ئىگىسى: Nergiz

ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4954
يازما
56
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1886
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 21:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىuyghurbeg يوللىغان 2010-06-07 13:17 غا قارتىلغان  :
ئەمەلىيەتتە،ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ ئېيتساق،سەئىدىيە ئۇيغۇرلارنىڭ خانىدانلىقى ئەمەس.ئۇ-موڭغۇللارنىڭ،گەرچە بۇ خانىدانلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان بولسىمۇ؛ گەرچە،ھۆكۈمرانلار ئۇيغۇرلاشقان ۋە ئىسلاملاشقان بولسىمۇ؛گەرچە،ھوقۇقدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ،بۇ خانلىق-يەنىلا موڭغۇللارنىڭ،بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىيىشكە ئاساسىمىز يوق...

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  قېرىندىشىم  ئۇيغۇربەك  :

تېمىدىنمۇ بەكرەك  سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز مېنىڭ  دىققىتىمنى تارتتى . پىكرىڭىزنى  يەنىمۇ  تەپسىلى ، سەل كەڭرەك دائىرىدە  ئوتتۇرىغا قويۇپ باقالارسىزمۇ ؟

يۇرتىمىزنىڭ  قىزىل  گۈللىرى، شېھىتلارنىڭ  تۆككەن قانلىرى.

UID
21257
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 03:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭچە بولغاندا بىز  تارىختا خانلىق قۇرۇپ باقمىغان قۇل مىللەتكەنمىزدە؟

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 12:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  سەئىدىيە..
غەرىبكە قۇرۇلغان  قورۇقچى  بەگ  مەھكىمىسىنىڭ داۋامىدۇر..
بۇ  خانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ  دىننى  ۋە  سىياسى ھاياتىغا قىلچە  ۋەكىللىك  قىلالمايدۇ.
زەھەرلىك  سوۋغات..

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە خاندانلىقى ھەقىقى ئۇيغۇر خانلىقى، سەۋەپ :

1- خانلىقنىڭ قۇرغۇچى ھۆكۇمرانلىرى ئۇيغۇرلاشقان ، خاندىن باشقا ئاساسلىق دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر.
2- خانلىق تېرىتورىيىسىنىڭ مۇتلاق كۆپ ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى.
3- دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت تىلى ، خاندىن باشلاپ ئاددىي پۇخرالارغىچە ئۇيغۇر تىلى ئىدى.يېزىقى ئۇيغۇر يىزىقى ئىدى.
4-خانلىقنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى ئىسلام دىنى ئىدى. بارلىق پۇخرالاردىن تارتىپ خانلارغىچە ئۇيغۇرلار ئىتىقات قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئىدى.

بۇلار تارىخشۇناسلار خانلىقنىڭ خاراكتىرىگە ھۆكۇم قلىشتىكى ئاساس قىلىۋاتقان پاكىتلاردۇر .
بەزىلەر يەنە نېمىگە ئاساسەن بۇ خانلىقنىڭ تەۋەلىكىگە ھۆكۇم قىلىۋاتقاندۇ؟

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. سەئىدىخاننىڭ بۇۋىسى يۈنۈسخان ئۇيغۇرلارنىڭ مايىللىقى ئۈچۈن ئىسلامنى قوبول قىلغان..
چۈنكى بۇلار كەلگەن بۇيۇرت بولسا ئىلگىرى شەرىئەت يۈرگۈزگەن قاراخانىلارنىڭ دۆلىتىدۇر..
2.سەئىدىيە ئىسلاملاشتى دىگەن گەپ يالغاندۇر..چۈنكى ئۇنىڭ يولغا قويغىنى شەرىئەت بولماستىن،
مۇڭغۇل جاساق قانۇنىدۇر..

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئۈسىتىگە شۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار مھدەنىيەت ئۆرپە ئادەت جەھەتلەردىن مۇڭغۇللاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ..شۇڭا ھەرخىل دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا مايىل يوللارنى تۇتقان..بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ
ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولماستىن بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسى ئىھتىياجىدۇر..

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1- مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى سەئىدىيە دەۋرىدە ئەمەس ، ئۇنىڭدىن خىلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلىشىپ بولغان.بۇ مەسىلىدە يەنە تالاش-تارتىش قىلىش ئەخمىيەتسىز.
2- سەئىدىيە دۆلىتىنى تىپىك ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتى دىيىش كىرەك. چۇنكى دۆلەتنىڭ دىنى ئىسلام ئىدى، مەيلى خانلاردىن تارتىپ پۇخرالارغىچە قانداق سەۋەپتىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇ يەنىلا ئىسلامدىكى دۆلەت.بەلكى بۇ ئىسلام سەئىدىيە ۋاقتىدا ئەمەس،سىز قەيىت قىلغاندەك قارىخانىلار دەۋرىدىلا ئومۇملىشىپ بولغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ دۆلەتنى ئىسلامدا ئەمەس دېيىش خاتادۇر . تارىخچى ھاجى نۇر ھاجى شۇڭا « يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى » دېگەن ئەسىرىدە : «سەئىدىيە خانلىقى ئىسلام ئۇيغۇر خانلىقى بولغانلىقتىن ، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىناتتى» (شۇ كىتاپ 208-بەت) دەپ يازىدۇ.
3- سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەشكىلى تۈزۈمى ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەل؛گەن ھاكىمىيەت تەشكىلى تۈزۈمى ئىدى.ئالايلۇق : خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئورگىنى ___
سۇلتان
خانىش
ئەمىر كىبىر
ئاتىلىق ۋەزىر
ئالىي ئەمىر
ئاتا بېگى
تامغا بېگى
كاتىپ
ئوردا شائېىرى
ھۆكۇما (ھەكىم)
چوڭ دېۋان بېگى
خەزىنىچى بەگ
شەيىخئىسلام
سىپاھ قازى
قازىبەگ
پاششاپ
........
بۇ خىل ھاكىمىيەت ئىش باشقۇرۇش ئاپىراتلىرى ۋە ئەمەللەر مۇڭغۇللاردا بارىمىدى؟
شۇڭا بۇ خىل ئۇيغۇرلارغا خاس ھاكىمىيەت  يۇرگۇزۇش ئەخۋالىدىن بىز سەئىدىيە دۆلىتى  تىپىك ئۇيغۇر دۆلىتىدۇر-دېيىلەيمىز!

UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر پاكىت شۇكى ، مۇڭغۇل ئەۋلاتلىرى چاغاتايخاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ، تۇغلۇق تۆمۇردىن باشلاپ ئۇيغۇرلاشقان.ھەتتا چاغاتاينىڭ ئاخىرقى خانلىرىمۇ ئۇيغۇرلاشقان.

چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىرى:

چاغاتاي ---- "چاغاتاي خانلىقى" نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

2 .قارا ھېلاكۇ .
قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .

3 . يېسۇمۆڭكۇ .
يېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

4 . قارا ھېلاكۇ
قارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .

5 . ئورفىنا
ئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .

6 . ئارغۇ
ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

7 . مۇبارەكشاھ
مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .

8 . بۇراق
بۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

9 . نىكباي
نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

10 . دۇۋا
دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

11 . كۈنجۈك
كۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

12 . تالقۇ
تالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .

13 . كەبەك
كەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

14 . ئېسەن بۇقا
ئېسەن بۇقا تارىختا "ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .

15 . كەبەك
كەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى .

16 . تارماشىرى
تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

17 . چىنگىش
چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .

18 . يەسۇن تېمۇر
يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .

19 . ئېمىل خوجا
ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

20 . تۇغلۇق تېمۇر
تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

21 . ئىلياس خوجا
ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

22 . خىزىر جوجا
خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

23 . شەمىئىي جاھان
شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

24 . مۇھەممەد
مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

25 . شىر مۇھەممەد
شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .

26 . نەقشى جاھان
نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .

27 . ئۇۋەيس
ئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .

28 . ئېسەن بۇقا
ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .

29 . دوست مۇھەممەد
دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

30 . كېپەك سۇلتان
دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

31 . ئەھمەد
ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .

32 . مەنسۇر
مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق "خان" قىلىپ تەيىنلىگەن .

33 . شاھ سۇلتان
شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

34 . سۇلتان مەسئۇد
سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .


يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى (ھەممىسى ئۇيغۇرلار )


يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .

1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .

2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .

7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .

8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .

9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .

10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .

11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .

12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان .




UID
1147
يازما
73
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
643
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-22
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15-قەۋەتتە«1. سەئىدىخاننىڭ بۇۋىسى يۈنۈسخان ئۇيغۇرلارنىڭ مايىللىقى ئۈچۈن ئىسلامنى قوبول قىلغان..
چۈنكى بۇلار كەلگەن بۇيۇرت بولسا ئىلگىرى شەرىئەت يۈرگۈزگەن قاراخانىلارنىڭ دۆلىتىدۇر..
2.سەئىدىيە ئىسلاملاشتى دىگەن گەپ يالغاندۇر..چۈنكى ئۇنىڭ يولغا قويغىنى شەرىئەت بولماستىن،
مۇڭغۇل جاساق قانۇنىدۇر..» دېيىلىپتۇ، تۆۋەندىكى تارىخقا قاراڭ، مۇشۇنداق غازات ئۇرۇشلىرىنى قىلغان ئادەمنى بىز «ئۇيغۇرلارنىڭ مايىللىقى ئۇچۇن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان» دېسەك توغرا بولامۇ؟
يەنە بىر گەپ : سەئىدىيە دۆلىتىدە سۇيۇرغاللىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان.بۇ پۇتۇن تارىخچىلار ئىتىراپ قىلىدىغان پاكىت!



سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە


   يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .
   سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .
  سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .


UID
22302
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 17:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش