- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 345 سائەت
|
barisjan يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:14 
خاپا بولماي سورىغان سۇئالىرىمغائايەت-ھەدىسلەردىن دە ...
ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى [31]. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) [32]. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز» [33ـ34]. (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق [35]. بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق [36]. ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق [37]. مۇسانىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق [38]. پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى [39]. پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر [40]. ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق [41]. ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما - تالاڭ) قىلىۋېتەتتى [42]. سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق [43]. ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى [44]. ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى [45]. ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى [46].زارىيات
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ كۆپىنچىسى دەل ئىلگىركى مۇسۇلمانلار ئاممىسىدۇر ، ئىلگىركى توغرا يول ئۈستىدىكىلەردۇر . ئۇلار دەل ئۆز ۋاقتىدىكى كىتابلارغا توغرا يۈزلەنمىگەن ھەمدە توغرا تىلاۋەتچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماي نېمە قىلسا شۇنى قىلىشىۋەرگەنلەرنىڭ ئاقىۋېتى .
ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ [60ـ61]. بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا اﷲ نىڭ تۇتقان يولى) اﷲ نىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، اﷲ نىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن [62].ئەھزاب
ئاللاھنىڭ يولى تارىختىن بۇيان ھەقتىن ئاداشقان ۋە شەيئىنى ، مەخلۇقنى ئاللاھقا ئىلاھلىقتا ، مەبۇدلۇقتا شېرىك قىلىۋالغان ھاللاردا ئۆزلىرىنى ئەھلى مۇسۇلمان دەپ جاكارلىغان ۋە ئۆزلىرىگە بويسۇنۇشقا چاقىرىق قىلىۋاتقانلارغا ئورتاق ھالدا يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان ئاقىۋەتتۇر - ئاخىرەتتۇر . ئىلگىركىلەرمۇ دەل بۇ خىل ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكىدىن نېمە قىلسا شۇنى قىلىشىۋەرگەن . ھەزىرقى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم نېمە قىلسا شۇنى قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئايرىم يول تەيىن قىلىشىپ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى شۇ خىل يولدا بولۇشنى تىلىشىۋاتىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەرگە قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ . ئەمما قەلىبلەر تاشتىنمۇ قېتىپ كەتكەنلەر بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن ھەيران قېلىشىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا زەردە بىلەن قارشىلىق قىلىشىدۇ . تارىختا پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن . ئەمما قۇرئاندا بىر كىشىدىن باشقا ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلمەيدىغانلىقى ، ئەمما باشقىچە يۇسۇندا ، ئىنكار قىلىشسىمۇ ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . شۇڭا دەيدۇ << پىتنە قىلىش ئادەم ئۆلتۈرگەندىنمۇ يامان >> دەپ .
قۇرئان نازىل قىلىنغاندىن تارتىپ ھەر بىر زامان زامانلارنى ۋە ماكانلارنى سۆلەپ بېرىدۇ . چۈنكى ئاللاھ قۇرئاننى ئىلگىركىلەرنىڭ تارىخىنى مەۋقەلەپ تۇرۇپ كىيىنكى ئىشلارنى كىرىشتۈرۈپ نازىل قىلغان . شۇنىڭدەك ، بۈگۈنىمىزدىكى ۋە كىيىنلىكىمىزدىكى ھەر بىر ياخشى - يامانغا ئىگە ئىشلارنىڭ كېلىشى ، روياپقا چىقىشى ۋە ئايەتلەردىن دەلىللەپ تىلاۋەت قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇ تەقدىرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
تارىختا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ھەقىقەتەن پەرىشتە ئەلچى بولۇپ كېلىپ خەۋەر بەرگەندەك ، قۇرئاندىن شۇنىڭدەك ئىلىملەر ئەمەلىيەتتە كىملەرگە بېرىلسە ۋە ئۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەن ئىلىم - ھەقىقەت ، بىشارەت شۇ ئەلچى بولغۇسىدۇر .
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرنى قۇرئانغا ھەمدە ئۆزىنىڭ سۈننىتىگە ئېسىلىشقا كىيىنكىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان . ھەممە مۇسۇلمان ئۆزلىرى تىللىرىدا قۇرئانغا ئاساسلىنىدىغانلىقىدەك ئەقىدىسىنى بىلدۈرىشىدۇ . ئەمما ، بۇ يەردىكى ئىشىنىش دەل ئۇنىڭ ھەقىقىي يۆلۈنىشىگە چۈشۈشنى بىلدۈرىدۇ . ھەرگىزمۇ ئۇنى يادلاپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ رادىكاللارچە ئىلگىركىلەرنىڭ نەتىجىسىگە ، ئىمانىغا كۆشىگەندەك ئولتۇرۇپ بېرىشنى ئەمەس .
ئىلگىركىلەرنىڭ ئارىسىدىن كىملەركى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئاساسلانغان ۋە ئۇنى توغرا ئوقۇپ بەرگەنلەرگە ئەگەشكەن ئىكەن ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئازابتىن ساقلىغان . شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ كىتابى مەلۇم بىر ۋاقىتقىچە ئاللاھنىڭ ئالدىن پۈتكەن ئىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن تاماملىنىدۇ . ئەمما زالىملار ئاللاھنىڭ ئايىتىنىڭ بىر بۆلۈكىگە ئىشەنسە يەنە بىر بۆلۈكىنى يالغانغا چىقىرىش بىلەن دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ، كىيىىنكى توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنىڭ << ئازگالغا >> چۈشۈپ كېتىشىدەك ئالدىن بىشارەت بېرىلگەن ئايەتلەرنىڭ تىلاۋىتىگە ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارنى يالغانغا چىقىرىدۇ . ئىلگىركىلەرمۇ شۇنداق بولغان ۋە ھازىرقىلارمۇ ، بۇندىن كىيىنكىلەرمۇ شۇنداق بولىدۇ .
قۇرئان ھەر بىر زامان ۋە ماكانلارنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا بىر بۆلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا بىر قانچە يولنىڭ ، يۆلۈنۈشلۈك لىنىيەلەرنىڭ ئايرىلىدىغانلىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ قايسى خاتا ۋە قايسى توغرا ئىكەنلىكىنى توغرا كۆرسۈتۈپ بەرگۈچى ئەڭگۈشتەردۇر . قۇرئان ئالدىن ئىنسانىيەت ئالىمىگە سىزىلىپ يېزىلغان چېرتوژىدۇر ۋە ئالدىن يېزىلغان رومانىدۇر . بۇ چوقۇم دەۋىرلىنىپ تۈگەيدۇ ۋە چوقۇم ئوقۇلۇپ سۆزلىنىدۇ ، رىئاللىقتا يۈز بېرىدۇ . شۇڭا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرنى قۇرئانغا ئاسالىنىشقا تەلەپ قىلغان .
قۇرئان توغرا كۆرسەتكەن بارلىق يوللار مەيلى پىرئەۋىن مىسالى زالىملارنىڭ ھويلىسىدا بولسۇن ، ئىتلار پۇتىنى سوزۇپ ياتقۇچى كەھفتە بولسۇن ، نەمرۇدنىڭ ئوتى ئاستىدا بولسۇن ياكى زۇلەيخانىڭ ھۇجرىسىدا بولسۇن ، ھامان غالىب كېلىدۇ . شۇڭا قۇرئان تەقۋادارلارغا يېتەكچى . تەقۋالىقى دار بولماستىن قۇرئاننى ئوقۇسا ئۇنىڭدىن يېتەرلىك نېمەت ئالالمايدۇ . شۇڭا تەقۋالىقنى توغرا رەۋىشتە قىلغۇچىنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ ئالىم بەندىسى بولىدۇ . ئەنە شۇلارنىڭ ئىشىنى ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئەنە شۇلارنى ھىدايەتكە يېتەكلىگەن بولىدۇ . ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىدۇر . ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەرگە ئەگىشىمىز . ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كىم بەك زۇۋانداز بولسا ، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كىمنىڭ زەردىسى بەك كۈچلۈك بولسا ، ھۆكۈمەتكە قارغۇلارچە بولسىمۇ ئۆچ بولسا ..... شۇنداقلارغا بەكرەك مايىل كېلىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنىڭمۇ ئەسلى قانۇنىيىتى بولىدۇ . قۇرئاندا پىرئەۋىن ھېچقاچان مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ھۇجۇرىسىدىكى ۋاقتىدا ئۆلتۈرۈشنى تىلىمىگەن . ئەگەر شۇنداقراق بىر ئايەت بولغان بولسا ، زالىملارنىڭ ھويلىسىغا ھېچ بىر ئەقىل ئىگىسى كىرمىگەن بولاتتى .
|
|