- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 115
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 145
- تىزىملاتقان
- 2011-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- UID
- 17471
- يازما
- 115
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 145
- تىزىملاتقان
- 2011-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- توردا
- 100 سائەت
|
بۇ تىمىدا يېزىلغىنى ۋەتىنىمز ئۇيغۇر دىيارىدا يۇز بەرگەن سان ساناقسىز سىياسى سۇيقەسلەرنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسىمى ئىكەن .. ئەلۋەتتە تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىلغان ئەتكىنىنى بۇ ئاھالىسى ياۋاش ئاق كوڭۇل خەلىقنىڭ ئۇستىدىن يۇرگۇزگەن زۇلۇملىرىنى ۋە ئنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى بايان قىلىپ كەلسەك نەچچە ئون توم كىتاپ ھەتتا ناچچە يۇز توم كىتاپ ئازلىق قىلىدۇ ...تارىخقا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارغا بۇ زۇلمەتلىك كۇلپەتلەردەن قۇتۇلۇش ئۇچۇن نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەر كەلگەن ئىدى ھەم كىلىۋاتىدۇ تولىمۇ ئەپسۇس ئۇيغۇرلار تارىختىن توغرا يەكۇن چىقىررىپ ئۇزىنىڭ ھەق ھوقوقىدا ھەم ئادالاتتە چىڭ تۇرالماي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھىلە نەيرەڭلىرىگە بىخوتلۇق قىلىپ ياكى سۇلھى سالاغا ئالدىنىپ بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى تەكرەر- تەكرار بىشىدىن ئوتكۇزۇشكە مەجبۇرى بۇلۇپ ياشىدى ... بۇگۇنكى كۇنگە كەپمۇ سەن مىللەتچى دىسە سەن دىنچى دىيىشىپ ، سەن سوپى دىسە ، سەن ۋاھابى دىيىشىپ ، سەن ئۇ شەھەرلىك دىسە سەن بۇ شەھەرلىك دىيىشىپ بىر بىرىنى ئەيىپلەپلەم بىر بىرىگە مەسۇلىيەتنى ئارتىشىپلام قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك كوكۇرۇشۇپ يۇرىشىۋاتىدۇ .. جاھان تەرەقىياتى نەدە ئۇزى نەدە دۇنياغا بىر تىرىك ئىنسان بۇلۇپ يارىلىش سۇپىتى بىلەن باشقىلار قانداق ئەمىلى تىرىشچانلىقلارنى كورسۇتۇپ ياشاۋاتىدۇ ئۇزى قانداق ياشىشى كىرەك تۇزۇك ئىلغاپ ئولتۇرماي ياكى ئىلغايدىغانغا راۋرۇس بىر ئىزدىنىپ تىرىشىپ كورمەي بۇ قىممەتلىك ھاياتىنى بىھۇدە ئوتكۇزىۋېتىپ بارىدۇ .. بۇيۇك ئسىلام دىنىمىز مىللەتنى ھەگىز چەتكە قاخمايدۇ مىللەتچى ياكى دىنچى دەپ بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلارغا ياكى يۇرىتۋازلىق قىلىدىغانلارغا ‹‹ پەيغەمبىرىىمز ›› نىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىش ئالدىدا يەنى يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا دىگەن بىر نەچچە ئېغىز گىپىنى تەپسىلى كورۇپ تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن ..مىنىڭ دەرھاللىققىلام تۇلۇق مەزمۇنى بىلەن ئىسىمگە كەلمەي قالدى ..... بۇنىڭدىن ‹‹ پەيغەمبىرىمىز ›› نىڭمۇ ئوز ۋاختىدا ئوز قان قېرىداشلىرىنى ھەم تۇغۇلۇپ ئوسكەن شۇ دىيارىنى نەقەدەر سويگەنلىكىنىمۇ بىلىۋالالايسىلەر .. دىمەك بىزمۇ ‹‹ پەيغەمبىرىمىز ›› ئوز قان قېرىداشلىرىنى ھەم تۇغۇلۇپ ئوسكەن شۇ يۇرتىنى قانچىلىك سويگەن بولسا بىزمۇ ‹‹ پەيغەمبىرىمىز ›› سويگەندىن ئاشۇرۇپ ئاشقۇنلۇق قىلمىغان شەكىلدە ئوز قان قېرىداشلىرىرىمىزنى يەنى مىللىتىمىزنى ھەم كىندىك قېنىمىز تۇكۇلگەن يۇرتىمىزنى سويسەك بۇلىدۇ ئەگەر ئاشۇرۇپ سويسەك گەرچە قارىماققا توغرىدەك قىلغان بىلەن باشقا يۇرتلۇقلارغا قىلىنغان ھاقارەت بۇلىدۇ ... مىنىڭچە ھېچكىم ئۆز مىللىتىنى ۋە يۇرتىنى ئادىل شەكىلدە سۇيۇشتە ‹‹ پەيغەمبىرىمىز ›› گە يىتەلمەيدۇ بىراق بىز ‹‹ پەيغەمبىرىمىز ››نىڭ تۇتقان يۇلىنى ئۇلگە
قىلساق ئوز ئارا يۇرتۋازلىق قىلىشىپ جىدەللىشىشنىڭ ئورنى قالمايدۇ .. يىنە بىر مىسال ئالساق ئسىلام دىنىمىز
ئەزەلدىن مىللەتنى چەتكە قاخمىغان يەنى ئەينى زامانلاردا مۇسۇلمانلار ئسلام بايرىغى ئاستىغا ئۇز قەۋىمىرىنىڭ تۇغ بايراقلىرىنى كوتەرگەن ھالدا جەم بولغان قانداقتۇر مىللەت ياكى باشقا قەۋىمكەن دەپ تۇغ بايراقلىرى تاشلىۋېتىلمىگەن ھەركىم ئىسلام يول قويغان شەكىلدە ئوز تۇغ بايراقلىرىنى ئۇزىنىڭ قەۋىمىنىڭ ياكى مىللىتىنىڭ بەلگىسى شەكىلدە كوتۇرۇپ ئسىلام بايرىغى ئاستىغا جەم بولغان ... مىنىڭچە ئۇيغۇرلار ئوز-ئارا ئىتىپاقلىشىپ قۇرۇق ئىبادەتكىلام باغلىنىپ ئاللاھ بېررەر دەپ تەلمۇرۇپ ئولتۇرۇپ قالماي ‹‹ پەيغەمبىرىمىز ››نىڭ ھايات پائالىيىتىدىن كوپەرەك ئەمىلى ئۇلگىلەرنى ئېلىپى زامان ماكانغا ماس ھالدا جانلىق شەكىلدە جارى قىلدۇرۇپ قىلغان ئىبادەتنى ئەمىلىيەتتە كورسىتەلىسە بارلىق زۇلۇملاردىن قۇتۇلغۇسىدۇر ... |
|