ئىگىسى: gvzal3.8

ئىملا جەدۋىلى(گۈزەل3.8)  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دەقيانوس

UID
2638
يازما
160
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
5750
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-8 00:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل 3.8 سىزنىڭ توردىكى ئىملا مەسىللىرى ئۈچۈن غەم يەپ، بۇ تىمىنى يولىلىغىنىڭىزدىن سۇيۇندۇم. ئىملا خاتالىقى كىمدە يوق، بىراق بىز ئۇنى يوق قىلشقا تىرشىشىمىز لازىم . ئېغىز تىلدىكى سۆزلەر ئەينەن يىزىلىشى بەزىدە نورمال ئىش،چۇنكى بۇ تور دۇنياسى ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئاممىباپلىق، يەنى ئاممىغا يىقىن بۇلۇش، ئەمما بەزى نورمال بولمىغان ئېغىز تىلىدىكى سۆزلەر (ئۇستىدىكى تورداشلار مىسال ئالغاندەك) چۇقۇم تۈزىتىلشى كېرەك. يەنە كىلىپ بىزنىڭ يىزىق ئۆزگەرتىشىمزنىڭ كۆپ بۇلغانلىقىدىن، يەنە كىلىپ ئەڭ ئاخىرقى بىكىتىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بولغاچقا، ئىملا قائىدىسى تىخى مۇكەممەللەشمىگەن،شۇڭا ھازىرغىچە بىز بۇنىڭدىن خالىي بۇلالمايۋاتىمىز.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەخلاق_ئادەم زىن

UID
2139
يازما
205
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
7283
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 00:10:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.مۇشۇ "ئىملا جەدۋىلى" ئارقىلىق يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ،تەھرىرلەرنىڭ يۈكىمۇ يىنىكلەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تورداشلارنىڭ(مەنمۇ ھەم) ئەسەر يوللاشتىن بۇرۇن بەزى خاس سۆزلەرنى بولۇپمۇ باشقا تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلۈكلەرنى مۇشۇ ئىملا جەدۋىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بىر دوستۇڭ كۆپەيسە،بىر يولۇڭ كۆپىيىدۇ.

UID
2456
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2010-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 12:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 28قەۋەتتىكىerki يوللىغان 2010-06-06 01:14 غا قارتىلغان :
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،   لېكىن سىزنىڭ تىزىملاتقان ئىسمىڭىزدا خاتالىق باركەن. نېمىشقا ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتېن يېزىقىدا تىزىملاتمايسىز ؟   


زۇلپىكار ، سىزنىڭ ئىمزايىڭىزدىكى شېئىرنى خاتا يادلىۋاپسىز ...  










بۇ 40قەۋەتتىكىgvzal3.8 يوللىغان 2010-06-07 00:44 غا قارتىلغان :
   ھۆرمەتلىك تورداشلار:
   مېنىڭ بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىمنى توغرا چۈشەنسەڭلار، ھەقىقىي ئاۋاز قوشماقچى بولساڭلار بۇ تېمام داۋاملىق ساقلىنىپ قالسۇن، ئەگەر بۇ تېمامغا خاپىلىق ئىزدەپ كىرسەڭلار، ئۆچۈرۈۋېتەي، مەن سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا زەھەردەك سوغۇق گەپ بىلەن ئىنكاس يېزىشىڭلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىمىدىم(ئەلۋەتتە، ئەقلى ئويغاق ھەر قانداق بىر تورداش بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ).
   مەن بۇ تېمىغا چۈشكەن ھەم ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسلارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقتىم، ئۆچۈرۈلگەن ئىنكاسلار تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار ئىكەن. ئەمەلىي پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللانغان بىر تېمىغا ئاشۇنداق ئىنكاسلار چۈشسە، سىلەرچە قانداق بولار؟
    يەنە بىر گەپ، بىز مۇنبەر سېغىنىپ ئون ئاينى ئۆتكۈزدۇق، ئەمدىلىكتە مۇنبەرنىڭ ئىنكاس يېزىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپلا بىر-بىرىمىزگە سوغۇق گەپ قىلىپ، نەشتەر سانچىشنى باشلايمىزما؟

.......  









ھەممىمىز ئۇيغۇر  ئانايېزىقىمىزنى قەدىرلەيمىز ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇر تورچىلىقى بارلىققا كىلىپ مۇشۇ كەمگىچە ،بىرقانچە قېتىملىق تىل-يېزىق چەكلىمە ،يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئەڭ ئاۋۋال كىشلەر  ئۇيغۇر كونا يېزىقى يەنى ھازىر سىز مۇشۇ يەرگە ئىنكاس يېزىشتا ئىشلىتىۋاتقان يېزىقنى بىكار قىلىپ ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى .ئەمما بۇنىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغىنىنى ئۇقامسىز؟  شۇڭا پىروگراممىرلىرىمىز بارچە ئاماللار  بىلەن  خەتنى قەلەمدە يېزىپ ،سايىلەش ئارقىلىق ئۇنى رەسىم قىلىپ  ياكى كومپىيۇتىردىكى گىرافىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەتلەر نۇرمال كۆرسەتكەن ئىدى . مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى كومپىيۇتېرنىڭ ئائېلىلەرگىچە يىتىپ كىلىشى ،ئۇيغۇر پىروگراممىرلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيۇتېرغا زادى تونۇتمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇتتى . شۇنىڭ بىلەن پىروگراممىرلار بۇ تۈرلەردە چوڭقۇر ئىزدىنىپ يېڭى يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ زەپەر قۇچۇپ كەلمەكتە . (بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشەي دىسىڭىز www.ukij.orgگە مۇراجەت قىلغايسىز)


ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ توغرىسىدا تولۇق بىرلىككە كىلىنىپ بولغان !  
پەقەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئىشلىتىمىز ! ئۇنى كىرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان ئورۇنلاردا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە ئىشلەتسەك بولىدۇ !

تورنامى مەسلىسىگە كەلسەك  توربىكەت ئادرىسىغا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىشنى تەۋسيە قىلساق بولىدۇ !
ئەمما توردىكى توربىكەتلەردىكى ئەزالار نامىغا كەلسەك بۇ بىر ئەركىنلىك ئەلۋەتتە يۇقارسىنىڭ ھەممىسى ئەركىنلىك ! سىز نىمە ئۈچۈن ulinix.cn   ulinix.com  لارغا  ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئىشلەتمەيسىز دىيەلمەيسىز؟ نىمىشقا ئۇلار ئۆلچەمسىز يېزىقتا تۇرسىمۇ سىز كۈندە زىيارەت قىلىپ تۇرىسىڭىز؟
مەسلەن مەن ئىلگىرى haqan    دەپ تورئىسمى ئىشلەتكەن دەيلى  بۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىنچە ئوقۇغاندا شاقان   بولىدۇ .   ulyچە  xaqan   ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىنچە ئوقۇغاندا خاقان بولىدۇ ئەمما ئۆلچەمسىز تەلەپپۇز قىلغاندا يەنىلا  شاقان بولىدۇ !  
بۇ توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلمايمىز چۈنكى بۇ توغرىسىدا بىرلىككە كىلىپ بولغان .
پەقەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئىشلىتىمىز ! ئۇنى كىرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان ئورۇنلاردا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە ئىشلەتسەك بولىدۇ !

مەسلەن : ب د ت   دەيلى   سىز بۇنى  بادام دوپپىلىق تاز   دىسىڭىزمۇ ياكى بالامنى دادىسى تىللىدى  دىسىڭىزمۇ ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ  شۇڭا
سىز دىگەندەك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا تىزىملاتسىمۇ ياكى باشقا نامدا تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ . مەسلەن تېلېزوردىكى ئېلانلارغا قارايلى . چايناڭ .....چايناڭ ئۆلگىچە چايناڭ . بۇ خەت يېزىلىشى : qaynang  ئىكەن     بۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىنچە تەلەپپۇز قىلسىڭىز   قايناڭ   دىگەن گەپ بولىدۇ . يەنە  نۇرغۇن مەسلەن : ihlas  ماركىسىغا قارايلى  بۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بويىنچە ئىشلاس   دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز . ئەمما ئىخلاس كىشلەرگە تونۇلغان بىر ماركا  كىشلەرگە ihlas  نى كۆرسەتسىڭىز يەنىلا ئىخلاس دەپ ئوقۇيدۇ . شۇڭا بۇيەردىكى تورنامىمۇ بىر ماركا . مەسلەن : ئاتامان دەيلى  بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ چۈنكى ataman بىر تور نام ماركىسى بولۇپ قالغان . مەسلەن :salkin   ياكى mayinxamal دەيلى  بۇنىمۇ ھەممە سەلكىن دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ بۇمۇ بىر تورنام ماركىسى ، شۇڭا بۇيەردىكى gvzal3.8 مۇ بىر تورنام ماركىسى .  شۇڭار بۇيەردە قوللىنىۋاتقان بەزى ئىسىملار يالغۇز كىشلەرنىڭ قارىشى بولماستىن تارىخ تەرىپىدىن بىر ماركىغا ئايلانغان ! شۇڭا بۇيەردە ئۆز گەرتىش ئۆزگەرتمەسلىك مەسلىسى ئىچىدە تاللاش بولسا ئۆزگەرتىش خاتا دىگەن يەكۈن چىقىدۇ !.
ئەركى
پەقەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئىشلىتىمىز ! ئۇنى كىرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان ئورۇنلاردا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوشۇمچە ئىشلەتسەك بولىدۇ !
ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ ئەزا تىزىملىتىش ئىقتىدارىنى بايا تەكشۈرۈپ باقتىم 100% ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللايدىكەن . سىز نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتمەيسىز؟ ئەجىبا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ چاقىرىنى باشقىلارغا نەشتەر سانجىش ئۈچۈن ئىشلىتىمىزمۇ ؟ نىمىشقا چاقىرىققا ئۆزىمىز رۇئايە قىلمايمىز؟  


ئىملا تەھرىرلەش مەسلىسىگە كەلگەندە مۇھەممەد ئاكىمىز ئاللىبۇرۇن بۇخىل توربەتكە قىستۇرىدىغان ئىملا تەكشۈرگىلەرنى تارقاتتى ...

(تەھرىرگە مەزكۇر يازمامدا ئىملاخاتالىقى بايقىسىز تەھرىرلىمەي شۇپېتى چىقىرىپ بەرگەيسىز. بەزى سۆزلەرنىڭ خاراكترى شۇ ئىملادىن ئۆزگىرەپ كىتىدۇ . نۇردىن)

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2387
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1763
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 13:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىز گۈزەل ھەدە بىلەن تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى ھە!
كۆپ ئەجىر قىلىۋاتىسىز،رەخمەت سىزگە!

UID
2617
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
217
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 16:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم جان تىلىم............. بىزدەك باسمىچىلارغۇ قاتتىق دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ بۇنداق ئىشلارغا، بەزىدە يىغىن سۆزلىرى دىگەندەك ماتېرىياللار ئوقۇغاندا توغرا تەلەپپۇز قىلىنمىسا خاتا پېتى ئوقۇلىۋەرسە مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ..........
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ئۇماق.........

دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئەمىن تاپىدۇ....!

UID
2033
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
866
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-14 20:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بەك ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.ئانا  تىلىمىزنىى  قوغدايلى!!!

UID
2838
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
300
تىزىملاتقان
2010-6-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-16 16:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل ھەدە ، ئەلكۈيى تورى بىر گۆھەرگە ئېرىشپتۇ .  جىق يازسام  خاتالىق چىقىدۇ ، بەلكىم چىقىپمۇ بولغاندۇ ، ئاستا قاچاي.

ئىشتان چۈشۈپ قالغىچە پىرقىراپ ئۇسسۇل ئوينايمەن!

UID
2724
يازما
336
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10988
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-17 12:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەمەت سىزگە مۇشۇنداق كەمچىللىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە ھەقىقەتەن ياخشى تىما بۇپتۇ

كۆيۈمچان ئەزا

قاسىمجان

UID
3013
يازما
84
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3090
تىزىملاتقان
2010-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 20:30:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلىڭزدىن قىزىل گۈل ئۈنسۇن

كۆيۈمچان ئەزا

“农们养3个猪。一个吃东西,一个在

UID
2791
يازما
41
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2027
تىزىملاتقان
2010-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2010-9-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-22 02:41:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش