ئىگىسى: armanlirim

گۈلنەزەرگە ئوچۇق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
289
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 23:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئادەم دىگەن سۆز ئۇيۇنى قىلىشقا ئەڭ ئۇستا مەخلۇقتە . كىم قانداق مەدىنيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا شۇ مەدىنيەتنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە باھا بىرىدۇ .  ناۋادا قۇلاق سىلىپ تۇرۇپ بەرسىڭىز  تىررورچىمۇ ، ۋەھشى قاتىلمۇ ، پاھىشۋاز «ج»مۇ ، دەللال ،ئالدامچى،ئوغرى-يانچۇقچىمۇ ئاقكۆڭۈل،سەمىمى ،ۋىجدانلىق قىياپەتتە سۆز قىلىدۇ .ھەركىم ئۆزىنى ئەسكى ئادەم دەپ سۆزلىمەيدۇ . شۇنداقلا ئادەمنىڭ پىشانىسىگە "ئەسكى ئادەم"يىزىلمايدۇ . بىر ئادەم كۆزىڭىزگە سىغمىغان بولسىلا ئۇ ئادەم ئەسكى ئادەم بۇلۇپ قالمايدۇ ، يەنە شۇنداقلا سىز ياقتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئۇ ياخشى ئادەم بۇلۇپ قالمايدۇ .
    مەلوم مەدىنيەت تەسىرىدە چوڭ بۇلۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىغا قارشى ھالدا يول تۇتۇپ ، بۇ مەدىنيەتنى دەپسەندە قىلغان كىشىنى ، سىز ھەرقانچە ياغلىما گەپلەر بىلەن ئاقلىسىڭىزمۇ بۇ جاھىل كىشىلەر يەنىلا ئۆزپىكرىدە تۇرىدۇ . چۈنكى ھازىر بۇ قەۋىم قۇبۇل قىلىۋاتقان مەدىنيەت ئېقىمى ھەرخىل ، شۇڭا "ياخشى-يامانغا " بولغان ئۆلچەممۇ ھەرخىل.
      

UID
7028
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3239
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 23:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ گۈلنەزەرگە ئوخشاش تىرىشچان ياشلىرىمىزغا ،مىللىيچە ،شانۇ - شەۋكەتلىك، ئۆزىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەيدىغان سەھنە يارتىپ بەرسەك ،ئاندىن بىزنىڭ ئۇلارغا ئىجابىي ياكى سەلبىي بولسۇن ،پەن- نەسھەت قىلىشقا  سالاھىيىتىمىز توشىدۇ.

UID
7028
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3239
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 23:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 26قەۋەتتىكىadiyat يوللىغان 2011-06-14 10:45 غا قارتىلغان  :
مۇنازىرىگە سەۋەپ  بولىۋاتقىنى

1. ئۇنىڭ ئۇيغۇر  ئىكەنلىكى( بۇشەخسىيەتسىز دۇرۇس بولغان سەۋەپ)

2.ئۇنىڭ چىرايلىق  ئىكەنلىكى(ئاياللارنىڭ تاشقى گۈزەللىكى% 90  شارائىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بۇ ئىلمى بولمىغان  سەۋەپ )
.......
گـــــــــــــــــــــــــــــــــــىپىڭىزنىڭ خېلى جېنى بار قېرىندىشىم

UID
12103
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1333
تىزىملاتقان
2011-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 00:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 31قەۋەتتىكىniranxa يوللىغان 2011-06-14 23:46 غا قارتىلغان :
مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ گۈلنەزەرگە ئوخشاش تىرىشچان ياشلىرىمىزغا ،مىللىيچە ،شانۇ - شەۋكەتلىك، ئۆزىنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەيدىغان سەھنە يارتىپ بەرسەك ،ئاندىن بىزنىڭ ئۇلارغا ئىجابىي ياكى سەلبىي بولسۇن ،پەن- نەسھەت قىلىشقا  سالاھىيىتىمىز توشىدۇ.

دىمەك ھازىر بىز گۈلنەزەر ۋە گۈلنەزەرگە ئوخشاشلارغا ھىچقانداق بىر ئىش قلىپ بىرەلمىگەندىن كىين، ئۇلارغا پەنىد نەسىھەت قىلساق بولمايدىكەندە؟ بىزدە ئۇنداق سالاھىيەت يوق ئىكەندە؟  ئۇنداقتا مەينەت يوللاردا يۈرگەنلەرگە پاكىز خىزمەت( ئەلۋەتتە جاپاسى يوق، راھەت خىزمەت) تېپىپ بىرەلمىگەندىن كىين ئۇنداقلارنىمۇ بۇ يولدىن قايىت دەپ قاتتىق يۇمشاق گەپ قىلساقمۇ بولمايدىكەندە.....

پەيغەمبىرىمىزمۇ كافىرلارغا باي باياشاتلىق، مال دۇنيا تىپىپ بەرمەي تۇرۇپمۇ ئۇلارنى ھەققە دەۋەت قىپتىكەن بولمىسا......بەزىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا توۋا دىمەكتىن باشقا ئامال يوقكەن .

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25562
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 01:35:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئۆزىمىزنى كۈزىتىپ، خاتايامىزنى تېپىپ ئۇنى تۈزەتكىنىمىز، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسەتكەندىن بەكرەك ساۋابلىق ئىش بولامدىغاندۇ دەپ.
ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي دېگىنىم ئەمەس، بىز ھەممىمىز قېرىنداشلاردەك، بۇرادەرلەردەك، شۇنداقلا دوستلاردەك. باشقىلارغا تەربىيە بېرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۆزىمىزدە كۆرسىتىپ، ئىپادىلەپ شۇنداقلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن باشقىلارغا پىكىر بەرسەك.
ھېلىغۇ گۈلنەزەركەن، ئۇنىڭدىن ئۆتە ئۆتەلەرنى كۆرمەيمىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە دىنىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكنىڭ يىلتىزىنى قازمايمىزمۇ؟ كىچىككىنە بالىلارغا بارچە مەسئولىيەتنى، مەجبۇرىيەتنى شۇنداقلا توقۇناق بالانى ئارتىپ قويۇپ، شۇ مەسلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ بىر سەۋەبى بولغان ئۆزىمىزدىن سوراپ باقمايمىز؟ سىزنىڭ 20 ياشنىڭ تۆۋىنىدە سىڭىل، ئۇكىڭىز ياكى نەۋرە قېرىنداشلىرىڭىز بولسىمۇ باردۇ؟ ئۆزىڭىزگە ناتونۇش بولغان بىر قىزغا سۆز ئاچماي، ئاۋۋال شۇ قۇرامدىكى ئەتراپىڭىزدىكى ياشلارغا نەزەر سېلىڭ. ئۇلار نېمىنى ئويلايدۇ؟ نېمىگە قىزىقىدۇ ۋە مۇشۇنداق كېتىۋەرسە نېمىلەرگە ئېرىشىدۇ؟ ئىشقىلىپ بۇ يەردە بولۇنغان سۆزلەرنى گۈلنەزەرگىلا ئەمەس، شۇ قۇرامدىكى ئومومىي ياشلارغا قىلىنغان نەسىھەت دەپ چۈشىنىلگىنى تۈزۈك. ئۇ گۈلنەزەرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، بەلكى جەمىيەتنىڭ، ئاتا ئانىنىڭ، مائارىپنىڭ ياكى... نىڭ تەسىرى.
90 -يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان جەمىيەت بۇزۇلدى، بالىلار ئەمەس.

UID
11830
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 01:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازماس ئاللا دەپتىكە،گۈزەلنۇر سىڭلىمغا ئىنساپ ئىمان تىلەيمەن

ئىنسان دىگەن تويماس نەپسى بالا،ئالەممۇ ئۇنىڭ نەپسىگە ئازلىق قىلىدۇ!

UID
12103
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1333
تىزىملاتقان
2011-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 02:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشئەل20 ئەپەندىنىڭ  <90 -يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان جەمىيەت بۇزۇلدى، بالىلار ئەمەس> دىگەن بۇ سۈزىگە قەتئى قۇشۇلالمايمەن.
جەمئىيەت دىگەن نىمە؟ جەمىئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىك دەل بىز ئادەملەر. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۆلىنىشىنى ئەلۋەتتە ئادەم بەلگىلەيدۇ، جەمئىيەت مەپە  بولسا ئادەم مەپىكەش بولىدۇ. ماڭدىغان يولنى ئۆزىمىز مېڭىپ، قىلىدىغاننى ئۆزىمىز قىلىپ ئاخىرىدا يول تاپالماي قالغاندا ياكى ئېزىپ قالغاندا گۇناھنى مەپىگە قويساق بولماس.
گۈلنەزەر ۋە ئۇنىڭ  سەپەرداشلىرى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولدا مېڭىۋەرسۇن. قوللايدىغانلار ئۇلارنى چاۋاك بىلەن ئۇزىتىپ قۇيۇڭلار، ئەيىپلەيدىغانلىرىمىز جايىمىزدا ئۇھسىنغان ھالدا ئۇلار كۆز ئالىدىمىزدىن يۈتكىچە قاراپ تۇرايلى.
ئەڭ ئاخىرىقى ھۈكۈم كۈنىدە كىمىنىڭ قىلغىنى توغرا بۇنى ئايرىغۇچى ئۈزى ئايرىپ بەرسۇن!

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25562
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 03:36:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيەت دىگەن نىمە؟ جەمىئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىك دەل بىز ئادەملەر. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۆلىنىشىنى ئەلۋەتتە ئادەم بەلگىلەيدۇ، جەمئىيەت مەپە  بولسا ئادەم مەپىكەش بولىدۇ. ماڭدىغان يولنى ئۆزىمىز مېڭىپ، قىلىدىغاننى ئۆزىمىز قىلىپ ئاخىرىدا يول تاپالماي قالغاندا ياكى ئېزىپ قالغاندا گۇناھنى مەپىگە قويساق بولماس.

بۇ سۆزىڭىز ئېنىقلا مېنىڭ پىكرىمنىڭ چۈشەندۈرىلىشى. گەرچە قوشۇلمىغان بولسىڭىزمۇ. چۈنكى، توغرا، سىز ۋە بىز مەپىكەش. جەمىيەتنى سۆرىدۇق. لېكىن شۇ بالىلار مەپىگە ئولتۇرغۇچى. 90-يىللىرى تۇغۇلۇپ 2000-يىللىرى جەمىيەتنىڭ مەپىكەشلىكىگە يارامدۇ؟ ياق. ئۇ چاغلاردىكى مەپىكەش دەل 80-يىللىرى، 70-يىللىرىنىڭ پەرزەنتلىرى. ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى 60 -يىللىرىنىڭ ئادەملىرى. دېمەك، بىز ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنىڭ قانداق بولىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپتىمىزمۇ؟ ئۇلارغا تولۇق مەسئول بولۇپ قالالماي قاپتىمىزمۇ؟ ئۇلارغا ئەخلاق، مىللەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ئۆگىتىپ بولالماپتىمىزمۇ؟ ئەتراپىمدا 90-يىللىرىنىڭ بالىلىرى كۆپ، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى تۈگۈل ئەسەرلىرىنى بىلمەيدۇ، مەدەنىيىتىمىز تۈگۈل ئەخلاقىمىزنى چۈشەنمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار تېخى سەبىي ۋە گۆدەك ئىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاپئاق ۋاقتىدا كىملەر نېمىلەرنى سىزمىغان؟
ھەربىر بوۋاق تۇغۇلغاندا پاك شۇنداقلا ەۇناھسىز تۇغىلىدۇ. ئۇنى تەربىيلەش ئاتا ئانا ۋە جەمىيەت، مائارىپتىن بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ بالىلارنى كىم تەربىيىلىدى؟ ئەگەر بۇ كىشىلەر توغرا ئۇسۇلدا تەربىيەلىدىم دېيەلىسە نەتىجىسى قېنى؟
يېڭى بىر دەۋر ماڭقۇرتلىققا يۈزلىنىدىغان بۇ بىر توپ كىشى نېمىنىڭ، كىمنىڭ شۇنداقلا نېمىلەرنىڭ مەھسۇلى؟ ئويلاش كېرەك، مەسئولىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچمايلى.

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25562
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 03:38:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۋال ئۆزىمىزنى چېكىپ ئاندىن باشقىلارنى سوتقا تارتايلى. شۇ جىنايەتتە سىزنىڭمۇ بىر كىشلىك مەسئولىيىتىڭىز بارمۇ؟
بۇ تېمىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك بەك كۆپ نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەتكۈدەك....

تىرىشچان ئەزا

ئۇخلىغان مىللەت

UID
12111
يازما
35
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1085
تىزىملاتقان
2011-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 06:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىدىكى ئىنكاس سۈپىتىدە يېزىلغان پىكىرلەردىن بەكمۇ خوشال بولدۇم.
مەن مىللىتىمدىن پەخىرلىنىمەن.

ھېرە سۇ ئىچەر ھەسەل ئېقىتار، يىلان سۇ ئىچەر زەھەر ئېقىتار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش