ئىگىسى: alkuyi.com

شىنجاڭ ئارمان شىركىتى ئېغىر دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
37296
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 03:17:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «ئارمان» گۇرۇھىنىڭ بىر خەنزۇ يولداشنى يۇقۇرى ئىش ھەققى بېلەن شىركەتنىڭ پارتىيە شۇجىلىقى- مۇنداقچە ئېيىتقاندا 1-قوللۇققا تەكلىپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدۇق.بۇنىڭ راسىت-يالغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز.مۇبادا راسىت بولغىنىدا بۇنى ھېچكىم خاتا ئىش دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ،«ئارمان» گۇرۇھى دېگەن پۇقراۋى كارخانا . شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭ كادىرلار ئىشلىرىغا ھۆكۈمەت تەرەپ قول تىقمايدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ. ئەمما بەزىلەردە ئەجىبا شۇجىلىق خەنزۇلارغىلا يارىشىدىغان ئەمەلمىدۇ؟ «ئارمان» گۇرۇھى ساپ مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ شىركەت بولغاندىكىن «مۇسۇلمان»دېگەن ماركىغا چۇشلۇق ئىش تۇتىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ شۇجى قويۇشقا توغرا كەلگەندىمۇ بىرەر ئەھلى مۇسۇلماندىن شۇجى قويسا پارتىيە -ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ توغرا چۈشىنەر بولغىيدى؟ دېگەندەك ئوي پىكىرنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. يەنە بەزىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق شىركەت ئىچكىرىدىكى خەنزۇلار بازىرىنى ئاچماقچى دېسە يەنە بەزىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق شىركەت پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىشەنچىىسگە ئېرىشىپ ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى ،دېيىشىمۇ مۇمكىن.
    ئىش قىلىپ بۇنداق مەسىلىدە ھەر خىل پەرەز ۋە ئوي-پىكىرلەرنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي. بەلكىم بۇنىڭدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن بولۇشى، شۇنىڭ تۈرىتكىسىدە پەيدا بولغان ئىشەنىچنتىن بولغان   بولىشىمۇ مۇمكىن. يەنە كېلىپ بۇ مۇشۇ مۇلاھىزىدىكى ئەڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان سەۋەبتۇر.  ئىش قىلىپ مەيلى نېمىلا دېمەيلى بۇ پۈتۈنلەي «ئارمان» گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ئۆز دائىرىسىدىكى ئىشلاردۇر، خالاس.
                                                                                               bozqir


UID
37655
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 03:42:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام دوستلار:  مەن بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. بۇ ئىككى دورامچى شركەتنىڭ بازارغا سالغان مەھسۇلاتى سۈپەت جەھەتتە ئارمان شىركىتىدىن ئۈستۈن باھا جەھەتتە ئارمان شىركىتىدىن توۋەن بولغان بولسا ،بۇنداق چاكىنا ئۇسۇل قوللىنىشنىڭ ھاجىتى بولماستى.  ھازىر مىللىي كارخانىلار ھەم مىللىي كارخانىچىلار كوپىيىۋاتىدۇھەم تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ.بۇبىر ياخشى ئەھۋال ،ئەمما ئچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا سېلشتۇرغاندا تېخى بىخ ھالەتتە .مىللىي كارخانىلارنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ بازىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ھەم ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات بازارنى تويۇندۇرىۋەتتى،شۇسەۋەپلىك نۇرغۇن كارخانىلار بۆشۈكىدىلا شاللىنىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى . مانابۇ ئىككى شىركەتمۇ بۇنىڭ مىسالى .
شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت قۇرۇش ئارزۇسىدا يۇرگەن بايۋەتچىلەرنىڭ ئالدى بىلەن بازارنى كۇزىتىپ،بازار نېمىگە ئېھتىياجلىق ،مەن قايسى تۇرنى تۇتسام مۇۋاپىق،سالغان مەبلەخنى قانچىلىك ۋاقىتتا قايتۇرىۋالالايمەن،قانچىلىك پايدا يارىتالايمەن دىگەنلارنى ئويلىشىپ قويىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەسلى تېمىغا كەلسەك ئارمان شىركىتىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بەكمۇ ئاددىي بوپ قالغان .بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قىلمىشى سودا ئەخلاقىغا ھەم .ئىنسانى ئەخلاققا زىت، بۇلارنى شىنجاڭ بازىرىدىكى ‹باكتىرىيە› دىيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ‹باكتىرىيە› لەر ئەمدىلا تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن شىنجاڭ بازىرىنى كىسەل قىلىپ قويىدۇ. دىمەك ئارمان شىركىتى بۇ خاتالىققا سەل قارىغان،مەسىلەن بۇ ئىككى شىركەت بازارغا سالغان مەھسۇلاتتىن سۇپەت مەسىلىسى كۆرۈلۈپ مەلۇم كىسەللىك ياكى ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا
ئۇۋاقىتتا ئارمان شىركىتىنىڭ بازىرى ۋەيران بولغان بۇلاتتى .بىزدە  بىرقېتىم يىلاندىن قورققان ئادەم ئون يىلغىچە ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ دىگەن گەپ بار مەيلى قەدىردان ياكى قەدىرلىك بولسۇن ھېچ كىشى سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.چۈنكى بىزدە بۇ خىل كۆزقاراش بەك ئېغىر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق باكتىرىيەلەرنى ۋاختىدا بىرتەرەپ قىلىپ بازارنى پاكىزلاش كىرەك.«شەخسەن كۆز قارشىم»

UID
36600
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 16:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاندا ئارمان گورۇھى يىڭلىق يارتىش سۇر ئېتىنى تىخىمۇ تىز لەتسە بولغىدەك!

UID
38048
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 19:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى يازمىلارنى كۆرۈپ رادىلا ئابلا ئەپەندىگە ھەقىقەتەن چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم. مەنمۇ بىر كارخانىچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان ھارام توغۇندىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ باشقا يەنە مۇشۇ يولدا مېڭىۋاتقان ۋە ياكى يېڭىدىن مۇشۇ يولغا ماڭماقچى بولغانلارغا ئىبرەت قىلىش كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا رايۇنىمىز كارخانچىلىقىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققى قىلىشغا پۇختا ئاساس سالغىلى بۇلىدۇ.  ئارمان گۇرۇھى مىللى كارخانلىرىمىزنىڭ يولشباشچىسى!  ئارمان غەيرەت قىل!!! ئەگەر  مۇمكىن بولسا يۇقىردا بىر دوستىمىز ئېيىتقاندەك ھەريىللىق قۇرۇلتايغا قاتناشقان ناخشىچى، ئۇسۇلچى ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلغۇچى دوستلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئانچە مۇنچە پىكىر - تەكلىپ بىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىر ماركا سۈپتىدە قانۇن بۇيىچە قوغدايدىغان بىر سىستىما بەرپا قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا بۇ بىز مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قانچىلىك رولى چوڭ بولار ئىدى ھە!

UID
38048
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 19:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! يوقىردا ھەركىم ھەرخىل قاراشتا! بۇ پەقەت ئارمان بىلەن قاناس ۋە مۇبارەك شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى ناتوغرا رىقابەت بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى  مىللى كارخانچىلار ئەڭ كۆپ دۈچ كىلىۋاتقان بىر قىززىق تىما بۇلۇپ قاپتۇ..... مىنىڭچە بۇ ئىشنى يەنىلا كارخانچىلىق يولىدا مېڭىۋاتقان ھەربىر كارخانىچىلارنىڭ ئەخلاق نوقتىسدىن قاتتىق بىر ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . كارخانىچلىق باشقىلارنىڭ بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوخشىتىپ ئىشلەپ نادان خەلقىمىزنى قاقتى - سوقتى قىلىش ئەمەس...بەلكى بىر - بىرنى قوللاش ئاساسىدا ئادىل رىقابەت ئارقىلىق تەرەققى قىلىش!!!  بىرسىمىز تالقان ئىشلىسەك يەنە بىرسىمىز شۇ تالقانغا كىرەكلىك بولغان ئۇرالما خالتا ياكى يېشك ئىشلىسەك! يەنە بىر بىرسىمىز مەخسۇس توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسەك نىمىدىگەن ياخشى!!! مىللى كارخانىچىلىقىمىز 90-يىللاردىن كىيىن يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ تەرەققى قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بۇنىڭدا رادىل ئابلا ئەپەندىمنىڭ تۆھپىسى زور.... نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېششى ۋە كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ھەمدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دېگەن ئۇقۇمنى تۇنۇتتى.جاسارىتىڭلارغا ئاپرىن!  ئارمان گۇرۇھى غەيرەت قىل! رادىل ئابلا غەيرەت قىل!

UID
38048
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 20:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار دېققەت: ھەممىمىز شەخسى غەرزىمىزنى چىقىش قىلىۋالمايلى! ! ! گەپ - سۆزلەردە بىر ئاز ئىلمى بۇلايلى!!! تور ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلايلى!!!پۇلنى تاپقىلى بۇلىدۇ، بىراق دۇرۇس يولدا تېپىش كېرەك!!!

UID
37622
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 18:05:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتا ئارمان مۇ ئامىنەنىڭ مەھسۇلاتىنى ئوغىرلىغان  ھەجەپ ئارماننى تەنقىدلەيدىغانلا چىخماپتا؟؟؟ھەققاسىڭ سۆزلىگەندە پىشانەڭنى سىللاپ ئاندىن گەپ قىلىش.

UID
37622
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 18:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئادەم بېشىدىن ئۆتكەننى سوزلەيدۇ دەپ بىكا ئېيتمىغان.ئارماننىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلاغۇ ئوغۇرلۇق كىلىش ،ماللىرى سېتىلماي قىلدىغان ئىشى يوق خەقنى چىشلەپ يۇردۇ شۇنداق .......

باھا سۆز

altuntarim09  چاكىنا ئىنكاس!ئامىنەنىڭ ئۇكىسىدەك گەپ قىلماڭلار.  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:46:55

UID
37622
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 18:17:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاناس شىركىتى بولمىسا ئارماننىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بۇلامتى ،،،ئاش بەگەنگە مۇش بىرىپتۇ دىگەن شۇ ،يۈزسىز دىسە شۇ ئارمان شىركىتىنى دىسە بۇلىدۇ..

UID
34092
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 16:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر بۇنداق كۈچۈرمىچىلىكنى ئاز دەمسىلەر  . قاراپ بېقىڭلار شۈيمىتو چىقتى دىيارىمىزدىكى بارلىق شاپتۇل شەربەتلىرى شۇ خىلدا ياسالدى بۇرۇنقى قىزىل كالا چىقتى شۇنى دوراپ قىزىل قوتاز قىزىل بۇغا قىزىل تۆگە ۋە باشقىلار چىقىۋەردى ئۇزۇقلۇق تىز لىنىيىسى  چىقتى ئارقىدىن كەۋسەرنىڭ ۋە باشقىلار شۇنىڭغا ئوخشۇتۇپ چىقاردى  ئاپلىسىن گازلىق سۈيى ( جىانلىباۋ) بۇنىڭغا قاراڭلار ۋە باشقىلىرغا قاراپ بېقىڭلار .خىتتايلار قانداق ياساپ چىقسا بىزنىڭ كارخانچىلىرىمىز شۇنداق ياساپ چىقىۋاتىدۇ قۇتىسى ياكى ئورالما قەغىزىدە ھىچقانداق پەرق يوق پەقەت ئىسمىلا باشقا ؟ ئارمانغا كەلسەك ماركا ۋە باشقا ئورالمىسى باشقىچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . مەنمۇ بىر نوۋەت ئارمان چوڭلار قۇۋۋەت تالقىنى ئاياللار قۇۋۋەت تالقىنى بالىلار قۇۋۋەت تالقىنىنى بىراقلا ئاپتىكەنمەن . ئۆيگە كىرىپ بالىلار بۇ  ئوخشىمايدىكەن دەيدۇ قارىسام ئايالىمغا ئالغىنى باشقا ماركىكەن.ئويلاپ قالىمەن بىزدە ئۆز مىللىتىمىزگە  يۇرتىمىزغا شىنجاڭغا خاس . ئورالما  لاھىيىلىگىلى بولماسمۇ .باشقا مىللەت كىشىلىرى ئورالمىنى كۈرۈپلا شىنجاڭنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپ بىلگىدەك لاھىيە چىقماسمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش