ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنتى دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىدى

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئەلكۈيى تورى ئۈمىد 28-كۈنى خەۋىرى: ئۈمىد ئېيىنىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بورۇن «شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گوروھ چەكلىك شىركىتى» ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا «شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گوروھ چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش لىدىرى،باش مۇدىر رادىل ئابلا ،ئارمان شىركىتىنىڭ قانۇنى مەسلىھەتچىسى، ئادۋۇكاتى ياۋجىدۇڭ ئادۋۇكات،ئارمان شىركىتى پارتىيە ياچايكىسىنىڭ باش سېكرىتارى لىشيەن ئەي قاتارلىقلار قاتنىشىپ بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋالدى.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئەلكۈيى تورى، شىنجاڭ گېزىتى ،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى رادىيو ئىستانسىسى ،شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى،سەھەر گېزىتى قاتارلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار دىن بولۇپ 100گە يېقىن ئادەم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

«شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گوروھ چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش لىدىرى،باش مۇدىرى رادىل ئابلا ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنتى دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىپ سۆزلىمەكتە
شىركەت تەرەپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئارمان ماركىسىنىڭ ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى،ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى كۆپلەپ بايقالغان.

ھەرقايسى تاراتقۇلاردىن كەلگەن مۇخبىرلار
خەلق ساغلاملىقىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىنى بىلىپ،«ساغلام يىمەكلىك،ساغلام ھايات»تىجارەت يۆنىلىشى بويىچە خەلقنى تەبىئىي،بىخەتەر ساغلام يېشىل يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان ئارمانلىقلار سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى،ئەلامۇلازىمىتى شۇنداقلا چىن نىيىتى بىلەن خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كىلىپ،17يىللىق بوشاشماي تىرىشىش ۋە تېخنىكا يېڭىلاش نەتىجىسىدە «شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گوروھ چەكلىك شىركىتى»مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش،تەتقىق قىلىش،سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن دۆلەت دەرىجىلىك يېزائىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا ۋە AAAA دەرىجىلىك ياخشى كارخانا بولۇپ مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر ساھەسىدىكى سەركەردىگە ئايلانغان.ئارمان شىركىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئوزۇن يىللىق تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرى سۈپىتىدە ئارمان ماركىسىنىڭ ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسىرى،ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملىق بايقالغان.

ئارمان شىركىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىغا دەخلى تەرۇز قىلغان مەھسۇلاتنىڭ كۆرسەتمىسى

ئارمان شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئەھۋاللاردىن تورىمىزنىڭ ئېگەللىشىچە: ئارمان شىركىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئالتاي قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان (چوڭلار ياڭاق تالقىنى )،(ئاياللار قۇۋۋەت تالقىنى) نىڭ سىرتقى ئورالمىسىدا ئارمان شىركىتىنىڭ پاتېنت ھوقوقىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىش قىلمىشى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۇبارەك سودا شىركىتىنىڭ ئارمان شىركىتىنىڭ (ئارمان چوڭلار قۇۋۋەت تالقىنى )،(ئاياللار قۇۋۋەت تالقىنى) پاتېنتىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىش قىلمىشىنى بايقىغان.
ئالتاي قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى،ئارمان شىركىتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لاھىيە پاتېنتىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەن،مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ بازارلىرىدا كۆپلەپ سېتىلغان،بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستىمال ئوبىكىتلىرى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بولغانلىقتىن ،كۆرۈش تۇيغۇسى جەھەتتىن كەڭ ئىستىمالچىلارنى ئېغىر دەرىجىدە قايمۇقتۇرۇپ،ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىپلا قالماي،يەنە ئارمان شىركىتىنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۇز قىلغان ھەم نورمال بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ئارمان شىركىتىگە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.

«شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گوروھ چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش لىدىرى،باش مۇدىرى رادىل ئابلا ئارمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتېنتى دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىپ سۆزلىمەكتە
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەلكۈيى مۇخبىرىنىڭ ئېگەللىشىچە: ئارمان شىركىتى مەزكۇر شىركەتلەر بىلەن بۇخىل قىلمىشنى توختىتىش توغرىسىدا مۇرەسسەلەشكەن بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن. ئارمان شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلىق ھوقوق مەنپەئىتىنى،شىركەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن 2011-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان . ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېسىم چىقارغاندىن كېيىن ئالتاي قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى بۇنىڭغا قايىل بولماي 2012-يىلى 3-ئايدا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا كېسىم چىقىرىپ ، ئالتاي قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ھوقوققا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغىنى شۇكى ئارمان شىركىتى جەمئىيەتنىڭ مۇقىم،ئىناقلىقىنى چىقىش قىلىپ تۆلەم مەسىلىسىدە يول قويۇپ،پەقەت قانۇنىي ھوقۇققا دەخلى -تەرۇز قىلمىشىنى توختاتسا تۆلەمنى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گوروھ چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش لىدىرى،باش مۇدىرى رادىل ئابلا ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
ئارمان شىركىتىنىڭ لېدىرى،باش دېرىكتورى رادىل ئابلائەلكۈيى مۇخبىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولى توغرىسىدا سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ : «ئارمان شىركىتىنىڭ كۈرەش نىشانى –جۇڭگۇنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ساھەسىدىكى سۈپەت ھەم ئىناۋەتتىكى بىرىنچى ماركىنى يارىتىش شۇنداقلا ئارمان ماركىسىنى شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە،دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش. بىز مۇشۇ نىشان بويىچە ئۆزلۈكسىز تىرىشىمىز.بۇ جەرياندا يۇقارقىدەك قانۇنىي ھوقوق مەنپىئەتىمىز ۋە شىركىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بايقالسا قانۇنىي يول ئارقىلىق قاتتىق زەربە بېرىپ باشقىلارنىڭ خەلقنى ئالدىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.»دېدى.


