- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 648
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11909
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 6825
- يازما
- 648
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11909
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 516 سائەت
|
(8)
ئىلاھى ھۈكۈملەرگە ،ئىلاھى كۈچلەر،ئىلاھى ئاڭغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ باراۋەر ياشاش ئىستىكىنى قاندۇرماقچى بولغان ئىنسانلار ،ئىلاھى چۈشەنچىلەر ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ باراۋەرلىكىنى زادىلا ھەل قىلالمىدى. ئىلاھنىڭ ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بۇ ئاجىز جانلار تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن ئىلاھى ھۈكۈملەر ۋە ئىلاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئىزاھاتلىرىغان ھەر تۈرلۈك تەبىرلەرنى ئېيتىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا تۈرلۈك قاراشلارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا،بەزى ئىلاھى دەستۇرلارغا ئۆز ئىدىيىسىنى تېڭىپ،ئىلاھى داستۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىك دېرىجىسىنى تۈۋەنلىتىۋەتتى.بۇ ئاجىز بەندىلەرنىڭ بۇنداق ئازغۇنلۇغى خۇدانى نەچچە رەت غەزەپلەندۈرگەن بولسىمۇ،بۇ ئازغۇنلار خۇدانىڭ ئىلاھى داستۇرنى يېڭىلاپ چۈشۈرىشىگە سەۋەپچى بولدى.
شۇنداق ئاجىز يارتىلغان بۇ ئەقلىيەت تىپىدىكى مەخلۇقلار،مەنپىئەت مەسىلىسىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ،ھەقىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىشىپ،بىر ئىلاھى چۈشەنچە ئاستىدا نەچىلىگەن گوروھلارنى تەشكىل قىلىپ،ھۇقۇق،مەنپەئەت ئۇچۈن كۈرەشلەرنى قىلىشىپ، ئىلاھى ھۈكۈملەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ چۈشەندۈردى. بۇنداق تۈرلۈك گورۇھ(مەززەپ)نىڭ ئۆز ئالدىغان چۈشەندۈرۈلگەن كۆز قاراشلىرى تەبىئى ھالدا كىشىلەردىكى سىياسى غەرەزنى ئاشكارلاپ قويدى.بۇنداق سىياسى غەرەز ئارلاشقان ئىلاھى ھۈكۈم ئاستىدا كىشىلەرنىڭ باراۋەرلىك غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ ئىلاھى تۈس ئالغان سىياسى نەتىچىلەر تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ جېنىنى تىنىدىن جۇدا قىلىپ،كىشىلەرنىڭ باراۋەر ياشىشىغا توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپ كەلدى.
دىننىي كىتاپلاردا،پەيغامبەرلەرنىڭ داستۇرلىرىدا ئادەمنىڭ ھەم ئاجىز ھەم ھەممىسىنىڭ باپ-باراۋەر يارىتىلغانلىغى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىلاھى ئەھكاملارنى تۇتۇپ،خۇداغا تۆبە- ئىستىخپارلارنى ئۇقۇپ،ئۆز-ئارا مىھرى مۇھابەتلەرنى يەتكۈزۈپ،ئۇ دۇنيانىڭ غىمىنى كۆپرەك قىلىپ،خۇدانىڭ ئالدىغا ئاق يۈزى بىلەن بېرىشى تەكىتلەنگەن،ھەم شۇنداق ئېنىق قىلىپ،بۇ ئازغۇنلارغا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ،ئىنسانلار بۇ دۇنيادىكى مەنپەئەت چۈشەنچىسىنى ئۇ دۇنيادىكى جەننەت چۈشەنچىسىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇپ،تۈرلۈك غاپىللىقلارنى قىلىشىپ،يانا ئۆزىنىڭكىنى ھەق سۈپىتىدە تەسۋىرلەشكە ئۇرنۇپ،ئۆزىنىڭ رەزىللىكلىرىنى(گۇناھ) سۈپەتلەش بىلەن ئاۋارە بولدى.ئىش قىلىپ خۇدا ئاپىردە قىلغان بۇ ئاجىز بەندە(قۇل) خۇدانىڭ كۆرسەتمىسىگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ،تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى تۈرلۈك تەڭسىزلىكلەرنىڭ سەۋەپكارىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى كۈچ ئارقىلىق باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىكى يانىلا شۇ بىر غايە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى،بۇ يەردا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى،ئىلاھ بەندىلىرىنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن باراۋارسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يول قۇيۇپ،ئىسانلارنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللادا تەرەققى قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن،ئۇنداق بولماي ياشاش شارايىتى ئوپمۇ-ئوخشاش كىشىلەر توپىنى ئىنسانىيەت ئالىمىگە يارتىپ قويغان بولسا،بۇ ئالەم تۇرغۇنلۇققا دۇچار بۇلۇپ،تىزلا ھالاكەتكە يۈزلەنگەن بولاتتى.بۇ يەردە ئىنسانلار ئۆزلىرى ياراتقان باراۋەرسىزلىكنىڭ بىر ھىساپتا ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىلاھى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
يانا بىر نوقتىدىن چۈشەندۈرسەك ئىنسانىيەت ئىلاھقا چۇقۇنۇش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشتەك بۇ مەرگىزى مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قاراپ كەلگەن.بۇ قاراش ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بېشىدىن-ئاخىرغۇچە سىڭىپ كەتكەن بۇلۇپ،ئىنسانىيەتنى ھەقىقى ھالدا ئىككى خىل دۇنيا قاراش ئۈستىگە يىغىنچاقلاپ،دۇنيا زىددىيىتىنىڭ ئەڭ قىيىن ھالقىسى قىلىپ قويغان.ئىنسانلار بۇ ھالقىنى چۈشەندۈرۈشنى چورىدەپ،ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلەشكە كىرىشكەن.ئىلاھى يول تۇتقانلار خۇدانىڭ مومۈنلىرى سانالسا،ئىلاھى ھۈكۈملەرنى رەت قىلغانلىر دەھرى،كاپىر سانالدى.
ئىلاھى يولنى تۇتقانلار بىلەن ئىلاھى ھۈكۈمنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى ئوخشاش بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن دۇنيادا يانا باراۋەرسىزلىك پايدا بولدى دەپ قارىلىپ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىدىكى باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلىپ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قانلىرىنىڭ ئەھمىيەتسىز توكۈلىشىگە سەۋەپكار بولۇشتى.مانا بۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقى باراۋەرسىزلىك ھىساپلىنىتتى. چۈنكى بۇ دە-تالاشلار قانچە قاتتىق بولسىمۇ يانىلا بۇ مەرگىزى زىدىيەتنى ھەل قىلىپ كەتەلمەيتتى.چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ باراۋەرسىزلىكنى ئۆزلىرى ھەل قىلىپ كەتەلمەيتتى ھەم ھەل قىلالايدىغان ئىختىدارىمۇ يوق ئىدى.
يۇقارقىلارنى ئاز دىگەندەك بەزى كىشىلەر ئىلاھى ھۈكۈملەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ،باشقىلارنىڭ ئىززەت ئۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان قۇرالغا ئايلادۇرۇپ،ئىلاھى ھۈكۈملەرنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ،ئىنسانىيەت ئالىمىدە نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىقلارنى،نۇرغۇنلىغان ھەقانىيەتسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەپچى بولدى.بۇلارنىڭ ئاساسلىق قوللانغان ئۇسۇلى ‹‹بۇ دۇنيادا قانچىكى نامرات ياشىسا،گۇناھنى شۇنچە ئاز ئۆتكىزىپ،ئۇ دۇنياغا يۈزى يۇرۇق بارىدۇ›› دىگەندىن ئىبارەت بولدى.
قانداقلا بولمىسۇن ئىلاھى ھۈكۈملەردە ئىنسانلار تۇغۇلىشتىن باپ-باراۋەر بولدىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولسىمۇ،ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بارغان تۇرلۇك مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارلىدى.بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلاردىكى باراۋەرلىك ئىستىكى تېخىمۇ زورۇيۇپ،باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تۈرلۈك پالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئىنسانلار يانا ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان زوراۋانلىق ماشىنىلىرىنى روياپقا چىقاردى.ئىنسانلار ئوتتۇرىغا چىقارغان قانۇنى قايدىلەر كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇشۇ مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ،يەنە ئۇنىڭ يۇچۇقلىرىمۇ پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاشۇ يۇچۇقلاردىن پايدىلىنىپ،كىشلەر ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىكلەرنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىنى،كىشىلەر ئارىسىدا ئاپىردە قىلدى.
|
|