adiyat يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 13:12 
گەپلىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق ..شۇنىڭ بىلەن تۈگىدىما؟
تولۇق ...
adiyat بۇرادەر ، ئەگەر مېنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز گەپ تېخى تۈگىمىدى ، دىمەكچى بولغىنىم خەنزۇ مىللىتى ئۈچۈنمۇ مىسلىسىز بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىي قاتارلىق ھەركەتلەرنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرى بىلەن ئاتالمىش « سوپىلار دەۋرى»نىڭ مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرىنى ۋىجدانىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەيسىز .
مەن رومانلارغا ئىشەنمەيمەن ، تارىخىي چىنلىققا ئىشىنىمەن . يەركەنت خانلىقىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى ، كېيىن بابۇرشاھنىڭ كەشمىردە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ پادىشاھى بولغان ، مۇسۇلمان كىشى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى يازغان تارىخنامە « تارىخىي رەشىدىي » دىگەن كىتاپقا ئىشىنىمەن ، دۇنيا تارىخشۇناسلىقىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى چوڭ ئالىم ، ئەنگىلىيەلىك گراف دېنىسون روسس ئەپەندى بۇ كىتاپنى پارىسچىدىن ئېنگىلىسچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە يەنە ئەنگىلىيەلىك چوڭ ئالىم ، يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ بۈيۈك تارىخشۇناس دەپ نام ئالغان Arnold Joseph Toynbee ئەپەندىلەر بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە ئىنتايىن يۇقۇرى باھالارنى بەرگەن . مانا مۇشۇ ئەسەردە مۇئەللىپ خوجىلار توغۇرلۇق « ئۇلار ياخشى نىيەتلىك تەقۋادار ، بىلىملىك كىشىلەر ئىدى » دەپ يازغان . مەخدۇم ئەزەم تارىختا 200 نەچچى پارچە كىتاپ يازغان زور ئالىم ، ئۇنىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن . ئەۋلادى ئاپپاق خوجا سىياسىي بىلەن ئارىلىشىپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن جۇڭغارلارنى باشلاپ كىرگىنى ھەقىقەت ، لېكىن ئۇنىڭ مۇشىنىڭ بىلەن دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئادىمىي شەيتان ئىكەنلىگىگە ئىشەنمەيمەن . چىڭخەي ، گەنسۇ نىڭشالاردا ، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدە كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئۇنىڭ سۈلۈكىگە كىرگەن ، بىز كىشىگە ئادىل باھا بېرىلىشى كېرەك ، ئادىل ، ئىلمىي ئاساسلىق ، زۇلۇم قىلىىنمىغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلىپ بېرىلمىگىچە ، رومانلارنىڭ ، ھىكايىلەرنىڭ ۋە تەشۋىقاتنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينىمايمەن . ئەڭ ئاخىرىدا مەشھەرگاھتىكى ئادىل ھۆكۈمنى كۈتىمەن . adiyat بۇرادەر