چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
bzJKoxU K&X'^|en كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى gRFC n6Q AzV5Re8M بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى
<VBw1|)$@ g|zK%tR_P 4 . باپ جەسەت ئۆڭكۈرى
[x)e6p) 0l##M06> كەنجى تاغامنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ قابىلىيتىگە ئىشىنەتتىم . پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈك – تاقلار ئارىسىدىن قوغدىنىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆڭلۈم خىلىلا ئارام تاپتى . ئىگىز بويلۇق ئاكۈي ماڭا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كۆز ئىشارىسى قىلدى . مەندىن باشقا تۆتىنىڭ چىرايى تۇتۇق ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ قەيىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلمايۋاتقان ۋاختىمدا‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› سۇ ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى . ھارۋىكەش چىلىمىنى ئىشتىتىنىڭ قىرىغا قىستۇرۇرىۋاتقاچ : " ماڭايلى ، كىمە كەلدى " دىدى .
t#q>U%! ھەقىقەتەن بىر كىمە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىرخىل سۈرەتتە بىزگە قاراپ يىقىنلاۋاتاتتى . كىمىنىڭ بشىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى ئاددىيلا بولۇپ ئون ئادەمىڭ ئىچىدىن تاپماقمۇ ئاسانغا توختىمايتى . كەنجى تاغامدىن ئۆلۈك يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن ، ئىچىمدە بىر خىل تەشۋىش . كىمىچىگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شۇملۇق بىلەن سۆرۈن تەلەتلىك چىقىپ تۇراتتى .
}-vBRY كىمىچى بىزگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى . ھارۋىكەش بۇقىنىڭ بوينىغا شاپاللاپ تۇرۇپ بىزنى كىمىگە چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . بىز كىمىگە يۈك – تاقلىرىمىزنى قاچىلاپ بولۇپ قارىساق ئولتۇرغىدەك جايمۇ قالماپتۇ ، ئۆكۈز بولسا كىمىنىڭ كەينىگە چىتىلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان ئىدى .
zfZDtKq كەنجى تاغام باھاسىنى دىيشىپ بولغاندىن كىيىن كىمىچىنى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . كىمىچى بىر ئۆمۈر كىمە ھەيدىگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ؛ ماتۇرنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ كىمىنى قارشى قىرغاققا قاراپ ھەيدىدى . ئالدىمىزدىكى تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر ئوچۇقچۇلۇق نامايەن بولدى .
]Rye AJ3 تاغ ئۆڭكۈرى بىلەن بۇ يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق بار بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتاھىن گۈزەل ئىدى . ئىككى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئىتىكى تىك ، دەريا سۈيى تاغ تىگىنى توسىۋالغان بولۇپ تاغنىڭ ئاستىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ، ئادەمگە خۇددى ، بۇ دۇنيادا تاغ بىلەن سۇدىن باشقا مەخلۇقات يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . تاغ ئارىسىدىكى دەريا ئىقىنىدا يۈرگىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە بىر خىل خۇشاللىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تاشاتتى . مەن ھاياجىنىمنى باسالماي فوتو ئاپراتىمنى چىقىرىپ بىر نەپىسىمدىلا نەچچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىۋەتتىم .
>S!DIL كىمىچى كىمىنى سۇنىڭ ئىقىش يۆلىنىشى بويىچە ئاستا ھەيدەۋاتاتتى . بىز تاغ باغرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە بىر خىل سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق . ئالدىمىزدا تاغ پەيدا بولسا مەن تىخى نىشانغا يىپتىمىز دەپ ئويلىغان ئويۇم ، كىمىچىنىڭ رولىنى بىرلا بۇراپ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچۇقچۇلۇقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشى بىلەن قەيەرلەرگىدۇ ئۈچۈپ كىتىۋاتاتتى . بىزنىڭ مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي سۇ يولىدا قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئىسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئۆرە تۇرىۋىرىپ پۇت – قوللۇرۇم تىلىپ سىزىمىنى تۆتىنچى قىتىم يوقاتقاندا كىمىچى كىمىنى توختۇتۇپ : " بىز بىردەمدىن كىيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتىمىز ، سىلەردىن ئۆتىنەي ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكەندە ئامال بار ئاۋاز چىقارماڭلار ! سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار ! ھەرگىزمۇ سۇغا قارىماڭلار! ئالدىڭلارغا قاراڭلار ! ئەڭ ياخشىسى تاغ ئىلاھىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭلار " دىدى . ئۇنىڭ بىزدىن ئۆتۈنگەنلىكىنى ياكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم .
V.#8-?z بىز ئۆئارا مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن پەنزې تاغامدىن " قانداق قىلىمىز ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلامدۇق ؟!! " دەپ سورىدى خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا .
d]3sC كەنجى تاغام بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ ؛ " ھازىر بىز بۇ ئىككى سولتەكنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي ئىكەن . بىزنىڭ ئويلىغىنىزدىنمۇ خەتەرلىكتەك قىلىدۇ ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرەيلى ، قۇرالنى تەقلەپ قويۇڭلار " دەپ خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا جاۋاپ بەردى .
p]&Q`oh ھەممىمىز تەڭلا بىشىمىزنى لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق . پويىزدا بىز بۇ يەردىكى تاغلىقلارنىڭ مال – دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنى تاغنىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ كىرىپ ، شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇل – ماللىرىنى بۇلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى خالىغان جايغا كۆمىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق . ئەگەر راستلا شۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنى ئەۋلىيالارنىڭمۇ تاپلالىشى ناتايىن ئىدى . بۇ ئىككى سولتەكنىڭ راستىنلا شۇنداق نىيتى بارمۇ – يوق بىلمىدىم .
S=p u پەنزې ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرغان ، قارىماققا ناھايتى ئىغىر – بىسىق كۆرىنەتتى . بۇ چاغدا ئۇ قولىنى يان خەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ماڭا ئىھتىياتجان بولۇش توغۇرسىدا كۆز ئىشارىتى قىلدى .
GiXd e}bm كىمە يەنە بىر قىتىم 180گىرادۇسلۇق ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى رىۋايەتلەردىكى ئۆڭكۈر پەيدا بولدى . بىز ئۆڭكۈر توغۇرلۇق پاراڭلشقاندا ئۇنى ئىنتاھىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆڭكۈرنى << ئۆڭكۈر >> دىگەندىن كۆرە<< تاغ كامىرى >> دىگەن تۈزۈك ئىكەن . كىرىش ئىغىزىدىن كىمە ئارانلا پاتاتتى . ئەڭ قاملشمىغىنى << تاغ كامىرى >> نىڭ ئىگىزلىكى، ئادەم كىرمەكچى بولسا پەقەت كىمە ئۈستىدە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن << تاغ ئۆڭكۈرى >> ئىچىگە كىرەلەيتى .
TEyx((SK مۈشۈكمۇ بۇرۇتى پاتمىغان تۆشۈككە كىرمەيدۇ ، بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن تار . ئەگەردە بىرەرسى بىزگە قەس قىلسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئەمەس ، پۇت - قولىمىزنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى . پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ " س...كەي....، بۇ ئۆڭكۈر ئەمەس ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كارۋىتىكەنغۇ ؟" دىدى . ئۆڭكۈرنىڭ كىرگەندىن كىيىنكى بىرئاز ئارلىقى يورۇق بولسىمۇ ، لىكىن بىرلا ئەگىگەندىن كىيىن تۆت ئەتراپى ئادەم ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . پەنزې كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى يورۇتتى .
c)MR+'d\WO تۆت ئەتراپىمىزدىكى ئۆڭكۈر تىمى ئىنتاھىن سىلىق بولۇپ رەڭگىمۇ غەلىتىلا بىرخىل يىشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى . تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن ئۆڭكۈر تىمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قەۋەت مۇخ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق .
WV1 Z ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۈچۈنچى بىگىم ، بۇ ئۆڭكۈر سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ؟ .....ئەجەپ < ئوغرى ئۆڭكۈرى > گە ئوخشايدىكىنا " دىدى .
nFnF_ كەنجى تاغام ئۆڭكۈر تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ..... ھەقىقەتەن ئوغرى كولىغان ئۆڭكۈر ئىكەن ، مىنىڭچە كولىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان چىغى ........؟" دىدى .
ZT"|o\G^Q ئالدىمدا كىمە ھەيدەۋاتقان بەزگەك ئىغىز ئاچتى . " ۋۇي ، قارىغاندا بۇياقنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئۆتكۈر ئىكەن ، ئىيىتقىنى توغرا ، بىزنىڭ ھازىر ئۆتىۋاتقىنىمىز < بەش قەۋرە چوقىسى تىغى > دىيلىدۇ . كونىلارنىڭ دىيشىچە پۈتكۈل تاغ بىر قەۋرە بولۇپ ، بۇ ئەتراپتا بۇنداق ئۆڭكۈردىن بىر نەچچىسى بار ، مۇشۇ ئەڭ چوڭى " دىدى .
qzt2j\v " ھىم .....، قارىغاندا سىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىزدە ! ؟ " دىدى كەنجى تاغام ئۇنىڭغا تاماكا سۇنغاچ سىلىق تەلەپپۇزدا . ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " نەدىكىنى ، پىقىرمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، ئاڭلاۋىرىپ بىر - ئىككى كەلىمە ئىسىمدە قاپتۇ ، پىقىر ھەرگىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس " دىدى .
4ZJT[zi پەنزې بىلەن ئاكۈي چىرايىدا چاندۇرمىسىمۇ بىراق ئىككىسىنىڭ قولى يان خەنجىرىنىڭ غىلىپىدا ئىدى . مەنغۇ بىرەر غەلىتىلىكنى سەزمىدىم . بىراق نىمىشقىكىن يۈرۈكۈم ئىغىپلا تۇراتتى . خۇددى ھازىرلا بىرەر ئىش يۈز بىرىدىغاندەك . كەنجى تاغام تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ كىمىچىدىن بۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى سورىدى . كىمىچى ئۆزىنىڭمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۇنىڭ ئەجدادىدىن قالغان بىر قاتار قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسا باشقا ئىش چىقمايدىغانلىقىنى مەسىلەن ، ئۆڭكۈردە يۇقرى ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىك ، سۇ ئاستىغا قارىماسلىق قاتارلىقلار . ئۇ بۇ قائىدىلەرنىڭ قانداق ئاساسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ تۇرىشىغا ھىلىقى << بوتۇلكا >> بىزگە قولىنى شىلتىپ ، گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ :" جىم ، ئاڭلاڭلار ، بىرى سۆزلىەۋاتىدۇ ؟ " دىدى . ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن جىمىپ پۈتكۈل سىزىم ھۈجەيرىلىرىمىزنى قۇلاق ئەتراپىمىزغا يىغىپ ئاڭلاشقا تىرىشتۇق ؛ ھەقىقەتەن سۇنىڭ ئىقىشىدەك بىرىنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى .
q"+ q بۇ ئاۋاز ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاۋاز قايتۇرشى بىلەن تىخىمۇ بىر غەلىتە ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىپ ئادەمنىڭ ئاڭلاش نىرپلىرىنى غىدىقلايتى . مەن ئۇلارنىڭ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭقىرالمىدىم . ئىچىمدە : " س... ىكەي........، ياپۇنچە ... فىرانسۇزچە .....؟ " دەپ مىڭنى تىللىدىم .
g)9JO6] مەن بىردەم ئاڭلاپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندىن كىيىن كىمىچىدىن بۇ جايدا داۋاملىق مۇشۇنداق ئاۋاز بار - يوقلىقىنى سورىسام ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى . مەن ئۆرۈلۈپلا قارىسام كىمىدە نەدىمۇ كىمىچى بولسۇن ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى . مەن ھەيران بولۇپ ھارۋىكەش قىرىغا قارىدىم . " ئاناڭنى ......." ئۇ قىرىنىڭمۇ سايىسى كۆرۈنمەيتى . كەنجى تاغام جىددىيلىشىپ << پەنزې ، ھىلىقى ئىككى بەزگەك قىنى ؟ >> دەپ سورىدى .
9IvcKzS2 " بىلمەيمەن ، سۇغا سەكرىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى ؟! >> دەپ جاۋاپ بەردى پەنزې .
O~#uQm ئاكۈي ھەممىمىزگە قاراپ تۇرۇپ : " ۋاي خۇدايىم ،ئۇلار كىمىنىڭ ماتورىنى بۇزىۋەتكەن چىغى ؟ كىمە ئوت ئالمايۋاتىدۇ ، بۇ نۆۋەت كۆرىدىغىنىمىز بار ئوخشايدۇ ؟!! " دىدى .
l|vWeBs " چاتاق ، بىزنىڭ تىنىمىزدە < جەسەت ھىدى > يوق ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ > دىدى ئاكۈي .
pY)j0tdd " پەنزې سەن ۋىتنامدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋاقىتتا ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يەپ باققانمۇ ؟ " جىددىيلىشىپ سورىدى
mo|PrLV كەنجى تاغام .
uP%axys پەنزې " چاقچاق قىلمىسىلا 3 - بىگىم ، مەن ۋىتنامغا بىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي ئەسكەرلىكتىن چىكىندۈرۈلگەن ، ۋىتنامدا ئادەم جەسىتى ئەمەس ، توشقان جەسىتىنىمۇ كۆرمىگەن " دەپ جاۋاپ بەرگەچ ئاكۈينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " ھەي بۇقا ، ئاڭلىسام سىنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئىلگىرى ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ساتاتتىكەن ، كىچىك چاغلىرىڭدا سەنمۇ بىر قانچە قاسقان يىگەن بولغىيتىڭ ؟ " دىدى . ئاكۈي ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ : " ئوسرۇق گەپ ، بىزنىڭ جەمەت ئۇنداق مانتىنى قىلمايدۇ ، قىلساقمۇ باشقىلارغا ساتىمىز . نەدىمۇ ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ئۆزى يەيدىغان ئىش بار ؟ " دىدى .
PTzp;. مەن ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا : " ئۈچۈڭلارنىڭ يىشىنى قوشقاندا 150 كە يىقىنلىشىدۇ ، يەنە مۇشۇنداق قاملاشمىغان چاقچاق قىلىشىسىلەر ؟ " دىدىم .
/$FXg;h9$ مەن سۆزۈمنى تۈگىتىشىمگىلا كىمە تۇيۇقسىز مىدىرلاپ ئۆرۈلۈپ كىتىشكە تاسلا قالدى . پەنزې دەرھال كان چىرىغىنى ئىشلىتىپ سۇغا قارىدى ، سۇنىڭ ئاستىدا غايەت زور بىر سايىنىڭ ئۈزۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق .
h/ LR+XX! ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ بىرنەرسە دىمەكچى بولغان بولسىمۇ قورۇققىنىدىن ئىغىزى گەپكە كەلمىدى . كەنجى تاغام ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ : " ئاناڭنى ، قورقۇپ ئىشتىنىڭغا چىقىرۋەتمىگەنسەن ؟!! قارا پىراكتىكانىتلارمۇ غىڭ قىلماي تۇرغان يەردە ، ... ئىسىت سىنىڭ نەچچە يىل ماڭا ئەگەشكىنىڭ ؟ " دىدى . ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك قورۇققىنى مەن ، قورقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەچكە نىرۋام چىراي ھۈجەيرىلىرىمنى باشقۇرالمىغان بولسا كىرەك ، بىر قارىغان ئادەمگە شۇنداق تەمكىنلىك تۇيغۇسى بىرەتتىم .
jiA5oX^g " ئانامەي ، 3 - بىگىم ، بۇ نەرسە بەكلا يوغان ئىكەن ، بىز ئۇنىڭغا بىر ۋاخ تاماقمۇ بولالمىغۇدەكمىز !!؟ " دىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .ئاندىن كىمە قىرىدا ئولتۇرغان چوڭ ‹‹ كىر دىسى ›، دەك كاسىسىنى كىمىنىڭ ئوتتۇرسىغىراق يۆتكەپ ، بوينىنى سوزۇپ سۇغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى . خۇددى ھىلىقى نەرسە ھازىرلا بىشىنى چىقىرىپ ئۇنى چىشلەپ سۇغا ئەكىرىپ كىتىدىغاندەك .
zG-_!FIn " تۈفى... " ئۈچۈنچى تاغام ئاكۈيگە قاراپ بىرنى تۈكۈرۈپ ئالىيۋەتكەندىن كىيىن : " مەن ۋۇ جەمەتىنىڭ كەنجى بەگزادىسى ، بىر ئۆمۈر ‹ ئالتۇن كولاش > جەريانىدا قانداق غەلىتە مەخلۇق ، جىن - شاياتۇنلارنى كۆرمىگەن ، بىزدە ھازىر قۇرال دىسە قۇرال ، ئادەم دىسە ئادەم بار ، نىمىدىن قورقاتتۇق ؟!! دۆت بۇقا ، بۇنداق ئوسرۇق گىپىڭنى ئەمدى دىگۈچى بولما !!! " دىدى .
5i!V}hE پەنزېىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ منىڭچە بۇ ئۇنىڭ قورۇققىنىدىن ئەمەس بەلكى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى .
.sd B3x پەنزېلا ئەمەس ھەر قانداق كىشى بۇنداق تار بوشلۇق ئىچىدە ئاستىدىن غايەتزور بىر نەرسىنىڭ ئۈزۈپ ئۆتكىنىنى كۆرسە چىرايى تاتارمىسىمۇ ئاقىرىپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى . پەنزې ئەتراپقا قارىۋىتىپ : " كەنجى بىگىم بۇ ئۆڭكۈر بەكلا غەلىتە ئىكەن ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇرىدۇ ، قانداق ئىش بولسا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەسلىھەتلەشسەك قانداق ؟ " دىدى .
M&uzOK+ ئاكۈي توختىماستىن بىشىنى لىڭىشتىپ قوشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكىم بار ئىدى ، بىراق ، مەن دىگەن كەنجى تاغامنىڭ جيەنى قانداقلا بولمىسۇن ، تاغام ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىيىن سۆزلەشنى لايىق تاپتىم . بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام ھىلىقى بوتۇلكىغا قانداق قىلىش توغۇرلۇق تىكىلىپ قارىدى . كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى ماڭا ئايان ، ئۇ بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا پەلەك شاھىنىڭمۇ گىپىنى ئاڭلىمايتى . بىراق بۇ قىتىم كەنجى تاغامنىڭ مۇنۇ سولتەكتىن تەپ تارتىپ تۇرۇپ مەسلىھەت سورىشى مىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى .
RGT_}ni ‹‹ بوتۇلكا ›› پارىڭىمىزغا قۇلاق سالماي يەنىلا شۇ ياغاچقا ئوخشاش ھىسياتسىز ، ئىپادىسىز چىراي شەكلى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . خۇددى سۇدىن بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك . مەن كەنجى تاغامدىن بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنى سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك ۋاقىتتا تازا قاملاشمايتى . شۇڭا پەس ئاۋازدا پەنزىدىن سورىسام ئۇمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئاستىنقى ئىڭەك ئىشارىسى بىلەن بوتۇلكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قۇلۇغۇمغا پىچىرلاپ : " ئىشقىلىپ بۇ ئادەم ئاددى ئەمەس ، قاراڭ ئۇنىڭ قولىغا ، بۇنداق ئۇزۇن بارماق نەچچە يىل مەشىق قىلغاندا ئۇنىڭكىدەك ئۇزىرار ؟! " دىدى .
{E!$ xY8 مەن تىخى ئۇنىڭغا تۈززۈك دىققەت قىلمىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ قولىغا بىر قاراپلا ھەيران قالدىم . بوتۇلكىنىڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ ماڭا كونا زاماندىكى قوش بارماقلىق ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› نى ئەسلەتتى . بوۋامنىڭ خاتىرسىدە بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنلار بولۇپ ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› كىپەن ئوغۇرلىرى ئىچىدە ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن . ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قوش بارمىقى ئىنتاھىن ئۇزۇن بولۇپ بۇ ئىككى بارمىقى ئىنتاھىن كۈچلۈك . قەدىمكى قەۋرىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار مۇشۇنداق ئۇزۇن ، كۈچلۈك ئىككى بارماققا تايىنىپ بۇزۇپ تاشلىناتتى . بۇنداق بارماق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەر ئىغى يوق ئىشتان كىيگەن ۋاختىدىن باشلاپ قىرانلىق دەۋرىگىچە مەشىق قىلسىمۇ بۇ دەرىجىگە يىتەلىشى ناتايىن ئىدى .
M*d-z مەن ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ يەنە نىمە كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپ تۇرۇشىمغا بوتۇلكىنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چاقماقتەك سۈرەت بىلەن سۇغا تىققانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ، ئۇ قولىنى سۇغا تىققۇچە بولغان ئارلىقتا مەن پەقەت بىر ئاق نۇرنى غىل – پاللا كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇ قولىنى قانداق تىزلىك بىلەن سۇغا تىققان بولسا ، يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن سۇدىن چىقاردى . ئىنتاھىن ئۇزۇن بولغان ئىككى بارمىقىدا قاپقارا كىچىك قۇرۇتتەك بىر نەرسە بار ئىدى . بوتۇلكا قۇرۇتنى پالوبا ئۈستىگە تاشلاپ : " ئەنسىرىمەڭلار ، بايامقى سايە مۇشۇ نەرسە ! " دىدى .
q{a#HnZo" مەن ھىلىقى نەرسىگە قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە " بۇ سۇ قوڭغۇزىغۇ ؟ ئۇنداقتا بايامقى چوڭ سايە نەچچە مىڭلىغان سۇ قوڭغۇزىنىڭ بىرلىكتە ئۈزۈشىدىن شەكىللەنگەن ؟ ›› دىدىم .
^Vag1(hdq " شۇنداق " بوتۇلكا قولىنى كىيمىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى .
y7CWBTH0> تازا ئىشەنگۈمىز كەلمىسىمۇ لىكىن بۇ ئەمىليەت ئىدى . ئاكۈي سەكرەپ بىرىپ ھىلىقى قۇرۇتنى كۈچەپ بىرنى دەسسەپ :" ئاناڭنى ، قورقۇتۇپ جىنىمنى ئالدى دىسە ! "دەپ ۋارقىرىدى .
66oK3%[ بىراق مەن يەنە بىر ئويلىسام توغرا ئەمەس ؟ قانداقسىگە بۇنچىۋالا كۆپ سۇ قوڭغۇزى بىرلا ۋاقىتتا ھەركەت قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇ قوڭغۇزىنىڭ تىنى ئادەتتىكى قوڭغۇزغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ ! بوتۇلكىدىن سوراي دەپ قارىسام ئۇمۇ گۇمان نەزىرى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى .
;xL67e%? كەنجى تاغام بايا ئاكۈي دەسسەپ ئىزىۋەتكەن سۇ قوڭغۇزىنى قولىغا ئىلىپ بۇرنىغا يىقىن ئەكىلىپ پۇراپلا چىرايى ئۆزگەردى – دە ؛ " چاتاق ، بۇ سۇ قوڭغۇزى ئەمەس ،.... جەسەت بۈرگىسى...." دىدى .
Q`N18I3 ھەممىمىز ئاڭلاپ قىتىپلا قالدۇق . بۇ نەرسىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇراتتى .
d& hD[v " بۇ قۇرۇت چىرىگەن گۆش – تاپلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، قەيەردە جەسەت كۆپ بولسا شۇ يەردە بولىدۇ . قانچىلىك كۆپ يىسە شۇنچىلىك يوغىنالايدۇ . قارىغاندا باش ئىقىن تەرەپتە جەسەت ئازگىلى بولسا كىرەك ، چوقۇم شۇنداق ..... ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەتمۇ ئاز بولماسلىقى مومكىن " دىدى كەنجى تاغام قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاراپ .
~9=27p " بۇ نەرسە تىرىك ئادەمنى چىشلەمدۇ ؟ " دەپ سورىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .
5)mVy?Z كەنجى تاغام ئاكۈيگە قاراپمۇ قويماي " ئادەتتىكىسى تىرىك ئادەمنى چىشلىمەس ، بىراق بۇ جايدىكى چىشلەمدۇ – چىشلىمەمدۇ ئۇنى بىلمىدىم . ھەي ! بۇ نەرسە ئادەتتە جەسەت توپلاشقان جايدا بولاتتى . ئۇلار نەگە ماڭغاندۇ ؟ ھەممىسى بىرلىكتە ئۆي كۆچىۋاتقاندىمۇ – يا ؟ " دىدى .
sD2^_w6j بوتۇلكا تۇيۇقسىز ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " مەنچە ئۇلار بىر نەرسىدىن قورقۇپ قىچىۋاتامدىكىن....... " دىدى .
)i @1XH"D " نىمە ؟ قورقۇپ قىچىش ؟! " دىدى سىمىز ئاكۈي . " ئۇنداقتا بۇ ئۆڭۈرنىڭ ئىچىدە.... ؟ "
lDC}HC بوتۇلكا بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە بىر نەرسە بىزگە قاراپ كىلىۋاتامدىكىن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنى ئىنتاھىن يوغان ......!! " دىدى .
R>*g\}9Zh3 8[~~gYl داۋامى بار ........
7G"7wYc>R p qeL%="p; كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى .
H}6CKP} /l6\^Xf{ " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى " ، 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپىنى كۆرۈش ئادىرسى :
http://anatuprak.com/kipan/ cOb4c* /EU; ?O جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
E/mw* c^ QrC/ssf} Yj|]Uff8O .oR3Q/|k] nU/;2=f< WeC(w+}p #hJQbv=B" .X`C^z]+ Rri`dmH