- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 647
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11908
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 6825
- يازما
- 647
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11908
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 514 سائەت
|
(12)
سىياسى-ئىقدىساتنىڭ مەرگەزلەشكەن قىسىمى. ماركىسىنىڭ بۇ ھۈكىمىنى شەھرىلىسەك تۈۋەندىكىدە يەكۈنگە ئىرشىمىز.
سىياسىغا بىرىلگەن بۇ تەبىر سىياسىنىڭ مەنا قاتلىمىدىن قارغاندا ئۇ دۆلەت،سىياسى تۈزۈم ۋە ئىقدىسادى تۈزۈمدىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە بۇلۇدۇ.بىر سىياسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كىيىن چۇقۇم ئالدى بىلەن سىياسى تۈزۈم(يول)مەسىلىسىنى ئويلىشىش بىلەن بىرگە،يانا دۆلەت ئىقدىسادىنى كۆونتۇرۇل قىلىپ،سىياسى تۈزۈمنىڭ خارەكتىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئىقدىسادى تۈزۈمنى بارلىققا كەلتۈرىشى ،شۇ ئاساستا پەيدىن – پەي ھاكىمىيىتىنى مۇستەككەملىشى كېرەك.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدىكى سىياسى ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ جان تۇمۇرى بۇلۇپ،باراۋەرلىك ۋە باراۋەرسىزلىكنىڭ بارلىققا كىلىشتىكى يادۇرۇ.تۈزۈلمىنىڭ مۇستىبىت،ياكى دىمۇگىراتتىك بولىشى كىشىلەر ئارسىدىكى باراۋەرلىك ۋە باراۋەرسىزلىكنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىدىكى ئاساسى ھالقىلاردۇر.
سىياسى دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ سوز مەنىسىدىن قارىغاندىمۇ ئەزەلدىنلا كىشىلەرگە ھاكىمىيەت،ھۇقۇق،پۇل،باشقۇرۇش،تېخنىكا دېگەن جەمىيەتنىڭ ئاساسنى تەشكىل قىلدىغان مۇھىم تەرەپلەردىكى مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس.
ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ باراۋەرلىك ئىستىكىنى مانا مۇشۇنداق ھەم ھۇقۇق،ھەم كۈچ،ھەم ئىقدىسات،ھەم تېىنىكاغا ئىگەن بولغان غايەت زور بىر سىياسى كۈچ-دۆلەتكە تايىنىپ ھەل قىلىشنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىشتى.
ئەمىليەتتە سىياسى كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى مۇجەسسەملەپ،باراۋەرسىزلىككە قارشى تۈرۈش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا ئاتقان بولسامۇ يانىلا ئىجدىمائى جەمىيەتتە باراۋەرسىزلىك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردى.ھەتتا كىشىلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان باراۋەرلىكىنى،ئىنسانلار ئۆزلىرى باراۋەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ،قانلار تۆكۈپ،قولغا كەلتۈرگەن ئاشۇ ھاكىمىيەت-سىياسى تۈزۈم،ئاخىردا قان كىچىپ كۆرەش قىلغان ئاشۇ كىشىلەرگە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان باراۋەرلىكنى بېرەلمەيلا قالماي،شۇ قان توككەن كىشىلەرگە ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرنى قىلىشتى.
فىرانسىيەلىك مەشھۇر پەيلاسۇپ،لوئىس.پروۋېل مۇنداق دەپ يازىدۇ ‹‹نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار ئۈزلىكسىز تۇردە ئۆزلىرىنىڭ ھۈكىمىرانىنى ئىزدەپ كەلدى.بىراق ئۇلارنىڭ ئىزدەپ تاپقىنى،ھەمىشە ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويمايدىغان قاسساپلار،جاللاتلار،تەلۋە،بۇلاڭچى،ساختىپەزلەر،ۋەيران قىلغۇچىلار،ساراڭلار،ئەخلاقى بۇزۇلغانلار ۋە رەزىللىك تارقاتقۇچىلار بولۇپ چىقتى.››{5}
ئىنسانلارنىڭ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئىزدىگەن باشقۇرغۇچىسى باراۋەرلىك ، ھۆرلۈككە كىشىلەرنى يىتەكلەيدىغان،خەلىقنىڭ تۈرلۈك ھۇقۇقلىرنى باراۋەر يۈرگۈزۈشكە شارايىت يارتىپ بېردىغان،خەلقنىڭ چاكىرى بۇلۇپ،ھەممىدە خەلقنى ئويلايدىغان بىر سىياسى ھاكىمىيەت ئىدى.بىراق ئۇلارنىڭ شۇنداق كۈرەشلەرنى شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇپ ئىرىشكىنى ئوخشاشلام بىر باراۋەرسىزلىك بىلەن تويۇنغان ئىجدىمائى تۈزۈم بولدى.ئىنسانلار ئاشۇ ئىجدىمائى تۈزۈم ئىچىدىن باراۋەرلىكىنى ئىزدەپ نۇرغۇنلىغان كۈرەشلەرنى قىلىپ،يېڭى بىر ھاكىمىيەت بەرپا قىلسا ئۇنىڭ ئاتا قىلغىنى ئوخشاشلا يانا باراۋەرسىزلىكتىن ئىبارەت بولدى.بىز لوئىس.پروۋېلنىڭ يۇقىردىكى ھۈكىمىدىن شۇنداق خۇلاسسە چىقارساق خاتالاشمىغان بولىمىز ئەلۋەتتە.
بۇ يەردە باراۋەرسىزلىكنىڭ شۇنداق بىر رولىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى،ئۇ ئۆزىنىڭ رولىنى قانچە قاتتىق جارى قىلدۇرغانچە،ئىنسانلاردىكى باراۋەرلىك ئىستىكى ئۆزىنىڭ غەلىيانىنى شۇنچىكى قاتتىق قوزغاپ باراۋەرسىزلىككە قارشى ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.بۇ ھەركەتلەر ئىنسانلارنى باتۇر،قەيسەر،ئېقىللىق،بەرداشلىق بىرىش كۈچى كۈچلۈك،زامانغا ماسلىشى ئېڭى يۇقىرى،سۇبىكتىپچانلىغى ئوتكۈر... بۇلۇشتەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ،ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تىزدىن تەرەققى قىلىشنى قولغا كەلتۈردى.ھەر قېتىلىق ھەركەت جەريانىدا ئىنسانلار ئۆزىنى سىلكىدى،ئۆزىنى يېڭلىدى،ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،باراۋەرسىزلىككە قارشى كۈرەشلەرنى قىلدى...بۇ باراۋەرسىزلىكنىڭ ئىنسانلارغا قوشقان زور تۆھپىسى. تۆھپە قانچە چوڭ بۇلۇشتىن قەتتىئى نەزەر- ئىنسانلار يانىلا ئۆزى كۆزلىگەن باراۋەرلىككە نائىل بولالمىدى.چۈنكى قۇرۇلغان ھەر بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىگىسى بولغانلار ئادەملەر بولغانلىغى ئۈچۈن ئادەم بىز يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك ئۆزى پەيدا قىلغان باراۋەرسىزلىكنى ئۆزى پۈتۈنلەي تۈگىتىشتەك خاسىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى.
مەيلى ھاكىمىيەت قانداقلا شەكىلدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرسۇن،ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ،ئۆزىنى قوغدايدۇ،ئۆزىنىڭ سىياسى ھاكىمىيىتىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ كىشىلار كۈتكەن باراۋەرلىكىنى كىشىلەرگە بېرەلمەيدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىنى پەردازلاپ ‹‹جاھاندا قايدە بولمىسا بولماۇدۇ››دىيىشىدۇ.بىراق ئۇلار دىۋاتقان قايدە شۇلارنىڭ مەنپەتىگە نائىل قايدىلەر سانىلىدۇ.
لوئىس.پروۋېل يانا مۇنداق دەپ يېزىپ ئىنسانلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ناھايتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قۇييۇپ،باراۋەرسىزلىكنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىنسانىيات تۇرمىشىدا ئاداققىچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇردىغانلىغىنى بىزنىڭ سەمىمىزگە سالغان.ئۇ ‹‹ھەرقاندا بىر تۈردىكى ھايۋان باشقا بىر تۈردىكى ھايۋاننى ئۆزىگە دۈشمەن دەپ بىلىدۇ،لىكىن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىنسانلاردۇر››{6}
بۇ ھۇكمدىن بىر بىرنى دۈشمەن سانىغان ئىسان،دائىرىلىك چۈشەندۇرسەك ھەر بىر مىللەت،دۆلەت،ھەر بىر رايۇن كىشىلىرى شەكىللەندۈرگەن بۇ خىلدىكى مەدىنىيەت چۈشەنچىسى ئىنسانلارغا مەڭگۈگە باراۋەرلىك ئاتا قىلالمايدۇ،بۇ ئىنساننىڭ قولدىن كىلىش دائىرىسىدىن ئىنسان بىر بىرنى دۈشمەن ھىساپلىغاندىن باشلاپلا چىقىپ كەتكەن ھەم مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ دىگەن خۇلەسسىگە كەلمەي ئامالىمىز يوق.
ئىنسانلار ئۆزىلىرىنىڭ ھۇقۇق-مەجبۇريەتلىرىنىڭ كاپالەتچىسى دەپ ھىساپلاپ كەلگەن ھۇكۈمىران-سىياسى پارتىيە ئىگەنلىگەن سىياسى تۈزۈمنىڭ سىيسى كۈچى، ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالدى.بۇ ھال كىشىلەردىكى باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ،ئىنسانلار تەرەقىيادىنىڭ يېڭى پەللىسىنى يارتىشقا يېڭى ئاسسلارنى يارتىپ،ئىنسانلار بىرلىگىنى تەشەبۇس قىلدى.
|
|