ئىگىسى: bargiya

ۋاپا تۇپرىقى (بەرگىيە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begana يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 17:46
ھارمىغايسىلەر بەرگىيە ،يەنە بىرسى كىم ئىدى قانمۇ ،كان ...

ھۆرمەتلىك سىڭلىم بېگانە. قەدەم يەتسۇن بالا يەتمىسۇن. ئەمدى ئۇيغۇران بىلەن سوقۇشمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىز (گەرچە ۋەدە دېگىلى بولمىسىمۇ). قارىغاندا ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز. ئېسىلزادىلەر ئۇنۇتقاق كېلىدۇ ئەمەسمۇ. ئەمدى ئۇرۇشمايلى. چىمدىيمەن دېسىڭىزمۇ تۇرۇپ بېرىمەن ئۇكام، چىمدىشلىرىڭىزغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. نەۋاق بېقىنىمغا كۆك چۈشمىگىلى.
سۈزۈك بولۇپ ئىنكاس يازىدىغان يەرگە قۇلۇپ سېلىقلىق ئىكەن. قۇلۇپ ئېچىلغاندا پۇرسەت بولۇپ قالار.

باھا سۆز

begana  مەن يولدىشىمدىن باشقا ئادەمگە «ۋەدە»بەرمەيمەن .ھى ھىى ھى  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 14:18:34

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 21:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ياخشى چىقىپتۇ ...يەنىمۇ تىرىشىڭلار...

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 14:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahankezdi يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 19:39
بولسا ئاۋۇ ئىچكىرىگە ئوقۇشقا كەتكەن ئېكرام ئاندىن كىي ...

سالام جاھانكەزدى ئىسىمىڭىزغا لايىق جاھان كىزىپ كۆرگەن بىلگىنىڭىز كۆپ بولسا كىرەك ئويلىمىغان يەردىن شۇنداق بىر ئۆزگىچە تەكلىپ بىرىپسىز .مەن يەنە شۇنداق ئويلاپ قالدىم ئىكرامنىڭ ھىسىياتى ۋە ئويىنى بىر ئادەم يازسا،سەئىدەنىڭ ھاياتى ئىپادىسىنى يەنە بىر ئادەم ئىپادىلىسە كۇۋادىرات مۇھەببەت ھاسىل بولغان بولسا ھە  ..بولمىسا ئىكرامنى سىز يىزىڭ .سەئىدەنى مەن يازاي مەن سەئىدەدەك تىرىشچان ،كەمسۈز ،ئىغىر.بىسىق.. ئىسىل سۈپەتلىك بولغاندىن كىيىن..چەتنىڭ رادىئوسىدەك قىستۇرۇلۇپ باقمامدۇق؟

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 14:17:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 19:44
ھۆرمەتلىك سىڭلىم بېگانە. قەدەم يەتسۇن بالا يەتمىسۇن.  ...

ھە ئۇيغۇران تېشلىقتۇ؟بىز تونۇشامدۇق ؟ھە تونۇشىدىكەنمىز راسىت .بۇنىڭدىن كىيىن پات -پات دەستۇرخىنىڭىزغا داخىل بولۇپ قىلىشىم مۇمكىن سالغان دەستۇرخانغا لايىق نازۇ -نىممەتلەرنى يازالا بولمىسا پىكرىم ئوچۇق دەپ چىمدەپ سالماي...ئەتىرگۈل ،تۆتقۇلاق ،خىرۇستال قىز ،ئۇيغۇرئاي ،رىۋايەت ..كىلىڭلار يىكەندەزدا ئولتۇرۇپ بەرگىيەنىڭ چىيىنى ئىچىمىز.

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 00:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يوققو ئاخىرى...

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 12:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي  ،نىمىش بۇلۇپ كەتىتى ؟ بەرگىيە بىلەن ئۇيغۇران ئىككىڭلار تەكلىۋىمىنى قۇبۇل كۇرۇپ ئۇرۇمىچىگە كەتمىگەنسلەر؟

ئۈمىدلىك ئەزا

ســېــغــىــنــدىــم

UID
2069
يازما
144
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 22:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begana يوللىغان ۋاقتى  2013-7-10 14:17
ھە ئۇيغۇران تېشلىقتۇ؟بىز تونۇشامدۇق ؟ھە تونۇشىدىكەن ...

ھى ھى مانا كەلدىم بىگانە  بەرگىيەنىڭ خۇشپۇراق چىيىنى ئىچكىلى كەلدىم ....يۇقىرىغا ،يىكەندازغا چىقىڭە   سىزگە ئاۋال مەن بىر پىيالە چاي تۇتاي .......سىزنى كۆرۇپ بەك خۇش بولدۇم ....

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 23:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئۇششۇقلۇقۇم يۇققان سەئىدەرىمنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېلىپ بالدۇرلا ئورۇنغا كىرىپ يېتىۋالدىم. قىزلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەپتۇ.ئۇلار بەس-بەستە ئالغان كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئالغان گىرىم بۇيۇملىرىنى بىر-بىرىگە كۆرسىتىشىپ ياتاقنى بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈرۈۋىتىپ باراتتى. مېنىڭ باشقىچە جىمىپ يوتقان كىرىۋىلىشىم ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇۋەتتى. نەچچىسى مەن بىلەن چېقىشىپ مېنى سۆرەپ كارۋاتتىن چۈشۈرمەكچى بولۇشتى. بېشىمنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاران قۇتۇلدۇم بۇ قۇچقاچلاردىن. كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ياتاتتىم. كۆڭلۈمدىكى نامەلۇم بىر ھاياجان مېنى ھەم قىيناۋاتاتتى ھەم ئىچىمنى پۇشۇرۇۋاتاتتى. دەممۇ-دەم ئاپتوبۇستىكى شوپۇرنىڭ تورمۇز قىسىشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ قالغان مەن ۋە ئۇنىڭ قاپقارا قوشۇما قاشلىرى ئاستىدىكى ئوت چاقناپ كەتكەن كۆزلىرى ، بۇغداي ئۆڭ يۈز تېرىسىنىڭ كۈچلۈك ھاياجان ۋە تەۋرەش سېزىمى بىلەن تارتىشىپ لىپ-لىپ قىلىپ كېتىشلىرىگىچە شۇنچە ئېنىق ھالدا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى، جىلى بولاتتىم، ئىچىم سىقىلاتتى. كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمۇپ تۇرۇپ ئاۋازسىز غۇدۇراۋاتتىم. ئەسلىدە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك بۇ سىقىلىشلارنى سەكرەپ كارۋاتتىن چۈشۈپ قىزلارنىڭ يېڭى ئالغان كىيىملىرىنى كىيىپ مودىل بولۇپ ئوتتۇرىدا مېڭىپ ياڭزىسىنى چىقىرىپ بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ كۆز قارچۇقىدەك ئاۋايلاپ كېتىۋاتقان نازۇك نەرسىلىرىنى قوپاللىق بىلەن تارتىۋىلىپ چىرقىرىتىپ قىيناش .. قاتارلىق ئۇسۇللىرىم بىلەن يوقاتسام تامامەن مۇمكىن ئىدى. بىراق بۇ ئاسىي كۆڭلۈم شۇ تاپتا مېنى ھىچنىمە قىلماي دەممۇ-دەم ئاشۇ كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلگۈزۈپ، يۈرىكىمگە سىرغىپ كىرىۋاتقان نازۇك، سىررىدە قىلغان سېزىم ئارقىلىق ئۆزۈمنى قىيناشنى خوپ كۆرۈۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قۇلاقلىرىم دىڭ بولدى. مەۋلۈدە ھاياجان بىلەن بىرسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتى.
-بىز بىلەن قوشنا سىنىپنىڭ سىنىپ ھەيئىتىچۇ قىزلار..ھېلىقى يۇۋاش كۆرۈنىدىغان دىلدار بىلەن بىر يۇرتلىق بالا.. زۇلھاياتنىڭ تەكلىپىنى رەت قىپتۇ.
-قايسى زۇلھايات؟
-ۋاي ھېلىقى بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇيدىغان ئۈرۈمچىلىك مودىلچۇ؟
-ھە..ھە ئاشۇ قىزما..ئۇنداق ئەمەستۇ؟ئۇ قىز بەك چىرايلىق قىزغۇ؟
-ئۇ قىز قانداق ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ؟
-ۋايتوۋا..ئۇ بالىغا سىنىپىدىكى قىزلارمۇ بەك ئامراق دەۋاتاتتىغۇ..
-كۆرۈنۈشى بەكلا مۇلايىم ھە ئۇ بالىنىڭ
-زۇلھاياتنىڭ يېقىن دوستى شۇ بالا بىلەن بىر سىنىپتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى بەك يېقىنكەن، زۇلھايات ئۇ دوستىنى ئىزدەپ كىرىپ يۈرۈپ، ئاندىن ئۇلار بىللە بىر نەچچە قېتىم تاماق يەپ يۈرۈپ، ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمىش.
-ۋايتوۋا ھىچكىمنى نەزىرىگە ئىلماي تاقىلداپ يۈرىدىغان ئاشۇ زۇلھايات ھە؟
-زۇلھايات كەلتۈرۈپتۇدە ئۇ بالىنى..
-ياق..ياق،زۇلھايات كەلتۈرەلمەي يۈزى بەك چۈشۈپ كېتىپتۇ.
-ھەي،ھەي.. زۇلھايات بوش قىز ئەمەس جۇمۇ،چوقۇم كەلتۈرىدۇ.
چاچراپ ئورنۇمدىن قوپتۇم.
-نەدىن ئاڭلىدىڭ بۇ خەۋەرنى؟
ئۇلار چۆچۈپ كەتتى .
-ۋاي خۇدايىمەي، ئۇخلاپ قالدىمىكىن دىسەك پاراڭ تىڭشاپ يېتىپتىكەنسەندە قۇلاق موللىسى،-دىيىشىپ چۇرقىراشتى.
-ھەي ساراڭلار، زۇۋالدا قالغان قۇچقاچلاردەك چۇۋۇرلىشىپ ئولتۇرۇشساڭ ئۇخلىغىلى بولامتى؟
-ھى ھى..بايا شۇنچە قىلساق قوپقىلى ئۇنىمايۋاتاتتىڭ، پارىڭىمىزنىڭ قايسى تېمىسى سېنى قوپقۇزۇۋەتكەن ھە؟
نۇرسىما شەيتانلىق قىلىپ تىلىنى چىقىرىپ كۈلدى.
-بىزنىڭ دىلدارنىڭ ئەكرەم دىگەن ئۇ يىگىتكە كۆزى چۈشۈپ قالدىمۇ نىمە؟ ھى ھى..بىر يۇرتلىقى ئەمەسمۇ راست
-ئاغزىڭنى يۇم، كىمنىڭ كۆزى چۈشۈپتۇ ئۇ قارىۋايغا
-ھا ھا ھا..قارا كۆيدۈرەر ئاق سۆيدۈرەر دەپ ئاڭلىغان بولغىيتىڭىز دىلدارخان
-ۋاي،ئىچىمنى سىقمىغىنا..
جەھلىم بىلەن ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرغىنىمچە نۇرسىمانى تارتىپ كارىۋاتقا ئەكىلىپ ئاستىمغا بېسىۋىلىپ قىچىقلاشقا باشلىدىم.
ئۇ تەن بەرمەي قاقاقلاپ كۈلگىنىچە:
-دىمىدىممۇ، دىمىدىممۇ مانا دىلدارخان، تېزراق ھەركەت قىلسىلا، قولدىن كېتىدۇ ئاۋۇ يىگىتىڭىز..-دىگىنىچە تېخىمۇ جەھلىمنى قاتۇردى.
-ۋاي، ئۇ يىگىت زۇلھاياتتەك گۈزەللەرنى ياراتمايۋاتقان يەردە، دىلداردەك ئەكەك-زەدەككە قاراپ قويسا چوڭ گەپ.
قاچانلاردىدۇر ياتاققا كىرىپ قوشۇلغان قوشنا ياتاقتىكى، سىنىپتىكى ئەخمەتكە يېقىنچىلىق قىلىپ ھارمايدىغان دىلبەر دىمىقىنى قاققىنىچە شۇنداق دىدى. ياتاق بىردىنلا جىمىپ قالدى. ھەممەيلەن چۆچۈپ مېنىڭ بۇ گەپكە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمدىن ئەنسىرەشكەن ھالدا قاراپلا قېلىشقان ئىدى. مەن نۇرسىمانى قويۇۋىتىپ، دىلبەر تەرەپكە ئۆرۈلدۈم-دە، مەسخىرىلىك كۈلدۈم:
-خۇددى دىلبەر ئەخمەتكە قانچىلىك سۈركەشسىمۇ ئەخمەت ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي دىلدارغا يېپىشقاندەكمۇ؟-دىدىم.
-سەن...،-دىلبەرنىڭ چىرايى قىزىرىپ-تاتىرىپ نەچچە خىل رەڭگە كىرىپ كەتتى.
-مەن نىمە بوپتىمەن، گەپنى ئۆزىڭىز باشلىدىڭىز، تېگىشلىك توغرا جاۋابنى بەردىم شۇنداق ئەمەسمۇ؟
دىلبەر ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىكتەك جاھىللىق بىلەن ماڭا يۈزلەندى:
-بىڭسىڭ بولسا قېنى شۇ زۇلھاياتتەك گۈزەلگە نەزەر كۆزىنى سالمىغان ئەكرەمنى كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟
-ھىم، ئالدى بىلەن ئەكرەمنى يارىتامسەن دەپ سوراڭ!
دىلبەر بىزنىڭ بۇ جىددىيلىك بىلەن باشلانغان ئويۇنىمىزنىڭ قانداقتۇر قىززىق بىر مەيدان تاماشىغا سەۋەب بولغانلىقىغا چىن پۈتۈپ، ھىچقايسىمىزغا يان باسالماي تۇرۇپ قېلىشقان قىزلارغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلدى:
-ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ غۇلجىلىقنى پو ئاتىدۇ دىسە قانچىلىكلىكىنى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن. ما گەپكە ئۆلەيمۇ يا كۈلەيمۇ، مەكتەپتىكى ئەڭ چىرايلىق قىز نامزاتى بولغان ئاشۇ زۇلھاياتقا نەزىرىنى سالمىغان ئەكرەمنى ياراتماسمىش تېخى...
گېپىنىڭ ئايىغى چۈشمەستىنلا چامداپلا ئالدىغا باردىم-دە، ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسدىن قاماللاپ تۇتقىنىمچە يۈزىنى يۈزۈمگە يېقىن ئەكەلدىم. مېنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بۇ ياۋايى ھەركىتىمدىن رەڭلىرى ئۆچۈپ كەتكەن دىلبەرنىڭ ۋىجىك گەۋدىسى پۈكلەنگىنىچە يۇلقۇشلاندى. ئۇنىڭ يۈزىنى يېقىن تۇتۇپ تۇرۇپ قورقۇنچ ۋە ئالاقزادىلىكتىن پارقىراپ كەتكەن كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دىدىم:
-قورقما خېنىم. سېنى يىمەيمەن. يىيىشكە توغرا كەلسىمۇ سەندەك پۇراپ قالغان ئەتكە تاۋىم يوق مېنىڭ، بىراق قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، مەن دىلدار ئەكرەمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلالايمەن، ئاڭلىدىڭمۇ؟ بىلىپ قال، مەن كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن چاغدا ئۇنىڭ كۈلىگە قاراپ پەرياد ئۇرما بولامدۇ؟
ئۇنى خۇددى ئەسكى لاتىنى تاشلىغاندەك زەرپ بىلەن ئىتتىرىپ قويۇۋەتتىم. ئۇ دەلدۈگلەنگىنىچە بېرىپ كەينىدىكى كارۋاتقا يىقىلدى. مېنىڭ دەماللىق قىلغان ئەسەبىي ھەركىتىم زەربىسىدىن ئۆزىنى ئوڭشىيالمىغان ھالدا، بىزگە قاراپلا قالغان قىزلارغا قاراپ ئاجىز ئاھاڭدا ئىڭرىدى:
- قىزلار...
قىزلار مېنىڭ ئوت چاقناپ كەتكەن كۆزلىرىمدىن ئەيمەنگىنىچە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇراتتى. ئۇلارغا قاراپ كۈلدۈم:
-ھوي قوزىلىرىم، نىمە بولدۇڭلار، كەمىنە دىلدارنىڭ بۇنداق ئەسەبىيلىكلىرىنى كۆرمىگەنمىتتىڭلار، ھەجەپ جىمىپ كېتىشتىڭلارغۇ، سىلەر گۇۋاھچى بولۇڭلار ھە تاتلىقلىرىم. مەن دىلبەرگە قىلغان گېپىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمەن.
مەۋلۈدە ئاستاغىنە قېشىمغا كېلىپ:
-دىلدار، نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
-نىمە دىمەكچىسەن؟
-دىلبەرنىڭ گېپىگە خاپا بولساڭ مەيلى، بىراق ئۇنىڭلىق بۇ ئويۇننى ئويناپ دەيمىنا..
-ئەنسسىرەۋاتامسەن ئومىقىم، دىلدار دوستۇڭنىڭ ھىچكىمدىن قالغۇچىلىكى يوق، ئورۇنسىز كەمسىتىشلەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
-دىلدار، دىمەكچى بولغىنىم سەن زۇلھاياتتىن چىرايلىق بولساڭ چىرايلىقكىن سەت ئەمەس، قارىغىنە سېنىڭ ماۋۇ قايرىلما كىرپىكلىك كۆكۈش كۆزلىرىڭگە،- ئۇ ئۈستەلدىكى چوڭ دۈگىلەك ئەينەكنى قولىغا ئالدىدە، يۈزىنى يۈزۈمگە يېقىپ ئەينەككە قاراتتى،- كۆزلىرىڭنىڭ تېگىگە چۆكۈپ كەتكەن ئادەم مەڭگۈ چىقالمايدۇ، ماۋۇ ئاپئاق تېرە، ماۋۇ ئېغىز-بۇرۇنلار خۇددى ئۇستا سەنئەتكار سىزغان چەتئەل قونچاقلىرىدەك تۇرساڭ، كىمنىڭمۇ ئىچى كۆيمەي تۇرالىسۇن، بىراق شۇ دىمەكچى بولغىنىم، سەن..
-ئۈش..قولۇمنى ئۇنىڭ نېپىز لەۋلىرىگە باستىم،- قىزلارغا خاس نازاكەتلىك، سىلىق-سىپايە ئەمەس دىمەكچىمۇ سەن؟ ھا..ھا... دىلدار مۇشۇ تەرەپتىن باشقا قىزلاردىن ئارتۇق تۇرالايدۇ.شۇنداق بولسۇن،ئېشىپ كەتسە كېلەركى مەۋسۇمنىڭ ئاخىرىغىچە...
قىزلارنىڭ ھەممىسى چۇرۇقلىشىپ ئەتراپىمىزغا ئولاشتى.
-دىلدار،راست شۇنداق قىلامسەن؟ ئۇ بالىنى بەك يۇۋاش كۆرۈنگىنى بىلەن نەزىرى ئۈستۈن دەپ ئاڭلىدۇق.
-ھەي ئۇ بالا دەرستە بەك ياخشىكەن، ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن كەپتىكەن، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئەيمىنىپ پاراڭ قىلىدىكەن.
-ھەي، ئۇ بالىنى شېئىر يېزىشتا، ھىكايە يېزىشتا تالانتى بار دەيدۇ. يەنە تېخى نەچچە ھىكايىلىرى، شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپتىكەن..
قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاۋۇشىدىن مەندىن ئەنسىرەش،مېنىڭ بۇ شوخ،ئويۇن قېپى،ئوغۇل بالىچە مىجەزىم بىلەن بىراۋلارنىڭ قەلب قەسرىگە بوسۇپ كىرىپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىشىمگە بولغان ئىشەنچسىزلىك ۋە ئەنسىرەش بار ئىدى. قىززىق، ئۇلار مېنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرۈدۇيۇ، ئوغۇللارنىڭمۇ مېنى شۇ قەلب، شۇ كۆڭلى بىلەن ياخشى كۆرەلىشىگە ئىشىنەلمەيدۇ. ئەينەكتىكى بىر توپ گۈللەر ئارىسىدا تۇرغان مەن ئاللاھ ئىلتىپات قىلغان، مەۋلۈدە تەسۋىرلىگەن سەنئەت رەسىمىگە ئىشەنچ بىلەن تىكىلگىنىمچە كۈلۈمسىرىدىم.
-قېنى كۆرەرمىز، قىزلار سىلەر گۇۋاھ بولدۇڭلار ھە، مەۋسۇم ئاخىرىغىچىمىش تېخى مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە قايرىلىپ بىر قارىتالىسا چوڭ گەپ.
دىلبەرنىڭ كەينىمىزدىن چىققان زەھەرخەندە ۋە چىدىماسلىققا تولغان ئاۋازى بۇ ياتاقتا يەنە ئۇنىڭمۇ بارلىقىنى سەمىمىزگە سالدى. بىز قاقاقلاپ كۈلگىنىمىزچە غۇدىرىغىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كېتىۋاتقان دىلبەرگە پەرۋامۇ قىلمىدۇق.

-ساراڭمۇسەن؟
تېخى بايىلا بازار ئايلىنىپ ئۆزىمىزگە خوپ كەلگەن چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىشىپ خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغان پەرىدە قىزلاردىن ئاخشامقى قىززىق ئويۇننى ئاڭلاپ ماڭا ئاچچىقلاندى.
-نىمە بوپتۇ؟
پەرۋاسىز ھالدا ئولتۇرۇپ بازاردىن ئالغاچ كەلگەن شىمىشكىنى چېقىۋەردىم.
-ھەي، دىلبەر دىگەن ئەخمەتنىڭ ساڭا قىلغان يېقىنچىلىقلىرىغا ئىچى ئاداپ ئولتۇرالمايدىغان تۇرسا، ئادەتتە سەندىن قورقۇپ ساڭا ھىچنىمە دىيەلمىگىنى بىلەن سېنىڭ دوستۇڭ دەپ ماڭا قىرىچە-يېنىچە تېگىپ يۈرۈدۇ ئۇ، نىمە دىسە دىمەمتى ھەر نىمە دىسە ساڭا بولغان چىدىماسلىقىدىن دەيدىغان تۇرسا، ئۇنىڭ شۇ گېپى ئۈچۈنلا بۇ ئويۇندا رول ئېلىش زۆرۈرمىتتى؟
-سەنمۇ ئىشىنەلمەيۋاتامسەن؟
نارازىلىق تېشىمغا تەپتى. نىمە بولغان بۇلارغا...
-ياق، مەنغۇ ئىشىنىمەن. چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ ئادەمنىڭ ھەم ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ھەم ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان مىجەزىڭگە مەنمۇ كۆيۈپ قېلىپ كەينىڭدە سايىدەك ئەگىشىپ يۈرۈۋاتىمەنغۇ مانا.
ئۇنىڭ ھەم تەنە ھەم راستچىللىق ئارىلاشقان سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلدۈم.
-دىمەك، سىزنىڭ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشىڭىزنىمۇ دوستلۇق دەپ چۈشەنمىسەم بولىدىكەندە شۇنداقمۇ؟
-ھەي،ھەي گەپنى تەتۈرگە بۇرىما دەيمەن.
-نىمە دىسەڭ دىگىن، ئىشقىلىپ مەن باغلىشىپ بولدۇم، يەنە تېخى ياتاقتىكى ماۋۇ ئۇششۇقلار مەن ئەكرەمنى كۆيدۈرۈپ ئۆزەمگە تەلەپ قويغۇزالمىسام مېنى قاتتىق يىقىتىدىغان بولدى، ھى ھى،، يەنە تېخى بىر ئامال قىلىپ ئەخمەت بىلەن دىلبەرنىڭ تويىنى قىلىپ قويىدىغان بولدۇم. ھا ھا ھا
-ساراڭ بوپسەن نەق ساراڭ بوپسەن،-پەرىدە ئاخىرقى سۆزلىرىمدىن تېخىمۇ ساراسىمگە چۈشكەن ۋە ھەيران قالغان ھالدا ماڭا كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
-قورقما ئومىقىم، ئەكرەمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتەلەيمەن.
-ھە بوپتۇ، ئۇنىغۇ شۇنداق قىلىپ، دىلبەرنىڭ گېپى ئۈستىدىن غەلىبە قىلارسەن ،ئاندىنچۇ؟ ئۇنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەندىن كېيىن شۇ كۈلنى سورۇۋىتەمسەن؟
مەن ئەندىككىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. شۇئان ئاپتوبۇسنىڭ سىلكىنىشى ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا كۆزلىرىمىز، يۈزلىرىمىز، لەۋلىرىمىز شۇ قەدەر يېقىن ھالەتتە سىكۇنىت تۇرۇپ قالغاندىكى كۆرۈنۈش لاپپىدە كۆز ئالدىمدىن كەچتى. كۆڭلۈم يېنىك تەۋرىنىپ، يۈرىكىمگە ئىسسىق بىر ئېقىم كىرىپ پۈتۈن بەدىنىمگە يامرىدى. قانداقتۇر بىر ھالسىز تۇيغۇدا بوشىشىپ كەتتىم.
-بىلمەيمەن ،- دىدىم بوشقىنە.
-بۇ قانداق گەپ دىلدار، بۇ كۆيدۈرۈش كۈل قىلىش ھەرگىزمۇ ئويۇن ئەمەس، ھەي قىزلار،سىلەرمۇ نىمە تاڭگا چىشلىۋالغاندەك بۇ ئىككىسى شۇنداق دىيىشىپ كېتىۋاتسا بولدى دەپ بېسىشنىڭ ئورنىغا ھە دەپ كۈلۈشۈپ تۇردۇڭلارمۇ؟ بۇ ئويۇن ئايىغى چىقماس بىر ئويۇن. شۇنداقلا مۇھەببەت ھىچقاچاندا ئويۇن بولۇپ قالغان ئەمەس.
قىزلارنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك سەزدىم. شۇئان تۇيۇقسىز يېڭى يىل كېچىلىكىدىكى ئەكرەمنىڭ «بارچە كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن قوشۇپ سىزنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكۈم بار»دىگەن گېپى ۋە ئاخشامقى دىلبەرنىڭ «قېنى كۆرەرمىز، قىزلار سىلەر گۇۋاھ بولدۇڭلار ھە، مەۋسۇم ئاخىرىغىچىمىش تېخى مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە قايرىلىپ بىر قارىتالىسا چوڭ گەپ.» دىگەن گېپى ئالمىشىپ جاراڭلاشقا باشلىدى. قانلىرىم قىززىپ ئەسەبىي جاھىللىقىمغا قايتتىم.
-بولدى، بولدى. نىمىگە شۇنچە چېچىلىسىەن پەيلاسۇپ؟ بۇ ئويۇننى سەن ئەمەس مەن ئوينايمەن. باشقا ئېلىپ چىقالمىسام يۈزى يەرگە چۈشىدىغىنى سەن ئەمەس مەن.
-سەن؟
ماڭا كۆيۈنۈپ سۆزلەۋاتقان پەرىدەنىڭ بىردىنلا جۇدۇنى ئۆرلىدى:
-ھەي مەن ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ دەۋاتىمەن. ساڭا كۆيۈنمىسەم نىمە قىلىمەن بۇ گەپلەرنى دەپ
-ماڭا كۆيۈنمە بولدى!
تەتۈرلىكىمگە ئالدىم. ئۇ خۇددى سەئىدەدەك ئالدىمدا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى جاڭڭىدە يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتى. قىزلار نىمە قىلىشىنى بىلمەي ماڭا قاراپ مۈرىلىرىنى قىسىشتى. ئۇلارغا قاراپ ھىچنىمە بولمىغاندەك قېشىمنى لىككىدە ئاتتىم-دە:
ـ ماڭا كۆيۈنگەن ئۆزى ساراڭ،- دەپلا قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدىم.
ھەم ھاياجان ھەم جىددىيلىك بىلەن كۈتكەن يېڭى يىل كېچىلىكىمىزنى باشلىدۇق. مەن ئارقا تەرەپتە مۇئەللىمنىڭ بىر مۇنچە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلىغاچ سەھنىگە ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتى ئېلان قىلىنغاندا چىقتىم . سەھنىگە چىقىپ ئولتۇرغانلارغا سالام قىلىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۆز سىنىپىدىكىلەر قاتارىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە ئولتۇرغان ئەكرەمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بىردىنلا ھودۇققاندەك بولدۇم. ھىچقاچاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ ۋە سۆز قىلىپ بۇنداق ھودۇقۇش سېزىمىدە بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن. پۇتلىرىمنىڭ يېنىك تىترەۋاتقانلىقىنى، يۈرەك رېتىمىمنىڭ قالايمىقان سوقۇپ كەتكلەنلىكىنى سېزىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ ناخشامنى باشلىدىم. گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىدىن چۈشۈۋىتىپ ئۇنىڭمۇ قىزغىن چاۋاك چېلىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئارقىدىن ئوينالغان ئۇ تېكىستىنى يازغان ئىتۇت ئويۇنغا جان قوشۇۋەتتى. ئۇنىڭغا يارايسىز دەپ ئىشارە قىلىپ بولۇپ ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىسام نۇرسىما ماڭا قاراپ بېشىنى چايقاۋىتىپتۇ.
ئەكرەم بۈگۈن قارا-كۆك كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ ئادەتتتىكى كۈنلەردىكىدىن تولىمۇ سالاپەتلىك بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ھالىتى بىلەن قېتىپ يۈرىدىغان مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئۇ راستىنلا تانسا ئۇقمايدىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئۈگەتكەن بولدۇم.ئىشقىلىپ بۇ يېڭى يىل كېچىلىكى بىزنى ئوبدانلا يېقىنلاشتۇرغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ خېلى بىر نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. مەن تېخى ئوق ئاتماي تۇرۇپلا بۇ بايقۇشغا غايىپ ئوق تەگكەندەك تۇراتتى.
يېڭى يىل كېچىلىكىدىن قايتىپ ياتاققا كىردۇق قىزلار چۇۋۇرلاشقىنىچە ماڭا يېپىشتى:
-توۋا..توۋا.. دىلدار قانداق سىھىر ئىشلەتتىڭ؟ قايسى كۈنى پەرىدە ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى دۈشمەندەك كۆرۈشىدۇ، بۇنداق ئىش مۇمكىن بولمايدۇ دەپ بەك چىچاڭشىپ كېتىۋاتاتتى. بىراق بۈگۈن ئەكرەم سەندىن كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدىغۇ؟
-ئەسلى دىلدار ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ تېخى، بىر يۇرتلىق ئەمەسمۇ، شۇڭا بۇ بىزنى كولدۇر قاپاق قىلغان گەپ
-ياق ئۇنداق ئەمەس، پەرىدەنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئىككىسى مەكتەپكە كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ بىر-بىرىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىشىپتىكەن.
-ھى ھى، ئەسلى دىلدار دىلبەرنىڭ گېپى ئۈچۈن ئەمەس ئاشۇ دۈشمەنلىكى ئۈچۈن شۇ گەپنى قىپتىكەندە.
-ھەي توۋا دەيمەن، ئوغۇللارنىڭغۇ پالانچى قىزنى بىر ھەپتىدە، بىر ئايدا قولغا كەلتۈرۈمەن چوقۇم دەپ بەسلىشىپ مۇنداق قىپتۇ، ئۇنداق قىپتۇ دىگىنىنى ئاڭلايتتۇق بىراق بۇ قىز بالا تۇرۇپ ...
پەرىدە بېشىنى چايقىغىنىچە كارۋاتتا ئولتۇردى. مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئۇنىڭ يېنىغا قىستىلىپ ئولتۇردۇم:
-مېنىڭ ئاي يۈزلۈك پەرىرىم، نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيسەن؟
(بىز ھېلىقى كۈننىڭ ئەتىسىلا ئەپلىشىپ قالغان بولساقمۇ ئۇ شۇندىن بېرى ئۇھسىنىپ يۈرەتتى)
-ئىشەندىم، ئىشەندىم، بۈگۈنلا ساڭا قول قويدۇم دىلدار،- ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى، ئارقىدىن قىزلارغا بۇرۇلۇپ،- بىز ھەممىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇپ، بىر ياتاقتا يېتىپ، بىر قازاننىڭ تامىقىنى يىيىشىپ ئۆتۈۋاتقان دوستلاربىز، جانجىگەرلەربىز. بۇ ئويۇن غەلبە قىلسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن، بۇ ئويۇننىڭ ئەسلى سىرىنى قايسىمىز ئېچىپ قويۇدىكەنمىز شۇنىڭغا مىڭ لەنەت بولسۇن، قانداق دىدىم دوستلار؟
-ئەلۋەتتە..،- قىزلار دىيىشىۋالغاندەك تەڭلا جاۋاب بېرىشتى.

كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. ئەكرەمگە بولغان دۈشمەنلىك نەزىرىمنىڭ ئورنىنى، ئۇنى كۆرگەندە يەر ئاستىدىن قىيا بېقىپ كۈلۈمسىرەش ۋە باش لىڭشىتىشىپ سالاملىشىش، توختاپ ئەھۋال سورىشىش ئالغان ئىدى. گەرچە قىزلارنىڭ ئالدىدا پوچىلىق قىلىپ ئۇنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىمەن دىگەن بولساممۇ بىراق ئەكرەمدىن ئىبارەت بۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، قىزلاردىن بەكرەك كىتاب دەپتەرگە نەزىرىنى ئاتىغان يىگىتنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىش ئۇنچىمۇ ئاساندەك قىلمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا قاراشلىرى شۇنچە ئوتلۇق بولسىمۇ بىراق بۇ ئوتلارنى توسۇپ تۇرىدىغان مۇزدەك بىر تارتىنىشمۇ مەۋجۇت ئىدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مېنىڭ رولنى ئوبدان ئېلىشىم شۇنداقلا مېنى كۆرسە ھۇدۇقۇپ سۆزلىرىنى تاپالماي قېلىشقا باشلىغان، مېنى يىراقتىن كۈزىتىپ تۇرغاندەك بىلىنگىنى بىلەن ئۇچراشقانلىرىمىزدا كۆرمەسكە سېلىپ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىدىغان يىگىتكە مەن ئاۋال تەشەببۇسكار بولۇپ سۆز قىلمىسام، يېقىنلاشمىسام بولمايتتى. ئەلۋەتتە كۆرۈنەرلىك ھالەتتە چەك-چىگرىمىزدىكى مۇزلارنى ئېرىتىشقا سەۋەب بولغان ھېلىقى ئاپتۇبۇس ۋەقەسى ۋە يېڭى يىل كېچىلىكىدىن كېيىن بىز بۇرۇنقىدەك دۈشمەنلىك قىلىشمىساقمۇ بىراق تېزلا يېقىنلىشىپمۇ كەتمىدۇق .
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا قىزلار بىلەن مەكتەپ ئاشخانىسىغا كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يان كوچىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. پەرىدەگە ئالدىمىزدىكى قىزلارغا يېتىشىۋىلىشنى ئېيتىپ قويۇپ ئۇنى ئۆزۈم يالغۇز ساقلاپ تۇردۇم. ئۇ شۇنداق ئېغىر خىيال بىلەن كېلىۋاتاتتىكىن گەپ قىلمىسام مېنىمۇ كۆرمەي ئۆتۈپ كېتىشى بار ئىدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇرتدىشىم؟
ئۇ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى.
-يەردىن ئالتۇن تېپىۋالىدىغاندەك قىدىرىپ ، تەكشۈرۈپ مېڭىپسىزا؟
جىم تۇرماس ئېغىزىم يەنە ئېچىلدى.
-ھە..شۇ..شۇ
ئەكرەم نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئىختىيارسىز قىزىرىپ كەتتى.
-تاماققا ماڭدىڭىزمۇ؟
مەن ئۇنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇردۇم.
-ھەئە
-مەنمۇ ماڭغانتىم، بىللەتاماق يەيلىمۇ؟
-ماقۇل
ئۇ جۇرئەت بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. مەن ئۇنىڭغا ياندىشىپ ماڭغاچ يېڭى يىل كېچىلىكىدىكى ئۇنىڭ يازغان ئىتۇتى ھەققىدە پاراڭلىشىشقا باشلىدىم. ئىككىمىز ئاشخانىغا بىللە كىرىپ كەلگەندە قانچە جۇپ كۆزلەرنىڭ بىزگە تىكىلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. بولۇپمۇ بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇشقان بىزىنىڭ ياتاقنىڭ قىزلىرى بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ، بىر-بىرنى نوقۇشۇپ كۈلۈشۈۋاتاتتى. مەن چاندۇرماي ئۇلار تەرەپكە قاراپ خەپشۈك ئىشارتىنى قىلىۋەتتىم-دە ،ئۇنىڭ بىلەن تاماق ئېلىش ئۈچۈن ماڭدىم.
ئىككىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتۇق. تاماق ۋاقتىمىزمۇ ئادەتتىكىدىن ئۇزىراپ كەتتى. ئۇنىڭدىن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى سورىسام ئۇ ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاساسەن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئورۇنسىز بازار چۆرگىلەش ۋە ئويۇن-تاماشا بىلەن بەك ئارىلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ ئەدەبىي كىتابلار ھەققىدە شۇنداقلا كەسپىي كىتابلىرىمىز ھەققىدە سۆزلەشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇمەن. دەرس ئوقۇش ماڭا خۇشياقمىغىنى بىلەن ئويۇن-تاماشا دىسە جانلىرىم يايراپ كەتكىنىگە ئوخشاش، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بىراۋغا تىكىلىپ قاراپ گەپ قىلىشقا خېلى جۈرئىتىنى ئىشقا سالىدىغان ئەكرەم ئۆزى قىزىقىدىغان پاراڭ تېمىسىدا بۆلەكچىلا ئېچىلىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟! يۈرىكىمدە قەلبىمدە ئۆزۈممۇ سېزىپ يىتەلمەيۋاتقان، ئەيمىنىۋاتقان ئىسسىققىنە بىر ئېقىم. ئەكرەم ئىنچىكىلەپ قارىغان كىشىگە بەكلا يېقىملىق تەسىرات بېرىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، جىددىي ۋەزنىلىك ئاھاڭدا سۆزلەشلىرى....
مەن تۇنجى قېتىم رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى شۇنچە ئۇزۇن ئاڭلاپ ئولتۇردۇم.
مانا شۇ قېتىمقى پاراڭلىشىشتىن كېيىن بىز تەبىئىيلا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتتۇق. ئەندى ئۇمۇ مېنى كۆرگەن يەردە قاچمايدىغان، ئىلاجى بار مېنىڭ بارىدىغان، ماڭىدىغان يوللىرىمدا نىمىلەرنىدۇر باھانە قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ئويۇن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوينىلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە قىشلىق تەتىل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
ياتاقتا ئولتۇرۇپ چامىدانىمدىكى نەرسىلىرىمنى رەتلەۋاتاتتىم، قوشنا ياتاقتىكى قىز ئىشىكنى ئېچىپ چاقىردى.
-دىلدار سىزنى سىرتتا بىر ئوغۇل چاقىرىپ قويۇڭ دىگەن ئىدى.
مەن ئالمان-تالمان رەتلەۋاتقان چامىدانىمنى تاشلاپ قويۇپ چاپىنىمنى كىيدىم-دە، تۆۋەنگە چۈشتۈم.
ئىشىك ئالدىدا سۇغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئەكرەم مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئىشقىلىغىنىچە تۇرۇپتۇ.
-نىمە بولدى؟
ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپلا سورىدىم.
-يۇرتتىكىلەر قايتىشقا ئاپتوبۇس كۆتۈرە ئاپتىكەن، سىزنىمۇ شۇ ئاپتوبۇستا قايتامدۇ بىلىپ باقاي دەپ چاقىرتقانتىم.
-ئەلۋەتتە بىللە قايتىمەن.
-ئەمىسە مەن تىزىملىتىۋىتەي ھە!
-ھەئە، پۇلنى يىغىدىغان ۋاقىتتا خەۋەر قىلىپ قويارسىز!
-ماقۇل!
ئۇ ئۆرۈلۈپ ئارقىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ يەنە يۈرىكىمدە مەن ئېتىراپ قىلىشتىن چۆچۈيدىغان ،يازنىڭ سەلكىن شامىلىدەك شۇ قەدەر ھۇزۇرلۇق، ئەتىرگۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدىدەك يېقىملىق بىر خىل تۇيغۇنىڭ باغرىمنى بوشقىنە سىلاپ ئۆتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. ئۇ يول بويى ئوغۇللارغا خاس بولغان ھىمايە قىلىش رولى بىلەن ماڭا بەكلا كۆيۈنۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى، قاراشلىرى، كىچىككىنە ھەركەتلىرىدىنمۇ ئالەمچە مىھىر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قىلغان سىلىق مۇئامىلىلىرىم، قايرىلىپ قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈشلىرىم، مۆرىتى كەلگەندە كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ كۆزلىرىمدىن ئوق ئېتىشلىرىمنىڭ كەينىدە ياتاقتىكى قىزلارغا ۋەدە بەرگەن ئويۇننى چىڭغا چىقىرىش مۇددىئايىم بولغىنىغا قارىماي ئۆزۈمنىڭمۇ ئاجايىپ سىھىرلىگۈچى تۇيغۇلار قوينىغا بەكلا تاتلىق شېرىن سېزىم بىلەن بۆلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىمنى جاھىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلماسلىققا ئۇرۇناتتىم. شۇنداقلا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئاشۇ قاراشلىرى، ئاشۇ كۆيۈملىرى ئالدىدا گۇناھكاردەك ھىس قىلاتتىم. ئەجىبا، پەرىدە ئېيتقاندەك بۇ ئويۇن چىڭغا چىققاندىن كېيىن ئويۇن تامام بولدى دەپلا پېشىمنى قېقىپ كېتىپ قالالارمەنمۇ؟
خىياللار ئىلكىدە قىينىلىپ يۈرۈپ يۇرتۇمغىمۇ كېلىۋالدىم. ئالدىمغا قۇچىقىنى كەڭ يېيىپ چىققان دادام، مىھىرلىك كۆزلىردىن شەبنەم كەبى ئۈنچىلىرىنى تۆككىنىچە باغرىغا مېنى سولىغان ئاپام، مېنىڭ مەكتەپتە چاتاق چىقارماي، تېلېفۇندا ھە دىسە كۆنمىدىم دەپ يىغلاپ قەغىشلىك قىلماي ،بىر ئوبدان بىر مەۋسۇمنى پۈتتۈرۈپ كەلگىنىمدىن ئالەمچە خۇش بولغان ئاكىلىرىم ۋە «ھەدەمدەك تەلىيىم بولسا مەنمۇ ياخشى ئوقىماي يۈرۈپمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كېتىمەن» دەپ ھەممىنى ساراسىمىگە سالىدىغان چاقچاقلىرى بىلەن ماڭا ئېسىلغان ئۇكام.... بۇلارنى رەت-رەت باغاشلىدىم، ھىدلىدىم، سۆيدۈم...كۆڭلۈمدىكى بارچە خىياللار كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك يېنىكلەپ قالدىم. بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىپ تۇرۇشۇم بىلەن پايپاسلاپ يېتىپ كىرگەن سەلىمە ھەدەمگە سەئىدەنىڭ سالىمىنى ،ئۇنىڭمۇ كېلەركى ھەپتىدە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ مۈرىلىرىگە ئېسىلىپ قىزىنىڭ سېغىنىشىنى ئاز بولسىمۇ باستىم.
ئۇھ..ئۆز يۇرت،ئۆز ئۆي نىمىدىگەن راھەت ھە،
ھاردۇق ئېشىنى ئىچىپ بولۇپ ئاپامغا ئەركىلىگىنىمچە ئۆزۈمنى تاشلاپ يېتىپ تازا ئۇخلاپتىمەن.

-ھەي جۈرە ،ئىكرام قايتىپ كەپتۇ،كۆرۈشۈپ كېلەيلى!
تازا قىززىق بىر كىنو كۆرۈۋاتسام سەئىدە يۈگرەپ كىرىپتۇ ھاياجان بىلەن.
ۋاي-ۋۇي، ماۋۇ كىنو ئۆتۈپ كېتىدۇ.
-كەچكىچە كىنو، كىنولا دەيدىكەنسەن، كىنو ساۋاقدىشىڭدىنمۇ مۇھىممىتى؟
-ۋاي كىنورىم تۈگىگەندىن كېيىن بارساق بولمامدۇ، ئىكرامنى بىرسى بۇلاپ كەتمىگەندىن كېيىن؟
-بارمامسەن؟ ئىچكىرىدىكى مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھىچقايسىسى قىشلىق تەتىلدە كەلمەيدىكەن. ئىكرام چوقۇم بىزنى سېغىنىپ قايتىپ كەلدى.
ئۇنىڭغا قاراپ ئالايدىم:
-ھەي ئىكرام سەۋداسى، ئۇ ئاتا-ئانىسىنى، يۇرتىنى سېغىنىپ قايتىپ كەلمەي بىزنى سېغىنىپ كېلەتتىما؟
-مەنچە چوقۇم شۇنداق، ئىشقىلىپ ھەممىسى بىر گەپ
شۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرى بۆلەكچە چاقناپ كەتتى. ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىم. ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن ئىكرام بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم. ئىكراملارنىڭ كوچىسىدا ئىكرام بىر نەچچە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىكەن، بىزنى كۆرۈپلا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېشىمىزغا كەلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟
-خۇداغا شۈكرى، بىز ياخشى، ئۆزەڭچۇ؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ۋۇي ئىچكىرىنىڭ ھاۋاسى ياقمىدىمۇ نىمە ئورۇقلاپ كېتىپسەنغۇ؟
سەئىدە چۇلدۇرلاپلا كەتتى.
-ھەئە شۇ كۆنۈپ بولالماي،- ئىكرام يەر تېگىدىن ماڭا لاپپىدە قارىدى-دە، قىزىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ  ھۇدۇقۇپ تەمتىرەشلىرى قالماپتۇ-دە، شۇنى ئويلاۋىتىپ بىردىنلا كۆز ئالدىمغا ئەكرەمنىڭ ماڭا گەپ قىلىش ئۈچۈن تەمشىلىۋىتىپ، ئىختىيارسىز قىزىرىپ كۆزلىرىنى ئىپقاچقان ھالەتلىرى كۆز ئالدىمدىن كېچىپ، يۈرىكىم قانداقتۇر بىر سېزىمدىن بىر خىللا بولۇپ قالدى.
-سىزمۇ ياخشى تۇرغانسىز؟
ئىكرامنىڭ سۇئالى بىلەن ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم.
-خۇداغا شۈكرى مەن ياخشى . سەن ئورۇقلاپ قالغىنىڭ بىلەن خېلى ئاقىرىپ قاپسەن،-چاقچاق قىلغاچ كۈلدۈم.
-شۇ،شۇ،-ئىكرام نىمە دىيشىىنى بىلمەستىن ماڭا قوشۇلۇپ كۈلدى.
-ئىكرام ،قانچە كۈن تۇرىسەن؟
-9 كۈن.
-ۋاي خۇدايىمەي شۇنچە قىسقا ۋاقىتقىمۇ كەپسەن ئاۋارە بولۇپ.
-ھە،ئە شۇ كەلمەي دىسەم سىلەرنى بەك سېغىنىپ كېتىپتىمەن.
-بىزنى سېغىنىپ دىگىنە!
سەئىدە ھاياجان بىلەن ماڭا «قانداق» دىگەندەك لاپپىدە قاراپ قويدى.
ئىكرام ماڭا قىيا قاراپ قويۇپ ھەئە دەپ باش لىڭشىتتى.
ئۇ ئىككىسى خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى. مەن «ئىكرامجان يا سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرىپ پاراڭلىشايلى، يا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىڭلار پاراڭلىشىدىغانغا سورۇن قۇرۇپ بېرەي!» دىمىسەم بۇ سۇغۇقتا كاچكۇلدىكى مۇزدەك قانچىلىك قېتىپ تۇراتتىمكىن يەنە تېخى سەئىدەنىڭ ئايرىلغۇسى يوق ماڭا خاپا بولۇپ يۈرىدۇ، بۈگۈن ھەجەپ جىمغۇر بولۇپ كېتىپسەن، ئۆيگە ئالدىراپ گەپنىمۇ گەپ قىلغۇزمىدىڭ دەپ.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتۈپ بىر دەمدىلا تەتىل ۋاقتىمىز توشتى. ئىكرام ئالدىنقى ھەپتىدىلا كېتىپ قالغان. ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇچراشتۇق، ئۇنىڭ ماڭا قانداقتۇر بىر گېپى باردەك ھىس قىلىپ قالدىم. سەئىدەگە پاراڭ قىلىۋىتىپ ماڭا يەر تېگىدىن قارايدۇ. سەئىدە ئارقىلىق مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن قانداقتۇر نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەركەت ئىپادىلىرى، قاراشلىرى ھەر قېتىمدا ماڭا ئەكرەمنى ئەسلىتىپ قوياتتى. قىززىق، ئىككىسى ئىككى ئادەم بولغىنىغا قارىماي ئوخشاپراق كېتىدىغان (ئەكرەم ئىكرامغا قارىغاندا خېلىلا جۈرئەتلىك) مىجەزلىرى، ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشلىرى ۋە ماڭا قىلىدىغان سۆز-ھەركەت ئىپادىلىرى ئارقىلىق قانداقتۇر بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرمەكچىدەك قىلاتتى.سەئىدەنىڭ ئىكرام دىسە ئۆلۈپ-ئۆچۈپ تۇرىدىغان ھالىتىدىن مەن ئۇنىڭدا ئىكرامغا نىسبەتەن ساۋاقداشلىقتىنمۇ باشقا ھىسسىيات ئىپادىسىنى سەزگەندەك قىلاتتىم.بىراق ئىككىسىنى قانچە ئايرىم قويۇشقا ئۇرۇنغانسىرى ئىكرام ھەر جايدا مېنىڭ بولۇشۇمنى تەلەپ قىلاتتى. بۇنىڭغا بېقىپ سەئىدەمۇ  مەن ئارقىلىق ئىكرامنى ئۇزۇنراق تۇتۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك ماڭا يېپىشاتتى. ئىكرام كېتىدىغان ۋاقىتتا ماڭا خەت يازىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېلېفۇنلار ئومۇملىشىپ كەتكەن، ئاكاملارنىڭ دەۋرىدىكى خەت يېزىشىدىغان ئوقۇغۇچىلىق ھاياتلار ئاخىرلىشىقا يۈزلەنگەن بۇ كۈندە خەت يازسا قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقتىم. ئۇنىڭغا جاۋاب خەت يازىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
شۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئايلىق بۇ قىشلىق تەتىلىمىزمۇ ئاخىرلاشتى. سەئىدە ئىككىمىزنىڭ مەكتەپ يىغىدىغان كۈنىنىڭ 3-4 كۈن پەرىقلىنىدىغانلىقىغا قارىماي ئۇ مەن بىلەن بىللە ماڭدى، جېنىم مېنىڭ، مەندىن زارلاپ تۇرۇدۇ-يۇ، مەندىن ئايرىلالمايدۇ.
ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى بىر يەرگە جۇغلاۋاتقان سەئىدەگە ياردەملىشىۋاتاتتىم. بىرسىنىڭ دىلدار دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدىم. قارىسام بىزنىڭ كەينىمىزدىنلا يېتىپ كەلگەن ماشىنىدىن چۈشكەن ئەكرەم تۇرۇپتۇ. يۈرىكىم شىددەت بىلەن سوقۇپ كەتتى . ئۇ يۈگرۈپ قېشىمىزغا كەلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى تۇردۇڭىزمۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟
-مەنمۇ ياخشى، توۋا ھەجەپ ئالدى-كەينى ئاپتوبۇستىلا مېڭىپتۇق ھە، شۇنچە قارىدىم بولمىسا بېكەتتە
-شۇنى دەيمەن، بىلگەن بولساق بىللە كېلەركەنمىز،
-ھەر نىمە بولسا بۇ يەردە بولسىمۇ ئۇچرىشىپتۇق. مەكتەپكە ماڭارسىز، بىللە ماڭايلى!
-ھەئە دوستۇممۇ بار بىللە ماڭىدىغان.
ئەكرەم شۇندىلا سەئىدەگە دىققەت قىلدى. ئىككىسى ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن نەرسە كېرەكلىرىمىزنى ئېلىشىپ قاتناش سىرتىغا چىقتۇق-دە، ئەكرەم سۆزلەشكەن ماشىنىغا نەرسىلىرىمىزنى بېسىپ مېڭىپ كەتتۇق.
ياتاققا بېرىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق. سەئىدە ئەكرەم توغرىلىق مەندىن زىغىرلاپ سوراپ كەتتى. ئۇنىڭدىن دەككە يىيىشتىن قورقۇپ ئىنچىكە ئەھۋاللارنى ئېيتمىدىم. ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىشكەن قىزلار بىلەن ياتاق قاينام-تاشقىنلىققا تولدى.
ئوقۇش باشلاپ تۇنجى ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى چۈشتىن كېيىن دەرىستىن چۈشۈپ مەكتەپ سىرتىدىكى دۇكاندىن ئۆزۈم يالغۇز قايتىپ كىرىۋاتاتتىم. دەرەخلىك يولدا تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا ئۈنگەندەكلا ئەكرەم پەيدا بولۇپ قالدى.
-دىلدار توختاپ تۇرۇڭ!
ئىختىيارسىز توختىدىم. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن، ئاھاڭىدىن ئالاقزادىلىككە ئوخشايدىغان، نامەلۇم بىر خىل تەشۋىش ئارىلاش جىددىيلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-سىزگە خەت كەپتىكەن.
-خەت؟
مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم. ئۇ ئىككىلا قولىنى كەينىگە قىلىۋالغان بولۇپ، ماڭا كۆرسىتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
-ھەئە خەت كەپتۇ.
-كىمدىن؟
-ئىچكىرىدىن.
شۇندىلا ئىكرامنىڭ مېڭىش ئالدىدا ماڭا خەت يازىمەن دىگىنى ئېسىمگە كەلدى.
قىززىق، خەت قانداقسىگە ئەكرەمنىڭ قولىغا تېگىدۇ؟
-قېنى؟ قانداقسىگە سىز..
سۆزۈمنىڭ ئايىغى تۈگىمەستىنلا ھەايرانلىقتىن كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى. ئۇئارقىسىغا قىلىۋالغان قوللىرىنى ئاستا ئالدىغا چىقىرىۋاتقان ۋاقىتتا كۆزلىرىم ئۇنىڭ قولىدىكى ئېغىزى ئېچىلىپ كەتكەن خەتكە چۈشكەن ئىدى. بىردىنلا ئاچچىق بىر سېزىم مىڭەمگە تەپتى.
-سىز..بۇ خەت نىمىشقا بۇنداق ھالەتتە؟
غەزەپ ۋە ئاچچىق بىلەن نەشتەردەك تىكىلدىم. ئۇ قاراشلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىلاجىسىزلارچە بېشىنى ئەگدى-دە، ئاستاغىنە:
-خەت ئادرىسىدا ئازراق خاتالىق يۈز بېرىپ، يۇقىرى يىللىقتىكى دىلدار دىگەن قىزنىڭ قولىغا تېگىپتۇ. ئۇ قىزدىمۇ گۇناھ يوق، بىلمىگەندىن كېيىن ئېچىپ ئوقۇپتۇ. ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىپتۇ. ئىشقىلىپ خېتىڭىز ئوقۇلۇپ كېتىپ قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئۇيۇشما ئارقىلىق مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. قارىسام بۇ سىزنىڭ ئىكەن
شۇ گەپلەرنى دەۋىتىپ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى، چىرايىمۇ كۆرۈنەرلىك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
مەن مىڭەمنى قامال قىلغان ئاچچىقنى تەستە بېسىپ ئۇنىڭ قولىدىن خەتنى يۇلۇپ ئالدىم-دە، مېڭىۋىتىپ قايرىلىپ سورىدىم:
-سىزمۇ ئوقۇدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
ئۇ گۇناھكارلارچە بېشىنى ئەگدى.

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 01:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ، ئەمدى چاتاق بولدى .. ئەكرەم ، ئىكرامدىن كەلگەن خەتنى ئوقۇپ ئكرامنىڭ دىلدارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالدى .  ئاندىن كىيىن دىلداردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ،ھەم دىلداردىن ئۆمۇدىنى ئۇزىدۇ...مىنىڭ شەخسەن پەرزىم ... ئاخىرىغا تەشنامىز قىرىنداشلىرىم ....

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 13:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەتتە نىمىلەر يىزىلغان بولغىتى ئەمدى، ھەي،چاتاق ئشىتىن بىرسى يۇزبەردى دېسە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش