چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر wU}%]FqtZ=
VbI$#;:[7
كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى 6 h%,%
Di"Tv<RlQ
بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى 7G+E+A5o&
zRMz8IC.
4 . باپ جەسەت ئۆڭكۈرى m}(M{^\|
ZPG~@lU
كەنجى تاغامنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ قابىلىيتىگە ئىشىنەتتىم . پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈك – تاقلار ئارىسىدىن قوغدىنىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆڭلۈم خىلىلا ئارام تاپتى . ئىگىز بويلۇق ئاكۈي ماڭا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كۆز ئىشارىسى قىلدى . مەندىن باشقا تۆتىنىڭ چىرايى تۇتۇق ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ قەيىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلمايۋاتقان ۋاختىمدا‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› سۇ ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى . ھارۋىكەش چىلىمىنى ئىشتىتىنىڭ قىرىغا قىستۇرۇرىۋاتقاچ : " ماڭايلى ، كىمە كەلدى " دىدى . Zu*7t<W
ھەقىقەتەن بىر كىمە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىرخىل سۈرەتتە بىزگە قاراپ يىقىنلاۋاتاتتى . كىمىنىڭ بشىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى ئاددىيلا بولۇپ ئون ئادەمىڭ ئىچىدىن تاپماقمۇ ئاسانغا توختىمايتى . كەنجى تاغامدىن ئۆلۈك يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن ، ئىچىمدە بىر خىل تەشۋىش . كىمىچىگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شۇملۇق بىلەن سۆرۈن تەلەتلىك چىقىپ تۇراتتى . pD!j#suMA
كىمىچى بىزگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى . ھارۋىكەش بۇقىنىڭ بوينىغا شاپاللاپ تۇرۇپ بىزنى كىمىگە چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . بىز كىمىگە يۈك – تاقلىرىمىزنى قاچىلاپ بولۇپ قارىساق ئولتۇرغىدەك جايمۇ قالماپتۇ ، ئۆكۈز بولسا كىمىنىڭ كەينىگە چىتىلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان ئىدى . ($Op*bR
كەنجى تاغام باھاسىنى دىيشىپ بولغاندىن كىيىن كىمىچىنى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . كىمىچى بىر ئۆمۈر كىمە ھەيدىگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ؛ ماتۇرنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ كىمىنى قارشى قىرغاققا قاراپ ھەيدىدى . ئالدىمىزدىكى تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر ئوچۇقچۇلۇق نامايەن بولدى . k[}WYs+r
تاغ ئۆڭكۈرى بىلەن بۇ يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق بار بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتاھىن گۈزەل ئىدى . ئىككى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئىتىكى تىك ، دەريا سۈيى تاغ تىگىنى توسىۋالغان بولۇپ تاغنىڭ ئاستىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ، ئادەمگە خۇددى ، بۇ دۇنيادا تاغ بىلەن سۇدىن باشقا مەخلۇقات يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . تاغ ئارىسىدىكى دەريا ئىقىنىدا يۈرگىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە بىر خىل خۇشاللىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تاشاتتى . مەن ھاياجىنىمنى باسالماي فوتو ئاپراتىمنى چىقىرىپ بىر نەپىسىمدىلا نەچچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىۋەتتىم . l_4^TYF
كىمىچى كىمىنى سۇنىڭ ئىقىش يۆلىنىشى بويىچە ئاستا ھەيدەۋاتاتتى . بىز تاغ باغرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە بىر خىل سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق . ئالدىمىزدا تاغ پەيدا بولسا مەن تىخى نىشانغا يىپتىمىز دەپ ئويلىغان ئويۇم ، كىمىچىنىڭ رولىنى بىرلا بۇراپ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچۇقچۇلۇقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشى بىلەن قەيەرلەرگىدۇ ئۈچۈپ كىتىۋاتاتتى . بىزنىڭ مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي سۇ يولىدا قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئىسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئۆرە تۇرىۋىرىپ پۇت – قوللۇرۇم تىلىپ سىزىمىنى تۆتىنچى قىتىم يوقاتقاندا كىمىچى كىمىنى توختۇتۇپ : " بىز بىردەمدىن كىيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتىمىز ، سىلەردىن ئۆتىنەي ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكەندە ئامال بار ئاۋاز چىقارماڭلار ! سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار ! ھەرگىزمۇ سۇغا قارىماڭلار! ئالدىڭلارغا قاراڭلار ! ئەڭ ياخشىسى تاغ ئىلاھىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭلار " دىدى . ئۇنىڭ بىزدىن ئۆتۈنگەنلىكىنى ياكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم . d+vAm3.Dg
بىز ئۆئارا مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن پەنزې تاغامدىن " قانداق قىلىمىز ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلامدۇق ؟!! " دەپ سورىدى خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا . ;<GK{8
كەنجى تاغام بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ ؛ " ھازىر بىز بۇ ئىككى سولتەكنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي ئىكەن . بىزنىڭ ئويلىغىنىزدىنمۇ خەتەرلىكتەك قىلىدۇ ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرەيلى ، قۇرالنى تەقلەپ قويۇڭلار " دەپ خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا جاۋاپ بەردى . K2\)9
ھەممىمىز تەڭلا بىشىمىزنى لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق . پويىزدا بىز بۇ يەردىكى تاغلىقلارنىڭ مال – دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنى تاغنىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ كىرىپ ، شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇل – ماللىرىنى بۇلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى خالىغان جايغا كۆمىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق . ئەگەر راستلا شۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنى ئەۋلىيالارنىڭمۇ تاپلالىشى ناتايىن ئىدى . بۇ ئىككى سولتەكنىڭ راستىنلا شۇنداق نىيتى بارمۇ – يوق بىلمىدىم . W9oWj7&h
پەنزې ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرغان ، قارىماققا ناھايتى ئىغىر – بىسىق كۆرىنەتتى . بۇ چاغدا ئۇ قولىنى يان خەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ماڭا ئىھتىياتجان بولۇش توغۇرسىدا كۆز ئىشارىتى قىلدى . EiaP1o
كىمە يەنە بىر قىتىم 180گىرادۇسلۇق ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى رىۋايەتلەردىكى ئۆڭكۈر پەيدا بولدى . بىز ئۆڭكۈر توغۇرلۇق پاراڭلشقاندا ئۇنى ئىنتاھىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆڭكۈرنى << ئۆڭكۈر >> دىگەندىن كۆرە<< تاغ كامىرى >> دىگەن تۈزۈك ئىكەن . كىرىش ئىغىزىدىن كىمە ئارانلا پاتاتتى . ئەڭ قاملشمىغىنى << تاغ كامىرى >> نىڭ ئىگىزلىكى، ئادەم كىرمەكچى بولسا پەقەت كىمە ئۈستىدە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن << تاغ ئۆڭكۈرى >> ئىچىگە كىرەلەيتى . wv\V&U$
مۈشۈكمۇ بۇرۇتى پاتمىغان تۆشۈككە كىرمەيدۇ ، بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن تار . ئەگەردە بىرەرسى بىزگە قەس قىلسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئەمەس ، پۇت - قولىمىزنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى . پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ " س...كەي....، بۇ ئۆڭكۈر ئەمەس ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كارۋىتىكەنغۇ ؟" دىدى . ئۆڭكۈرنىڭ كىرگەندىن كىيىنكى بىرئاز ئارلىقى يورۇق بولسىمۇ ، لىكىن بىرلا ئەگىگەندىن كىيىن تۆت ئەتراپى ئادەم ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . پەنزې كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى يورۇتتى . y<wd~!>Ubu
تۆت ئەتراپىمىزدىكى ئۆڭكۈر تىمى ئىنتاھىن سىلىق بولۇپ رەڭگىمۇ غەلىتىلا بىرخىل يىشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى . تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن ئۆڭكۈر تىمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قەۋەت مۇخ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق . 1G67#L)USq
ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۈچۈنچى بىگىم ، بۇ ئۆڭكۈر سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ؟ .....ئەجەپ < ئوغرى ئۆڭكۈرى > گە ئوخشايدىكىنا " دىدى . 'x<oILOG
كەنجى تاغام ئۆڭكۈر تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ..... ھەقىقەتەن ئوغرى كولىغان ئۆڭكۈر ئىكەن ، مىنىڭچە كولىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان چىغى ........؟" دىدى . gHkHAOe/
ئالدىمدا كىمە ھەيدەۋاتقان بەزگەك ئىغىز ئاچتى . " ۋۇي ، قارىغاندا بۇياقنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئۆتكۈر ئىكەن ، ئىيىتقىنى توغرا ، بىزنىڭ ھازىر ئۆتىۋاتقىنىمىز < بەش قەۋرە چوقىسى تىغى > دىيلىدۇ . كونىلارنىڭ دىيشىچە پۈتكۈل تاغ بىر قەۋرە بولۇپ ، بۇ ئەتراپتا بۇنداق ئۆڭكۈردىن بىر نەچچىسى بار ، مۇشۇ ئەڭ چوڭى " دىدى . ;<