- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- توردا
- 345 سائەت
|
ahat1024 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 14:07 
ماۋۇ تېتىقسىز داشقالنىڭ گىپنى.....!!!
سەندەك جاھىل قاتم ...
پىتنە شۇ دەرىجىدە قاپلاندىكى ، بارلىق كىشىنىڭ كۆزىگە ھەممىۋاسى جوھۇت ، مۇناپىقلام كۆرىنىدۇ .
ئىنكاستا شۇندىغاراق بىر نېمىلەرنى دېسىغۇ تۈزىتىش بەرسەك ، ئەمما ، تېمىدا بىراقلا ھۆكۈمنى بېرىپ مۇشۇنداق دەپ كېسىپ سۆزلىسە ، قانداقمۇ ئۇنىڭغا توغرا رەۋىشتە رەدىيە بەرگىلى بولسۇن .
باشقا مۇنبەرلەردە ھەم كۆردۈم ، ھىجابنى ئاپتاپتىن توسۇلۇش ئۈچۈن دەپ يۈرۈپتۇ . ھەر قانچە چۈشەندۈرسىمۇ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىپتۇ . شۇنداق ئىكەن ، بۇ ھالدا قانداقمۇ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىر قىلغىلى بولسۇن .
ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ۋە ھەدىسىنى يېزىپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن نېمىنىلا دېسە بولىۋېرىدىكەندە سىزنىڭچە .....
دېدىمغۇ ، ھەر بىر ھۆكۈمنىڭ تېگىشلىك بولغان جاۋابى ، شەرھىيسى بولىدۇ . ئەنە شۇنى كەلتۈرگەندە خۇددى پارازىنتقا چېچىلغان زەھەردەك تېتىيدۇ . بولمىسا شۇنداق جودالىشىدىغان گەپ . ئەمەلىيەتتە تېمىدا ئېيتىلغان بەزى تەرەپلەرنىڭ خېلى ئاساسى بار . ئەمما ، ئەسلى بولمىغان يەكۈنلەر ھەم بولغانلىقتىن ياكى ئىنكار قىلىشقا ، ياكى ئېتىراپ قىلىشقا ئۇرىنالمايدۇ .
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى.
شۇنىڭدەك ، بەزى ھۆكۈملەر توغىرىدەك قىلغان بىلەن ، بەزىلىرى توغرا بولمىسا مۇشۇ خىل كىشىلەرنىڭ مەۋقەسىگە چۈشۈپ قالىدىغان گەپ . شۇڭا ، كىملا بولسا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئىشتتى دەپلا ھەممىگە بىردەك ئىشىنىپ كېتىش توغرا ئەمەس .
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ [100].ئال ئىمران
قاپقارا بىر كاپىرغا ھېچ بىر مۆئمىن ئىتائەت قىلمايدۇ . ئەمما بەزى سۆزلىرى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئەسلى خاتاسىنى سۆزلىگۈچىلەرمۇ بىلمىگە ئاساستا قەسەم قىلىپ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىپ ، ئىلگىركى ئىمانىدىن يېنىشتەك ماھىيەتتىن كاپىر بولۇپ قالىدىغان گەپ .
ئۇيغۇرلار ئارا توردا مۇنازىرە قىلىشىۋاتقىلى ۋە خېلى ئۇمۇملاشقىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى . يېڭىچە تېمىلارنىڭ كۆپىنچىسى دەل مۇنازىرىلەردىن چىقىدۇ . مۇنازىرە خام مەسىلىنى پىشۇرىدۇ . شۇڭا تېخى خام بولغان نەرسىلەرنى تېما قىلىپ يازماي ئاۋۋال مۇنازىرىگە سېلىش كېرەك . بولمىسا مۇشۇ تېمىدىكىدەك ئىنكارلا قىلساڭ سەن مۇناپىق دەپ تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئەقىدىسىنى ئالاق - جالاق قىلىۋېتىدۇ دە ، مۇناپىقلىق قالپاقنى ھەممىۋاسىغا كەيدۈرۈش بىلەن تەيىن تېپىشىدۇ .
ئەمەلىيەتتە تېمىغا ھېچقانداق ئىنكاس يازماي دېگەن ئىدىم . ئەمما ، تېخى پىشمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا باشقىلارنىڭ تېما ئىگىسىگە ئوخشاش ئېتىقاد شەكىللىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىم . چۇڭا يۇقىرىدىكى ئىنكاسنى بەردىم . ئاقىۋەتتە مەن سىزگە ۋە تېما ئىگىسىگە مۇناپىق بولدۇم . ئەلۋەتتە ، بىر كىشىگە مۇناپىق بولۇش بەك قورقۇپ كەتكۈدەكمۇ ئىش ئەمەس . چۈنكى مەنمۇ مۇنبەرلەردە بەزىدە بەزى كىشىلەرنىڭ قارىرىغا قارشى كاپىرمۇ بولىمەن .
شۇڭا ھەقىقىي كاپىر ۋە ھەقىقىي مۇناپىق قانداق كىشى ئۈستىدە ئويلۇنۇش قىلىش بىرىنچى ئاساس . ئاندىن كىشىلەر ئارا بىر - بىرلىرىگە مۇناپىق ھەم كاپىر بولۇش بۇ باشقا ئاساس .
تېما ئىگىسىنىڭ مىسرانىمدىكى ئەلپازىدىنلا بۇ يەردىمۇ ھەم ھەق تەرەپلىك گەپ يېمەيدىغانلىقى ئۇنىڭ ھەر بىر قارارىدىنلا ئېنىق ئىدى . شۇڭا مەن شۇنداقراق تېمىلارغا كىرىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىلىشتىن يىراق بولغاچ ، شۇنداقراق ئىنكاس يازدىم . شۇڭا مېنى مۇناپىق دەمسىلە ياكى كاپىر دەمسىلە بەرىبىر . ئەمما ، ئاغزىمنى تىل ئاھانەتكە ئىشتىپ بۇزمايمەن . شۇڭا رباشقا مۇنبەردە يەتكەن ئازارىڭلارنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن راسا تىللىۋېلىڭلار . بىز كۆنۈپ كەتتۇق . |
|