- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- توردا
- 345 سائەت
|
بۇ مېنىڭ ئىككى يىل ئىلگىركى يازغان نۇۋرۇز توغرىسىدىكى تېمام
مۇشۇ نۇۋرۇز توغرىسىدا يەنە ئازراق جىجىلاپ باقايمۇ ھە ، يەنە قانداق بايانلار چىقاركىن ديمەنغۇ ! نېمە ئامال ، بۇ توغرىسىدا تولا جاڭجال توختىمىغانسېرى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرلىرىگە قىلغان نەشتەرلىرى كىشىنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىكەن .
بىز بۇ يەردە نېمىنى تالىشىۋاتىمىز ؟ دېگەندە ، مەلۇم بىر ھالقىلىق قورغانى قىممەت توغرىسىدىكى ئۆزىمىزگە ئەڭ پايدىلىق دەپ تونىغان قارىشىمىزنى ئۈستۈنلۈككە چىقىرىش ئۈچۈن ۋە ئۆزىمىز ئىشەنگەن قىممەتنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىرىمىزنى تالىشىۋاتىمىز !
ئەمدى بۇ يەردە ئاۋال دىن بىلەن ئىسلام دىنىنى ئازراق مۇلاھىزە قىلماي تۇرۇپ ھەقىقىي جاۋابنى چىقرىشتىن ئاجىز كېلىمىز . چۈنكى بۇ يەردىكى كۈچلۈك رەۋىشتە تالىشىش بولسا دىنىي جەھەتتىككى بەزى ئامىللارغا تاقىشىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ! چۈنكى نۇۋرۇز مەلۇم ئېتىقادنى ياكى ئەقىدىنى ۋە ياكى بىر بۆلۈك ھەۋەسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن ، بۇلار دىنغا مۇخالىپ كېلەمدۇ ياكى توغرا رەۋىشتە پايدىلىنىشقا ياتامدۇ ؟ بۇ تەرىپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا قىستايدۇ .
دىن بولسا ، ئاللاھ پۈتۈن ئالەمگە ھۆكۈمران بولغان ۋاقىتتا پۈتۈن جاھانغا ‹‹ مەندىن باشقا يەنە بىر ئىلاھ بارمۇ ؟ ›› دەپ ئۆزىنىڭ ئاللاھلىق ئورنىنى ئالغان ۋاقىتتىن تارتىپ پەيدا بولغان ، ئاللاھ ئۆزى ياراتقان بەندىلىرى ، قۇللىرى ئارىسىدا ئۆزى بىلەن مەلۇم ئالاقىسىنى ئورنىتىشتىكى ۋاستە بولۇپ ، ئاللاھ مەلۇم بەندىلىرىنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئىبادەت قىلىشقا مەلۇم قىممەتتە ( پەرىشتە ، ئىنسان ، جىن .............. ) يارىتىپ ، كىملەركى ئۆزلىرىنى ئۆز ياراتقۇچىسىغا تولۇق رەۋىشتە يۈزلىنىشنى تىلەيدىكەن ، ئاللاھ شۇ بەندىنى توغرا يولغا يىتەكلەشتە ۋەستە قىلىدىغان قورال بولۇپ ، دىن ئاللاھ تەرەپتىن بەندىلىرىگە قارىتا ئەزەلدىنلا پۈتۈلۈپ كەتكەن قورغانى ئۇدۇمدۇر ! كىملەركى بۇ قورغانى قىممەتنىڭ ئەسلىسىگە يەتمەكنى تىلەيدىكەن ، مادامىكى ، ئۇ شۇ يولىدىن تېزىپلا كەتمىسە ، چوقۇم يەتكۈسىدۇر ! ئەمما ، بىزگە بېرىلگەن بۇ زامان مۇھەممەد ( س ، ئە ، ۋ ) پەيغەمبەر كېلىشتىن ئىلگىركى زامانلارغا ، ئۇلار تەكلىپ قىلىنغان ھاياتلىقلارغا نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئوخشىمايدۇ . ئەمما بىزدىن كۈتكىنى شۇلارغا ئوخشاشلا دىنىي جەھەتتىكى قىممەتنى ساقلاش ۋە چوقۇم قوغداش بولدى . چۈنكى ئىلگىرى پەيغەمبەرلەر ئاشكارا ۋە نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن كېلەتتى . ئەمما ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى يۇشۇرۇن ھالەتتە خۇددى باشقا كۆپلىگەن موللىلارغا ئوخشاش ھالەتلەردە ھەم كەلگۈسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يالغانلىرىنى توغرا تۇنۇش ۋە ھەر ۋاقىت توغرا دىندا بولۇشنى ۋە كۈندىن كۈنگە تەرەققىيات ئىچىدە ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان بۇ ۋاقىتلاردا چوقۇم دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئاللاھ بىزگە ، يەنى ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىسلامنى بەلگىلىدى . ئىسلام پەقەت ھەر جەھەتتىن گۇمانى كۆز قاراشلارغا ئەمەس بەلكى ھەق دەلىلگە ئاساسلىنىشقا بۇيرىدى ۋە ھەر بىر شەيئىلەردىكى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى . بارلىق شەيئىلەردىكى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورغان - ئىسلام دەپ ئاتالدى !
ئىسلامدىن دىن بەرپا بولىدۇ ۋە ئىسلامغا كىرىپ قالغان كىشىلەرنى بىر ساماۋىي كۈچ دىنغا باغلايدۇ . دىن ئىسلامنى كۈچەيتىدۇ ! دىن قانچىكى پاك ۋە سۈزۈك بولسا ئىسلام شۇنچە كۈچلىنىدۇ ، ئىسلام بەندىنىڭ قەلبىدە - كۆكسىدە قانچىكى كەڭلىكنى تاپسا ، ئۇنىڭ دىنى شۇنچە يارقىنلىشىدۇ ، دىنىي چۈشەنچىسى ئاشىدۇ ! شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلى قورغان - ئىسلام دەپ ئاتالغان . قۇرئان يالغان سۆزلىمەيدۇ ، مەگەر شۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىپ قۇرئاننىڭ ئىلاھىي نۇرىغا يىتەلىسە ، ئۇ قۇرئان بىلەن پىكىرلىشەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئەسلى مەۋقەسىنى ، ھېكمىتىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ - ئۇنى ئەسلى بويىچە مەنالارنى بىر - بىرلىرىگە توغرا رەۋىشتە قوراشتۇرالايدۇ . قۇرئان ئايەتلىرىدىن بىر قىسىم كەلتۈرۈپ ئۇنى - بۇنى دېگەنگىلا ئۇ قۇرئاننىڭ ئىگىسى بولمايدۇ . قۇرئاننىڭمۇ ‹‹ لەغمەنتىي ›› تەرەپلىك ئايەتلىرى باردۇر . كىملەركى ( ھەتتە يەھۇدىي - ناسارالار بولسۇن ) ئۆز مەقسىدىنى ھەق تەرەپكە يورغىلىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن ، شۇ ئايەتلەردىن ئۆز نەپسىگە ، روھىيىتىگە ئىگەلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كىملا بولسا ‹‹ ئاللاھنىڭ كالامىنى دەلىل قىلدى ›› دەپلا ئۇنىڭ قاياشىغا مېڭىپ كېتىشكە بولمايدۇ . قۇرئان ئايەتلىرى ، مەنا - مەنالىرى ھېچ بىر - بىرلىرىگە قارشى چىقمايدۇ . كىمكى بىز مەنانى يەنە بىر مەناغا قارشى قىلىپ قويىدىكەن ، ئۇنىڭ شۇ مەناغا قارىتا ئىشلىگەن تەپەككۇرى فورمىلاسى خاتا بولغان بولىدۇ . تىگىشلىك رەۋىشتە ئەقىل ئىگىلىرى كىشىلەرنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى توغرىسىدا نېمىلەرنى دىيىلىۋاتقانلىققا قاراپ ئۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئايرىيالايدۇ . ئەمما كۆپىنچىمىزدە بۇ خىل كۈچ تېخىچە بەكلا پەس ( يەنى تۆۋەن ، ئاجىز ، بوش ) . شۇ ۋەجىدىن كۆپىنچە كىشىلىمىز ئاللاھنىڭ كالامى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدە مەلۇم ھاللاردا پەس ئېيتىپ قالىدۇ ( يەنى شۇنداقلىقىغا ئىشەنمەيمۇ قالىدۇ ، شەكمۇ كەلتۈرىدۇ . خۇددى زەكەرىياغا پەرزەنت توغرىسىدا خۇش بېرىلگىنىدە ‹‹ مەن قېرىپ چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتكەن تۇرسا ، مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن ؟ ›› مەريەم ئەلەيھىسسالامدەك ‹‹ مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام ، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن ؟ ›› دېگەندەك ، ‹‹ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىدەك ئۆزىگە قېرىغىنىدا ئوغۇل تۇغىدىغانلىقىغا قارىتا خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى كاچاتلىغاندەك ›› ئاللاھنىڭ قادىرلىقلىرىغا قارىتا پەس ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ ) ئەمما ، ئاللاھ خالىسا مۇشۇنداقلا تىرىشساق ، كۆپىنچىمىزنى بارا - بارا يېتىشتۈرىۋالىمىز ۋە بىزمۇ دائىم تېرىشىمىز !
ئاللاھتائالا 1400 يىلنىڭ ئالدىدىلا ئېيتقان ‹‹ بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم ›› دەپ . ئەمما ئىسلامنى پۈتۈن قىلدىم دېگىنى يوق ! ئەمەلىيەتتە تاكى تېخى بىزگە ئىختىيار قىلىنغان ئىسلام پۈتكۈل تۈگىگىنىمۇ يوق . چۈنكى بىزگە ئىختىيار قىلىنغان ئىسلام زېمىندىكى ۋە قۇرئاندىكى بارلىق مەدەنلەر ئاتتۇرۇلۇپ چىقىرىلىپ تۈگىگەنگە قەدەر ۋە بۇ ئىنسانىي ئالەم تۈگىگەنگە قەدەر داۋاملىشىۋەرگۈسىدۇر !
دىننىڭ 1400 يىل ئىلگىرى پۈتۈلگىنى بىزگە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ بىزنى بۈگۈنگە قارىتا ئىپتىدائى بولغان زامانغا قايتىشىمىزغا ، شۇ ۋاقىتتىكى شەكىلگە ئورىنىشىمىزغا بۇيرۇمدۇ ؟ شۇ زامانغا ۋە شۇ زاماننىڭ كىتابتىكى ئىگىلىرىگە چوقۇنۇشىمىزغا بۇيرۇمدۇ ؟ دېگەندە ، ھەم بۇيرۇيدۇ ھەم بۇيرىمايدۇ . بىزگە بۇيرۇيدىغىنى ئۇلارنىڭ يەنى ‹‹ سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم ›› دېيىلگەنكى كىشىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام دىنىغا قارىتا قۇبۇللاشتىكى روھىغا چوقۇنۇشىمىزغا ، شۇنى ئۆزىمىزگە مۇكەممەللەشتۈرىشىمىزگە ، شۇ خىل قىممەتنى تاكاممۇللاشتۇرۇشىمىزغا بۇيرۇيدۇ ! چۈنكى شۇ زاماندىكى شۇ خىل ئىسلام دىننىڭ پۈتۈنلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان كىشىلەر شۇ زاماندىكى پۈتۈن دۇنيا بويىچە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ توغرا دىنىي قورغانىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئەنە شۇ كۈندە جانابىي ئاللاھ رۇسۇللاھنىڭ تىلى بويىچە كۆرسىتىلگەن ساھابىيلارنىڭ جەننەتىيلىك ، كىيىنلىكىگە قارىتا ئىشەنچىلىكلىكىگە قارىتا نۆۋىتىدىلا بەلگە سېلىنىشىغا قارىتا ئىمتىياز ھازىرلىنىشى ، ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ دىنىنىڭ ئەڭ مۇكەمملىككە يەتكەنلىكىنى ۋە شۇلاردەك دىندا بولىشىمىزنى ئاللاھ پۈتۈن ئالەمگە بىردەك جاكارلىغاندۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زامان ئىگىلىرىگە پۈتكۈل چوقۇنۇش بولسا ، كىشىنى بۈگۈنكى ھەقىقەتتىن توسۇپ بۈگۈنگە كاپىر بولۇشقا قىستاپ قويىدۇ . چۈنكى ئۇلار - ساھابىيلار ئۆز نۆۋىتىدە رۇسۇللاھدىن قانداقلىكى ئىسلامىي بىلىملەرنى ئاڭلىغان بولسا ، ئاڭلىغىنىدا ئەمەللىرىگە نىسبەت بىرىپ ئىمانىدا ئىنتايىن راستچىللاردىن بولۇپ ، بەندىلەردىن ھالقىپ ، ئاللاھ بىلەن بەزى ئىشلاردا توختام تۈزۈشكەن ۋە توختامىدا ھەر قانداق بەدەل كەتسىمۇ ، كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر قىسما گەپلەرنى ئاڭلاپ كەتسىمۇ ، نۇرغۇن دىشۋارلىقلارغا ئۇچىراپ كەتسىمۇ يەنىلا ئىلگىركى تىلىدا ئېيتقانلىرىغا ، دىلىدا ئويلىغانلىرىغا بىردەك ئەمەل قىلىپ ئىمانىدا مۇنتىزىم تۇرۇشلاردا ئۈلگىلىكلەردىن بولغانلىقىدا ! قۇرئاندا دىننىڭ پۈتۈلىشىگە قارىتا ئايەت پۈتۈلىشى شۇلارغا ۋە شۇلاردەك قىممەتكە ئۇلاشقانلارغا خاستۇر ! ئەمما بۈگۈن بۈگۈنكى ئىسلامغا قارىتا شۇ زاماننىڭ ۋە بۈگۈندىن ئىلگىركى 30 يىلنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتتىكىلەرنىڭ ۋە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغۇچىلارنىڭ دىنىغا ئاساسلىنىپلا ئۇلارنى پۈتۈن ئىسلامدا دەپ يەكۈنلەش بولسا ، بۇ ئىسلامنى پەس كۆرگەنلىك ، تۆۋەن ئورۇنغا قويغانلىق بولىدۇ . چۈنكى كىشى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىسلامغا بولغان تونىشىغا قارىتا دىنىنى قوغدىغان ئاساستا قانچىلىك تاپاۋەت قىلىپ ئۆزىگە نىسبەت قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى شۇنچىلىك بولىدۇ خالاس ! دىن مىسالى دەريادۇر ، ئىسلام بولسا مىسالى دېڭىزدۇر ! كىشى بۇ دەريانى ئىسلامدىن ئىبارەت دېڭىزغا دەرياسىنى قوغدىغان ئاساستا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىۋېتىپ ۋە ئاللاھقا تەقۋالىق ، تەۋەككۇل قىلغان ھاللاردا دېڭىزنى ئىختىيارى سەيئى قىلالىسا ۋە قانچىلىك نەپ ئالالىسا شۇنچىلىك ئالسا بولىدۇ . ئەمما ، دىننى پۈتۈن قىلماي ۋە ھېچ دىننى قوغداشنى بىلمەي دەتتىكامغا دەرياسىنى دېڭىزغا باشلىۋېتىپ ، ئۇنى ياكى ئۆزى تىزگىنلىيەلمەي ياكى كىبىر - ھەسەتلىك قىلىپ ئۆزىگە ھامىي ۋە كېپىل بولغۇچىلارنى تەرك ئېتىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىۋالىدىكەن ، ئۇ پەقەت كىيىنكىلەرگە دەرسلىك بولۇپ قالىدۇ خالاس ! شۇنىڭ ئۈچۈن دەريا بىلەن دېڭىزنى ھېچ چۈشەنمەيلا ئۆزىچە يول تۇتقانلار بىردەك ئازغۇنلىققا ، گۇمراھلىققا مايىل بولۇپ قالىدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەر شۇ ھالىتى بىلەن ئاتقا مىنىۋالسا ، قېنى كىم ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋە ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىشىسىز ھىدايەتكە ئوت ياقالايدىكىن ؟ چۈنكى ئۇلاردا بىر كۆز قاراش بولۇپ ‹‹ بىزگە ئىنساننىڭ ، ئۆلىما - ئالىملارنىڭ كېرىكى يوق . چۈنكى ئاللاھ بىزنىڭمۇ ئاللاھىمىز . بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە ئاللاھدىنلا تەلەپ قىلىمىز . ئىنسان كىشىنى ھىدايەت قىلالامدۇ ؟ ›› دېگەنكى قاراش مۇنتىزىملىشىپ كەتكەن . كىشىلەر ئارىسىدا شۇ خىل ئىدىيىسىنى داۋراڭ سېلىپ مەنمەنچى بولۇپ كەتكەن . شۇ مەنمەنچىلىكىدە ئۆزىگە پايدىلىق ئىلىم بايان قىلغۇچىلارنى جەمىيەتتە ۋە توردا بىردەك ئاغزىنى يۇمۇشقا ئىشارەت قىلىپ تىللاپ ، قاغاپ ئېغىز ئاچۇرماي قىلىشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ شۇ قىممىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ كەتكەن بولۇپ ، ئەمدى ئۇلارنىڭ شۇ خىل ئېتىدىن چۈشمىكى بەسى مۈشكۈلدۇر . ئۇلار ئىلگىركى قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىدىمۇ ؟ ۋەز - نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ ؟
بۈگۈن ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىنى بىردەك بىر ئۈممەت ساناش ئادىل بولماي قالىدۇ . چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە تالىشىۋېلىپ ، ھەقىقەت ھەقىقىي يارقىنلاشقۇچە ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن مۇجادىلە قىلىشىپ ، ۋە ئىلگىرىدىن نامراتلىقتىن ، نادانلىقتىن ۋە كۆپلىگەن يامان قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولۇپ كېتىشلەر بىلەن ، بالا كۆپ ، جان سانى كۆپ بىلىم ئالالمىغان كۆپلىگەن كىشىلەرنى بىردەك بۈگۈنكى كەڭ كۆلەملىك ئىسلامغا باغلاپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش قۇرئاننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ قانۇنىيىتى ئەمەس . كىملەركى دىننى پاك قىلغان ھاللاردا ئىسلامدىن قانچىلىك تاپاۋەتنى قۇبۇللىغان ۋە ئاخىرەتلىكىگە شۇنى سالامەت ئېلىپ كىتەلىگەن بولسا ، ئۇنىڭ ئاللاھقا چىن ئىبادەت قىلغىنى ۋە ھەقىقەتەن ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكى ۋە ئىبادەتلىرىدە راستچىللاردىن بولۇپ ، ياخشى ئەمەللىرى ئاتتۇرۇلغانلار بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئەنە شۇلارغا خۇش مۇبارەكلەر بولسۇنكى ، ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ !
ئىلگىرى قۇرئان نازىل بولغان ۋاقىتتا قۇرئاندىن ئىلگىركى كىتابلارنى ، ئۆز زامانىدىكى توغرا ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنى بىردەك ئېتىراپ قىلغىنىدەك ، شۇنىڭدىن كىيىن ھەم كىملەركى دىننى پاك قىلغان ھاللاردا قانچىلىك مەيدان راستلايدىكەن ، ئۇلار بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ - تەستىقلىنىدۇ . ئەمما ئىبادىتىدە رىياخورلۇق بولۇش ، شەكىلۋاز بولۇش ، دىندا شۇئارچىلاردىن بولۇشتەك قىممەتنى قوغلاشقان ھاللاردا شەيئىنى مەبۇد ، شەيئىنى ئىلاھ ، شەيئىنى خۇدا قىلىۋېلىشتەك توغرا دىندىن چەتنەپ كېتىدىكەن ، ئۇنىڭدەك كىشىلەر ھېچقاچان ھېچقانداق بىر زاماندا توغرا دىن ، ئادىل قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەمەس . ئىسلام دىنى پاكلىقنى ۋە ھەقىقەتنى ياقىلايدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالىدۇ . ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خىل قورغانى مەيدانغا ھەر خىل كۆز - قاراشلاردا بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىدا تۇرغانلىق ۋە نېمىنى خۇش كۆرسە شۇنى ياقىلىغانلىقلاردىن ئىسلام دىنىغا قارىتا كۆز - قاراشلار كۆپ سالماقنى ئېلىپ كەتتى . شۇ ۋەجىدىن كۆپلىگەن گوروھلارغا ، پىرقىلەرگە ئايرىلدى . شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن ئىسلام دىنىدىكىلەرنى ئەسلى ئىسلامنىڭ ماھىيىتى بىلەن بىر قانچە تۈرگە بۆلمەي ئامالىمىز بولمىدى . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى زاماننى ، ماكاننى ۋە شۇ ۋاقىتقا خاس تۇرغۇزۇلغان ئىش ئىگىلىرىنى ئېتىراپ قىلماي بۆلۈنگەن تۇرسا . ئۇلار شۇنى خالىغان ئىكەن ، خالىغىنى بولسۇن !
ئىسلام - ئاللاھ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتتىن بۇيان بارلىققا كەلگەن دىن بولۇپ ، ئاللاھ قايسى تەقدىرنى ، شەيئىنى پۈتكەن ، ياراتقان ئىكەن ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكى ۋە ئەسلى ماھىيتى بولغان بولۇپ ، مۇشۇ خىل بارلىق ھەجىمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان قورغان ئىسلام دەپ ئاتالغان . جانابىي ئاللاھ ھەر بىر زاماندا شۇ زامانغا خاس بىر بۆلۈك ھەقىقەتلەرنى ، ماھىيەتلەرنى ئىرادە قىلغان بولۇپ ، ھەممىگە ئۆز نۆۋىتىدىكى زامانىغا قارىتا قىممەتلەرنى بەلگىلىك مىقداردا چۈشۈرگەن بولۇپ ، ھەممىلەرنىڭ تىگىشلىك قىلىنغان تەكلىپلىرىنى قۇبۇللاش ، ياكى سۈكۈت قىلىش ۋە ياكى ئىنكار قىلىشتەك تاللاشقا قويىۋېتىلگەن . بۈگۈندىن ئىلگىركىلەرنىڭ ھالى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ ، كىم - كىملەر نېمە - نېمىلەرنى قىلدى - قىلمىدى ، ئالدى - ئالمىدى ؟ ئۆزلىرىنىڭ سورىقىنى ئۆزلىرى قىلىشىدۇ ! شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر زاماندىكى ئىسلامىي قورغاننى كىيىنكى زامانغا قارىتا يەنە سالىمەن دەيدىكەن ، ئۇ شۈبھىسىزكى زالىنملاردىندۇر . چۈنكى زامان زاماننى قوغلاپ كەينى - كەينىدىن يېڭىچە مەزمۇنلار يارىتىلغۇسىدۇر ، روياپقا چىقىرىلغۇسىدۇر . ئىنسانلارغا بېرىلگەن ۋە مەلۇم زامانلارغا بېرىلگەن ئۇمۇمىي ۋە قىسمەن تەرەپلىك ئىسلامى ھەجىملەر بېرىلگەن بولۇپ ، كىملەركى نادانلىقتىن ، ھاماقەتلىكتىن تەرسالىق ، جاھىللىق قىلىپ ئۆزلىرىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىسلامنىڭ ھەر بىر تەرىپىنى ئىنكار قىلىدىكەن ، ئۇ ئىسلامنىڭ شۇ تەرىپىگە يۈزىنى ئۆرۈپ كاپىر بولغان بولىدۇ . بۇ خىل كاپىرلىق مەلۇم بىر چەككە بارغاندا ئۇ دىندىن ۋە ئىسلامدىن پۈتكۈل چىقىپ كەتكەن بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىگە چاپسانلا ئىشىنىش ۋە چۈشىنىشتە بولالمىغان بولسا چاپسانلا ئىنكار قىلىشقا ئۆتمەي سۈكۈت قىلسۇن ! ئۇنداق قىلماي ئۆز نەپسىگە بېرىلىش بىلەن ئۆزىچە مەنا چىقىرىپ ھەقىقەتكە قارشىلىق قىلىدىكەن ، ئۇ نۆۋىتىدە خۇدالىق دەۋاسى قىلغان بولىدۇ . چۈنكى ھەر بىر شەيئىنىڭ ئەسلى نەتىجىسى ، قىممىتى بولىدۇ . بۇ پەقەت بىر ئاللاھ تەرىپىدىن پۈتۈلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭغا قارشى جاۋاب بېرىش ئىككىنچى ھۆكۈمدارلىقنى تىلىگەن بولىدۇ . ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە شۇ خىل شەيئىنىڭ ئەسلى جاۋابىنى بېرىش بىلەن روياپقا چىقىرىدۇ . كىملەركى ئۇنىڭ كىملىكى ، مىللىتى ، كەسپىي ، جەمەتىگە قاراپ ھەسەت قىلىش ، كىبىرلىك قىلىش بىلەن ئىنكار قىلىدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتەن زالىم بولغان بولىدۇ . زالىملىقىدا ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ .
ئىلگىرى توغرا يولدا بولغان ، ئەمما نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىك بۈگۈنكى زامانغا قارىتا تەكلىپ قىلىنغان ئىسلامغا خاس كېلەلمىگەن بولسا ، ئۇلار ھامان ئەھلى كىتاب ( يەنى ئىلگىركى توغرا يولدا بولغۇچىلار ) دەپ ئاتىلىپ ، قۇرئان بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ . كىملەركى بۇ خىل يولى بويىچە ھەددىدىن ئېشىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى ، شۇ خىل قىممەتتە مۆئمىنلەرنى باشقا بۇزغۇنچىلارغا قاراپلا يالغانغا چىقىرىدىكەن ، ئۇنىڭ دىنى ، ئەقلى ھەقىقەتتىن قالغان بولىدۇ . مەيلى قايسى ئۈممەت ۋە قايسى يولدىكىلەر بىلمىگەن نەرسىلىرىگە ئەگىشىۋېلىپ پاسات تارقىتىدىكەن ، ئەنە شۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر ! گەرچە تىلىدا ئىسلاھ ، ئاللاھ ، ئىسلام دىنى دىگەن سۆزلەرنى كۆتىرىۋالغان تەقدىردىمۇ !
كىشىلەرنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىنى نادانلىق ، ھاماقەتلىك كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپلا ئۇلارنىڭ دىنىنى يالغانغا چىقىرىش چوڭ پاساتچىلىق بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ھەدىس چوڭ - كىچىك ، يۇقىرى - تۆۋەن پەرز - ۋاجىپلىق ۋە سۈننەت دەرىجىلىرىگە تاقىلىدىغان بولۇپ ، كىشى ھەدىسنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە قىلسا پايدىسى بار ، قىلالمىسا گۇناھ بولمايدىغان ، قىلىشى زۆرۈر ، قىلمىسا گۇناھكار بولىدىغان ، قىلىشى پەرز ، قىلمىسا ۋە قىلالمىسا دىندىن چىقىپ كېتىدىغان تەرەپلىك قىممەتلەردىكى ئورۇنلىرىنى تولۇق چۈشەنمەستىن ۋە قۇرئان - ھەدىسكە قارىتا توغرا رەۋىشتە ئايرىماستىن كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم پىچىپ موللىلىق قىلىۋالىدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ پاساتچىلاردىن بولغۇسىدۇر . چۈنكى بۇ خىل ھېكمەتنى چۈشەنمەستىن قولىغا پەتىۋا پىچىقىنى ئېلىۋالىدىكەن ، تىگىشلىك بولغان قىممەتنى ھارام ، ھارامنى ھالال قىلىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا تولىمۇ زالىم بولىدۇ . مانا بۇلار دىننىڭ ، ئىسلامنىڭ بىر تەرىپىنى كۆرۈپ يەنە بىر تەرىوىنى كۆرەلمەيدىغان بىر كۆزلۈكلەردۇر ! بۇنىڭدەك كىشىلەر مەيلى قايسى تەرەپتىن قايسى ساھەگە ئارلىشىپ پەيدا بولىدىكەن ، ئۇ شۇ ساھەدىكى پارازىنتلاردۇر !
كىشىلەرنى دىندا ھاردۇرۇپ قويماستىن ، تازدۇرۇپ قويماستىن توغرا يولغا يىتەكلەشتە بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كەڭ ئىلمىسى ھېكمىتىگە يەتمەك لازىمدۇر ! بۇ خىل ھېكمەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ گەرچە نۆۋىتىدە ھەقنى سۆزلەپ قالغان بوسىمۇ ، ئۇ ناھەقتۇر . چۈنكى ئۇ دەلىلگە ئاساسلانمىدى ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنى ، توغرا يولىدا بولمىدى . ئۇ پەقەت ئاڭلىغاننى ، كۆرگەننىلا بايان قىلدى . گەرچە ئۇنىڭ دۇنيالىقى بولسىمۇ ، ئاخىرەتلىكى بولمايدۇ . چۈنكى كىشى چۈشەنمەي تۇرۇپ ، ئەسلى نىيەت قىلماي تۇرۇپ ۋە دەلىلگە ئاساسلانماي تۇرۇپ قانداقلا ئەمەل قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئاخىرەتلىككە قارىتا قۇبۇل بولالمايدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۇنىڭ توغرا يول تېپىشىغا سەۋەب بولىدۇ .
كۆپىنچە ئىنسانلار تارىختىن بۇيان ئىسلامنى بويلاپ مېڭىشتا زاماندىن قالغان كىتابچىلارغا باغلىنىۋېلىشلەر بىلەن ھەقىقەتتىن ھامان تېزىپ كەلگەن . شۇ ۋەجىدىن دىنىي يوللار كۆپلەپ مەيدانغا چىققان . دىن بولسا ، شۇ كىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىنى قانچىلىك تۇنىشى ئىچىدە مەلۇم بىر ئىبادەت قىلىشقا لايىق ئەقىدە - ئېتىقادلىق قورغان ھازىرلايدىكەن ، ئۇنىڭدا دىن ھازىرلانغان بولىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز تەڭرىسىنى ، خۇداسىنى ، پەرۋەردىگارىنى ، ئىلاھىنى تۇنىمىغان ۋە چۈشەنمىگەن ھاللاردا دەلىلگە - ئىسلامغا ئاساسلانماستىن ۋە ئاساسلىنىشقا تىگىشلىك ئىلمىسى ، ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن رەھمەت ، ھىدايىتىسىز بولغانلىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى پاك بولمىغانلىقىتن ھامان ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ، كىتابچىلىرىغا قارىسىغا چوقۇنىۋېلىش ئىچىدە مىللەتنى ، جەمەتنى ، ئىلگىركى زامانغا خاس يول تۇتقۇچى ئۆلىما - موللىلارنى زامانغا خاس يول تۇتقۇچى تەقۋادارلارنىڭ ، بۈگۈنكى ئىسلامنىڭ يېڭىچە بايانلىرىغا ئەگەشكۈچىلەرگە ئەگەشمەستىن نادانلىقنى ، ھىسىياتنى ، ھاماقەتلىكنى ۋە نەپسىنى ئەلا بىلىش بىلەن بىر ئىزدا توختاپ قىلىشنى ئىختىيار قىلماقنى تەيىن تاپتى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ كىيىنكى ئىسلامىي ھۆكمىسىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ۋە ئادەملىرىگە ‹‹ سەجدە ›› قىلماسلىقلار بىلەن ناگاھان بىر قىسىملىرى ھەققە قارشىلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشتى . شۇنىڭ بىلەن ھامان دىندا تالاش - تارتىشىشلار تەبىئىي ھاللاردا ئاشكارا بولۇشتى .
تارىختىن بۇيان ھەر قانداق بىر پاسات نۆۋىتىدە ئالىم ، ئۆلىما ، تەقۋا ، ياخشى ، توغرا يولدىكى كىشىلەردىن بولغان ، ئەمما كىيىنكى ئىسلامنىڭ بەزى تەكلىپلىرىگە قارىتا ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزلىرىگە ئىشىنىپ كېتىشلەر بىلەن بىلىم ئالماستىن نادانلىقنى ، پىكىر قىلماستىن ھاماقەتلىكنى ، ھەر ۋاقىت تەقۋادار بولماستىن ئىشرەتنى قوغلاشقانلىقتىن ۋە دۇنياغا ، مال - بىساتقا ، شان - شەرەپكە ئالدىنىشتا قېلىش بىلەن تولىمۇ مەغرۇر بولۇپ كېتىشلەر بىلەن كىيىنكى زامانغا خاس ئىلىمدىن چەتنەپ كېتىشلەر بىلەن ‹‹ بىزنىڭچە بۇ ئىش مۇنداق بولىشى مۇمكىن ! بۇ خىل ھۆكۈمدە ئىلگىركى ئۆلىمالىرىمىز ، ئالىملىرىمىز مۇنداق يەكۈن چىقارغان ، بىزمۇ شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ توغرا يول تاپقۇچىلارمىز . بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ خىل يول تۇتۇپ ھىدايەت ئىگىلىرىگە ئىگە بولغانلىقلىرىنى بايقىدۇق ، بىزمۇ مۇشۇ يولى بويىچە دىندا مۇستەھكەم تۇرىمىز ، مەيلى قايسى بىر يېڭىچە ئىسلاھاتقا قارىتا بىرەر مەنالار چىقىدىكەن ، بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئەگەشمەيمىز . بەلكى ئاللاھ بىزنى شۇ خىل پاساتلارغا ئالدىنىمىزمۇ - يوق ، سىناش ئېلىپ بارىدۇ . چوقۇمكى ، بىز بۇ پاساتچىلىقلاردا ئىلگىركىدەكلا مۇنتىزىم تۇرىشىمىز كېرەك . ئاللاھنىڭ بىزدىن كۈتىدىغىنىمۇ مۇشۇ ›› دەپ ئۆزلىرىگە روشەن ھاللاردا ، دەلىلى بىلەن كەلتۈرۈلگەن ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلىشىپ ناگاھان بىر يولىلا كاپىرلاردىن بولۇپمۇ كېتىشىدۇ . بەزى بىر قىسىملىرى بولسا ، كۆپ ئىشقا ئارلاشماي ، بىلمىگەن ئىشلىرى ئۈستىدە تالاش قىلماستىن ‹‹ ئەگەر ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلغان بولسا ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر ، ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلمىسا ، ئاللاھ ئۇنىڭغىمۇ قادىر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تاقىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىبادەتتە ۋە دىنىي ئىسلامدا بولىمىز ›› دىيىشلەر بىلەن بىلمىگەن ئىشلىرى ئۈستىدە توختالماستىن ، ھەقىقىتى ئاشكارلانغۇچە سۈكۈت قىلىدۇ . مانا بۇلار قۇرئاندا ئېيتىلغان ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان مۆئمىنلەردۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى ۋە كىيىنكى ئىسلامدىكىلەرنى چوڭ ئىككى تۈرگە ئايرىپ ھەر ۋاقىت داۋان ئېشىپ تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى ھەقىقەتنى - ئىسلامنى قۇبۇل قىلىپ دىندا پاك ۋە مەزمۇت تۇرىۋاتقانلارنى بىردەك ‹‹ ئىسلام دىنىدىكىلەر ›› دەپ ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە قۇبۇللاش روھىي ئىسلامغا ئەڭ تىز مۇكەممەللىشىنى ئىختىيار قىلغان ۋە ئىسلامنىڭ ئالدىن قۇربانلىق بەرگۈچى ، ئەتىكى ئىسلامنىڭ يولىنى قولىغا كەتمەن ئېلىۋېلىپ دېھقانلىق قىلىشقا ۋە يول راستلاشقا ئىشچى - خىزمەتچى بولۇشتىكى سائادەتمەنلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ! تاقىتىنىڭ يېتىشىچە تەقۋالىقتا ، دىن ۋە ئىسلامدا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنى ‹‹ دىنىي ئىسلامدىكىلەر ›› دەپ ، ئۇلار تاقىتىنىڭ يەنى ئىسلامنى ۋە دىننى چۈشەنچىسى ، تۇنىشى ۋە ئەمەللىرىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەۋقەدە بولغانلىقلىرىدىن ، بىلگىنىدە مۇنتىزىم تۇرىدىغان ، بىلمىگەنلىرىگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ياكى ئىنكار قىلمايدىغان ياكى قۇبۇل قىلمايدىغان ، ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارلانغۇچە شۇ خىل تالاش - تارتىشلاردا ئاللاھقا ئىستىخار قىلماستىن ۋە ئىستىخار قىلالماستىن تەۋەككۇل قىلالماي بەلكى دەتتىكامغا بېرىلىش بىلەن ئۆزى خالىغان بىر تەرەپكە بولۇشۇپ قارشى تەرەپكە قارىتا سۇخەنچىلىك قىلىش بىلەن ئارىدىكى كىچىك مەسىلىلەرنى چوڭايتىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئازارلىنىشىغا سەۋەبچى بولغانلارغا ئارلاشماي پىنھانلىقنى ھەمراھ قىلىپ ئىختىلاپتىن ئۆزىنى تارتقۇچىلار بولغانلىقرىدىن !
ئەمما بۇنىڭلىققا چۈشمەيدىغان گاراڭسالارنى ، دىننى ۋە ئىسلامنى دۇنيالىقنى تىلىگەن ئاساستا سۈيئىستىمال قىلىۋېلىپ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇشلارنى تەكىتلەيمىز . ئەمما ، بۈگۈنچە بۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختالماي تۇرايلى ! چۈنكى ، بۇ قورغاننى تەپسىلى سۆكۈپ تاشلىساق ، تازا ياخشى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ . چۈنكى بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى تېخى نادان ، ھاماقەت ، دىنغا ۋە ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىسى تېخى يىتىلمىگەچ ، ئىنسانىي قىممىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن . ئەمما ، بايانىمىزدىكى ‹‹ ئىسلام دىنىدىكىلەر ›› بىلەن ‹‹ دىنىي ئىسلامدىكىلەر ›› توغرىسىدىكى قورغانى قىممەتنى ھەر كىشى ئۆزىنى ئادىللىق تارازىسىغا قويۇپ تۇرۇپ ئوپىراتسىيە قىلسا ، ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن چۈشەنچە ئالالايدۇ دەپ ئويلايمىز .
ئەنە شۇ خىل ئىككى قانۇنىيەت قورغانىغا چۈشمەيدىغان كىشىلەرنى شۇ خىل قورغانى ئاتقا لايىقلاشتۇرۇپ مىندۈرۈپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا شۇ كىشىلەرنى ئوتقا ئىتتەرگەنلىك بولىدۇ . چۈنكى ، بۇ دىن ۋە ئىسلامدىكى تالاش - تارتىش باشقا دىندىكىلەردىكى ۋە باشقا ساھەلەردىكى تالاش - تارتىشىشلارغا ئوخشىمايدۇ . بۇ ئىككى قورغاندىكى ئىختىلابنىڭ ۋەزنى ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ ، بۇ مۇنداقلا زىيان ئەمەس بەلكى شۇ كىشىنى مەڭگۈلۈك دوزاخقا لايىق پىرئەۋن ياكى ئۇنىڭ لەشكەرلىرى قاتارىدىن بولۇشقا چاقىرىق قىلغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياشلىرىنى ۋە دىنغا بولغان قىزىقىشى ۋە ھەۋىسى بارلارنى ئىسلامنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە ، ئۆزگەرمەس شەرئىي تەكلىپلىرىگە سېلىپ سىياھلاشتۇرش ، زىننەتلەشتۈرۈش ، شەكىلگە كەلتۈرۈش ئۇنچىمۇ بەك تەسمۇ ئەمەس ! گەپ ، ئۇنىڭ دىنىنى پاك قىلىش ۋە ئۇنىڭ دىنىنى ئۆزى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى تۇنىشى ۋە ئۇنى توغرا رەۋىشتە قۇبۇل قىلالىشى ھەمدە ئۇنى توغرا يولىدا يەتكۈزەلىشى قىممىتىگە يەتكۈزمەكتۇر ! بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەممىگە ئايان . قەيەرگىلا بارسا دىنىي جەھەتلەردىكى پاراڭلار ، ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۆتكۈچى ۋەز - نەسىھەتلەر - تەبلىغلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن . ھەممە ئۆزىنىڭكىنى توغرا تاپقۇزۇشقا تىرىشقان .
يەتمىش ياشقا كىرگەن بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر خۇسۇسىيەتلىك تەرەپلىرىنى ئېيتىپ كەلسەك ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ھەممە خۇسۇسىيەتلىرى ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر . ئەمما ئۇنى ئۇ يەردىن - بۇ يەردىن تىرىپ ئەكىلىپ ۋاژژىدە چېچىۋاتقاندەك چېچىۋېتىش ۋە نېمە ئۇدۇل كەلسە شۇنى سۈرەتكە چاپلاش ئاللاھنىڭ ئەسلى قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ ، ئادىللىق شۇكى ئاللاھنىڭ يارىتىش قانۇنىيىتىگە چۈشۈرگەن ھاللاردا بىر باشتىن تىزىپ كەلتۈرۈش ۋە شۇ كەلتۈرۈشنى بىردەك رەت - رېتى بىلەن ئەنگە ئالدۇرۇش- شۇ خىل قىممەتكە قارىتا ھېكمەتنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ . شۇنىڭدەك بارلىق ساھەلەردا ھەممىلەرنىڭ تىگىشلىك يوللۇق تەربىيلىنىشىدىكى سېستىمىلىق تەربىيلەش يوللىرى ، بىر يۈرۈش توغرا لىنىيەلىك سىنىپىي ئۆزگىرىشلىرىلىك بىكەتلىرى بار بولغاندەك ، دىننىڭمۇ شۇ خىل ئورنى - قىممىتى باردۇر !
نارسىدە بالىلارغا نىكاھ چۈشمىگىنىدەك ۋە چۈشسىمۇ ئەر - ئاياللىقىغا قارىتا ھېچ شەھۋەتسىز ئەسلى قىممىتى بولمىغىنىدەك ، ئۇلار ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ بولالمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى نۆۋىتىدە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىش نىكاھقا تەكلىپ قىلغان ئەمەس . شۇنىڭدەك ، دىنىي قىممىتى يوق ۋە دىنىي - ئىسلامىي تەرەپتىن تېخى نارسىدە ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ‹‹ ياشلار ›› نى بىردەك دىنىي چاپانغا ئوراشنىڭ ئۆزىلا ، ئۇلارغا ئەسلى تەكلىپ قىلىنمىغان شەكىلنى ئوراپ قويغانلىق بولۇپ ، بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ھەقىقىي - چىن ئىمان ئېيتمىغان ، ۋە ئۇنىڭغا توغرا رەۋىشتە ئىبادەتتە بولالمايدىغان ھالىتىدىلا دىنىي تونغا ئورىۋېتىش بولسا ، ئول كىشىنى( كۆتەكنى )ئاتقا مىندۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ھەقىقىي چىن قەلبىدىن تەستىق سېلىپ ئىشىنىشىگە قارىتا ئۆزىگە لايىق بولغان شەكلىدە ئىزدىنىشتىكى يولىنى ئىتىپ قويغانلىقتۇر . ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا چىن ئىشەنمىگەن كىشى ھېچقاچان تەقۋا بولالمايدۇ . دىنىدا ۋە ئىمانىدا راستچىللاردىن بولالمايدۇ ، بەلكى فاجىر بولۇپ قالىدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەر تېشى پار - پار ، ئىچى كور - كور شەكىلۋازلاردىن بولىدۇ خالاس ! ئاللاھقا ، دىنغا ۋە ئىسلامغا بۇنىڭدەكلەرنىڭ لازىمى يوق ئەلۋەتتە !
بىز نېمىلەرنى كۈتىمىز ؟ بىز نېمىلەرگە تىرىشىمىز ؟ بىز كەڭ خەلق ئاممىسىغا نېمىلەرنى تىلەيمىز ؟ - ئەلۋەتتە ھەقىقىي قىممەتتە بولۇشنى ھەمدە دىندا ، ئىسلامدا ، تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بىزدىن كىيىنمۇ ھەم ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تۇتۇپ ماڭالايدىغان ، ئاشلىقنى تېرىپ ھوسۇل ئالالايدىغان ۋە ئۇنى تاماق ئېتىپ يىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرىشىمىز كېرەكتۇر ! ئاقىۋەت ئۇنداق بولماي تەربىيلىگەن ۋە سىياقلاندۇرغان كىشىلىرىمىز ھاياتىدا تاپچى ، دورامچى بولۇشنى ئىختىيار قىلىدىغان بولسا ، بۇنىڭدەك كۈچنىڭ چاپسانلا ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىدىغان ، ھەققە قارشىلىق ھەم قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قېلىشى ئانچە يىراق ئەمەس .
كۈزىتىپ باقساق ، دىننى تون قىلىپ كەيدۈرگەنلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى شۇنچىۋالا كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىكى پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئاڭلىغان ، كۆرگەنلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلالايدىغان چىقىشى ، بىزنىڭ بەك چوڭ ئىش قىلىۋاتقىنىمىز ئەمەس بەلكى ، ئۇنىڭ دىنغا ۋە ئىسلامغا ئۇدۇل كەلتۈرۈلگەنلىكىدە ! قېنى بىز يەنە كۈزىتىپ باقايلىكى ، قانچىلىك كىشىلەر دىندا تۇرغۇن ھالەتتە تۇرىۋېتىپتۇ ؟ يەنە كۈزىتىپ باقايلىكى ، بىزنىڭ ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان ھەمدە دەۋەتتىن كىيىن داۋان ئاشالاۋاتقانلارنىڭ ئىلگىركى ھاياتىدىكى باسقۇچلارنى ؟! ئۇلار چوقۇمكى ، مەكتەپ يۈزى كۆرگەن ۋە كۆپ بىلىم ئالغان ياكى پىكىر قىلغان ، ئادىمىيلىكىدە قىممىتى بار بولغان ئادىللاردۇر ! يەنە كۈزىتىپ باقايلىكى ، دىننى قانداق كىشىلەر ئۇيۇن قىلىۋېتىپتۇ ؟ دىننىي سۈيئىستىمال قىلىۋېلىپ ھەقىقەتكە قارىتا پاساتلارنى تارقىتىۋېتىپتۇ ؟ ئاقىللارمۇ - نادانلارمۇ ؟ ئەقلى بار كىشىلەرمۇ ياكى ھاماقەتلەرمۇ ؟ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدىغانلارمۇ ياكى بىلمەيدىغانلارمۇ ؟
كۆپىنچىلىرىمىز كۆپىنچە چوڭلارنىڭ قاتماللىقىدىن ۋە دىننى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىپ كۆپلىگەن بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەقىقەتەن تويۇپ كەتتۇق ۋە شۇ خىل كىشىلەرگە قارشى يول تەيىن قىلىپ بېقىشنى قارار تېپىپ باقتۇق . ئەمما كۆپىنچە قارارلىرىمىز شۇنىڭدەك يەنە باشقا خىل پاساتچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى . خۇددى چوڭلار يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچى ئەھلى كىتابتىكىلەر ئارىسىدىن بىر تۈرلۈك جوداكەشلەر چىققاندەك ، ساھابىيلارنىڭ يولىنى تۇتقا قىلغانلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھەم بىر بۆلۈك جوداكەشلەر روياپقا چىقىشتى . بۇ دەل ، ئەھلى ئۆلىمالارنىڭ توغرا رەۋىشتە ئۆزلىرىگە مۇلاقات قىلىنغان كىشىلىرىنى يىتەكلەشتىكى ھېكمىتىنى چۈشەنمەستىن قارا - قۇيۇق چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان پاساتچىلىقىدۇر . بۇ خىل پاساتچىلار مەيلى قايسى ساھەگە يەتمىسۇن ، شۇ يەردە ھامان پاساتچىلىقنى تىلەيدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەرنى ئەسلى ئۆز نۆۋىتىدىكى ئورۇنلاردا قويۇپ ئاستا - ئاستا ئادىمىي قىممىتىنى ۋە ئىنسانىي ھالىتىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ، ئاندىن كىيىنكى قەدىمىنى توغرا يۆنىلىشتە باسقۇچ قىلماقلىق تولىمۇ زۆرۈردۇر . تولۇقسىزنىڭ دەرسىنى كۆتۈرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ھامان باشلانغۇچقا چۈشىرىۋېتىلىشى كېرەكتۇر . ئاجايىب ھە ، مۇشۇ كۈنلەردە ئاللاھ بىزلەرگە بەزى يۇشۇرۇنلارنى ئاشكارا كۆرسىتىپ مەكتەپلەردىمۇ سىنىپ چۈشۈرمەي مەيلى قانداقلا دۆت ، كالۋالار بولسۇن بىرلىكتە توققۇز يىللىق مائارىپنى تولۇقلاشقا مەجبۇر يۆتكىلىش قىلىپ توختۇتۇپ قويدى . ئەمما ، شۇ خىل توختۇتۇلغان قانۇندا بولسا سىنىپىي قىممەت بىرنىڭ ئۈستىگە بىرسى قوپۇرۇلغان . ئەمما بىزلەرنىڭ كىشىلەرنى يىتەكلىشىمىزدىچۇ ؟ بىزدە شۇ خىل سىنىپىي قورغان ھازىرلاندىمۇ ۋە شۇ خىل ھېكمەتنى مۇجەسسەملىدۇقمۇ ؟
ئاللاھتائالا مۆئمىنلەر، يەھۇدىي ، ناسارالار ، يۇلتۇزلارغا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنغۇچىلار ئىچىدىن خالىغان بەندىلىرىگە شۇ خىل يولنىڭ ھەم قىممىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ شۇ يوللاردىن ھەقىقەتكە ھەم يىتەكلەيدۇ . قايسىكى يىتەكلەنگۈچى ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەن بولسا ، شۇ يولنى ھەم باشقىلارغا تەيىن قىلدۇرىدۇ ، شۇنى تەۋسىيە قىلدۇرىدۇ . ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە يەتكەن كىشى ھەم قانداق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يولىغا ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ ۋە شۇ بويىچە كىشىلەرنى تاللاپ توغرا رەۋىشتە سىنىپىي ئەمەللەردە تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ . ئاللاھنىڭ كىمنىكى ھىدايەت قىلىدىكەن ، ئەنە شۇ خىل كىشىلەرگە شۇ كىشىنى مۇلاقات قىلغانلىققىدىندۇر ! كىمنىكى ئازدۇرىدىكەن ، ئەھلى ئىلىمدارلارغا قارغۇلاچە ئەگىشىدىغان ۋە مۇقۇم ئورنى يوق ھاللاردا ئۇنىڭ - بۇنڭەغا چوقۇنۇشتا بولىدىغان باتىللىقنى تىلىگۈچىلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ - دە ، ئاللاھنىڭ ھېكمىتى شۇكى ، ‹‹ قايسى قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ ›› دېگەنكى ھۆكمىسىدە ، كىم قايسى ھاللاردا ئاللاھقا مۇلاقات بولسا ، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا شۇ خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولغۇسىدۇر !
شۇنىڭدەك ، بۇرۇندىن نادانلىقتا ، ھاماقەتلىكتە قالغان بىز مىللەتنىڭ كۆپىنچە ئەھۋالىدا دىنغا مۇلاقات قىلىپ بېقىپ ، ئۇلاردا نە ئىمان ھاسىل بولمىغانلىقتىن ، مۇمكىن بولسا ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ، مېڭىسىنى ئېكەكدەيدىغان ، تەپەككۇرىنى قوزغايدىغان مۇھىتلارنى چاپسانلا قۇبۇل قىلغان ئىدى . ئەمما قايسى ساھەگە ئۇلاشسا پاساتتىن باشقىسىنى تېرىمايدىغان ‹‹ ئۆردەك ›› لەر ، مەيلى قايسى ‹‹ كۆللەر ›› گە بارمىسۇن ، شۇ يەرنى ھامان ‹‹ سېسىتىپ ›› كەلگەنلىكتىن ، ياخشىلىقتىن ئىبارەت قۇرۇلغان سۇرىنىمىز ھامان بىي تەرەپ كىشىلەردىن خارلىنىپ ، قارلىنىپ كەلگەن ! پۈتۈن سوپىيلارنى بىر تەرەپ قىلىپ سۆكۈش ۋە ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئاپپاق خوجىنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرۈپلا بىردەك يەكۈنگە كەلگەنلەر . ئاتا - بوۋىلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك دىنىي جەھەتتىكى توغرا يۆلىنىشلىك ، قۇرئانغا ئەگەشكەنكى نەتىجىسىنى بىردەك ئۇرۇپلا ئىنكار قىلىش ھەم شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زوراۋان ھەم سېسىتقۇچى ‹‹ ئاپپاج خوجا ›› لارنىڭ سەۋەبىدىن ھامان بىر بۆلۈك بىي تەرەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىچىدە يەكلىنىپ كەلدى ، گۇمراھلىققا چىقىرىلىپ كەلدى . بۇنىڭدەك ھەممىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پاساتچىلىقلار پۈتۈن ساھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، شۇنىڭدەك ‹‹ ئاپپاق خوجا ›› لار مەيلى قايسى ساھەگە ئولاشمىسۇن ، ھەم كىشىلەرگە شۇ قىممەتنى يامان كۆرسىتىپ كەلگەن . نېمە ئۈچۈن ھامان پاسات ھەممە تەرەپتىن بىزنى ئۇنىڭدىن قېچىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ ؟ دېگەندە ، ئىلگىرى ئىبلىس زېمىنغا چۈشۈرىلىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھدىن بىر قىسىم ئىمتىيازلارنى تىلىۋالغان ۋە ئاللاھنىڭ توغرا يول ئۈستىدە ئولتۇرىۋېلىپ ئوڭ تەرەپتىن ، سول تەرەپتىن ، ئالدى - كەينى تەرەپتىن ھامان كىشىلەرنى ئازدۇرۇشلارغا قىستايدىغانلىقىنى ، ھەتتە پۈتۈن بەندىلىرىنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئاسىي قىلىپ تاشلاشتەك غەرەزنى كۆڭلىگە پۈككەن . ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا شۇ خىل ئىمتىيازنى بېرىپ ‹‹ بارغىن ، كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن ، سەن بىلەن قېتىپ تەڭ ھەممىنى دوزاخقا تاشلايمەن ›› دەپ مەلۇم بىر چەك شۇ ۋاقىتتىلا ئايرىلىپ ، توختۇلۇپ كەتكەن . شۇنىڭدەك ، مەيلى قايسى مىللەت ، قايسى قەۋم ئاللاھنىڭ توغرا يولىنى تۇتقا قىلىدىكەن ، ئەنە شۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قايسى جەھەتتىن پايدىلىق تەرەپلىك قىممەتنى تۇتقا قىلغان ئىكەن ، ھامان شۇ تەرەپتىن بۇزغۇنچىلارنىڭ بارلىققا چىقىشى بەكمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس . يەھۇدىي - ناسارالار ئۆز ۋاقتىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە پىرقىگە ئايرىلىش قىلىپ پاساتچى ، سۇخەنچى ، غەيۋەتكە ۋە تۆھمەتلەرگە ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ، سۆزىدىكى گەپكە ئەمەللىرى بىردەك كەلمەيدىغان بولۇشۇپ كەتكەن ؟ دېگەندە ، چۈنكى ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە ئوخشاش توغرا يولنى ، ھەقىقەتنى تۇتقا قىلغانلىقى سەۋەبلىك شەيتان ئۇلار قايسى قىممەتكە يەتمەكچى بولىدىكەن ، ھامان ئۇلارغا قارشىلىق قىلىپ كەلگەن . ئەمدى ئۇلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت مابەينىدە نېمە ئۈچۈن ئۇمۇملىشىشقا ، بىرلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ ؟ دېگەندە ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دىنى باتىل بولغانلىقتىن ، ئۇلار ئاخىرەتكە قارىتا ھەق يولدىن ئاداشقان ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگەنلىرى ئاخىرەت ئەمەس بەلكى دۇنيالىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ چوڭ ئىختىلاپ چىقمايدۇ ، ئۇلار ئىلگىركىدەك پارچىلانمايدۇ . ئۇلار مىسالى بۇتكەش ‹‹ لاما ›› لىقنى ئىختىيار قىلشقان . پەقەت ھەقنى چۈشىنىپ ھەق تەرەپكە يۈزلەنگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ! چۈنكى ئىسلامنى قانچىكى چۈشىنىدىكەن ، ئۇنىڭ دىنىي شۇنچە پاكلىنىدۇ ، توغرىلىقنى تونۇيدۇ ! ئۇنداق بولمايدىكەن ، ھەق يولدىن باشقا بارلىق جەمىيەتتە دىنىي جەھەتتىكى قىممەتتىنى سىياسىي جەھەتتىكى قىممەت قاپلاپ كېتىدۇ . بىر جەمىيەتنى دىنىي ھۆكۈم قىممەتتىن سىياسىي ھۆكۈم قىممىتى قاپلىغان ئىكەن ، شۇ جەمىيەت دىنىي جەھەتتىكى پاساتتىن باشقا ساھەگە قارىتا پاساتلىق ، ئىسلامىي قىممەتتىن گۇمانىي ھالەتلەر ، ئىنسانىي تەپەككۇر قىياسلار قاپلايدۇ . بۇ خىل ھالەت ھامان تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ كەلگەن . ئەھۋال شۇنىڭدەك تۇرۇپمۇ كىم نېمىلەرنى تاللاش - تاللىماسلىقلاردا دادىل بولالماي يەنىلا نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىشىدۇ . چۈنكى ئۇلار دىنىي ۋە ئادىمىي جەھەتتىكى قىممەتنى تولۇقلاشتىكى بەدەللەردىن قاچىدۇ . قايسى ئاسان بولسا شۇنى تەييارلىققا ئالدىرايدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەرگە دىنىي قىممەت ئېتىقاد بولۇپ قېقىلماستىن بەلكى ئەقىدە بولۇپ دۆۋىلىنىپ قالىدۇ . ئەمما زېمىن قاتتىق سىلكىنگەندە بولسا ئەقىدىچىلەرنىڭ ئورنى ھامان قاتتىق تەۋرەشكە ئۇچىراپ كەلگەن ۋە كىيىنكى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان قىممەتكە قارىتا كۆتۈرۈلگەن ھەر خىل رەۋىشتە دولقۇنلاردىن ئۆتەلىگەن ئەمەس . ئىلگىركىلەرنىڭ سۈپىتى ھامان شۇنىڭدەك بولۇپ كەلگەن تۇرۇقلۇقمۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئىبرەت ئېلىشنى خالىمايدۇ . يەنىلا شۇلارغا ئوخشاش نەپسى نېمىنى خۇش كۆرسە شۇنى تاللايدۇ .
رۇسۇللاھ شۇنداق دېگەن : ‹‹ سىلەرنىڭ جاھالەت دەۋرىدە ياخشى بولغانلىرىڭلار ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىنمۇ ياخشى بولغانلىرىڭلاردۇر ››
شۇنداق . كىشى تۇغۇلۇپلا ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان ۋە مۆئمىن بولۇپ ئاللاھقا توغرا رەۋىشتە ئىبادەتتە بولۇپ كەتكەن ئەمەس . پەيغەمبەرلەرمۇ ھەم تۇغۇلۇپلا ئىبادەتنىڭ ئۈستىدە بولغانمۇ ئەمەس . ھەممىلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدىكى قىسمەتلىرى ، قىممەتلىرى بولىدۇ . ئاللاھ ھېچ كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئەمەللەرگە تەكلىپ قىلغان ئەمەس . ھەممە چۈشەنگىنى ۋە ئىشەنگىنى بويىچە توغرا يول تەيىن قىلىشقاندا بولسا ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدە خۇشلۇق بولغۇسىدۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، قانداقمۇ ئەمەللىرىدە ئىخلاس ، چىنلىق ھالىتى شەكىللەنسۇن ؟ شۇ ۋەجىدىن ئىسلام دىنىغا تەكلىپ قىلىنىش ، مۇلاقات قىلىشتا ئەڭ ئاۋال ئول كىشىنىڭ ئادىمىي ، ئىنسانىي قىممىتىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن تەڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىش ، ئاندىن ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ خەتەرلىك بولغان ئىسلام دىنىغا تەكلىپ قىلماق زۆرۈردۇر ! كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ۋە ئىنسانىيلىق قىممىتىسىز ۋە دىنىي چۈشەنچىسىسىز ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈپ قويۇشۇڭ ، سېنىڭ ئاجايىب دانالاردىن بولغانلىقىڭنى كۆرسەتمەيدۇ ، بەكى پاساتقا تېخىمۇ ئوت ياققانلىقىڭنى كۆرسىتىدۇ . تارىختىن بۇيان مۇشىنىڭدەك ئوت قۇيرۇقلار ھامان يۈكسىلىپ چىققانلىقتىن ھەق دىن تۆۋەندىكىلەرگە ۋە باشقا ياتلارغا زەئىپ كۆرسىتىلىنىپ كەلگەن . ئىلگىرى يەھۇدىي - ناسارالارمۇ بۇ يولدا مېڭىپ بېقىپ ياداپ كېتىپ ، ئاخىرەتلىكتىن دۇنيالىقنى ئارتۇق بىلىپ ، ئەمدى تاماشانى بىزدىن كۆرىۋاتىدۇ ۋە بىر - بىرلىرىمىزنى بىر - بىرلىرىمىزگە قارشىلىق قىلىشقا قۇتىراتقۇلۇق قىلىپ ، بىزدىكى بۆلۈنۈشلۈك ھالەتلىرىمىزدىن تولۇق رەۋىشتە پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ . ئەنە شۇ ئىسلامغا توغرا بولمىغان ھاللاردا قېلىپلاشتۇرۇلۇپ قويۇلغانلار بولسا ، ھامان شۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇلغا چۈشۈپ ئۆز ئىش ئۈستىكىلەرگە زەھەردەك نەشتىلىرىنى چېچىشىۋاتىدۇ . چۈنكى ھەممە ئۆزلىرىنىڭ يولىنى توغرا تېپىشاتتى ! بۈگۈنكى زاماننى ، ماكاننى ۋە توغرا يۆنىلىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان دىنىي ئىسلام ۋە ئىسلام دىنىدىن سىرتتىكىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ ، ئۇلارنىڭ تەرغىب قىلىشى ئۆز ۋاقتىدىكى ساھابىيلارنىڭ زامانىدىكى شۇلارغا خاسلاشتۇرۇلغان دىنىدۇر ، دىنىي تەكلىپلەردۇر ! بۇ خىل ھاماقەتلىكنى ئىلگىرىدىن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ كەلگەندە بولسا بىر كۆزلۈك تەرەپدارلىقنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ‹‹ بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق ، بىز شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ھىدايەت تاپقۇچىلارمىز ›› دېيىشىدۇ . ئويلىنىپ بېقىڭلاركى ، ‹‹ سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار نېمە ، ئاتا - بوۋاڭلار ساھابىيلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە ؟ ›› ھەممە ئۆز نۆۋىتىدىكى زامانغا خاسلاندۇرۇلغان شەرىئەت تەكلىپىگە قارار تاپقۇزۇلغاندۇر . ئەگەر ئاللاھ خالىسا ھەممىمىزنى بىر زاماندا ، بىر ماكاندا بىر ئۈممەت قىلىپ ياراتقان بولاتتى . ئەمما ئىسلامنىڭ ۋە ھەر بىرىمىزنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتى قىممىتى ھەممىمىزنى ئۆز نۆۋىتىمىزدىكى زامان - ماكانلارغا توغرا تاپقۇزۇش بولدى . ھەممىلەرگە ئۆزلىرىگە خاس زامان ، ماكانلاردا تىگىشلىك سۈپەت ، شەكىل ئاتا قىلىندى ۋە شۇ شەكىل ئىچىدە تىگىشلىك تەكلىپلەرگە قارارلاشتۇرۇلدى . گەرچە دىن بىر بولسىمۇ ، ئەمما ئىسلامدىكى قىممىتى ئوخشىمىغانلىقتىن ھامان دىنىي جەھەتتە ھەر تۈرلۈك تەرەپلەرگە بۆلۈنۈشتە بولۇشۇپ كەلدۇق . مۇھەممەد ( س ، ئە ، ۋ ) پەيغەمبىرىمىز كەلگەن زامان كىملەركى توغرا يولدا بولغان ئىكەن ، دىننىڭ ئاساسلىق يۈرىكىنى قۇبۇللاشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە ساھابىيلارنى خۇددى ئۆز نۆۋىتىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيۇنلىرىغا ئوخشاش دىندا ھەقىقەت تەرەپتە بولۇش ۋە شۇ خىل ھەقىقەتنى تەشۋىق قىلىشلاردا بولغان . شۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئىزچىل ھاللاردا ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئىتائەت قىلىش ئەڭ پاك يول ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك دىن ئىدى . خۇددى ئاللاھ ئادەمدىن يەنە بىرنى يارىتىپ ئۇنىڭغا بارلىق دىندىكىلەرنى ‹‹ سەجدە ›› قىلىشقا بۇيرۇش قىلدى . ئەمما بارلىق ‹‹ ئىبلىس ›› ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھامان بۇ سەجدىدىن كىبىرلىك ۋە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن باش تارتتى . چۈنكى ئۇلار شۇ كۈندىن ئىلگىرى ئەمەللىرىدە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقان ، ئەيىش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلاشقان ۋە بۇتقا چوقۇنىۋالغان ئىدى . شۇ ۋەجىدىن سېنىڭ دىنىڭ سېنىڭ ، مېنىڭ دىنىم مېنىڭكى بولۇش بىلەن ھەر يولدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ يولىنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىش بىلەن ئايرىلىشقان ئىدى . ئەمما دىن بىر نوقتىدا بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئىسلام بىر نوقتىدا بولماي ھەر ۋاقىت يېڭىچە شەيئىلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى ۋە ھەر خىل رەۋىشتە قۇبۇل قىلىشقا لايىق ‹‹ سەجدىگاھ ›› لار بارلىققا كەلتۈرۈلدى . بىزدىن تەلەپ قىلىنىۋاتقىنى ساھابىيلارنىڭ دىنىنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ، ئۆز نۆۋەتلىرىدىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتا ئۆز نۆۋىتىدىكى شەيئىلەرگە ، ھەقىقەت ئىسلامى تەكلىپلەرگە چىن ئىشىنىش ۋە ئەمەللىرىدە راستچىل بولۇشتەك روھىيغا يېتىش تەكلىپ قىلىندى . رۇسۇللاھنىڭ ۋاقتىدا رۇسۇللاھقا ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىشىنىش تەكلىپ قىلىنىش ئىسلامنىڭ ۋە دىننىڭ ئەسلى يۈرىكى ئىدى . ئەمدى بۈگۈنكى ۋاقىتقا كەلگەندە دىننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ يۈرىكىگە ئىمان ئېيتىش تەكلىپ قىلىنىش بولدى .
ھەر قانداق بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلى بولغاندەك ، ھەر قانداق بىر شۇنىڭدەك قۇرۇلمىلارنىڭ تىگىشلىك قىممىتى يۈرىكى باردۇر ! قۇرئاننىڭمۇ يۈرىكى باردۇر . ئۇ بولسىمۇ سۈرە ياسىندۇر ! ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەسلى ۋارىسلىرى باردۇر . ۋارىسلار ئالىملىق ياكى موللىلىق سۈپىتىدىلا گەپ سېتىپ كوتاڭشىپلا كەلمەيدۇ ، بەلكى ئۇلارمۇ ئاللاھ خالىغان بىر زامان ، ماكانلاردا ئۆز نۆۋىتىدە ئۈستۈنلۈك خەلىپىلىك ۋە تۆۋەنكى قۇرئاندا ئىسمى چىققانلاردەك مەخپىي ھاللاردا بەزى جەمىيەتتە ھازىر قىلىنىدۇ . ئەنە شۇلار ئىسلامنىڭ ۋە ئەسلى دىننىڭ ئەھلى بولۇشتەك نۆۋىتىدە جەمىيەتتە ھەقنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆز ئەمەللىرى ئارقىلىق جارى قىلىنىپ تۇرىلىدۇ . بۇلار ئەھلى ياسىننىڭ ئىگىلىرى ۋە ئۇنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ . ئۇلارغا ھەق قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندا بولسا يىغلاپ تۇرۇپ قۇبۇللاشتا سەجدىگە بارىدۇ . ئۇلار ئېيتىدۇكى : ‹‹ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ ›› .
شىيئەلەرنىڭ سۈننەت تەرىپىدىكى قىممىتى كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار ياسىننى ئاشكارا ھاللاردا ئىنكار قىلغان ھەمدە ‹‹ ياسىن سۈرىسىنى قۇرئاندىن چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك ›› دېگەنكى شۇئارىدىنلا ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ ۋە ئىسلامىنىڭ يۈرىكى يوق ئۆلۈكلەردىن ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز ۋە ئۇلار قۇرئاننىڭ بىر قىسىم تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلغانتىن ، بىز ھەم ئۇلارنى تونىمايمىز . تاكى ھەقىقەت قۇرئانغا ۋە قۇرئاننىڭ بارلىق تەرەپلىرى ، قىممەتلىرى ، سەھىپىلىرىنى قۇبۇل قىلغانغا قەدەر !
بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىمۇ شىيئەلەردىكىدەك سۈرە ياسىنغا ئىمان ئېيتمايدىغان ۋە ئۇنى ئاشكارا ھاللاردا ئىنكار قىلالمىسىمۇ ، ئىچكى جەھەتتىن ھامان ئۇنى ئىنكار قىلىشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولىدىغانلار ئانچە ئازمۇ ئەمەس . ئەرەبلەر بۇرۇنلا ‹‹ ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن دىندا ۋە ئىسلامدىكى ھەر قايسى تەرەپلىك بۆلۈنۈشلىرىنى ئاشكارا قىلىپ ئايرىلمايدۇ ›› دىيىشىپ كەتكەن ئىدى . ئەمما بۇ خىل ئايرىلىشلارنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىز تېخى قۇرئانغا ھەقىقىي رەۋىشتە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقلىرىمىزدىن بۇ خىل چوڭ زىلزىلىلىك دىنىي قىممەتنى ئاشكارا قىلماي كەلدى . ئى ئۇيغۇر مىللىتى ! سىلەرنىڭ ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ ھەممىسى ھېچقاچان ھەقتىن ئاداشقان ئەمەس ۋە ھەقتىن بۇرۇلۇپ گۇمراھلىقتنى تىلىگەنمۇ ئەمەس . ئۇلارنىڭ تىلىگىنى ساھابىيلارنىڭ شەكلىگە ئورۇنۇشتا ئۇلارنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىشتىكى ئەسلىيەتچىلىككە قايتىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز نۆۋىتىدىكى ئىسلامغا ۋە ئىسلامدىكى ھەر بىر ھەقىقەتكە چىن ئىشىنىشتىكى روھىي جەھەتتىكى ئەسلىيىتىگە قايتىشنى تۇتقا قىلدى . بۇ خىل قىممەتكە قايتىش پاراڭ خاتىرسىگە ئوخشاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس . ئاللاھنىڭ تەكلىپىدە دىننى ۋە ئىسلامنى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىش ۋە ئۇنى ئۇيۇننىڭ ئورنىدا قىلىۋېلىش يوقتۇر . بولسا باركى ، ئاللاھ ئىسلامىدىن قايسىكى قىممەتنى ئۆز نۆۋىتىدە ئاشكارا قىلغان بولسا ئۇنى جەزمەن قۇبۇل قىلىشتىكى قىممەتكە تەكلىپ قىلغان ھەمدە ھەر ۋاقىت ئۆزىگە چىن ۋە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان . ئەمما ، بىزلەردىكى نەچچە يۈز يىللىق نادانلىق ، يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى شەرىئەتسىزلىك ، بىلىمسىز ۋە ئىلىمسىزلىكنى تەرغىب قىلىشتىكى ھاماقەت نوچىلىرىمىز جاھاننى قاپلىغانلىق سەۋەبلەردىن تاكى بۈگۈنگىچە بىز مىللەتتىكى ئېڭى ئۈستۈن كىشىلىرىمىز ھامان چەتكە قېقىلىپ كەلدى ۋە ھەمىشە سۈيئىستىماللىقنى تەرغىب قىلشىپ كەلدى . ئەھۋال شۇنىڭدەك بولغانلىقتىن ، ئىلگىرىدىن تارتىپ ئەقىل ئىگىلىرى ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھدىنلا ياردەم تەلەپ قىلىش ، ئاللاھقىلا چوقۇنۇشتەك يوللارنى تۇتقا قىلىش ، كىملەركى بۇ خىل قىممەتنى قۇبۇللايدىكەن ھەمدە ئاللاھ كىملەرنى ئۇلارغا مۇلاقات قىلغان ئىكەن بىرلىكتە داۋان ئېشىشقا ئاتلىنىشتەك يولنى بىر - بىرلىرىگە تەيىن قىلىشتى . ئۆزلىرىنى ئالدايدىغانلار ۋە دىنىي جەھەتتە توغرا يول تەيىن قىلىشنى ئىختىيار قىلماي موللا - ئۆلىمالارغا قارىسىغىلا چوقۇنۇۋېلىشنى تەيىن قىلىشقانلار ھامان ئۆز ئورنىدا تۇرغۇن ھالەتنى ساقلاپ كەلدى ۋە شۇخىل ھالەتنى تىلەپ كەلدى . چۈنكى ئۇلار ھامان ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان ۋەز - نەسىھەتلەردىن يۈز ئۆرۈشتى ، نەپسى - خاھىشىغا ئەگەشتى . ئاقىۋەتتە دىننى ۋە دىنىي يوللارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ مەبۇد قىلىۋېلىشتى . بۇتلارغا ۋە ھەقتىن ئاداشقانلارنىڭ ھەققە قارشى پاساتلىرىغا جان دىل بىلەن كىرىشىپ بەندىنى ، مەخلۇقاتلارنى پەرۋەردىگار قىلىۋالدى . ئەھۋالى شۇنىڭدەك تۇرۇپمۇ ئۆزلىرىنى ھامان غالىب ھېسابلىشىپ كەلدى . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، شۇ ۋاقىتلاردا تاكى بۈگۈنگىچە قۇرئانغا قارىتا تەكلىپسىز بولغانلىقتىن ئاشكارا مۇنازىرگە چۈشۈشنى ئىختىيار قىلىشمىدى . چۈنكى قۇرئان ئايەتلىرىگە قارىتا مۇنازىر چىققان بولسا ، شۇ جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ھەققە قارىتا مۇجادىلە قىلىشلىرىغا قارىتا ئاز ۋاقىت ئىچىدە ھەققە كاپىرلارغا تىگىشلىك ۋابا يۈزلىنەتتى . چۈنكى بۇ خىل ۋابا يۈزلەندۈرۈش ئاللاھنىڭ بۇرۇندىنلا تۇتقان يولى ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلىرىمىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن تولا مۇجادىلە قىلىشاتتى . ئۇلارنىڭ تىلىگىنى بويىچە بۇنىڭدىن كىيىن قۇرئان ئايەتلىرى ئۈستىدە ئاشكارا مۇنازىرىلەر بولۇش باشلانغۇسىدۇر !
بىز مىللەت مىللەتچىلىكىمىزدىكى خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ، يەنى نەچچە يۈز يىل ، ھەتتە نەچچە مىڭ يىل تەسەۋۋۇپلۇقنى ئامال يوق ئىختىيار قىلغان مىللەت . شۇ ۋەجىدىن بىزنىڭ كۆپچىلىكىمىزدىكى ئالاھىدىلىكىمىز غايىۋىي ، خىيالىۋىي تەسەۋۋۇرغا خاس قىممەت ئىچىدە دىندا ۋە ئىسلامدا ، ھاياتلىقتا بولۇپ كەلدۇق . ئاسمان - زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بارلىق بەندىلىرىگە ئۆزلىرىگە خاس شەكىل ئاتا قىلدى ۋە ھەممىلەرنىڭ ياشاش يولىنى ئۆزلىرىگە ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى . ئاللاھ قايسى بەندىسىگە بولمىسۇن ، پەقەت نېمىلەرنى ئاتا قىلغان ۋە ئاتا قىلماقچى بولغان بولسا ، ھەممىلەرنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئاتا قىلىپ كەلدى . ئەمما كىملەركى كىشىلەرنىڭ ئورنىنى توغرا بولمىغان يۆنىلىشتە ئۆزگەرتكەن بولسا ، ئۇلار باشقىلارغا ئاشكارا زالىم بولدى . زالىم دېگەن سۆزنىڭ دىنىي لوغىتى : ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئۆزگەرتكۈچى دېگەن بولاتتى . قايسىكى بىر بەندىنىڭ ئەسلى ئورنىدىن ئۆزگەرتكۈچى ھەم ئاللاھنىڭ شەيئىسىنى ، ئايىتىنى ئەسلى ئورنىدىن ئۆزگەرتىۋەتكۈچى بولاتتى . ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئورنىنى ئەسلى ھېكمەت بىلەن ئۆزگەرتىشنى ئېلىپ بارمىغانلىكى بارلىق كىشىلەر ئاشكارا زالىم بولاتتى . ئۇلارنىڭ زالىملىقى شۇكى ، كىشىلەرنى توغرا يۆنىلىشتىن تۇسۇپ باشقا شەكىلنى سۈيئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولاتتى . جەمىيىتىمىزدە بۇنىڭدەك كىشىلەر پۈتۈن يەرنى قاپلاپ كەتتى . ئەمدى ھەممە ئەقىل ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ غېمىنى قىلماي بولمايتتى . چۈنكى ، ئۆز قىممىتىنى يوقاتقانلار بولسا خۇددى ئۇيغۇر كىچىكىدىن باشقا مىللەت بىلەن ئارلاشقان ۋە شۇلارنىڭ سىنىپىدا ئوقۇغان بولۇپ ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتىگە سىڭىشىشقا باشلىغان بولسا ، ئۇ ياكى ئۇيغۇر ئەمەس ، ياكى باشقا بىر مىللەت ئەمەس بەلكى مىللەتچىلىكتە گاراڭسا ‹‹ مىنكوۋخەن ›› بولۇپ قالاتتى . دىنلارمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ ، شەكلى ، ئاتىقى بىر دىنغا مايىل بولغان ، ئەمما شۇ دىنغا خاس ئەقىدىسى باشقا دىنىي كۆز قاراشتا بولغانلار بولۇپ ، دىندا ھەم شۇنىڭدەك گاراڭسا ‹‹ مىنكاۋخەن ›› لىكنى تەيىن تاپقان بولاتتى . ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خىل يامانلىقتىن غاپىل ئىدى . چۈنكى ئۇلار نېمىنى خۇش كۆرسە ، نېمىنى ئوقۇسا ۋە نېمىنى كۆرسە شۇنى قىلاتتى .
ئىسلام ھېچقاچان ئىلگىركى كىتابچىلەرگە ، قەغەز - سىياھلاردىكى سۆز ئىبارىلەرگە بىۋاستە چوقۇنۇپ كېتىشكە بۇيرىغان ئەمەس . ئەمما ھەقىقەت تەرىپىنى دەلىللىگەندىن كىيىن ئەنگە ئېلىپ تەزكىرەلەر قاتارىغا ئېلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ! ئەمما بۇلارغىمۇ قارىسىغىلا چوقۇنۇش قىلماي بەلكى نەتىجە ئېتىۋارى بىلەن بىر قۇر كاللىدا ياكى ئەمەللەردە توغرا يۆلىنىشتە ئۆتكىزىۋېتىش لازىمدۇر . شۇندىلا شۇ ئىلىملەر قۇلاققا ئىلىنماستىن بەلكى قېقىلىپ كەتكۈسىدۇر ! ئىسلام مەيلى ئاڭلىغان ، كۆرگەن بولسۇن جىمى شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ۋە توغرا جاۋابىنى قۇبۇللاشقا ، ئاندىن ئۇنى ئېيتىپ كىرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ . ئەمما ھېچ دەلىلسىزلا تەكلىپسىزلەر مەيدانغا چىقىۋالىدىكەن ، شۇ جەمىيەت ئازلا ۋاقىت ئىچىدە ھەق قايسى ، پاسات قايسى ؟ ئايرىۋالغۇسىز دەرىجىگە يېتىپ قالىدۇ . مەيلى بىز نېمىلەرنى ئاڭلىمايلى ، ئوقۇمايلى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىشقا ، نەتىجىسىنى كۆرۈشكە رۇسۇللاھ ئېيتقاندەك ‹‹ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا شەكلىنىشكە بىز ھەقلىق ›› . شۇنىڭ ئۈچۈن سىز مەيلى ئىسلامدىن بىر تال قىممەتنى قۇبۇللىغان ۋە شۇنىڭغا ئىشەنگەن بولسىڭىز ، شۇ ئىشەنچنى تاكى مەھشەر كۈنىگە دىندا پاك بولغان ھاللاردا پاك قەلىب ئىچىدە شۇ بىر تال قىممەتنى ئېلىپ بارىسىڭىز ، سىزنىڭ غەلبىڭىز شۇ ! ئەمما بىر مۇنچە نەرسىنى كۆتىرىۋېلىپ ، ئاللاھقا ھەم شېرىك كەلتۈرىۋېلىپ ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەنسىز ، سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ، ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا ھېچ ئەتىۋارىڭىز بولمايدۇ .
ئىنسانىي تەتقىقاتتا بىرى تەسەۋۋۇپ ئىلمىسى ياكى بولمىسا تېخنىكا ئىلمىسى ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈك ماقامىغا يەتمىسە ھەر ۋاقىت زامانغا خاس قىممەتنى ئاشكارا قىلىپ كۆڭۈلنى ئەمىن تاپقۇزغىلى بولمايدۇ ۋە ئاشكارا ھەقنى بايان قىلىپ مۇنازىرىگە ، شۇ خىل قورغانى جىھادقا چىققىلى بولمايدۇ ھەم ھەر دىشۋارچىلىقلاردا ئۇنى ساپ ھاللاردا قوغداپ قالغىلىمۇ بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزنىڭ كىيىنكى دىنىي ۋە ئىسلامىي جەھەتتىكى قىممەتنى توغرا رەۋىشتە قۇبۇللاشقا قارىتا بىزلەرنى ئۆزلىرىمىزگە قارىتا توغرا بولغان سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە تېگىشلىك بولغان دەرسلىك قىممەتلەرگە ئېلىپ چىققان .
ئىسلامنى قۇبۇللاشتا ۋە دىننى مۇستەھكەملەشتە ھېچ ۋاستە تاللاش بولمايدۇ . قەيەردە ، قانچىلىك بولمىسۇن ، ھەتتە بىر تىنىق بولسىمۇ ھەققە مايىل قىلغۇچى كۈچ بولىدىكەن ، شۇ يەردىكى قىممەتنى قۇبۇللاش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە قارىتا بۇرچىدۇر ، ئەمەلىيەتتە شۇ خىل قىممەتنى تولۇقلاش بولسا ئىنسانىيلىقنىڭ نەپسىدۇر . نەپسە شەھۋەتكىلا ، ئىشرەتكىلا يۈزلەنمەيدۇ كىملەركى نەپسىنى نېمىگە كۆندۈرگەن بولسا ، نەپسى شۇ خىل قورغانىي قىممەتنى تاما قىلغۇسىدۇر !
گەرچە يۈز يىل مابەينىدە سوپىيلىقنىڭ قىممىتى سۇسلاشقان ۋە كۆپىنچىلىرى ھەقىقەتتىن ئاساشقان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ سۇرىنىغا كىرىپ قەلىبنىڭ زىلزىلىسىگە ئۇچىرىشى بەزى كىشىلەرنىڭ ھەققە قارىتا داۋان ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ ، بۇ خىل قىممەتنى ھارامغا چىقىرىۋالىدىكەن ، ئۆزلىرىگە زىيان بولىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى ئەھلى سۈننەتتىن چەتنەپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ، قىسمەن شۇنىڭدەك پايدىلىق تەرىپى باردۇر . ئۇنىڭ شۇنىڭدەك پايدىلىق تەرىپىي بولمىسا ئاللاھ بىزدىن ئۇنى بۇرۇنلا دەپئىي قىلىۋەتكەن بولاتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قايسى شەيئى بولسۇن ، ئۇ ئەتىراپىمىزدا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپتىكى ماھىيەتلىرىنى ئېنىق تونىشىمىز كېرەكتۇر ! كۆزنەك شۇلار بىلەن بەك يېقىن ئوخشايدۇ گەپلىرى قارىغاندا دېيىشىڭلار مۇمكىن . ئەمما مەن ئۇلارنىڭ سۇرۇنىنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت MTW لەردىنلا كۆرگەن يىرىم ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغان يىرىم بار . شۇلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ ھەقنى قۇبۇل قىلىپ دىندا راستچىللاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلار مەۋجۇتتۇر . كىملەركى قايسىكى يوللارنى بېسىپ كىيىنكى ئۆزلىرىگە مۇلاقات بولغانلارنى تەربىيلەپ چىقىشتا ۋاقتى كېلىپ موللا شۇ قىسمەتكە كىرىشنى ئېيتسا ئۇ چوقۇم كىرىشى كېرەكتۇر . ئەمما نېمە ئۈچۈنلكىنى ئالدىراپ سورىمىسۇن ۋە موللا ئۇ كىيىن شۇ سۇرۇندىن چىققاندىن كىيىن ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېيتسۇن . ئۇنداق بولماي خۇددى ‹‹ مەن سىزنىڭ كەينىڭىزدىن ‹‹ بوھ ›› دەپ قورقۇتىمەن ، سىز قورققاندەك بولىۋالىسىز ›› دېگەندەك ، بەزى سىرلەرنى ئالدىدا ئېيتىپ قويسا ، ئۇنىڭدا ھېچ ھاياجان بولمايدۇ . چۈنكى دىندىمۇ ھەم ھاياجاننىڭ تىگىشلىك ئەڭ قىممەتلىك ئورنى باردۇر ! ئاقىۋەتتە ھەقىقەتكە يەتكەنلەردىن ھەر خىل يولدىكىلەردىن تەركىپ تاپقانلار بار بولۇپ ، جىنكەشلەر ئارىسىدىنمۇ ، يۇلتۇز ئىلمىسىگە چوقۇنغۇچىلاردىنمۇ ، يەھۇدىي - ناسارالاردىنمۇ ھەتتە توغرا يول ئىگىلىرى مۆئمىنلەر ئارىسىدىنمۇ ئاخىرقى پەللىگە ئۇلاشقۇچىلار بولۇپ ، كىملەركى قايسى يولدا قانداق قىلىپ ھەقىقەتنى تۇنىغان ۋە قايسى باسقۇچلارنى بېسىپ ئېخىرقى بىكەتكە يەتكەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ كىيىنكى تەربىيەت ئىچىدىكىلەرنى ئۆزلىرى باسقان يولدىن تېخىمۇ توغرا ۋە تېخىمۇ بىخەتەر بولغان يوللارنى باستۇرۇپ ھىدايەتكە ئېلىپ ماڭىدىغانلار مەۋجۇتتۇر ! ئەنە شۇلارغا قايسى نېمەتلەر دىنىي ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقلا بولىدىكەن ، تىگىشلىك نېسىۋىسى قەيەردە بولسۇن ، شۇ يەردىن ئېلىۋېلىشقا ھەقلىقتۇر . ئۇنداق بولماي ، ‹‹ سۈرە ياسىننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايمىز . بىز پەقەت ئىلگىركىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپلا ماڭىمىز . ئۇنىڭدىن باشقىسىنى تۇنىمايمىز ›› دېگۈچىلەر بولسىمۇ ، ئختىيار .
ئىسلام دىنى ۋە دىنىي ئىسلامدىكىلەر ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكلىرىنى بىلىشىدۇ . چۈنكى ئۇلار ھەر بىر شەيئىلەردە ئاللاھقا مۇراجەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىقبال - ئىستىخار قىلىدۇ . ئۇلار ئەنە شۇ ئاللاھقا چوقۇنۇشى بىلەن ئاللاھنىڭ شۇ خىل ئىقبال - ئىستىخارلىرى بىلەن يىتەكلىشىگە بويسۇنغان ھاللاردا مەيلى قەيەر بولسۇن ، قايسى سۇرۇن بولسۇن ئۇدۇللا كىرىپ كېتىۋېرىدۇ ۋە تىگىشلىك نېسىۋىسىنى تېپىپ ئۆز يولىغا راۋان بولىۋېرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئول كىشىنىڭ دىنىغا ۋە ئىسلامغا قارشى بولمىغان بارلىق سۇرۇنلاردا نېسىۋىسى بولسا ئۇنى ئېلىشتىن توسقۇچى ئول كىشىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ ھەمدە توسقۇچى زالىم بولىدۇ .
دىندا شەيئىگە چوقۇنۇش يوق ، ئەمما شەيئىدىن ياخشى پال ئېلىش باردۇر ! مۇنتىزىم بىر ۋاقىتقا چوقۇنۇش يوقتۇر ، ئەمما شۇ ۋاقىتتىن ياخشى پال ئېلىش باردۇر ! يەنى ، بىر ۋاقىتقا ( سائەت ۋاقتىغا ) دائىم نامازدا ياكى باشقا كىشىلەرگە ئۇمۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتقان ئەھۋاللاردا بىر ۋاقىتنى قەستەن بىكىتىدىكەن ، كىشىلەرنىڭ ۋە ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىن ياخشى پال ئېلىشنى ئىختىيار قىلغانلىقى چىقىدۇ . ئەمما بۇ ۋاقىتقا ھەم باشقا ۋاقىتلاردا ، باشقا يەرلەردە يەنىلا بىردەك مۇنتىزىملىشىپ چوقۇنۇپ كېتىدىكەن ، بۇ خىل قىممەتنى ئىسلام قۇبۇل قىلمايدۇ . ئاللاھ ئىسلامدا بەزى قىممەتكە چوقۇنۇشقا تەكىتلىگەن بولۇپ ، رامىزاندا ۋە باشقا دىنىي ئىشلاردا كۆپچىلىك بىرلىككە كېلىش ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىغا قاراشتا ئۇمۇملىقنى كۆزدە تۇتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلامىي قانۇنىغا خاسلاشتۇرغانلىقتىن ئاسماندىكى ئاينىڭ ۋاقتىغا قاراش ، ھەپتىدە بىر كۈن جۈمە بولۇش ...........قاتارلىق قۇرئان بېكىتكەن ھېچ ئىختىلاپىي يوق چوقۇنۇشلاردىن باشقىلاردا بولسا چوقۇنۇش يوق بەلكى ئېيتىلغاندەك ، ياخشى پال ئېلىش بار . مەسلەن : نۇۋرۇزنىڭ ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 21ى ياكى 22 سى ۋە ياكى 23 ى دېگەندەك . ئەمما كۆپىنچە يىغىلىشىپ نۇۋرۇز ئۆتكۈزۈش بولسا بىردەك بىر كۈن 21 - كۈنگە بىكىتىلىشى شۇ كۈندىن ياخشى پال ئېلىشنى ئخىتىيار قىلغانلىقىدۇر . چۈنكى شۇ كۈن ئۇمۇمىي يىغىلىش ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن . ئەمما يەككە ھاللاردا شۇ كۈنگىلا توغرىلاپ يىل باشلىنىش ، يىل ئاتلىنىش ، يېڭى يىل قاتارلىق چۈشەنچىدە ۋە ئۆي ئاقارتىش ، يېڭى يىللىق تاماق يىيىش ئىشلاردا ھەر يىلى يەنىلا شۇ پەقەت بىر كۈنگىلا توغرىلىنىۋېلىش بولسا يۇلتۇز ئىلمىسىگە چوقۇنىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن قورغانىي شەرىئەت ئىسلام دىنى بۇيرىمىغان شەيئىگە چوقۇنۇشنى كەلتۈرىدۇ . نۇۋرۇز توغرىسىدىكى تالىشىشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى مۇشۇ ! ئەمما نۇۋرۇز سۇرىنىدا داقا - دۇمباققا ئۇسۇلغا چۈشۈش ، ئىت - قوشقار ، توخۇلارنى سوقۇشقا سالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى كۆرۈش ، شۇ سۇرنلاردا قىز - چوكانلارغا غەيرىي ھىسىياتتە تەلپۈنۈش بىردەك ھەقىقەت - ئىسلام تەرىپىدىن چەكلىنىدىغان ئىشلار بولۇپ ، بۇنىڭدەك قىسمەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشى لازىمدۇر ! پەقەت ئول كىشى ئەنە شۇنىڭدەك سۇرۇنلاردىن ئۆزلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ۋە شۇنى تاللىغان بولسا ئۇلارغا پايدىلىق قىممەتتىن توسۇش يوقتۇر . ئۆزلىرى شۇ خىل پايدىلىقنى ئالماسلىق بىلەن باشقىلارنى تىگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىشتىن توسۇش قىلغانلىق پاساتچىلىقنى ئاينىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزگە مۇلاقات قىلىنغان ، ھامىي ياكى كېپىل قىلىنغان كىشىلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈم پىچىڭ . پىچىشىڭىز چىگرايىڭىزدىن ھالقىپ كەتمىسۇن . چۈنكى دىندا زورلاش يوقتۇر . ھەممە ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ، كىملىكىنى مۇستەھكەم ساقلىسۇن ۋە قايسى شەيئى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولسا شۇنى ئىختىيار قىلسۇن . بىر قىممەتلىك سىنىپتىكىلەر ۋە ھېچ سىنىپسىزلەر باشقا سىنىپتىكىلەرنى ۋە سىنىپسىزلەرنى ئۆزلىرىگە بىۋاستە چوقۇنۇشقا قىستىمىسۇن . ھېچ كىشى ھېچ كىشىنى مەلۇم شەكىلنى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىشىغا مەجبۇرلاپ قويمىسۇن .شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى ئىلىمگە ، ھەقىقەتكە يەتمەكنى ئىزدىگەنلەر ئۆزلىرىگە ھامىي ياكى كېپىل بولالىغۇدەك ئىلىم ئەھلىلىرىنى تاپسۇن ۋە شۇ خىل قىممەتنى توغرا تۇنىسۇن !
|
|