ئىگىسى: bargiya

ۋاپا تۇپرىقى (بەرگىيە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6463
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1059
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 17:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام بەرگىيەخان؟ئەلكۈيىگە باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي!سىزنىڭ تېتىملىق ئەسەرلىرىڭىزنى شۇنداق سېغىندىم.بەك تەقەززا قىلمىغايسىز.

UID
48361
يازما
35
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 17:27:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام بەرگىيە ،بۇ ئەسىرڭىزگە تۇنجى  بولۇپ ئىنكاس يىزۋاتقىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، بۇ ئەسىرڭىزمۇ ناھايىتى
ياخشى يىزىلىپتۇ،سىز ئەسەريىزىشقا نىمانچە ئۇستا،ياراتقان ئىگەم قوللىرىڭىز دەت يەتكۈزمىسۇن.
ئەمدى دىققىتىڭىز ئىككىـگە بۆلۈنۈپ كىتەرمۇ؟. ‹خوش ئەزىزەم ›نىڭ ئايغىنى تىخى يوللاپ بولاممىغانتىڭىز؟

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 19:13:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەتنىڭ بوران – چاپقۇنلىرى خۇددى ھويلىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى ئىگىپ، غولىغا خۇددى تىمساھنىڭ تېرىسىدەك بۈدۈر چوقۇر ئىزلارنى قالدۇرغىنىغا ئوخشاش تۇرمۇشنىڭ دوقاللىرى دادامنىڭ بېلىنىمۇ ئىگىپ، چىرايىغا يول – يول قورۇقلارنى بەخشەندە قىلىپ، مويسىپىتلىق مۇقامىغا تېخى يەتمەي تۇرۇپلا چاچلىرىغا ساناقسىز ئاقلارنى ھەدىيە قىلغان ئىدى. دادامنىڭ قورۇقلار ئايانماي ئىز سالغان قاپىقىنى يۇمۇپ جىمجىت يېتىپ ئۇيقىغا كەتكەنلىكىنى ياكى غەم دەرياسىغا چۆمۈلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.
دادامنىڭ چىرايىغا مۇشۇ كەمگىچە بۇنچە تەپسىلىي سەپسېلىپ قاراپ باقماپتىكەنمەن. ئويلىسام خىجىل بولىمەن. دادامنىڭ بىز بالىلار ئۈچۈن تارتقان ھەرەجلىرىنى تولىمۇ كېچىكىپ ھىس قىلغانلىقىمدىن ئۆكۈنىش ئىچىدە يېنىك ئۇھ تارتتىم.
ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن مەنزىلگە ــــ مەن ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپ جايلاشقان شەھەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ يۈرىكىم يېنىك سوقۇپ كەتتى. مۇشۇ شەھەردە ئوقۇيمەن. مۇشۇ شەھەردە بەش يىل ياشايمەن. كۆڭلۈمگە پۈككەن بۈيۈك ئارزۇلىرىم مۇشۇ شەھەردە ئەمەلگە ئاشماقچى. مېنى كۈتىۋاتقان گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال مۇشۇ شەھەردە ماڭا قۇچاق ئاچماقچى. ئەي، جەلىپكار شەھەر، سەھرا ئوغلى ئەكرەم قوينىڭغا كەلدى. بەش يىل سەندە بىلىم ئېلىپ ئۆز ھايات بوستانىغا گۈل تېرىغىلى كەلدى. ئوغلىنىڭ بۇ بىگانە شەھەرگە يالغۇز مېڭىشقا كۆزى قىيمىغان دادىسى ئۈچۈن، ئوغلىغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئەرتكىنىچە سەھرادا قالغان ئانىسى ئۈچۈن جاۋاب يازغىلى كەلدى. قوينۇڭغا ئالارسەنمۇ؟ ئەركىلىتىپ كۈلدۈرەرسەنمۇ؟ بوزلىتىپ يىغلىتارسەنمۇ؟
مەندىن بىر يىل بۇرۇن كېلىپ بۇ مەكتەپنىڭ ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان يۇرتدىشىم ئەشرەپنىڭ ياردىمى بىلەن مەكتەپكە ناھايىتى تېزلا ئورۇنلىشىۋالدىم. چۈشتىن كېيىن دادام بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە كەتتى. كەچتە ئەشرەپ بىلەن بىللە مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېدۇق. كەچتە ياتاقداشلىرىم بىلەن تونۇشتۇم. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەككىز ياتاقداش بىردەمدىلا تونۇشۇپ يېقىن بولۇشۇپ كەتتۇق. مېنىڭ مىجەزىم جىمغۇر، ئېغىر – بېسىق بولغاچقا، ياتاقداشلىرىمنىڭ قىزىق – قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم. نۆۋىتى كەلگەندە يۇرتۇم توغرۇلۇق ئانچە – مۇنچە سۆزلەپمۇ بەردىم. ئىشقىلىپ ھەممىمىز خۇشال كەيپىياتتا ئىدۇق.
ئەتىسى ئەتىگەن سىنىپقا كىردۇق. دەسلەپكى كۈنى بولغاچقا رەسمىي دەرس ئۆتۈلمىدى. مەكتەپتىكى ئىشلار، قائىدە – تۈزۈملەر، تاماق كارتىسى، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش دېگەندەك بىرمۇنچە ئىشلارنى ئىزىپ ئىچۈرگەندىن كېيىن رەسمىيەت ئۆتەپ بولالمىغانلار رەسمىيەت ئۆتەڭلار، ئۆتەپ بولغانلار تاماق كارتىسى بىجىرىپ پۇل سېلىۋېلىڭلار دەپ قويىۋەتتى. مەن تۈنۈگۈن ئوقۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆتەپ بولغان ئىدىم. پەقەت تاماق كارتىسى بىجىرىۋالساملا بولاتتى.
پەسكە چۈشسەم دادام ساقلاپ تۇرۇپتۇ. دادام بىلەن چۈشلۈك تاماقنى سىرتتا بىللە يېدۇق. تاماقتىن كېيىن دادام كەتمەكچى بولدى. شۇنچە تەمكىن، ئېغىر – بېسىقلىقىمغا قارىماي كۆزۈم بىردەمدىلا نەمدەلدى.
ــ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ نېمە ئاغزىڭنى ئۈمچەيتىسەن؟ــ دادام ئاچچىق نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى. دادامنىڭ ئەشۇ ئاچچىق نەزىرىدىنمۇ بىر خىل نەمخۇش نۇرنىڭ چاقنىغانلىقىنى ھىس قىلدىم،ــ ئوغۇل بالا ئەركەك. يىغلىغان كۆزۈڭ قويۇلۇپ كەتسۇن! يىگىت بولدۇڭ. ئەمدى مۇستەقىل ياشايسەن. ساڭا يەنە دەيدىغىنىم شۇ: ئەر دېمەك مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر. ئەركەكنىڭ كۆزى ھىجىيىشقا ياكى يىغلاشقا ئەمەس، بەلكى ناتىۋانغا مېھىر بىلەن تىكىلىشكە، مۇناپىققا نەشتەر بولۇپ سانچىلىشقا يارالغان.
ــ سۆزۈڭنى ئاڭلايمەن، دادا!ــ بۇندىن ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم.
ــ ئۆيگە پات – پات تېلېفون قىلىپ تۇر. ئاپاڭنى ئەنسىرەتمە. ياخشى ئوقۇ. ئەركەكلىككە بىمۇناسىپ ئىش قىلما! خوش، مەن ماڭدىم.
ــ ئاپامغا سالام ئېيتقىن، ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار!
دادام كەتتى. كەينىگە قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى. ئايرىلغاندىكى بىدارلىق تۇيغۇسىنى مەندىن يوشۇرغاندەك تېز – تېز مېڭىپ كەتتى. دادامنىڭ ئاپتوبۇسقا چىققان ھالىتى كۆز قارىچۇقۇمدا قېتىپ قالدى.
چۈشتىن كېيىن مەكتەپ ئاشخانىسىغا تاماق كارتىسى بىجىرگىلى باردىم. كارتا بىجىرگىلى كەلگەنلەر بەك كۆپ بولۇپ ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىر چاغدا ئالدىمدىلا تۇرغان قىزغا تېلېفون كېلىپ قېلىپ، تېلېفونىنى ئالغىنىنىچە ئۆچرەتتىن چىقىپ نېرىغا بېرىپ سۆزلىشىشكە باشلىدى. بىر ھازادىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كەلدى. كىملىكىمنى سۇناي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۆچرەتتىن چىقىپ كەتكەن بايىقى قىز ئالدىراپ كېلىپ ئالدىمغا قىسىلدى. قىستاڭچىلىقتا كىملىكنى ئۇزاتقان قولۇم قىزنىڭ بېشىغا تىگىپ كېتىپ كىملىكىم يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئاچچىقىم كېلىپ:
ــ قىزچاق، قانداق قىلىق بۇ؟ ئۆچرەتتە تۇرمامسىز؟ــ دېدىم.
قىز كىملىكىنى كۆزنەكنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ قايرىلىپ ماڭا قارىغىنىچە دىمىقىنى قاقتى:
ــ ۋۇي قارىم، بايا ئالدىڭىزدا تۇرغان قىز مەنتىم شۇ. قانداق قىلىق بولاتتى؟ مانا مۇشۇنداق قىلىق.
ــ ئەمىسە رېتىڭىزدە تۇرماي، نېمىشقا سىرتقا چىقىۋالدىڭىز؟ مېنى قارىم دېمەڭ ھە.
ــ تېلېفون ئالغىنىمنى كۆرگەنسىز، بۇ ۋاراڭ – چۇرۇڭدا گەپلەشكىلى بولمىسا، چىقىپ كەتمەي قانداق قىلىمەن؟ بۇ ھەرگىزمۇ نۆۋىتىمنى سىزگە سەدىقە قىلىۋەتتىم دېگەنلىك ئەمەس جۇمۇ، سىزمۇ تولا مېنى قىزچاق دېمەڭ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئەۋۇ يەسلىدىكى ماڭقا سىڭلىڭىز ئەمەس مەن.
مۈرىسىدە يېيىلىپ خۇددى دېڭىز سۈيىدەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان قوڭۇر چاچلىرى، ئاپئاق يۈزىگە خوپمۇ ياراشقان زىنىقى، قوشما قاپاقلىرى ئىچىدە جۇلالىنىپ تۇرغان تىنىق ئاسمان رەڭگىدىكى يوغان كۆك كۆزلىرى ۋە ئورۇقمۇ ئەمەس، سېمىزمۇ ئەمەس بوي بەستى بۇ قىزنىڭ گۈزەل لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرسا، بۇ گۈزەل لاتاپىتى بىلەن زادىلا بىر يەرگە قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان زەھەردەك ئاچچىق گەپلىرى بىردەمدىلا مېنىڭدەك سەھرالىق ئىچ مىجەز، مۆمىن سىتۇدىنتنى بويۇنلىرىمغىچە قىزارتىپ زۇۋانسىز قىلىپ قويدى.
قىز رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بولۇپ، ماڭا قاراپ غالىپلارچە كۈلگىنىچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقانلىق ئىشارىسى قىلىپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ رەسمىيىتىمنى بىجىرىپ بولۇپ كۆڭلۈم غەش ھالدا ئاشخانىدىن چىقتىم. ئالىي مەكتەپكە كېلىپ تۇنجى كۈنىلا بىرىدىن، يەنە كېلىپ بىر قىز بالىدىن دەككەمنى يەپ ياتاققا سالپايغىنىمچە يېنىپ كىردىم. كارىۋاتتا يېتىپ باقتىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ قىزىق گەپلىرى، شەھەرنى ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرى ۋە ساۋاقداشلار توغرۇلۇق سۆزلەشلىرى قۇلىقىمغا كىرىدىغاندەك ئەمەس. ھېلىقى قىزنىڭ قاراپ تۇرۇپ مېنى بوزەك قىلىۋالغانلىقى ھە دېگەندە ئىچىمنى ئېچىشتۇراتتى. دادام مېنى ئوغۇل بالا ئەركەك دېگەن. بىراق ئەركەكلىكىمگە ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشالمىدىم. راست، بۇ مىجەزىم بىلەن ئۇنىڭغا گەپ تېپىپ بېرەلمىگۈدەكمەن. ئۆچرەتتە ئۇنىڭ ئالدىمدا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاندېكىن مەنمۇ شۈك تۇرسام بوپتىكەن. ئۆزۈمگىمۇ ئاز. بەش مىنۇت تەخىر قىلسام ماڭا كېلەتتى ئەمەسمۇ؟ قىز بالا بىلەن ئەجەب ئېيتىشىپ قالدىم دېسە. سەل كەڭ قورساقلىق قىلغان بولسام بۇ خاپىلىقلارمۇ يوق.
ھەش – پەش دېگۈچە ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. دەرسلەردە ئاساسىم بولغاچقىمۇ، ئوقۇشتا بەك قىينىلىپ كەتمىدىم. جۈمە كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن كېيىن دۈشەنبىدىكى دىجۇرنىلىك ئۈچۈن سىنىپنى تازىلاپ بولۇپ پەلەمپەيدىن ئالدىراپ چۈشۈپ كېتىۋاتاتتىم. ئىككىنچى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە ئۈچ ئادەمگە دوقۇرۇپ قالدىم. پەس تەرەپتىكى قىز بىلەن يىگىت يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مۈرىلىرىگە يوغان سومكىلارنى ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇلارنى تونۇمىساممۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار يوق چاغلاردا ئوقۇتۇش بىناسىدا ياكى ياتاق بىناسىدا باشقىلارغا ئامۋاي مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ ساتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۈستىدىكى قىز ئۇلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە قاراپمۇ قويماي سۆزلەۋاتاتتى:
ــ قاراڭ، مەن ئەزەلدىن ئامۋاي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقمايمەن، ناۋادا تاشۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ قالسا تەۋسىيە قىلىڭە، بىرقانچىنى سېتىۋالاي. مەن كۆپىنچە سۇلتان زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇرۇمنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىمەن.
ئۇلار ئۆتەر يولۇمنى توسۇۋالغاچقا توختاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇلارمۇ ماڭا يول بېرىدىغاندەك قىلمايتتى. تولىمۇ سۆزمەن كېلىدىغان بۇ مال ساتقۇچىلاردىنمۇ ئۆتە گەپدان قىزغا قارىدىم. قارىدىم يۇ، يۈرىكىم بىردىنلا سېلىپ كەتتى. قانداقتۇر بىر خىل ئاچچىق سېزىمدىن قانلىرىم قىزىشقا باشلىدى. بۇ قىز مەن مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى مېنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئوسال قىلغان ھېلىقى ئاغزىدا خامان ئالىدىغان قىزنىڭ ئۆزى ئىدى. ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالايلا دەپتىكەنمەن. تار كوچىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ بۇرۇنقى ئاچچىقىم يەنە مېڭەمگە چىقتى. قىز ماڭا قاراپ مېنىمۇ تونۇدى بولغاي، ماڭا قاراپ ھېلىقى غالىبلارچە كۈلكىسىنى يەنە كۈلدى:
ــ ھە راست، يۈز مېيىڭلار باردۇ؟ ئاقارتىدىغىنى،ــ سورىدى قىز مال ساتقۇچى يىگىتتىن.
ــ ۋاي بولمامدىغان، ئەڭ ئېسىلى دەڭە، لېكىن قارايتىدىغىنى بارمۇ دېسىڭىز يوق دەيمەن. بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ھەقىقىي يېشىل مەھسۇلات، ھايۋانات مېيى دېگەن نەرسە يوق....
ــ ھە بولدى،ــ قىز يىگىتنىڭ گەپلىرىدىن تېرىككەن بولسا كېرەك گەپنى چورتلا ئۈزدى،ــ بۇ يىگىتكە سېتىپ بېرىڭە، ئاقىرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
مال ساتقۇچىلار ماڭا دىققەت قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىز ئۇلارنىڭ يېنىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى. قىزنىڭ يەنە مېنى كولدۇرلىتىۋاتقانلىقىدىن بايىقى بىر ئاچچىقىم ئون بولدى. يىگىتنىڭ يۈزماي قۇتىسىنى ئۇزاتقان قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ پەسكە ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشتۈم. بىنانىڭ سىرتىغا چىقسام قىز ئاللىقاچان دەرۋازا يېنىغا بېرىپ بوپتۇ. مەيداندا ئادەم كۆپ ئىدى. بىر قىزنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يۈرۈش قاملاشمىغان ئىش ئىدى. شۇڭا دەرۋازا تەرەپكە قاراپ تېز – تېز ماڭدىم.
قىز كىرىپ كەتكەن ماگېزىنغا كىرسەم ئۇ تېلېفوندا سۆزلىشىۋېتىپتۇ. كەينىدە يەنە بىر خەنزۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپتۇ. مەنمۇ بېرىپلا ئۆچرەتكە قېتىلدىم. بۇ قىزنىڭ ئۆتكەندە يانفونى بار ئىدى. بەلكىم بۇ يەرگە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرغىلى كىرگەن بولسا كېرەك.
ــ سەئىدە، بەك زېرىكىپ كەتتىم. دەرسلەر بەك قىيىنكەن. مەن بىلىپ بولالمىدىم. كەلمىسەم بوپتىكەن، ئۆينى سېغىنىپ كەتتىم. كېتىمەن،ــ قىز بىردىنلا مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى.
ئىچىمدە توۋا دەپ كەتتىم. مۇشۇ قىزمۇ يىغلايدىكەن ھە. يالغانمۇ يا دەپ بوينۇمنى سوزۇپ قىزنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ باقتىم. ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ چۈشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم شۇررىدە ئېرىپ، قىزغا بولغا بايىقى غەزەب ئاچچىقىم بىردەمدىلا يېنىپ كەتتى. قىزدىن ئۆچ ئېلىش نىيتىمدىن يالتايدىم.
ــ ئەتە كەل ھە، سېنى ياتاقتا ساقلايمەن.
قىز تۇرۇپكىنى قويۇپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن تېلېفون قېشىدىن ئايرىلدى. «ئەتە كەل» دېگىنىدىن قارىغاندا قارشى تەرەپنىڭ مۇشۇ شەھەردە ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. نېمىشقا يانفونىدا تېلېفون قىلمىدىكىنە بۇ يەردە خەققە يىغلاپ بەرگۈچە؟ دېدىم ئىچىمدە ئۆزۈمچە غودۇراپ. ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ يانفون ئىشلىتىشىمىزنى توسۇپ كەتمىسىمۇ، بىراق كۆپىنچىمىز نامرات ئوقۇغۇچى بولغاچقا يانفونىمىز يوق ئىدى. ئالدىمدىكى خەنزۇ ئىشى چىقىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر تېلېفون قىلمايلا كېتىپ قالدى. مەن ئۆيگە نەچچە قېتىم ئۇرۇپمۇ ئالالمىدىم. قارىغاندا ئاكامنىڭ بالىسى يەنە تۇرۇپكىنى جايىغا قويمىغاندەك قىلاتتى.
ئوغۇللار ياتاق بىناسى بىلەن قىزلار ياتاق بىناسى ئايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بايىقى قىز بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قالدىم. بۇ قېتىم قىزغا يۈرەكلىك ھالدا ئېغىز ئاچتىم:
ــ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
ــ مۇشۇ كېچىدە، مۇشۇ خىلۋەت جايدا دەيدىغان قانداق گېپىڭىز بار ئىدى؟ تەلەپ قويامسىز؟
قىزنىڭ قىلچە تارتىنىشسىز، تەنە بىلەن ئېيتىلغان تىكەنلىك سۆزلىرى بىردەمدىلا كاللامنى قالايماقانلاشتۇرۇپ، تىلىمنى كالۋالاشتۇرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئاغزى مۇشۇنداق گەپ قىلىشقىلا يارالغانمىدۇ؟
ــ ۋاي خۇدايىم، قۇرۇپ كەتسۇن سىزگە تەلەپ قويۇش، ھوي قىز....
قىز شاققىدە مەن تەرەپكە قاراپ ئۆرۈلۈپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ھۈرپەيدى:
ــ يىگىتچاق، ھوي قىز ئەمەس جۇمۇ مەن، ئىسمىم بار.
ــ ئىسمىڭىزنى بىلمىگەندېكىن شۇنداق چاقىرىپ قويدۇم....
ــ بىلمىگەن بولسىڭىز بىلىۋېلىڭ، ئەزان چاقىرىپ قويغان ئىسمىم دىلدار.
ــ ھە، دىلنار....
قىز يەنە ۋارقىراپ گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى:
ــ قۇلىقىڭىزنىڭ قان بېسىمى ئېشىپ كەتمىگەندۇ؟ قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ، مەن دىلدار دەۋاتىمەن. دىل ...دار! مېنى دىلنار دەپ چاقىرغۇچى بولماڭ. مەن ئۇ ئىسىمغا ئۆچ.
ــ بولىدۇ. دىلدار قىز، سىز نېمانداق مەن بىلەن ئېيتىشىۋېرىسىز؟ مەن سىزگە ھېچبىر يامانلىق قىلمىغانغۇ؟ ئۆتكەنكى ئىشقۇ بوپتۇ. بۈگۈن يەنە نېمىشقا قاراپ تۇرۇپ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق زىتىمغا تىگىسىز؟ چىرايىم بىلەن نېمە كارىڭىز؟
ــ دىلدار قىز؟ ماۋۇ ئاتىشىڭىز بولىدىكەن. ھە، ئۇ ئىشلارنى دەمسىز؟ كۆڭلىڭىزگە كەلدىما؟ ئوغۇل بالا بولغاندېكىن سالىۋات دەپ ئۆتكۈزىۋېتىڭە. كۆڭلى كۆكسىڭىز خېلى كەڭغۇ سىزنىڭ.
ــ كۆڭلى – كۆكسۈم كەڭمىكەن؟ مېنى تونۇيدىغاندەكلا گەپ قىلىسىزغۇ؟ مېنى ئىككى قېتىم ئوسال قىلىپ بولدىڭىز، ئەمدى ئۈچىنچى قېتىم بولۇپ قالمىسۇن.
ــ خاتىرجەم بولۇڭ. ئەمدى ئۇچرىشىشىمىز ناتايىن. ئۈچىنچى قېتىملىقى بولمايدۇ. بىراق يەنە ئۇچرىشىپ قالساق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوسال قىلىۋالسىڭىز بۇنى مەندىن كۆرمەڭ ھە قارىم.
ــ مېنى قارىم دېمەڭ، مېنىڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىم بار.
ــ مېنىڭكىگە ئوخشاشمۇ؟ مېنىڭمۇ ئىسمىم دىلدار دەپ تۇرىۋالمايدىغانسىز؟
ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان بۇ قىز يەنە مېنى چېلىۋاتاتتى.
ــ ئۇ ئىسىم سىزدىن ئايلانسۇن، مېنىڭ ئىسمىم ئەكرەم، خوش، خۇداغا ئامانەت، ئىگىمىز ئىككىنچىلەپ كۆرۈشۈشنى نېسىپ قىلمىغاي.
مەن ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم.
ــ نېمە؟ ئىكرام..........
كەينىمدىن ئاڭلانغان قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىمگە قايرىلدىم:
ــ سىزمۇ ئىككى قۇلىقىڭىزنى كولىۋېتىپ ئوبدان ئاڭلاڭ، ئىكرام ئەمەس، ئەكرەم.
مەن ۋارقىرىغىنىمچە يولۇمنى داۋام ئەتتىم. ئۆزىمىزنىڭ ياتاق بىناسىغا بۇرۇلىدىغان يەرگە كەلگەندە كەينىمگە قارىسام قىز تۇرغان يېرىدە ئۈستىدىكى سەيدىقارىياغاچنىڭ شېخىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپ كېتىپتۇ.
شەنبە – يەكشەنبىنى ئانچە – مۇنچە كىر – قات يۇيۇپ، باشقا چاغدا كىتاب ئوقۇپ توشقۇزدۇم. دۈشەنبە كۈنى دىجۇرنى بولغاچقا بالدۇرلا سىنىپقا قاراپ ماڭدىم. جۈمە كۈنى كەچ «ئىگىمىز ئىككىنچىلەپ كۆرۈشۈشنى نېسىپ قىلمىغاي» دەپ تىلىگەن تىلىكىمنىڭ ئەكسىچە سىنىپقا يېقىن كېلىشىمگە دىلدارنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۇدۇلىدىكى سىنىپقا كىرىپ كېتىۋاتاتتى.

داۋامىنى دىلدارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغايسىزلەر

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 16:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى داۋاملىشۋاتدۇ، بەرگىيەنىڭ ئەسەرلىرنىڭ راستىنلا بەدئى كۈچى كۈچلۈك، تىلغا شۇنداق باي ، ئالدىنقىسى دىلدارنىڭ تىلى، كىيىنكىسى ئەكرەمنىڭ تىلى ئىكەندە . ھارمىغايسىز.....

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 18:56:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلدار بىلەن ئەكرەم شۇنداق تونۇشۇپ قالدى،.....

UID
6463
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1059
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 19:08:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران بىلەن بەرگىيە ھەمكارلىشىپ ،ئەسەر يېزىۋاتامدا؟

باھا سۆز

bargiya  ھەئە،ئۈزۈلمەس كۈيلەر مىلۇدىيەسى  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 10:40:42

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 10:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن بېرىپ ئوقۇشنى ئەمەس ئايلىنىپ كېلىشنىمۇ تېخى خىيالىمغا ئەكەلگۈدەك بولمىغان بىلىم يۇرتىغا كېلىپ تۇرۇپتىمەن. دادام-ئاپاملارنى ۋە سەئىدەنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىپ چوڭ ئاكام خىزمىتىدىن رۇخسەت سوراپ ئۆزىگە پىششىق بولغان بۇ شەھەرگە بىزنى ئېلىپ كېلىپ ئاۋال مېنى ئاندىن سەئىدەنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇردى. دەسلەپتە سەئىدە ئىككىمىزنىڭ گەرچە ئايرىم-ئايرىم مەكتەپ بولسىمۇ بىراق بىر شەھەردە بولغىنىمىزدىن ئالەمچە خۇش بولغان ئىدىم. بۇ شەھەرنى ئۆزىمىزنىڭ شەھرىگە ئوخشاش كىشىلىرى، بىنالىرى ئۇنچە قويۇق بولمىغان شالاڭ مۇھىت، بىر-بىرىمىزنى چاقىرساق ئۈنىمىز يەتكۈدەك ئارىلىقتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيمىز دەپ تەسەۋۇر قىلىپ كۆڭلۈمنى شۇنداق توق تۇتۇپتىكەنمەن، ئەپسۇس كىم بىلسۇن؟ ئادەملىرىدىن ئۆتە ماشىنىلىرى زىچچىدە بولۇپ قەدەم ئارىلىق قالدۇرماي، يوللاردا توسۇلۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان، سەرەڭگە قېپىدەك تىزىلىپ كەتكەن بىنالىرىنىڭ ئىشىكىدىن پاتماي كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەر توپىدا مىنىۇت دىققەت قىلمىسا بىر-بىرىنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان بۇ قايناق شەھەردە ئىككىمىز بىزنىڭ شەھەردىكى ئىككى ناھىيە بازىرىدەك ئارىلىقتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىكەنمىز ئەمەسمۇ؟ سەئىدەنىڭ مەكتىپىگە بارغۇچىلىق يولنىڭ ئۇزۇنلىقىدا كوچا ئابتۇبۇسىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ ئولتۇرۇپ سەئىدەنىڭ «دىلدار ئاۋۇ بىناغا قارىغىنا، دىلدار ئاۋۇ يەرگە قارىغىنا!» دىيىشلىرىگە كەپسىز شوخ تۇرقۇمنىڭ ئەكسىنچە ئۈندىمەي كۆڭلۈم يېرىملىق بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. ئاكام بىزنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ياخشى ئوقۇشىمىزنى، مەكتەپ سىرتىغا تولا چىقماسلىقىمىزنى، يامان قىز-ئوغۇللارغا ئارىلاشماسلىقىمىزنى تاپىلاپ بولۇپمۇ مېنىڭ يۇرتتىكى كەپسىز ۋە سۆزمەن ھالىتىمگە خاتىمە بېرىپ يۇۋاش-يۇمشاق قىز بالا سۈپەت بولۇشۇمنى بەكرەك تەكىتلەپ قايتىپ كەتتى. تۇنجى قېتىم يات مۇھىتتا ئۆزۈم يالغۇز قېلىشىم بولغاچ بىر ئاز يۈرىكىم ئېزىلدى. دىلكىشىم سەئىدەمۇ يېنىمدا يوق ئىدى. دەرسلەرنى ئويلىساملا بېشىم ئاغرىيتتى. بىراق كەلگەن ئىكەنمەن قايتىپ كېتىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ،ئوقۇشۇم كېرەك چىدىشىم كېرەك.
ياتاقتىكى قىزلار بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالدىم.ھەممىمىزلا يېڭى كەلگەن بولغاچقا يۇرتتىن، ئاتا-ئانىدىن، يېقىن دوستلىرىمىزدىن ئايرىلىشنىڭ مىسكىنچىلىكىدە ئوشۇق گېپىمىزمۇ يوق ئىدى. بىراق ماڭا بۇنداق ھالەت ۋە كەيپىيات پەقەت ياراشمايدىغاندەك قىلاتتى. ئاكام قايتىپ كەتكەندىن كېيىن تاماق كارتىسى بېجىرىۋىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىغا بېرىپ ئۆچرەتتىن بىر دەملىك چىقىپ كەتكىنىمگە مېنىڭ ئۆچرىتىمگە قول ئۇزارتقان بىر بالىغا زەھەردەك سۆزلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ئىچىمنىمۇ بوشىتىۋالدىم تېخى....
مەن ئۈچۈن يات بولغان مۇھىت ۋە يات بولغان دەرس دىگەنلەرگە كۆنمەي ئىلاجىم يوق ئىدى. چىدا دىلدارخان چىدا...بۇ يەردە ساڭا يۆلەك بولىدىغان سەئىدە ۋە ئىكرام يوق دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم. ئىكرامنىڭ بىز مەكتەپ پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا قىلغان سۆزلىرى ۋە ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدىكى ئىلتىجالىق تەلمۈرۈشلىرى خىيالىمغا كىرىپ قالاتتى. چاقىرىق قەغىزىنى ئالغاندا ھەممەيلەن ئۇنى تەبرىكلەشسە ئۇ ئۇھسىنغان ھالدا ماڭا «سەئىدە ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولسىچۇ!» دىگەن ۋە شۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا خۇددى گۇناھلىق بىر سۆز قىلىپ قويغاندەك قايتا ماڭا تىكىلىپ قارىيالمىغان ئىدى. يولدا كەلگۈچە سەئىدەمۇ ئىكرامنىڭ ئارمىنىنى قىلىپ «ئېست-ئېست، ئۇمۇ مۇشۇ شەھەردە ئوقۇپ قالغان بولسىچۇ، بىر مەكتەپتە بولۇپ قالغان بولساقچۇ!» دەپ ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ئۇنىڭغا «مەن بىلەن بىر شەھەردە بولغۇچە ئىكرام بىلەن بىر شەھەردە ئوقۇپ قالسامچۇ دەپ ئارمان قىلىۋاتىسەن، مەندەك نان قېپىنىڭ سەن بىلەن بىر يەردە ئوقۇپ قېلىشى يۈزۈڭنى چۈشۈرۈدۇ ئەمەسمۇ» دەپ ئاچچىق گەپ قىلىپ ئېغىزىنى قايتا ئاچۇرمىغان ئىدىم. كىشى خۇشال، غەمسىز ئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ھىچنىمىنى بۇنچە چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەيدىكەن. ئەمما ئۆزى يالغۇز قالغاندا، يات مۇھىتقا تاشلانغان ۋاقىتتا ئاندىن چوڭقۇر ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قەدرىگە بەك يېتىدىكەن. ئوتتۇرانچى ئاكام ئوقۇشقا ئۆتكىنىمدىن خۇشال بولۇپ سوۋغا قىلغان يانفۇنۇمغا ئاكام قايسى كۈنىلا بۇ يەردىن كارتا بىجىرىپ بەرگەن ئىدى. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفۇنخانىدىن ئۇرۇشنى ئويلىماي ئۆيگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ تېلېفۇن ئۇرۇۋىرىپ بىر دەمدىلا توختاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئاخىرقى دەرستە جىم ئولتۇرالماي شېتىللىك قىلىپ شۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچۇمدىن ئازراق گەپ ئاڭلىۋىلىپ ئاچچىقىم بىلەن سەئىدەگە دەرت تۆككىلى تېلېفۇنخانىغا مېڭىۋىتىپ، زورلاپ مەھسۇلات سېتىش شېركىتىنىڭ ئىككى ئەزاسىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ تۇراتتىم خويمۇ ئوبدان بىر بالا مېنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى. مەن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇ بالىغا بۇراپ قويۇپ ئالدىراپ تېلېفۇنخانىغا كىرىپ كەتتىم. كىم بىلسۇن، بۇ بالىمۇ كۆرۈنۈشتە يۇۋاشتەك قىلغىنى بىلەن كالتەك تېگىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاغرىقىنى ھىس قىلىدىغىنىدىن بولسا كېرەك ، مەن كەتكەندىن كېيىن قورسىقى كۆپۈپ كەينىمدىن ئىز قوغلاپ كەپتۇ دىسە.. تېلېفۇنخانىدا چالا-پۇچۇق ئۇ يىگىتنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم .مەن ئاۋال تېلېفۇندا سۆزلىشىپ بولۇپ چىقىپ كەتتىم. يولدا ياتاقداشلىرىم سىرتقا مېڭىپتىكەن، ئۇلار بىلەن بىر دەم پاراڭلىشىپ قالدىم. سىرتقا بىللە چىقايلى دىگەن ئىدى ،بايىلا سەئىدەگە تېلېفۇن قىلىپ ھەم كۆڭلۈم يېرىم بولغاچ چىققۇم كەلمىدى. قايتىپ ئوغۇللار ياتاق بىناسى بىلەن قىزلار ياتاق بىناسىغا ئايرىلىدىغان دوقمۇشتا ئۇ يىگىتنى يەنە ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى كىم بىلسۇن؟
ئۇ يىگىتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ھېلىقى تاماق كارتىسى بىجىرگەن كۈنىمىز مەندىن ئاچچىق گەپ يەپ قىزىرىپ-تاتىرىپ، ھومىيىپ قالغان يىگىتنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ قالدىم. ئاپلا..يەنە شۇ يىگىتنى بايا ھېلىقى يېپىشقاق مال ساتقۇچىلارغا تۇتۇپ بېرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئەسلىدە كۆڭلۈم يېرىم بولغاچقا ھەم ئورۇنسىز ھالدا ئۇ يىگىتنى ئىككى قېتىم ئوسال قىلىپ قويغاچقا سىلىق -سىپايىرەك بولارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .بىراق، ئۇ يىگىتنىڭ چۆچۈگەن ئەندىككەن ھالدا «ــ ۋاي خۇدايىم، قۇرۇپ كەتسۇن سىزگە تەلەپ قويۇش، ھوي قىز....» دىيىشى جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتتى . ئۆزۈم ئوغۇل بالا مىجەز شوخ كەپسىز بولغىنىمنىڭ ئەكسىنچە بىر قىسىم ئۆزىنى شۇنچە تۈزەشتۈرۈپ، ياسىنىپ يۈرىدىغان قىزلارغا قارىغاندىمۇ چىرايىمنىڭ خېلىلا چىرايلىق ئىكەنلىكىنى، بوي-بەستىمنىڭمۇ ئىۋەنسىز ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ «چىرايىڭغا يارىشا نازاكەتلىكرەك قىز بالا سۈپەت بولساڭچۇ!» دىيىشلىرىدىن ھىس قىلاتتىم. سەئىدەمۇ دائىم «دىلدار، سېنىڭ مۇشۇ كۆك كۆزلىرىڭنىڭ تېگىگە چۆكۈپ كەتكەن كىشى مەڭگۈ چىقالمايدۇ جۇمۇ جىگىرىم» دەپ ماڭا كۆيەتتى .ھەر ھالدا شۇنچە سىن-سىپاتىم بولغان ئىكەن ماۋۇ قارىۋاينىڭ ئۆزىچە دەپ كەتكەن گېپىدىن ئۆرگىلەيمۇ؟ غۇژژىدە تۇتقان تىرتەكلىك بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويدۇم. بىراق يىگىتمۇ بوش كەلمىدى. قارىماققا يۇۋاش سىپايە كۆرۈنگەن، قايسى كۈنى كارتا بىجىرگەن يەردە قىلغان يولسىزلىقىمغا رەددىيە بېرەلمەي بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن يىگىتنىڭ بۈگۈن خېلى ئوبدان ئاچچىقى كەلگەن ۋە مەن بىلەن ھىساپلاشقۇسى كەلگەندەك تۇراتتى. « توشقانمۇ ئاچچىقى كەلگەندە ئادەم چىشلەيدۇ»ئەمەسمۇ..
بىراق مەنمۇ بوي بەرمىدىم. ئۆينى، يۇرتنى، سەئىدەنى سېغىنىشقا چىدىمىغان ھىسلىرىمنى مۇشۇ يىگىتتىن چىقارماقچى بولغاندەك قىلاتتىم. يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ ئەكرەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىدىم، شۇنداقتىمۇ يىگىتنى بىر دەم گەپكە تۇتقۇم، ئىچىشقۇم، ئاچچىقىنى تېخىمۇ كەلتۈرگۈم كەلدى. كەينىدىن توۋلىدىم:
-نىمە،ئىكرام؟...
يىگىت بۇ قېتىم چېلىنمىدى، ئەكسىنچە مەندىنمۇ ئۆتە زەھەر بىلەن :
-ــ سىزمۇ ئىككى قۇلىقىڭىزنى كولىۋېتىپ ئوبدان ئاڭلاڭ، ئىكرام ئەمەس، ئەكرەم.دىدى-دە يولىنى داۋام ئەتتى. كۆز ئالدىمغا بىردىنلا ئىكرام كەلدى. تېخى تۈنۈگۈنلا بېرىپ ئورۇنلىشىۋالغانلىقىنى ،تېلېفۇن نومۇرۇمنى سەئىدە ئارقىلىق ئۇققانلىقىنى ،بىزنى بەك سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىلغان ئىكرام خىيال ئىكرانىمدىن كەچتى. نىمىشقىدۇر بۇ يىگىت بىلەن ئىكرامنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم. ئىكرام قانچىكى زەھەردەك گەپ قىلساممۇ پەقەت خاپا بولمايتتى. ماڭا گەپ قىلغۇچە نەچچە قىزىرىپ-تاتىرىپ كېتەتتى. بوي-بەستى ئىكرامدىن پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ يىگىتمۇ قاراشقا ناھايىتى كەمسۆز، يۇۋاش كۆرۈنەتتى. بىراق ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە ئۇۋالچىلىقلارغا سۇكۇت قىلىۋىرىدىغاندەك قىلمايتتى. مەن شۇلارنى خيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم. ۋاي توۋا مېنىڭ نىمە ئىشىم بۇ سەت قارىۋاي بىلەن نىمە ئىكرامنى سېلىشتۇرۇپ يۈرىمەن؟ كىم بىلىدۇ، بۇمۇ ماڭا ئوخشاش دەرس ئوقۇماي تۇرۇپ ئامىتى سەۋەبلىك مەكتەپكە كېلىپ قالغان نان قېپىمۇ تېخى. ھال تارتىپ كېتىشلىردىن ئۆرگىلەي...دەل شۇ ۋاقىتتا يىگىتنىڭ ياتاق بىناسىغا يېتىپ بېرىپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىغىنىغا كۆزۈم چۈشتى-دە ،غۇژژىدە بولۇپ شاققىدە يانغا بۇرۇلۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدىم.
شەنبە كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇش خۇشياقماي ياتتىم. ئەمىلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا ئۇيغىنىپ كەتكەن ئىدىم. شەھەردىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلار ۋە بازارغا چىقىدىغانلار ئەتىگەندىلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ تەييارلىقلىرىنى قىلىشىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. مەن بۈگۈن سەئىدەنى ساقلايدىغان بولغاچ ئۇنىڭ كېلىپ، مېنىڭ لايدەك ئېزىلىپ يېتىۋالغان ھالىتىمدىن ۋايساپ ماڭا تۇنۇش بولغان تاتلىق تىللاشلىرى ئارقىلىق سېغىنىشىمنى بېسىشىنى ئۈمد قىلىپ ياتاتتىم. دىگەندەك سائەت 9 بىلەن ئۇ كىرىپ كەلدى. ئىشىكتىن كىرىپلا :
-ۋاي خۇدايىمەي، ماۋۇ تېخىچە ئورۇندىن چىقماي ياتامدۇ نىمە؟- دەپ پىشانىسىگە بىرنى ئۇردى. ئۇنى كۆرۈپلا كۆزلىرىمنى يۇمۇپ يېتىۋالدىم .
-ھەي مېنى مۇشۇنداقمۇ قارشى ئالامسەن؟ سېنى دەپ ئەتىگەن ناشتىمۇ قىلماي كېلىپ قوساقلىرىم ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى.
مەندىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن ئۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ قالدى-دە، ئىتتىك كېلىپ پىشانەمگە قولىنى قويدى:
-نىمە بولدۇڭ؟ ئاغرىپ قالمىغانسەن؟پىشانەڭغۇ قىززىق ئەمەس ھەي كۆزۈڭنى ئاچقىنا ئادەمنى ئەنسىرەتمەي..
شۇنداق تېزلىك بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى تارتىپلا يوتقاننىڭ ئىچىگە سولىدىم-دە، قاقاقلاپ كۈلگىنىمچە:
-ئوماق،ئوماق سەئىدەم ،جېنىم مېنىڭ،- دىدىم.
-ۋاي ساراڭ چېچىم يۇلۇنۇپ كەتتى، مېنى قويۇۋەت!
ئۇ بوشىنالماي بېشىنى يوتقاندىن چىقىرىپ بولالماي تېپىرلىدى. مەن ئۇنىڭ بېشىنى يوتقانغا چۆمكىۋىلىپ قۇچاقلىۋالغان ئىدىم. ئۇنى بىر ھازا قىيناپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن ئۇنى قويۇپ بەردىم. ئۇنىڭ چاچلىرى بۇزۇلۇپ، يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ھاسىرىغىنىچە ئۆزىنى ئاران بوشىتىپ نېرىدىكى كارۋاتقا ئۆزىنى ئاتتى-دە، مېنى تىللاشقا باشلىدى:
-ھەي ساراڭ، تۈنۈگۈنلا كۆزۈڭنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ يىغلاپ «كەل، بولمىسا كېتىمەن» دەپ ئادەمگە قورقاق سالىسەن. كېچىچە بىر ئۇخلىيالمىدىم، سېنىڭ ئۇنداق مىسكىن ھالىتىڭنى پۇل بېرىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بولغاچقا ئىچىم سىيرىلىپ ئەتىگەن ناشتىمۇ قىلماي يېنىڭغا ئۇچۇپ كەلسەم، قىلىۋاتقان قىلىقىڭنى قارىغىنا، نەرىڭمۇ مېنى سېغىنغان تۈنۈگۈنكى ياشلىق ھالەتتىكى دىلدار بولسۇن سېنىڭ؟
-ھا ھا.. سېنى ئەمدى مىڭ يېرىمدىن تاراملاپ، يىغلاپ، مىلچىيىپ قارشى ئالسام بولامتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەپتىدە ئاران بىر كېلىدىغان بۇ ئىككى كۈنلۈك ئازادلىقنى ئۇنداق كۆڭۈل يېرىملىق بىلەن زايە قىلغۇم يوق مېنىڭ.
-ئاللا ئاجايىپ قىزسەن دىلدار.. ئاجايىپ،ــ ئۇ پەسكويغا چۈشۈپ ماڭا مىھرى بىلەن تىكىلدى-دە، شۇنداق دىدى.
-كېلە بىر دەم ياتىمىز!
-ماڭ جۇگۇ. مېنىڭ قورسىقىم ئېچىپ تارتىشىپ كەتتى يىگۈدەك بىر نەرسە تەيارلا!
-ۋاي خېنىم قورسىقىڭ ئاچقان بولسا ئەنە چايدان، ئىشكابىمدا بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئەكىرگەن قاتتىق نان بار چىلاپ ئىچكىن!
-ئاران بىر كەلسەم شۇنداق قىلمايدىغانسەن؟
-ئەمىسە قانداق قىلاي سەئىدە مەلىكەم؟
ئۇنىڭ ئاق-سۈزۈك چىرايى قىزىرىپ ئاچچىقلاندى:
-تولا چاقچاققا يۆلىمە دەيمەن، بولمىسا مەن كېتىمەن.
-كەت، كەت سېنى كىم كەلسۇن دىدى؟
-بۇ گېپىڭ راست ھە، ئېسىت ساڭا ئەخمەق بولۇپ كېچىچە ئۇخلىمىغان كۆزلىرىم، ئەمدى كەلمەيمەن قېشىڭغا، يىغلامسەن قاخشامسەن نىمە بولساڭ بول!
ئۇ راستىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. پەرۋايىمغا كەلمەي يېتىۋەرگەنمۇ بولاتتىم ،بىراق ئۇنىڭ راستىنلا ياتاق ئىشىكىنى ئاچقىنىنى كۆرۈپ سەكرەپ كارۋاتتىن چۈشتۈم-دە، ئۇنى كەينىدىن قۇچاقلىۋالدىم:
-بۇ يەرگە كېلىش بار، كېتىش يوق سەئىدەم، گېپىمنى ئاڭلا!
-مېنى بۇنداق قارشى ئېلىپ نىمە ئەخمەق قىلاتتىڭ. قويۇۋەت مېنى!
ئۇنىڭمۇ ھەقىقي ئاچچىقلىمىغانلىقىنى، پەقەت ماڭا پۆپەك كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىراق شۇ تاپتا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل بويىچە ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىم:
-خاپا بولما جېنىم، ساڭا ئەركىلەپ قويدۇم.
-مەن سېنىڭ ئاناڭمىتتىم ماڭا ئەركىلەيدىغانغا..
-ھى ھى ئانام دىسەم ئانام، ئاچام دىسەم ئاچام، دوستۇم دىسەم دوستۇم، جېنىم دىسەم جېنىم سەن مېنىڭ..
-ۋاي ماڭغىنە ساراڭ.
ئۇ پىخىلداپ كۈلگىنىچە مېنىڭ قىچىقلاشلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قوللىرىمغا ئېسىلدى.
مەن يۇۋاشلىق بىلەن تېزلىكتە كىيىملىرىمنى كىيىپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ تەييار بولدۇم. ئاڭغىچە ئۇ ئورۇنلىرىمنى يىغىپ، ياتاقنى بىرەر قۇر رەتلەپ قويدى. ئاكام بىزنى ئېلىپ كەلگەن كۈنى بىزنى ئېلىپ چىقىپ تاماقلاندۇرغان مەكتەپ يېنىدىكى ئاشخانىنىڭ تامىقى ئۇنىڭغا بەك تېتىپ كەتكەن ئىدى. شۇ يەرگە چىقىپ غىزالاندۇق. ئىككىمىز ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭ سېلىشتۇق. ئۇ ياتاقتىكىلىرى توغرىلىق ۋە سىنىپتىكى ئىككى ھەپتە جەريانىدىكى ئىشلىرى توغرىلىق پاراڭ سېلىپ بەردى. قارىغاندا ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك ئۆزلىشىپ قالغاندەك قىلاتتى.
-ھە راست، ئىكرام ئىككىمىز تېلېفۇندا پاراڭلاشقان ئىدۇق. ئۇمۇ بېرىپ ئورۇنلىشىۋاپتۇ، تېلېفۇن نومۇرۇڭنى سورىغانتى دەپ بەردىم.
-ھەئە ماڭا تېلېفۇن قىپتىكەن.
- قاچان؟
-ئالدىنقى كۈنى.
-نىمە دەيدۇ، مېنى سورىدىمۇ؟
-ياق، ئىككىڭلار سۆزلىشىپ تۇرىدىغان تۇرساڭلار سېنى مەندىن سورامتى؟ ئۆزىنىڭ ئورۇنلىشىۋالغانلىقىنى، مەكتەپ مۇھىتىنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەممە نەرسىنىڭ شۇنداق ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مېنىڭ كۆنگەن-كۆنمىگەنلىكىمنى، كەپسىزلىك قىلماي ياخشى ئوقۇشۇم كېرەكلىكىنى جىكىلىدى، خۇددى مېنىڭ دادامدەك.
-ئۇنىڭ ساڭا كۆڭۈل بۆلگىنى ئۇ.
-خېلى گەپدان بولۇپ قالدىمۇ ياكى مەن تېلېفۇندا بولغاچقا قىزىرىپ-تاتىرىشلىرىنى كۆرمىدىممۇ ئۇ مۆمىننىڭ.
-نەدە ئۇنداق، ئىكرامنى ئۇنداق- مۇنداق بالىلارغا تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ جۇمۇ، ئۇ بەك ياخشى-سەئىدە ھاياجان بىلەن شۇنداق دەپ يېنىك ئۇھ تارتىپ قويدى. دەل شۇ پەيتتە ئالدىمىزدىكى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ دەل تۈنۈگۈن كەچتىكى ئەكرەم ئىسىملىك يىگىت ئىدى.
-ھەي ئىكرامنى بىرسىگە تەڭ قىلغىلى بولۇدۇ جۇمۇ، قارا..
سەئىدە مەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدى.
-ئۇ كىم ؟
مەن ئىختىيارسىز كۈلدۈم. ئۇ يىگىت گەرچە بىز تەرەپكە قارىمىغان، بىزنى كۆرمىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئاخشامقى ئاچچىقتىن تېخىمۇ قارىداپ كەتكەن چىرايى كۆز ئالدىمدا ئىدى.
-ئۇ كىم دىلدار، كېلەر كەلمەيلا بىرسىنى تېپىۋالمىغانسەن؟
-توۋا دىگىنە، ئىگىمىز ئىككىنچىلەپ كۆرۈشۈشنى نېسىپ قىلمىغاي!
مەن ئىختىيارسىز ئۇ يىگىتنىڭ تۈنۈگۈن ماڭا دىگەن گەپلىرىنى تەكرارلىدىم.
-نىمانداق باش-ئايىقى يوق گەپلەر بۇ، ئۇ كىم ،تۇنۇشامسەن،بىر ئىش بولدىما؟
سەئىدە خاتىرجەمسىزلەنگەن ھالدا ئارقا-ئارقىدىن سۇئال سوراپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئاكام كەتكەن كۈنى چۈشتىن كېيىنكى كارتا بىجىرىش ئىشىنى ۋە پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندىكى ئۇ يىگىتنى مەھسۇلات ساتقۇچىلارغا تۇتۇپ بەرگىنىمنى، تېلېفۇنخانىدىن چىققاندىن كېيىن يول ئېغىزىدا دىيىشكەنلىرىمىزنى ئېيتىپ بەردىم.
-توۋا،توۋا دىلدار، سەن قانداق قىز بالا ھەي، كۆرۈپمۇ باقمىغان، ناتۇنۇش مۇشۇنداق بىر بالىغا شۇنداقمۇ قاپ يۈرەكلىك قىلامسەن دەيمەن؟ بۇ ساڭا نەدىن كەلگەن جۇرئەت ھەي..سەن ..
-نىمە بولدى؟
-ئەگەردە ئۇ بالىنىڭ ئورنىدا لۈكچەكرەك كەلگەن قارام بالىلاردىن بىرسى بولغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟
-بوزەك بولمايتتىم. مەنمۇ لايىقىدا ئىش قىلدىمغۇ، خاتا ئەمەسقۇ؟
-ئۆچرىتىڭدە كارتا بىجىرسە نىمە بوپتۇ، كەينىدە بىجىرسەڭ ئۆلەمتىڭ؟ تېلېفۇندا سۆزلىشىپ ئۆچرەتتىن چىىقپ كەتكەندىن كېيىن نۆۋەت كەلگەندە ئەلۋەتتە سېنى تېلفۇندا سۆزلىشىۋالسۇن دەپ قاراپ تۇرمايدۇ-دە!
-ۋاي ئىشقىلىپ ئۇ مېنىڭ ئۆچرىتىم تۇرسا...
-ھەي، نىمە دەپ قانداق ئويلاپ قالغاندۇ ئۇ يىگىت سېنى؟
-ۋاي بىچارە سەئىدەم پەرۋايىم پەلەك مېنىڭ ،نىمە ئويلىسا ئۆزىنىڭ ئىشى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ قالمىساملا شۇنىڭغا شۈكرى دەيمەن.
سەئىدە ئۇ يىگىت قايرىلىپ كەتكەن دوقمۇشقا قارىغنىچە توختىماي بېشىنى چايقاپ ئەپسۇسلاندى. ھېلىمۇ ئۇ يىگىت ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەندە دەپتىمەن. ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى بالدۇرراق دىگەن بولسام ئۇ يىگىتنى تۇتۇۋىلىپ «دوستۇمنى كەچۈرۈڭ، ئۇ خاتا قىپتۇ» دەپ ئەپۇ سوراپ يۈزۈمنى چۈشۈرەتتىمىكىن دەيمەن.
ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشىم ئۇنىڭ بىلەن بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى.ئىككىمىز توختىماي بۇرۇنقى پاراڭلارنى قىلىشتۇق، بىللە مەكتەپ ئىچى-سىرتىنى ئايلىنىشتۇق، بىللە ئۆزىمىز ئەڭ ئامراق تاماق يىيىشتۇق. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى. دادىسى بىر مۇئاش، ئاپىسى كېسەلچان ئىدى. بىزنىڭ بولسا دادام -ئاپام ئىككىلىسى خىزمەتچى، ئالدىمدىكى ئىككى ئاكاممۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاللىبۇرۇن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، كەينىمدىكى ئىنىم بۇ يىل تولۇق ئورتىغا چىققان ئىدى. كىچىكىمدىن سەئىدەگە ھالقىلىق ۋاقىتلاردا دوستلىق مىھرىمدىنمۇ باشقا يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشلىرىمنى ئۆيدىكىلەر زور كۈچ بىلەن قوللايتتى. مەن ئۇنى بۇ دەم ئېلىشتا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار بىلەن مىھمان قىلىپ ئۇنى خۇش قىلدىم. ئۇ دەرسكە ئامراق بولغىنىدەك قورساققىمۇ بەكلا ئامراق ئىدى.
دۈشەنبە كۈنى بۇ بىر ھەپتىلىك دەرس كۈنلىرىنىڭ تېزرەك ئۆتۈشىنى تىلەپ ياتاقتىكى قىزلار بىلەن سىنىپقا ماڭدىم. ھەي نىمىدىن قاچساڭ شۇنىڭغا يولۇقىسەن دىگەن گەپ راست بولسا كېرەك. قايسى كۈنىلا ئىگەم ئىككىنچى كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلمىسۇن دەپ تىلەشكەن كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ سىنىپقا كىرىپ كېتىۋىتىپ كىمدۇر بىرسى قارا دىگەندەك ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قاراپ، تۇنۇش بىر جۇپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ دەل مەن ئىكرام دىسەم ئاچچىقلىنىپ ئەكرەم دەپ توۋلاپ تۇرۇپ ماڭا ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن ھېلىقى قارىۋاي بالا ئىدى. (ئەمىلىيەتتە ئۇ بالا ئۇنچىلىكمۇ قارا ئەمەس بۇغداي ئۆڭ بولسىمۇ بىراق مېنىڭ ئۇ بالىغا شۇنداق دەپ لەقەم قويغۇم بەكمۇ بار ئىدى) ۋاي خۇدايىمەي بۇ نەس بېسىشنى كۆرمەمدىغان، بۇ بالا دەل مۇشۇ ئوقۇتۇش بىناسىدا، يەنە كېلىپ ئۇدۇلدىكى سىنىپتا ئوقۇيدىكەن ئەمەسمۇ؟
مەن مەڭستمىگەن بىر قىياپەت بىلەن كۆزلىرىمدىن غالىپ نۇر چاقنىتىپ چىرايىمنى پۈرۈشتۈردۈم-دە، ئارقامغا ئۆرۈلۈپ سىنىپقا كىرىپ كەتتىم. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ بالىنىڭ چىرايىنىڭمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
ئىككى سائەتكە ئاران چىداپ ئولتۇردۇم. دەم ئېلىشقا چىقىشىمىز بىلەن سىنىپتا خېلىلا چىقىشىپ قالغان ياتاقدىشىم پەرىدە بىلەن سىرتقا قاراپ ئۇچتۇم. ئىچى تىتىلداپ تۇرىدىغان، ئۇ يان-بۇ يانغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ، كىملەرگىدۇر سوقۇلۇپ، كىملەرنىدۇر پۇتلىۋىتىپ، كىملەردۇر بىرلىرى بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز چېقىشىۋالمىسام چىدىمايدىغان مەن ئۈچۈن دەرس سائەتلىرى زۇلۇم ئىدى. دەم ئېلىشقا چىققاندا كىچىككىنە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولساممۇ بىراق بۇ يەردە ئوتتۇرا مەكتەپتىكىدەك قىيغىتىپ يۈرۈشكە، دەرەخلىكمۇ-دەرەخلىك چوقان سېلىپ يۈرۈشكە، ئۇنى-بۇنى تېرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا سۆز ئېتىپ، ئاچچىقىم كەلگەندە تاش ئېتىپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشىمغا تېخىمۇ بولمايتتى. بۇ يەردە ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بىر خىل سالاپەتلىك ھالەتتە قىزلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق نازۇك سىپايە ھالەتتە ئىدى. بىر-بىرىگە گەپ قىلسا سىپايىلىك بىلەن ياساپ سۆزلىشەتتى.بۇنداق«لىن دەييۈي»چە تۇرمۇش مېنىڭ بەكلا زىتىمغا تېگەتتى. شۇنداقتىمۇ مۇۋاپىق ھالدا ماسلاشمىقىم كېرەك ئىدى. بۇرۇنقىدىن كۆپ يۇۋاشلاپ ئادەم بولۇپ قالغان ئىدىم. بۇرۇنقىدەك قارام، شوخ كەپسىزلەرچە ھالىتىمگە ئىمكان بار خاتىمە بېرىپ سىلىقلىشىپ قالغان بولساممۇ ھەركىتىمدە ئىپادىلەنمىگەن ياۋايىلىق سۆزلىرىمدە ئىپادىلىنىپ قالاتتى. لېكىن شۇنداق بولۇشۇمغا قارىماي سىنىپتىكى كۆپلىگەن قىز-ئوغۇللارنىڭ ماڭا ئامراقلىقىنى، مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا خۇشتار بولۇشىدىغانلىقىنى بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم. بەلكى قېنىمدا بار بولغان ئۇدۇل سۆزلىرىمگە يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئايانمايلا كىشىلەرگە ھەدىيە قىلىشلىرىم ئۇلارغا مېنى تۈز سۆزلۈك ساددا كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. دىمەكچى مەن ياسالمىلىقتىن خالىي بولغان، ئۆزەمگە خاس بولغان ئوردىدا ياشاۋاتقان ئىنسان ئىدىم. پەرىدەنى سۆرىگىنىمچە پەلەمپەيدىن ئالدىراپ چۈشۈۋىتىپ بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتىم. قارشى تەرەپنىڭ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ دەپتەرلەر بىراقلا چېچىلىپ پەلەمپەيدىن تۆۋەنگە قاراپ سېرىلدى.
-كۆزىڭىزگە قاراپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟
«قورققان ئاۋال مۇش كۆتۈرۈپتۇ» دىگەندەك مەن ئېغىزىمنى ئىتتىكلەتتىم. دەل شۇ چاغ مەن سوقۇۋىتىپ دەپتەرلىرىنى چېچىۋەتكەن دەل شۇ ئەكرەم ئىسىملىك يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدىم. سوقۇۋەتكەن ئادەمگە قاراپمۇ قويماي، دەرھال دەپتەرلەرنى باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىن قوغداش ئۈچۈن يىغىشقا تەيارلانغان يىگىت ئاۋازىمنى ئاڭلاپ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى-دە، ئاۋال ھودۇقتى. كېيىن دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ھۇمايدى.
-ئۆزىڭىز سۇقۇۋىتىپ يەنە نىمە دىمەكچى سىز؟
-ھوي بىر قولدىن چاۋاك چىقامتى؟ سىزمۇ مەنمۇ تەڭ سوقۇلغاچقا شۇنداق بولدى. چىقىدىغان يەر قېچىپ كېتىدىغاندەك بېشىنى ئۈستۈن قىلماي مېڭىپ..
-سىز....
يىگىت مېنى ئۇرۇۋىتىدىغاندەك ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى. پەرىدە دەرھال ئارىغا چۈشتى دە:
-بولدى، بولدى خاتالىق بىزدىن ئۆتتى، كەچۈرۈڭ ھە كەچۈرۈڭ، مەن تېرىشىپ بېرەي!- دىگىنىچە دەپتەرلەرنى يىغىشقا باشلىدى. يىگىتمۇ سەل يۇمشىغاندەك بولۇپ پەرىدە بىلەن دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇشتى. مەن بولسام ئاتتىن چۈشسەممۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمىگەن قىياپەت بىلەن بۇ كىچىككىنە دەم ئېلىشىمغىمۇ تۇسالغۇ بولۇۋاتقان ماۋۇ قارىۋاي دۈشمەنگە دۈشمەنلىك نەزىرىم بىلەن تىكىلگىنىمچە تۇرۇۋەردىم. يىگىت دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
-ئاۋۇ يوغان كۆز مەندە ئەمەس سىزدە بولغاندىن كېيىن بۇنىڭدىن كېيىن سوقۇلماي دىققەت قىلىپ ماڭارسىز!
بۇ گەپتىن جۇدۇنۇم ئۆرلىدى-دە، چۈشۈۋاتقان پەلەمپىيىمدىن شاققىدە يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئالدىنى تورىدىم:
-ماقۇل.... بۇمۇ قارا تېرىدەك قارا كېچە بولمىغاندىكىن دەپتەرلىرىڭىزگە ھىزى بولغاچ پالاكەتلىك قىلماي تۈز ماڭارسىز!
ئىككىمىز قېنىق دۈشمەنلىك بىلەن بىر-بىرىمىزغا سىكۇنت تىكىلىشتۇق. تىكىلدۇق يۇ يىگىت كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى:
-خەپ!
-ئوغۇل بالا بولۇپ قالغان بولسام ھە!
مەن مەسخىرە كۈلكىسى بىلەن ئۇنىڭ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇشتۇمىنى ئىشارەت قىلىپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلگىنىمچە چۈشۈپ كەتتىم.

باھا سۆز

kvyqi  ماڭا بىر مەسلەھەت كۆرسەتسىڭىز چ چ 1023458163 نى قۇشۇۋېىلڭ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
kvyqi  ماڭا بىر مەسلەھەت كۆرسەتسىڭىز چ چ 1023458163 نى قۇشۇۋېىلڭ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
kvyqi  ئەسسالام ھەدە، سىز بىلەن ئورتاقلىشدىغان بىر ئىش بار ئىدى، مۇمكىن بولسا  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 11:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى  داۋامىنى  قاچانمۇ كۇرۇرمەن ؟    كىچىچە چۇشەپ چىقىدىغان بولدۇم دە ...............

UID
6463
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1059
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىگەن بىلەن ئىككى ئاپتورنىڭ يېزىش سۈرئىتى خېلى تېزلىشىپ قاپتۇ:،ئەمما يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.شۇڭا خىزمەتلەر جىددى بولمىغان مۇشۇ كۈنلەردە ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ،تېزرەك يازارسىلە.بولمىسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاردۇقى چىقمايدۇ.ياخشى ئەسەر يېزىش خاتالىقى سىلەردە بولغاندىن كېيىن،كېچىسى ئۇخلىماي يېزىڭلار;،ئەلۋەتتە بىزمۇ ئىلھامىڭلارغا بەرىكەت تىلىگەچ،ئىنتىزارلىق بىلەن داۋامىغا كۈنىگە نەچچە رەت تەلمۈرۈپ،كومپىيوتۇر ئالدىدا قوپماي ئولتۇرىمىز.

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
184
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3118
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
159 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىي khan ئاكىمىز بىلەن بەرگىيە ھەدەم بىرلىشىپ يېزۋېتىپتىكەنسىلەردە....نېمانداق ياخشى..........ئېسىل ‹خىرۇستال›ئەسەردىن بىرسى پۈتۈپ چىقىدغۇ دەيمەن..

باھا سۆز

khan  ئەمدى ئۇيغۇران ئاكا دەڭ ھە سىڭلىم. khan نى ئەمدى ئىشلەتمەيمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 19:41:57
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش