- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 84
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 84
- تىزىملاتقان
- 2012-7-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- UID
- 42955
- يازما
- 84
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 84
- تىزىملاتقان
- 2012-7-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-29
- توردا
- 167 سائەت
|
ھازىر مۇسۇلمانلار جامائەسىنڭ رىئال ھاياتىغا قارايدىغان بولساق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە،ئىبادەتلىرىگە،ئەھلى ئىسلامنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت،قايدەيۇسۇنلىرىغا دىن نامى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان كۆپلىگەن بىدئەت،خۇراپتلارنى كۆرىمىز،مۇناپىقىلارتەرىپىدىن ئويدۇرۇپ شەرىئەتكەتاڭغان بۇبىدئەتلەر،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئازدۇرۇپ ئۆزى ياشاۋااتقان جايلاردادىقەت قىلىنىدىغان ئادەم قىلىپ قويدى.
ئەسلىدە ئاللاھنىڭ دىنى سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئىنسانىيەت ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. ئۇ ھېچكىمنى بىئارام قىلمايدۇ. سۇ ۋە ھاۋا ھېچكىمگە، ھەتتا ھېچبىر جانلىق ۋە ھېچقانداق ئۆسۈملۈككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بەلكىدە سۇ ۋە ھاۋا ھەر نەرسە ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ئىدى.ناھايىتى ئەپسۇس!
ئەمدى بۇئىنسانلار نىمە سەۋەپتىن ياشاۋاتقان جايلىرىدا دىققەت قىلىنىدىغان ئادەملەربۇلۇپ قالدى؟نىمەسەۋەپتىن خانە-ۋەيران بولۇپ كەتتى؟ھەقىقەتەن باشقىلاردىگەندەك دىننى ئېدقاد سەۋەبىدىن شۇنداق بولدىمۇ؟دەماللىقابۇنداق پاجىئەلەرنىڭ يۈزبېرىشى ،قارىماققادىننى ئېدقاد سەۋەبىدەك كۆرۈنسىمۇسەللادىققەت بىلەن كۈزەتسەك پەردە ئارقىسىدابىرتۈركۈم ئىسلام دىنىنىڭ تونىغا ئورىنىۋېلىپ ئۆزنەپسىگەچوغ تاتىۋاتقان دىننىي مۇناپىقلارنىڭ،«ئاكىلىرى»لىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ساتقىنلارنىڭ بارلىغىنى ھىس قىلىمىز.بىزبۇلارنى بىلمەي ھەم تازلىماي تۇرۇپ ھىچ بىرياخشىلىققائېرىشمەيمىز.
ئەمدى بىزكۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا يۇقۇردا دىيىلگەن مۇناپىق،ساتقۇنلارنى قانداق بايقايمىز.تۆۋەندەئۆزەم ھىس قىلغانلىرىم بويىچە سۆزلەپ ئۆتىمەكچى.خاتاكەتكەن يەرلىرى بولساكۆرسۈتۈپ بېرەسىلەر.
دىننى تونغائورۇنۋالغان مىللى مۇناپىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغابولغان چەكسىز ھۆرمىتى ھەم دىننى بىلملەردىن تۇلۇق خەۋىرى يوق ئىكەنلىگىدىن پايدىنلىپ، دىن نامىدىن ئۆزلىرى چاغلىشىپ پەتىۋا بېرىپ ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى گاھىدا ئالداپ گاھىدا قورقۇتۇپ ، ئۆزلىرىگە خالىس ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قىستايدىكەن. بۇنىڭ مىسالىرى شۇكى: تەرەقىياتنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى بولغان تىنىچلىقنى ،ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان ئىنسانلارغا سىلى-رەھىم قىلىشنى، ئىلىم-ئېرپان،ھۈنەر-كەسىپ ئۆگۈنۈشنى ئاللاھ تائالا بويرىغان دەپ ئايەت-ھەدىستىن دەلىل ئېلىپ، تەبلىق قىلغان ئۈلىمالارنى«قىزىل پاچاقلارنىڭ قول-چۇمىقى»دەپ تۆھمەت ۋە سۈيقەست قىلىپ، دىندارلارنىڭ ئۇيغۇرلارغاھەق دىننى يەتكۈزۈشتىن توساۋاتقان،
«ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىق» دەپ دىيارىمىزدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقان ئۇ ئەزىز مىللەتنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا، ئۆمۈرلۈك مۇساپىرچىلىققا ۋە چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا دەۋەت قىلىۋاتقان،
ئۇلارئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى مەڭگۈ ئىلىمدىن يىراق قالدۇرشلا مەنپەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن، ئىلىم-پەن بولسا بىزنىڭ كۈشەندىمىزدەپ قاراپ ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرى ئارسىدا«پەننى مەكتەپنى كاپىرلارمۇسۇلمانلارغاقارشى تۇرۇشقا ئاچقان ، ئۇيەردە ئاللاھقاشىرىك ئىشلارسۆزلىنىدۇ»، ئەر ئەرئوقۇتقۇچىلىرى بولسا باسقۇنچى ، ئايال خانىملارى بولسا يالىڭاچ يۈرىدىغان شاللاق دەپ سۆزلەپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشۈرۈپ بالىلىرىنى مەكتەپلەردىن توختىتۋېلىشقامەجبۇرلاۋاتقان، ئاقىۋەتتەبۇبالىلار بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن ھۈنەركەسىپسىز ،نام نىشانسىز قېلىپ ،جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئەرزان پۇللۇق ئىشلەمچى بولۇشقا مەجبۇربولىۋاتقان.
ئۇلاريەنە ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتلىلق يولىرىنى تارايتىش مەخسىتىدە «ساقال قويمىغانلار كاپىر»دەپ ئۇيغۇرلارنى ياشاۋاتقان جايلىرىداپەرىقلىق يۈرۈشكە زورلاۋاتقان،شۇسەۋەپلىك ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قاتتىق باستۇرىشىغائۇچىراۋاتقان، «ھازىرقى ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ » دەپ مەسچىت –جامەلىرىمىزنى مۇسۇلمانلاردىن «پاكىزلاپ» كۇپۇرنىڭ خىزمىتىگە تولۇق سۇنۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچەساخلىنىپ قالغان بىردىن -بىربايلىغى بولغان «ناھشا-ئۇسۇل سەنىتىنى» شەيتاننىڭ ئىشى دەپ قارلاپ يوقۇتۇشقائۇرىنىۋاتقان، «مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ پۈتكۈل ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-فابرىكا ۋە كان-كارخانىلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ «ئاكا» لىرىغا ئىش ئورنى تەييارلاشقا تىرىشىۋاتقان، «مائاش ئالغانلار كاپىر» دەپ ئىشچى-خىزمەتچى ۋە پېنسىيەگە چىققان مۇسۇلمانلارنى ھارام يېگەنلىك بىلەن ئەيىبلەپ ،ئىشسىز ئۇيغۇرلاربىلەن دىخانلارنى ،خىزمەتچىلەرگەقارشى قىلىپ ئۆزىنىڭ گۈشىنى ئۆزىنىڭ يېغىداقورۇۋاتقان، ئۇلارمۇسۇلمانلارنىڭ«قۇربان ھېيت» بىلەن «روزى ھېيتىدىن» ئىبارەت ئىككىلادىننى بايرىمىدىن باشقادىننى بايراملارنى ئۆتكۈزىشنى چەكلىگەن ،مەنادىكى مۇبارەك سۆزىنى بورمىلاپ ،دىن بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ، مىللى روھىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان،ئۆملىككە دەۋەت قىلدىغان«نۇرۇز» بايرىمىمىزغا غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلىپ، مىللى بىرلىكىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغاتوسقۇنلۇق قىلۋاتقان،ئاللاھ تائالانىڭ «ئەۋرەتلىرىڭلارنى يۆگەڭلەر»دىگەن كەلىمىسنى بۇراپ ئەرەپ ئايالىرنىڭ مىللىيچەكىيىمى«جىلباپنى كېيىشنى»مۇسۇلمانچىلىق دەپ تەبلىق قىلىپ ،شۇئارقىلىق ئۇيغۇرئاياللىرىنىڭ بىربەلگۈسى ،مىللەتنىڭ خاسلىغى بولغان چىمەن دۇپىلارنى ،ئەتلەس كۆڭلەركلەرنى كىيىشتىن ۋاز كېچىشكە زورلاۋاتقان، ئۇلاريەنەئۇيغۇرلارئارسىدا «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»،«خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»«ئىسسىتقۇ - سوۋۇتقۇ قىلىش»، ،… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلارنى ئۆزلىرى چوڭ بىلگەن «ئۈلىمالاردىن»،«زەيىپ ھەدىسلەردىن »نەقىل ئېلىپ،ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىڭ كاللىسىغا دۇنيا - ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشلىمەيلا ئوقۇسىمۇ قولغا كېلىدىغانلىغىنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرمۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىق،ئىجادچانلىق روھىنى بۇغۇۋاتقان، «كاپىرلاربىلەن دوس بولغانلار مۇناپىقلاردۇر» دىيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ،ئاللاھنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلاردىن بولغان بەندىلىرى بىلەن ئۆزارامەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشقا قارشى تۇرۋاتقان ،ئۇلار مۆرتى كەلسە ئاللاھقاياخشى كۆرىنىش ئۈچۈن ،چىرايلق ياسىنىپ يۈرگەن خانىم قىزلىرىمىزنى ھىچبىر دەلىل ئىسپاتسىز بۇزۇققا چىقىرىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ«ئاللاھ گۈزەلدۇر،ئۇ گۈزەل نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ»دىگەن گېپىنى ئۇسۇرۇققاتەڭ قىلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈېلىشقابولۇدىكى ، يىللاردىن بويان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچەقېتىملاپ خەلقنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇپ ،تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ نىمەئۈچۈن مەغلۇپ بولىۋاتقانلىغىنى بىلمەسلىگىمىز ئانچەتەسكەتوختىمايدۇ.
