تۆگىنى پۈتۈن ھالىتىدە كاۋاپ قىلغاننى كۆرۈپ...
ئەنۋەر جۇلا
ئەڭ دەسلەپ كاۋاپچىلارنىڭ قوينى تولۇمچىلاپ سويۇپ، پۈتۈن ھالىتىنى بۇزماي كاۋاپ قىلغىنىنى يېڭىلىق سۈپىتىدە گېزىت-ژورنال، تېلېۋېزوردا كۆرگىنىمدە تېنىم شۈركىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغىمۇ ئالاھىزەل 20 يىلدىن ئاشتى، بۇنداق پۈتۈن قوي كاۋىپىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكە، بۇرۇنقىدەك ھەيران قالمايدىغان، شەكلىنىپ، بەدىنىم تېكەنلىشىپ كەتمەيدىغان بولغانىدى.
ئەمما، ھازىر ھەرخىل يەرمەنكىلەردە ساز ياسايدىغان ئۇستىلار داپ بىلەن دۇتار، غىجەك بىلەن ساتارنى 4 توننىلىق ماشىنىغا باسقۇدەك يوغان ياساپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغاندەك، ناۋايلار خۇمداندەك يوغان تونۇردا بىر نەچچە خالتا ئۇننىڭ خېمىرىدا بىر ناننى پىشۇرۇپ جىنىس رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان غەيرىتىنى ئىپادىلىگەندەك كاۋاپچىلارمۇ بوش كەلمەي قوينى پۈتۈن شەكلىدە كاۋاپ قىلىشتىن تۆگىنى پۈتۈن ھالىتىدە كاۋاپ قىلىشقا تەرەققى قىلىۋېتىپتۇ.
مەن بۇ كۆرۈنۈشنى تۇنجى قېتىم بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىدا يىراقتىن كۆرگەن ئىدىم. لېكىن يېقىن بېرىپ قارىسام، ناۋادا يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلىم بولۇپ قالسا شۇ يەردىلا تۇنجۇقۇپ قالماي دەپ ئويلاپ نېرىغا كەتكەن ئىدىم. مانا، بىر نەچچە كۈن ئاۋال مەلۇم بىر تور بەتتە پۈتۈن شەكلىدە پىشۇرۇلغان تۆگىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ يۈرىكىمگە راستىنلا ئاغرىق كىرىپ كەتتى.
ئۇ سۈرەتنىڭ كۆرۈنىشى مۇنداق:
ئۇچىسىغا ئاق خالات، بېشىغا ئاق پوسما كىيىپ بوينىغا يەرمەنكىگە قاتنىشىش كېنىشكىسى ئاسقان 3 يىگىت پۈتۈن گەۋدىسى تۆمۈر بادىرا ۋە تۆمۈر چىۋىقلار بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان، تونۇردىن ئەمدىلا پىشىپ چىققان تۆگىنىڭ بەدىنىدىن ئەشۇ تۆمۈر قۇرۇلمىلارنى ئاجرىتىپ ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى، ئەتراپىدا بولسا بىر نەچچە خېرىدار قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا، بىنانىڭ ئالدىدا ئەشۇ بىنادىن ئېگىزرەك ئورنىتىلغان 3 تال ئۇزۇن بادرا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان بىر چىغرىغسىمان كىراننىڭ سۈرىتى بار ئىدى. قارىغاندا، تېرىسى سويۇلغان پۈتۈن تۆگە مۇشۇ كىران ئارقىلىق قانداقتۇر يوغان بىر تونۇرغا سېلىنىدىغان بولسا كېرەك. لېكىن، تونۇرنىڭ سۈرىتىنى ئادەملەر توسۇۋالغاچقا كۆرەلمىدىم.
بۇمۇ بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ھۈنەرۋەن- كاسىپلىرىمىزنىڭ «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ» «يېڭىلىق يارىتىشچان جەمىيەت بەرپا قىلىش»تا كۆرسۈتىۋاتقان «تىرىشچان»لىقلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
لېكىن مەن، كۆكرىگىنىڭ قاپ ئوتتۇرى بىلەك توملۇقىدىكى تۆمۈر بىلەن تېشىپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى پۇتى شۇ تۆمۈردىن ۋېرتىكال ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بارماق چوڭلۇقىدىكى تۆمۈردە چېتىلىپ چىڭىتىلغان، بوينىنىڭ پەسكە ساڭگىلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن باش تەرىپى ئىككى تال ئۇزۇن تۆمۈر بىلەن ئىككى جاۋغىيى ئۈستىدىن قىسىلىپ كاۋاپلانغان ھالىتىدىكى پۈتۈن تۆگىنىڭ ئېچىنىشلىق سىياقىدىن دەھشەتلىك ئوت ئاپىتىنىڭ، جازا لاگېرىدا تىرىك كۆيدۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭ، ھەتتا دوزاخنىڭ زەنجىرسىمان تەسەۋۋۇرىدىن باشقا بىرەرمۇ ئىجابىي تۇيغۇغا ئېرىشەلمىدىم. بەلكى، لوكىسىدىن تارتىپ پۈتۈنلىكى بۇزۇلمىغان، پۇچۇلىنىپ ياغلىرى ئېقىپ تۇرغان تۆگىنىڭ تىرىك سىياقتىكى تۇرقىغا قاراپ كۆڭلۈم ئاينىپ قۇسۇۋەتكىلى تاس قالدىم، ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان كۆڭۈل غەشلىكىدىن بىردەممۇ نېرى بولالمىدىم، كاللامغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى.
بۇ بەلكى مېنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمدىكى كۈلتۈرەل تۇيغۇ بىلەن پەقەت سىغىشالمايدىغان بىر خىل كۆرۈنۈشنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.
چۈنكى، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئايىتى بىلەن بوغۇزلىنىپ، قېنى تولۇق ئېقىتىلىپ، كاللىسى تېنىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن ھالال ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەپ چوڭ بولغان ئىدىم.
چۈنكى، مەن يېمەك- ئىچمەكتە ھالال- ھاراملىقى كۆرۈنۈشى، قىلىقىدىن قوي- كالا، ئات-تۆگىنىڭ گۆشىنى ھالال، توڭگۇز- ئېشەك ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھارام قىلىنغان، پەرھىزى قاتتىق كۈلتۈرگە مەنسۇپ ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىدىم.
چۈنكى، مەن «يەڭلار، ئىچىڭلار، لېكىن ئىسراپ قىلماڭلار» دېگەن كۆرسەتمىنى تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭدۈرگەن، ئىكىئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭى ناھىيىتى كۈچلۈك بىر خەلقنىڭ پەرزەنتى ئىدىم.
مېنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمدىكى كۈلتۈرەل تۇيغۇ مانا مۇشۇ كۈلتۈرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشلەردىن ھار ئېلىپ قۇسۇۋەتكىلى تاس قالغىنىم مېنىڭچە، جەمىيەت تەرەققىياتىغا قىلىنغان بىر ئىغۋاگەرچىلىك ھېساپلانمىسا كېرەك. چۈنكى، مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ئېلىشىپ كەتكىنى قىل سىغماس بىر ھەقىقەت ئىدى.
مەن مۇسۇلمان كۈلتۈرىگە مەنسۇپ بىر خەلقنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۈتۈن ھالىتى بۇزۇلمىغان ھايۋانلارنىڭ كاۋاپ قىلىنغان ھالەتتىكى تېنىگە پىچاق سۈركەشتىن ھەزەر ئەيلەيمەن، ئۇنىڭ ھالاللىقىدىن شەكلىنىمەن.
چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئىسلام دىنىدا قېنى تولۇق ئېقىتىلمىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يىيىش ھارام قىلىنغان، قوي بىلەن تۆگىنىڭ گېلىغا ئازراق پىچاق سۈركەپ ئۇنى بېشىدىن پۈتۈنلەي ئاجرىتىۋەتمىسە، ئۇنىڭ قېنىنى تولۇق ئاققۇزۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ناتايىن. چۈنكى، پىچاق تەگمىگەن جايدىن قان تولۇق ئېقىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى قوي-كالا ۋە تۆگىنىڭ بويۇن قىسمىدىكى قان-تومۇرلار ئۇنىڭ قورساق قىسمىنىڭ يېرىلغان جايىدىكى قان- تومۇرلار بىلەن تۇتاشمايدۇ. دېمەك، گېلىنىڭ پىچاق تەگمىگەن جايىدىكى قان-تومۇرلاردا بەلگىلىك مىقداردا قان سۇيۇقلىقى قېلىپ قالىدۇ. بۇ «قېنى تولۇق ئاققۇزۇلۇش» دېگەن پىرىنسىپال قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئىسلام دىنىدا ھەشەمەتچىلىك قىلىش، جانلىقلارنىڭ سۈرىتىنى تەسۋىرلەش بىر خىل گۇناھ تۇيغۇسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. ھايۋاننى ناھىيىتى ئېگىز كىران بىلەن تونۇرغا چۈشۈرۈپ پۈتۈن ھالىتىدە پىشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى گويا تىرىكتەك كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كاۋاپچىلار ئۇنىڭ تېنىگە ھەر خىل تۆمۈر قۇرۇلمىلارنى تىقىپ مۇقىملاشتۇرىدىكەن، بۇ ئىنساننىڭ رەھىمدىللىك ھېسسىياتىغا قىلىنغان بىر خىل ئىغۋاگەرچىلىكتۇر ۋە ھەشەمەتنى كۆز- كۆز قىلغانلىقتۇر. ئۇندىن باشقا كاۋاپ پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىغا بىر نەچچە يېشىل يوپۇرماقنى چىشلىتىپ قويىدىكەن، بۇ ھايۋاننىڭ تىرىكلىكىنى تەسۋىرلەش، ئاڭا ئۇنى تىرىك ھالىتىدە يىيىشتەك بىر خىل يات كۈلتۈرگە مەنسۇپ بولغان ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئاڭسىزلارچە دوراشتۇر. بۇ يات كۈلتۈردىكى خەلقلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ئۆرپ-ئادەتتۇر، مەسىلەن ياۋروپالىقلار مېھمانلارغا زىياپەت بەرگەندە چوشقا كۈچىكىنى پۈتۈن ھالىتىدە پىشۇرۇپ ئەكىلىپ دەستىرخاننىڭ قاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. يەنە بەزى قەۋملەر ئىچىدىكى پۇلدارلار ئارىسىدا ھەتتا قەپەزگە سولانغان تىرىك مايمۇننىڭ مېڭىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنى چىرقىرىتىپ تۇرۇپ يەيدىغان ئادەتمۇ بار. گەرچە، ھۆكۈمەت بۇ خىل قىلمىشنى چەكلەۋاتقان بولسىمۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى مەلۇم دەرىجىدە ھىس قىلىش مۈمكىنكى، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى پۈتۈن ھالىتىدە كاۋاپ قىلىشنى باشلىغانلىقى ھەرگىزمۇ ئىجادىيەتكە مەنسۇپ «يېڭىلىق» ئەمەس، بەلكى، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى بىر خىل قارىغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىشتۇر. مەن مەدەنىيەتلەر ئارا كۆچۈرۈپ كېلىش، تەقلىد قىلىشقا قارشى ئەمەسمەن. لېكىن، كۈلتۈرنىڭ نېگىزلىك، يادرولۇق قىممىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ قارا-قويۇق كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ئاڭسىزلاچە ھەرىكەتلەرنى توغرا تاپمايمەن.
ھايۋانلارنى پۈتۈن ھالىتىدە كاۋاپ قىلىش مۇسۇلمان كۈلتۈرىدىكى كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلالمايدىغان بىر خىل كۆرۈنۈشتۇر. ئۇنىڭ دىنىي جەھەتتىكى مەنىسىنى دېمىگەندىمۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا چېتىلىدىغان گۈزەللىك قارىشى، رەھىمدىللىك قارىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئىچكى خۇي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدىغان بىر خىل چاكىنىلىقتۇر، ھەددىدىن ئاشقان بىر خىل پىسخىك زوراۋانلىقىدۇر. ئۇ باشقىلاردا قانچىلىك يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلسۇن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشتەيلىرىنى قانچىلىك قوزغىۋەتسۇن، پېقىر ئۇنىڭغا مەڭگۈ قەي قىلىش بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.
2012-يىلى 3-ماي.
مەنبەسى: ئۆز ئىجايىتىم.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-3 09:35):
ماقالە پەقەت ئۆزەمنىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.