كۆرۈش: 29223|ئىنكاس: 121

ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ھايا-قىز بالىنىڭ

UID
6
يازما
86
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
403
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-4 20:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان

چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭقۇرۇلۇشىغا يول ئېچىلغانلىقى

             ئېستىلاچى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 1225-يىلىئاستانە قارا قۇرۇمدا داغدۇغىلۇق قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئىككىنجى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرائاسىيا ۋە شىنجاڭنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بەردى،چاغاتاي ئىلىدىكى ئوردىسىدا سەلتەنەتتاجىنى كىيدى.چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىدىكى ﻫۆكۈمالار ،دۆلەت خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەر ئاساسەنموڭغۇللار بولۇپ،ئوردا قائىدىسى،تەشكىلى،ﻫەرخىل مۇراسىملىرى موڭغۇل ئەنەنىسىگە سادىقئىدى.تۇغلۇق تۆمۇرخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرىخىزىر خوجا بىلەن ئىلىياس خوجىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى،شۇكۈندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى.ئىچىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى،خان،بەگزادىلەرئوتتۇرىسىدا تەخىت ﻫوقۇق،زېمىن ماجىراسى بېسىقمىدى،ئەلدە ئەنسىزلىك،ۋەيرانچىلىق ئەۋجئالدى.بۇ سورۇقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمندار مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىشقا باشلاپ قەشقەريەكەنلەردە نوپۇز تىكلەپ،ئۆز ئالدىغا قوشۇن قۇردى.ئەﻫمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگەكەتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى،لېكىن مۇرادىنى ﻫاسىل قىلالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى،مەﻫمۇدخاننڭۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخانمۇ پېتىشمىدى،سەلتەنەت تالشىپئۆز ئارا سوقۇشتى ،سەئىدخان مىززا ئابابەكرى بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئورتاق ﻫۇجۇمىغا تەڭكېلەلمەي تاغىسى بابۇر شاﻫتىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ﻫىندىستانغا يول ئالدى،شۇندىنكېيىن مىرزا ئابابەكرى ئالتە شەﻫەرنىڭ رەسىمى ﻫۆكۈمدارى بولدى،ئۆز ئىنتايىن زالىم بولغانلىقىئۈچۈن ئۆز خاﻫىشى بويىچە جاﻫان سوراپ خەلقنى قاتتىق ئەزدى،سەئىدخاننىڭ قارارگاﻫى ئاقسۇبولغاچقا ئاقسۇ خەلقىنى دەﻫشەتلىك باستۇردى،ئاقسۇ شەﻫىرى 16 يىلغىچە قاغا-قۇزغۇنلارنىڭماكانىغا ئايلىنىپ،بىرمۇ ئادىمىزات ئاياق بېسىپ باقمىدى.سەئىدخان ﻫىندىستانغا بارماقىنىنىيەت قىلىپ ئاۋال پەرغانىگە يول ئالدى،بۇنىڭ ۋەجى دادىسى ئەﻫمەدخان پەرغانە تەرەپتىنباش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىگە تەﻫدىت سېلىۋاتقان شەيبانىخان بىلەن كۆپ سوقۇشقان ئىدى،بۇئۇرۇشقا ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشقان ئىدى،بۇ ئۇرۇشتا ئەﻫمەدخان يارلىنىپ ئەسىرىگەچۈشتى ،كېيىن شاﻫبەگ خان ئەﻫمەدخاننى ئەسىردىن بوشىتىپ ئاقسۇغا چىرايلىق يولغا سېلىپقويدى،لېكىن سەئىدخان نەمەنگاندا بىر يىلدىن ئارتۇق زىنداندا ياتتى،كېيىنكى يىلى ئەندجانغاجانبەگ سۇلتان ۋە ئۆزبېكلەر خان بولغاندىن كېيىن سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ نازارەتئاستىغا ئالدى،ياش سەئىدخاننىڭ جاسارىتى ۋە شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن يەرلىك بەگلەرئۇنىڭغايوشۇرۇنچە ﻫىسداشلىق قىلدى ۋە 18 ئادىمى بىلەن قاچۇرۋەتتى،سەئىدخان قېچىپ ئىسسىقكۆلﻫۆكۈمرانى مۇﻫەممەدخاننىڭ ﻫوزۇرىغا باردى،لېكىن سەئىدخان مۇﻫەممەدخاننىڭ چېرىكلىكىدىنبىزار بولۇپ ئۇنى ئاغدۇرماقنى نىيەت قىلدى،لېكىن سېزىلىپ قالغاچقا 200دەك ئادىمى بىلەنمۇﻫەممەدخاننىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىلنىپ ئەسىرگە چۈشتى،سەئىدخان بۇ يەردەئىككى يىل زىنداندا ياتقاندىن كېيىن 1507-يىلى يەتتە سۇغا قېچىپ باردى،ﻫەم ئىنىسى خېلىلسۇلتان بىلەن بىرلىشىپ ئۆنى يەتتە سۇ خانى دەپ جاكارلىدى،كېيىن مۇﻫەممەدخاننى ئاغدۇرۇپزېمىنىنى ئىسسقكۆلگىچە كېڭەيىتتى،ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننى بۆشۈكىدە ئوجۇقتۇرۇشئۈچۈن يەتتە سۇغا زور قوشۇن تارتىپ سەئىدخاننىڭ قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلدى،بارلىق قوشۇنلىرىدىنمەﻫرۇم قالغان سەئىدخان چۆل-باياۋاندا جېنىنى جان ئېتىشكە مەجبۇر بولدى،ئىنىسى خېلىلسۇلتان جانبەگ ﻫۇزۇرىغا بېرىپ پاناﻫلاندى،لېكىن جانبەگ سۇلتان ﻫوزۇرىدىكى مەنسۇرخاننىڭيېقىنلىرىنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ باقى دۇنيا بىلەن خوشلاشتى،سەئىدخان نارىن جاڭگاللىقىدىنئۆتۈپ تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلىقلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى ۋە دولانلىقلاردىن كۈچ توپلاپمىرزا ئابابەكرى بىلەن قارىشىلىشىشىنى مەقسەت قىلدى،لېكىن دولانلىقلار سەئىدخانغا ۋاپاقىلمىدى،ئەكىسچە ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى،سەئىدخان بۇ يەردىنمۇ قېچىپ نارىن جاڭگاللىقىغاقايىتتى ۋە جاڭگالدا پاناﻫلىنىپ يۈرگەن خوتۇن-باللىلىرىنى يايلاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىنكېيىن پەرغانىدىكى جانبەگ سۇلتان ﻫوزۇرىدىكى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بەگلەرنى پاناﻫتارتىپ، ﻫىندىستانغا بېرىش ئۈچۈن پەرغانىگە يول ئالدى،سەئىدخان پەرغانىدىكى يېقىلىرىنىڭياردىمىدە ئامان-ئېسەن ئەندىجانغا بېرىۋالدى ، ئەندىجاندا جانبەگ سۇلتان تەيىنلىگەنﻫاكىم خوجا باتۇر سەئىدخاننى ئىززەت -ئېكىرام بىلەن كۈتىۋالدى ۋە بەدەخشانغا يولغاسېلىپ قويدى،بەدەخشان خانى سەئىدخاننى پايتەخىت زوپەردە بىر نەچچە كۈن پاناﻫلاندۇرغاندىنكېيىن كابۇلغا يولغا سالدى،1510-يىلى سەئىدخان كابۇلدا تاغىسى بابۇر شاﻫ بىلەن ئاخىرىدىدارلاشتى

سەئىدخان بابۇر شاﻫنىڭ ﻫوزۇرىغا بارغاندىن كېيىن بابۇرشاﻫ بۇ باتۇر،قەيسەر،جەسۇر سەئىدخاندىن تولىمۇ ئېﻬتىيات قىلدى ۋە پايلاقچى قويۇپ نازارەتقىلدى،سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇرۇپ كۈچ توپلىدى،پەرغانە ۋە ئالتە شەﻫەردىكىيېقىن-تەرەپدارلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلىپ تۇردى،ئۆز ۋاقتىدا مىرزا ئابابەكرىنىڭسۈيقەستىدىن قوتۇلدۇرۇپ قاچۇرۋەتكەن يېقىنلىرى سەئىدىخانغا تۇشمۇ-تۇشتىن ياردەم قىلىشقاباشىلىدى،مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپ پەرغانىگە كەلگەنلەرمۇ سەئىدخاننىڭ ﻫاكىمىيەتنىقولغا ئېلىشىنى ئۇمىد قىلدى،بابۇرشاﻫ ئوتتۇرا ئاسىياغا ﻫوجۇم قىلغاندا سەئىدخانمۇ ﻫەمدەمبولدى،ئىككەيلەن ئۆزبېكلەرگە قارشى دەﻫشەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى،بابۇرشاﻫنائىلاج كابۇلغا قايىتتى،سەئىدخانمۇ باشقا ئۈمىدلىرىدىن ئامالسىز ۋاز كېچىپ بابۇر شاﻫتىنزور ئەسكىرى كۈچ ئېلىپ 1514-يىلى نارىنغا كەلدى،قوشۇنلىرنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن 10 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشقا ﻫازىرلاندى.



سەئىدخان بىلەن مىرزا ئابەكرى ئوتتۇرىسىدا دەﻫشەتلىكسوقۇشلارنىڭ بولغانلىقى،سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى

مىرزائابابەكرى سەئىدخاننىڭ ﻫەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى،لېكىنسەئىدخان قەشقەرگە ﻫۇجۇم قىلىشى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن جاق تويغان قەشقەرخەلقى قوزغىلىپ سەئىدخان تەرەپكە ئۆتتى،مىرزا ئابابەكرى ئىچىكى،تاشقى ﻫۇجۇمدا تېزلاﻫالىدىن كەتتى ،قوشۇنلىرى بىرلا ﻫۇجۇم بىلەن تىرىپىرەن بولۇپ چېچىلىپ كەتتى،مىزرا ئابابەكرىتىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆلدە ﻫالاك بولدى.سەئىدخان يەكەنگە كىرگەندىن كېيىن 1514-يىلىرەجەپ ئېيىنىڭ 30-كۈنى قۇرۇلتاي چاقىردى،قۇرۇلتايدا سەئىدخان خانلىق تاجىنى كىيىدى،دۆلەتنىڭنامىنى سەئىدىيە دۆلىتى دەپ ئاتىدى،يەكەن شەﻫىرى دۆلەتنىڭدائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى،دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكىلى نۇقۇت رەڭ ئۈچ بۈرجەكلىكبايراققا ئۆزگەرتىلىپ بايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە لائىلەللاﻫۇ مۇﻫەممەدۇن رەسۇلىللە دىگەنئايەت ئالتۇن ﻫەل بىلەن يېزىلدى،سول تەرىپىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى يېزىلدى.سەئىدىيەجانلىقى پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتتى،ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى،مەدىرسلەردە 70% دەرسىلك پارس تىلىدا ئۆتۈلدى،يەتتە سۇ،ئىسسىق كۆل ۋە ئالتە شەﻫەرگىچە بولغان كەڭزېمىن سەئىدىيە خانلىقىغا مەنسۇپ بولدى،لېكىن شىمالى شىنجاڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قولىدابولغاچقا،سەئىدخان ئاكىسىغا تىنچ بىرلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مەكتۈپ ئەۋەتتى،سەئىدخانمەكتۇبىدا دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسەت:زېمىن ئىگىلەپ،تاج كىيىپ،شەخسى ئارزۇنىقاندۇرۇش ئەمەس،بەلكى،ئۇزۇندىن بېرى راﻫەت كۆرمىگەن خەلقنى راﻫەتكە چىقىرىشتۇر دىگەن، سەئىدخانتەقۋادار،رەﻫىمدىل،خەلقچىل نسان بولغاچقا تەخىتكە ئولتۇرۇپلا باجنى 10 يىلغىچە كەچۈرۈمقىلغان،مىرزا ئابابەكرى بۇلاپ توپلىغان بايلىقىنى خەلقكە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن،ئۇرۇشنىخوپ كۆرمىگەن.سەئىدخان ﻫاكىمىيەتنى مۇستەﻫكەملەپ كۈچەيگەندىن كېيىمۇ ئاكسى مەنسۇرخانغادۈشمەنلىك قىلمىدى،ئەكىسىچە داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى،مەنسۇرخانسەئىدخاننىڭ سەمىمىيىتى،جاسارىتىدىن تەسىرىلىنىپ ئاخىرى بەيەت qildi.netئىجىدە سەئىدىيە خانىلىقىكۈندىن كۈنىگە زورىيىپ نوپۇزلۇق،كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، زېمىنى يەتتەسۇ،توقماق،تىبەت،كەشمىر،قۇمۇل،بەدەخشانغىچەكېڭەيدى.دۆلەت بىرىككە كېلىپ خەلق ئەمىن تاپتى،ئىگىلىك گۈللىنىپ دۆلەت روناق تاپتى،خەلقباياشات ئىچىدە ئۆتتى،شۇڭا بۇ دەۋردە كىشلەر قۇمۇلدىن بەدەخشانغىچە سەپەرگە چىقسا ئوزۇقتۈلۈك ئالماي ئۆيدىن ئۆيگە كىرىپ مېﻬمان بولۇپ بارار ئىكەن. سۇلتان سەئىدخان تىبەتكەقوشۇن تارتىپ تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ قايتاشىدا كېسەل تېگىپ 1533-يىلى 47 يېشىدا ۋاپاتبولدى. مىيىتى يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى. سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىنباشلاپ 47 يېشىغىچە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ زېمىنى كەڭ،قۇدىرەتلىك، باي سەئىدىيەخانلىقىنى قۇردى ۋە مۇستەﻫكەملىدى،19 يىل سەلتەنەت سۈردى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2341
يازما
51
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1953
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-7 09:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېغىر  تىنقلار رومانى  ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقنىڭ  نىمە  ئۈچۈن  گۇمران  بولغانلىقىنى  ئېنىق  يورۇتۇپ  بېرەلەيدۇ.

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
595
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19803
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-7 13:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە،ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ ئېيتساق،سەئىدىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خانىدانلىقى ئەمەس.ئۇ-موڭغۇللارنىڭ،گەرچە بۇ خانىدانلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان بولسىمۇ؛ گەرچە،ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلاشقان ۋە ئىسلاملاشقان بولسىمۇ؛گەرچە،ھوقۇقدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ،بۇ خانلىق-يەنىلا موڭغۇللارنىڭ،بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىيىشكە ئاساسىمىز يوق...

تەپەككۇرنى قىلىمەن كومپاس،ئەمەلىيەت ماڭا بىر جەڭگاھ. ئېتىقادىم قوللايدۇ مېنى،ئۆزلۈكۈمگە سالغاچ ئارامگاھ... ئۇيغۇربەگ يۈكسەلمەكتە... http://www.uyghurbeg.net

UID
2647
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2010-10-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-7 13:36:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كوپ رەخمەت بولسا مۇشۇنداق تارىخى تېمىلانى كۆپىرەك يوللاپ تۇرۇڭ

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۇگونكى خوشاللىقنىڭ نىمە كىرىكى

UID
7209
يازما
27
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
868
تىزىملاتقان
2010-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-13 23:42:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىuyghurbeg يوللىغان 2010-06-07 13:17 غا قارتىلغان :
ئەمەلىيەتتە،ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ ئېيتساق،سەئىدىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خانىدانلىقى ئەمەس.ئۇ-موڭغۇللارنىڭ،گەرچە بۇ خانىدانلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان بولسىمۇ؛ گەرچە،ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلاشقان ۋە ئىسلاملاشقان بولسىمۇ؛گەرچە،ھوقۇقدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ،بۇ خانلىق-يەنىلا موڭغۇللارنىڭ،بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىيىشكە ئاساسىمىز يوق...

ئۇنداقمۇ دىگىلى بولماس ،سەئىدىيە خانلىقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خاندانلىقى ،پەقەت بۇيەردە مۇڭغۇللارنىڭ ئاساسى بار دىمەكچىمۇ .لىكىن بۇ خاندانلىق شۇنداقلا سەئىدىيە زىمىنلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خاندانلىقى شۇنداقلا زىمىنى خالاس.

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 10:28:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدخان چىڭگىزخاننىڭ نەچچىنچى ئەۋلادى ؟ 14؟15؟

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 10:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەخىتسىز سەئىدىيە......

UID
3052
يازما
33
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
420
تىزىملاتقان
2010-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 14:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىaypatam يوللىغان 2010-06-07 09:51 غا قارتىلغان  :
  ئېغىر  تىنقلار  رومانى  ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقنىڭ  نىمە  ئۈچۈن  گۇمران  بولغانلىقىنى  ئېنىق  يورۇتۇپ  بېرەلەيدۇ.
[/quote]
سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ قانداق گۇمران بولغانلىقىنى ياسىنجان سادىق جوغلانىنىڭ  جاللات خېنىم رومانىدىن بىلەلەيسىز .
ئېغىر تىنىقلار  رومانىدا پەقەت سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ جوڭغارلارغا مۇنقەرىز بولغان ۋاقىتتىكى ئاخىرقى ھۆكۇمرانلىق دەۋرى بايان قىلىنغان . ئېغىر تىنىقلار  دىكى تەسۋىرلەنگەن پىرسۇناژ دانىيال خۇجا بولسا ئەنە شۇ مۇنقەرىز بولغان بولغان خاندانلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى . ئۇ كىشى جوڭغارلارغا يىلىغا 100 مىڭ سەر ئالتۇن ، 400 مىڭ سەر كۇمۇش ، ئىككى مىڭ توقال يەنە نۇرغۇن سوۋغا سالاملارنى بىرىش بەدىلىگە تەخىتتە ئولتۇرغان قورچاق خاقان .

www.akillar.com

UID
3052
يازما
33
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
420
تىزىملاتقان
2010-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 14:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىuyghurbeg يوللىغان 2010-06-07 13:17 غا قارتىلغان  :
ئەمەلىيەتتە،ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ ئېيتساق،سەئىدىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خانىدانلىقى ئەمەس.ئۇ-موڭغۇللارنىڭ،گەرچە بۇ خانىدانلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان بولسىمۇ؛ گەرچە،ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلاشقان ۋە ئىسلاملاشقان بولسىمۇ؛گەرچە،ھوقۇقدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ،بۇ خانلىق-يەنىلا موڭغۇللارنىڭ،بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىيىشكە ئاساسىمىز يوق...
سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان بولسا چىڭگىزخاننىڭ 14- ئەۋلادى .
دۇۋاخاننىڭ ئوغىلى كۈنجۈك 1306- يىلى تەخىتكە چىقىپ مۇڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنى شامان دىنىدىن ۋاز كىچىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئۈزىمۇ باشلامچى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن تۇنجى مۇڭغۇل خاقانى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ . تارىختا ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇللار دەپ بايان قىلغان . يەنە ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر پاكىت شۇكى كۈنجۈك خاننىڭ ئىسلامغا ئىتقات قىلىشى ئۇزى خالاپ ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلانىڭ مايىللىقىنى ئۇزىگە تارتىش ئۇچۇندۇر . بۇنداق بۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇيغۇرلارنىڭ قورقماس باتۇرلۇق روھى ، ئەقىل -پاراسىتى ، جەڭ ماھارىتى ئۇنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارىتقان . شۇ سەۋەپتىن ئىچكى - تاشقى خەۋىپنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتىدىن پايدىلىنىش ئۇچۇن ئىسلامغا كىرگەن .

www.akillar.com

UID
3052
يازما
33
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
420
تىزىملاتقان
2010-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 11:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىakbar0997 يوللىغان 2010-11-13 23:42 غا قارتىلغان  :

ئۇنداقمۇ دىگىلى بولماس ،سەئىدىيە خانلىقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خاندانلىقى ،پەقەت بۇيەردە مۇڭغۇللارنىڭ ئاساسى بار دىمەكچىمۇ .لىكىن بۇ خاندانلىق شۇنداقلا سەئىدىيە زىمىنلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خاندانلىقى شۇنداقلا زىمىنى خالاس.
دوستلارنىڭ ئىنكاس - پىكىرلەرگە سوغوققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ، شۇنداقلا ئىنكاسلارنىڭ مەزمۇنىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى تىلەيمەن .

www.akillar.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش