چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر iu?gZVyka
U.5R3z
كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى X5\xq+Ih
=7JSJ98
بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى 2lO(f+
{x?qz~W
4 . باپ جەسەت ئۆڭكۈرى 3i7EF.
^S3G%{"
كەنجى تاغامنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ قابىلىيتىگە ئىشىنەتتىم . پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈك – تاقلار ئارىسىدىن قوغدىنىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆڭلۈم خىلىلا ئارام تاپتى . ئىگىز بويلۇق ئاكۈي ماڭا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كۆز ئىشارىسى قىلدى . مەندىن باشقا تۆتىنىڭ چىرايى تۇتۇق ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ قەيىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلمايۋاتقان ۋاختىمدا‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› سۇ ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى . ھارۋىكەش چىلىمىنى ئىشتىتىنىڭ قىرىغا قىستۇرۇرىۋاتقاچ : " ماڭايلى ، كىمە كەلدى " دىدى . XZ~kXE;B(
ھەقىقەتەن بىر كىمە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىرخىل سۈرەتتە بىزگە قاراپ يىقىنلاۋاتاتتى . كىمىنىڭ بشىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى ئاددىيلا بولۇپ ئون ئادەمىڭ ئىچىدىن تاپماقمۇ ئاسانغا توختىمايتى . كەنجى تاغامدىن ئۆلۈك يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن ، ئىچىمدە بىر خىل تەشۋىش . كىمىچىگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شۇملۇق بىلەن سۆرۈن تەلەتلىك چىقىپ تۇراتتى . j*<J&/luYZ
كىمىچى بىزگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى . ھارۋىكەش بۇقىنىڭ بوينىغا شاپاللاپ تۇرۇپ بىزنى كىمىگە چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . بىز كىمىگە يۈك – تاقلىرىمىزنى قاچىلاپ بولۇپ قارىساق ئولتۇرغىدەك جايمۇ قالماپتۇ ، ئۆكۈز بولسا كىمىنىڭ كەينىگە چىتىلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان ئىدى . %-!%n=P
كەنجى تاغام باھاسىنى دىيشىپ بولغاندىن كىيىن كىمىچىنى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . كىمىچى بىر ئۆمۈر كىمە ھەيدىگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ؛ ماتۇرنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ كىمىنى قارشى قىرغاققا قاراپ ھەيدىدى . ئالدىمىزدىكى تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر ئوچۇقچۇلۇق نامايەن بولدى . bO\++zOF
تاغ ئۆڭكۈرى بىلەن بۇ يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق بار بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتاھىن گۈزەل ئىدى . ئىككى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئىتىكى تىك ، دەريا سۈيى تاغ تىگىنى توسىۋالغان بولۇپ تاغنىڭ ئاستىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ، ئادەمگە خۇددى ، بۇ دۇنيادا تاغ بىلەن سۇدىن باشقا مەخلۇقات يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . تاغ ئارىسىدىكى دەريا ئىقىنىدا يۈرگىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە بىر خىل خۇشاللىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تاشاتتى . مەن ھاياجىنىمنى باسالماي فوتو ئاپراتىمنى چىقىرىپ بىر نەپىسىمدىلا نەچچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىۋەتتىم . n?fy@R
كىمىچى كىمىنى سۇنىڭ ئىقىش يۆلىنىشى بويىچە ئاستا ھەيدەۋاتاتتى . بىز تاغ باغرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە بىر خىل سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق . ئالدىمىزدا تاغ پەيدا بولسا مەن تىخى نىشانغا يىپتىمىز دەپ ئويلىغان ئويۇم ، كىمىچىنىڭ رولىنى بىرلا بۇراپ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچۇقچۇلۇقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشى بىلەن قەيەرلەرگىدۇ ئۈچۈپ كىتىۋاتاتتى . بىزنىڭ مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي سۇ يولىدا قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئىسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئۆرە تۇرىۋىرىپ پۇت – قوللۇرۇم تىلىپ سىزىمىنى تۆتىنچى قىتىم يوقاتقاندا كىمىچى كىمىنى توختۇتۇپ : " بىز بىردەمدىن كىيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتىمىز ، سىلەردىن ئۆتىنەي ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكەندە ئامال بار ئاۋاز چىقارماڭلار ! سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار ! ھەرگىزمۇ سۇغا قارىماڭلار! ئالدىڭلارغا قاراڭلار ! ئەڭ ياخشىسى تاغ ئىلاھىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭلار " دىدى . ئۇنىڭ بىزدىن ئۆتۈنگەنلىكىنى ياكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم . u2oS Ci
بىز ئۆئارا مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن پەنزې تاغامدىن " قانداق قىلىمىز ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلامدۇق ؟!! " دەپ سورىدى خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا . uvbVb"\"Yk
كەنجى تاغام بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ ؛ " ھازىر بىز بۇ ئىككى سولتەكنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي ئىكەن . بىزنىڭ ئويلىغىنىزدىنمۇ خەتەرلىكتەك قىلىدۇ ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرەيلى ، قۇرالنى تەقلەپ قويۇڭلار " دەپ خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا جاۋاپ بەردى . *6/IO&y1a
ھەممىمىز تەڭلا بىشىمىزنى لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق . پويىزدا بىز بۇ يەردىكى تاغلىقلارنىڭ مال – دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنى تاغنىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ كىرىپ ، شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇل – ماللىرىنى بۇلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى خالىغان جايغا كۆمىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق . ئەگەر راستلا شۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنى ئەۋلىيالارنىڭمۇ تاپلالىشى ناتايىن ئىدى . بۇ ئىككى سولتەكنىڭ راستىنلا شۇنداق نىيتى بارمۇ – يوق بىلمىدىم . lp*GJP]T
پەنزې ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرغان ، قارىماققا ناھايتى ئىغىر – بىسىق كۆرىنەتتى . بۇ چاغدا ئۇ قولىنى يان خەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ماڭا ئىھتىياتجان بولۇش توغۇرسىدا كۆز ئىشارىتى قىلدى . U!(.i1^n
كىمە يەنە بىر قىتىم 180گىرادۇسلۇق ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى رىۋايەتلەردىكى ئۆڭكۈر پەيدا بولدى . بىز ئۆڭكۈر توغۇرلۇق پاراڭلشقاندا ئۇنى ئىنتاھىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆڭكۈرنى << ئۆڭكۈر >> دىگەندىن كۆرە<< تاغ كامىرى >> دىگەن تۈزۈك ئىكەن . كىرىش ئىغىزىدىن كىمە ئارانلا پاتاتتى . ئەڭ قاملشمىغىنى << تاغ كامىرى >> نىڭ ئىگىزلىكى، ئادەم كىرمەكچى بولسا پەقەت كىمە ئۈستىدە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن << تاغ ئۆڭكۈرى >> ئىچىگە كىرەلەيتى . ;M3%t=KV
مۈشۈكمۇ بۇرۇتى پاتمىغان تۆشۈككە كىرمەيدۇ ، بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن تار . ئەگەردە بىرەرسى بىزگە قەس قىلسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئەمەس ، پۇت - قولىمىزنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى . پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ " س...كەي....، بۇ ئۆڭكۈر ئەمەس ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كارۋىتىكەنغۇ ؟" دىدى . ئۆڭكۈرنىڭ كىرگەندىن كىيىنكى بىرئاز ئارلىقى يورۇق بولسىمۇ ، لىكىن بىرلا ئەگىگەندىن كىيىن تۆت ئەتراپى ئادەم ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . پەنزې كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى يورۇتتى . |[.-pA^
تۆت ئەتراپىمىزدىكى ئۆڭكۈر تىمى ئىنتاھىن سىلىق بولۇپ رەڭگىمۇ غەلىتىلا بىرخىل يىشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى . تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن ئۆڭكۈر تىمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قەۋەت مۇخ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق . `==l2AX
ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۈچۈنچى بىگىم ، بۇ ئۆڭكۈر سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ؟ .....ئەجەپ < ئوغرى ئۆڭكۈرى > گە ئوخشايدىكىنا " دىدى . a}UmDHS-
كەنجى تاغام ئۆڭكۈر تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ..... ھەقىقەتەن ئوغرى كولىغان ئۆڭكۈر ئىكەن ، مىنىڭچە كولىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان چىغى ........؟" دىدى . L8`v
ئالدىمدا كىمە ھەيدەۋاتقان بەزگەك ئىغىز ئاچتى . " ۋۇي ، قارىغاندا بۇياقنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئۆتكۈر ئىكەن ، ئىيىتقىنى توغرا ، بىزنىڭ ھازىر ئۆتىۋاتقىنىمىز < بەش قەۋرە چوقىسى تىغى > دىيلىدۇ . كونىلارنىڭ دىيشىچە پۈتكۈل تاغ بىر قەۋرە بولۇپ ، بۇ ئەتراپتا بۇنداق ئۆڭكۈردىن بىر نەچچىسى بار ، مۇشۇ ئەڭ چوڭى " دىدى . 'n'>+W:
" ھىم .....، قارىغاندا سىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىزدە ! ؟ " دىدى كەنجى تاغام ئۇنىڭغا تاماكا سۇنغاچ سىلىق تەلەپپۇزدا . ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " نەدىكىنى ، پىقىرمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، ئاڭلاۋىرىپ بىر - ئىككى كەلىمە ئىسىمدە قاپتۇ ، پىقىر ھەرگىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس " دىدى . %/A>'p,~
پەنزې بىلەن ئاكۈي چىرايىدا چاندۇرمىسىمۇ بىراق ئىككىسىنىڭ قولى يان خەنجىرىنىڭ غىلىپىدا ئىدى . مەنغۇ بىرەر غەلىتىلىكنى سەزمىدىم . بىراق نىمىشقىكىن يۈرۈكۈم ئىغىپلا تۇراتتى . خۇددى ھازىرلا بىرەر ئىش يۈز بىرىدىغاندەك . كەنجى تاغام تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ كىمىچىدىن بۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى سورىدى . كىمىچى ئۆزىنىڭمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۇنىڭ ئەجدادىدىن قالغان بىر قاتار قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسا باشقا ئىش چىقمايدىغانلىقىنى مەسىلەن ، ئۆڭكۈردە يۇقرى ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىك ، سۇ ئاستىغا قارىماسلىق قاتارلىقلار . ئۇ بۇ قائىدىلەرنىڭ قانداق ئاساسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ تۇرىشىغا ھىلىقى << بوتۇلكا >> بىزگە قولىنى شىلتىپ ، گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ :" جىم ، ئاڭلاڭلار ، بىرى سۆزلىەۋاتىدۇ ؟ " دىدى . ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن جىمىپ پۈتكۈل سىزىم ھۈجەيرىلىرىمىزنى قۇلاق ئەتراپىمىزغا يىغىپ ئاڭلاشقا تىرىشتۇق ؛ ھەقىقەتەن سۇنىڭ ئىقىشىدەك بىرىنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى . +YvF+E
بۇ ئاۋاز ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاۋاز قايتۇرشى بىلەن تىخىمۇ بىر غەلىتە ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىپ ئادەمنىڭ ئاڭلاش نىرپلىرىنى غىدىقلايتى . مەن ئۇلارنىڭ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭقىرالمىدىم . ئىچىمدە : " س... ىكەي........، ياپۇنچە ... فىرانسۇزچە .....؟ " دەپ مىڭنى تىللىدىم . aF2vgE\
مەن بىردەم ئاڭلاپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندىن كىيىن كىمىچىدىن بۇ جايدا داۋاملىق مۇشۇنداق ئاۋاز بار - يوقلىقىنى سورىسام ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى . مەن ئۆرۈلۈپلا قارىسام كىمىدە نەدىمۇ كىمىچى بولسۇن ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى . مەن ھەيران بولۇپ ھارۋىكەش قىرىغا قارىدىم . " ئاناڭنى ......." ئۇ قىرىنىڭمۇ سايىسى كۆرۈنمەيتى . كەنجى تاغام جىددىيلىشىپ << پەنزې ، ھىلىقى ئىككى بەزگەك قىنى ؟ >> دەپ سورىدى . _WZx].|A=
" بىلمەيمەن ، سۇغا سەكرىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى ؟! >> دەپ جاۋاپ بەردى پەنزې . HgY@M
ئاكۈي ھەممىمىزگە قاراپ تۇرۇپ : " ۋاي خۇدايىم ،ئۇلار كىمىنىڭ ماتورىنى بۇزىۋەتكەن چىغى ؟ كىمە ئوت ئالمايۋاتىدۇ ، بۇ نۆۋەت كۆرىدىغىنىمىز بار ئوخشايدۇ ؟!! " دىدى . #f#6u2nF\
" چاتاق ، بىزنىڭ تىنىمىزدە < جەسەت ھىدى > يوق ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ > دىدى ئاكۈي . U;bx^2<m
" پەنزې سەن ۋىتنامدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋاقىتتا ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يەپ باققانمۇ ؟ " جىددىيلىشىپ سورىدى 5~h)pt47
كەنجى تاغام . YIk@{V
پەنزې " چاقچاق قىلمىسىلا 3 - بىگىم ، مەن ۋىتنامغا بىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي ئەسكەرلىكتىن چىكىندۈرۈلگەن ، ۋىتنامدا ئادەم جەسىتى ئەمەس ، توشقان جەسىتىنىمۇ كۆرمىگەن " دەپ جاۋاپ بەرگەچ ئاكۈينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " ھەي بۇقا ، ئاڭلىسام سىنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئىلگىرى ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ساتاتتىكەن ، كىچىك چاغلىرىڭدا سەنمۇ بىر قانچە قاسقان يىگەن بولغىيتىڭ ؟ " دىدى . ئاكۈي ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ : " ئوسرۇق گەپ ، بىزنىڭ جەمەت ئۇنداق مانتىنى قىلمايدۇ ، قىلساقمۇ باشقىلارغا ساتىمىز . نەدىمۇ ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ئۆزى يەيدىغان ئىش بار ؟ " دىدى . RZxh"lIo
مەن ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا : " ئۈچۈڭلارنىڭ يىشىنى قوشقاندا 150 كە يىقىنلىشىدۇ ، يەنە مۇشۇنداق قاملاشمىغان چاقچاق قىلىشىسىلەر ؟ " دىدىم . xtGit}
مەن سۆزۈمنى تۈگىتىشىمگىلا كىمە تۇيۇقسىز مىدىرلاپ ئۆرۈلۈپ كىتىشكە تاسلا قالدى . پەنزې دەرھال كان چىرىغىنى ئىشلىتىپ سۇغا قارىدى ، سۇنىڭ ئاستىدا غايەت زور بىر سايىنىڭ ئۈزۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . 6OExAn8
ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ بىرنەرسە دىمەكچى بولغان بولسىمۇ قورۇققىنىدىن ئىغىزى گەپكە كەلمىدى . كەنجى تاغام ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ : " ئاناڭنى ، قورقۇپ ئىشتىنىڭغا چىقىرۋەتمىگەنسەن ؟!! قارا پىراكتىكانىتلارمۇ غىڭ قىلماي تۇرغان يەردە ، ... ئىسىت سىنىڭ نەچچە يىل ماڭا ئەگەشكىنىڭ ؟ " دىدى . ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك قورۇققىنى مەن ، قورقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەچكە نىرۋام چىراي ھۈجەيرىلىرىمنى باشقۇرالمىغان بولسا كىرەك ، بىر قارىغان ئادەمگە شۇنداق تەمكىنلىك تۇيغۇسى بىرەتتىم . xlZh(pf
" ئانامەي ، 3 - بىگىم ، بۇ نەرسە بەكلا يوغان ئىكەن ، بىز ئۇنىڭغا بىر ۋاخ تاماقمۇ بولالمىغۇدەكمىز !!؟ " دىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .ئاندىن كىمە قىرىدا ئولتۇرغان چوڭ ‹‹ كىر دىسى ›، دەك كاسىسىنى كىمىنىڭ ئوتتۇرسىغىراق يۆتكەپ ، بوينىنى سوزۇپ سۇغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى . خۇددى ھىلىقى نەرسە ھازىرلا بىشىنى چىقىرىپ ئۇنى چىشلەپ سۇغا ئەكىرىپ كىتىدىغاندەك . r Hq1%)B
" تۈفى... " ئۈچۈنچى تاغام ئاكۈيگە قاراپ بىرنى تۈكۈرۈپ ئالىيۋەتكەندىن كىيىن : " مەن ۋۇ جەمەتىنىڭ كەنجى بەگزادىسى ، بىر ئۆمۈر ‹ ئالتۇن كولاش > جەريانىدا قانداق غەلىتە مەخلۇق ، جىن - شاياتۇنلارنى كۆرمىگەن ، بىزدە ھازىر قۇرال دىسە قۇرال ، ئادەم دىسە ئادەم بار ، نىمىدىن قورقاتتۇق ؟!! دۆت بۇقا ، بۇنداق ئوسرۇق گىپىڭنى ئەمدى دىگۈچى بولما !!! " دىدى . X,3"4 SK
پەنزېىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ منىڭچە بۇ ئۇنىڭ قورۇققىنىدىن ئەمەس بەلكى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى . )Fd)YJVR
پەنزېلا ئەمەس ھەر قانداق كىشى بۇنداق تار بوشلۇق ئىچىدە ئاستىدىن غايەتزور بىر نەرسىنىڭ ئۈزۈپ ئۆتكىنىنى كۆرسە چىرايى تاتارمىسىمۇ ئاقىرىپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى . پەنزې ئەتراپقا قارىۋىتىپ : " كەنجى بىگىم بۇ ئۆڭكۈر بەكلا غەلىتە ئىكەن ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇرىدۇ ، قانداق ئىش بولسا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەسلىھەتلەشسەك قانداق ؟ " دىدى . euY+jc%
ئاكۈي توختىماستىن بىشىنى لىڭىشتىپ قوشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكىم بار ئىدى ، بىراق ، مەن دىگەن كەنجى تاغامنىڭ جيەنى قانداقلا بولمىسۇن ، تاغام ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىيىن سۆزلەشنى لايىق تاپتىم . بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام ھىلىقى بوتۇلكىغا قانداق قىلىش توغۇرلۇق تىكىلىپ قارىدى . كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى ماڭا ئايان ، ئۇ بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا پەلەك شاھىنىڭمۇ گىپىنى ئاڭلىمايتى . بىراق بۇ قىتىم كەنجى تاغامنىڭ مۇنۇ سولتەكتىن تەپ تارتىپ تۇرۇپ مەسلىھەت سورىشى مىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى . YeJTB}
‹‹ بوتۇلكا ›› پارىڭىمىزغا قۇلاق سالماي يەنىلا شۇ ياغاچقا ئوخشاش ھىسياتسىز ، ئىپادىسىز چىراي شەكلى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . خۇددى سۇدىن بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك . مەن كەنجى تاغامدىن بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنى سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك ۋاقىتتا تازا قاملاشمايتى . شۇڭا پەس ئاۋازدا پەنزىدىن سورىسام ئۇمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئاستىنقى ئىڭەك ئىشارىسى بىلەن بوتۇلكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قۇلۇغۇمغا پىچىرلاپ : " ئىشقىلىپ بۇ ئادەم ئاددى ئەمەس ، قاراڭ ئۇنىڭ قولىغا ، بۇنداق ئۇزۇن بارماق نەچچە يىل مەشىق قىلغاندا ئۇنىڭكىدەك ئۇزىرار ؟! " دىدى . %>nAPO+e
مەن تىخى ئۇنىڭغا تۈززۈك دىققەت قىلمىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ قولىغا بىر قاراپلا ھەيران قالدىم . بوتۇلكىنىڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ ماڭا كونا زاماندىكى قوش بارماقلىق ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› نى ئەسلەتتى . بوۋامنىڭ خاتىرسىدە بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنلار بولۇپ ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› كىپەن ئوغۇرلىرى ئىچىدە ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن . ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قوش بارمىقى ئىنتاھىن ئۇزۇن بولۇپ بۇ ئىككى بارمىقى ئىنتاھىن كۈچلۈك . قەدىمكى قەۋرىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار مۇشۇنداق ئۇزۇن ، كۈچلۈك ئىككى بارماققا تايىنىپ بۇزۇپ تاشلىناتتى . بۇنداق بارماق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەر ئىغى يوق ئىشتان كىيگەن ۋاختىدىن باشلاپ قىرانلىق دەۋرىگىچە مەشىق قىلسىمۇ بۇ دەرىجىگە يىتەلىشى ناتايىن ئىدى . %b pQ=
مەن ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ يەنە نىمە كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپ تۇرۇشىمغا بوتۇلكىنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چاقماقتەك سۈرەت بىلەن سۇغا تىققانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ، ئۇ قولىنى سۇغا تىققۇچە بولغان ئارلىقتا مەن پەقەت بىر ئاق نۇرنى غىل – پاللا كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇ قولىنى قانداق تىزلىك بىلەن سۇغا تىققان بولسا ، يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن سۇدىن چىقاردى . ئىنتاھىن ئۇزۇن بولغان ئىككى بارمىقىدا قاپقارا كىچىك قۇرۇتتەك بىر نەرسە بار ئىدى . بوتۇلكا قۇرۇتنى پالوبا ئۈستىگە تاشلاپ : " ئەنسىرىمەڭلار ، بايامقى سايە مۇشۇ نەرسە ! " دىدى . R8.@5g_
مەن ھىلىقى نەرسىگە قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە " بۇ سۇ قوڭغۇزىغۇ ؟ ئۇنداقتا بايامقى چوڭ سايە نەچچە مىڭلىغان سۇ قوڭغۇزىنىڭ بىرلىكتە ئۈزۈشىدىن شەكىللەنگەن ؟ ›› دىدىم . v*y,PY1*
" شۇنداق " بوتۇلكا قولىنى كىيمىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى . ;[C_ho
تازا ئىشەنگۈمىز كەلمىسىمۇ لىكىن بۇ ئەمىليەت ئىدى . ئاكۈي سەكرەپ بىرىپ ھىلىقى قۇرۇتنى كۈچەپ بىرنى دەسسەپ :" ئاناڭنى ، قورقۇتۇپ جىنىمنى ئالدى دىسە ! "دەپ ۋارقىرىدى . [*vR&