كۆرۈش: 17059|ئىنكاس: 62

سىز كىمنى ئالداۋاتىسز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

مەڭگۈ ئۆزەڭنى يو

UID
1988
يازما
97
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
3504
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 16:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن قىزىمنى ئېلىپ مەھەللە يېنىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان تاللا بازىرىغا كىردىم. ئۆيگە لازىملىق نەرسە كېرەكلەرنى ئالغاندىن كېيىن قىزىم بەرەڭگە ئېلىپ بېرىڭ دەپ تۇرىۋالدى .ئۆيىمىزدە بالىلارنىڭ مۇسۇلمانچە بولمىغان نەرسىلەرنى يىيىشىگە قاتتىق چەك قويۇلغان بولۇپ، قىزىم نەچچە كۈن ئالدىدا شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇرچە تاۋار ماركىسدىكى بەرەڭگىنىڭ ئېلان فىلىمىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ،   ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكىنىدا سېتىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلغان قاپلىق بەرەڭگىنى ئېلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالدى.ھەمدە ئىككى قاپ بەرەڭگىنى ئالدىمغا كۆتۈرۈپ كەلدى، ئىلگىرىمۇ بۇنداق ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلۇپ ئىچكىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يىمەكلىكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ تاللا بازىرىدا كۆپ ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن بەرەڭگىنى ئېلىپ تاۋار ماركىسى، شىركەت ئىسمى، زاۋۇت ئادرىسىغا قاراشقا باشلىدىم ، نەتىجىدە بۇ بەرەڭگىمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلۇپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يىمەكلىك بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن-- بۇ ئىشەنچلىك ئەمەسكەن قىزىم ئالمايلى دىدىم . بىراق بالا كىچىك بولغاچقا ،خاپا بولۇپ سۆزلەشكە باشلىدى،
---ئۆزىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەكلىكى بولسا ئالساڭلار بولىدۇ دىدىڭىز ، ئۇيغۇرلار ساتقان ، ئۇيغۇرلار چىقارغان نەرسىنىمۇ يىگىلى قويمامسىز ئەمدى؟
--بۇنى ئۇيغۇرلار چىقارماپتۇ قىزىم .
--- ئەمىسە ئۈستىدە ئۇيغۇرچە ماركىسى ،بىرمۇنچە ئۇيغۇرچە خېتى   باركەنغۇ؟
--شۇنداق ئىكەن بىراق ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئادرىسى ئۇنداق ئەمەسكەن.
ئىشقىلىپ ئۇيغۇرنىڭغۇ؟...
ئەمدى 6 ياشقا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان كىچىك بالىغا بۇنى قانداق قىلغاندا ئوچۇق چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇپ كەتتىم ئاندىن مۇنداق دىدىم.
--ئەگەر مەن ئىچكىرىدىن خەنزۇ بالىدىن بىرنى بېقىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسام ئۇ ئۇيغۇرغا، مېنىڭ ئۆزۈم تۇغقان بالامغا ئۆزگۈرەمدۇ قىزىم سىز جاۋاپ بېرىپ بېقىڭە؟
--ياق- قىزىم تېڭىرقاپراق جاۋاپ بەردى.
بۇمۇ شۇنداق ئىش، بۇ نەرسىنى ئىچكىردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىپ،پەقەت ئورالما  قېپىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ قويۇپتۇ، شۇڭا بۇنى تولۇق ئىشەنچىلىك دىگىلىمۇ بولمىغىدەك ،مەن بەرەڭگىنى ئۆيگە قايتىپ ئۆزۈملا پىشۈرۇپ بېرەي، بولامدۇ؟
ئىلگىرىمۇ ئۆيدە بالىلارغا بۇنداق بەرەڭگە ياپراقچىسىنى   پىشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم،  قىزىم ئىككىلەنمەيلا قوشۇلدى  ۋە قولىدىكى بەرەڭگە قېپىنى جايىغا قويۇپ قويدى،
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق ئىشلار ھەققىدەئويلىنىپ قالدىم. بۇرۇنمۇ  مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلغان مىۋە ئۇيۇتمىسى، پىشلاق... قاتارلىق بالىلار ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان ئۇششاق چۈششەك يىمەكلىكلەرنىڭ زاۋۇت ئادرىسىغا  قاراپ ئاچچىقلانغان ئىدىم ،چۈنكى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلغان بۇ يىمەكلىكلەر مېنىڭ قىزىمغا ئوخشاش نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە شەكسىز يىگىلى بولىدىغان ئىشەنچلىك ھالال يىمەكلىك دەپ قارىلاتتى.
دىمەك بۇنداق ساختىلىقنى  ئىستىمال قىلىدىغانغا ئۇيغۇرلار توپى قۇربانلىق بولاتتى.
ئېسىمدە تۇرۇپتۇ تېخى بىرقانچە ئاي ئالدىدىلا مۇنبەردە‹‹.ئۇيغۇرنى كۆنكرت سۆيۈشنىڭ ئۇسۇللىرى›› ھەققىدە يازما يېزىلىپ، بۇ يازما ئەينى چاغدا قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مۇنەرداشلار بۇ ھەقتە قىزغىن بەس- مۇنازىرە قىلىشقان ئىدى، ھەمدە ‹‹ ئۇيغۇر كارخانىچىلارنى قوللاش، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكىنىدىن ئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئەڭ ئاۋال تاللاپ سېتىۋېلىش...›› دىگەندەك پىكىرلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.
بىلمىدىم مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇ گەپلرىنى ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۆرەلىدىمۇ يوق، كۆرگەن بولسا ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار توپىنى ئالداپ ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرىدىغان سودا قىلمىشلىرى ئۈچۈن يۈزى قىزارغان بولغىيمىدى؟  ياكى تېخىمۇ خوشال بولىشىپ تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنىڭ يۈزىنىلا ‹‹ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش›› كاتتا پىلانىغا چۈشكەن بولغىيمىدى؟
بۇ يەردە مۇشۇنداق كارخانىلاردىن سۇئال سورىغىم كېلىۋاتىدۇ، يۈزىنى نىقاپلاپ ئۇيغۇر بازىرىغا سالغان مەھسۇلاتلىرىڭىزنى ئۇيغۇرچە تاۋار ماركىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇردىن باشقا ئىشنىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىغانلاردىن قانچىسى بار؟ يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنى كىمنى ئالداش ئارقىلىق كۆپەيتىۋاتىىسز؟ ئۇيغۇر چۈمپەردىسى تارتىپ بازارغا ئېلىپ چىققان شۇ يىمەكلىرىڭىز بىلەن كىمنىڭ گېلىنى بۇلغاۋاتىسز، ھەم زادى كىمنى ئالداۋاتىسىز؟؟؟؟

نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇپ ياشايسەن!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12213
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1858
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 09:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ھەق سۆزلەيدىغانلار چىقتى ، بۇنىسىلا ئەمەس بىز  ئۇيغۇر قەۋىمى ئەڭ كۆپ ئىسىتىمال قىلىدىغان زەم -زەم كولا مۇ ئىچكىردىن چىقىدۇ ،لىكىن بىز ئىستىمال قىلىشقا بولامدۇ يوق ؟ بۇنىغا مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ......ئىشقىلىپ ھازىرقى ساختىپەزلىك بەك ئەۋج ئىلىپ كەتتى

تارىخ ھەممىگە گۇۋاھچىدۇر

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
958
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42681
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 10:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفىفىينىڭ ئىمزاسى بارتىغۇ:

                                 «بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك!»

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
293
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6653
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 11:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق دىيىشكە تىلىم كۇيىدۇ، دىمەي دىسەم تىخى. مىنىڭچە مۇسۇلمانچە،ياكى ھالال دەپ خىتى بار مەسھۇلاتلارنى ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ. قەدەمنىمۇ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالدىغان گەپ.
ھەر كىم قىلسا ئۇزىگە. بىراق شىر كەتلەرنىڭ، ياكى شەخىسلەرنىڭ نامىنى ئاتاپ سۇكۇشنىڭ پايدىسى يوق. يامىنى كەلسە، قانۇن ئارلىشىدۇ.

ھازىر قى مىللىي ئىگىلىكىمىز،سۇكۇش ئەمەس قوللاشقا بەكراق مۇھتاج.

UID
12213
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1858
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 12:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىمىگەن بىلەن ھەركىمنىڭ گۆرى ئايرىم ، گەپ تامام ۋەسسالام.

تارىخ ھەممىگە گۇۋاھچىدۇر

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
175
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1975
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمۇ بوپ قالار.

http://gulistan.cn

ئۈمىدلىك ئەزا

ۋىجدانلىق ئادەم

UID
2695
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
285
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسما خانىم سەل ئۆز ھاياجىنىڭىزنى بىسىۋىلىڭ. سىز خىيالىڭىزدا ئۆز ئالدىغا زاۋۇت قۇرۇپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى شۇنچە ئاسان دەپ ئويلامسىز؟ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى. مەن بۇ مۇنبەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىتىۋاتىمەن. مۇشۇ توغرىسىدا كۆپ مۇلاھىزىلەر ۋە مۇنازىرىلەر بولدى. سىز ئالدى بىلەن << مىللي كارخانىچىلىرىمىزنى قانچىلىك قوللىيالىدۇق>> دىگەن تىمىنى بىر ئوقۇۋىتىڭ. ئۇيغۇرچە ماركىدىكى بىر مەھسۇلاتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنى كىشىلەرگە تونۇتۇشقىمۇ بىر جەريان كىتىدۇ. مەن مۇشۇ مىللي ئىگىلىمىز ئۈچۈن ئاندىغەي، مىللي ئىگىلىمىز ئۈچۈن مۇندىغەي دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك چىققىدەك سۆزلىگەنلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ. سىز ئۆمىرىڭىزدە ئىلم-سىتىم بىلەن شۇغۇللىنىپ باققانمۇ ياكى ئىلىۋاتقان ئايلىق مۇئاشىڭىزغا تايىنىپ جان بىقىپ،ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا ھەممىنى ساختىپەز كاززاپ قاتارىغا قوشۇۋاتامسىز؟ بەزىلەرنىڭ ھەققەتەن پۇل ئۈچۈن ھەرنىملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا كىشلەرنى ئالداش بەدىلىگە، ئىچكىرىدىكى ئامبار قالدۇقى بولغان بىرقىسىم ناچار-سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئەكىلىپ سىتىپ شۇ ئارقلىق باي بولغانلار كۆپ. ئەمما بۇ ھەممە كارخانىچىغا ۋەكىلىك قىلالمايدۇ. سىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىنى قوغلىشىپ ئۆزىڭىز يىرگەنگەن ئەشۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتىنى سىتىۋالىسىلەرغۇ؟ تورداشلار بۇ ئىشقا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولمايلى. كارخانىچى بولماق ئاسان ئەمەس، ئەگەر سودىگەر تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن، راۋاجلىنىمەن دەيدىكەن خىرىدارلارنىمۇ خۇددى ئۇرۇق-تۇققان، يارۇ- بۇرادەرلەرگە ئوخشاش كۆرىشى ئەڭ ياخشى -ئەڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتىنى ئەشۇ خىرىدارلاغا ئاتىشى كىرەك. بۇ بۇرۇندىن تارتىپ بار ھەققەت.
ئەمما بەزىلەر بۇنى ئۇنتۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدىمۇ خىرىدارلامۇ، كارخانىچىلارمۇ بار.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:54:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭىدىن بىخلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلارلىتىنىڭ كۆپىنچىسى ، ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى زاۋاۇتلار كۆتۇرە ئالغان بولۇپ، ئۇلار تور ئارقىلىق ماللارنىڭ نۇسخا كۆرۇنۇش ۋە ئىچكى خۇسۇسىيەتلىرى دىيىشكەندىن كىيىن ، ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى مەزكۇر مەھسۇلاتقا باسىدۇدە ، شىنجاڭ بازىرىغا كىرىدۇ .

  كىشىنى ئەڭ چۆچىتىدىغان ئىش شۇكى ؛ تىلۋىزۇردا ئۇيغۇر كارخانىلىرى زاۋۇتلارنى دىيارىمىزدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، بىراق ھەقىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇن ئىچكىر ئۆلكىدە بولىدۇ. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
  مەسىلەن مەن بىر كىچىك تاللا بازاردا "ئوغۇزخان"ماركىلىق ئاچچىق يىمەكلىكنى كۆردۇم ، ئۇنىڭدا "ئىشەنچىلىك ھالال ، مۇسۇلمانچە "دىگەن خەتلەر توشۇپ كىتىپتۇ . بىراق ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ۋە زاۋۇت ئادىرسى ئىچكىر ئۆلكە ئىكەن .،

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
15987
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 14:17:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى ئېيتقاندا يەنلا شۇ پەن تېخنكا ھەم زور مالىيە كۇچى بولمسا شۇ مەھسۇلاتنى بازارغا ئىپ چىقىپ ساتقىلى ھەم بازار تاپقىلى بولمايدۇ .ئويلاپ باقسام بىز ھەممە ئىشنى دوراپلا قىلۋاتمىزمۇ قانداق؟ ھازىر ھەممە ئاتا-ئانلار پەرزەنتلەرنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشقا ھەممىدىن بەك كۇڭۇل بۆلىۋاتدۇ ،ئەتىراپمىزدىكى كىشلەر تۇپغا نەزەر سالدىغان بولساق بەزى ئۇقۇتقۇچلارمۇ باللىرنى خەنزۇچە مەكتەپكە ئالدۇرالماي مۇناسۋەت ئىزلەۋاتقان باشقا يۇرتقا ئاپىرىپ خەنزۇچە سىنپقا ئەكىرگەندىن كىيىن يانا ئۆز يۇرتغا ئەكىلىپ ئۇقۇتۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ،مەن ئۇقغاندمۇ ئۆز ئانا تىل مەكتپدە ئۇقىغان ھازىر مۇقۇم ئىش ئۇرندا ئىشلەۋاتمەن ئالدمىغا كىلدغان ماتىرياللار ساپ خەنزۇ يىزىقى لىكن مەن تەرجىمە قىلىپ خىزمىتمگە باغلاپ ئىشلەپ كىلۋاتمەن  ھەممە ئىشلار كۇپ تەجىربە سەناقلاردىن كىلدىكەن نىمە قىلمىز باللارنى خەنزۇچە ئۇقتمسام كەلگۇسدە نان تىپىپ ييەلمەيدۇ دەپ باللارنى زورلاپ ،ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشلەرمۇ خەنزۇچە ئوقمايمۇ خىزمەت قلۋاتمامدۇ،توغرا قانچە كوپ تىلنى بىلسە شۇنچە ياخشى بىراق باللارنىڭ تاللاشغىمۇ كۇڭۇل بۇلەيلى ئاتا-ئانلار ،ئۇلار بىر كۇنى بىزدىن دادا-ئاپا سىلەر مىنى ئۇرۇپ تىللاشقا ئانى قلدىڭ-مانى قىلمدىڭ دەپ ھەممە ئىشتا مىنڭى دگىنىم بويچە ئېش قلمدىڭ دەپ مىنى ئوز خايشىڭ ئارزۇيىڭلا بۇيچە باشقۇرۇشقا  بۇ دۇنياغا ئاپىردە قىلغانمۇ دەپ سۇراپ قالمسۇن باللارغا ئەركىنلىك بىرەيلى ،ئۆز تىلدا ئۇقۇپمۇ ياخشى نەتجىلەر بىلەن ئۇتۇق قازانغانلار ئاز ئەمەس ،قارسام ئەسما خانمنىڭ قىزى خەنزۇچە ئۇقۇيدغان ئوخشايدۇ ئائىلدە بەك تەلەپچان ئوخشايسىز ،بولسا باللارغا مەدىنيىتمىزنى تىلمىزنى ،ئورىپ ئادەتلىرمىزنى، كىملكىمىزنى بەكرەك بىلدۇرشڭىزنى ئۇمىت قىلمەن. ھازىر جەمىيتمىزدە خەنىزۇچە بىلسە ئالدىن ئويلشمىز ،خىزمەتكە تۇنۇشتۇرمىز  دەيدغان ئشلار ھازىر كۇپيىپ كەتتى شۇڭا كەڭ ئاتا-ئانلارمۇ جەميەتنىڭ تىز تەرەققياتغا ھەم كەسكىن رقابتى ئالددا شۇنداق تاللاشنى قلغان بولشى مومكىن ،لكىن مىللى مائارپىمىز غا قانچىلىك تەسىرى بولغانلقىنى قانچىلغان تەلەپچان ئۇقۇتقۇچلار قۇشۇننىڭ نابۇت بولغانلقىنى ھس قىلالمغان بولشمىز مومكىن ،ئاخىردا تورداشلارغا دەيدغىنىم مىللى مائارپنى قوللايلى،مىللى كارخانچىلىرمىزنى قوللايلى ،بولسا بىزمۇ تىرشچانلىق بىلەن نەتجە قازىنىپ كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا مەبلەغ سالايلى ،ئىقتسادى ئگىلكىمىزنى راۋاجلاندۇرايلى،ئەتراپمىزدكى ساپ نىيەت خەلقى ئۇچۇن تىرشۋاتقان ،ئوتمىزدا كۇيىۋاتقانلارنى چۇشنەيلى ياردەم قىلايلى

ئەل خۇمار

يېڭى يۇلتۇز

پاكىزلىق ئىمانى

UID
11401
يازما
9
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 15:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 9 قەۋەتتىكى   (kilyang) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

kilyang
ئەركەكتەك گەپ قىلپسىز .
يەيدىغىنمىز پاكىز بولمىسا قەلىب بۇلغىندىغان ئىش ، قەلب بولغاندى دىگەن گەپ ئادەمدە ئىتقاد ، ھايا سۇزلىشىپ كىتىدۇ .....................................................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش