار ھەرگىز ئەمەستۇر ئەركەكلەرنىڭ قونچىقى،
سېلىۋەرمەڭ ئۇلارغا قايغۇ ئەلەم ھەم دەرىتنى،.
كىرىۋالماڭ كەينىگە ئۇلارنىڭمۇ بار ئەركى ،
كۈيۈپ قالماڭ قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.

سىزمۇ سۈرگەن بىر چاغلار مۇھاببەتنىڭ پەيزىنى،
تاللىغانغۇ تالايغا تەڭ قىلماستىن بىرىنى،.
ئۇمۇ سېزنى تاللىغان – ئەمدى زەرداپ يۈرىگى،
كۈيۈپ قالماڭ قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.

. يولدىن ئازسا ناۋادا ئاشۇ نادان سىڭىللار،
يورۇقلۇققا يەتكۈزۈش ئەڭ مۇقەددەس بۇرچۇڭلار، .
ياراشمايدۇ ئوۋچىلىق، باردۇر بەلكى قىزىڭلار ،
كۈيۈپ قالماڭ قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر،

ئويلاڭ، قىزلار كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئانىسى،
شۇلار بىلەن گۈللەيدۇ ۋەتەن مىللەت ھەممىسى.
قەدىرلەيلى قىزلارنى ،ئاڭلانمىسۇن نالىسى،
كۈيۈپ قالماڭ قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.
   


شېئىرىي پىكىردە ئاپتۇرنىڭ پىكىرىنى ئاساس قىلدىم ، تەنقىدىي پىكىرلەر بولسا قوبۇل قىلىمەن، گەرچە تەھرىرلەش ھوقوقۇم بولمىسىمۇ ئاقساقاللىق قىلدىم، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.

باھا سۆز

نۇرى ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى بۇ شىئېرغا قايتا جان ئاتا قىپتۇ. بولۇپمۇ ئۈچۈنچى كۇبلىتى بەك ياخشى تەھرىرلىنىپتۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-13 09:18
ياخشىمۇسىز نۇرى ئەپەندىم،،،،شىئىرىمغا بەرگەن ئىنكاسىڭىزنى ھەم باھايىڭىزنى كۈرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم،سىزن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-13 00:13
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-13 00:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 22:47
بۇ شېئىر ئەتتىگەندىن بېرى كاللامدىن چىقمىدى، جەمىيەتت ...

ياخشىمۇسىز نۇرى ئەپەندىم،،،،شىئىرىمغا بەرگەن ئىنكاسىڭىزنى ھەم باھايىڭىزنى كۈرۈپ بەكمۇ خۇرسەن  بولدۇم،سىزنىڭ تەھرىرلەپ بەرگىنىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،،،،،مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى تېخى بىر نەچچە ئايلا بولدى ،،،،،يازغان شىئىرلىرىم يەنىلا سىلەردەك پىشقەدەملەرنىڭ تەلىمىدىن ،ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ،،،،بولسا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز ،،،،،،سىزگە كۆپ رەھمەت ،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-3-13 00:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىڭىزنىڭ تىلى راۋان چۈشىنىشلىك بوپتۇ. پىكىرىڭىز بەك ئوچۇق ئىكەن . قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي ،

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە ،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-13 12:09
ۋاقتى: 2015-3-13 09:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuri يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 22:47
بۇ شېئىر ئەتتىگەندىن بېرى كاللامدىن چىقمىدى، جەمىيەتت ...

نۇرى ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى بۇ شىئېرغا قايتا جان ئاتا قىپتۇ. بولۇپمۇ ئۈچۈنچى كۇبلىتى بەك ياخشى تەھرىرلىنىپتۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-9 07:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش