بۇ 23قەۋەتتىكىتادۇ يوللىغان 2011-10-13 11:49 غا قارتىلغان :
تىۋىپكە قارتىلغان.
نامنى سۇيئى ئىستىمال قىلغانلار قانچىلىك بۇ توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات بىلمەيدىكەنمەن.
مەن يەنىلا ئاۋالقى ئىنكاسىمدا قالىمەن.مۇسۇلمانچە،ھالال خىتى بولسا ئىستىمال قىلىۋىرىمەن.
بىسمىللا دىيىشنى ئۇنتىمايمەن.
چۇنكى زاۋۇت قۇرۇش ئۇنداق ئاسان گەپ ئەمەس. ھەسەلنىڭ قىلنى خىللاپ ھۇپەپنى يۇڭدىماي يەپتۇ دەپ ئەمدىلەتتىن كۇزنى ئاچقان مىللىي ئىگىلىكنى ئۇنداقكەن مۇنداقكەن دىسەك،بۇنى كىملەر ئىستىمال قىلىدۇ. بىز ئويلىغاندەك دەرجىگە بىرىشنىڭ مەلۇم جەريانى بولىدۇ.مەسلەن بوۋىقىمىزنىڭ ئاستىغا لاتا سالىمىز. ئۇنىڭغا بالاغەتكە يەتكەن كىشىگە قۇيغان تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ.
يەھۇدىي نىسارالارنىڭ تامىقى ھالال. باشقىلىرىنىڭ تامىقىنى يىيىش چەكلەنگەن. بەك ئىنجىگىلەپ كەتسەك،ئۇزىمىزگە مىللىي ئىگىلىكىمىزگە زىيان ئىلىپ كىلىدۇ.مۇسۇلمانچە ھالال دىگەنلىك مۇسۇلمانلار ئىشلىدى دىگەننى بىلدۇرىدۇ. قالدىسىغا ئۆزلىرى ئىگە، بىزدە مەسھۇلىيەت يوق.
....... 
بۇ سەل بولماپتۇ تادۇ بۇرادەر،جوڭگۇنىڭ مۇسۇلمانچە دىگەندىكى ئۆلچىمىنىڭ قانداق تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلەمسىز، ئۇنداقتا مەن سىزگە دەپ بىر ئاز چۈشەنچە دەپ بېرەي،
جوڭگۇدا مۇسۇلمانچە - پاكىز بولسىلا بولدى دىگەنلىك بولىدۇ.
بۇ يۇقاردىكى بىر قېرىندىشىمىز مۇسۇلمانلار تورىدىن ئېلىپ قويغان نەقىلگە دەل چۈشىدىغان گەپكەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىراق ئىسلامدىكى پاكىزلىق بىلەن جوڭگۇچە پاكىزلىقتا سەل پەرىق بار. مۇسۇلمانلار تورىمۇ بەزى پەتىۋالارغا سەل دىققەت قىلسىكەن دەيمەن. باشقا ئالاھىدە پىكىرىممۇ يوق.
ئۇنداقتا جوڭگۇچە پاكىزلىق قانداق بولىدۇ؟
ئەگەر بىر قوينى بوغۇزلىساق، كىم بوغۇزلىغاندىن قەتئىي نەزەر ئۇ پاكىز بولىدۇ، دىمەكچى قايسى مىللەت بوغۇزلىشىدىن قەتئىي پاكىز بولىدۇ.
ئىسلامدىكى پاكىزلىق ۋە پاكلىقنى مۇشۇ قوي گۈشىگە مىسال ئالساق، ئۇنى چوقۇم بىر مۇسۇلمان كىشى تېگىشلىك ئىسلامىي شەرىت ئاستىدا پىچاق سۈرۈپ قېنىنى چىقارغاندىن كېيىن ئۇ ئاندىن پاكىز ۋە پاك بولىدۇ. مىنىڭچە مۇسۇلمانلار تورىمۇ بۇ قارشىمغا قارشى ئەمەس بەلكىم. سىز بازاردا پىشۇرۇلغان توخۇ گوشلىرىنى پاكىز ئەمەس دىيەلمەيسىز؟ بىزمۇ ئۇنى پاكىز ئەمەس دىيەلمەيمىز. بىراق سىز ئۈرۈمچىنىڭ توخۇ فىرمىللىرىغا، ئۇيغۇر رايۇنىدا قۇرۇلغان بەزى توخۇ گوشلىرى بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئىككىنچى قىتىم يەنە بازاردىن توخو گوشى بىلەن قىلىنغان يىمەكلىكنى ئىستمال قىلالىشىڭىزغا شەخسەن مەن ئىشەنمەيمەن.
ئەھلى كىتاپنىڭ يىمەكلىكلىرى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى مۇسۇلمانلارغا ھالال قىلىنغانلىقى راسىت، بىراق بۇمۇ چوقۇم ئىسلامى شەرىت ئاستىدا ھالال بولىدۇ. ماڭا ھالال قىلىنغان دەپ يەھۇدىيلار ئىستىمال قىلىدىغان ھارام يىمەكلىكلەردىن ئىستىمال قىلىۋالماسلىقىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.
مۇسۇلمانلار تورى ھالاللىق ۋە ھاراملىققا ھەقىقەتەنمۇ خېلى ئەتراپلىق جاۋاپ ۋە دەلىللەرنى بېرىپتۇ. ئۇنداقتا بىز قۇرئان كەرىمدە ھالال ۋە ھارام مەسلىسى قانداق تەكىتلەنگەنلىكىگە يەنە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.
قۇرئان كەرىمدە تۇنجى ھالاللىق مەسلىسى ھەققىدىكى ئايەت مەدىنىدە نازىل ئىككىنچى سۈرە بەقەرەنىڭ168-ئايىتى، قۇرئان كەرىمنىڭ 175-ئايىتىدە ئۇچرايدۇ، ئاللاھ يىمەكلىك مەسلىسىدىكى ھالال - ھاراملىق مەسلىسىگە ئەسكەرتىش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ.
ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر.
يەنە شۇ ئايەتنىڭ ئارقىسىدىلا ، مەدىنىدە نازىل ئىككىنچى سۈرە بەقەرەنىڭ169-ئايىتى، قۇرئان كەرىمنىڭ 176-ئايىتىدە ئاللاھ بەندىلەرنىڭ چۈشىنەلمەي قالماسلىقى ئۈچۈن ھالال-ھارام مەسلىسىدە شەيتاننىڭ يولىنى تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ ئۆتىدۇ.
شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا قەبىھ گۇناھلارغا ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغاندىن ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ۋە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ) سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ.
يەنە ئىككى ئايەت ئاتلاپ مەدىنىدە نازىل ئىككىنچى سۈرە بەقەرەنىڭ172-ئايىتى، قۇرئان كەرىمنىڭ 179-ئايىتىدە قورئان كەرىمگە قايتا نەزەر سالساق ئاللاھ يەنە شۇ يىمەكلىك ھەققىدىكى ھالال-ھاراملىق مەسلىسىگە مۇنداق بىر ئايەتنى نازىل قىلىدۇ.
ئى مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ئەگەر ئاللاھ غىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار ئاللاھ غا (يەنى ئاللاھ نىڭ ھەددى- ھېسابسىز نىئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلىڭلار.
سۈرە بەقەرەنىڭ 187- ئايىتىدە ئاللاھ ھالال - ھارام مەسلىسىدىكى ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىشنى تىلغا ئالىدۇ. ھەم مۇنداق دەيدۇ.
روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ) سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىملەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن) ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چىگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر) ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
بۇ ئايەتتىكى ھالال- ھاراملىق مەسلىسىنى بۇ يەردىكى يىمەكلىك مەسلىسىگە ئارلاشتۇرۋالماي ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخرىغا نەزەر سالساق ئاللاھ نىڭ ھالال - ھارام مەسلىسىدە يىمەكلىكتىن باشقا قىلىدىغان ئىشلاردىمۇ ھالال-ھارام مەسلىسى ئايرىلدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.ھەم بىزنىڭ ھىچكىشىدىن پەتىۋا سورىشىمىزنىڭ بولۇپمۇ، ھالال- ھارام مەسلىسىدە پەتىۋا سورىشىمىزنىڭ ئورنى يوقلىقىنى، ئاللاھ نىڭ ناھايىتى تەپسىلى ھالدا بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنى بايان قىلغانلىقىنى، قۇرئان كەرىمگە چىڭ يىپىشساق، بۇ مەسلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى بىلىمىز.
يۇقارقى سۆزىمىزگە دەلىل قىلىپ ئاللاھ نىڭ مۇنۇ ئايىتىنى سودا سىتىق ئىشلىرىدىكى قايسى ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىشقا بولىدۇ.
جازانە ئۆسۈم يىگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا- سېتىق جازانىگە ئوخشاش (جازانە نېمىشقا ھارام بولىدۇ)» دېدى. ئاللاھ سودا- سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى (بەدەلسىز بولغانلىقى شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىغى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز- نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھ قا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى ئاللاھ خالىسا ئۇنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دەۋزەخ بولۇپ، دەۋزەختە مەڭگۈ قالىدۇ.
مەدىنىدە نازىل بولغان ئايەت، بۇ ئايەت قۇرئان كەرىمدىكى ئىككىنىچى سۈرە بەقەرەنىڭ275-ئايىتى، قۇرئان كەرىمنىڭ 282-ئايىتى
يۇقارقى ئايەتلەر
ئېتىقاد ئىسلام تورىدىن ئېلىندى.
ئېتىقاد تورىدىن قۇرئان كەرىمىنىڭ 4352 - ئايىتىگە بارغىچە بولغان ئورۇن ۋە 5000 دىن ئارتۇق سەھىھ ھەدسىتىن ھالال - ھارام مەسلىسىگە قارتا ئىزدەپ كۆرسىڭىز جەمى 214 دانە ئۇچۇر چىقىدۇ. مەنبە ئادرىسى مانا
http://www.etiqad.com/izdax.asp?tur=ھەممە&tallax=2&keyword=ھالال&page=2
مۇسۇلمانلار تورى ھالال ھارام مەسلىسىنى چۈشەندۇرگەندە، بۇ ھەقتە قېرىنداشلارغا پەتىۋا بەرگەندە سەل دىققەت قىلسىكەن، ھالال- ھاراملىق مەسلىسىنى پەقەت پاكىز بولسىلا بولدى دەپ ئىزاھلىماستىن پاكىزلىق ۋە پاكلىق ھەققىدىمۇ قىسمەن چۈشەنچە بەرسىكەن دىگەن ئۆمۇدىمىز بار. ماشا ئاللاھ.
ئەمدى مىللىي كارخانلار ھەققىدە ۋە ئۇلارنى قوللاش ۋە قوللىماسلىق ھەققىدە يەنىلا بۇرۇنقى پىكىرىمىز بويىچە ئۇلارنى چوقۇم قوللايمىز. بىراق قوللاش ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى ۋە ئىمانىمىزنى شەكلىك نەرسىلەر بىلەن بولغاشتىن بولمايدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارغا خىتاپ قىلىنىپ - ئى مۆئىمىنلەر، شەكلىك نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭلار - دىيىلگەن.