ئىگىسى: enwer-jula

تۆگىنى پۈتۈن ھالىتىدە كاۋاپ قىلغاننى كۆرۈپ...     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16979
يازما
81
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
201
تىزىملاتقان
2011-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
51 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 01:54:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋەھشىيلىك دىسەك ماۋۇلارنى دىسەك بولغىدەك، پۈتۈن تۆگە كاۋىپىنى مەن يەپ باقمىغان، سەۋەبى مەن ئەزەلدىن ئات ، تۆگە گۆشلىرىنى يىمەيمەن، بىراق قوي، توخو، بېلىق ...قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈن پىشۇرغانلىرىنى يىگەن، ماھىيەتتە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تۆگە كاۋىپىنىڭ بۇلاردىن پەرقى يوق، بۇنداق كاۋاپلارنىڭ يۇرتۇمدا كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاقلاۋاتقىنىم يوق،  بۇ تىمىدىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇنازىرىلەر بۇلىۋېتىپتۇ، مەنمۇ خېلى كۆپ بىلىملىك بۇلۇپ قالدىم ، ئەنۋەر ئەپەندى سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر سورونى بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت .مۇنازىرىمۇ ياخشى باشلىنىپ ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ،  ۋاقتىڭىز بولسا ئۇستىخان يىلىمى ھەققىدە تەپسىلىرەك ماقالىدىن بىرنى يازسىڭىز شۇ ھەقتە كۆپرەك مۇنازىرىلەشسەك، بۇ ھازىرقى  تەييار يېمەكلىكلەر ئىچىدە دىققەت قىلىدىغان خۇرۇچ بۇلۇپ قالغاندەك قىلىدۇ...

UID
37536
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:58:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  ماجاھان  نىم  بوپ كېتىۋاتىدۇ .............................ئەتە - ئۆگۈن  ئادەمنىمۇ  ئاشۇنداق  تونۇر كاۋىپى  قىلىۋېتەمدۇ  نىمە????????????

باھا سۆز

adilkanun  ما دۇمباقمۇ ياخشى چېلىنىپتۇ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:01:05

UID
37557
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 11:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  گەپ  پەقەتلا  بولماپتۇ  قىلدىىغان  ئشى  يوق  چېغى  بۇ  ئاداشنىڭ  سوكۈشكە  تىگىشلىك نۇرغۇن  ئىش  تۇرسا   كاۋاپ بىلەن  قالغىنى  نېمىسى

UID
36772
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:12:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
enwer-jula يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 18:18
بۇەۇنكى كۈنگە كەلگەندە كاۋاپنىڭ تۈرلىرى خىللىشىپ،جاھ ...

ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى بىلەن تۇردى توختى ئەپەندىلەر ! سىلەرنىڭ دەتالاش قىلىۋىرىپ ئۆزەڭلارنىڭ پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىنغان تۆگىدەك ‹‹ تىلسىماتقا ›› ئايلىنىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن .
      پۈتۈن پىشۇرسىمۇ بولىدۇ ، پارچىلاپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ ، گەپ ، ئەقىدىمىزگە خىلاپ كەلمىگەن بولسىلا بولدىغۇ ؟ اللەنىڭ نامى بىلەن ئېيتىلىپ بوغۇزلانغانلا بولسا ، پىشۇرۇش دىگەن بەندىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ، قانداق پىشۇرغۇسى كەلسە شۇنداق پىشۇرسۇن . بۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن باغلاشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ؟ جېنى چىقىپ بولغان ھايۋاننى قانداقلا پىشۇرمايلى ئۇ ئاغرىقنى سېزەمدۇ ؟  راست تۆگىنىڭ پۈتۈن كاۋىپى قارىماققا بەك ھەيۋەتلىك تۇرىدىكەن ، كۆڭلىمىزمۇ سەل غەلىتە بولۇپ قالىدىكەن ، ئۇ پەقەت بىر تېخنىكىنى نامايان قىلغان سەنئەت ئەسىرىكەنغۇ ؟ ھەممىلا ئادەم بۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىغاندىكىن كۆرۈپلا قويساق ئىش تۈگىدى . ئەگەر رەھىمسزلىك دېسەك ، ئۇنى ئۇرۇپ -سوقۇپ ياكى دىگەن جايدىن باشقا ئورۇندىن ئۆلتۈرگەن بولسا شۇنى رەھىمسىزلىك دېسەك بولىدۇ . ھالاللىق بىلەن بوغۇزلىغان بولسا گۆشى ھالال ، ھالال گۆشنى شۈكرى بىلەن يېيىشمۇ ھالال . خالىسىڭىز ئوڭدا يېتىپ يەڭ ، خالىسىڭىز ئولتۇرۇپ ... نېمە ئوشۇق دەتالاش بۇ ؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-6 15:14):
‹‹اللەنىڭ نامى ئېيتىلىپ ›› دەپ ئوقۇلسا !

UID
17306
يازما
64
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
844
تىزىملاتقان
2011-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 23:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆگە بىزنىڭ موسۇلمان ئۇستىلىرىمىزنىڭ قولىدا ئاللاھ نىڭ ئىسمى زىكرى قىلىنىپ ،بوغۇزلانغانلا بولسا مىنىڭچە شەك يوق.
بۇ ئۈرۈمچىدە سېتىلىۋاتقان «ئىچكى مۇڭغۇل قوي گۆشلىرى » دىن كۆپ ئىشەنچىلىك . يېقىننىڭياقى ( 3يىلدەك بولۇپ قالدى ) ىچكى مۇڭغۇلدا تەييالانغان قوي گۆشلىرى ئۈرۈمچى ،سانجى ،تۇرپان ....دىگەندەك يەرلەردىكى چوڭ تاللا بازارلىرىدا  سېتىلىۋاتىدۇ .   بۇ يەرگە قاراڭلار :  http://www.nur.cn/news/2012/05/66832.shtml
ئەنىۋەرجان ،بولسا مۇشۇنداق ئىشلارنى مۇنازىرە قىلايلى !دىمىسىمۇ ئوپئوچۇق ئۆزىمىزنى- ئۆزىمىز غاجاۋاتىمىز .

UID
2730
يازما
274
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7900
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 03:58:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا يەردە قانداق بىلمىدىم ئەممە بىزنىڭ ناھىيە تەرەپتە ھېچ ئۇنداق ئىشنى ( تونۇر كاۋاپ قىلىنغان قوي ياكى ئوغلاقنىڭ بېشى بىلەن پىشۇرغاننى )  كۆرۈپ  باقمىغان ئىدىم  ، بىر  قېتىم تېلىۋىزوردا بىر مەشرەپتىمۇ ئىشقىلىپ بىر پروگراممىدا كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم ،،، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئېلىشقان ،،
تورداش ئەنۋەر جۇلانىڭ بۇ تېمىسىنى ئوقۇۋېتىپ شەرھىلىگەن شۇ تۆگىنىڭ ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ مېنىڭمۇ قەي قىلغۇم كەۋاتىدۇ ...!

UID
18839
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنڭىدا ئاپتورنىڭ قارىشىنىمۇ، كاۋاپچىنىڭ قىلمىشىنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. كاۋاپ مەدەنيىتى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەك- ئىچمەك مەدەنيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. كاۋاپچىلىرمىزمۇ بىزگە نىسبەتەن ھالال قىلىنغان جاننى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ كاۋاپ قىلىپ بەرمىگەندۇ؟ شۇڭا بىھۇدە شۈبھىلىنىپ كېتىشنىڭمۇ ئورنى يوق. پۈتۈن پېتى كاۋاپ قىلىشمۇ شۇ كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ! بۇنىڭغىمۇ زور دەرىجىدە ئىقتىسادى مەبلەغ ۋە تېىنىكا كېتىدۇ. ئەڭ ياخشى ئىجابى نوقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆز كىشلىرىمىزنى قوللايلى. تىجارەتچىلەرمۇ ئىنساپ- دىيانەتىنى، دىننى ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ تىجارەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 14:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىققان تورداشلىرىمىزغا ئايانكى ئەسەردە  ئاساس قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى قانداقتۇر ھالال - ھاراملىقىنى ئايرىش مەسىلىسى ئەمەس .( گەرچە مەلۈم جەھەتتىن تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ )  مەنمۇ دەسلەپتە ئەسەرنى تەنقىدىي نەزەردە تۇرۇپ ئوقۇپ چىققاندىن تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن بولسا ، كۆز قارىشىم ئاساسەن ئاپتورنىڭ قارىشىغا ئوخشاش بولۇپ قالدى دىسەممۇ بولىدۇ . مېنىڭ قارىشىمچە ، بۇنىڭدا گەرچە ئۇيغۇرنىڭ كاۋاپ مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان بولسىمۇ ، تۆگىنىڭ پىشىپ چىقىرىلغان شەكلى ھەم پىشۇرۇش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ، كىشىگە خۇددى  ئۆلۈك نەرسىنى ، تىرىككە ئوخشىتىپ تۇرۇپ يىيىش ۋە شۇ خىل يىيىشتىن ھوزۇرلانغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدىكەن . بۇ ئەلۋەتتە مىللتىمىزنىڭ ھەم ئىسلام دىنىنىڭ رەھىمدىل بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ دەپ ئويلايمەن  . گەرچە ھالاللاپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ . مېنىڭچە روھىي جەھەتتىكى بۇزۇلۇش مانا مۇشۇنداق ئاز - ئازدىن ، بەزى كىشىلەر تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ دىگەن كىچىك ئىشلاردىن باشلانسا كېرەك ........
   بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىۋېتىپ  « ئۇيغۇرزادە » نىڭ « ئاۋانگارتلىق گۈمراھلىقمۇ » دىگەن تېمىسى يادىمغا كېلىپ قالدى . قارىغاندا « ئويغۇرزادە » مۇ  خۇددى ئەنۋەر جۇلاغا ئوخشاش ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك ئىشلارنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيىتىنى بولغاشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىپتىكەن . بۇ تېما بىلەن « ئۇيغۇرزادە » نىڭ « ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ » دىگەن تېمىسىدىكى ئالغا سۈرۈلگەن سېلىشتۇرۈپ كۆرسەك ، « ئۇيغۇرزادە » نىڭ ئىدىيىسى بىزنىڭ ھەقىقەتەن سۆيۈنىشىمىزگە ئەرزىمدۇ قانداق ؟
  ئەنۋەر ئەپەندىم ، يازمىڭىزغا تەشەككۈر !
  

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-11 14:34):
«ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە» دەپ تولۇقلاپ ئوقارسىلەر ، بىر سۆز چۈشۈپ قاپتۇ .

باھا سۆز

چالىھقۇشى  مۇشۇنى چۈشىنىدىغان ئادەمدىن بىرسى بولسىمۇ چىقىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 18:45:05
چالىھقۇشى  ئەسىلىمۇ دىمەكچى بولغان گەپ مۇشۇ ئىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 18:44:30

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 00:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردە ئاپتور ئۆزنىڭ تۇيغۇسىنى يېزىپتۇ .گەرچە سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ياقىلىمساممۇ ،سىزنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىڭىزنى ھۆرمەت قىلمەن .ئەنۋەركا ،بۇ يازمىڭىزدا ھەقىقەتەن يەڭگىللىك بار،سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى چۈشىنشكە بولىدۇ .لېكىن پۈتۈن پىشۇرۇلغان قوي كاۋىپىنىڭمۇ بېشى بار .ھەرگىز بېشىنى ئۈزۈپ ئېلۋەتمەيدۇ .بىر قوينى سويۇش جەريانىدىمۇ بېشىنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ ،بەلكى ئۇنىڭ بويۇن ئارتىرىيە تومۇرىنى كەسسىلا بولىدۇ (ئەلۋەتتە ،ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ قائىدىسىنى قىلىپ بولۇپ)،ئۇنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈۋەتمەيدۇ .بويۇن ئارتىرىيە كېسلىپ قان پۈتۈنلەي ئېقىپ تۈگىگەندىن كېين ئۇنىڭ بېشىنى كېسۋىتىدۇ ،ئەگەر پۈتۈن كاۋاپ قىلماقچى بولسا ،قوينىڭ بېشىنى كېسۋىتىسنىڭ ھاجىتى يوق .
  

UID
26078
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 14:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۈلكىلىك  ،  ھەقىقەتەن كۈلكىلىك . ھەممە  نەرسە  بىزنىڭ  مۇقەددەس  كىتاۋىمىزدا  ناھايتى  ئىنىق  تۇرسىمۇ  يەنە نىمە  تالاش-تارتىش  بۇ .   نىمە  غەرەز  باردۇ  ؟     ئىنساننىڭ ئەقلى  يىتىشمەيدىغان  ئشلارنى ياراتقۇچىمىز  بىزگە  ئىنىق  كۆرسەتمە  بەردىغۇ  ...  تۇخۇمغا  تۈك ئۈندۇرىشتىن باشقا  ئىشىمىز  يوقما  بىزنىڭ ...     تەپەككۇرى سۈزۈك  ئەنۋەر  ئەپەندىنىڭ  بۇنداق  كۈلكىلىك  قاراشنى  ئوتۇرغا قۇيىشى  مىنى  ئۈمىتسىز  تۇيغىغا   ئىگە  قىلىپ  قويدى ...    ئەنۋەر ئەپەندىگە  ھىدايەت   تىلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش