روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3250|ئىنكاس: 39
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

3-ئاينىڭ 9-كۈندىكى شائىر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
3-ئاينىڭ 9-كۈندىكى شائىر

ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)


مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
مۇھەببەت ...
                بولدى قىل!!!
                          قىلغۇم يوق ھەۋەس.
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
چۈشۈمگە كىرگىنى بەلكىم سەن ئەمەس.

مۇھەببەت بولدى قىل قىلغۇم يوق ھەۋەس،
شۇ غېرىپ قەبرەمگە بارغۇم يوق زىنھار.
مۇزلىغان ئوت بولۇپ تېرىلسەم قايتا،
تاتلىق بىر شىېئردىن مىنى سوراڭلار.......

مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
بىر تەلۋە شائىرنىڭ يۈرىكى بولۇپ،
ئۈلۈمنىڭ قەستىدە يۈرگنىم يۈرگەن.

چۈشۈمگە كىرگىنى بەلكىم سەن ئەمەس.
بىلمىدىم مەن كىمگە قالدىم چۈش بولۇپ.
بىلمەكچى بولساڭلار ھېجران نىمە دەپ،
ئوقۇڭلار شىئېرىمنى پۇرايدۇ گۈپ-گۈپ.
2015-يىلى 9-مارت ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-9 20:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ 2-كۇبلىتى ماڭا ھەقىقەتەن يارىدى، نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە قۇت ياغسۇن.

باھا سۆز

نۇرلان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى ماڭا كۈچ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. چۇنكى سىزگە ياققىنى ئوقۇرمەنلىرىمگىمۇ ياقىدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:38
ۋاقتى: 2015-3-9 20:29:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  چىقىپتۇ  بۇ شېئىر

باھا سۆز

ياختۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم . ۋاخىتىڭىز بولسا يازمىللىرىمغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تەكلىپ پىكىر بېرەرسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:39
ۋاقتى: 2015-3-9 21:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىدىكى مەزمۇنلاردا بوشلۇق كۇنۇپكىسى كۆپ قۇيۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى يېزىلىش ئۇسلۇبى شۇنداقمىدى؟

باھا سۆز

ئاشۇنداق يازسام تېخىمۇ جانلىق چىقىدۇ دەپ ئويلىدۇم.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-10 08:52
ۋاقتى: 2015-3-9 22:21:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ھارپىسىدىكى ھېسلىرىڭىز  خېلىلا ئۇرغۇلۇق نامايەن بولۇپتۇ. سىزدە شېئىرىي دىت بار ئىكەن. شېئىرلىرىڭىزنى مەتبۇئاتلارغا يۈزلەندۈرۈشكە ئالدىراڭ.

باھا سۆز

قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن سۈيۈندۇم رەھمەت ئەركىزات ئەپەندى. نىمىشقىدۇر مەتبۇئاتقا قىززىقمىدىم. بۇرۇن شۇنداق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:42
ۋاقتى: 2015-3-9 22:29:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
بىر تەلۋە شائىرنىڭ يۈرىكى بولۇپ،
ئۈلۈمنىڭ قەستىدە يۈرگنىم يۈرگەن.

مۇنۇ مىسرالاردىن سۈيۈندۈم،ھەم دوستۇمنىڭ ئۈزىگە قايتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،تەشەككۇر دوستۇم.

باھا سۆز

ئەسەرلىرىمىنىڭ سادىق كۈزەتكۈچىسى بولۇپ كىلۋاتقىنىڭىز مىنىڭ شەرىپىم. رەھمەت سىزگە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:44
ۋاقتى: 2015-3-9 22:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىزدىن ئىلھامىڭىزنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
بولۇپمۇ :
مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
بىر تەلۋە شائىرنىڭ يۈرىكى بولۇپ،
ئۈلۈمنىڭ قەستىدە يۈرگنىم يۈرگەن.

بۇ كوپلىت ماڭا بەك يارىدى . ئىلھامىڭىزغا تېخىمۇ بەرىكەتلەر تىلەيمەن !

باھا سۆز

ياختۇرغىنىڭىزدىن ھەم قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن خوش بولدۇم. ئەسەرلىرىمگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:45
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-10 08:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:22
شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىدىكى مەزمۇنلاردا بوشلۇق كۇنۇپكىسى ك ...

ئاشۇنداق يازسام تېخىمۇ جانلىق چىقىدۇ دەپ ئويلىدۇم.
ۋاقتى: 2015-3-10 13:04:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاز كىچىش ئۈزىمۇ بىر بەخىت بىلسەڭ،
ئىرىشىش ھەممىسى ئەمەستۇر سۆيگۈ.
يىراقتىن مىھىرلىك بىقىشنىڭ ئۈزى،
بىر تاتلىق ھىس - تۇيغۇ ،يۈرەكتە مەڭگۈ.

قاملاشمىسىمۇ ئەگشىپ قويدۇم ،،،سالامەت بۇلۇڭ

باھا سۆز

ياخشىمۇ سىز سىھىر خانىم ؟ سىز روھلانغا كىرگەندىن بېرى يازمىللىرىمغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ ۋە بەزىدە مۇشۇنداق م  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:54
ۋاقتى: 2015-3-10 15:15:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن…

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە. ئەسەرلىرىمگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-11 00:54
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 20:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش