يېقىندىن ياقى ئارىمىزدىكى بىر قىسىم داڭلىقلىرىمىز توغۇرلۇق بەس مۇنازىرىلەر ئاۋۇپ قالغىلى تۇردى. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى شۇغۇللىنۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە.....
يۇقارقى تىما ۋە ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ چىقىتىم، خۇددى تىمىغا ئوخشاش ئىنكاسلارمۇ ناھايىتى ئىسىل. دادىل يېزىلىپتۇ.
مىنىڭ شەخسى قارىشىم شۇكى، ئۆزىنىڭ بەدىنى، چىرايى، ياسالما قىلىقلىرى ئارقلىق داڭلانغان ئاتالىمىش داڭلىقلارنىڭ بىزگە قىلچە پايدىسى يوق. مەن ئاشۇ سەنئەتچلىرىمىز قىلغان ئىشلارنىڭ (سەھنىلەردىكى) بىرىنىمۇ قىلالماسلىقىم مۇمكىن. ئۆزەم قىلالمىغاچقىلا ئۇلارنى ئەيىپلەش سالاھيىتىم يوق دەپ ئويلىمايمەن. ئۇغۇرلۇقنى قاملاشتۇرالمىغان ئادەم ئوغۇرلارنى ئەيىپلىسە بولمايدۇ، تاماق ئىتەلمەيدىغانلار نا ئۇستا ئاشپەزلەرنى ئەيىپلىسە بولمايدۇ دىگەن گەپ ئاقمايدۇ ئەلۋەتتە...........
يۇقارقى ئىنكاس ئارىسىدا ناۋايىنىڭ ئىنكاس ئۇچۇراتتىم: <ئىمان ئىسلامنى ھەقىقى قوبۇل قىلمىغىچە نىمىنىڭ تاپتىن چىققانلىق ھىساپلىنىشى، نىمىنىڭ شەرەپ، نىمىنىڭ نۇمۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى قانچە دىگەن بىلەنمۇ بۇ خىلدىكى كەسىپلەرنى نورمال دەپ تاللىغان كىشىلەر قۇبۇل قىلمايدۇ>.
مىنىڭچىمۇ بۇ توغرا قاراش. مۇسۇلمان ئەمەس ئادەمىنىڭ يېنىغا بىرىپ، ئىت ياكى ئېشەك گۈشى ھارام دىسەك، چۇقۇمكى ئۇ بىزنىڭ گىپىمىزگە قۇلاق سالمايلا قالماستىن بىزنى مازاق قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىمان-ئىتقادتا مۇستەھكەم بولمىغان، ئېغىزنىڭ ئۇچىدا ئىماندا داۋا قىلىپ دىنغا پۈتۈن كىرمىگەن كىشىلەر ئىچىدىكى بىرىنىڭ يېنىغا بىرىپ< سىنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىشلەر ئالدىدا مىڭىپ يۈرۈشۈڭ گۇناھ>دىسەك ئۇنىڭ بىزگە تۇتقان پۇزىتسيىسى ئىت-ئېشەك گۈشى يىگەن ئادەم بىلەن ئوخشاش بۇلۇشىمۇ مۇمكىن.
شۇڭا بەزىلەرنىڭ كىيۋالغان تونىغا قاراپلا پىكىر قىلساق دەككىمىزىنى يەپ قېلىشىمىز، ئۇرۇنسىز كۈڭۈلسزلىككە ئۇچۇرىشىمىز ئېنىقلا. ئۇلار گەرچە ئۈزىنى مۇسۇلمان دەۋاتقان بولسىمۇ، مەسىللەرگە مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن ئەمەس بەلىكى كىشلىك تۇرمۇش، زامانىۋىلىشش يۆلىنىشى بۇيچە باھا بىرىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋرەت ھىساپلانغان جايلىرىنى ئېچىپ يۈرۈشى قۇرئاندا ئىلاھى بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېنىق چەكلەنگەن، بۇنى ھەممە بىلىدۇ، لىكىن بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ يۈرگۈچىلەرنى نىمە دەپ قوللايمىز ھەم قوغدايمىز؟
بەزىلەر:جەمئىىيەتتە تاپتىن چىقتى دەپ قارىلۋاتقانلار يالغۇز گۈلنەزەرمۇ ياكى ۋېنىرامۇ ۋە ياكى ساناقلىق بىر قانچەيلەنمۇ؟ نىمە ئۈچۈن پەقەت مۇشۇلار بىلەنلا قالىمىز.... دەيدۇ.
بىز جەمئىيەتتە ئۇچۇق ئاشكارا يولدىن چىققانلارنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ ئۇلارنى ھەق، توغرا يولغا باشلىيالمىغاندىن كىين ، مىڭ تەستە داڭلىنۋاتقان داڭلىقلىرىمىزغا ئۇنى بۇنى دەيدىغان سالاھىيەت يوق دەپ ھەممىگە سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرساق توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر ئۆزىمىز قىلالمىغان ئىشقا باھا بىرىش ھۇقۇقىمىز بولمايدىغان بولسا مۇشۇ يەردە ئاق كۆك دەۋاتقان ھەممەيلەننى 4-دوختۇرخانىغا ئاپىرۋىتىش كېرەك بۇپ قالىدۇ.
كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە باشقلارنىڭ ئالىيجاناپلىقىغا باھا بىرىپ ئولتۇرغانلارمۇ، تېخى تۈنۈگۈنلا دەل ئاشۇ كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئالىيجاناپ ئىدى. ئالىيجاناپلىقمۇ ئۈزىنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى يوقىتىپ قىممەتسىز نەرسىگە ئايلانغان چېغى
