ئىگىسى: Nergiz

ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5382
يازما
46
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1336
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 18:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە خانلىقى دىگەن ئىبارىنىڭ ئالدىغا «ئۇيغۇر» دىگەن سۆزنى قوشماڭ بۇرادەر!
قەدىمكى كىتاپلاردىن مەلۇمكى، سەئىدىيە بولسا «موغۇل خانلىقى»، ئۇ زاماندىكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى باشقا بىر جايلارنى كۆرسىتىدۇ.

UID
12209
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1134
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 20:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەئىدىيە خانلىقى شەك- شۆبھىسىزكى ئۇيغۇرنىڭ خانلىقىدۇر.چۈنكى،شۇ خانلىقنى قۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇردۇر،مەزكۇر خانلىقنى قۇرغۇچىنى ئۇيغۇر دىيىشىمىزدىكى ئاساس،بىرىنچىدىن،ئۇنىڭ قوللانغىنى ئۇيغۇر تىلى،ئىشلەتكەن يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقى؛ئىككىنچىدىن،ئۇ ئېتىقاد قىلغان دىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىن _____ ئىسلام دىنى؛ئۈچۈنچىدىن،ئۇنىڭ تۈرمۇش ئۆرپ- ئادىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە(يېگەن تائام،كەيگەن كىيىم- كېچەك،تۇرالغۇ...)تۆتىنچىدىن،خانلىقتا يۈرگۈزۈلۋاتقان قائىدە- تۈزۈملەر پۈتۈنلەي يەرلىكنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بويىچە تۈزۈلگەن قائىدە- تۈزۈملەر.... بىز سەئىدىيە خانلىقىدىن موڭغۇللارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھېچقانداق ئىزنانى تاپالمايمىز؟شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز سەئىدىيە خانلىقىنى يەنە موڭغۇلنىڭ خانلىقى دىيىشكە يەنە قانداق ئاساسىمىز بار؟
  ئەگەر ئىككى ئەھلى مۇسۇلمان ئۇيغۇردىن تۇغۇلغان بىر بالىنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى خەنسوچە بولسا،خەنسو تىلىدا سۆزلەشسە،خەنسوچە كىيىنسە،خەنسوچە تاماقلانسا،خەنسوچە بۇتقا چوقۇنسا،خەنسوچە بايرام ئۆتكۈزسە... ئومۇمەن ئۇيغۇر ئەجدادىنىڭ ھېچقانداق بىر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلمىسا،بىز شۇنداق بىر ئۇيغۇردىن بولغان ئەۋلادنى يەنىلا «ئۇيغۇر»دەيمىزمۇ،ياكى «خەنسو»دەيمىزمۇ؟...
  چىڭگىزخان ئەۋلادىنىڭ كېيىنكى چاغلاردا ئىسلاملىشىشى ئاللانىڭ تەغدىرىدىندۇر(ئاللانىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەس)،شۇنداقلا چىڭگىزخان ئەۋلادىنىڭ كېيىنكى چاغلاردا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلۇشۇپ كېتىشىمۇ تارىخ تەرەقىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر،ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆز قوينىغا ئېلىپ سىڭدۈرۈپ كېتىشىمۇ،دەل ئۇلارنىڭ ھېچ شەك يوق سېپى ئۆزىدىن ئۇيغۇر بولۇپ كەتكەنلىگىدىن بولغانلىغىدىندۇر.

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 22:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ تۆھپىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ ئەڭ ئاخىردا شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ئىسلاملىشىشىنى، ئۇيغۇرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى !

مۇشۇ نوقتىدىنلا ، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 200يىلغا يىقىن ھۆكۇم سۇرگەن سەلتەنىتىگە ئاپىرىم ئىيتىش كىرەك.

UID
13134
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
287
تىزىملاتقان
2011-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە دۆلىتىنى ئۇيغۇرلارقۇرمىدى ،دىگەن يەنە تىخى ئاتالمىش خوجىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نىجاتكارى يەنە تىخى ئۆزبەكلەر ئۇيغۇرلارغا ئۇخشاش موغۇللارغا بۇيسۇنۇپ ئۆزئىتقادى ۋەمىللىتىدىن ياتلاشمىدى  ئۇيغۇرلار موغۇللارغا بويسۇنۇپ ئىتقادىدىن مىللىتىدىن ياتلاشتى دىگەن كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئالقاپ ياخشى ياماننى ئارىمايدىغان ئالدامچىلار سەنلەرگە شۇنى دەپ قوياي بىر كىشىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئۇنىڭ قان سىستىمىسىغا ياكى ئاتا بوۋىسىغا قاراپ ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ مەدىنىيەت ئامىلىغا ۋە مىللىي خاراكتىرىگە قاراپ ئايرىمىز تارىخىي ئىسپاتلارغا قارىساق يەركەن خانلىقىدىكى خانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي خاراكتىرى ئامىلى بۈگۈنكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتۋالغانلارغا ماس كىلىدۇ ،خوجىلارغا كەلسەك ئۇلار ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دىگەن كىشلەرگە مااس كەلمەيدۇ ئۇلار پەقەت دىننى دەستەك قىلىپ سىياسىي تەرەپتە ئۈستۈنلۈككە ئىرىشىشنى ئويلايدىغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشىقا بىر مىللەتتىن يەنى تۈركلەرنىڭ تارىختىن بۇيان دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئەجەملەر پۇشتىدىن شۇڭلاشقا ئۇلار دىن تونىغا ئورىنىۋىلىپ خەلىقنى ئالداپ ئۇلاردىن پايدىلنىپ  يەركەن دۆلىتىنى يوقاتماقچى بولدى كىيىن مەقسىدى ئىشقا ئاشمىغاندا بولسا بۇ مۇناپىقلار ئۆز قار نىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دىن ۋە مەدەنىيەتتە قىلچىلىك ئوخشاشلىقى بولمىغان غەيرىي يات مىللەتلەر بولغان تىبەت ۋە جۇڭغارلارغا تىزلىنىپ يەركەن دۆلىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن يالۋۇردى دىمەك ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ باشقا دىندىكىلەر بىلەن ئىتپاقلىشىپ ئۆزىنىڭ دىننى قىرىنداشلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ مەيلى قانداق مەقسەت نىشانى ۋە قانداق ئادەم بولشىدىن قەتتىي نەزەر ئەمدى ئۇنىڭ مىللىتىگە كەلسەك ئۇ ھەرگىزمۇ بىز بىلەن بىر مىللەت ئەمەس چۈنكى ئۇ يەرلىكتىكى خەلىقلەرنى بەكمۇ ئۆچ كۆرىدۇ شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر بولۇشىغا ۋە ئۇلار بىلەن قۇدا بولۇش ۋە ئۆز ئارا نىكالىنىشقا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنى قۇل ئۇرنىدا كۆرۈپ خالىغانچە ئەزگەن بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئۇ تۈركلەردىن ئەمەس بەلكى تۈركلەرنىڭ تارىخى دۈشمىنى بولغان ئەجەملەر پۇشتىدىن ئەمدى ئۆزبەكلەرگە كەلسەك بۈگۈنكى ئۆزبەك دىگەن نام ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغان چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ ئوغلى باتۇخاندىن بولغان موغۇل پۇشتىدىن بولغان ئوتتۇرا ئاسىياغا بىسىپ كىرىپ چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئۇغلى  تۈركلەشكەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ زىمىنى ۋە ھوقۇقىنى تارتىۋالماقچى بولغان  چىڭگىزخاننىڭ  چوڭ ئۇغلى جۇجىنىڭ پۇشتىدىن بولغان موغۇل نەسەبىلىك خان ئۆزبەك خاننىڭ ئىسمى ئۇ ئۆزى باشقۇرغان خەلىقلەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن ئۆزبەك ئۇلۇسى دەپ ئاتىغاچقا ئۇنىڭ باشقۇرىشىدكى كىشلەر ئۆزىنى ئۆزبەك دەپ ئاتاشقا باشلىدى شۇنىڭدىن بىلىشقا بولىدۇكى ئۆزبەك نامى بىرەر تۈرك قەۋىمىنىڭ نامى ئەمەس بەلكى چىڭگىزخان نەسەبىدىن بولغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى بىر موغۇل پادىشانىڭ ئىسمى بۇ ئۆزبەك موغۇللىرى تاكى روسلار كەلگۈچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز ھۆكمرانلىقىنى ساقلاپ قالدى ۋە تەدرىجى يەرلىكتىكى تۈركلەرگە قوشلۇپ كەتتى لىكىن ئۆزبەك دىگن نامى ساقلىنىپ يەرلىكتىكى بەزى نادان كىشلەر بۇنى ئۆزىنىڭ مىللى نامى قىلىۋالدى ،
ئەمدى ئۆزبەكلەر بولسا ئوتتۇرا ئاسياغا چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن پانا تىلەپ كەلگەن چاغاتاي ئەۋلاتلىرى ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۇلارغا قازاق دەپ نام بەرگەن كىيىن بىر قىسىم ۋاپاسىز
ئاش بەرگەنگە مۇش بىرىدىغان جۇجى نەسەبىدىن ئۆزبىك خانلىرى ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان ئۆزلىرى بىلەن نەسەبداش بولغان چاغاتاي ئەۋلاتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدى ۋە ئۇلار بۇددىست موغۇللار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قورشاپ يوقاتماقچى بولدى كىيىن سەئىدخان بارلىق قىيىنچىلىقلانى يىڭىپ ئۆز خانلىقىنى قۇرۇپ ئىلگىرى كىيىن ۋاپاسىز خايىن ئۆزبەكلەرگە ۋە بۇددىسىت موغۇللارغا ۋە تىبەتلەرگە كىين قازاقلارغا يۈرۈش قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ شۇ ۋاقىتتىكى بىشىمىزغا كىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر مەيدان بالا قازادىن ساقلاپ قالدى ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلمىغان بولسا ئۆزبەكلەر بۇددىست موغۇللار تىبەتلەر ۋە قازاقلار ئۈستىمىزدىن بىر مەيدان قىرغىنچىلىق قىلغان بولاتتى بۇنداق قىرچاپتا زىياننى ھەممىدىن كۆپ تارتىدىغىنى خان پادىشالار ئەمەس بەلكى ئاددىي پوقرالار شۇڭا سەئىدخان خەلىقنى ئويلاپ ھاياتىنى دوغا تىكىشتىن باش تارتماي تەرەپ تەرەپكە ئۇرۇش قىلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى ئۇ ساپ ھەققىي ئۇيغۇر ۋە
ھەقىقي تەقۋادار مۇسۇلمان ئەگەر ئۇ شۇنداق قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلمىغان بولسا بۇ رايۇندا بەلكىم ھازىر
ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدىغان بىر مىللەت مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى

UID
25961
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 16:18:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىىدىيەخانلىقى قۇچۇئۇيغۇرخانلىقى ۋەقاراخانىيلارئۇيغۇر خانلىقىغا ئوخشاشلائۇيغۇرلارئۆزلىرى قۇرغان خانلىق بۇلۇپ ھېساپلىىنىدۇ.پەقەت خانىق قۇرۇشتا سىرتنىڭ ياردىمىگە تايانغان خالاس..

UID
15923
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
139
تىزىملاتقان
2011-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-16
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى  ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خانلىق  ،شۇنداقلا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھى بولغان ئسمايىل خانمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئاخىرىقى پادىشاھ، ھىساپلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن(بۇمىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم)، ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز ئىتراپ قىلمىساق باشقىلار ئىتراپ قىلامدۇ...................؟
hontura دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىنى 100% قوللايمەن.
ئاپپىاق غوجىنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى خەلقىمىز ئەمدى تونىۋاتىدۇ........ئۇ دەۋزىخىنىڭ جاجىسىنى ئاللا ئۆزى بەرسۇن!

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1976
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر چاغاتاي ۋە سەئىدىيە خانلىقىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان دەپ ھەرقانچە چىڭ تۇرساڭلارمۇ ئەجدادى مۇڭغۇللاردىن بولغان ئۇ كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئۆزبەك بولۇپ قالمايدۇ. چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان مانجۇلار يېزىق، مەدەنىيەت، تىل جەھەتلەردە خەنزۇتىلىنى ئىشلەتكەن ۋە كېيىن خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇ خانلىقنى يەنىلا مانجۇلارنىڭ قۇرغانلىقىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ. دەرھەقىقەت يەنە ھىندىستاننى نەچچە ئەسىر سورىغان، ھىندى مەدەنىيتىگە غايەت زور تۆھبە قوشقان مۇغۇللارنىمۇ ھىندى دەيدىغانلار يوق.، سەئىدخاننىمۇ تارىخچىلار مۇڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بارلىق مۆھتىرەم ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مىڭ يىللىق تارىختا بۇ رايوننىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە يوقاردا تىلغا ئېلىنغان خانلىقلارنىڭ مۇغۇللارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلار كېرەك. تىلغا ئېلىش كېرەك دەپ قارالسا خوتەندىكى ھېبىبۇللا، كۇچا ۋە قەشقەردىكى ئۆمرى قىسقا ھاكىمىيەتلەرنى تىلغا ئېلىپ قويۇش يېتەرلىك.
بۇ ئىككى مىڭ يىلدىن بىرى مىللەت ۋە قەبىلە ناملىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرغان. رايونىمىزدا مىللەتلەرنىڭ ئاتسىلىماتسىيەگە ئۇچۇراش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلگەن. ئەگەر بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر دېگەن بۇ نامغا ھەددىدىن زىيادە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ بۇ جەھەتتە مىللىتىمىزنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان پەرقىنى تېپىپ چىقىشقا ھەددىدىن زىيادە ئېسىلىۋالىدىغان بولساق بىزنىڭ ئاخىرىدا ئېرىشىدىغان نەتىجىمىز نۆل بولىدۇ. چۈنكى مىللەت ئۇقۇمىنى ھەممە ئۆز خائىشى بىلەن بىكىتىۋالسىمۇ رىئاللىق بىلەن سېلىشتۇرسا بۇ ئۇقۇم ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس ئۇقۇم بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ئېنىق ئۇقۇم بىكىتىلگەن ھالەتتىمۇ ھازىر ياد مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان مىللەتلەر بىلەن ئەينى ۋاقىتتا بىر مىللەت ئىكەنلىمىز ئىسىمىزگە كېلىدۇ. مىسالەن: مۇڭغۇللارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ، ئۆزبىكلەرمۇ، قازاقلارمۇ، قىرغىزلارمۇ، تۈركمەنلەرمۇ، تۈركىيە تۈركلىرىمۇ ھەممىسى تۈركلەر بايرىقى ئاستىدىمۇ ياشىغان، ئۇغۇزلار قاتارىدىمۇ ياشىغان. تاجىكلار بىلەن پارىسلارمۇ تارىختا ئوخشاشلا بىر مىللەت بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ جۇڭگۇدىكى 56 مىللەت قاتارىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بىلەن يۇغۇرلارنىڭ تارىختا بىر مىللەت ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
خەقلەرنىڭ تارىخ ھەققىدىكى بىلىشلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى ئۇزىراپ يىراقلارغا كەتتى. ئەمما بىز ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلماي ياكى ئاتلاپ ئۆتەلمەي پىسخىكا ۋە تارىخنى بىلىش جەھەتلەردە يېتەرلىك مەنزىلىمىزگە يېتەلمەي خۇدۇكسىرەش بىلەن يۈرۈۋاتىمىز. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتىكى مۇلاھىزىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر مۇلاھىزە مۇھىيتى يارىتىشنى ئويلاشقان ياخشى.  

UID
12209
يازما
54
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1134
تىزىملاتقان
2011-6-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 19:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىز چاغاتاي خانلىقىنى «ئۇيغۇر خانلىقى»دەپ ئېيتىۋاتقىنىمىز يوق،سەئىدىيە خانلىقىنى «ئۇيغۇر خانلىقى»ئىدى دەپ ئېيتىۋاتىمىز،بۇ توغرىدا دەلىللېرىمىزنى يېتەرلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇق.سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغۇچىلار بىلەن چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى مانجۇلارنى بىر ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.چۈنكى،مانجۇلار باشتىن-ئاخىر ئېھتىياج ئۈچۈن مانجۇ ۋە خەنسو تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللانغان(بېيجىڭدا ساقلىنىپ قالغان خان ئوردىسىنىڭ نامە تاختايلېرىدا ھازىرغىچە مانجۇچە يېزىق بار)،مانجۇلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ مانجۇچە بولۇشىنى ساقلاپ قالغان،مانجۇچە كىيىم-كېچەك ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، چىڭ سۇلالىسى باشتىن- ئاخىر مانجۇ مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن،ئۇ مىللەت تاكى ئۆز ھۆكۈمرانلىغىنى قولدىن چىقىرىپ قويغۇچە بولغان ئارىلىقتا،ئەزەلدىن خەنسوغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ باقمىغان.ئۇلار ئۆز سەلتەنىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خېلى بىر قىسمى رەسمىي ھالدا خەنسوغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى،شۇ ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن مانجۇلارنى كىم يەنە «مانجۇ»دەيدۇ؟
  تارىخ ئۆز تەرەققىيات جەريانىدا ۋوجۇدقا كەلتۈرگەن نەتىجىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.

UID
3401
يازما
105
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1935
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 21:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز نىمىنى تالاشماقچى...؟ئەجەبا بىز خەخ تارىختىن بۇيان قۇل مىللەتما؟

UID
17057
يازما
304
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1414
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 00:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا سوغۇققان بولۇشىمىزنى تەشەببۇس قىلىمەن.
ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكى « ئۇيغۇرلىشىپ كېتىش » دېگەن ئىبارە، توغرىسى« تۈركلەشكەن موڭغۇللار» ، « تۈركلىشىپ كېتىش» دېيىلىشى كېرەك، بىر تورداش ئېيتقاندەك، ئۇ چاغدا يەركەن-قەشقەر تەۋەسىدە ئۇيغۇر دېگەن نام نېمە قىلىدۇ؟ ئۇيغۇر نامىنى قوللانغان ۋە موڭغۇل ئىستىلاسىدا شۇ نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىققىنى پەقەتلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرقى موڭغۇللارنىمۇ پۈتۈنلەي ئىسلامغا كىرگۈزگەن مۇسۇلمان موڭغۇل خانى ئىكەنلىكى ھەممىگە ناھايىتى ئېنىق. شۇنىڭدىن باشلاپ ئورتاق دىنى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئاستىدا موڭغۇللارنىڭ تۈركلىشىپ ،تۈركلەر قەۋمىگە پۈتۈنلەي ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكىنىمۇ بىر ھەقىقەت. بۇ يەردە ئەمدى يەنە موڭغۇل ئەمەس، موغۇل دېگەن نامنى تارىخچىلارنىڭ ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ ئىشلەتكىنى بىكار ئەمەس.
چاغاتاي ئەۋلاتلىرى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈم سۈرگەن ئەمىر تېمۇرنىڭ سەلتەنىتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئاقساق تېمۇر بىر ھەقىقى تۈرك ئىمپىراتورى، ئۇ چاغاتاي ئەۋلادى ئەمەس، زوھۇرىدىن بابۇر ۋە مىرزا ئۇلۇغبەگ دەل شۇ كىشىنىڭ ئەۋلاتلىرى، سەئىدخان ئانا تەرەپتىن بابۇرشاھ بىلەن بىر نەۋرە بولىدۇ، دېمەك تۈرك خانلىرى بىلەن چاغاتاي خانلىرى ئوتتۇرىسىدا دىن، تىل، يېزىقتىن ئىبارەت ئورتاقلىقتىن باشقا يەنە قۇدا-باجا تۇققانچىلىقمۇ مەۋجۇت، يەنى چاغاتاي خان جەمەتلىرى ئىچىدە  تۈرك قېنى بىلەن موڭغۇل قېنى ئارىلىشىشقا باشلىغان، شۇنداق تۇرسا، يەنە نەدىن كەلگەن ساپ موڭغۇل پادىشاھ ئۇ؟شۇڭا سەئىدخاننىڭ مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن تۈرك بايرىقىنى كۆتۈرىشىنىڭ، يەنە بىرەر مۇددىئا بىلەن مۇسۇلمان بولۇۋېلىشىنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. سەئىدخان يەركەن خانلىقىنى قۇرۇشتا لۈكچۈن خانى بولۇپ تۇرغان ئىنىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ۋە ئىككىسى تىنچ بىللە ئۆتۈش شەرتى بىلەن ئىككى جايدا خان بولغان، بۇ بىر تارىخى رىئاللىق. سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلمىدىن قەشقەرىيە خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئادالەت بىلەن يۇرت سوراپ، بىزنىڭ بۇ دىياردىكى بىر بۆلۈك  مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالغان ئادىل پادىشاھ، خالاس. تۇغلۇق تۆمۈردىن كېيىنكى چاغاتاي خانلىرىنى ئاۋال مۇسۇلمان، ئاندىن تۈركلەشكەن موڭغۇل دەپ قارىساق تالاش-تارتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
موڭغۇللار بىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان بىر ئىرق، تۈرك بىلەن موڭغۇلنى بىر تۈرك ئىدى دېسەك قاملاشمايدۇلا ئەمەس، دۇنيادا موڭغۇللوئىد دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىرق نامىنىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتكەن بولىمىز. موڭغۇللار بىلەن بىز پەقەت بىر تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ، چۈنكى تىلشۇناسلىق تەلىماتى بويىچە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىر مەنبەدىن يەنى ئالتاي ئەتراپلىرىدىن پەيدا بولۇپ زورايغان. يەنىمۇ ئىچكىرىلىسەك، ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدە بىر قەۋم ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ، يەنى ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى. سىز بۇنى خۇراپاتلىق دەپ قارىمايدىغانسىز ھە؟ شۇنداق قارىسىڭىز چوڭ خاتالىشىسىز، بىراق بۇ___ موڭغۇلمۇ تۈرك ئىدى دېگەن گەپ بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان گەپ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-14 00:59):
موڭغۇل ئىرقى يەنە « سېرىق تەنلىك ئىرق» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش