ئىگىسى: bargiya

ۋاپا تۇپرىقى (بەرگىيە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 21:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا يەنە يوللىماپسىلەرغۇ..ئادەمنى تەققەززا قىلىپ

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەكتەپكىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئىكرام ئىككى كۈندە بىر تېلېفۇن بېرەتتى. سەئىدە ئىككىمىز بىر ھەپتىدە بىرسىمىز بىر ھەپتىدە يەنە بىرسىمىز باراتتۇق. ئالىي مەكتەپ دىگەن دىگەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكىگە ئوخشاش كەچكىچە دەرس ئوقۇيسەن دەپ ئوقۇتقۇچىلار كۆزىگە كىرىپلىۋالمايدىكەن. ئوقۇساڭ ياخشى كۆرىدىكەن ئوقۇمىساڭ ئېچىنىپ باش چايقاپ قويىدىكەن شۇ. دەسلەپتە كەلگىنىمدە ئۆزۈمنىڭ شامىلىدىن ئۆزۈم ئۈركۈپ سەئىدەگە يىغلاپ تېلېفۇن قىلغان ئىكەنمەن. مەن باشقا دەرىسلەردە ياخشى بولمىغىنىم بىلەن خەنزۇچە دەرستە كىچىكىمدىنلا ياخشى ئىدىم، چۈنكى تىل ئۈگىنىشكە ھەۋىسىم بار ئىدى. شۇڭىمىكىن بۇ بىرىنچى تەييارلىق يىلى ئويلىغىنىمدەك ماڭا قىيىن بىلىنمىدى.شۇڭىمۇ مەكتەپكە دەسلەپتە كەلگەندىكى ئەنسىرەش ۋە ياتسىراش تۇيغۇلىرىم بارا-بارا يوقىلىپ، قىلىقلىرىم چىقىپ شوخلۇق ۋە سۆزمەنلىكتە ھەممىنى ئۆزۈمگە قارىتىۋالىدىغان بولدۇم. سىنىپتىكى قىزلاردىن تارتىپ ئوغۇللارغىچە ماڭا ئامراق ئىدى.ياتاقتا قىزلارغا ناخشا ئېيتىپ بەرسەم بەك ياراپ كەتكەن چېغى ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ سىنىپقا چىقىپ دەپتىكەن ئۇلار مېنى تەنەپۇسلاردا ناخشىا ئېيتىپ بەر دەپ ئېيتقۇزىدىغانمۇ بولۇۋالدى تېخى. مەندەك ناخشا ھەۋەسكارى ئويۇن قېپىغا بۇ پۇرسەتلەر بوپ بېرىدۇ-دە، ئەلۋەتتە.
ئىكرام ئىككى كۈندە بىر تېلېفۇن قىلىدۇ. مېنىڭ كۆنۈپ قالغان قالمىغانلىقىمنى، قىينالغان قىينالمىغانلىقىمنى سورايدۇ. ماڭا قانداقتۇر ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭلىرى باردەك تېلېفۇننى زادىلا قويغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىپ ئۇنى ھودۇقتۇرۇشتىن پۇخادىن چىقالمايمەن. چۈنكى ئۇ قانچىكى ھودۇقۇپ، تېنەپ-تەمتىرەپ كەتسىمۇ مەن تېلېفۇندا ئۇنى كۆرەلمەيمەن ئەمەسمۇ... شۇلارنى خىيال قىلغىنىمدا مۇنۇ قوشنا سىنىپتىكى ئەكرەم ئىسىملىك ئۆزلىكىدىن ماڭا دۈشمەن بولۇپ قالغان يىگىت ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ. بىچارە بايقۇش..ئۇنى ھېلىقى كۈنى پەلەمپەيدە سوقۇۋىتىپ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن كۆرمەس بولۇپ قالدىم. بىر قېتىم مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتساق ياندىكى تار يولدىن چىقىپ قالغان ئىدى، يىراقتىن ئۇنى كۆردۈم، مېنى كۆردىمۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ قاچقاندەك تېز بۇرۇلۇپ يەنە كېتىپ قالدى. ماڭا مەندىن ئەتتەي قېچىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. (بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن) ئىشقىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ چىشىغا تەگمەي ئىچىم پۇشۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
بىر كۈنى پەرىدە بىلەن دەرەخلىك ئارىسىدىكى تاش ئورۇندۇقتا شىمىشكە چېقىپ ئولتۇرساق بىر نەچچە بالىلار بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپتىن كىرىپ كېلىپ، بىز ئولتۇرغان يەرنىڭ سەل ئالدىدا تۇرۇپ ئايرىلىشتى-دە ،ئۆزى يالغۇز ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ ماڭدى. پەرىدە ئۇ يىگىتنى تۇنۇپ قالدى-دە، مەندىن سورىدى:
-ھەي ئاۋۇ ھېلىقى چاغدا ئىككىمىز پەلەمپەيدە سوقۇۋىتىپ يەنە بىزگە نىمىشقا سوقۇلىسىز دەپ ئۇرۇشقان بالىغۇ؟
-ھەئە، شۇكەن، نىمە بولدى؟ كەينىدىن بېرىپ يەنە سوقۇۋەتكىڭ كېلىۋاتامدۇ؟
-ماڭە ساراڭ، ئۇ كۈنكى ئىشقا ھېلىمۇ خېجىل بولۇمەن. بار قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلىپ قويۇپ يەنە تېخى سەن ساراڭ سوقۇشۇپ يۈرىسەن دىسە.
-ئۆزىگە ئاز، كىم ئۇنى ئۆتۈپ-تېشىپ پەلەمپەيدىكى شۇنچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ماڭا سوقۇلۇپ كەتسۇن دەپتۇ.
-ھېلىمۇ ئۇ بالا ئىككىڭلارنىڭ بىر يەرلىكلىكىنىڭ يۈزىنى قىلدى چوقۇم، بولمىسا بىز خېلى تىل ئاڭلىۋالاتتۇق.
شىمىشكىنىڭ مېغىزى گېلىمگە كەتتى، قېقىلىپ يۆتەلگىنىمچە ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم:
-نىمە دەۋاتىسەن ئۇ ..ئۇ..كىم دەيدۇ ئۇنى بىزنىڭ يۇرتتىن دەپ.
-ۋاي سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ھەي سېنىڭ مۇشۇ ئويۇنغا ئامراق شوخ مىجەزىڭگە قاراپ جاھاندىكى جىمى ئادەمنى تۇنۇپ بولامدىكىن دىسە پەقەت كىم-كىملەر بىلەن چاتىقىڭ يوق ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلى خۇش بولسىلا كۈلۈپ يۈرىۋىرىسەن ھە..
-ۋاي گەپ يورغىلاتماي دىگىنە
- ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى مەدىنە دىدى. ئۇ بالىچۇ بىزنىڭ فاكۇلتىت بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن كەلگەن بالىكەن. سىنىپ ھەيئىتى ئىكەن تېخى. قالتىس كاللىسى ئۆتكۈر بالا دەيدۇ. بىر يېرى شۇ تارتىنچاق، كەمسۆز ئىكەن. ئوشۇق-تۆشۈك پاراڭلارغا ئارىلاشماي بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىدىكەن.
ۋاي توۋا... بىكاردىنلا دۈشمەندەك بىر-بىرىمىزگە خىرىس قىلىپ يۈرگۈچىگە ئايلىنىپ قالغان ئۇ يىگىت بىزنىڭ يۇرتتىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تەڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەلگەنىكەنمىز. يۇرتتا ۋاقىتتىمۇ قىزلار باشقا مەكتەپتىكىلەرنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىپ پالانچى-پوكۇنچى دىسە زەن سېلىپ ئاڭلاپمۇ قويمايتتىمكەن. شۇڭىمىكىن مەن بۇ يىگىتنى تونۇش ئەمەس ئەسلا كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن دىسە...
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى. يۇرتتىكىلەر بىلەن تۇنۇشۇش چېيى دەيدىغان چايغىمۇ بېرىپ قاتنىشىپ كەلدۇق. توغرا ئەكرەم راستىنلا بىزنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىدىن ئىكەن. بىراق راستىنلا بەك يۈزى تۆۋەنمۇ ياكى ئۇ كۈندىكى زىياپەت تېتىمىدىمۇ ئەيتاۋۇر باشتىن-ئاخىر ئېچىلماي ئېغىر خىياللارغا پاتقان ھالدا ئولتۇردى. بىرەر قول تانسا ياكى ئۇسۇل ئوينىمىدى. مەن ئولتۇرۇشتا ناخشا ئېيتىپ بەردىم. شۇنىڭ ھۆرمىتىدىن بولسا كېرەك باشتىن-ئاخىر ئولتۇرماي ئويناپتىمەن. بىراق نىمىشقىدۇر ئەكرەمنىڭمۇ كونا ئاداۋەتلەرنى تاشلىۋىتىپ (مېنىڭ نەزىرىمدىغۇ ئاداۋەت دىگۈدەك ئىشلار ئەمەس) مەن بىلەن بىرەر قول تانسا ياكى ئۇسۇل ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ قالدىم. بەلكىم شۇنداق قىلغان بولسا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشماي، كۆرۈشكەن يەردە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئۆتۈشەر بولغىيتتۇق. تېخى يېنىمدىكى بىزدىن بىر يىل يۇقىرى ئوقىغان گۈلنازنىڭ يىگىتى ئەشرەپ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپتىكەن. گۈلناز «دىلدار سىزگە بەك ماس كېلىدىغان بىرسىنى تاپتىم ›دەيدۇ ‹كىم ئۇ؟› دىسەم ئوغۇل دوستى ئەشرەپنى كۆرسىتىپ ‹ئاۋۇ يېنىدا ئولتۇرغان يىگىت بەك ياخشى بالا بىزنىڭ ئەشرەپ ئارقىلىق گاچچىدە كەلتۈرمەمدۇق› دىمەمدۇ . ‹ۋاي خۇدايىمەي، مەن تۇنجى كۈرۈشۈشتىلا بۇغۇپ قويىمەن ئۇ يىگىتنى. بۇ گەپنى دەيدىغان بولسىڭىز سىزنى ئاۋال بوغۇپ قويىمەن› دەپ ئۇنىڭ چىرايلىق مەڭزىنى سوزۇپ ۋارقىرىتىۋەتتىم. گۈلناز خاپا بولماستىن ئەكسىنچە كۈلگىنىچە مېنى تېخىمۇ تېرىكتۈردى.
قايتىدىغان چاغدا گۈلناز بىلەن ئەشرەپنىڭ قېشىغا بارغاچ مۇشۇ جىم تۇرالماس ئېغىزىمنى تۇتالماستىن ئۇنىڭ يەنە زىتىغا تەگدىم. شۇنداق مىجەزىم باركىن بىراۋلار مەن بىلەن قارشىلاشتىمۇ بولدى، ئۇنىڭغا سالجىدەك يېپىشىمەن تاكى قارشى تەرەپ ۋاي دات دەپ پەرياد ئۇرغىنىچە مەندىن بەك يىراققا كەتكەنگە قەدەر ياكى ماڭا ئەل بولۇپ چىن قەلبىدىن مەن بىلەن ئەپلەشكەنگە قەدەر..بىلمىدىم ئەكرەم قايسى يولنى تۇتارىكىن؟


***************** **********


ئۇنى بالدۇر سىنىپىغا كىرىپ كەتمىسۇن دەپ كۈندىكىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن سىنىپقا چىقىپ كارىدۇردا ساقلاپ تۇردۇم. قېرىشقاندەك ھەممە ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇ كۆرۈنمەيۋاتاتتى. سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى بۈگۈن قاراۋۇل بوپسەن دەپ بىر مۇنچە چاقچاق قىلدى، پەرۋا قىلمىدىم. پەرىدە كىرىپ كېتەيلى دەپ يالۋۇردى، ئۇنى كىرىپ كەتسەڭ سەن كىرىپ كەت كىم سېنى مەن بىلەن بىللە تۇرۇشسۇن دەپتۇ دەپ ئاچچىقلىدىم. سىنىپقا كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ئۇنى بۈگۈن بىرەر سەۋەب بىلەن سىنىپقا چىقالمىغۇدەك دەپ سىنىپقا كىرىپ كىتەي دەپ تۇرسام ئۇنىڭ كارىدۇردا يۈگۈرگەندەك كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ھاسىرىغىنىچە يۈگرەپ كېلىپ مېنى كۆرۈپلا چۆچۈگەندەك تۇرۇپلا قالدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئەتتەي كېچىككەنلىكىنى، شۇ ئولتۇرۇشتىكى دىگەن گېپىمنى ئېسىدىن چىقىرالمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم. نىمىشكە شۇنداق قېرىشىۋاتقانلىقىمنى ئوچۇق بىلمەيتتىم. بىراق ئۇنىڭ ‹كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن قوشۇپ سىزنىمۇ ئۇنتۇپ كەتسەم دەيمەن› دىگەن سۆزى غۇرۇرۇمغا تەگكەن ئىدى. ئەلۋەتتە مېنى ئۇنتۇپ كېتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقىنىم قېرىشقان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. شاققىدە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇدۇم:
-ئەكرەم قوشنام،تېچلىقتۇ؟ قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىپسىز، قارا ئىتتىن بىرسى قوغلاپ كەتمىگەندۇ ھە؟
ئۇ گەپ قىلماي مېنى يانداپ ئۆتۈپ سىنىپقا كىرىپ كەتمەكچى بولدى. مەن سىنىپنىڭ ئالدى تەرىپىنى توساپ تۇرۇۋالغاچ يانداپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى. شۇ ئارىدا سىياسەت مۇئەللىمىمىز ئابلىمىت مۇئەللىمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم-دە، چاقماق تېزلىكىدە بىر خىيال كېلىپ ئۆزۈمنى جىددىيلەشكەن، ئۆزىمىزنىڭ سىنىپىغا ئىنتىلگەندەك ھالەتتە تۇتۇپ تۇردۇم. ئۇنىڭ سىنىپقا ماڭغاندىكى ئالدىنى تۇسۇۋالغانلىقىم ئۈچۈن كۆرۈنۈشكە ئۇ مېنىڭ ئالدىمنى تۇسۇۋالغاندەك كۆرۈنەتتى.
-مەن كىرىپ كېتەي دىلدار-، دىدى ئۇ ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا. ئاڭغىچە ئوقۇتقۇچىمىز يېتىپ كەلدى.
-سىنىپقا كىرمەي؟-دەپ سۇئال، تەئەججۇپ ئىلكىدە تىكىلدى.
-ئەمدى يولنى بوشىتىڭ، قاراڭ مۇئەللىممۇ كەلدى، قاراڭ مۇئەللىم، مۇشۇ بالا سىنىپقا كىرگۈزمەي..
مەن ئەكرەمنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ، تاتارغان، چەكچەيگەن ھالدا ئېغىزى گەپكە كەلمەي تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ غىپپىدە ئۆتۈپ سىنىپقا قاراپ ماڭدىم. كەينىمدىن ئابلىمىت مۇئەللىمنىڭ :
-قانداق دىگەن ئەخلاقسىزلىق بۇ،- دەپ ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بىچارە ھالىتىنى تاماشە قىلغۇم بار ئىدى. بىراق نىمىشقىكىن ئۆرۈلۈپ قارىيالمىدىم. شۇ تاپتا بۇ يۈزى تۆۋەن، ئېغىر بېسىق، تىرىشچان بالىنىڭ قانداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلمىقىم تەس ئەمەس ئىدى. بۈگۈن تەنەپۇسلاردا پەقەتلا سىرتقا چىقمىدىم. چىقسام چوقۇم ئەكرەم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىم، ئۇچراشسام چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئۇنى ئەتىگەن تازا كېلىشتۈرۈپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتقان بولساممۇ بىراق بۈگۈنكى بۇ ئويۇنۇمنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ چوقۇم مەن بىلەن تاكاللاشقان ۋاقىتلاردىنمۇ بەك مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلىغان ۋاقتىغا قورسىقىنىڭ كۆپكەنلىكىنى بىلەتتىم. (ئادەتتە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار شۇنداق بولاتتى). شۈكلەپ قالغان تۇرقۇمغا سىنىپتىكىلەر تازا كۆنەلمىدى بولغاي، مەن بىلەن كەچكىچە ئىچىشىپ يۈرىدىغان ئەخمەت ئىككىنچى سائەتلىك تەنەپۇستا قېشىمغا كېلىپ:
-نىمە بولدىڭىز دىلدار، مىجەزىڭىز يوقما؟ دەپ سورىدى.
-ياقەي ھىچنىمە بولمىدىم.
-ئەمىسە قايسى كۈنى سىز يۇرتلىقلار ئولتۇرىشىدا بىر ناخشا ئېيتىپتىكەنسىز شۇ ناخشىنى ئېيتىپ بېرىڭە، بەك پەيزىكەن دىيىشىدىغۇ..
ناخشا دىگەننى ئاڭلاپلا ئېغىزىم ئېچىلىپ، گېلىم قىچىشقىلى تۇردى. نازغىنىپ ئولتۇرمايلا ئاۋازىمنى قويۇۋەتتىم。

ئاھۇ دېدىڭ ئاھۇ كۆزۈم بار،
دىڭ – دىڭ سەكرەپ ئويناشلىرىم بار.
چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار؟
يۈرىكىڭنى ئوۋلاشلىرىم بار.

چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار......

شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. بىر دەمدىلا يېڭى يىل يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يېڭى يىلدا بىر يىللىقلار بويىچە يېڭى يىللىق  بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندا ھەممىمىز چۇقۇرىشىپ كەتتۇق. چۈنكى سىنىپتا بىرسىنىپ-بىر سىنىپ ئايرىم ئۆتكۈزگەندىن يىللىقلار بويىچە ئۆتكۈزسە ئادەم كۆپ ھەر سىنىپلاردىكى سەنئەتتە تالانتى بارلار ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ھەم چوقۇم بەك قىززىيدۇ، ئەلۋەتتە مەنمۇ باشقىچە تەييارلىق قىلمىسام بولمايتتى. سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپنىڭ يۈزىنى كۆتۈرۈشىمىز ئۈچۈن مېنىڭ بىر ئەمەس بەلكى بىر قانچە ناخشىغا تەييارلىق قىلىشىمنى، ئارقا-ئارقىدىن تەلەپ قىلىپ سىنىپ بالىلىرى ۋارقىراپ تۇرۇۋالغاندا ئېيتىدىغانلىقىمنى دىگەن ئىدى. شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ‹سېنىڭ كۆزلەرىڭ›، ‹تاۋى نازۇك يار› دىگەن ناخشىلىرېم مەن ئاللىبۇرۇن ئېيتىپ بولغان ناخشىلار. ئەلۋەتتە بۇ قېتىممۇ «سېغىندىڭمۇ»، «ئانامنى ئەسلەپ»، «گۈل بېرەي مۇئەللىمگە› دىگەن ناخشىلارغا تەيارلىق قىلدىم.
شەنبە كۈنى، بۇداقى ھەپتىدىكى يېڭى يىل ئۈچۈن تەيارلىق قىلىپ كىيىم سېتىۋالىدىغانلار كىيىم ئېلىشقا، باشقا تەييارلىق قىلغۇچىلار باشقا ئىشلرىغا كەتكەن ئىدى. پەرىدە ئىككىمىز ئەتە يەكشەنبىدە بازارغا چىقىدىغانغا دىيىشىپ قويغان بولغاچقا ئۇ ئەتە ئەتىگەندە قايتىپ كېلىمەن دەپ كىچىك ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئىدى. تېلېفۇن كەلدى. ئېلىشىم بىلەنلا سەئىدەنىڭ ياڭراق ئاۋازى ئاڭلاندى:
-مېنى شۇنچە سېغىنىشلىرىڭ، مېنى ئىزدەشلىرىڭ پەقەت مەكتەپكە كۆنۈۋىلىش ئۈچۈنلا داۋاملىشىپتىكەندە ھە دىلدار...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەئىدەم، سالام-سائەت يوق بۇ ئەتىگەندە نىمە قاپاق چۆمۈچتىن تۆكۈلگەن سۇدەك چالۋاقايسەن؟
-مېنىڭ قېشىمغا كەل!
-ھى ھى.. بۇ بىشەملىكنى نەدىن ئۈگەندىڭ مەلىكەم
-سەندىن ئۈگەندىم، ئەجەپ سەن مېنى كەل دىسەڭلا مەن قېشىڭغا ئۈنۈپ بولىمەن. سەنمۇ بىرەر قېتىم شۇنداق قىلساڭ بولمامدۇ؟
-مەن بارالمايمەن جېنىم
-ياق چوقۇم كەلگىن! مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم
-نىمىشقا ئەمدى؟
-تېلېفۇندا دىمەيمەن. كەلمىسەڭ بەك رەنجىيمەن. دىلدار
-ۋۇي،ئىشىڭ بارمۇ يوق دەپ سوراپ بېقىپ دىسەڭمىغۇ سەئىدەم جېنىم
-تولا مۇغەمبەرلىك قىلما، نىمە ئىشىڭ بار ئىدى بۇ شەنبىدە. يا شەنبە يەكشەنبىدە ھەمرا بولىدىغان بىرەر يىگىت تېپىۋالدىڭمۇ يا؟
-ۋاي بۇ گەپ قەيەردىن چىقتى جېنىم، مېنى قىينىما!
چوقۇم كېلىسەن، مەن بەك ئازابلىنىۋاتىمەن. سەن كەل بولامدۇ؟ كەلمىسەڭ ئىشقىلىپ ئۆزۈڭ بىل!
تۇرۇپكىدىن ئاۋاز ئۆچتى. تىت-تىت قىلغان ئاۋاز تېلېفۇننىڭ قويۇۋىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. نىمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەكلا چىقىۋاتىدۇ. ھەي نىمە بولغاندۇ دەيمەن.
گەرچە شەنبە كۈنى ئوبدان رېپىتىس قىلىپ ناخشىلىرىمنى ۋاي دادىغا يەتكۈدەك پىششىق قىلىۋىلىش ئويۇم بولسىمۇ بىراق قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ باياقى يىغلامسىرىغاندەك ئاۋازى جاراڭلاپ، دەرھال كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇنىڭ مەكتىپىگە جابدۇندۇم. مەكتەپتىن چىقىپ ئابتۇبۇس بېكىتىگە يېتىپ باردىم-دە، ئابتۇبۇس ساقلاۋاتقان كىشىلەر توپىغا قېتىلدىم. خىيال ھەم سەئىدەنىڭ كەيپىياتىغا بولغان ئەندىشە بىلەن  تۇرۇپ ئەتراپىمدىكىلەرگىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. ئابتۇبۇس كېلىشىگە قىستا-قىستاڭ كىشىلەر توپى ئىچىدە قىستىلىپ يۈرۈپ ئاران چىقىۋېلىپ دېرىزە تەرەپتىكى تۇتقۇچنى تۇتۇپ ئۇھ دەپ تۇرۇشۇمغا يېنىمدىنلا ئاڭلانغان ئاۋاز مېنى چۆچۈتىۋەتتى:
-نەگە ماڭدىڭىز؟
يانغا بۇرۇلۇپ يېنىمدىلا تۇرغان ئەكرەمنى كۆردۈم. ھېلىقى ئىشتىن كېيىن مېنى كۆرسە يىراق قېچىپ ماڭىدىغان، كۆزۈمگە كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن سىنىپتىن ئەڭ ئاۋال ئوقتەك چىقىپ كېتىپ ئەڭ كەينىدە يۈگرەپ سىنىپقا كىرىپ كېتىۋاتقان ئەكرەم ئۆزلىكىدىن ماڭا گەپ قىلىپ قالغان ئىدى.
-دوستۇمنىڭ قېشىغا
-دوستىڭىز نەدە ئوقۇيدۇ.
-مۇشۇ ئۈرۈمچىدە
يەنىلا ئېغىزىمدىن ئۇنىڭغا بولغان قىنىقماس دۈشمەنلىك سىرغىپ تۈز جاۋاب چىقمىدى.
-ھە.. مەن تېخى تۇرپاندىمىكىن دەپتىمەن.
ئۇنىڭ جاۋابىمۇ ئۆزگىچە بولدى.
-ئاپلا، بۇ تۇرپانغا بارىدىغان ئابتۇبۇسمىتى، خاتا چىقىۋاپتىمەندە،- پېتىمنى بۇزماي چۆچۈگەن قىياپەت بىلەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا تىكىلدىم. ئۇمۇ، مەنمۇ ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتۇق.
يېنىمىزدىكى بىر نەچچەيلەن ئىككىمىزنىڭ پەلىپەتىش سۇئال - جاۋابلىرىمىزغا ھەيران بولغاندەك قاراپ قويدى. شۇ ئارىدا ئۇ تۇتۇپ تۇرغان ئورۇندىكى ئايال چۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى.
-بۇ يەردە ئولتۇرۇۋىلىڭ!
ياق بولدى، ئۆزىڭىز ئولتۇرۇڭ!
-ئولتۇرۇڭە ھىلى بىكار..-ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئايىغى چۈشمەي تۇرۇپلا بىر خەنزۇ يولداش قىستىلىپ، ئۇنى ئىتتىرىپ قولىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ھېلىقى ئورۇندا موكلا ئولتۇرۇۋالدى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-سىز نەگە بارىسىز؟
-شىنجاڭ ئونۋىرسىتىغا
-ۋۇي يولىمىز بىر ئىكەنغۇ؟
-سىزمۇ شۇ مەكتەپكە ماڭغانمۇ؟
-ھەئە،ئەڭ يېقىن دوستۇم شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
-ھېلىقى سەئىدە دىگەن دوستىڭىزمۇ؟
ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم.
-سىز؟
-ھە..خاتا چۈشەنمەڭ، يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا سىز تېلېفۇنخانىدا يىغلاپ تېلېفۇن قىلىۋىتىپسىزكەن، شۇ چاغدا سەئىدە قېشىمغا كەل، دىگىنىڭىزنى ئاڭلىغانتىم.
بۇ بالىنىڭ ئەستە تۇتۇشىغاھەيران قالدىم. ھەم  شۇنچە ئېنىق ئېسىدە ساقلىشىدىن گۇمانلانغاندەك بولۇپ قالدىم. ئىچىمدە (مېنى دۈشمەنلىك سەزگۈسىدە ئېسىدىن چىقىرالمايۋىتىپتۇ-دە بايقۇش) دەپ ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۈم.
-بارىكاللا، شۇنداق ئېنىق ئېسىڭىزدە بار ئىكەن.
-قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي بولۇپمۇ سىزنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭىزنى
-ھا ھا، تېخىچە شۇ گەپمۇ، ئىچىڭىز بەك تاركەن سىزنىڭ.
-كۆڭۈل-كۆكسى كەڭ ئادەممۇ كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنداق ئاسان ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ، نىمىشقا ماڭا دۈشمەنلىك قىلىسىزكىن ھىچ بىلمىدىم دىلدار.
ئۇ دىلدار دىگەندە ئاۋازىنى سوزۇپ ناھايىتى ئۇرغۇلۇق دىدى. ئۇنىڭغا يانتۇ ھالەتتە قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ شەيتانلىق قىلدىم.
ـ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلماڭ دىمەكچىمۇسىز ئەكرەمجان؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، مەن ئەڭ ئامراق كىشىلىرىمنى شۇنداق قىينايمەن.
-ھە؟
ئۇ ئەندىككەن، چۆچۈگەن ھالدا كۆزۈمگە چوڭقۇر تىكىلگىنىچە تۇرۇپ قالدى.
مەقسەتسىزلا دىگەن گېپىمدىن چۆچۈپ كەتكەن ئۇنىڭ ئالاقزادە تۇرقىنى تاماشا قىلغاچ مەنمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تىكىلدىم. دەل شۇ چاغ ئابتۇبۇس قىزىل چىراققا كەلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق تورمۇزنى قىستىكى دەلدۈگلۈنۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنىڭغا چىڭڭىدە چاپلىشىپ قالدىم. شۇنداق يېقىن ئارىلىقتا، يۈزلىرىمىز، كۆزلىرىمىز، ھەتتا لەۋلىرىمىز...ئۇ مېنى كەينىمدىكى ۋە ياندىكى كىشىلەردىن  قورغاپ چىڭڭىدە تۇتۇۋالغان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ دۇپۇلدەپ شۇنداق تەرتىپسىز سوقۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم.
سىلكىنىپ، يۇلقۇنۇپ يۈرۈپ كەينىمدىن ئۇنىڭ قۇچىقىدىن مېنى ئاجراتماي تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپى ئوڭشالغۇچە ئۆزۈمنى ئاران ئوڭشىدىم. بەدىنىمدىكى پۈتۈن قانلار باش تەرىپىمگە ماڭغاندەك بولۇپ يۈزلىرىم قىززىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەپتىمۇ مەندىن ئاۋارە بولۇپ نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئۇ يان بۇ يان بولغاچ ئۆزىنى ئوڭشاپ ماڭا قارىيالماي دېرىزە تەرەپكە قاراپ تۇرۇۋالدى. مەنمۇ، ئۇمۇ ئىككىلىمىز خۇددى گۇناھلىق ئىش ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك بولۇپ تاكى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بېكەتكە بارغانغا قەدەر بىر ئېغىز پاراڭلاشمىدۇق.
-قاچان قايتىسىز؟
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئايرىلىش ئالدىدا ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرغىنىچە سورىدى.
-كەچتە قايتىمەن. سىزچۇ؟
-مەن نەۋرە ئاكام بىلەن قىدىغان ئازراق ئىش بار ئىدى. شۇڭا ئەتە قايتىمەن.
-ھە، خوش ئەمىسە
-خوش
مەن تېز-تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتىم. نىمىشقىدۇر ئۇنى ئورنىدىن قوزغالماي قاراپ تۇرغاندەك ھىس قىلىپ ئارامسىزلاندىم. قايرىلىدىغان يول ئېغىزىغا كەلگەندە بۇرۇلغاچ ئارقامغا قارىسام دەرۋەقە ئۇ قوزغالماي قاراپ تۇرغان ئىكەن. نىمىشقىدۇر بىر خىللا بولۇپ قالدىم.
-يائاللا، سەنمۇ كېلىدىكەنسەن ھە نىمانچە ھايال بولىسەن؟
-ۋاي تېلېفۇنىڭنى ئېلىپلا يولغا چىقتىم ھايال بولمىدىم. مەندىنمۇ ئۆتە كوت-كوت بولۇپ كېتىپتۇغۇ بۇ
ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، يۈز يېقىپ كۆرۈشۈۋىتىپ غۇتۇلدىدىم.
-ئىشقىلىپ ماڭا بەك ئۇزۇن بىلىندى، ۋاي، سىرت شۇنچە ئىسسىقما؟ نىمانچە مەڭزىلىرىڭ قىزىرىپ قىززىپ كەتتى؟
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟-مەن ئىختىيارسىز يۈزۈمنى سىلىدىم، باياتىنقى ئابتۇبۇستىكى ئەھۋال لىپپىدە قىلىپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى-دە، قېنىم قىززىشقاندەك بولۇپ تېخىمۇ قىزىرىپ كېتىپ ئالمان-تالمان ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-نىمە بولدۇڭ ئۇششۇق؟ دىگىنە، ئەنسىرەپ قالدىم سەندىن.
-ئالدى بىلەن تاماق يەپ كىرەيلى، دىگۈدەك ئالاھىدە ئىشمۇ يوق، شۇ سېنى سېغىنىپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى.
-مېنى سېغىنىپمۇ يا بىراۋلارنىمۇ؟
-سېنى بولماي قايسى بىراۋلار بولاتتى؟
ئۇ ھودۇققان ھالدا چەكچەيدى.
-ھى ھى.. قايسى بىراۋلار ئىكەنلىكىدەك كۆڭۈلگە تالىق ئىشلارنى بىلمەيمەن دىگىنە، ئىشقىلىپ سەن بىنورمال
-نىمە دىمەكچىسەن؟
-سەن چوقۇم ئاشىق بولۇپ قاپسەن بىرسىگە، ئەتىگەنكى ھالىڭدىن مەن شۇنداق ھىس قىلىپ قالدىم.
-ياق، ياق، ئوشۇقچە گۇمان قىلما! مەن ئىكرامغا مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ئۇنداق خىياللار مەندىن يىراق بولۇدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن.
-نىمە ئىكرامغا دەمسەن؟
كۆزلىرىم يوغىناپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىكرامنى زوق-شوق بىلەن تىلغا ئېلىشلىرىغا قاراپ سەل شۇنداقراق ھىس قىلساممۇ بىراق ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغىنىمدىن ھەيرانلىق ھىس قىلىۋاتاتتىم.
-ياق..ياق..خاتا چۈشەنمە›-ئۇ  ئىختىيارسىزلا ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن ئىسىمدىن تېخىمۇ بەك بىئارام بولۇپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ كەتتى،-بىز پاراڭلىشىۋىتىپ شۇ پەقەت ئادەتتىكىدەك پاراڭلىشىپ، غايىلىرىمىز ئۈستىدە پاراڭ قىلىشىۋىتىپ، مېنى غايەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىڭ مۇمكىن، بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ ئۇنىڭ ياخشى يامان تەرىپىنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ياخشى كۆرىدىكەنسەن، شۇ خىيالىڭدا تۇرۇۋىلىپ نىمە قىلىشىڭنى بىلەلمەي بەلگىلىك چېكىنىش بولىدىكەن دىگەن ئىدى. مەن شۇ چاغدا دىگەن.
ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ سەكرەپ كېتىشلىرىگە قاراپ كۈلگۈم كەلدى.
-ۋاي بوپتۇ، بوپتۇ، لېكىن مەنچە ئويلىشىپ باقساڭ بولىدۇ ئىكرام بولىدىغان بالا.
-سەن؟
ئۇ نىمىگىدۇر ھەيران قالغاندەك ماڭا تازا تىكىلىپ كەتتى-دە، ئاستا سورىدى:
-ئىككىڭلار ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانسىلەر؟
-ھەئە ئۇ تېلېفۇن قىلىدۇ، پۈتۈن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇدۇ ئۇ مىس-مىسىڭ.
-دىمەك، سېنىڭ ئىشلىرىڭنى سوراپ-سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقمۇ؟
-ھەئە، ۋاي بولدىلا بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى، چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى، قورسىقىم ئېچىپ پاقىلار كۇركىراشقا باشلىدى.
ئىككىمىز بىللە تاماققا چىقىۋىتىپ ئىختىيارسىز ئوغۇللار ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ قويدۇم.
ئۇنىڭ بىلەن ساق بىر كۈن بىللە بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ ماڭا دىيەلمەيۋاتقان بىر گېپى بارمۇ ياكى مېنىڭ قونماي كېتىدىغانلىقىمغا قىيداپ قالدىمۇ بىلمىدىم، ئۇ بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ توختىماي پاراڭ سېلىپ قىلمىدى. ھە دىسىلا خىيالغا چۆكۈپ، يېنىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ مېنىڭ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇرۇۋەتتى.

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانمىدىم مەن !!!!!!!!!!!!!!!  گەرچە سۇرئەت تىز بولسمۇ، يەنىلا قانمىدىم !!!!!!!!!!!!!!!!!!! يەنىمۇ تىز يىزىڭلار بۇلامدۇ ؟ كىم سىلەرنى بۇنداق ياخشى ئەسەر يازسۇن دەپتۇ ؟

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 14:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلدارنىڭ ئەكرەمگە كۆڭلى چۇشۇپ قالدىغان چىراي...... ئاندىن  ئىكرامنىڭ دىلدارغا ،سەئىدەنىڭ ئىكىرامغا كۆڭلى باركەن .........قانداق بوپ كىتەر بۇ ئىشلار ..........

UID
44014
يازما
225
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
225
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 16:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما نىمىشقا نادىرلانمايدۇ؟

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ يەنىمۇ تىرىشىڭلار قىرىنداشلىرىم

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يىغلىساممۇ  ئاخىرى  تىخىچە چىقماپتۇغۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىلى ئۇيغۇران بىلەن بەرگىيەنى ئۇرۇمىچىگە جەم قىلىپ ، ئەسەرنى پات يىزىشىغا نازارەتىچىلىك قىلىدىغان ئىشكەندۇق

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىلەر بەرگىيە ،يەنە بىرسى كىم ئىدى قانمۇ ،كانمۇ ،بىرسى ئىشقىلىپ ....ھەي سۈزۈك بولۇپ ئىنكاس يازغۇم بار ئىدى .

UID
32617
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
151 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 17:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام بەرگيە   مەن  ئەسەر   تۇلۇق  يۇللىنىپ  بۇلغاندا ئاندىن   كۇرەي،يىڭى  ئەسىرىڭىزنى   مۇنبەردا   كۇرۇپ   بەك  خۇشال  بۇلدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش