بۇ 35قەۋەتتىكىmenggutax يوللىغان 2010-06-06 17:27 غا قارتىلغان :
خىلى جىق ئادەملەر خەت باسقاندا ئىملاغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، چۇنكى ئۇلار ئىملا قائىدىسىنى ئانچە بىلمەيدۇ ياكى بىلسىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. قىسقىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرچە خەتلەرنى باسقاندا ئىملاغا ۋە ئىملا قائىدىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. 
توردىشىمىز مەڭگۈتاشنىڭ ئىنكاسىدىكى تىنىش بەلگىلەرنىڭ قويۇلۇشىنى مەن شەخسەن توغرا دەپ قارايمەن. لېكىن ئۇنىڭ ئىمزاسىدىكى "
ياخشى ئادەم بىر ئۆمۈر تېنىچ ئۆتىدۇ!" دېگەن جۈملىدە "
تېنىچ" دېگەن سۆزنىڭ ئىملاسى توغرا ئەمەس. توغرىسى: "
تىنچ". يەنە بۇ جۈملىنى بىر فورمۇلا دەپ قاراپ، مۇشۇ قېلىپنى ئۆلچەم قىلىپ ياخشىلارنى باھالايدىغان بولساق، تارىخىمىزدىكى مەمتېلى ئەپەندى (تەۋپىق)، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر "ياخشى" ئادەم ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بىر ئۆمۈر
تىنچ ئۆتمىگەن.