ئىگىسى: bargiya

ۋاپا تۇپرىقى (بەرگىيە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48361
يازما
35
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 13:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sadakatguli يوللىغان ۋاقتى  2013-7-5 12:41
ئەسلىي khan ئاكىمىز بىلەن بەرگىيە ھەدەم بىرلىشىپ يېزۋېت ...

ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە؟

ئۈمىدلىك ئەزا

ســېــغــىــنــدىــم

UID
2069
يازما
144
تېما
2
نادىر
1
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 14:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئۇيغۇران ئاكا ،بەرگىيە گۈلۈم  ئاللاھنىڭ سالىمى سىلەرگە  بولسۇن !
بۇ ئەسەرنى  ئوقۇپ سىلەرگە  قايىل بولماي تۇرالمىدىم ، ئىككىڭلارنىڭ ئەجىر قىلىشىڭلار بىلەن يېڭى بىر نادىر يازما بىز بىلەن يۈز كۆرۇشۇپتۇ.
قەلمىڭلار تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن....ھارماڭلار
ئەسەرنىڭ داۋامىغا تەشنامەن

باھا سۆز

tapinguqi  ۋاي-ۋۇي...نېمىدىگەن يېقىشلىق ،تونۇشلا سالام قىلىسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 09:23:02
khan  رەھمەت سىڭلىم ئايپەرى. مەدەتلىرىڭىزدىن مىننەتدارمىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 19:43:30

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 17:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدىگەن گەپچى قىزۋالا بۇ .......مەن مۇشۇنداق  قىزبالغا يۇلۇقۇپ قالسام بىر ئىغزمۇ گەپ تېپىپ بىرەلمگۇدكمەن

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 21:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەم بىر ئەسەر يازماق خلى تەس، ئەمما ئىككى ئادەم بىر ئەسەر يازماق ئۇنىڭدىن تەس،چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئاپىرىن سلەرگە.
ئەمما مەن ئىككىڭلارنى بىر ئادەممىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم......

باھا سۆز

atirgul  بەرگىيە غۇلجىدىن ،مەۋھۇم دۇنيادا بۇرۇنمۇ بىرلىشىپ ئەسەر يازغانلار بولغان  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 12:37:43
atirgul  ئىككەيلەن قانداقمۇ بىر ئادەم بولسۇن ،ئۇيغۇران ئاكام تۇرپاندىن  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 12:37:09

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
184
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3118
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
159 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 13:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران ئاكا......................،بۇنىڭىدىن كېيىن ئەمدى ئېسمىدە تۇتىۋالدىم...ھېرىپ قاپسىلەرغۇ داۋامىنى كۆرەرمەن دەپ كىرسەم

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 20:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مېنىڭ كەسپىم مۇھىت باشقۇرۇش كەسپى ئىدى. بىراق بىرىنچى يىلى تەييارلىق يىلى بولۇپ ئاساسەن خەنزۇتىلى ئۆگىنەتتۇق. خەنزۇ تىلى ئېغىزچە سەۋىيەمنىڭ ناچارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا خەنزۇ تىلىغا خېلى پىشىق ئىدىم. شۇڭا دەرسلەر ماڭا ئانچە ئېغىر بىلىنىپ كەتمىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ماڭا ئامراق ئىدى. دەرس ۋاقتىدا سۇئال سورىسىمۇ مېنىڭدىن كۆپرەك سورايتتى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىرىمغىمۇ خېلى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدىم.
بۈگۈن ئەتىگەن سىياسەت دەرسى بىرىنچى قەۋەتتىكى بىرلەشمە دەرسخانىدا ئۆتۈلدى. ئىككى سائەت دەرس ئاخىرلىشىپ قوڭغۇراق چېلىندى. ئىككىنچى سائەتتىن كېيىنكى تەنەپپۇس يىگىرمە مىنۇت بولغاچقا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقماقچى بولۇشۇپ، خاتىرە دەپتەرلىرىنى ماڭا بېرىپ قويدى. ئىككىنچى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ بولاي دېگەندە خۇددى كەينىدىن ئىت قوغلىغاندەك يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىككى قىزغا سوقۇلۇپ كەتتىم. قولۇمدىكى دەپتەرلەر پەلەمپەيگە يېيىلىپ بىر كەلدى. دەپتەرلەرنىڭ دەسسىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سوقۇۋەتكۈچىگە قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئالدىراپ دەپتەرلەرنى تېرىشكە باشلىدىم.
ــ كۆزىڭىزگە قاراپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟
بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. سوقۇۋەتكۈچى مەن ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان كۆككۆز بىشەم دىلدار ئىدى. ئۇنىڭ قېشىدا يەنە بىر قىز تۇراتتى. دەقىقە تىڭىرقاشتىن كېيىن ئالدىمدىكى بۇ يولسىز ئۆكتەم قىزغا غەزەب بىلەن ھومايدىم:
ئۆزىڭىز سۇقۇۋىتىپ يەنە نىمە دىمەكچى سىز؟
ــ ھوي بىر قولدىن چاۋاك چىقامتى؟ سىزمۇ مەنمۇ تەڭ سوقۇلغاچقا شۇنداق بولدى. چىقىدىغان يەر قېچىپ كېتىدىغاندەك بېشىنى ئۈستۈن قىلماي مېڭىپ...
ئۇنىڭ بىشەملىكى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى تاقىتىم چېكىگە يېتىپ ئىختىيارسىز قوللىرىم كىرىشىپ، مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ كەتتى. دادامنىڭ «مەزلۇملارغا مۇشت تۈگمە» دېگەن سۆزى چاقماق تېزلىكىدە قۇلاق تۈۋىمدىن ئۆتكەندەك قىلدى. ئۇنىڭسىزمۇ قىز بالىلارغا ئەزەلدىن قول كۆتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇرۇشقا تەمشەلگەن مۇشتلىرىم ئۇنىڭ مەسخىرىسىدە يەنىلا تۈگۈلگەن مانتىدەك تۇرغان پېتى قالدى. يېنىدىكى قىز كەچۈرۈم سوراپ دەپتەرلىرىمنى تىرىشىپ بەرمىگەن بولسا يەنە نېمە ئىشلار بولاتتىكىن، بىلمىدىم.
ئىزادىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇ بىشەم قىز قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئوڭايسىزلىنىپ تۇرغان دوستىنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى. مەن غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ دەپتەرلىرىمنى قولتۇقلىغىنمچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن خۇددى مەغلۇپ سەركەردىدەك سالپايغان پېتىم چىقىشقا باشلىدىم.
ئۈچىنچى قېتىم بولمىسۇن دېدىم. مانا ئۈچىنچى قېتىملىقىمۇ بولدى. نېمە قىلالىدىم؟ ئوغۇل بالا بولغان بولسىغۇ بىر قەپەس مۇشت ئېتىشىپ، قاش – قاپىقىمنى يېرىۋالغان بولساممۇ ھاردۇقۇم چىقاتتى. لېكىن قىز بالىغا قول تەگكۈزگىلى بولاتتىمۇ؟ ئاغزىڭ – كۆزۈڭ دەپ تىللاپ قويىدىغان بولسام، مەن ئۇنى ئەمەس، ئۇ مېنى بىر تىيىنغا ئەرزىگۈسىز قىلىپ قويىدىغاندەك قىلاتتى. ئاپىسى نېمە بىلەن ئېغىزلاندۇرغان بولغىيدى ئۇ قىزنى؟
شۇنىڭدىن كېيىن دىلدار ئىسىملىك بۇ قىزنى كۆرسەم كۆرمەسكە سېلىپ، ئامال بار ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن داجىپ يۈرىدىغان بولدۇم. بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دېگىلىمۇ بولمايتتى. دېسەم ئۆزۈمنىڭ مات بولىدىغىنىم ئېنىق. قىز بالىغا سورۇلۇپ قالغىنىم يىگىتلىك شەنىمگە چۈشكەن بىر داغ ئىدى. بۇ داغنى يوقۇتۇش ياكى داغنى يەنە چوڭايتىۋالماسلىقنىڭ بىردىنبىر ئامالى بۇ قىزدىن يىراق تۇرۇش ئىدى.
بىردەمدىلا يەنە شەنبە كەلدى. بۇ شەنبە زېرىكىپ ئەشرەپ ئاغىنەمنىڭ ياتىقىغا باردىم.
ياتاققا كىرسەم ياتاق ئىچىنى تەييار چۆپنىڭ پۇرىقى قاپلاپ كېتىپتۇ. ياتاق ئىچى قالايماقان بولۇپ، ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان بولسىمۇ بىرىمۇ يوتقان – كۆرپىسىنى يىغماپتۇ. ياتاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پارتىنىڭ ئۈستىدە تەييار چۆپ خالتىلىرى، نان ئۇۋاقلىرى ۋە يۇيۇلمىغان قاچا – قۇچىلار يېيىلىپ تۇراتتى. ئالتە كىشىلىك بۇ ياتاقتا ئالتە دانە كومپيۇتېر بار بولۇپ، ياتاقداشلار بىر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئولىشىپ، بىر نېمىنى تالاش – تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
ــ ئەشرەپ ئاداش، نېمە بۇ ياتىقىڭلار، تازىلىساڭلار بولمامدۇ؟ــ دېدىم بىر ماڭا بىر كومپيۇتېرغا قاراپ تۇرغان ئەشرەپكە قاراپ.
ــ تازىلاشقا نەدىكى چولا دەيسەن؟ يەكشەنبە كۈنى ئاخشىمى تازىلىۋېتىمىز.
ــ نېمە؟ ياتاقنى ئەتە كەچكىچە مۇشۇنداق تۇرىدۇ دېمەكچىمۇ سەن؟ ئۇنچىۋالا نېمىگە ئالدىراش سىلەر؟ خېلى ئەتىگەن تۇرغان ئوخشايسىلەر بولمىسا.
ــ ئەتىگەن تۇردى دەمسەن؟ــ ئەشرەپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى،ــ ئۇخلىدىڭلارمۇ دەپ سورايسەن مۇنداق؟
مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.
ــ كېچىسى ئۇخلىماي نېمە ئىش قىلىسىلەر؟
ــ پروگرامما تۈزىمىز، كالۋا.
ئەشرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بالىلارغا باشقىدىن نەزەر تاشلاپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدىم. بالىلار قانداقتۇر بىر تور بىكەتنىڭ سىستىمىسى، مۇقىملىقى دېگەندەك گەپلەر ۋە مەن چۈشەنمەيدىغان بىر تالاي ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتاتتى. كومپيۇتېر ئېكرانىدا بولسا ئىجىر – مىجىر ئىنگلىزچە خەتلەر ۋە ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر تۇراتتى.
ــ پروگرامما دېگىنىڭلار ئاشۇما؟ــ مەن بالىلار خۇددى قىزىق كىنو كۆرىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ قېلىشقان كومپيۇتېرنىڭ قېشىغا بېرىپ قىزىقىپ قارىدىم. لېكىن ئۇ ئىجىر – مىجىرلاردىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم دە، بولدىلا دەپ يېنىپ كەلدىم.
ــ ھوي ئەشرەپ، شۇنچە قىزىققۇدەك، ئۇخلىماي كۆرگىدەك نەرى بار ئۇنىڭ؟
ــ سەن ھىس قىلالمايسەن ئاداش ئۇنىڭ ھەۋىسىنى، ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭ ئۇ بىر گۈزەل دۇنيا دېگىنە. ھە راست سەنمۇ خېلى ئەقىللىق بىر نېمە، سەنمۇ ئۆگىنە پروگرامما لايىھىلەشنى. بىز بىللە يۇمشاق دېتال تۈزەيلى.
ــ مۇشۇنداق تەييار چۆپ ئىچىپ، كېچىچە ئۇخلىماي ياشايدىغان گۈزەل دۇنياما ئۇ؟ توك كەتكەندە قانداق قىلىسىلەر؟ كۈندۈزى قىلساڭلار بولمامدۇ؟
ــ بولدىلا، ساڭا دېگىنىم بىلەنمۇ سەن چۈشەنمەيسەن. توك كەتكەندە خاتىرە كومپيۇتېردا ئىشلەيمىز. كۈندۈزى ئۇخلايمىز. پروگراممىرلارنىڭ لەقىمى نېمە، بىلەمسەن؟ شەپەرەڭ.
ــ ھە بولدى، شەپەرەڭ پالۋان، كىيىملىرىڭنى كىيە، ماڭا شەھەرنى كۆرسىتىپ كىرە.
ئەشرەپ خالار – خالىماس ياتاقتىن چىقتى. ئۇنىڭ بايىقى پروگرامما دېگىنىگە تارتىشىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. بىز شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىنى ئايلاندۇق. ئاندىن «جەۋھەر تېز تاماقخانىسى»غا كىردۇق.
ــ كۆنۈپ قالغانسەن بۇ شەھەرگە،ــ سورىدى ئەشرەپ ئالدىدىكى تاماق تىزىملىكىنى ئوينىغاچ.
ــ تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن دەپ ئەمدى سوراۋاتامسەن؟ مەن كەلگىلى بىر ئاي بولاي دېدى،ــ ئەشرەپكە دوق قىلدىم.
ئەشرەپ بىلەن بۇرۇن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بولساقمۇ، ئۇ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بولغاچقا ئانچە كۆپ باردى – كەلدى قىلىپ كەتمەيتتۇق. بۇ يەرگە كېلىپ خېلى يامان ئەمەس ئارىلىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇ ئاغزىدىن كومپيۇتېرنى چۈشۈرمەيدىغان، سېپى ئۆزىدىن كومپيۇتېر مەستانىسى ئىدى.
ــ خاپا بولما ئاداش، ساڭا تازا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىدىم.
ــ ساڭا پروگرامما بولسىلا بولىدىغان تۇرسا.
ــ شۇنداق، ئۇنىڭسىز كۈنۈم ئۆتمەيدۇ. بىراق ئۇنى سېنىڭدەك يۇرتدىشىمغا تەڭ قىلمايمەنغۇ؟ گۇناھىمدىن كەچكىن ھە. بۈگۈن سېنى ئۆزۈم مېھمان قىلاي، نېمە بۇيرۇتساڭ مەيلى، غىڭشىمايمەن.
ــ ئاتە پورىڭنى، بار پۇلۇڭنى ماڭا خەجلىۋېتىپ، ئەتىدىن باشلاپ تەييار چۆپمۇ ئالالماي تۇرما. لەغمەن يەيلى. لەغمەن دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ بوغۇزى ئەمەسمۇ.
تاماقنى يەپ بولۇپ كىتابخانىغا باردۇق. ئەشرەپ كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلارنى، مەن بولسام ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرۈپ ۋاقت ئۆتكۈزدۇق. كەچقۇرۇن باغچا ئايلانغاچ باغچىنىڭ يېنىدىكى كەچلىك بازاردىن سۇيۇقئاش ئىچىپ قايتىپ كەلدۇق.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەلگىنىمگىمۇ ئىككى ئاي بولاي دەپ قالدى. ئوقۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن كۈنلەرنىڭ شۇنداق تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قالىدىكەن كىشى. خۇداغا شۈكرى خېلى كۈنلەر بولدى قوشنا سىنىپتىكى ھېلىقى «كۆككۆز بىشەم» دىلدار بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىدىم. بىراق ئۇنىڭ بىرمۇنچە قىزلار بىلەن كارىدورنى چاڭ كەلتۈرۈپ كۈلۈشكىنىنى ئارىلاپ – ئارىلاپ ئاڭلاپ قالاتتىم. بىر كۈنى تېخى كارىدوردا كېتىپ بارسام ئۇ سىنىپىدا ناخشا ئېيتىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ لازا تامىدىغان ئاغزىدىن شۇنچە يېقىملىق ناخشىمۇ چىقىدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ، ئېيتىۋاتقان «سېنىڭ كۆزلەرىڭ» دېگەن ناخشىسىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ كېتىپتىمەن.
ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى بۇ شەھەردە ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالىدىكەن. بۈگۈن كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ياتاققا چىققۇم كەلمەي، كۈتۈپخانىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم. دەرەخزارلىق ئىچىدىكى يالغۇز ئاياق يولغا ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئىزلار چۈشمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يەر – بۇ يەردىكى ئورۇندۇقلاردا جۈپ – جۈپ گەۋدىلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. دەرەخلەر ئارىسىدىكى چىملىقتا قىزىل، سېرىق يوپۇرماقلار سۇنايلىنىپ ياتاتتى. نىئون لامپىنىڭ گىرىمسەن نۇرى چۈشۈپ تۇرغان سۈنئىي تاغنىڭ كامىرىدا چۇۋۇلغان قۇشقاچ چاڭگىسى بىچارىلەرچە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خىيال بىلەن ئولتۇرسام ئالدىمغا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئەشرەپ كېلىپ قالدى.
ــ سېنى تاپماق ئەجەب تەسكە چۈشتى. سوغۇقتا نېمىنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ. مەكتەپكە كېلەر كەلمەي خىيال كىرىۋالدىمۇ يا،ــ ئەشرەپ ھاسىرىغىنىچە يېنىمدا ئولتۇرۇپ مۈرەمگە قولىنى قويدى.
ــ ھېچنېمە، ئۆزۈمچە ئولتۇرغۇم كەلدى.
ــ ساڭا بىر گەپنى دېگىلى كەلدىم. ئالدىمىزدىكى شەنبە كەچتە يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشى بولماقچى. بارمايمەن دېمەيدىغانسەن؟
ــ نېمە؟ يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشى؟ ــ مەن ھەيران بولۇپ ئەشرەپكە تىكىلدىم.
ــ ھەئە، بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىر يۇرتتىن كەلگەنلەر ئۆز ئارا تونۇشىدىغان ئولتۇرۇش. بېرىپ يۇرتداشلار بىلەن تونۇشىۋال. ياخشى ئولتۇرۇش ئۇ.
ــ بولىدۇ. سەنمۇ بارارسەن؟
ــ ئەلۋەتتە بارىمەن – دە، شۇڭا سېنى بارماي قالمىسۇن دەپ ئالاھىدە ئىزدەپ كېلىشىم.
بىردەمدىلا شىۋىرغان چىقىپ سوغۇق بولۇپ كەتتى.  بىز ياتاققا قايتىشتۇق.
شەنبە كۈنى كەچ مەكتىپىمىزنىڭ كەينى دەرۋازىسىدىن بىر بېكەت يىراقلىقتىكى «تولۇنئاي ئىستىراھەت كۇلۇبى» دېگەن جايغا باردۇق. بىز بارساق زالغا بالىلار يىغىلىپ كېتىپتۇ. مەن بىزنىڭ ئىنىستىتۇتتىكى تونۇش بالىلار بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ تۇرسام ئەشرەپمۇ يېتىپ كەلدى. يۇرتداش دېگەن باشقىچە بولىدىكەن، بولۇپمۇ يۇرتتىن ئايرىلىپ چوڭ شەھەردە مۇشۇنداق مۇساپىرەتتە تۇرىۋاتقان ۋاقتتا يۇرتداشلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى شۇنچە خۇشال ھەم ئازادە سېزىدىكەنسىز. ناۋادا مۇشۇ چاغدا يۇرتۇمدىكى يىللار بويى ئازارلىشىپ ئۆتكەن بىرەرسى كېلىپ قالسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي كۆرۈشىدىغىنىم ئېنىق. يۇرتداشلىق مېھرى باشقىچە ئىللىق بولىدىكەن.
ۋاقت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، ئولتۇرۇش باشلىنىدىغاندەك ئەمەس. تونۇشىدىغانلارمۇ ئۆز – ئارا تونۇشۇپ بولدۇق. قورساقلار ئېچىپ، قالدى گەپ ئەمدى ئىشتەيدە قالغان ئىدى.
ــ ھەي ئاداش، نېمانداق باشلىمايدۇ؟ تېخى كېلىپ بولالمىغانلار بار ئوخشىمامدۇ؟ــ مەن تىت – تىت بولۇپ ئەشرەپتىن سورىدۇم.
ــ قىزلار بولمامدۇ؟ ئىشى تولا خەق بۇ، چېچىنى ياسايمىز، قېشىنى ئوڭشايمىز دەپ كۈننى كەچ قىلىدۇ.
مەن شۇندىلا بۇلۇڭدىكى ئۈستەلدىكى قىزلارغا سەپسېلىپ قارىدىم. قىزلار بۈگۈن ھەقىقەتەنمۇ توزدەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بىر توپ قۇشقاچلاردەك ۋىچىرلىشىپ، كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشاتتى. يېڭىدىن كەلگەنلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، يۈزلىرىنى يېقىشىپ كۆرۈشەتتى. ياندىكى ئوغۇللار ئولتۇرغان ئۈستەلدىمۇ بىرقانچە قىز ئوغۇللار بىلەن قۇلاق يېقىشىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ ئولتۇراتتى.
ــ كېلىدىغانلار كېلىپ بولدى، ئەمدى پائالىيەتنى باشلايمىز،ــ ئىشىكتىن يېڭى كىرگەن قىزلار بىلەن ھەممەيلەن تەق بولغان بولساق كېرەك سورۇن باشلىقى قولىدىكى تىزىملىككە كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ سۆزىنى باشلىدى،ــ ھەممەيلەن ئورۇن ئالايلى.
ھەممىمىز تىگىشلىك ئورنىمىزدىن جاي ئالدۇق. مەن جايىمغا بېرىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولۇشۇمغا قىزلار ئۈستىلىدىن قايناقسۇ قايناپ تاشقاندەك پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى. قارىسام قىزلار يېڭى كەلگەن قىزنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ چاخچاقلىشىپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ قىزمۇ قىزلارغا بىر نېمىلەرنى دەپ كۈلدۈرىۋاتاتتى. ئۇ قىز قىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈشى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىم. ئۇ دىلدار ئىدى. ماۋۇ كۆكەمىگە بىزنىڭ سورۇندا نېمە باردۇ؟ بىزنىڭ يۇرتتىن چىققان قايسىبىر بېشى ئىشىپ قالغان ئۇششۇقنىڭ دوستى بولغىدى بۇ؟ ھەرقانچە دوستى بولسىمۇ يۇرتداشلار ئولتۇرۇشىغا باشلاپ كەلگىنى نېمىسىدۇ؟ شۇ خىياللار بىلەن بايىقى خۇش كەيپىياتىم قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ بىشەملا بولىدىكەن ماڭا بۇ سورۇن ھارام ئىدى.
تاماق تارتىلدى. بىز تاماق يېگەچ سورۇن باشلىقىنىڭ سورۇن ئەھلىنى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇق. مەن سورۇندىكىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تونۇمايتتىم. بىزنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسىدىن كەلگەنلەرمۇ ئەشرەپ بىلەن ئىككىمىزلا ئىدۇق. نۆۋەت دىلدارغا كەلگەندە ئۇنى نېمە دەپ تونۇشتۇرار دەپ قاراپ ئولتۇردۇم:
ــ بۇ ياق مۇھىت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى باغ – ئورمان لايىھىلەش سىنىپىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىسى، بىزنىڭ شەھىرىمىزدىكى 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ قىزى دىلدار ئابدۇرېھىم بولىدۇ. سەل تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ ھە.
ياقامنى چىشلىگۈم بار ئىدى. كىر قىلىۋەتمەي دېدىم. توۋا، ئېزىپ – تېزىپ مۇشۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق ئىكەنمەن تېخى. بىزنىڭ يۇرتتىنمۇ مۇشۇنداق بىشەم قىزلار چىقىدىكەن ھە.
ــ ھەي ئەكرەم، دىلدار دېگەن بۇ قىز سىلەرنىڭ ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنغۇ؟ تونۇشىدىغانسەن؟ــ ئەشرەپ بىقىنىمنى نوقۇپ تۇرۇپ سورىدى.
ــ ئانچە – مۇنچە، لېكىن ئۇنىڭ بىز بىلەن بىر يەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم.
ــ خېلى بولىدىكەن ھە، بۈگۈنكى پۇرسەتتە ياخشىراق تونۇشۇپ قالساڭ بولغۇدەك، كېيىن...
ئەشرەپنىڭ بىمەنە چاخچىقىدىن جۇدۇنۇم تۇتۇپ بىقىنىمنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنى ئىتتىرىۋەتتىم.
ــ بولدى قىلە، «ھۆ» مەن ئۇ بىشەمگە.
ــ ۋوي، ۋوي ئەكرەمشاھ، نېمە بولۇشتۇڭلار؟ خېلى تونۇشۇپسىلەر قارىغاندا، ئۆچلىشىپ كەتكۈدەك نېمە ئىش بولغان ئىدى؟ ماڭا دەپ بېرە، تەلىپىڭنى رەت قىلدىمۇ يا،ــ ئەشرەپ مېنى بىقىنداپ يېنىمغا سۈرۈلۈپ كەلدى.
ــ ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىغىنە، ئۇنىڭغا تەلەپ قويامىشمەن، قىزلارغا تەلەپ قويىدىغان خىيالىم بولسىمۇ ئۇنىڭغا نۆۋەت تەگمەيدۇ.
ــ ۋاھ، شەھەر كۆرۈپلا ساڭا ھال كىرىپ قاپتىغۇ؟ ئاشۇ چىرايلىق قىزنى ياراتمىغۇدەك بولدۇڭما؟ سېنى ياراتسا چوڭ گەپ. ئۆتەپ بارە، ھالىڭغا باقماي خەقنى ياراتماي كەتكىنىڭنى،ــ ئەشرەپ شۇنداق دەپ مۈرەمدىن ئىتتىرىۋەتتى. ئۇنىڭ گېپى تېخىمۇ ئوغامنى قايناتتى.
ــ ساڭا بەك ياراپ كەتكەن بولسا، ئۆزۈڭلا كەلتۈرمەمسەن؟ ماڭا گەپ قىلغۇچە.
ــ ساڭا ئوخشاش سالتاڭ بولغان بولسام چوقۇم قوغلىشىپ باقاتتىم. دىلدارنىڭ يېنىدىكى سېرىق چىراينى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ بوپتىكەنمەن دېگىنە.
مەن ئۇلار تەرەپكە قارىدىم. ئەشرەپ دېگەن سېرىق چىراي قىز دىلدارنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دېۋىدى دىلدار كۈلگىنىچە ئۇ قىزنىڭ ئىككى مەڭزىدىن سوزۇپ ۋارقىرىتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىلىدىن يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
ــ مانا دېمىدىممۇ، قارا – قارا، ــ تونۇشتۇرۇلىۋاتقان قىزغا قاراپ قالغان ئەشرەپنىڭ بىقىنىنى نوقۇپ دىلدارلارنىڭ جوزىسىنى ئىشارەت قىلدىم،ــ دىلدار دېگەن كۆكەمە سېنىڭ ئاۋۇ سېرىق جانانىڭنىڭ يۈزىنى سوزۇپ ئۈزىۋالغىلى تاس قالدى. ئاشۇنداق ساراڭ بىر نېمە ئۇ. لايىقىڭغا دەپ قوي، ئۇنىڭدىن يىراق يۈرسۇن.
ــ قېنى، قېنى؟ــ ئەشرەپ قىزلار جوزىسىغا بوينىنى سوزۇپ باشقىدىن سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدى،ــ ئۇنداق ئەمەسقۇ، كۈلۈشۈپ ئولتۇرىدىغۇ.
ــ كۈلمەي يىغلاپ بېرەمتى ئەمىسە.
تونۇشتۇرۇش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. قائىدە بويىچە ئورنۇمدىن تۇردۇم. قىزىرىپ - بوزىرىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولغىچە دىلدارنىڭ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ماڭا قاراپ دىمىقىنى قاققانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. «ئىشقىلىپ سەندەك يۇرتدىشىمنى تونۇمايمەن» دېدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.
تونۇشۇش تۈگەپ تاماقمۇ يېيىلىپ بولدى. ئەمدى يۇرتداشلارنىڭ كۆرسىتىدىغان ئويۇنلىرى بار ئىكەن. ئالدى بىلەن سورۇن باشقۇرغۇچى بالا بىر ناخشا ئېيتىپ بەردى. ئاندىن دىلدارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. دىلدار قىلچە نازغىشىپ تۇرمايلا ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە چىقتى ۋە مىكرافوننى قولىغا ئالدى.
ــ ھۆرمەتلىك يۇرتداشلىرىم. ھەرقايسىڭلار بىلەن بۇ يەردە ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلماقتىمەن. يۇرتداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە دادام يازغان «تاۋى نازۇك يار» دېگەن ناخشىنى سۇنماقچىمەن.
قىزغىن چاۋاكتىن (ئەلۋەتتە چاۋاك چالغانلار ئىچىدە مەن يوق) كېيىن دىلدار ناخشىسىنى باشلىدى.

ئاھۇ دېدىڭ ئاھۇ كۆزۈم بار،
دىڭ – دىڭ سەكرەپ ئويناشلىرىم بار.
چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار؟
يۈرىكىڭنى ئوۋلاشلىرىم بار.

يۇلتۇز دېدىڭ چولپان كۆزۈم بار،
ئاسمىنىڭدا چاقناشلىرىم بار.
چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار؟
تاڭ بىلەن تەڭ تاشلاشلىرىم بار.

زالىم دېدىڭ جادۇ كۆزۈم بار،
قۇچىقىڭدا زارلاشلىرىم بار.
چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار؟
ھېجران سېلىپ خارلاشلىرىم بار.

زىلال دېدىڭ بۇلاق كۆزۈم بار،
دىلخانەڭنى تىلغاشلىرىم بار.
چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار؟
كەتسەڭ ئەگەر يىغلاشلىرىم بار.

قوزام دېدىڭ بوتا كۆزۈم بار،
ناز – كەرەشمە شەيتانلىرىم بار.
چىدالامسەن تاۋى نازۇك يار؟
ۋاپا ئۈچۈن قۇربانلىرىم بار.

دىلدارنىڭ ناخشىسىغا مەستخۇش بولغان زالدىكى باشقا يۇرتداشلىرىمغا ئوخشاشلا مەنمۇ ئۇ ئېيتىۋاتقان ناخشىنىڭ تىلسىم چوڭقۇرلۇقىغا چۆكۈپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشايدىغان كۈيلەر دېڭىزىغا شۇڭغۇپ، شۇنداق سېھىرلىك ھىسلار پايانىغا سىڭىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان كۆزلىرىم ھېچبىر ئىختىيارىمغا بويسۇنىدىغاندەك قىلمايتتى. قانداقتۇر بىر خىل كۈچ مېنى ئۇنىڭغا قاراشقا ئۈندەيتتى. گويا كۆزۈمگە باغلانغان كۆرۈنمەس يىپ باردەك نەزىرىمنى ئۇنىڭغا تارتىپ تۇراتتى. ناخشىنىڭ مۇڭىدىن سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتقان كىشىنىڭ مەن ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان دىلدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپتىمەن. كۈينىڭ ۋاقتى كەلگەندە غەزەپنىمۇ ئۇنتۇلدۇرايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. دىلدارنىڭ يوغان كۆپكۆك كۆزلىرى قەلبىمدىكى ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكنى ئاستا – ئاستا كۆيدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
دىلدارنىڭ ناخشىسىدىن كېيىن خەلق ناخشىسى ئېيتىلىپ بالىلار ئۇسسۇلغا چۈشۈشتى. مەن خۇددى مۇشۇ ئۈستەلگە دىجۇرنىلىك قىلىۋاتقاندەك «خىزمەت ئورنۇمدا» چىڭ تۇرۇپ ئولتۇردۇم. قىز – يىگىتلەرنىڭ جۈپ – جۈپ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىغىنىغا قاراپ دىلدارنىڭ يېڭىلىپ تارتىپ بىز تەرەپكە كېلىپ قېلىشىدىن ھېزى بولۇپ قېقىپ قويغان قوزۇقتەك ئولتۇردۇم. تانسا باشلانغاندا ئەشرەپنىڭ زورلاشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي قوپماي قويدۇم. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇسسۇل – تانسىدا يوق ئىدىم.
ئولتۇرۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. سائەتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. ياندىكى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان ئاي نۇرىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتىم. بىر چاغدا دىلدارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن لىككىدە كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم.
ــ سالام سىزگە ئەكرەم قوشنام، ئولتۇرۇشقا خۇش كەپسىز. چىراق تۈۋى قاراڭغۇ ھە، تېخىچە يۇرتداش ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن. بۈگۈنكىدەك خۇشال كۈندە كەيپىڭىز چاغ ئەمەسقۇ؟ ماۋۇ ئولتۇرغان ئورۇندۇقىڭىز ئالتۇندىن ياسالغانمۇ ياكى ئۆزىڭىز بۇ ئورۇندۇققا يەملىنىپ قالدىڭىزمۇ؟ يۇرتداشلار ئولتۇرۇشىدا يۇرتداشلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ بىزدەك قىزلارنى بىرەر قول ئۇسسۇل – تانسىغا تارتىپ قويسىڭىز گۇناھ بولمايتتى.
ئالدىمدا دىلداردىن باشقا ئەشرەپ بىلەن ئۇنىڭ لايىقى بار ئىدى. دىلدار يەنە زىتىمغا تىگىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنداق ۋاقتتا ئۇنڭ بىلەن تەڭگە تەڭ زاكۇنلاشقىلى بولمايتتى.
ــ كەچۈرۈڭلار، مەن ئۇسسۇل، تانسا ئوينىيالمايمەن.
ــ ئۆگىنەتتىڭىز، ھە راست، ئۆتكەنكى ئىشلاردا ئۆزرىلىكمەن. ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتەرسىز.
بۈگۈن يۇرتنىڭ مېھرى ئىسسىق كەلدىمۇ، ئەيتاۋۇر بۇ قىزنىڭ بېشى ئوڭشىلىپ قالغاندەك قىلاتتى. لېكىن بۇرۇنقى ئىشلار يادىمغا كېلىشى بىلەنلا جۇدۇنۇم يەنە تۇتتى:
ــ بولىدۇ. ئەگەر ھەممە كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟ مۇمكىن بولسا سىزنىمۇ قوشۇپ ئۇنتۇپ كەتسەم دەيمەن.
بۇ گېپىمدىن دىلدارنىڭ ئاچچىقى كېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
ـ مەندىنمۇ ئۆتە سېسىق گەپ قىلالايدىغاندىن بىرى بار ئىكەنغۇ بۇ يەردە، تازا تېپىشىپتۇق، لېكىن مېنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەسمىكىن، ئەگەر زادى شۇنداق قىلىمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز بۇنىڭغا ئىككى ئامال بار. بىرى مەكتەپ ئالمىشىڭ، يەنە بىرى ئوقۇشتىن چېكىنىڭ. مۇشۇ گېپىڭىز ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان يەيسىز. دىلدار ئابدۇرېھىم سىزنى، بولۇپمۇ مۇشۇ گېپىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، خوش بايقۇش. دۈشەنبە كارىدوردا كۆرۈشەيلى.
دىلدار قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئەشرەپنىڭ قىز دوستىنى قولتۇقلىغىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن بويۇنلىرىمغىچە قىزارغىنىمچە ئەشرەپنىڭ قېشىدا بۇتتەك قېتىپ قالدىم.
ــ ھوي ئىككى دۈشمەن، نېمانچە نەشتەرلىك گەپ قىلىشىسىلەر؟ ئالامەت گېپى يوغان قىزكىنا بۇ. نېمە بولۇشقان ئىدىڭلار؟ ماڭا دەپ بېرە،ــ دىلدارنىڭ گەپلىرىدىن ئەشرەپمۇ ھەيران قالغان بولسا كېرەك ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن  كېيىن مەندىن كوچىلاپ سوراپ كەتتى.
ــ ئۆزۈڭمۇ كۆرگەنسەن، مەندىن تولا سوراۋەرمەي لايىقىڭنىڭ غېمىنى قىلە، ۋاقتىدا ئۇلارنى ئايرىۋەت، بولمىسا لايىقىڭنىمۇ ئۆزىدەك ياۋايى قىلىۋېتىدۇ.
غەشلىك ئىچىدە سورۇندىن قايتتىم. ئەشرەپنىڭ كوچىلاپ سورىغان سۇئاللىرىنىڭ ھەممىسىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ تېز – تېز مېڭىپ مەكتەپكە قايتتىم.

داۋامى بار

UID
49880
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
61 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 00:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  باشلىنىش.

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن قىرىنداشلىرىم ،كاتتا ئەسەر بوپتۇ .ئىككىڭلار بىرلىشىپ ناھايتى ياخشى ھىكايىدىن بىرنى يىزىپ چىقىپسىلەر رەھمەت سىلەرگە...داۋامىغا داۋاملىق تەشنامىز ..

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 13:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدا  بىردەمدىلا تۇگەپ كەتتغۇ .......مۇشۇ ئەسەر تۇلۇق يوللنىپ بۇلۇنغاندا كۆرگەن بولسامچۇ كاشكى .....بالدۇرلا كۇرۇپ قالغان گۇناھ ئۆزۇمدە ..

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 18:57:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق ئشلار ئەمدى باشلانغىلى تۇردى،داۋامىنى كۈتۋاتىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش