- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 647
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11908
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 6825
- يازما
- 647
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11908
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 514 سائەت
|
باراۋەرلىك ئىستىكى
تۇردى توختى
- باراۋەرلىك مەڭگۈلۈك تىما بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇ- مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايە-
باراۋەر ياشاش – ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار بۇ ئارزۇغا يىتىشنى ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىستىكى قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئىنتىلگەن ۋە تۈرلۈك ئەمىلى پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئۇلار بۇ ئىنتىلىشنىڭ ھەقىقى رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،چۈنكى باراۋەرسىزلىكنى ئىنسانلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم چىقارغان. مۇشۇنداق رىياللىق ئاساسىدىمۇ ئىنسانلار يەنىلا باراۋەرلىككە ئىنتىلىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ،چۈنكى باراۋەرلىك شۇئارى ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك رەزىللىكلىرىنى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى.يانا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنتىلگەن ئادەمدەك ياشاش ئىستىكى. باشقىچە دىسەك، باراۋەرلىك ئۇقۇمى كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى،يەتمەكچى بولغان مەقسىدى ۋە تۈرلۈك ئارمانلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشپ كەتكەن ، يۈكسەكلىك تۇنۇنى كېيگەن ۋاستەلىك شۇئار.
باراۋەرلىك ئىستىكى ھەرقانداق بىر باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىۋاتقان شەخسى ياكى تەشكىلاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىدىغان پىرگۈراممىلاش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چۇڭقۇر سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ،چۈنكى باراۋەرلىك ھەممە بىردەك ئىزدىۋاتقان ، ئىنتىلىۋاتقان، ئىنساننىڭ تەبىيىتىدە مەۋجۇت بولغان بىر خىل تۇيغۇ.پىرىگۈراممىلىغۇچىنىڭ مەقسىدى قانچە يۈكسەك بۇلۇشتىن قەتتئى نەزەر كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسىنى مەڭگۈگە ھەل قىلالمايدۇ.سۈيۈقەستلىك باراۋەرلىك بولسا كىشىلەرگە يېڭىدىن باراۋەرسىزلىكنى ئاتا قىلىپ،كىشىلەردە مەڭگۈلۈك ئازاب ۋە پۇشايماننىڭ ئىزنالىرىنى قالدۇرۇدۇ.
(1)
ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن ئۆلۈشى بىر يۈكسەك ھەقىقەت.نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەسەرلەردە ‹‹ئادەم تۇغۇلۇشتىلا باراۋەر بولىدۇ››،‹‹ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن بارلىق ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى ئۈنتۇپ،قەۋرە ئالدىدا بارەۋەر بولىدۇ›› دىيىلگەن بۇيۇك ئىبارىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.بۇنى بىز قىل سىغماس ھەقىقەت دەپ قارىغىنىمىزدىمۇ،كىشىلەر ئۆلۈش بىلەن تۇغۇلۇش ئارلىغىدىكى ۋاقىت چۈشەنچىسىدىن بارۋەرسىزلىكنى چۈشىنىپ يەتەلەيدۇ.ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ‹‹ياخشىغا كۈن يوق،يامانغا ئۆلۈم ››دىگەن بۇ بۇيۈك ئىبارىسىدىنمۇ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.
ئىنسانلار تۇغۇلغاندىن كىيىن مەلۇم مەزگىل ياشاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇ جەرياندا بەزى كىشىلەر خېلى بىر مەزگىل ياشاشيدۇ،يانا بىزىلەر بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپلا بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالىدۇ.بۇ چاغدا نۇرغۇنلارنىڭ ئېڭىدا ‹‹بۇ بالا ئىدى،بۇ تېخى ياش ئىدى...››دىگەن ئۇقۇملار پەيدا بۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ ئۆمۇر كۈرۈش جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىكلەرنى ئېتىراپ قىلسا،يانا بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭمۇ تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇزاقراق ئۆمۇر كۈرۈپ،بۇ دۇنيادىكى نىممەتلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ بىر مەزگەىل ياشاپ،ئۆلۈپ كىتىشىنىڭ لازىملىغىنى ئۈمۈت قىلىشىدۇ.بۇ ئۈمۈتلەر كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر چۈشەنچىسىدىكى باراۋەرلىك ئىستىكى ئىدى.
ئۆلۈم بىلەن تۇغۇلۇش ھاياتلىقنىڭ ئىككى ئۇچى بۇلۇپ،بۇ ئارلىقتىكى ۋاقىت چۈشەنچىسى ئىلاھى قانۇنىيەت بۇلۇپ،تۇغۇلۇش-ئۆلۈش مەڭگۈ شۇ قانۇنىيەتنى بويلاپ ،داۋاملىشىدىغان ھەقىقەت.ماھىيەتتە بىز دېۋاتقان تۇغۇلۇش-ئۆلۈش ئارلىغىدىكى ۋاقىت چۈشەنچىسى(باراۋەرسىزلىك)-ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى يېڭىلاش،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتىكى ھەقىقى باراۋەرلىك ئىدى.ئەگەر ئۆلۈش-تۇغۇلۇش داۋام ئەتمەيدىغان مۇمكىنچىلىك بولغىنىدا بۇ ھەقىقى ئىنسان ھايات تىنق كۆل سۈيىدەك ئاستا ئاستا ئاۋال سېسىپ،ئاندىن كۆل تىگىگە سىڭىشىپ،ياكى پارلىنىپ تۈگەپ كەتكەن بولاتتى.بۇنىڭ بىلەن ئىنسان،كۆل،سۇ ،ھاياتلىق، تۇغۇلۇش،ئۆلۈش ... ئىبارىلىرىمۇ مەڭگۈگە مەۋجۇت بولمايتتى.
بىز باراۋەرلىك مەسىلىسىدە تۇغۇلۇش-ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك ھەقىقەتنىلا ھەقىقى باراۋەرلىك دەپ ئېيتىيالايمىز،بىز بۇ سۆزنى ئېيتىۋاتقاندا تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ بۇيۈك ھەقىقەت ئارلىغىدىكى ۋاقىت ئېڭىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولىمىز.
(داۋامى بار)
مەن بۇ تىمىنى ۋاقتىمنىڭ يىتىشىگە قاراپ ،نەچچە نوقتىدىن ئىسپاتلاپ چىقىشقا تىرشىمەن،قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەم بۇ تىما تەستىقلىنىپ قالسا ئىنكاس سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرىمەن-ھۆرمەت بىلەن :تۇرى توختى |
|