ئىگىسى: alkuyi.com

شىنجاڭ ئارمان شىركىتى ئېغىر دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
37
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1027
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 15:53:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان شىركىتىنىڭ ئۆز ھوقۇق مەنپەئەتىنى تولۇق قوغدىشىنى توغرا دەپ قارايمەن،ئۇ ئىككى لاھىيەنى ئىشلىتىۋالغان شىركەت قىلغان ئەخلاقسىز قىلمىشىنى توختىتىپ ،ئارمان شىركىتىدىن ،خەلقىمىزدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك.ئارمان شىركىتىنىڭ تۆلەم مەسىلىسىدە تۆلەمنى ئالمايمىز،ئەخلاقسىز قىلمىشىنى،قانۇنسىز قىلمىشىنى توختاتسۇن دېيىشىگە بارىكاللا.
ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىدا مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ۋە تەرققىيات ئىھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى قەتئىي ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان بىر قاتار تەرتىپ , نورما -- ئۆلچەم، قىممەت ھۆكۈملىرى، ئۆرپ - ئادەتلەر ۋە پرىنسىپلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز بۇ سىستېمىنى ئەخلاق دەپ ئاتايمىز.
بۇ سىسىتېما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا «ياخشى»ياكى «توغرا» دەپ قارالغان تەرەپنى ھاياتقا پرىنسىپ قىلىش, «يامان» ياكى «خاتا» دەپ قارالغان تەرەپنى چەتكە تىپىش شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان «ياخشى» ياكى «توغرا» تەرەپ ئەخلاقنى، «يامان» ياكى «خاتا» تەرەپ ئەخلاقسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ.
يەنىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەندە،بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن، بىر بىرىگە زىيان يەتكۈزمەستىن، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ،ئۆز ئەتراپىدىكى ياخشى ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلانغىدەك شەكىلدە ئۆز ھەرىكىتىنى رەتكە سېلىشىقا يارايدىغان پرىنسىپلىرىنىڭ توپلىمى ئەخلاقنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئەخلاق ئىنساننىڭ ھەرىكەتلىرىنى رەتكە سالىدىغان ، چەكلەپ تۇرىدىغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەر ئۆزىگىمۇ ،ئەتراپتىكىلەرگىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان،ئۆزىنىمۇ ،ئەتراپتىكىلەرنىمۇ خۇشال قىلىدىغان ، كىشىنى ئەتراپىغا ھېچقانداق بىر زىيان يەتكۈزمەستىن باشقىلار بىلەن ماسلاشتۇرىغان قائىدىدىن ئىبارەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،ئەخلاق ھەركىم باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈش، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش،باشقىلارنىڭ خوشاللىقىدىن شاتلىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت.
قىسقىسى، ئەخلاق ئەقىلگە، قەلپكە، ئىختىيارلىققا تايانغان يېزىقسىز قانۇن.
مەلۇمكى، بىر كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئىنسانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىلىم ،تالانت ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە ئەڭ زۆرۈر قورال ھىساپلىنىدۇ. بىز نەزەر دائىرەيىمىز تېخىمۇ كەڭرى قىلىپ بىر ئىنسان ئورنىغا بىر شىركەتنى بىر كارخانىنى قويساقمۇ تامامەن مۇمكىن بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. يانداشقان ھالدا بىر كارخانىغا ئىقتىسادمۇ قۇشۇلىدۇ ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقنىڭ رولى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
ئەخلاق ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر كىم باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈش، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەمما  بۇ يەردىكى ئىككى ئۇيغۇر شىركىتى ئەڭ قانۇنسىزلىقنى قويۇپ تۇرايلى،ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئەخلاق نوقتىسىدىن ئارمان شىركىتىنى ھۆرمەتلىيەلىدىمۇ؟ بۇ نوقتىنەزەر بىزنى ئۇلارغا: قارا قول ئۇزاتماي توغرا رىقابەتكە ئۈتەلىدىمۇ دېگەننى ئويلاشقا باشلاپ بارىدۇ؟
بىر شىركەتنىڭ زەئىپلىشىشى ياكى گۇمران بولۇشى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن ئەمەس ،بەلكى ئەخلاق جەھەتتىكى بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك بىر شىركەتنىڭ ھۆرمەت تېپىشى ياكى قەدر— قىممىتىنى يوقىتىشىمۇ دەل شۇ شىركەتنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. خەلقئارادىن تارتىپ رايونىمىزغىچە قارايدىغان بولساق مەلۇمكى،مەيلى ئۇيغۇر شىركەتلىرى  بولسۇن ياكى باشقا خەلقئارالىق شىركەتلەر  بولسۇن ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقتا يۈكسەلگەن چاغدا گۈللەنگەن، ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشكەن(پارىخورلۇق،خەلقنى ئالداش،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئوغرىلاشقان..) چاغدا زەئىپلەشكەن.
شۇڭا مەن ئەخلاقىي نوقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئارمان شىركىتىنىڭ قاپ لاھىيەسىنى ئىشلەتكەن شۇنداقلا باشقىلارنى ئالدىغان ئىككى شىركەتنى ئەخلاقتا باشقىلارنى قايمۇقتۇرغان دەپ قارايمەن.ھەركىم ئۆز قىلغانلىرى ئۈچۈن جاۋاب بىرىشكە تىگىشلىك.

UID
35454
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 15:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەقنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇش بۇ ياخشى ئىش ئەمەس.مىنىڭ ھەرقايسى كارخانچىلارغا شۇنى دىگۇم كىلۋاتىدۇ.
     بىزگە گۆش كۆرسىتىپ ،ئۆپكە ساتىدىغان  ئۇنداق،كۆزبويامچى كارخانىنىڭ كىركى يوك.     كارخانڭىزنى،مەھسۇلاتلىرڭىزنى  خەلىق ئۇچۇن .دەپ  قۇردىغانسز؟ئىشلەيدىغانسىز؟ پۇل ئۇچۇن قۇرغان بولسىڭىز ،ئكزڭىز ئويلاپ،مەيدىڭىزنى تۇتۇپ بىقىپ ،بىز بۇدۇنياغا پۇل ئۇچۇن كەلگەنمۇ ؟دىگەنلەرنى  ياد ئىتىپ قويۇڭ.بۇمىنىڭ تەشەببۇسۇم !!!!
     يىزلاردىكى شۇكىشىلەرنىڭ ساختا مەھسۇلات سىتۋىلىپ،ھارغۇنلۇق چىراياغا بىلىپ بىلمەي كۇلكە يۇگۇرەتكىنىنى،يەنەتىخى سىلەرنىڭ شۇ ساختىلقىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن  ئامانلق تىلەشلىرىنى ئويلاپ ئازراق بولسىمۇ خىجىللىق ھىسقىلىڭلار!!!!
    ئارمان شىركىتىگىمۇ رەخمەت ئىيتىڭلار!خەلىققە  ياخشى مەھسۇلات سۇنغىنىغا،بىزنى تونۇتقىنىغا،تىرىشچانلىقىغا،كەڭ قورساقلىقىغا ،ھىچ بولمىسىمۇ سىلەرنى ئەپۇ قىلغىنىغا  رەخمەت ئىيتىڭلار،مىنەتدارلىق بىلدۇرۇڭلار. قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلغان بولساڭلار ،بىرۋاغ تاماققا زار بولۇپ يۇرشىڭلارمۇ مۇمكىن ئىدى.
   رادىل ئاكا سىزگە كۆپ رەخمەت! يۇرۇتداشلىرىم ۋە خەلقىم نامىدىن كۆپتىن -كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرڭىزغا ئۇتۇق ،ياخشى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن!!!!  تىخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

UID
16916
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-11-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 17:07:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشچىلارنى رازى قىلمىسا تىخىمۇ ئۇچرايدۇ.ئوبدان بوپتۇ

باھا سۆز

arslani  ئۆلىرى تېخىمۇ يوغاندىن بىرنى قۇرۇپ رازى قىلىۋەتمەملا ،شاش قارىم .  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 04:52:15

UID
37042
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 17:58:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىق  بۇ قىلىن يۇزلۇك  ئادەملەرگە لەنەت ئوقويدۇ. رادىل ئابلا  ئەل دۇئاسى بىلەن كۇكلىگەي...چۇنكى ساختا مەھسۇلاتنىمۇ خەلىق ئېستىمال قىلىدۇ، ھەقىقى ساغلام مەھسۇلاتنىمۇ خەلىق ئىستىمال قىلىدۇ.

UID
21067
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 19:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك شىركىتى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ بۇ مەسلىنى چۈشەندۈرسۈن،كۆپچىلىك ئالدىراپ قايناپ تىللاپ گۈناھكار بولۇپ قالمايلى.
ئەمەليەتتە خەتتىن تارتىپ رەڭ پەرقىنى ئوخشاش چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئىشتا ئارماننىڭ ئىچكى قىسىمىدا بىرەر خائىن بار دەپ گۇمانلانساق خاتا بولماس.
‹كۆرۈمسىز قىز لىتسىيە › دىگەن فىلىمنى كۆرگەنلەر شىركەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا قانداق ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتەلەيدۇ.
ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەنلەر بۇ مەسىلىگە سۇكۈت قىلىپ تۇرىدۇ خالاس.

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
444
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13945
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 20:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان شىركىتىنى دوراپ نىمە قىلىدىغاندۇ؟!.......  ئۆزى بىر يېڭىلىق ياراتسا بولمامدىغاندۇ؟!..............

UID
36772
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 23:08:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   مەنچە بۇ ، تورداشلار بۇنچە سەكرەپ كەتكۈدەك مەسىلە ئەمەسكەن ، بۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتمىسەكمۇ ئارماننى ئون نەچچە يىل پىرقىراتقان رادىل ئاكىمىز ئەنە شۇ قانۇنىي ۋەكىللىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ ، ‹‹ ئاتنىڭ تەپكىنىنى ئات كۆتۈرىدۇ ›› . مۇبارەك شىركىتى بولامدۇ ياكى باشقىسى بولامدۇ ئۇيغۇرنىڭ زۇۋۇلىسىدىن چۈشكەنلەر قۇرغان شىركەتلا بولسا رادىل ئاكاڭلارنىڭ مەيدىسىنى بەكمۇ كېرىپ كەتمىگىنى ياخشىراق . ئۆز ۋاقتىدا غۇلجىدا مۇسابايوفلارنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىغا بېسىۋالغان بېدە - سامانلىرىنى قىش بويى كەمبەغەللەرنىڭ كالىلىرى كېلىپ يەيتىكەنتۇق ، يەپ ئويۇپ كىرىپ كېتەتتىكەن ، ئۇلارنىڭ زاۋاتلىرىدا ھەر رامىزاندا توختىماي قازان قايناپ تۇراتتىكەن ، كەمبەغەللەر كېلىپ خالىغىنىچە يەيتتىكەن . زاكاتقا پۇل -مال تارقاتسا بىر قېتىم ئالغان يەنە كەلسە  ‹‹ سەن يەنە كەپسەنغۇ ›› دېمەي بېرىۋىرەتتىكەن ، شۇنداقتىمۇ بايلىقى تۈگەپ كەتمەپتىكەنغۇ ؟! بۇ گەپلەرنىغۇ چوڭلاردىن ئاڭلايتتۇق ... ئەمدى بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىقىۋاتقان رادىل ئابلا ۋە يەنە قانداقتۇر ئابلا رادىللار شۇنداق مۇسابايوفنىڭ جەمەتىدىن چىققان پەخىرلىك بايلىرىمىزنى ئازراق دوراپ قويسا يامان بولمايدۇ .
      رادىل ئابلانىڭ قانۇنىي تۆلەم تەلەپ قىلمىغىنى ئاقىللىق بولۇپتۇ ، ھەقىقەتەن كەلگۈسىنى ئويلايدىكەن . سىلەر بۇ يەردە تالاش -تارتىش قىلىڭلار ، قىلماڭلار بۇ دەۋادا كارغا كەلمەيدۇ ، رادىل ئابلانىڭ سىلەرگە چولىسى تەگمەيدۇ . ئوشۇق ئىشقا ئۆزىمىزنى ئۇپراتمايلى ئەزىزلەر .
     

باھا سۆز

arslani  شۇ سىزگە ئوخشاش كارىمىز بولمىسا ئوبدان بولماسمىكى ...  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 04:55:18

UID
13438
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
94
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 23:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىمۇ مۇبارەك شىركىتى ھەقىقەتەنمۇ چەكتىن ئاشۇرۋەتتى نىمە قىلدۇ دەيمەن دورامچىلىق قىلىپ ئارمان نىڭ مەسھۇلاتلىرغا ئوخشاش مەسھۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارسا مەيلى رىقابەت دىسەك ئەمدى ئۇنىڭ چاپىنىدا تەرلەنگىنى نىمىسى ئۇنداق قىلغۇچە ئادىل رىقابەتلەشسە نىمە بولار دەيمەن ...ئاخىردا بۇ ئىشنىڭ بالدۇراق بىر تەرەپ بولشىنى ئۈمۈد قىلمەن ؟

UID
37066
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 00:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاپان ئوخشاش بولغان بىلەن ئىچىدىكى ئوخشاش ئەمەس!!ۋاي...بىز سەھرالىقلارمۇ دۆت ئەمەس دەيمەن بىلىپ سىتۋالىمىز.لىكىنزە...باشقىلارغا سوۋغا قىلىدىغانغا چىداپ سىتۋالىمىىز،ئۆزىمىز كۈندە ئىچىدىغانغا يوق.نىمىشقا دەمسىز؟؟؟ بەكلا قىممەت!!!!سىلەرگىمۇ مەلۇم،بىز دىھقانلارنىڭ ئىقتىساددى ئەھۋالىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.مۇشۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى ھەركۈنلۈك ناشتىدا سەكتال قىلماي ئىچەلمەي يۈرۋاتىمىز.بۇ يىزا قىشلاقلاردا ئومۇمى ئەھۋال،بولسا ئاشۇ شىركەتلىرمىزمۇ باشقىلارنىڭ ھوقوقىغا دەخلى-تەرىز قىلماي،ئىسمىنى ئوخشاش قىلماي،بۇ گۈزەل زىمىنىمىزدا ئاجايىپ گۈزەل ئىسىملار بارغۇ ....ئورالمىسىنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆركەم قىلىپ سۈپىتىنى «ئارمان»شىركىتىنىڭكىدىنمۇ ياخشى قىلىپ باھا جەھەتتە ئوتتورا -تۆۋەن قاتلامدىكى بىزلەرنى ئويلىسا،مىنىڭ ئاددى كالام بىلەن ئىيتقاندا ئاشۇ شىركەتلىرىمىزنىڭ تەرەقىياتتى تەقلىت قىلىپ ئىشلىگەندىنمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

UID
3722
يازما
140
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4311
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇمۇسسىز پەسلەرنىڭ بۇ قىلتىغىغا مەنمۇ چۈشكەن بىر قانچە قېتىم، ئالدىراشلىقتا سەللا دېققەت قىلمىغاندا، «ئېخلاس»نى ئالىمەن دەپ «ئىقتىدار» نى، «قەدىردان»نى ئالىمەن دەپ ئاۋۇ يۈزى قېلىن«قەدىرلىك» نى ئېلىپ قالىدۇ كىشى. بۇ شەرەپسىزلەرنى باشقۇرۇش كېرەكتى زادى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش