ئىگىسى: Nergiz

ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە سەئىدخاننىڭ كۇچلۇك دىنى پۇراققا ئىگە بۇ شىئېرلىرىغا دىققەت قىلغايسىز، بۇنىڭدىن بىز سەئىدخاننى «ئامالسىز مۇسۇلمان بولىۋالغان» دېيەلەيمىزمۇ ؟ ئەكسىنچە بىر دىنى ئالىم تەرىقىسىدە ئىجادىيەت قىلغان.

سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى

قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئناسى بار؟  
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار؟  
ھۆر بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلىسۇن.  
يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.  
لەئلىدىن خەتتى بۇدۇر ھەردەم تىرىكلىككە نىشان،  
خۇش نىشانىدۇركى ئىككى قاشىدىن توغراسى بار.  
بىر سۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھايات، 
لەئلى جانبەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنفاسى بار.  
يۈزى ئۆزرە كاكۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى
ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.

  
شۇكرى لىللاھ ھالەتىم زاھىر بولۇپتۇر يارغە.
ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزنى كۆرسىتەي ئەغيارغە.
سەير ئۈچۈن كىرسە گۈلىستان ئىچرە ئول سەرۋى رەۋان،
بەندە ئولسۇن سەرۋى ئازاد ئول قەدى رەفتارغە.
ناز ئىلە تا ئاتلانىپ شەھر ئىچرە سالدى رۇستەخىز،
جان بىلە بەردىم كۆڭۈل ئول دىلبەرى ئەييارغە.  
دوستلار، ئەيىب ئەتمەڭىز قان يىغلاسام مەن زارنى،  
بەس كىلە ئالمام نىتەي بۇ دىيدەئى خۇنبارغە.
ئەي سەئىد، ئول ياردىن تاپدىڭ مۇرادىڭنى تەمام.   
بارچەسى بولدى مۇيەسسەر، شۇكرى بىرۇ بارغە.  


(مەنبە: «باياز»{1} شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 9-ئاي نەشرى

UID
18641
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي قېرىنداشلىرىم،قالايمىقان ھۆكۇم چىقارماڭلار ، سەئىدىيە خاندانلىقى ئېنىقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خاندانلىقى ئەمەسمۇ ، ئۇزەڭلارنى ئۇزەڭلار قۇل قىلماڭلار ،  سەئىدىيە خاندانلىقى مۇڭغۇلارنىڭ بولسا ئۇنداقتا ھازىرقى يەركەندىكى كىشلەر مۇڭغۇل ئوخشىمامدۇ .

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 20:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىخاننىڭ دۆلەت قۇرۇش غايىسى ئەجدادىنىڭ سەلتەنەتىنى تىكلەش..
سەئىىدىيەنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە دۆلەتنىڭ بۇنداق خارەكتىرى باغانسىرى گەۋدىلىنىپ
دۆلەت قىرىنداشلار ئارسىدىكى ھوقوق كۈرىشى ئاستىدا قالدى..بۇ پەيىتتە مۇغۇل ھۆكۈمرانلىغىنى ئاياقلاشتۇرۇپ تۈركى مىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۋاتقان ھۆكۈمىرانلىق تۇغى ئاستىغا ئۇيۇشۇش مەسلىسىدە
ئۆزبەك بىلەن ئۇيغۇر ئارسىدا كۈچلۈك زىددىيەت كۆرۈلدى..چۈنكى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ ياشاۋاتقان
ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل ۋە مۇغۇللارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك دىندىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىجدىمائى ھاياتتا تۈرۈك ۋە مۇسۇلمان خەلىقلىرىدىن ياتلىشىپ  قالغان  ئىدى..

باھا سۆز

koygandengiz  ھەقىقەتەن شۇنداق بولغانلىقىغا ئىسپات كۆرسىتىپ باقمامسىز ؟ !  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 00:47:57

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 01:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئەپەندىم:
  يۇقارقى ئىنكاسىڭىزنى «سەئىدىخان مۇڭغۇل دۆلىتى قۇرغان، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يەكەننى تۇرۇك ۋە مۇسۇلمانلاردىن تاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىشى ئۇنۇم بىرىپ ،قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللىشىپ كەتكەن، ھەتتا ئۆزبېك قىرىنداشلىرى بىلەنمۇ سوقۇشىدىغان بولۇپ كەتتى»-دەپ چۇشۇنەمدۇق؟

.........................

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 17:15:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق دىمىگەندىمۇ‹ ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى ئۆز ئىلكىدە ئەمەس  ئىدى› دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ..

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 17:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھالىسى ئۇيغۇر بولغان مۇغۇل خانى ئەجدادىنىڭ سەلتەنىتىنى قايتا تىكلەش ۋە ھۆكمىرانلىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كىڭەيتىش ئۈچۈن جەڭ قىلسا،
بۇ قوشوننىڭ بىرىنجى ئۇچىرشىدىغىنى ئۆزبەكلەر بولىدۇ..ئۇيغۇرلار بۇ ئۇرۇشتا مۇغۇل خانىنىڭ ئەسكىرى بولىدۇ،ياكى ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ....

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 18:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش matimatika نىڭ  ئىنكاسلىرىنىڭ ئاساسى  بار ، سەئىدىيە  خانلىقى دەۋردە « ئۇيغۇر » دىگەن  كەلىمە بولمىسىمۇ لېكىن  خانلىقتىكىلەر  ئۆزىنى  « تۈرك» دىگەن ، تارىختا  بابۇرشاھ  ئۆزىنى  تۈرك  ھىساپلايدۇ ، ئۇ  چاغلاردىكى ئۇيغۇرلار  ھازىرقىدەك  مىللەتچى ، يۇرتۋاز، قىتىغىر ، نادان ، تەپرىقىچى ، مەھەللىۋاز ،   ھاراقكەش ، بىلەرمەن ، كىچىك  پايدىغا  دۈم  چۈشىدىغان  ئەخمەق ۋە ھەزىلكەش ئەمەس ،  ھەممىسى  ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ  بەندىسى  ھىساپلايدۇ .

  روسىيە رۇسلارنىڭ ، لېكىن رومانوف جەمەتى نېمىسلاردىن ، تارىختىكى يېكاتىرىنامۇ  نېمىس ، لېكىن  دۇنيادا  ھىچقانداق  ئەخمەق روسىيەنى  گېرمانىيەنىڭ  دىگىنى  يوق ...

  يازغۇچىلارنىڭ رومانىغا   قارىغاندا  ھەقىقىي ئىلىمەە ئىنتىلىدىغان بولساق  « تارىخىي  رەشىدىي» نى  ئوقۇپ  كۆرەيلى ، بۇ ئەسەرنىڭ  ئىلمىي  قىممىتىنى دۇنيا تارىخشۇناسلىرىدىن سىر  دېنىسون  روسس ، تويىنبى قاتارلىقلار  ئېتىراپ  قىلغان .

  

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 18:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار  ھازىرقىدەك  مىللەتچى ، يۇرتۋاز، قىتىغىر ، نادان ، تەپرىقىچى ، مەھەللىۋاز ،   ھاراقكەش ، بىلەرمەن ، كىچىك  پايدىغا  دۈم  چۈشىدىغان  ئەخمەق ۋە ھەزىلكەش ئەمەس...

مانا  بۇ  شۇ دەۋىر مۇغۇل ھۆكمىرانلىرىغا ئەگەشكەن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى..
ھازىرقىلار شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولىشى مۈكىن..

شۇ دەۋىردە ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىرى ئەجدادىنىڭ قەۋىرلىرىگە سىغىنپ يۇرتلاردىن چىقىپ چۆللەرنى ،تاغلارنى ماكان تۇتتى..ئۇيغۇرنىڭ خانە ۋەيرانلىق تۇرمۇشى  باشلاندى...
ئاپاق غوجا ئۇلارنى چۆللەردىن قىرلاردىن قايتۇرۇپ كىلىپ ئۆز ھوقوقلىرىنى تونوتتى..لىكىن ئاخىردا مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن سەئىدىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرى تەرىپىدىن ئوردا ۋە ئىجدىمائى  ھاياتتىن سىقىپ چىقىرىلغان ساپ ئۇيغۇرلارنىڭ بەخىتسىزلىگى  ئاپاق غوجاغا يۈكلىنىپ تارىخ پۈتۈلدى..

UID
3667
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4739
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-5
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 00:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adiyat يوللىغان ۋاقتى  2012-1-5 18:44
ئۇيغۇرلار  ھازىرقىدەك  مىللەتچى ، يۇرتۋاز، قىتىغىر ، ن ...

باشتىكى ئىنكاسلىرىڭىزنى قوللايمەن ، بىراق بۇ ئىنكاسىڭىز باشقىچىكەن ، ئاپاق خوجا ، بۇ كىشى ئۇيغۇرنىڭ ھۇقۇقىنى تۇنۇتتىمۇ ،

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 01:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكى نىزا بىلەن بولوپ كەتكەن ھۆكۆمرانلار تەرىپىدىن تاشلىتىلگەن ئاۋام ھەر خىل بىد ئەتلەرگە ۋە نەشىخۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەن..
ئاپاق غوجا  ۋەئەجدادلىرى   ئاۋامنى ئاستا -ئاستا سىستىمىلق  داۋالىدى..
شۇڭا ئۇلار ئىشان ئاتالدى. ئىشان -كىشىنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن تەربىلىگۈچى ئۇستاز دىگەنلىك بولىدۇ.    بىر مەزگىللىك تەربىلىنىشتىن كىيىن روھىيىتى يىتىلگەن ئۆزىنىڭ ھەق ھوقوقىنى تونىغان تەقۋادار كىشىلەر سوپى دەپ ئاتالدى..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش