چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر %i5tf;x6i
s((c@)M
كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى !U=o<)I
[P*zm 8b
بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى /tj_WO_
H5Bh?mw2
4 . باپ جەسەت ئۆڭكۈرى . ZP$,
_$_,r H
كەنجى تاغامنىڭ بۇرادەرلىرى ئۇزۇن مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان بولغاچقا مەن ئۇلارنىڭ قابىلىيتىگە ئىشىنەتتىم . پەنزېنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈك – تاقلار ئارىسىدىن قوغدىنىش ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئىزدەپ تىپىپ كۆڭلۈم خىلىلا ئارام تاپتى . ئىگىز بويلۇق ئاكۈي ماڭا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا كۆز ئىشارىسى قىلدى . مەندىن باشقا تۆتىنىڭ چىرايى تۇتۇق ئىدى . ھارۋىكەشنىڭ قەيىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يىتەلمايۋاتقان ۋاختىمدا‹‹ ئىشەك تىزىكى ›› سۇ ئۈزۈپ قايتىپ كەلدى . ھارۋىكەش چىلىمىنى ئىشتىتىنىڭ قىرىغا قىستۇرۇرىۋاتقاچ : " ماڭايلى ، كىمە كەلدى " دىدى . 5a&BgBO1M
ھەقىقەتەن بىر كىمە تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىرخىل سۈرەتتە بىزگە قاراپ يىقىنلاۋاتاتتى . كىمىنىڭ بشىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى تۇراتتى . ئۇنىڭ چىرايى ئاددىيلا بولۇپ ئون ئادەمىڭ ئىچىدىن تاپماقمۇ ئاسانغا توختىمايتى . كەنجى تاغامدىن ئۆلۈك يەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمەيمەن ، ئىچىمدە بىر خىل تەشۋىش . كىمىچىگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شۇملۇق بىلەن سۆرۈن تەلەتلىك چىقىپ تۇراتتى . CsEU:v
كىمىچى بىزگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋارقىرىدى . ھارۋىكەش بۇقىنىڭ بوينىغا شاپاللاپ تۇرۇپ بىزنى كىمىگە چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . بىز كىمىگە يۈك – تاقلىرىمىزنى قاچىلاپ بولۇپ قارىساق ئولتۇرغىدەك جايمۇ قالماپتۇ ، ئۆكۈز بولسا كىمىنىڭ كەينىگە چىتىلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان ئىدى . OlP1Zd/l
كەنجى تاغام باھاسىنى دىيشىپ بولغاندىن كىيىن كىمىچىنى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلدى . كىمىچى بىر ئۆمۈر كىمە ھەيدىگەچكىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم ؛ ماتۇرنى ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ كىمىنى قارشى قىرغاققا قاراپ ھەيدىدى . ئالدىمىزدىكى تاغدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا بىر ئوچۇقچۇلۇق نامايەن بولدى . wZVLpF+7
تاغ ئۆڭكۈرى بىلەن بۇ يەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق بار بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتاھىن گۈزەل ئىدى . ئىككى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئىتىكى تىك ، دەريا سۈيى تاغ تىگىنى توسىۋالغان بولۇپ تاغنىڭ ئاستىنى كۆرۈش مومكىن ئەمەس ، ئادەمگە خۇددى ، بۇ دۇنيادا تاغ بىلەن سۇدىن باشقا مەخلۇقات يوقتەك تۇيغۇ بىرەتتى . تاغ ئارىسىدىكى دەريا ئىقىنىدا يۈرگىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە بىر خىل خۇشاللىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تاشاتتى . مەن ھاياجىنىمنى باسالماي فوتو ئاپراتىمنى چىقىرىپ بىر نەپىسىمدىلا نەچچە ئون پارچە سۈرەتكە تارتىۋەتتىم . hP}-yW6]
كىمىچى كىمىنى سۇنىڭ ئىقىش يۆلىنىشى بويىچە ئاستا ھەيدەۋاتاتتى . بىز تاغ باغرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ يۈزىدە بىر خىل سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتۇق . ئالدىمىزدا تاغ پەيدا بولسا مەن تىخى نىشانغا يىپتىمىز دەپ ئويلىغان ئويۇم ، كىمىچىنىڭ رولىنى بىرلا بۇراپ تاغنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچۇقچۇلۇقنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىشى بىلەن قەيەرلەرگىدۇ ئۈچۈپ كىتىۋاتاتتى . بىزنىڭ مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي سۇ يولىدا قانچىلىك ماڭغىنىمىز ئىسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ئۆرە تۇرىۋىرىپ پۇت – قوللۇرۇم تىلىپ سىزىمىنى تۆتىنچى قىتىم يوقاتقاندا كىمىچى كىمىنى توختۇتۇپ : " بىز بىردەمدىن كىيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتىمىز ، سىلەردىن ئۆتىنەي ، تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئۆتكەندە ئامال بار ئاۋاز چىقارماڭلار ! سۆزلىشىدىغان ئىش بولسا پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىڭلار ! ھەرگىزمۇ سۇغا قارىماڭلار! ئالدىڭلارغا قاراڭلار ! ئەڭ ياخشىسى تاغ ئىلاھىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭلار " دىدى . ئۇنىڭ بىزدىن ئۆتۈنگەنلىكىنى ياكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم . 6O_l;A[=1
بىز ئۆئارا مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كىيىن پەنزې تاغامدىن " قانداق قىلىمىز ، ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلامدۇق ؟!! " دەپ سورىدى خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا . /U})mdFm
كەنجى تاغام بىرئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ ؛ " ھازىر بىز بۇ ئىككى سولتەكنىڭ تىگى – تەكتىنى بىلمەيمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ ، ئەگرى – توقاي ئىكەن . بىزنىڭ ئويلىغىنىزدىنمۇ خەتەرلىكتەك قىلىدۇ ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرەيلى ، قۇرالنى تەقلەپ قويۇڭلار " دەپ خاڭجۇ تەلەپپۇزىدا جاۋاپ بەردى . N:;z~`
ھەممىمىز تەڭلا بىشىمىزنى لىڭىشتىپ قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق . پويىزدا بىز بۇ يەردىكى تاغلىقلارنىڭ مال – دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنى تاغنىڭ ئىچكىرسىگە باشلاپ كىرىپ ، شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇل – ماللىرىنى بۇلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى خالىغان جايغا كۆمىۋىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق . ئەگەر راستلا شۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنى ئەۋلىيالارنىڭمۇ تاپلالىشى ناتايىن ئىدى . بۇ ئىككى سولتەكنىڭ راستىنلا شۇنداق نىيتى بارمۇ – يوق بىلمىدىم . Y]7 6y>|e
پەنزې ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمدا تۇرغان ، قارىماققا ناھايتى ئىغىر – بىسىق كۆرىنەتتى . بۇ چاغدا ئۇ قولىنى يان خەنجىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ماڭا ئىھتىياتجان بولۇش توغۇرسىدا كۆز ئىشارىتى قىلدى . aW}d=y[
كىمە يەنە بىر قىتىم 180گىرادۇسلۇق ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى رىۋايەتلەردىكى ئۆڭكۈر پەيدا بولدى . بىز ئۆڭكۈر توغۇرلۇق پاراڭلشقاندا ئۇنى ئىنتاھىن چوڭ ھەم ھەيۋەتلىك دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق ئەمىلىيەتتە بۇ ئۆڭكۈرنى << ئۆڭكۈر >> دىگەندىن كۆرە<< تاغ كامىرى >> دىگەن تۈزۈك ئىكەن . كىرىش ئىغىزىدىن كىمە ئارانلا پاتاتتى . ئەڭ قاملشمىغىنى << تاغ كامىرى >> نىڭ ئىگىزلىكى، ئادەم كىرمەكچى بولسا پەقەت كىمە ئۈستىدە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن << تاغ ئۆڭكۈرى >> ئىچىگە كىرەلەيتى . G[6i\Et
مۈشۈكمۇ بۇرۇتى پاتمىغان تۆشۈككە كىرمەيدۇ ، بۇ بوشلۇق ھەقىقەتەن تار . ئەگەردە بىرەرسى بىزگە قەس قىلسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئەمەس ، پۇت - قولىمىزنى ئىشلىتىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى . پەنزې ئىغىزىنى بۇزۇپ " س...كەي....، بۇ ئۆڭكۈر ئەمەس ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ كارۋىتىكەنغۇ ؟" دىدى . ئۆڭكۈرنىڭ كىرگەندىن كىيىنكى بىرئاز ئارلىقى يورۇق بولسىمۇ ، لىكىن بىرلا ئەگىگەندىن كىيىن تۆت ئەتراپى ئادەم ئۆزىنىڭ قول بارمىقىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى . پەنزې كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئەتراپنى يورۇتتى . 'S|7<<>4k
تۆت ئەتراپىمىزدىكى ئۆڭكۈر تىمى ئىنتاھىن سىلىق بولۇپ رەڭگىمۇ غەلىتىلا بىرخىل يىشىل رەڭدە كۆرۈنەتتى . تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن ئۆڭكۈر تىمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قەۋەت مۇخ ئۆسۈپ چىققانلىقىنى بايقىدۇق . 4)8e0L*[B?
ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئۈچۈنچى بىگىم ، بۇ ئۆڭكۈر سەل خەتەرلىكمۇ قانداق ، ؟ .....ئەجەپ < ئوغرى ئۆڭكۈرى > گە ئوخشايدىكىنا " دىدى . o+.ySSBl+
كەنجى تاغام ئۆڭكۈر تىمىنى سىلاپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ..... ھەقىقەتەن ئوغرى كولىغان ئۆڭكۈر ئىكەن ، مىنىڭچە كولىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان چىغى ........؟" دىدى . Lz!JLiMEET
ئالدىمدا كىمە ھەيدەۋاتقان بەزگەك ئىغىز ئاچتى . " ۋۇي ، قارىغاندا بۇياقنىڭ كۆزى ئوبدانلا ئۆتكۈر ئىكەن ، ئىيىتقىنى توغرا ، بىزنىڭ ھازىر ئۆتىۋاتقىنىمىز < بەش قەۋرە چوقىسى تىغى > دىيلىدۇ . كونىلارنىڭ دىيشىچە پۈتكۈل تاغ بىر قەۋرە بولۇپ ، بۇ ئەتراپتا بۇنداق ئۆڭكۈردىن بىر نەچچىسى بار ، مۇشۇ ئەڭ چوڭى " دىدى . =XK}eQ_d
" ھىم .....، قارىغاندا سىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئىكەنسىزدە ! ؟ " دىدى كەنجى تاغام ئۇنىڭغا تاماكا سۇنغاچ سىلىق تەلەپپۇزدا . ئۇ بىشىنى چايقاپ تۇرۇپ : " نەدىكىنى ، پىقىرمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، ئاڭلاۋىرىپ بىر - ئىككى كەلىمە ئىسىمدە قاپتۇ ، پىقىر ھەرگىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس " دىدى . }+Q4s]
پەنزې بىلەن ئاكۈي چىرايىدا چاندۇرمىسىمۇ بىراق ئىككىسىنىڭ قولى يان خەنجىرىنىڭ غىلىپىدا ئىدى . مەنغۇ بىرەر غەلىتىلىكنى سەزمىدىم . بىراق نىمىشقىكىن يۈرۈكۈم ئىغىپلا تۇراتتى . خۇددى ھازىرلا بىرەر ئىش يۈز بىرىدىغاندەك . كەنجى تاغام تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ كىمىچىدىن بۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى سورىدى . كىمىچى ئۆزىنىڭمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى ، پەقەت ئۇنىڭ ئەجدادىدىن قالغان بىر قاتار قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسا باشقا ئىش چىقمايدىغانلىقىنى مەسىلەن ، ئۆڭكۈردە يۇقرى ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىك ، سۇ ئاستىغا قارىماسلىق قاتارلىقلار . ئۇ بۇ قائىدىلەرنىڭ قانداق ئاساسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ تۇرىشىغا ھىلىقى << بوتۇلكا >> بىزگە قولىنى شىلتىپ ، گەپ قىلماسلىق ئىشارىسى قىلىپ :" جىم ، ئاڭلاڭلار ، بىرى سۆزلىەۋاتىدۇ ؟ " دىدى . ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن جىمىپ پۈتكۈل سىزىم ھۈجەيرىلىرىمىزنى قۇلاق ئەتراپىمىزغا يىغىپ ئاڭلاشقا تىرىشتۇق ؛ ھەقىقەتەن سۇنىڭ ئىقىشىدەك بىرىنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىۋاتاتتى . ,iY:#E
بۇ ئاۋاز ئىنتاھىن غەلىتە بولۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاۋاز قايتۇرشى بىلەن تىخىمۇ بىر غەلىتە ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلىپ ئادەمنىڭ ئاڭلاش نىرپلىرىنى غىدىقلايتى . مەن ئۇلارنىڭ سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق نىمە دىيىشكىنىنى ئاڭقىرالمىدىم . ئىچىمدە : " س... ىكەي........، ياپۇنچە ... فىرانسۇزچە .....؟ " دەپ مىڭنى تىللىدىم . 3fA+{Y8S
مەن بىردەم ئاڭلاپ ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندىن كىيىن كىمىچىدىن بۇ جايدا داۋاملىق مۇشۇنداق ئاۋاز بار - يوقلىقىنى سورىسام ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى . مەن ئۆرۈلۈپلا قارىسام كىمىدە نەدىمۇ كىمىچى بولسۇن ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى . مەن ھەيران بولۇپ ھارۋىكەش قىرىغا قارىدىم . " ئاناڭنى ......." ئۇ قىرىنىڭمۇ سايىسى كۆرۈنمەيتى . كەنجى تاغام جىددىيلىشىپ << پەنزې ، ھىلىقى ئىككى بەزگەك قىنى ؟ >> دەپ سورىدى . seRf q&
" بىلمەيمەن ، سۇغا سەكرىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى ؟! >> دەپ جاۋاپ بەردى پەنزې . u{h67N
ئاكۈي ھەممىمىزگە قاراپ تۇرۇپ : " ۋاي خۇدايىم ،ئۇلار كىمىنىڭ ماتورىنى بۇزىۋەتكەن چىغى ؟ كىمە ئوت ئالمايۋاتىدۇ ، بۇ نۆۋەت كۆرىدىغىنىمىز بار ئوخشايدۇ ؟!! " دىدى . Dy>6L79G
" چاتاق ، بىزنىڭ تىنىمىزدە < جەسەت ھىدى > يوق ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ > دىدى ئاكۈي . r>7+&s*yk
" پەنزې سەن ۋىتنامدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ۋاقىتتا ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى يەپ باققانمۇ ؟ " جىددىيلىشىپ سورىدى FRajo~H
كەنجى تاغام . o ABrhK
پەنزې " چاقچاق قىلمىسىلا 3 - بىگىم ، مەن ۋىتنامغا بىرىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي ئەسكەرلىكتىن چىكىندۈرۈلگەن ، ۋىتنامدا ئادەم جەسىتى ئەمەس ، توشقان جەسىتىنىمۇ كۆرمىگەن " دەپ جاۋاپ بەرگەچ ئاكۈينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " ھەي بۇقا ، ئاڭلىسام سىنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئىلگىرى ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ساتاتتىكەن ، كىچىك چاغلىرىڭدا سەنمۇ بىر قانچە قاسقان يىگەن بولغىيتىڭ ؟ " دىدى . ئاكۈي ئاچچىقتىن يىرىلغۇدەك بولۇپ : " ئوسرۇق گەپ ، بىزنىڭ جەمەت ئۇنداق مانتىنى قىلمايدۇ ، قىلساقمۇ باشقىلارغا ساتىمىز . نەدىمۇ ئادەم گۆشىدە مانتا تۈگۈپ ئۆزى يەيدىغان ئىش بار ؟ " دىدى . Shn=Q
مەن ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا : " ئۈچۈڭلارنىڭ يىشىنى قوشقاندا 150 كە يىقىنلىشىدۇ ، يەنە مۇشۇنداق قاملاشمىغان چاقچاق قىلىشىسىلەر ؟ " دىدىم . JN4gH4ez)
مەن سۆزۈمنى تۈگىتىشىمگىلا كىمە تۇيۇقسىز مىدىرلاپ ئۆرۈلۈپ كىتىشكە تاسلا قالدى . پەنزې دەرھال كان چىرىغىنى ئىشلىتىپ سۇغا قارىدى ، سۇنىڭ ئاستىدا غايەت زور بىر سايىنىڭ ئۈزۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . a/J Mg
ئاكۈينىڭ چىرايى تاتىرىپ بىرنەرسە دىمەكچى بولغان بولسىمۇ قورۇققىنىدىن ئىغىزى گەپكە كەلمىدى . كەنجى تاغام ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ : " ئاناڭنى ، قورقۇپ ئىشتىنىڭغا چىقىرۋەتمىگەنسەن ؟!! قارا پىراكتىكانىتلارمۇ غىڭ قىلماي تۇرغان يەردە ، ... ئىسىت سىنىڭ نەچچە يىل ماڭا ئەگەشكىنىڭ ؟ " دىدى . ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك قورۇققىنى مەن ، قورقۇپ جىددىيلىشىپ كەتكەچكە نىرۋام چىراي ھۈجەيرىلىرىمنى باشقۇرالمىغان بولسا كىرەك ، بىر قارىغان ئادەمگە شۇنداق تەمكىنلىك تۇيغۇسى بىرەتتىم . 2O*At%CzW
" ئانامەي ، 3 - بىگىم ، بۇ نەرسە بەكلا يوغان ئىكەن ، بىز ئۇنىڭغا بىر ۋاخ تاماقمۇ بولالمىغۇدەكمىز !!؟ " دىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ .ئاندىن كىمە قىرىدا ئولتۇرغان چوڭ ‹‹ كىر دىسى ›، دەك كاسىسىنى كىمىنىڭ ئوتتۇرسىغىراق يۆتكەپ ، بوينىنى سوزۇپ سۇغا ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ قويدى . خۇددى ھىلىقى نەرسە ھازىرلا بىشىنى چىقىرىپ ئۇنى چىشلەپ سۇغا ئەكىرىپ كىتىدىغاندەك . !=PH5jTY
" تۈفى... " ئۈچۈنچى تاغام ئاكۈيگە قاراپ بىرنى تۈكۈرۈپ ئالىيۋەتكەندىن كىيىن : " مەن ۋۇ جەمەتىنىڭ كەنجى بەگزادىسى ، بىر ئۆمۈر ‹ ئالتۇن كولاش > جەريانىدا قانداق غەلىتە مەخلۇق ، جىن - شاياتۇنلارنى كۆرمىگەن ، بىزدە ھازىر قۇرال دىسە قۇرال ، ئادەم دىسە ئادەم بار ، نىمىدىن قورقاتتۇق ؟!! دۆت بۇقا ، بۇنداق ئوسرۇق گىپىڭنى ئەمدى دىگۈچى بولما !!! " دىدى . 1^*ogMe
پەنزېىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ منىڭچە بۇ ئۇنىڭ قورۇققىنىدىن ئەمەس بەلكى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى . KXDnhVf
پەنزېلا ئەمەس ھەر قانداق كىشى بۇنداق تار بوشلۇق ئىچىدە ئاستىدىن غايەتزور بىر نەرسىنىڭ ئۈزۈپ ئۆتكىنىنى كۆرسە چىرايى تاتارمىسىمۇ ئاقىرىپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى . پەنزې ئەتراپقا قارىۋىتىپ : " كەنجى بىگىم بۇ ئۆڭكۈر بەكلا غەلىتە ئىكەن ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپلا تۇرىدۇ ، قانداق ئىش بولسا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەسلىھەتلەشسەك قانداق ؟ " دىدى . D_0sXIbg
ئاكۈي توختىماستىن بىشىنى لىڭىشتىپ قوشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مىنىڭمۇ ھازىرلا چىقىپ كەتكىم بار ئىدى ، بىراق ، مەن دىگەن كەنجى تاغامنىڭ جيەنى قانداقلا بولمىسۇن ، تاغام ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىيىن سۆزلەشنى لايىق تاپتىم . بۇ ۋاقىتتا كەنجى تاغام ھىلىقى بوتۇلكىغا قانداق قىلىش توغۇرلۇق تىكىلىپ قارىدى . كەنجى تاغامنىڭ مىجەزى ماڭا ئايان ، ئۇ بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ ، بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا پەلەك شاھىنىڭمۇ گىپىنى ئاڭلىمايتى . بىراق بۇ قىتىم كەنجى تاغامنىڭ مۇنۇ سولتەكتىن تەپ تارتىپ تۇرۇپ مەسلىھەت سورىشى مىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈردى . yP"}(!~m
‹‹ بوتۇلكا ›› پارىڭىمىزغا قۇلاق سالماي يەنىلا شۇ ياغاچقا ئوخشاش ھىسياتسىز ، ئىپادىسىز چىراي شەكلى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . خۇددى سۇدىن بىرنەرسە ئىزدەۋاتقاندەك . مەن كەنجى تاغامدىن بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنى سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ھازىرقىدەك ۋاقىتتا تازا قاملاشمايتى . شۇڭا پەس ئاۋازدا پەنزىدىن سورىسام ئۇمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئاستىنقى ئىڭەك ئىشارىسى بىلەن بوتۇلكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قۇلۇغۇمغا پىچىرلاپ : " ئىشقىلىپ بۇ ئادەم ئاددى ئەمەس ، قاراڭ ئۇنىڭ قولىغا ، بۇنداق ئۇزۇن بارماق نەچچە يىل مەشىق قىلغاندا ئۇنىڭكىدەك ئۇزىرار ؟! " دىدى . U5wh( vi
مەن تىخى ئۇنىڭغا تۈززۈك دىققەت قىلمىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ قولىغا بىر قاراپلا ھەيران قالدىم . بوتۇلكىنىڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ ماڭا كونا زاماندىكى قوش بارماقلىق ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› نى ئەسلەتتى . بوۋامنىڭ خاتىرسىدە بۇ توغۇرلۇق مەزمۇنلار بولۇپ ‹‹ ئالتۇن كولىغۇچى سانغۇن ›› كىپەن ئوغۇرلىرى ئىچىدە ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن . ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قوش بارمىقى ئىنتاھىن ئۇزۇن بولۇپ بۇ ئىككى بارمىقى ئىنتاھىن كۈچلۈك . قەدىمكى قەۋرىدىكى بەزى قۇرۇلمىلار مۇشۇنداق ئۇزۇن ، كۈچلۈك ئىككى بارماققا تايىنىپ بۇزۇپ تاشلىناتتى . بۇنداق بارماق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەملەر ئىغى يوق ئىشتان كىيگەن ۋاختىدىن باشلاپ قىرانلىق دەۋرىگىچە مەشىق قىلسىمۇ بۇ دەرىجىگە يىتەلىشى ناتايىن ئىدى . a>W++8t1 ;
مەن ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ يەنە نىمە كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپ تۇرۇشىمغا بوتۇلكىنىڭ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چاقماقتەك سۈرەت بىلەن سۇغا تىققانلىقىنى كۆردۈم . ئۇنىڭ ھەركىتى ناھايتى تىز ، ئۇ قولىنى سۇغا تىققۇچە بولغان ئارلىقتا مەن پەقەت بىر ئاق نۇرنى غىل – پاللا كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇ قولىنى قانداق تىزلىك بىلەن سۇغا تىققان بولسا ، يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن سۇدىن چىقاردى . ئىنتاھىن ئۇزۇن بولغان ئىككى بارمىقىدا قاپقارا كىچىك قۇرۇتتەك بىر نەرسە بار ئىدى . بوتۇلكا قۇرۇتنى پالوبا ئۈستىگە تاشلاپ : " ئەنسىرىمەڭلار ، بايامقى سايە مۇشۇ نەرسە ! " دىدى . @vyEN.K%mm
مەن ھىلىقى نەرسىگە قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە " بۇ سۇ قوڭغۇزىغۇ ؟ ئۇنداقتا بايامقى چوڭ سايە نەچچە مىڭلىغان سۇ قوڭغۇزىنىڭ بىرلىكتە ئۈزۈشىدىن شەكىللەنگەن ؟ ›› دىدىم . ]xMZo){[|
" شۇنداق " بوتۇلكا قولىنى كىيمىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى . %L-qAI&V
تازا ئىشەنگۈمىز كەلمىسىمۇ لىكىن بۇ ئەمىليەت ئىدى . ئاكۈي سەكرەپ بىرىپ ھىلىقى قۇرۇتنى كۈچەپ بىرنى دەسسەپ :" ئاناڭنى ، قورقۇتۇپ جىنىمنى ئالدى دىسە ! "دەپ ۋارقىرىدى . &[@)Er=
بىراق مەن يەنە بىر ئويلىسام توغرا ئەمەس ؟ قانداقسىگە بۇنچىۋالا كۆپ سۇ قوڭغۇزى بىرلا ۋاقىتتا ھەركەت قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇ قوڭغۇزىنىڭ تىنى ئادەتتىكى قوڭغۇزغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ ! بوتۇلكىدىن سوراي دەپ قارىسام ئۇمۇ گۇمان نەزىرى بىلەن سۇغا تىكىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى . i0/QfB%O
كەنجى تاغام بايا ئاكۈي دەسسەپ ئىزىۋەتكەن سۇ قوڭغۇزىنى قولىغا ئىلىپ بۇرنىغا يىقىن ئەكىلىپ پۇراپلا چىرايى ئۆزگەردى – دە ؛ " چاتاق ، بۇ سۇ قوڭغۇزى ئەمەس ،.... جەسەت بۈرگىسى...." دىدى . @(35I
ھەممىمىز ئاڭلاپ قىتىپلا قالدۇق . بۇ نەرسىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇراتتى . Jh=.}FXnjL
" بۇ قۇرۇت چىرىگەن گۆش – تاپلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ ، قەيەردە جەسەت كۆپ بولسا شۇ يەردە بولىدۇ . قانچىلىك كۆپ يىسە شۇنچىلىك يوغىنالايدۇ . قارىغاندا باش ئىقىن تەرەپتە جەسەت ئازگىلى بولسا كىرەك ، چوقۇم شۇنداق ..... ئۇنىڭ ئۈستىگە جەسەتمۇ ئاز بولماسلىقى مومكىن " دىدى كەنجى تاغام قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاراپ . ,(Zxd4?y
" بۇ نەرسە تىرىك ئادەمنى چىشلەمدۇ ؟ " دەپ سورىدى ئاكۈي تىترەپ تۇرۇپ . F7O*%y.';
كەنجى تاغام ئاكۈيگە قاراپمۇ قويماي " ئادەتتىكىسى تىرىك ئادەمنى چىشلىمەس ، بىراق بۇ جايدىكى چىشلەمدۇ – چىشلىمەمدۇ ئۇنى بىلمىدىم . ھەي ! بۇ نەرسە ئادەتتە جەسەت توپلاشقان جايدا بولاتتى . ئۇلار نەگە ماڭغاندۇ ؟ ھەممىسى بىرلىكتە ئۆي كۆچىۋاتقاندىمۇ – يا ؟ " دىدى . [(_,\:L${
بوتۇلكا تۇيۇقسىز ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : " مەنچە ئۇلار بىر نەرسىدىن قورقۇپ قىچىۋاتامدىكىن....... " دىدى . OYt_i'Q
" نىمە ؟ قورقۇپ قىچىش ؟! " دىدى سىمىز ئاكۈي . " ئۇنداقتا بۇ ئۆڭۈرنىڭ ئىچىدە.... ؟ " #`gX(C>
بوتۇلكا بىشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ : " مىنىڭچە بىر نەرسە بىزگە قاراپ كىلىۋاتامدىكىن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنى ئىنتاھىن يوغان ......!! " دىدى . us?q^>u
0]*W0#{Zj
داۋامى بار ........ 1aS:bFi`
@d~]3T
كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى . wMN;<