bilgabag يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:09 
پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق. كۆپ قىسىم كىشىلەر م ...
مېنىڭ بىلىشىمچە ئارمان شىركىتى دەسلەپتە زاۋۇت قۇرمىغان چاغدا ئارماننىڭ تالقانلىرىنى ئالتاي قاناس سۈتچىلىك كەسپى چەكلىك شىركىتىدە ئشىلەپ بازارغا سالغان،بازار تاپقاندىن كېيىن زاۋۇت ئايرىپ چىققان.
مەن ئويلايمەن ئۇلار ئارىسىدا ئۇنچە تالاشقىدەك چوڭ مەسىلە يوق.
1.مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى رەسملىرىگە قاراپ باقسام گەرچە ئازىراق ئورالمىسدائوخشاشلىق بولسىمۇ،شىركەت نامى،ئادىرسى،تاۋار ماركىسدائوخشاشلىق يوق ئىكەن.(مەسلەن:بازاردا سېتىلىۋاتقان ئۇن خالتىسىنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭدە،يەنە فېرىما،ساڭزا،پىرەنىك،چاي، كەمپۈتلەرنىڭ ئوخشاشلىقى يوقمۇ؟بادام،ياڭاق،نوقۇت،سۈتلەرنىڭ كۆرۈنشى ئەزەلدىنلا ئوخشايدىغۇ؟!
2.تېلىۋىزوردا ئېلاننى بۇلشغا بېرىپ،ئۇنىڭغا كەتكەن زور چىقىمنى مالنىڭ باھاسىغاچاپلاپ،بىزدەك ئىستىمالچىلارغا ساتسا ھېچكىمنىڭ پىكىرى يوق ئىكەنۇ،ئالتاي قاناس سۈتچلىك كەسپى چەكلىك شىركىتى ئشلەپ چىقارغان سۈپىتى ياخشى،باھاسى مۇۋاپىق تالقانلارنى ئىستىمالچىلار تاللاپ ئىچسە بولمامدىكەن؟!
3.ھەرقانداق بىر شىركەت سۈپەتنى بىرنچى ئورۇنغا قويشى كېرەك. سۈپەت ئۆلچەملىكلا بولدىكەن باشقا مەسىللەر ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئىستىمالچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بار.ئىستىمالچىلار چوقۇم ئارماننىڭلا تالقىننى سېتىۋېلىش كېرەكمىدى؟!مەھسۇلاتىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بولسا ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ نىمە ھاجىتى؟!
4.ئارمان شېركىتى ئېيتقاندەك تۆلەم تۆلەتكەن ياكى تۆلەتمىگەنلىكى بىزگە قاراڭغۇ،ئۇنى ئولارنىڭ ئۆزلىرىلا بىلىشىدۇ.
5.مۇبارەك ،ئالتاي قاناس شېركىتىمۇئارمانغا ئوخشاشلا يىللاردىن بۇيان يۈزلىگەن ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىمىزگە چىقىش يولى ۋە خىزمەت ئورنى تەمىنلەپ،خەلقىمىزگە،جەمىئيەتكە ئۆزىگە يارشا تۆھپىسنى قوشىۋاتىدۇ.
ئەمدىكى گەپ قېرىنداشلار قايسىسنى تاللاش ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى!!!
تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ!!!!!!