ئىگىسى: bargiya

ۋاپا تۇپرىقى (بەرگىيە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 18:46:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزبالا ھەقىقەتەن گەپتان ئىكەن، ئون ئادەم بىر بولسىمۇ تەڭ كىلەلمىگىدەك ئۇنىڭغا......

UID
45026
يازما
58
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
58
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
149 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 10:14:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يېرى سەل مۇجىمەل بۇلۇپ قاپتۇ ،دىلدار بىلەن   ئەكرەم ئىككىلىسى تۇرپانلىق ئىكەن ،تۇرپان شىۋىسى باشقا يەرلەرنىڭكىدىن خىللا پەرىق قىلىدۇ ،ئىككىسى بىر نەچچە قېتىم  ئىغىز ئۇرۇشى قىلىپمۇ بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكى بىلەلمەسلىكى تازا كاللامدىن ئۆتمىدى جۇمۇ ،  يەنە ئەسەردىكى ئىكرام دىلدارنىڭ ساۋاغدىشى ،دىمەك بۇ  يىگىتمۇ تۇرپانلىق .ئىكرام دىگەن ئىسىمنى بەرگىيەنىڭ يۇرتىدا كۆپرەك قوللىنىدۇ ،شۇنداققۇ؟ئەسلى بۇ دىلدار قىز غۇلجىدا تۇغۇلغان،كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تۇرپانغا كۈچۈپ كەلگەن بولسا  بوپتىكەن ،
كەچۈرۈڭلار ،بەرگىيە،ئۇيغۇران ،پەقەت  ھىس قىلغانلىرىمنى قالايمقان جۆيلۈپ قويدۇم ،ئەلۋەتتە، ئەسەر ئاپتۇرلىرىنىڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز. ھە راست ،ئۇيغۇران .‹‹خۇلقار››نى مۇشۇ ئەلكۈيىگە قايتا بىر يوللاڭە،شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتقان،يانغىن مۇنبىرى ئېچىلماس بۇلۇپ قېلىپ داۋامىنى كۆرەلمىدىم.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-9 13:15):
بوز تاغ مۇنبىرىنىڭ تور  ئادرىسىنى يوللاپ قۇيامسىز؟

باھا سۆز

khan  سىڭلىم گۈلبەرگى، پەقەت ئۇيغۇرانلا تۇرپانلىق، باشقىلار باشقا يەرلىك.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 12:49:28
khan  خۇلقار مەخپىي ئىدى. ئاشكارىلاپ قويدىڭىز ھە. بوزتاغ مۇنبىرىدە بار.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 12:48:24

UID
45026
يازما
58
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
58
تىزىملاتقان
2012-8-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
149 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 13:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلبەرگى يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 10:14
بىر يېرى سەل مۇجىمەل بۇلۇپ قاپتۇ ،دىلدار بىلەن   ئەكرەم ...

كەچۇرسىلەر،ئەكرەمنىڭ دوستىنىڭ   ئەكرەمنى ئەكرەمشاھ دەپ چاقچاق قىلغىنىغا .ھەم دىلدار بىلەن ئەكرەمنىڭ ئاپتۇبۇستا  دىيىشكەن  گەپلىرىگە قاراپ تۇرپانلىق دەپ تەسۋېرلىگەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

UID
52770
يازما
110
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 13:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق مەكتەپ تۇرمۇشى تەسۋېرلەنگەن ئەسەرلەرگە ئەمراق،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى تېپىپ ئۇقۇيمەن،ئەسېرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن

UID
52770
يازما
110
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 15:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئادەم بىر ئەسەر يازسا راستنلا ئۆزگىچە بۇلدىكەنتىزراق يېزىڭلار

كۆيۈمچان ئەزا

سىنىڭ خوشاللىقىڭ مىنىڭ بارلىقى

UID
9601
يازما
164
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2534
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 17:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرنى ئۇقۇشقا مۇيەسەر بۇلالارمەنمۇ ؟

UID
44014
يازما
222
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
222
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 18:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنىڭ نادىرلانغانلىقىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم،،تىمىنىڭ داۋامنى ساقلايمەن،،

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلبەرگى يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 13:11
كەچۇرسىلەر،ئەكرەمنىڭ دوستىنىڭ   ئەكرەمنى ئەكرەمشاھ د ...

ھېچقىسى يوق سىڭلىم. شۇنداق خاتا تەسىر بېرىپ قويغان خاتالىق بىزدە. سىزنىڭ تەھلىللىرىڭىزدىن دىلىمىز سۆيۈندى. سىز تۇنجى بولۇپ پىكىرىڭىزنى ۋە گۇمانىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بىز مۇشۇنداق پىكىرلەرگە مۇھتاج. يەنىمۇ مۇشۇنداق پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
تورداشلار، گۇمانىي ۋە تەنقىدىي پىكرىڭلارنى ئايىماي دەستۇرخانغا تاشلىغايسىلەر. بىزگە ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى. بىراق ئاۋۇ بېگانەدەك بېقىنىمنى نوقۇلاپ تېشىيمەن دېسەڭلار ئۇنىمايمەن. بېقىنىمنى تشىۋەتسەڭلار مەن ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى قانداق يازىمەن.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ــ ئەكرەم، سىز قېلىپ ئىشخانامغا كىرىڭ، سىزگە دەيدىغان گەپ بار،ــ سىنىپ مەسئۇلىمىز گۈلبوستان مۇئەللىم ھەيئەتلەر يىغىنىدىن كېيىن باشقىلارغا كېتىشكە ئىجازەت بېرىۋېتىپ ماڭا جېكىلىدى.
باشقىلار ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇشۇپ چىقىپ كېتىشتى. بىر يامان ئىشنى پەملەپ ئىشخانىغا ئاستا كىردىم. ئىشخانىدا گۈلبوستان مۇئەللىم يالغۇز ئىدى.
ــ كىرىڭ، ئولتۇرۇڭ،ــ مۇئەللىم ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى يېزىشقا باشلىدى.
مۇئەللىمنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى تازا ئاڭقىرىپ بولالمىغان بولساممۇ، بىراق ئۇنىڭ گەپ قىلىشقا ئالدىرىمىغانلىقىدىن ياخشى گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقىمنى سېزىپ تۇراتتىم. بر ھازادىن كېيىن مۇئەللىم ئېغىز ئاچتى:
ــ ئەكرەم، سىز تىرىشچان ئوقۇغۇچىسىز، ئىنىستىتۇت بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىپ كەلگىنىڭىزنى بىلىمىز. بىراق ئىشلار تېخى ئالدىڭىزدا، ئالىي مەكتەپ ئۆگىنىشتىكى جەڭ مەيدانى، پۈتۈن زېھنىڭىزنى ئوقۇشقا سەرپ قىلمىسىڭىز كېيىنكى ئىستىقبالىڭىزنى يارىتالمايسىز. سىز ئوقۇشقا كەلگىلى ئۇزۇن بولماي تۇرۇپلا مەيلى ئۆگىنىش، مەيلى ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىن بولسۇن باشقىلارغا ئۈلگە بولدىڭىز. ساۋاقداشلارنىڭمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ سىزگە بەرگەن باھاسى ناھايىتى ياخشى. بىراق نەچچە كۈندىن بۇيان سىزگە پايدىسىز بولغان بەزى گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئەگەر بۇ ئىش راست بولسا، بۇ سىزگە زادىلا ماس كەلمەيدىغان قىلىق. سىزنى بۇنىڭغا چۈشەنچە بەرسىكەن دېگەن ئۈمىدتە ئېلىپ قالغان ئىدىم.
گۈلبوستان مۇئەللىم ئۆتكەندە كارىدوردا يۈز بەرگەن ئىشنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
ــ ئابلىمىت مۇئەللىم سىزگە دېگەن ئوخشىمامدۇ؟ــ بېشىمنى كۆتۈرۈپ مۇئەللىمنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ سورىدىم.
ــ كىمنىڭ دېيىشى مۇھىم ئەمەس. شۇنداق ئىش بارمۇ زادى؟
ــ ئەمەلىيەتتە مەن ....،ــ تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۇتىۋەتتىم. نېمىشقىدۇر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتقۇم كەلمىدى. ئېيتقان تەقدىردىمۇ مېنىڭ ئەمەس، دىلدارنىڭ ئالدىمنى توسۇپ ماڭغىلى قويمىغانلىقىغا مۇئەللىممۇ ئىشەنمەيتتى. مەن بېشىمنى پەس قىلغىنىمچە گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.
ــ دېمەك راست ئىكەن دە، ئەكرەم، ھەر ئىشنىڭ سورۇنى، شارائىتى، ۋاقتى – سائىتى بولىدۇ. سىلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىڭلارنى چەكلەپ كەتمىسەكمۇ، بىراق قوللاپمۇ كەتمەيمىز. ئۇ قىزنى كارىدوردا توسۇۋېلىپ، يەنە تېخى مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا قوڭغۇراق چالغىنى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي زورلۇق قىلىشىڭىز پەقەتلا قاملاشماپتۇ. سىزنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن. سىلەر چوڭ بولدۇڭلار، 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولۇپ قالغان بالىلارسىلەر.
مۇئەللىمنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدىم. دېمەك كارىدوردىكى ھېلىقى ئىش باشقىلارغا مەن دىلدارغا تەلەپ قويۇپ زورلۇق قىلغاندەك تەسىر بېرىپتىمەن دە، ماۋۇ گەپكە كۈلەيمۇ ياكى يىغلايمۇ؟
ــ خاتالىشىش بوپتۇ مۇئەللىم،ــ دېدىم جىددىيلەشكەن ھالدا گۈلبوستان مۇئەللىمگە قاراپ،ــ ئۇ قىز بىلەن ھېسسىيات جەھەتتىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، زورلۇقمۇ قىلمىدىم. بىز يۇرتداش ئىدۇق. بىر ئىشتا ئازارلىشىپ قېلىپ، شۇ ... ئۇ مېنى ...
ــ مانا، مانا، بىر يۇرتلۇق ئىكەنسىلەرغۇ، نېمىگە ئازارلىشىپ يۈرىسىلەر ئەمدى؟ سىزمۇ قىز بالا بىلەن تەڭ بولىمەن دېمەي قورساقنى كەڭ تۇتۇپ، ئۆتكۈزىۋېتىدىغان يەردە ئۆتكۈزىۋېتىڭ. كۈپكۈندۈزدە بىر قىزنى ئىشىك تۈۋىگە نىقتاپ دىقمارلىسىڭىز، بوزەك قىلسىڭىز سەت ئەمەسمۇ؟ بەش يىل بىللە ئوقۇيسىلەر، يەنە كېلىپ قوشنا، كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تۇرساڭلار، بۇنداق جېدەللىشىپ تۇرساڭلار ئۇيات ئەمەسمۇ؟ بىر يۇرتلىقىڭىز بىلەن چىقىشالمىسىڭىز قالغانلار بىلەن قانداق ئۆتەرسىز؟ ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىڭ. سىز دېگەن ئۆگىنىىش ھەيئىتى. بۇنداق سەت قىلىق ئەمدى تەكرارلانمىسۇن.
مۇئەللىم ئاخىرقى ئۇلتېماتومنى تاپشۇرۇپ بولۇپ ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ: «ئەمدى يۇۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلا، چىقساڭ بولىدۇ» دېگىنى ئىدى. مۇئەللىمنىڭ «كۈپكۈندۈزدە بىر قىزنى ئىشىك تۈۋىگە نىقتاپ دىقمارلىسىڭىز، بوزەك قىلسىڭىز سەت ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئاچچىق گېپى ئىچىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
كەچلىك مۇزاكىرىگە كېچىكىپ دېگۈدەك كىردىم. دەرسكە قارىغۇدەك رەپتايىم يوق. دېرىزىدىن پەسكە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم. دىلدار بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنچە قىلىپمۇ يەنە دەككەمنى يېدىم. يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشىدا ئاچچىقىمدا دېگەن گېپىمنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەردى. قارىغاندا ئۇ مەن بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگىچە قېرىشىپ ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەجەب ئىش، ئۆزۈم ئەسكىمۇ يا دېسەم شۇ دىلداردىن باشقا ھەرقاندىقى بىلەن چىقىشىپ ئۆتىمەن. باشقىلارمۇ مېنى شۇنداق ھۆرمەتلەيدۇ. مېنىڭ يۇرتدىشىم بولغان ماۋۇ بىشەم ياۋايىنىڭ مەن بىلەن قېرىشقىنى قېرىشقان. بۇدا قېتىم مېنى ساقلاپ تۇرۇپ قەستەن ئوسال قىلغىنىنى كۆرمەمدىغان. ئۇنى ھەممىلا كىشى بىلەن شۇنداق قېرىشىپ ئۆتەمدىكىن دېسەم، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئامراقلىقى كېلىپ قىلمىغىنى قالمايدىكەن. مېنى ئۇنىڭغا دۈشمەن كۆرسىتىدىغان بىر يېرىم باردىمۇ يا دەپ جىق ئويلاپ كەتتىم. بىراق تاپالمىدىم. دۈشمەنلەشسەك دۈشمەنلەشتۇق، سەندىن قالامتىم؟ ئەمدى ساڭا خوش – خوش دەيدىغان ئەكرەم يوق. ئۆز خىيالىمدىن ئۆزۈم مەمنۇن بولۇپ دەرسىمنى تەكرارلاشقا كىرىشتىم.
خېلى كۈنلەرگىچە دىلدار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالمىدىم. قارىغاندا ئۇ ھېلىقى قېتىم مېنى مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلغىنىدىن پۇخادىن چىققاندەك قىلاتتى. مەنمۇ بارا – بارا بۇرۇنقى پوزىتسىيەمدىن بوشاپ، تاكتىكامنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈرۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىدى. ئەگەر دىلدارنىڭ يەنە خۇيى تۇتۇپ قالىدىغان بولسا ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇشمۇ مۇمكىن ئەمەستى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭگە تەڭ سوقۇشسام ئۇتتۇرىدىغىنى يەنىلا مەن ئىدىم. ئۇ قىلغان بىشەملىكنى مەن قىلالمايتتىم. ئۇ ئىشلەتكەن ھىيلىنى مەن ئىشلىتەلمەيتتىم. ئۇ دېگەن گەپلەرنى مەن دېيەلمەيتتىم. ئىشقىلىپ بۇ جەھەتلەردە مەن پاسسىپ ئورۇندا. ئەمدىكى ئەڭ بولىدىغان ئامال ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى قىلىش. يەنى بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قېلىش ئىدى.
ھەش – پەش دېگۈچە يېڭى يىلمۇ كېلىپ قالدى. يېڭى يىلنى يىللىقلار بويىچە ئۆتكۈزىدىغان بوپتىمىز. يېڭى يىللىق پائالىيەتكە بىزنىڭ سىنىپتىن مەدىنە يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل تەييارلايدىغان بولدى. ئۆتكەندە مەن يازغان «ئەيسا نازۇك» دېگەن ئىتوتنى بالىلار رەپىتىس قىلىپ تەييار قىلىپ بولغان ئىدى. شەنبە – يەكشەنبىدە مۇشۇ ئىتوتنى پىششىقلىماقچى ئىدۇق. بىراق شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى نەۋرە ئاكام ئىلياس تېلېفون قىلىپ قېشىمغا كەل دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ يېڭى يىللىق ئىتوت يېزىپتۇ، بىراق تازا كېلىشمەپتۇ. مەن شەنبە – يەكشەنبە ئىككى كۈن ئۇلارنىڭ ئىتوتىغا ياردەم بېرىدىكەنمەن. ئۆزىمىزنىڭ ئىتوتىنىڭ گېپىنى قىلسام، ئۇ سەن كەلمىسەڭ مەن تۈگىشىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. بىزنىڭ ئىتوتتا مەن يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتوتىمىز خېلى پىشىپ قالغان بولغاچقا  ئامال يوق باردىم.
پۇت – قولۇمدىكى بايىقى تىترەك ئەمدى بېسىققاندەك قىلاتتى. يۈرىكىمنىڭ سوقۇشىمۇ ئەمدى جايىغا چۈشۈپ، قىسىلغان نەپەسلىرىم ئەسلىگە كەلدى. دىلدارنىڭ ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ قويۇپ قىزلار ياتىقىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كەينىمگە بۇرۇلۇشۇمغا ئىلياس ئاكام ئالدىمدا ئۈنگەندەكلا پەيدا بولدى:
ــ ھەي، بولدى قىلە، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ گۈللىرىگە تولا ئاچ بۆرىدەك قاراۋەرمە، بەرىبىر ئۈزۈپ بولالمايسەن.
ــ مەن سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ گۈلىگە ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ مەكتىپىنىڭ گۈلىگە قاراۋاتىمەن.
ــ نېمە؟ كىم ئۇ؟ بىللە كەلگەنمىتىڭلار؟ ــ ئىلياس ئاكام دىلدار كىرىپ كەتكەن بىناغا قاراپ سورىدى.
ــ ھە، بىللە كەلگەن، ھە راست، سەن تەكرارنى بىرىنچى ئوتتۇرىدا ئوقۇغانغۇ، ئۇ بىرىنچى ئوتتۇرىدىكى ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ قىزى، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، تونۇيدىغانسەن، ــ مەن خۇددى تېپىشماق تېپىۋالغان كىچىك بالىدەك خۇش بولۇپ سورىدىم.
ــ ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنى تونۇيمەن. ئالامەت ئېسىل ئادەم. لېكىن قىزىنى تونۇمايمەن. نېمە؟ بىللە كېلىپ قېنىشمىغانما؟ يولۇڭغا ماڭماي، نېمە بەز يېگەن مۈشۈكتەك ئۇنىڭغا قاراپ كەتتىڭ. بول چاققان، بالىلار ساقلاپ قالدى.
سىنىپقا كىردۇق. سىنىپتا بىرمۇنچە بالىلار ئىتوت توغرۇلۇق ئۇنى – بۇنى دېيىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار مېنى كۆرۈپلا خۇددى سىنىپقا ئوقۇتقۇچى كىرگەندەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى. مەن ئۇلار بىلەن بىرقۇر سالاملىشىپ چىقتىم. ئىتوت سىنارىيىسىگە قارىسام بەكلا چۇۋالچاق، خېلى كۈلكىلىك بولسىمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوق، باش – ئاخىرى ماسلاشمىغان ئىكەن. مەن ئىلياس ئاكامنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدىم. ئۇ بالىلارنى چۈشتىن كېيىن كېلىشكە بۇيرۇپ چىقىرىۋەتتى. ئىككىمىز چۈشتىن قايرىلغۇچە ئىتوتنى تۈزىتىپ ئاران تەستە جايىغا كەلتۈردۇق. قورساقلار ئېچىپ كەتكەن ئىدى.
كونسول كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ پېتىر مانتا بۇيرۇتتۇق.
ــ ئەكرەم، سېنىڭ كەسپىڭ نېمە ئىدى؟ــ ئىلياس ئاكام چىنەمگە چاي جىقلىغاچ سوراپ قالدى.
ــ باغ – ئورمان كەسپى، نېمە بولدى؟
ــ مەن دەيمەن قارا، سەن بىلەن بىرگە كەلگەن قىزنى تونۇمىغىنىم بىلەن ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسىنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ ئاپىسى شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېگىنە، كىم بىلىدۇ، سىلەر مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بىرىنچى قول بولامدۇ بىلگىلى بولمايدۇ، مەن دەيمەن قارا....
ئىلياس ئاكامنىڭ تىلىنى چايناپ گەپ قىلىشلىرىغا ئىچىم پۇشۇپ سۆزىنى بۆلىۋەتتىم:
ــ ھە، سەن دەۋاتىسەن، مەن قاراۋاتىمەن، ئەزمەڭنى ئەزمەي دېمەمسەن گېپىڭنى، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نەچچىنچى قول باشلىق بولۇشى بىلەن مېنىڭ نېمە كارىم؟ ئۇ يا مېنىڭ ئاپام بولمىسا.
ــ گەپ دەل مۇشۇ يەردە. قارا ئەكرەم، مەسىلە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ سېنىڭ ئاپاڭ بولمىغانلىقىدا، مېنىڭ سۆزۈمنى ئوبدان ئاڭلا، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سەن مۇشۇ بەش يىللىق ئوقۇش ۋاقتىڭدىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۇنىڭ ئاپىسىنى ئۆزۈڭنىڭ ئاپىسىغا ئايلاندۇر. بىلدىڭمۇ؟
ئىلياس ئاكامنىڭ بۇ بىمەنە سۆزلىرىدىن كۈلگۈم كېلىپ ئەمدىلا ئوتلىغان چاينى پۈركۈۋەتكىلى تاس قالدىم.
ــ ھوي ئاكا، ئىتوتنىڭ غېمىدە ئالجىپ قاپسەنمۇ نېمە؟ نېمە پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسەن؟ ئۇنىڭ ئاپىسىنى ئاپا قىلىپ نېمە قىلاي. ماڭا ئۆزۈمنىڭ بىر ئاپسىنىڭ مېھرى يېتىپ ئاشىدۇ. ئىككىنچى ئاپا لازىم ئەمەس.
ــ ھەي، سەن گەپ چۈشەنمەيۋاتامسەن ياكى خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسەن؟ مانا مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا، باشتا غەم جىق ئۇكام، مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىلەن قېنى خىزمەت؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مېنى بىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بولسا ئاتا دېيىشتىن يانمايمەن جۇمۇ. سەن ھازىر چۈشەنمەيسەن. يەنە تۆت يىلدىن كېيىن ئاندىن چۈشىنىپ قالىسەن. پۇرسەتنى قەدىرلە، مەن دەيمەن قارا، ئاشۇ قىزنى كەلتۈر. ئۇنى كەلتۈردۈڭمۇ بولدى، خىزمەتتىن غەم قىلما، بەش يىلدىن كېيىن شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن خاتىرجەم كىرىۋەر.
ئىلياس ئاكامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن نەچچە ۋاقتتىن بېرى ماڭا دۈشمەن بولغان، بىراق بۈگۈن قەلب قەسىرىمگە تۇيۇقسىزلا كەلكۈندەك بۆسۈپ كىرگەن دىلدارنىڭ ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قارىغان ھالىتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. ئاپتوبۇستىكى قوشۇلغان ئوتلۇق نەپەسلەر يادىمغا يەتكەن ھامان تومۇر – تومۇرلىرىمدىكى قانلار يەنە كۈۋەجەشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ئۆچمەنلىكنىڭ شۇ بىر نەپەس بىلەن، شۇ بىر نىگاھ بىلەن، شۇ بىر تەبەسسۇم بىلەن يەنە شۇ دەرىجىدىكى مۇھەببەتكە ئورۇن بەرگەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئىلياس ئاكام دەۋاتقان ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قېلىش، ھەتتا كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش مەن ئەسلا ئويلىمىغان، ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىش ئىدى. بۇرۇن ئۇنىڭ كۆكەمىلىك بىلەن يۈرىكىمنى زېدە قىلىپ ئازابلىغىنىمۇ، ئۆزىدىن قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلغىنىمۇ راست، بۈگۈن ئۇنىڭ قەلبىمنى خۇددى سىمابتەك ئېرىتىپ ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغىنىمۇ راست. كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ نەرسە ئىكەن. ئۆچ – ئاداۋەتكە تىنىپ كەتكەن كۆڭۈل دەقىقە ئىچىدىكى ئىسەنكىرەشتىن كېيىن بىراقلا مۇھەببەتلىك كۆڭۈلگە ئايلانسا ھە. مەن سەل تۇتامى يوق، مەيدانى يوق ئادەممۇ قانداق؟ مەن زادى دىلدارغا ئۆچمۇ؟ ئۇمۇ ماڭا ئۆچمۇ؟ بۈگۈنكى ئىش زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ بىر تەساددىپىيلىق. مېنىڭدىكى خاتا سەزگۈ. دىلدارنىڭ بىشەملىكى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ماڭا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقى بۇ بىر رىئاللىق. بەلكىم بۇ قېتىممۇ مېنى ئەخمەق قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ــ ئىلياس ئاكا، نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ،ــ مەن ئىلياس ئاكامغا قاراپ ئاچچىق كۈلدۈم،ــ مەن ئاشۇنىڭ بىلەن يۈرەمدىم؟ خىزمەت ئۈچۈن ئاشۇنىڭغا كۈچۈكلىنەمدىم؟ ئاكا، شۇنى بىلىپ قوي، مەن ئۆزۈمنى دادامنىڭ ئۆشنىسىدىكى كەتمەنگە ساتسام ساتىمەنكى خوتۇنغا ساتمايمەن.
ــ ۋوي، نېمانداق گەپ قىلىسەن؟ ئاشۇنىڭدەك دەپ كېتىپسەنغۇ، ئاشۇ قىزنى كەلتۈرەلىسەڭ بۆكۈڭنى ئاسمانغا ئاتە. ۋىجدانىڭدىن ئۆرگىلەي. بىر ئوبدان قىزنى نېمە كۆرىۋالدىڭ.
ــ ئوبدانلىقىنى نەدىن بىلىسەن؟ تونۇمايمەن دەۋاتاتتىڭغۇ؟
ــ ئەسكى بولسا ھاڭۋېقىپ ئارقىدىن قاراپ قالاتتىڭمۇ؟
ــ ئەسكىلىكىدىن قاراپ باقتىم، سىلەرنىڭ مەكتەپتىمۇ بىر كىمنى ئەخمەق قىلىپ ئوينارمۇ دەپ.
ــ ھە، ئەمدى بىلدىم، ئۇ سېنى ئەخمەق قىپتىكەن دە، بىلدىم، بىلدىم، سەندە بىر گەپ بار.
ــ گەپنى ئاز قىلىپ مانتاڭنى يېگىنە.
يەكشەنبە كۈنى چۈشكىچە ئىلياس ئاكامنىڭ ئىتوتىنى يۈرۈشتۈرىۋېتىپ بازاردىن بىر قۇر كاستۇم – بۇرۇلكا ۋە پايپاق سېتىۋېلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەتتىم.
ياتاقتىكى ھەممەيلەن يېڭى يىللىق كىيىملىرىنى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ كىيىشىپ كېچىلىككە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مەنمۇ يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ تېخىچە كىيمىگەن كاستوم – بۇرۇلكامنى ئېلىپ كىيدىم. پايپىقىمنى يۆتكىگىچە كىيىملىرىمگە قاراپ ھەيران قالدىم. توۋا، ماۋۇ ئىشنى، ئەجەب دىققەت قىلماپتىمەن دېسە، پايپىقىم كۆك رەڭدە، كاستۇم – بۇرۇلكام بولسا قاراكۆك رەڭدە ئىدى. نېمىشقا ھەممىسىنىلا كۆك رەڭدە قىلىپ ئېلىۋالغاندىمەن؟ ھە بوپتۇلا، نېمە بولاتتى؟ كۆكنىمۇ كىيىپ باقاي.
كىيىملىرىمنى كىيىپ بولۇپ ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمگە خۇددى ئۆزۈمنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ كەتتىم. قويۇق قوشما قاشلار، يالاڭ قاپاقنىڭ تىگىدە چاقناپ تۇرغان قاپقارا كۆزلەر، قاڭشالىق بۇرۇن، يۇمۇلاق يۈز ئەينەك سەتھىدە نامايەن بولۇپ تۇراتتى. «ھەي، مەنمۇ خېلى كېلىشكەن ئىكەنمەن جۇمۇ، يالاڭ قاپاق بولماي قوش قاپاق بولغان بولسام، تېرەم ئازراق ئاق بولغان بولسا، ھىم، ئارتىس بولساممۇ بولاتتىمكەن.» ئۆز – ئۆزۈمگە ئاشۇنداق تەمەننا قويۇپ ئولتۇرۇشۇمغا سىنىپ باشلىقىمىز ئىلھام قېشىمغا كېلىپ قولۇمنى كۆتۈرۈپلا قولتۇقۇمغا ۋە ئۇ يەر – بۇ يېرىمگە ئەتىر سېپىشكە باشلىدى.
ــ بۇ كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە ماۋۇمۇ بار،ــ ئۇ يانچۇقىدىن سېغىز چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى.
ــ بۇنى نېمە قىلىمەن؟ مەن يا كىچىك بالا بولمىسام سېغىز چاينايدىغان.
ــ ھەي ئاخماق، سېنى كىچىك بالا كۆرۈپ بەرمىدىم. بۇنى چاينىساڭ ئېغىزىڭ پۇرىمايدۇ، سەل تۇرۇپ تانسا ئوينايسەن ئەمەسمۇ؟
شۇندىلا باياتىن بېرى بالىلارنىڭ ماكاشلىتىپ سېغىز چاينىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.
پائالىيەت بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا ئۆتكۈزۈلدى. زالنىڭ ئىچى چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، ئاسما چىراقلارغا تۇتاشتۇرۇلۇپ پەسكە ساڭگىلىتىپ قويۇلغان رەڭدار نەقىشلىك لېنىتىلار، سۇلياۋ گۈللەر، شارلار بىلەن زالنىڭ ئىچى بايراملىق تۈسكە چۆمگەن ئىدى. چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشكەن ئوقۇغۇچىلار زالنىڭ ئىچىدە قىن – قىنىغا پاتماي ئوينىشىپ يۈرىشەتتى. زالنىڭ ئالدىدا پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر ئالدىراش ھالدا چالغۇلارنى، ئاۋاز ياڭراتقۇلارنى ۋە پائالىيەتكە كېرەكلىك ئۈسكىنە –ئەسۋابلارنى سىناپ تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش يۈرىشەتتى. سەھنىنىنڭ بىر بۇرجىكىدە دىلدارلارنىڭ سىنىپىدىكى پەرىدە ئىسىملىك رىياسەتچى قىز بىلەن باشقا سىنىپتىكى ئوغۇل رىياسەتچى قولىدىكى قەغەزلەردىن بىر نېمىلەرنى ئوقۇشۇپ مەشىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىشقىلىپ ھەممە ئۆزى ئىشى، ئۆز خۇشلۇقى بىلەن مەشغۇل ئىدى. مەنمۇ ئىتوتچى ساۋاقداشلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ ئولتۇردۇم. بىراق ئولتۇرغىنىم بىلەن كۆزۈم ئىختىيارسىز ھالدا دىلدارنى ئىزدەيتتى. ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكىلەر ئىچىدىن شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ قاتناشماسلىقى مۇمكىن ئەمەستى. چۈنكى ئۇلارنىڭ سىنىپىنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەردىكى كوزىرى دەل دىلدار ئىدى. ئۇلارنىڭ سىنىپىنىڭمۇ پائالىيەتچان دەپ يىللىقلار ئىچىدە داڭقى بار ئىدى.
پائالىيەت باشلاندى. بىر كوللىكتىپ ئۇسسۇل، بىر قوش كىشىلىك ناخشىدىن كېيىن دىلدارنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى. دىلدارنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. بايا ئۇنى شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم. ئەمدى بولغاندا ئۇ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا سەھنىدە پەيدا بولدى. ئۇ بۈگۈن ئاپېلسىن رەڭگىدىكى چاپان – يوپكا كىيىۋالغان بولۇپ، ئىچىدىكى ئاق، قىزىل، سېرىق يوللۇق پوپايكىسى بىلەن پار كېلىپ شۇنداق جەزبىدار بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان نەچچە تىزىق مارجىنى ۋە مارجاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆك رەڭلىك خرۇستال كۆز چىراق نۇرىدا پارقىراپ نۇر چاقنىتاتتى.
ئۇنىڭ «گۈل بېرەي مۇئەللىمگە» دېگەن ناخشىسى تۈگىشى بىلەن ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكىلەر چاۋاكنى ياغدۇرىۋەتتى. بىز توختىغاندىن كېيىنمۇ توختىماي چالدى.
ئۇنىڭ كەينىدىنلا بىزنىڭ ئىتوتقا نۆۋەت كەلدى. ئىتوتىمىز تولىمۇ مۇۋەپىقىيەتلىك بولدى. زالدىن ھەر قېتىم كۈلكە كۆتۈرۈلگەندە ۋە چاۋاك ياڭرىغاندا خۇددى بۇ ئالقىشلار ماڭا يېغىۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. دىلدارنى قانداق قىلىۋاتىدىكىن دەپ قارىسام ئۇ مېنى كۆرۈپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ كۈلدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ جاۋابەن كۈلۈپ قويدۇم.
ئۆزۈمنى شۇنداق خۇشال سېزەتتىم. يازغان ئىتوتىممۇ مۇۋەپىقىيەتلىك ئوينالدى. ئاۋۇ دۈشمەن قىز بىلەنمۇ بىر ئوبدان چىقىشىپ قالدىم. تېخى يۈرىكىمگە ئوتمۇ قويۇۋەتتى دېسە ئۇ كاساپەت. ياماننىڭ ئوتى يامان دېگەن راست ئىكەن جۇمۇ، شۇنداق تۇرسا مەن خۇش بولماي كىم خۇش بولسۇن؟
نەچچە نومۇردىن كېيىن دىلدار يەنە بىر ناخشا ئېيتتى. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئوقۇغۇچىلار شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايتتى. چاۋاكنىمۇ ئۈزمەي چالاتتى. ئۇمۇ «سېغىندىڭمۇ» دېگەن ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ شۇنداق ئېسىل ئېيتىۋەتتى.
نومۇرلار ئاخىرلىشىپ قالدى. بىر چاغدا دىلدارلارنىڭ سىنىپىدىن «دىلدار يەنە بىر ناخشا ئېيتىپ بەرسۇن» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز كەلدى. بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ تەرەپ – تەرەپتىن «يەنە بىرنى، يەنە بىرنى» دېگەن ئاۋازلار كېلىشكە باشلىدى. رىياسەتچى بالا ئامالسىز دىلدارنى يەنە بىر ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. دىلدار چىقايمۇ – چىقمايمۇ دېگەندەك قىلىپ بىردەم ئولتۇردى، ئاخىرى توختىماي ئۇرۇلىۋاتقان چاۋاكتىن خىجىل بولدىمۇ سەھنىگە چىقتى. ئۇ بۇ قېتىم «سېنىڭ كۆزلەرىڭ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىرلىشىشى بىلەن زالدىن يەنە قىقاس – سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. يەنە شۇ دىلدارنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشاتتى. بىر يەرلەردىن «تاۋى نازۇك يار» دەپ ۋارقىراشسا، دىلدارنىڭ سىنىپىدىكىلەر «دىلدار، دىلدار» دەپ ۋارقىرايتتى. بىر ھازادىن كېيىن دىلدار سەھنىگە چىقىپ ناخشىسىنى باشلىدى.
دىلدار بۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتقاندا يۈرىكىمنىڭ يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئاپتوبۇستىكى ئىشلار ئىختىيارسىز  ھالدا كۆز ئالدىمدا قايتا نامايان بولۇشقا باشلىدى. ئاپتوبۇس قاتتىق سىلكىنگەن چاغدا كاللامغا قانداقتۇر ئاپتوبۇس بىر كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە يولۇققاندەك، بۇ ۋەقەدىن دىلدارنى جېنىم بىلەن قوغدىشىم زۆرۆردەك بىر تۇيغۇ پەيدا بولۇپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ بىلىكىم بىلەن قورشاپ چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىم. قىستا – قىستاڭدا ئۇنىڭ باغرىمغا قىسىلىپ كىرىپ، يۈزلىرىمىزنىڭ، لەۋلىرىمىزنىڭ يېنىك سۈركىلىنىپ ئۆتۈشى مېنى تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن ھىسلار قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەن ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدىم. ئۇ ماڭا دۈشمەن ئىدى. بىراق يېڭى يىلنىڭ خاسىيىتى بىلەن مەن ئۆچمەنلىكنى ئۇنتۇپ بىراقلا 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا كۆيگەندەك قىلاتتىم. دىلدارمۇ دۈشمەنلىكنى تاشلاپ قىزىرىپ – تاتىرىپ تۇرۇپ ماڭا كۆڭۈل بەرگەندەك قىلاتتى. دىلدارنىڭ «مەن ئەڭ ئامراق كىشىلىرىمنى شۇنداق قىينايمەن.» دېگەن گەپلىرىنى تامشىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق كىشىسى ئىكەنمەن دە، توۋا، نېمە دېگەن تاتلىق ھىسلار ھە.
ناخشا ئاخىرلىشىپ گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى زالغا بىر كەلدى.
ــ ھەي ئەكرەم، ماۋۇ يۇرتلۇقىڭ كېچىلىكنى كۆتۈرە ئېلىۋالدىمۇ نېمە؟ بىزمۇ بىرەرىمىزنى توۋلامدۇق؟ــ يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم بىقىنىمنى نوقۇپ سورىدى.
ــ بولىدۇ، سەن كىمنىڭ ئىسمىنى دېسەڭ مەن بىرىنچى بولۇپ توۋلايمەن.
ــ مەدىنە،ــ دېدى ساۋاقدىشىم ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ.
مەن «مەدىنە» دەپ توۋلاي دەپ تۇرۇشۇمغا كەينىمدىكىلا مەدىنە توسۇۋالدى.
ــ توۋلىماڭ. مېنىڭ تەييارلىقىم يوق. ھېلى بىكار سەتلىشىمەن.
نومۇرلار ئاخىرلىشىپ ئولتۇرۇش رەسمىي باشلاندى. ئاتۇش خەلق ناخشىسى باشلىنىپ بالىلار ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇسسۇل – تانسىدا بولمىغىنىم ئۈچۈن يەنە ئورۇندۇق بېقىپ ئولتۇردۇم. كۆزۈم دىلدارنى ئىزدەيتتى. ئۇ سىنىپىدىكى بىر بالا بىلەن ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. مېنىڭمۇ دىلدار بىلەن بىرەر قول ئۇسسۇل ياكى تانسا ئوينىغۇم كەلدى. بىراق يەنە يالتىيىپ قالدىم.
ئورۇندۇققا يۆلەنگىنىمچە قەلبىمنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان زىددىيەتلىك خىياللار ئىچىدە كۆزۈمنى يۇمدۇم. دىلدارنى ياخشى كۆرىمەنمۇ؟ تۇيۇقسىزلا ھە. شۇنداقمۇ تېز ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ ئاپتوبۇستىكى نەچچە مىنۇتلۇق سۆھبەت ۋە قىستاڭچىلىقتىن پەيدا بولغان سۈركىلىش بىزنى ئەشەددىي دۈشمەندىن بىراقلا دوستقا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە يېقىنلىققا باشلاپ كەلدىمۇ؟ مەن ئۆچ بولغان ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى مېنى دەقىقە ئىچىدە سېھىرلەپ، ئۇنىڭ ئىشقى مۇپتىلاسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدىمۇ؟ مېنىڭ نەزىرىمدە، ھېسسىياتىمدا ئاپتوبۇستىكى شۇ سۈركىلىش تەننىڭ سۈركىلىشى ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ سۈركىلىشى ئىدى. ۋەھالەنكى مېنىڭ زادى ئەقلىم يەتمەيدىغىنى بۇنداق سۈركىلىش زادى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇشتۇمتۇت، شۇنچە تاساددىپىي ھالدا يۈز بېرىدۇ. ئەجەبا بۇنى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟ مۇھەببەت ئەنە شۇنداق شەپە بەرمەيلا يۈرىكىڭىزنى قاماللامدىغاندۇ؟ قەلبىم: «ئەكرەم، سەن دىلدارنى ياخشى كۆرىسەن» دەۋاتىدۇ. بىراق ئەقلىم ھامان بۇنىڭغا گۇمان نەزىرى بىلەن قاراشقا ئۈندەيدۇ. دىلدارنىڭ شۇ چاغدىكى سۆزلىرىدىن، ئۈركۈگەن ئاھۇدەك ھودۇقۇشلىرىدىن، كۆزلىرىنى ئەپچىلگىنە ئەپقېچىشلىرىدىن، يۈزلىرىنىڭ ئوت ئالغاندەك قىزىرىشلىرىدىن مەنمۇ ئۇنىڭدا ماڭا نىسبەتەن «ئىدىيە» پەيدا بولغانلىقىنى سەزگەن ئىدىم. لېكىن بۇنى «دەل مۇشۇنداق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايتتى. نېمىشقا ئۇنىڭدا بىردىنلا ئۇنداق ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ؟ ماڭا بولغان قارىشى نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز ئۆزگىرىدۇ؟ بۇلار زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر بۇلارمۇ ئۇنىڭ مېنى يەنە بىر قېتىم كولدۇرلىتىشنىڭ باھانىسى بولسىچۇ؟ ئەگەر ئۇنى ئۇسسۇلغا تارتقىلى بارسام ئۇ يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ يەنە مېنى ئوسال قىلسىچۇ؟ ئۆتكەنكى يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشىدا ئۇ مېنى ئۇسسۇلغا تارتمىدىڭىز دەپ خاپىلىغان ئىدى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدىم. ئەمدى بولسا.... قارىغاندا ئۇ ئۇنداق قىلىپمۇ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. بېشىمغا كەلگىنىنى كۆرەي، غەيرەت قىلىپ بېرىپ بىر تارتاي جۇمۇ.
ئۇسسۇل ئاخىرلىشىپلا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز چىقىپ كېتىشتى. مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېز – تېز مېڭىپ دىلدارنىڭ ئالدىغا باردىم. قىزىرىپ – تاتىرىپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇسسۇلغا تارتتىم. دىلدار تارتىنمايلا ئالدىمغا كېلىپ تۇردى:
ــ بۈگۈن ئولتۇرغان ئورۇندۇقىڭىزدا يىلىم يوق ئوخشىمامدۇ؟ــ دىلدار كۈلگىنىچە چاخچاق قىلدى. ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئۇسسۇلغا تارتقىلى كەلگەنلىكىمدىن ھەيران قالغان بولسا كېرەك. دىلدارنىڭ بۇ چاخچىقىدىن مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.
ــ بۈگۈن يىلىممۇ كار قىلمايدىغۇ بىزگە.
بايا ھودۇققىنىمدىن چېلىۋاتقان مۇزىكىنىڭ ئۇسسۇلنىڭ ئەمەس، تانسىنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن. سەتلەشكىلى تاس قاپتىمەن. ئۇسسۇلنى ئانچە – مۇنچە ئوينىغىنىم بىلەن ماۋۇ تانسىنى پەقەتلا بىلمەيتتىم. بۇنداق ۋاقتتا بىلمەيتتىم دەپ چۈشۈپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. سەل تىڭىرقىغاندىن كېيىن دىلدارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلىگە قول ئۇزاتتىم. دىلدار بىلگەندەكلا ئوڭ قولى بىلەن قولۇمنى تۇتتى ۋە قۇلاق تۈۋىمگە شىۋىرلىدى:
ــ ھودۇقماڭ، مەن ئۆگىتىمەن. ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، قاراڭ قىزىرىپ كەتتىڭىز. پۇت – قولىڭىزنى چىڭ تۇتۇۋالماڭ، بوش قويىۋېتىڭ.
دىلدار مېنى ئاستا ئېلىپ مېڭىشقا باشلىدى. پۇتۇم ئىختىيارىمغا بويسۇنماي نەچچە قېتىم ئالمىشىپ، نەچچە قېتىم دىلدارنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالدىم. بۇنداق چاغدا دىلدار: «ھېچقىسى يوق، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئويناڭ، كارىڭىز بولمىسۇن.» دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. تېخى دىققىتىمنى بۇ تەرەپكە چاچماسلىقىم ئۈچۈن ئۇنى – بۇنى سورايتتى.
ــ ئىتوتنى بەك ياخشى يېزىپسىز، نېمىشقا ئۆزىڭىز رول ئالمىدىڭىز؟
ــ ئۆزىڭىز بىلىسىز، مەن يازالايمەن، لېكىن ئوينىيالمايمەن.
ــ نېمىشقا ئوينىيالمىغۇدەكسىز؟ مانا تانسا ئويناشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىڭىزغۇ؟ ئوينىيالايسىز، كۆزىڭىز قورقىدۇ شۇ.
ــ تانسا ئويناشنى سىز ئۆگىتىپ قويدىڭىز مانا.
ــ تانسا ئويناشنى ئۆگىتىپ قويغىنىمغا قانداق رەھمەت ئېيتاي دەيسىز؟
ــ مېھمان قىلاي.
ــ تاماق يەيدىغان ئىشمۇ؟ بەك ئاددىي بولۇپ قالىدۇ.
ــ ئۇنداقتا سىز دەڭ. قولۇمدىن كەلسىلا چوقۇم ئورۇنلايمەن.
ــ مەن خەققە قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلغۇزمايمەن. سىز قىلالايسىز. كېلەر قېتىم ماڭا چۈشكىدەك ئىتوتتىن بىرنى يېزىپ ماڭا رول بېرىسىز. قانداق، بولامدۇ؟
ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ. قولۇم كۆكسۈمدە، دىلدار.
مۇشۇنداق گەپ قىلىشىپ يۈرۈپ بىر قول تانىسىنى ئويناپ بولدۇق. بۇ بىر قول تانسا ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا خەقنىڭ پۇتىنى دەسسىمەي ئوينىيالايدىغان بولدۇم.
دىلدار بىلەن يەنە بىر مەيدان ئۇسسۇل، بىر قول تانسا ئويناپ بولغىچە ئولتۇرۇش ئاخىرلاشتى.
بۈگۈن ئاخشام خېلى بىر كەملەرگىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. خىيالىمغا دىلدار كېلىۋېلىپ كۆزلىرىمنى ئۇيقۇدىن بىدار قىلىپ تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قالدىم.

داۋامى بار

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئاۋۇ ئىچكىرىگە ئوقۇشقا كەتكەن ئېكرام ئاندىن كىيىن  دىلداردەك خۇشچاقچاق،ئويۇن تاماشاغا ئامراق بىر ئوغۇل رول ئالغان بولسا ھەم بو رولمۇ باش رول بولۇپ يەنە بىر ئاپتور ئۈچۈڭلار بىرگە يازساڭلار بەك ئېسىل چىقىدىكەنتۇق.ئالى مەكتەپ ھاياتىدا شوخ ئوغۇللار سەل كۆپرەك،خوشچاقچاق،قىزلارنى كەلتۈرۈشكە ماھىر،دەرسكە ئانچە تىرىشمايدىغان ،باشقىچە سۆلەتلىك يۈرۈيدىغان بىر تۈركۈم بالىلارمۇ ياخشى تىپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش