ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1914 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى  4–باپ
بەلكىم مەن  ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، لىكىن ياخشىسى بو ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3008
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 149 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1712 يۈەن
تۆھپە: 88 قېتم
ياخشى باھا: 43 قېتىم
توردا: 818(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-02-24
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-14 01:26

كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى  4–باپ

                        چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر    Bha("kG  
        *s-s1v  
                                           كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى " C&>$h_%  
d>W#c8X>  
                                    بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى Y\WVkd(+G  
                   @ext6cFe3<  
                                          4 . باپ    جەسەت ئۆڭكۈرى 9-q> W  
vnVT0)Lel  
          كەنجى تاغامنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ قابىلىيتىگە ئىشىنەتتىم . پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈك – تاقلار ئارىسىدىن قوغدىنىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆڭلۈم خىلىلا ئارام تاپتى . ئىگىز بويلۇق ئاكۈي ماڭا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كۆز ئىشارىسى قىلدى . مەندىن باشقا تۆتىنىڭ چىرايى تۇتۇق ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ قەيىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلمايۋاتقان ۋاختىمدا‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› سۇ ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى . ھارۋىكەش چىلىمىنى ئىشتىتىنىڭ قىرىغا قىستۇرۇرىۋاتقاچ : " ماڭايلى ، كىمە كەلدى  " دىدى . G4P*U3&p  
    ھەقىقەتەن بىر كىمە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىرخىل سۈرەتتە بىزگە قاراپ يىقىنلاۋاتاتتى . كىمىنىڭ بشىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى ئاددىيلا بولۇپ ئون ئادەمىڭ ئىچىدىن تاپماقمۇ ئاسانغا توختىمايتى . كەنجى تاغامدىن ئۆلۈك يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن ، ئىچىمدە بىر خىل تەشۋىش . كىمىچىگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شۇملۇق بىلەن سۆرۈن تەلەتلىك چىقىپ تۇراتتى . D29Lu(f  
    كىمىچى بىزگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى . ھارۋىكەش بۇقىنىڭ بوينىغا شاپاللاپ تۇرۇپ بىزنى كىمىگە چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . بىز كىمىگە يۈك – تاقلىرىمىزنى قاچىلاپ بولۇپ قارىساق ئولتۇرغىدەك جايمۇ قالماپتۇ ، ئۆكۈز بولسا كىمىنىڭ كەينىگە چىتىلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان ئىدى . SCe$v76p#  
    كەنجى تاغام باھاسىنى دىيشىپ بولغاندىن كىيىن كىمىچىنى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . كىمىچى بىر ئۆمۈر كىمە ھەيدىگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ؛ ماتۇرنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ كىمىنى قارشى قىرغاققا قاراپ ھەيدىدى . ئالدىمىزدىكى تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر ئوچۇقچۇلۇق نامايەن بولدى . O CIoY?a  
      تاغ ئۆڭكۈرى بىلەن بۇ يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق بار بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتاھىن گۈزەل ئىدى . ئىككى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئىتىكى تىك ، دەريا سۈيى تاغ تىگىنى توسىۋالغان بولۇپ تاغنىڭ ئاستىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ، ئادەمگە خۇددى ، بۇ دۇنيادا تاغ بىلەن سۇدىن باشقا مەخلۇقات يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . تاغ ئارىسىدىكى دەريا ئىقىنىدا يۈرگىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە بىر خىل خۇشاللىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تاشاتتى . مەن ھاياجىنىمنى باسالماي فوتو ئاپراتىمنى چىقىرىپ بىر نەپىسىمدىلا نەچچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىۋەتتىم . ~/)]`w  
    كىمىچى كىمىنى سۇنىڭ ئىقىش يۆلىنىشى بويىچە ئاستا ھەيدەۋاتاتتى . بىز تاغ باغرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە بىر خىل سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق . ئالدىمىزدا تاغ پەيدا بولسا مەن تىخى نىشانغا يىپتىمىز دەپ ئويلىغان ئويۇم ، كىمىچىنىڭ رولىنى بىرلا بۇراپ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچۇقچۇلۇقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشى بىلەن قەيەرلەرگىدۇ ئۈچۈپ كىتىۋاتاتتى .  بىزنىڭ مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي سۇ يولىدا قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئىسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئۆرە تۇرىۋىرىپ پۇت – قوللۇرۇم تىلىپ سىزىمىنى تۆتىنچى قىتىم يوقاتقاندا كىمىچى كىمىنى توختۇتۇپ : " بىز بىردەمدىن كىيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتىمىز ، سىلەردىن ئۆتىنەي ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكەندە ئامال بار ئاۋاز چىقارماڭلار ! سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار ! ھەرگىزمۇ سۇغا قارىماڭلار! ئالدىڭلارغا قاراڭلار ! ئەڭ ياخشىسى تاغ ئىلاھىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭلار " دىدى . ئۇنىڭ بىزدىن ئۆتۈنگەنلىكىنى ياكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم . /3^XJb$Sa  
     بىز ئۆئارا مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن پەنزې تاغامدىن " قانداق قىلىمىز ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلامدۇق ؟!! " دەپ سورىدى خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا . U9^1 A*  
    كەنجى تاغام بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ ؛ " ھازىر بىز بۇ ئىككى سولتەكنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي ئىكەن . بىزنىڭ ئويلىغىنىزدىنمۇ خەتەرلىكتەك قىلىدۇ ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرەيلى ، قۇرالنى تەقلەپ قويۇڭلار " دەپ خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا جاۋاپ بەردى . hgW1g#  
    ھەممىمىز تەڭلا بىشىمىزنى لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق . پويىزدا بىز بۇ يەردىكى تاغلىقلارنىڭ مال – دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنى تاغنىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ كىرىپ ، شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇل – ماللىرىنى بۇلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى خالىغان جايغا كۆمىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق . ئەگەر راستلا شۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنى ئەۋلىيالارنىڭمۇ تاپلالىشى ناتايىن ئىدى . بۇ ئىككى سولتەكنىڭ راستىنلا شۇنداق نىيتى بارمۇ – يوق بىلمىدىم . 9$e$L~I#u  
    پەنزې ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرغان ، قارىماققا ناھايتى ئىغىر – بىسىق كۆرىنەتتى . بۇ چاغدا ئۇ قولىنى يان خەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ماڭا ئىھتىياتجان بولۇش توغۇرسىدا كۆز ئىشارىتى قىلدى . 3(t,x  
     كىمە يەنە بىر قىتىم 180گىرادۇسلۇق ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى رىۋايەتلەردىكى ئۆڭكۈر پەيدا بولدى . بىز ئۆڭكۈر توغۇرلۇق پاراڭلشقاندا ئۇنى ئىنتاھىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆڭكۈرنى << ئۆڭكۈر >> دىگەندىن  كۆرە<< تاغ كامىرى >> دىگەن تۈزۈك ئىكەن . كىرىش ئىغىزىدىن كىمە ئارانلا پاتاتتى . ئەڭ قاملشمىغىنى << تاغ كامىرى >> نىڭ ئىگىزلىكى، ئادەم كىرمەكچى بولسا پەقەت كىمە ئۈستىدە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن << تاغ ئۆڭكۈرى >> ئىچىگە كىرەلەيتى . }v|_]  
    مۈشۈكمۇ بۇرۇتى پاتمىغان تۆشۈككە كىرمەيدۇ ، بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن تار . ئەگەردە بىرەرسى بىزگە قەس قىلسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئەمەس ، پۇت - قولىمىزنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى . پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ " س...كەي....، بۇ ئۆڭكۈر ئەمەس ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كارۋىتىكەنغۇ ؟" دىدى . ئۆڭكۈرنىڭ كىرگەندىن كىيىنكى بىرئاز ئارلىقى  يورۇق بولسىمۇ ، لىكىن بىرلا ئەگىگەندىن كىيىن تۆت ئەتراپى ئادەم ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . پەنزې كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى يورۇتتى . o@.{|j  
      تۆت ئەتراپىمىزدىكى ئۆڭكۈر تىمى ئىنتاھىن سىلىق بولۇپ رەڭگىمۇ غەلىتىلا بىرخىل يىشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى .  تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن ئۆڭكۈر تىمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قەۋەت مۇخ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق .  dm=?o  
       ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۈچۈنچى بىگىم ، بۇ ئۆڭكۈر سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ؟ .....ئەجەپ < ئوغرى ئۆڭكۈرى > گە ئوخشايدىكىنا " دىدى . fR@Cgsw  
         كەنجى تاغام ئۆڭكۈر تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ..... ھەقىقەتەن ئوغرى كولىغان ئۆڭكۈر ئىكەن ، مىنىڭچە كولىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان چىغى ........؟" دىدى . C"**>OGe  
      ئالدىمدا كىمە ھەيدەۋاتقان بەزگەك ئىغىز ئاچتى . " ۋۇي ، قارىغاندا بۇياقنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئۆتكۈر ئىكەن ، ئىيىتقىنى توغرا ،  بىزنىڭ ھازىر ئۆتىۋاتقىنىمىز < بەش قەۋرە چوقىسى تىغى > دىيلىدۇ . كونىلارنىڭ دىيشىچە پۈتكۈل تاغ بىر قەۋرە بولۇپ ، بۇ ئەتراپتا بۇنداق ئۆڭكۈردىن بىر نەچچىسى بار ، مۇشۇ ئەڭ چوڭى " دىدى . ]4[%Sv6]G  
    " ھىم .....، قارىغاندا سىزمۇ  كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىزدە ! ؟ " دىدى كەنجى تاغام ئۇنىڭغا تاماكا سۇنغاچ سىلىق تەلەپپۇزدا . ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " نەدىكىنى ، پىقىرمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، ئاڭلاۋىرىپ بىر - ئىككى كەلىمە ئىسىمدە قاپتۇ ، پىقىر ھەرگىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس " دىدى . |,oLZC Na  
     پەنزې بىلەن ئاكۈي چىرايىدا چاندۇرمىسىمۇ بىراق ئىككىسىنىڭ قولى يان خەنجىرىنىڭ غىلىپىدا ئىدى . مەنغۇ بىرەر غەلىتىلىكنى سەزمىدىم . بىراق نىمىشقىكىن يۈرۈكۈم ئىغىپلا تۇراتتى . خۇددى ھازىرلا  بىرەر ئىش يۈز بىرىدىغاندەك . كەنجى تاغام تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ كىمىچىدىن بۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى سورىدى . كىمىچى ئۆزىنىڭمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۇنىڭ ئەجدادىدىن قالغان بىر قاتار قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسا باشقا ئىش چىقمايدىغانلىقىنى مەسىلەن ، ئۆڭكۈردە يۇقرى ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىك ، سۇ ئاستىغا قارىماسلىق قاتارلىقلار . ئۇ بۇ قائىدىلەرنىڭ قانداق ئاساسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ تۇرىشىغا ھىلىقى << بوتۇلكا >> بىزگە قولىنى شىلتىپ ، گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ :" جىم ، ئاڭلاڭلار ، بىرى سۆزلىەۋاتىدۇ ؟ " دىدى . ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن جىمىپ پۈتكۈل سىزىم ھۈجەيرىلىرىمىزنى قۇلاق ئەتراپىمىزغا يىغىپ ئاڭلاشقا تىرىشتۇق ؛ ھەقىقەتەن سۇنىڭ ئىقىشىدەك بىرىنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى . 2P8wvNDG  
    بۇ ئاۋاز ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاۋاز قايتۇرشى بىلەن تىخىمۇ بىر غەلىتە ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىپ ئادەمنىڭ ئاڭلاش نىرپلىرىنى غىدىقلايتى . مەن ئۇلارنىڭ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭقىرالمىدىم . ئىچىمدە : " س... ىكەي........، ياپۇنچە ... فىرانسۇزچە .....؟ " دەپ مىڭنى تىللىدىم . %} zkmEY.e  
    مەن بىردەم ئاڭلاپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندىن كىيىن كىمىچىدىن بۇ جايدا داۋاملىق مۇشۇنداق ئاۋاز بار - يوقلىقىنى سورىسام ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى . مەن ئۆرۈلۈپلا قارىسام كىمىدە نەدىمۇ كىمىچى بولسۇن ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى . مەن ھەيران بولۇپ ھارۋىكەش قىرىغا قارىدىم . " ئاناڭنى ......." ئۇ قىرىنىڭمۇ سايىسى كۆرۈنمەيتى . كەنجى تاغام جىددىيلىشىپ << پەنزې ، ھىلىقى ئىككى بەزگەك قىنى ؟ >> دەپ سورىدى . *aM7d>nG5  
    " بىلمەيمەن ، سۇغا سەكرىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى ؟! >> دەپ جاۋاپ بەردى پەنزې . y6d!?M(0U  
    ئاكۈي ھەممىمىزگە قاراپ تۇرۇپ : " ۋاي خۇدايىم ،ئۇلار كىمىنىڭ ماتورىنى بۇزىۋەتكەن چىغى ؟ كىمە ئوت ئالمايۋاتىدۇ ،  بۇ نۆۋەت كۆرىدىغىنىمىز بار ئوخشايدۇ ؟!! " دىدى . Bi\fB-|  
   " چاتاق ، بىزنىڭ تىنىمىزدە < جەسەت ھىدى > يوق ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ > دىدى ئاكۈي . Hqs-q4G$  
   " پەنزې سەن ۋىتنامدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋاقىتتا ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يەپ باققانمۇ ؟ " جىددىيلىشىپ سورىدى l#^?sbG  
كەنجى تاغام  . ~<K,P  
  پەنزې " چاقچاق قىلمىسىلا 3 - بىگىم ، مەن ۋىتنامغا بىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي ئەسكەرلىكتىن چىكىندۈرۈلگەن ، ۋىتنامدا ئادەم جەسىتى ئەمەس ، توشقان جەسىتىنىمۇ كۆرمىگەن " دەپ جاۋاپ بەرگەچ ئاكۈينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " ھەي بۇقا ، ئاڭلىسام سىنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئىلگىرى ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ساتاتتىكەن ، كىچىك چاغلىرىڭدا سەنمۇ بىر قانچە قاسقان يىگەن بولغىيتىڭ ؟ " دىدى . ئاكۈي ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ : " ئوسرۇق گەپ ، بىزنىڭ جەمەت ئۇنداق مانتىنى قىلمايدۇ ، قىلساقمۇ باشقىلارغا ساتىمىز . نەدىمۇ ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ئۆزى يەيدىغان ئىش بار ؟ " دىدى . YV|_y:-  
      مەن ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا : " ئۈچۈڭلارنىڭ يىشىنى قوشقاندا 150 كە يىقىنلىشىدۇ ، يەنە مۇشۇنداق قاملاشمىغان چاقچاق قىلىشىسىلەر ؟ " دىدىم . ,@;|+C  
    مەن سۆزۈمنى تۈگىتىشىمگىلا كىمە تۇيۇقسىز مىدىرلاپ ئۆرۈلۈپ كىتىشكە تاسلا قالدى . پەنزې دەرھال كان چىرىغىنى ئىشلىتىپ سۇغا قارىدى ، سۇنىڭ ئاستىدا غايەت زور بىر سايىنىڭ ئۈزۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . v8 =#1YB;  
    ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ بىرنەرسە دىمەكچى بولغان بولسىمۇ قورۇققىنىدىن ئىغىزى گەپكە كەلمىدى . كەنجى تاغام ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ : " ئاناڭنى ، قورقۇپ ئىشتىنىڭغا چىقىرۋەتمىگەنسەن ؟!! قارا پىراكتىكانىتلارمۇ غىڭ قىلماي تۇرغان يەردە ،  ... ئىسىت سىنىڭ نەچچە يىل ماڭا ئەگەشكىنىڭ ؟ " دىدى . ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك قورۇققىنى مەن ، قورقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەچكە نىرۋام چىراي ھۈجەيرىلىرىمنى باشقۇرالمىغان بولسا كىرەك ، بىر قارىغان ئادەمگە شۇنداق تەمكىنلىك تۇيغۇسى بىرەتتىم .   Pb T2-F_  
    " ئانامەي ، 3 - بىگىم ، بۇ نەرسە بەكلا يوغان ئىكەن ، بىز ئۇنىڭغا بىر ۋاخ تاماقمۇ بولالمىغۇدەكمىز !!؟ " دىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .ئاندىن كىمە قىرىدا ئولتۇرغان چوڭ ‹‹ كىر دىسى ›، دەك كاسىسىنى كىمىنىڭ ئوتتۇرسىغىراق يۆتكەپ ، بوينىنى سوزۇپ سۇغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى . خۇددى ھىلىقى نەرسە ھازىرلا بىشىنى چىقىرىپ ئۇنى چىشلەپ سۇغا ئەكىرىپ كىتىدىغاندەك . "y7\F9  
     " تۈفى... " ئۈچۈنچى تاغام ئاكۈيگە قاراپ بىرنى تۈكۈرۈپ ئالىيۋەتكەندىن كىيىن : " مەن ۋۇ جەمەتىنىڭ كەنجى بەگزادىسى ،  بىر ئۆمۈر ‹ ئالتۇن كولاش > جەريانىدا قانداق غەلىتە مەخلۇق ، جىن - شاياتۇنلارنى كۆرمىگەن ، بىزدە ھازىر قۇرال دىسە قۇرال ، ئادەم دىسە ئادەم بار ، نىمىدىن قورقاتتۇق ؟!! دۆت بۇقا  ، بۇنداق ئوسرۇق گىپىڭنى ئەمدى دىگۈچى بولما !!! " دىدى . -:=m-3*Tg  
    پەنزېىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ منىڭچە بۇ ئۇنىڭ قورۇققىنىدىن ئەمەس بەلكى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى . 3p HI+a  
    پەنزېلا ئەمەس ھەر قانداق كىشى بۇنداق تار بوشلۇق ئىچىدە ئاستىدىن غايەتزور بىر نەرسىنىڭ ئۈزۈپ ئۆتكىنىنى كۆرسە چىرايى تاتارمىسىمۇ ئاقىرىپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى . پەنزې ئەتراپقا قارىۋىتىپ : " كەنجى بىگىم بۇ ئۆڭكۈر بەكلا غەلىتە ئىكەن ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇرىدۇ ، قانداق ئىش بولسا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەسلىھەتلەشسەك قانداق ؟ " دىدى . _>`9]6\&  
    ئاكۈي توختىماستىن بىشىنى لىڭىشتىپ قوشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكىم بار ئىدى ، بىراق ، مەن دىگەن كەنجى تاغامنىڭ جيەنى قانداقلا بولمىسۇن ، تاغام ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىيىن سۆزلەشنى لايىق تاپتىم . بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام ھىلىقى  بوتۇلكىغا قانداق قىلىش توغۇرلۇق تىكىلىپ قارىدى . كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى ماڭا ئايان ، ئۇ بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا پەلەك شاھىنىڭمۇ گىپىنى ئاڭلىمايتى . بىراق بۇ قىتىم كەنجى تاغامنىڭ مۇنۇ سولتەكتىن تەپ تارتىپ تۇرۇپ مەسلىھەت سورىشى مىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى . L|#0CRiN  
        ‹‹ بوتۇلكا ›› پارىڭىمىزغا قۇلاق سالماي يەنىلا شۇ ياغاچقا ئوخشاش ھىسياتسىز ، ئىپادىسىز چىراي شەكلى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . خۇددى سۇدىن بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك . مەن كەنجى تاغامدىن بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنى سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك ۋاقىتتا تازا قاملاشمايتى . شۇڭا پەس ئاۋازدا پەنزىدىن سورىسام ئۇمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ  ئاستىنقى ئىڭەك ئىشارىسى بىلەن بوتۇلكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قۇلۇغۇمغا پىچىرلاپ : " ئىشقىلىپ بۇ ئادەم ئاددى ئەمەس ، قاراڭ ئۇنىڭ قولىغا ، بۇنداق ئۇزۇن بارماق نەچچە يىل مەشىق قىلغاندا ئۇنىڭكىدەك ئۇزىرار ؟! " دىدى . @IbZci)1  
   مەن تىخى ئۇنىڭغا تۈززۈك دىققەت قىلمىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ قولىغا بىر قاراپلا ھەيران قالدىم . بوتۇلكىنىڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ ماڭا كونا زاماندىكى قوش بارماقلىق ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› نى ئەسلەتتى . بوۋامنىڭ خاتىرسىدە بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنلار بولۇپ ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› كىپەن ئوغۇرلىرى ئىچىدە ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن . ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قوش بارمىقى ئىنتاھىن ئۇزۇن بولۇپ بۇ ئىككى بارمىقى ئىنتاھىن كۈچلۈك . قەدىمكى قەۋرىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار مۇشۇنداق ئۇزۇن ، كۈچلۈك ئىككى بارماققا تايىنىپ بۇزۇپ تاشلىناتتى . بۇنداق بارماق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەر ئىغى يوق ئىشتان كىيگەن ۋاختىدىن باشلاپ قىرانلىق دەۋرىگىچە مەشىق قىلسىمۇ بۇ دەرىجىگە يىتەلىشى ناتايىن ئىدى .  ^ b5+A6?  
    مەن ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ يەنە نىمە كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپ تۇرۇشىمغا بوتۇلكىنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چاقماقتەك سۈرەت بىلەن سۇغا تىققانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ، ئۇ قولىنى سۇغا تىققۇچە بولغان ئارلىقتا مەن پەقەت بىر ئاق نۇرنى غىل – پاللا كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇ قولىنى قانداق تىزلىك بىلەن سۇغا تىققان بولسا ، يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن سۇدىن چىقاردى . ئىنتاھىن ئۇزۇن بولغان ئىككى بارمىقىدا قاپقارا كىچىك قۇرۇتتەك بىر نەرسە بار ئىدى . بوتۇلكا قۇرۇتنى پالوبا ئۈستىگە تاشلاپ : " ئەنسىرىمەڭلار ، بايامقى سايە مۇشۇ نەرسە ! " دىدى . g&w~eWpk  
   مەن ھىلىقى نەرسىگە قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە " بۇ سۇ قوڭغۇزىغۇ  ؟ ئۇنداقتا بايامقى چوڭ سايە نەچچە مىڭلىغان سۇ قوڭغۇزىنىڭ بىرلىكتە ئۈزۈشىدىن شەكىللەنگەن ؟ ›› دىدىم . ;q%z\gA  
     " شۇنداق " بوتۇلكا قولىنى كىيمىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى . #d[Nm+~ko  
    تازا ئىشەنگۈمىز كەلمىسىمۇ لىكىن بۇ ئەمىليەت ئىدى . ئاكۈي سەكرەپ بىرىپ ھىلىقى قۇرۇتنى كۈچەپ بىرنى دەسسەپ :" ئاناڭنى ، قورقۇتۇپ جىنىمنى ئالدى دىسە ! "دەپ ۋارقىرىدى . #M!{D  
    بىراق مەن يەنە بىر ئويلىسام توغرا ئەمەس ؟ قانداقسىگە بۇنچىۋالا كۆپ سۇ قوڭغۇزى بىرلا ۋاقىتتا ھەركەت قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇ قوڭغۇزىنىڭ تىنى ئادەتتىكى قوڭغۇزغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ ! بوتۇلكىدىن سوراي دەپ قارىسام ئۇمۇ گۇمان نەزىرى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى . JURu>-i  
     كەنجى تاغام بايا ئاكۈي دەسسەپ ئىزىۋەتكەن سۇ قوڭغۇزىنى قولىغا ئىلىپ بۇرنىغا يىقىن ئەكىلىپ پۇراپلا چىرايى ئۆزگەردى – دە ؛ " چاتاق ، بۇ سۇ قوڭغۇزى ئەمەس ،.... جەسەت بۈرگىسى...." دىدى . XGe;v~L  
    ھەممىمىز ئاڭلاپ قىتىپلا قالدۇق . بۇ نەرسىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇراتتى . 3.j/D^  
    " بۇ قۇرۇت چىرىگەن گۆش – تاپلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، قەيەردە جەسەت كۆپ بولسا شۇ يەردە بولىدۇ . قانچىلىك كۆپ يىسە شۇنچىلىك يوغىنالايدۇ  . قارىغاندا باش ئىقىن تەرەپتە جەسەت ئازگىلى بولسا كىرەك ، چوقۇم شۇنداق ..... ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەتمۇ ئاز بولماسلىقى مومكىن " دىدى كەنجى تاغام قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاراپ .   *m>[\)  
     " بۇ نەرسە تىرىك ئادەمنى چىشلەمدۇ ؟ " دەپ سورىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ . {!? M!/d  
   كەنجى تاغام ئاكۈيگە قاراپمۇ قويماي " ئادەتتىكىسى تىرىك ئادەمنى چىشلىمەس ، بىراق بۇ جايدىكى چىشلەمدۇ – چىشلىمەمدۇ ئۇنى بىلمىدىم . ھەي ! بۇ نەرسە ئادەتتە جەسەت توپلاشقان جايدا بولاتتى . ئۇلار نەگە ماڭغاندۇ ؟ ھەممىسى بىرلىكتە ئۆي كۆچىۋاتقاندىمۇ – يا ؟ " دىدى . ui`EODhA(  
    بوتۇلكا تۇيۇقسىز ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " مەنچە ئۇلار بىر نەرسىدىن قورقۇپ قىچىۋاتامدىكىن....... " دىدى . WQ:Y NmQ1p  
      " نىمە  ؟ قورقۇپ قىچىش ؟! " دىدى سىمىز ئاكۈي . " ئۇنداقتا بۇ ئۆڭۈرنىڭ ئىچىدە.... ؟ " }Cfl|t<5f  
     بوتۇلكا بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە بىر نەرسە بىزگە قاراپ كىلىۋاتامدىكىن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنى ئىنتاھىن يوغان ......!! " دىدى . "+&pd!\  
hHDLrr  
                           داۋامى بار ........ &KI|qtQ;  
1!U:M8T|  
             كونا دەريا قىنى  تەرجىمىسى . 5efN5Kt  
!:esdJH  
       " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "  ، 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : http://anatuprak.com/kipan/ *M#L)c;6  
Ml?KnSb  
             جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ  ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى . DaGny0|BB  
f4d-eXGwx`  
N6+^}2' *)  
=_@) KWeX$  
OpIeo+^X*  
!su773vo  
>NV1#\5_R@  
q 6>}  
IJDbm}:/e  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : AnaTuprak تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى  4–باپ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كونا دەريا ئېىقىنى
كۆرۈپ تۇرۇپ كۈلەيمۇ ياكى ئويلاپ تۇرۇپ ئۆلەيمۇ؟....
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 531
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
شۆھرىتى: 216 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 4675 يۈەن
تۆھپە: 166 قېتم
ياخشى باھا: 56 قېتىم
توردا: 1745(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-07-28
ئاخىرقى: 2011-02-21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. M5t.l (  
============= &/)B d%  
ئۇف ئۇف ئۇف.................. g`fMHU7  
4-قىسمىنىمۇ ئوقۇپ بولدۇم مانا،ھارماڭ قېرىندىشىم ،ئاخىرىنى ساقلاپ يەنە جىم تۇرالماسمەنمۇ ؟...
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
خوراز تولا چىللىغىنىدىن ئاچ قالىدۇ.........
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3064
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
شۆھرىتى: 83 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1380 يۈەن
تۆھپە: 53 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-10
ئاخىرقى: 2011-02-24
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-14 10:56

Re:كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى  4–باپ

خۇداغا شۇكىرى ..4باپمۇ چىقىپتۇ ...ئەجىرىڭزگە بارىكاللا.... umt*;U=  
5-باپنىنى ئەتە كۆرەلىشمنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن ~~!!! >l & N  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ئاللاھ ھىچكىمنى يامان يولغا بۇيرىغىنى يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2838
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 153
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە153دانە
شۆھرىتى: 212 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1370 يۈەن
تۆھپە: 187 قېتم
ياخشى باھا: 13 قېتىم
توردا: 3693(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-02
ئاخىرقى: 2011-02-24
3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-14 11:17

جەمئىي 8 باب ئىكەندە ؟ بىر قارىسام راسىتتەك ، يەنە بىر قارىسام ئەپسانىدەك . قىنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىنىق بولىدۇ .
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
نىجادلىق نەدە؟ - دىسە ، قۇرئاندا - دەيدۇ رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) .
بەلكىم مەن  ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، لىكىن ياخشىسى بو ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3008
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 149 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1712 يۈەن
تۆھپە: 88 قېتم
ياخشى باھا: 43 قېتىم
توردا: 818(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-02-24
4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-14 11:52

Re:كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى  4–باپ

تورداشلىىرىمزغا كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى توغۇرلۇق ئۇچۇر بىرەي : Mm&#I[:  
ئاپتۇر ھازىرغىچە جەمى 7 كىتاپ يازدى..يەنى كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى1-7قسمىغچە،، tsYBZaH  
ئاپتۇر نەچچە رەت ئەسەرنى ئاخىرلشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسمۇ مەتبئۇئات ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك بىسمى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن يەنە يىزىۋاتىىدۇ ...بۇ ئەسەرنى 1-قىسمى 2007-يىلى يىزىلغان ..يەنى سىللەر ھازىر كۆرىۋاتقان قىسمى ....2010يىلى 7-ئايدا 7-قىسمى نەرشردىن چىققان .. J~}%j.QQ7  
2009-يىلى بۇ " مارافونچە رومان" يىڭى جوڭگو تارىىخدىكى  نەشىر ۋە سىتىلىش مىقدارى ئەڭ كوپ رومان بولۇپ جۇڭگو رومانچىلىقدا بىر رىۋايەت بولۇپ قالغان ..2009-يىلى 6-ئايدا نەشىردىن چققان 5-قسمىنىڭ سىتىلىش مىقدارى 10مىىلىيون پارچىدىن ئىشىپ كەتكەن .'' ھەقىقى نەشىر باسمىسى .. &U.U<  
مىنىڭچە 8قىسمدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ...
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
كونا دەريا ئېىقىنى
تىلىڭ سۆيمىسۇن ، دىلىڭ سۆيسۇن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1393
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
شۆھرىتى: 70 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2225 يۈەن
تۆھپە: 40 قېتم
ياخشى باھا: 30 قېتىم
توردا: 2219(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-09-06
ئاخىرقى: 2011-02-03
5 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-14 14:44

     كۈندە بىر باپ يوللاشقا ۋاقتىڭىز يار بەرمەسمۇ؟
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
كىمنىڭ كۈزى كۆرەلمەس، ئاشىقتىن ئارتۇق ئەما تۈرەلمەس...!!
AnaTuprak.com
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 168
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1738
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1738دانە
شۆھرىتى: 563 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13724 يۈەن
تۆھپە: 524 قېتم
ياخشى باھا: 43 قېتىم
توردا: 519(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-15
ئاخىرقى: 2011-02-24
6 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-15 13:10

بىر تەرەپتىن قورقسام بىر تەرەپتىن بەك كۈلۈپ كەتتىم،    =_Y#uE$  
60u}iiC@  
كىمىچى بىلەن ھارۋىكەش قىرى نەگە كەتكەندۇ؟!!!داۋامىغا تەشنامەن.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس،لىكىن كىشىلىك ھاياتتا پۇل بولمىسا بولمايدۇ .
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 24
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 12
ئومومىي يازما: 1321
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1321دانە
شۆھرىتى: 915 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13951 يۈەن
تۆھپە: 759 قېتم
ياخشى باھا: 252 قېتىم
توردا: 5992(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-07
ئاخىرقى: 2011-02-24
7 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-15 19:39

ئىجتىھاتىڭىزغا بارىكاللا !
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
توغراق چېچىكى
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2084
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 80 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2390 يۈەن
تۆھپە: 49 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
توردا: 73(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-10-21
ئاخىرقى: 2011-02-21
8 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-18 00:33

ياخشى يېزىپسىز،ھارمىغايسىز....  بىراق بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنىڭ يېزىلىشىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزكەن. ئۈمىدىم شۇ ئىدى.....
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
ھىجران يېشى