ئەمدى ھەقىقەتەن مۇناپىقلارتەبلىق قىلغاندەك بىزنىڭ بۇمۇبارەك دىنىمىز زالىملىقنى،جاھىلىقنى ،كونىلىقنى تەشۋىق قىلدىغان دىنمۇ؟ بۇنىڭغاجاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن يەنىلائاللاھنىڭ كىتاۋى قۇرئان كەرىم-ھەدىسلەرگە خىتاپ قىلماي تۇرالمايمىز.مەسىلەن:«قۇئان كەرىم»نىڭ بىرمۇنچە ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەردە ئىناقلىق، ھەمكارلىق، مىھرىبانلىق روھى تەكىتلىنىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ «مۇسۇلمانلار ئۆزارا قېرىنداش، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ»(بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان244-ھەىسنىڭ بىرقىسمى)،مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگەياردەم قىلىشى كېرەكلىگىنى ،دىندىن پايدىنلىنىپ تۇرمۇش يوللىرىنى تارايتىشقا قەتئى بولمايدىغانلىغىنى،«گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، كىشلەرنىڭ ئەيىبىنى، ئىزدىمەڭلەر، تىڭتىڭلاپ، يۈرمەڭلەر،ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار، ئۆزئارا قېرىنداشلارچە بولۇڭلار» دىيىش ئارقىلىق يۇقارقى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ روھىغا زىت كېلىدىغان، تەپرىقچىلىق، گۇمانخورلۇق،ئۇرۇشۇش، چېقىمچىلىق ،غەيۋەت شىكايەت قاتارلىق، ئىللەتلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ. ماۋۇ ھەدىستە بولساپەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ «كىمكى بىرەر مۇسۇلمانغا ئەرزىيەت يەتكۈزسە ماڭا ئەرزىيەت يەتكۈزگەن بولىدۇ »، «مۇسۇلملاننى تىللاش پاسىقلىقتۇر،ئۇنى ئۆلتۈرۈش كۇفرلۇقتۇر.بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان1559-ھەىس »دىيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ،تىللاشنىڭ ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھ ئىشلار بولۇپ قاتتىق، ئەيىپلىنىدىغانلىغى، پەيغەمبەربىرىمىزنىڭ «مۇئىمىن ئادەم كىشىلەرگەتىل تەككۈزمەيدۇ،كىشىلەرنى قاغىمايدۇ، يامان سۆزقىلمايدۇ ۋە سۈرەن سالمايدۇ.تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 1555-ھەدىس»،«كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىگىگە يېتەرلىكتۇ.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 1574-ھەدىس»دىيىش ئارقىلىق «ئىپپەتلىك مۇئىمىن ئاياللارنى ھىچبىردەلىل ئىسپاتسىز بۇزۇق دەپ قاراچاپلىغانلارنىڭ» مۇسۇلمان ئەمەسلىگىنى،ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىگىنى كۆرسەتسە ، ئىسلام دىنىمىز ئۆزنۆۋىتىدە يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىگى ئۈچۈن نۇرغۇن ئاسانلىقلارنى يارتىپ بەرگەن. مەسىلەن:ئاللاھ تائالائىگەم بەندىلىرىگە«ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. بەقەرە سۈرە-(2/285)ئايەت» دىيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنى چاغلاپ ئىش قىلىشىقا،خام خىياللارغابېرىلمەي ،ئەمىليەتچىل بولۇشقابويرۇسا،«ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. بەقەرەسۈرە 185-ئايەت»دەپ بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى تىلەيدىغىنىنى بىلدۈرسە، پەيغەبىرىمزنىڭ«ھەقىقەتەن دىن ئاساندۇر، دىنداقاتتىق يول تۇتۇشقابولمايدۇ.كىمكى دىندا قاتتىق يول تۇتساھۆدىسىدىن چىقالماي، ئىشلىرىدا يېڭىلىپ قالىدۇ.شۇڭلاشقا ئوتتۇرھال يول تۇتۇڭلار(ھەدىس شەرىف 144-.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)»دىيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى ئىشلارنى چەكتىن ئاشۇرسەتمەي نورمال بۇلۇشى كېرەكلىگىنى تەۋسىيەقىلىدۇ.
پەيغەمبەرىمىزنىڭ «شۈبھىسىزكى،ئاللاھ تائالاسىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا ۋە تاشقى كۆرنۈشىڭلەرگە ئەمەس،بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەممەلىرىڭلارغا قارايدۇ»(ھەدىس شەرىف-7.مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دىگەن گېپىدىن شۇنى كۆرۈۋالايمىزكى ھىجاپلىنىپ يۈرسىلا مۇسۇلمان بولمايدىغانلىغىنى ، ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن نىيىتىنىڭ دۇرۇس، ئىش-ئەمەلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە پايدىلىق بۇلىشى كېرەكلىگىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ : «دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزەڭلەر بىلەرسىلەر(ئىبنى ماجەۋە ئەھمەدرىۋايەت،قىلغان)»دىگەن،سۆزىنى،دىيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشتىكى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاسۇنلىرىنى، يىمەك ئىچمەكلەرنىڭ خۇرۇچلىرىنى،ئۆرۈپ-ئادەت ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ زۇقلىرىغائاساسەن ئەقىلىرىگەتايىنىپ ياخشى بىرتەرەپ قىلسابولىدىغانلىغىنى شەرھىلەيدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ:«كىمكى ئىلىم ئېلىش يولىدا ماڭىدىكەن ،ئالاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان1381-ھەدىس)،«زەكەريا ئەلەيھىسالام ياغاچلىق بىلەن تىرىكچىلىق قىلاتتى»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان542-ھەدىس)دىگەن سۆزىدىن ئۇچۇق بىلىنىپ تۇرۇپتىكى،كۈندۇلۇك تۇرمىشىمىزدا پەيغەمبەرلەرنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇلۇنۇشنىڭ، ئىلىم-ئېرپان ئۆگۈنىشنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىنى تۇتقانلىق بولدىغانلىغىنى، مۇمتەھىنە سۈرىسىنىڭ مۇنۇ8-ئايەتىدىن شۇنى ئېنىق بىلەلەيمىزكى«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»دىگەن كەلمىسىدىن مۇسۇلمانلارغائۆزرىسىز زۇلۇم قىلمىغان غەيرى مۇسۇلمانلاربىلەن دۇنيالىق ئىشلاردا ياخشى ئۆتسە بۇلىدىغانلىغىنى، يۇسۇف سۈرىسىدىكى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ دەسلەپتە خەزىنە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلغانلىغى، بۇ قىسسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ بىر كاپىرنىڭ ياكى كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرشۇنى ئۇچۇق كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتىكى ئىسلام دىنىنىڭ باشقىلاردەۋەت قىلغاندەك ئۇنداق مۇتەسىپ دىن ئەمەسلىگىنى ،ئەكسىچە ئىسلام دىنىنىڭ بولسا، مەرىپەتنىڭ مەشئىلىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان،باشقىلار غاسىلى-رەھىم قىلىشنى، يېڭىقلىققا، گۈزەللىكە ئىنتىلىشنىدەۋەت قىلىدىغان ،تىنىچلىقنى سۈيىدىغان ھەققانى دىن ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالايمىز.
ئاخىرىدائۇيغۇرقېرىنداشلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىداتۇرغان نۇرۇزبايرىمىنى تەبىرىكلەيمەن.نۇرۇزبايرىمىڭلارغاقۇتلۇق بولسۇن!
پايدىلانغان ماتىرياللار:قۇرئان كەرىم،ھەدىس شەرىف،مۇسۇلمانلارتورى.
|
|