- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 648
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11909
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 6825
- يازما
- 648
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11909
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 516 سائەت
|
(15)
مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سىياسەتلەرنىڭ مىللى مەسىلىنى تۈپ يىلتىزدىن ھەل قىلالمايۋاتقانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ھەر قايسى ئەل ھۈكۈمەتلىرى مىللى مەسىلىنى بىر خىل تەرەقىياد مەسىلىسى دەپ قاراپ،كىشىلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇدرەت پاقۇزۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ھەقىقى يۇسۇندا ئىشقا ئاشۇرۇپ،كىشىلەرنى بىخەتەرلىك تۇيىۇسىغا ئىگە قىلماقچى ۋە ھەقىقى باراۋەرلىكتىن بەھرىمان قىلماقچى بۇلۇشۇپ،دۆلەت سىياسەتلىرنى تەڭشەشكە تەرەدۇت قىلىپ،ئىقدىسادى خىزمەتنى ھەممە خىزمەتنىڭ ئاساسى دەپ قاراشتى.
دۇنيا مىقياسىدا ئىقدىسادى تەرەقىياتىنىڭ مەرگىزى خىزمەت بۇلۇش يۇزلىنىشى، ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا ئىقدىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،ئىقدىسادى جەھەتتى زور تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەيدانغا كىلىپ،ئىقدىساتنىڭ يادۇرۇلۇق ھالىتىنى كىشىلەرگە ھىس قىلدۇردى.تەرەققى قىلالمىغان دۆلەتلەر بولسا ئىقدىساتنىڭ مۇھۇم رولى تۇنۇپ يەتكەن بولسىمۇ لىكىن ھەقىقى يۇسۇندا ھىس قىلىپ يەتەلمىگەندەك،ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالمايۋاتاتتى.
تەرەققىيات ئىنسانلارغا ھەققى باراۋەرسىزلىكنىڭ تەمىنى تۇنۇتۇشقا باشلىدى.بۇلۇپمۇ تەرەققى قىلالمايۋاتقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۈۋەن چەكتىكى قوساق تويغۇزۇش ئېتىياجى قانمايلا قالماي،ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ زور بەخىتسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە دۇنيا خەلقى تىنىمسىز ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقاندەك كۆرۇنۇشلەر ئادەمنى خۇشال قىلسىمۇ ،لىكىن ئۇ خەيرىساخەۋەت ھىچنىمىنى ھەل قىلالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇ دۇنيا تەرەققىياتىدىكى بىر رىيالنى ھادىسە ئىدى.بۇ رىياللىق دۆلەت ئۇقۇمىدا بىرلىككە كەلگەن كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرىقلەرنى چوڭايتىپ،دۆلەت ئۇقۇمى شەكىلىدىكى باراۋەرسىزلىكنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى،ھەم چوڭ دۆلەتلەر ۋە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنىمۇ ئاشكارلاپ ئۈلگۈردى،ئۇلاردا ئاجىزلارنىڭ نېنىغا شىرىك بولۇش ئىستىكى كۇچلۇك ئىدى.
دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن تەھلىل قىلغاندا تەرەقىياتنىڭ ئۇمۇمى يۈزلۈك بولماسلىق،شۇنداقلا رايۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىقدىسادى شارايىتىنىڭ تەگىشسىزلىكى،دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىنىڭ رايۇنلارغا نىسپەتەن تەكشى رول ئوينىيالماسلىقى،بۇلۇپمۇ يىتەكچى،باشقۇرغۇچى ئورۇندا تۇرغان كىشىلەرنىڭ مىللەتچىلىكى ياكى شەخسى مەنپەئەت پەرەسلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە،مىللىتلەرنىڭ ۋە رايۇنلارنىڭ تەرەقىيادى تەكشى بولماسلىقتەك رىياللىق مەيدانغا كەلدى.ھەتتا كەسىپلەر ئارىسىدىكى تەقسىماتچىلىقى ئوتتۇرىسىدكى پەرقلەرمۇ زور بۇلۇپ،كىشىلەردە بىر خىل باراۋەرسىزلىك تۇيغۇسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەرەققىيات ئىقدىسادى تەرەقىياتنىڭ تۈرۈتكىسى ئاستىدا غايەت زور نەتىچىلەرنى قلغا كەلتۈرۈپ،نۇرىۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەرەقىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،يۇقىرىدا بىز كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يانا نۇرغۇنلىغان پەرىقلەرنىمۇ مايدانغا كەلتۈردى.
رايۇنلار ئارا،مىللەتلەر ئارا،كەسىپلەر ئارا،شەخسىلەر ئارا تەرەقىياتتا زور پەرىقلەرنىڭ پەيدا بۇلۇپ تۇرۇشىغا،تۈرۈتكە بۇلۇش بىلەن بىرگە يانا ھەر قايسى رايۇن ،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيەت جەھەتتىكى پەرىقلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى.
ئىقدىساتنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ مەدىنىيەت ساھىسىگە كەلتۈرگەن ئەڭ زور تەسىرى بولسا،كىشىلەردىكى زامانىۋىلىققا يۈزلىنىپ،ئەنئەنىنى كېرەك قىلماسلىق خاھىشىنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈردى،بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىدىن ياتلىشىش ئىستىكى كىشىلەرنى ئەخلاقى چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار قىلىپ،كىشىلەردىكى مىھرى مۇھابەتنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى،كىشىلەر ئاساسەن ئىقدىساتىنى ئادىمىگەرچىلىكنىڭ ئۇستىگە قۇيۇشتەك رىياللىقنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.بۇنداق مەجبۇرلۇقنى ئۇلار ھىس قىلىشسىمۇ لىكىن بۇنىڭدىن ۋاز كىچىشكە جۇرئەت قىلالمىدى.بۇنداق ۋاز كىچىشكە جۇرئەت قىلالماسلىق بولسا كىشىلەر ئارىسىدا ئادەم قۇبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى پاسسىقلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈردى.كىشىلە ئىقدىساتنى دەپ،نۇمۇستىن ۋاز كەچتى،ئىقدىساتنى دەپ،ئادىمىگەرچىلىكىنى يوق قىلدى،ئىقدىساتنى دەپ،بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشتى.قىسقىسى ئىقدىسات مەدىنىيەت ئامىللىرى ۋە ئادەم تەبىيىتىگە نىسپەتەن بىر قورقۇنۇشلۇق رىياللىقنى ئاتا قىلدى.
ئىقدىسادى تەرەقىياتنىڭ ۋەسۋىسىدە قالغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەنئەتى ئۈچۈن قىزىلكۆزلىشىپ،باشقىلارنىڭ نىمە بولىشى بىلەن كارى بولمىدى،ئىقدىسادى مەنپەئەتنى دەپ،يۇقىرىنى ئالداپ،ئاۋامنى باستى.بۇ ھەلەتلەر ئاۋام ئىچىدە بىر خىل بۇرۇختۇملۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئۇلاردا بىر خىل باراۋەرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاتا قىلدى.بۇ خىل باراۋەرسىزلىك تۇيغۇسى بولسا كىشىلەردە يېڭىچە بىر خىل باراۋەرلىكىنى ئىزدەيدىغان ئىستەكنى مەيدانغا كەلتۈردى.ئاۋام يۇقىرى قاتلاملاردىكىلەر بىلەن ياتلاشتى،چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى ئويلىغان ئاۋام قانداق چۇشىنىش ھاسل قىلدىغانلىقىنى بىلەلمىدى،بىلگەندىمۇ چۈشىنىش ھاسىل قىلىدىغان ئورگەن ۋە كىشىلەرنى نەدىن تېپىشنى بىلمەيتتتى.
ھۇقۇق بىلەن ئىقدىساتنىڭ خوجايىنلىرى يەنە كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى زورلاپ ئۆزگەرتىش،زورلاپ زامانىۋى مىللەت كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈش،زورلاپ باشقا مەدىنىيەتنى تېڭىشتەك خاھىشلار بىلەن ئاۋامنىڭ كۆڭلىگە زاقا بىرىپ،ئۆزلىرىنىڭ نەتىچىلىرنى نامايەن قىلىشقا تىرىشتى،بۇ خىلدىكى زورلاشلارنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ،بۇنى بىلىپ تۇرغان كىشىلەر(ھۇقۇق ۋە ئىقدىسات ئىگىلىرى) بۇنداق مەن-مەنلىكتىن يانىلا قول ئۈزمىدى.بۇ ھالەتلەرمۇ باراۋەرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ،كىشىلەردە باراۋەرلىك ئىستىكىنى قوزغاشقا تۈرۈتكە بولدى.
تەرەقىيات يۇقىرقىدەك نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلەرنىڭ ئاساسچىسى بۇلۇپ،كىشىلەر ئارزۇسىدىكى باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتالمىدى.شۇنداقلا بۇنداق ئىمكانىيەتسىز ھەركەت ئاخىرقى نەتىجىدە يانىلا تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىپ،ئۇنىڭ ھۈكۈمەتنىڭ مەقسىدىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئاستىلىتىپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۇرۇپ،تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ،ھەقىقى باراۋەرلىكنى،ھەقىقى تەرەقىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەپ،تۈرلۈك سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.بىراق بۇنىڭلىق بىلەنمۇ ھەقىقى باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىدى.
|
|