تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 30985|ئىنكاس: 108

گۈلنەزەرگە ئوچۇق خەت     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
181
تېما
82
نادىر
0
جۇغلانما
4618
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-23
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 19:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


گۈلنەزەرنىڭ توردا تونۇلغاندا جۇڭگودىكى داڭلىق تور بېكەتلەردە مودا بولغان رەسىمى


سىڭلىم گۈلنەزەر! ئويلىنىش ئارقىلىق سىزگە بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىشنى قارار تاپتىم ، بىلمىدىم سىزبۇ خەتلەرنى ئوقۇيالامسىز ياقمۇ بىلمىدىم ،ئەمما ئۆزۈمنى ئىلغارلىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە مىللىي مەدىنىيەتنى سۆيگۈچى دەپ ئويلىغىنىم ئۈچۈن ، تور دۇنياسىدا سىز ۋە سىزدەك  باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ دىققتىنى قوزغىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن تور مەتبۇئاتلىرىدا تور خەلقىنىڭ دىققەت نەزىرىگە ئايلانغان قىز - ئوغۇللىرىمىزغا  ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن (ئەلۋەتتە دىققەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭىز يالغۇز مەنلا ئەمەس) ، بىر ئادەمنىڭ قايسى قەۋىمگە قايسى مىللەتكە تەۋە بولىشى ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ، دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئەقىل ھوشىمىزنى تاپقاندا بىز ئۇيغۇر دىگەن مىللەتكە ئورتاق تەۋە بولغان ئىكەنمىز ، خۇداغا شۈكىرى مىللىتىمىز ئەدەپ -ئەخلاق  ،ئىنسانى پەزىلەتنى سۆيدىغان ،باغرىغا نى نى ئىشلارنى سىغدۇرۋىتىدىغان ،چەكتىن ئاشمىغان ئىشلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىدىغان بىر قەۋىم بولۇپ قاپتۇ ، ئەلۋەتتە بىز بىر شەخسى ئادەم بولۇش يۈزسىدىن ئۆزىمىزنىڭ تۇتقان يولى ،نىشان مەخستى بولىدۇ، ھەم بۇمۇ قەۋىمىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەك - چىگىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا تامامەن يوللۇق، بىر ئادەمنىڭ تېرىشىپ سىزدەك نەتىجە قازانمىقى ئاسان ئەمەس ،ئەلۋەتتە بۇنى سىزنىڭ قانچىلىق تېرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭىز ئائېلىڭىزنىڭ ئەتراپتىكى دوست- بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ  ئۇرۇق- تۇققانلىرىڭىزنىڭ سىزنى قانچىلىق قوللىغانلىقىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، بۇ بىر نەتىجە ، بۇ بىر شان- شەرەپ.  ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ سۇمرۇغ تورىغا چىققان خەۋرىڭىزنى كۆرگەندە مەنمۇ خوش بولغان ئىدىم ، شۇندىن بۇيان سىز تور دۇنياسىدا ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدىڭىز (بولۇپمۇ خەنزۇچە داڭلىق تور بەتلەردە) ، بىلسىڭىز كىرەك ، سىزگە ھەممىدىن بەك دىققەت قىلغىنى يەنىلا ئۆز قېرىنداشلىرىڭىز ، ئۆز مىللىتىڭىز ، سىز ئۇلارنى ھېس قىلماسلىقىڭىز مومكىن ، چۈنكى ئۇلار ،سۇمرۇغ تورى ، شىنلاڭ تورى ،سوخۇ تورى ۋە باشقا داڭلىق خەنزۈچە تور بەتلىرىدەك سىزنى زىيارەت قىلىشقا سىزنى تەشۋىق قىلىشقا قادىر ئەمەس ، ئەمما ئۇلار ئىزچىل سىزگە دىققەت قىلىدۇ ، بەزىلىرى سىزنى ئۈلگە قىلىدۇ ، بەزىلىرى سىزدىن پەخىرلىنىدۇ ، چۈنكى سىز قانداق بىر مەتبۇئاتتا تىلغا ئېلىنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ ئالدىغا قوشۇپ قويدىغىنى  <ئۇيغۇر>  ھىچ بولمىسا <شىنجاڭ> دىگەن ئىسىم بولىدۇ ، بۇ سىزنىڭ كىملىكىڭىز ، بۇ سىزنىڭ  تالانتىڭىز ۋە گۈزەللىكىڭىز گە قوشۇلۇپ سىزنىڭ خاسلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ .

خوش ، گېپىمىزگە كەلسەك  بىر قانچە كۈندىن بۇيان  بىر قىسىم مىكرو بىلوگ ۋە تور بەتلەردە سىزگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر پەيدا بولۇپ قالدى ،گەرچە ئۇ سۈرەتلەر باشقا مىللەت كىشىلىرى ۋە چەتئەللەردە ھىچقانچە دىققەت قىلغۇدەك چەكتىن ئاشقان بولمىسىمۇ ، ئەمما سىزنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىڭىزگە نىسبەتەن بىر ھاقارەت بولدى، بۇنى ئۆزىڭىزمۇ ھېس قىلدىڭىز ، كىچىكلىڭىز ،تەنتەكلىكىڭىز سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە دىققەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار تەرپىدىن ئەيىپلەندىڭىز  گەرچە چۈشەندۈرۈپ: < نېمە دىيىشنى بىلمىدىم  ، مەن مىللىتىمنى سۆيىمەن ، بەزى ئىشلارنى مەن كىچىك بولغاچقا  بىلمەي قىلىپ ساپتىمەن باشقىلار ماڭا زىيانكەشلىق قىلىۋاتىدۇ ...> دىگەن بولسىڭىزمۇ تور دۇنياسىدەك ئۇچۇر تارقىلىشى ئىنتايىن تىز بولغان سەھنىدە سىز تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىڭىز ، توغرا سىز ئەمدى 18 ياشقا كىردىڭىز ، شۇ يېشىڭىزدا  خېلى نامى بار تەكشىلىك ئېلانى مودىلى ، < بېيجىڭ كىنو ئېنىستىتوتى  ئىمتاھانىدىكى  شىنجاڭلىق گۈزەل> دىگەن ناملار بىلەن  جۇڭگۇ تور دۇنياسىدا ئاز بولمىغان تەسىرلەرگە ئېرىشتىڭىز .  ئەمما سىز ئۇزۇنغا قالمايلا خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز بۇ خاتالىق مىللىتىمىز يېڭى بىر ئەۋلاتلىرى بولۇپمى 80- 90- يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان لار ئارسىدا بىر قەدەر كەڭ بولغان  مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى ( ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچىكىردە ئوقۇۋاتقان ،ۋە خەنزۇچە سەۋىيسى بىرقەدەر ياخشى بولغان خەنزچە مىكرو بىلوگ ۋە تور بەتلەردە پائالىيەت قىلىدىغان  ئۇيغۇر قۇرداشلىرىڭىز ئاكا-ھەدىلىرىڭىز ئارسىدا بولدى ، يېڭىلىقنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغۇچىلار ، يات مەدىنىيەت بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچراشقۇچلار بولغان ھەم ئەڭ زور دەرىجىدە (چۈشەنگۈچىلەر )ئاشۇلار سىزنى شۇنچىلىك ئەيىپلىدى ،ئەگەر ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە بولغان بولسا بۇنى بىر نېمە دىمەك ھەقىقەتەنمۇ تەس!)، بۈگۈن قارىسام مەلۇم بىر دوستىمىز يوللىغان مىكرو بىلوگ يازمىسىدا  سىزنى قولىغان قىزلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن ، بۇنى كۆرۈپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم  ، يەنە مەدىنە دەپ ئىسىم قويىۋالغان (بەلكىم ئىچكىردە بالىت ئۇسۇلچىسى بولسا كىرەك ) سىزنى ھەددىدىن زىيادە قوللاپ خوش بولغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتىپتۇ ،ئەگە ر ئاشۇ قىزنىڭ (ئاتا -ئانىسى قايسى مەقسەتتە قويغان بولغىيتى مەدىينە دىگەن ئىسىمنى) مىكرو بىلوگقا يوللىغان رەسىملىرىنى (پەخىرلىنىش ئىچىدە يوللىغان تېخى) باشقا ئۇيغۇر قېرىداشلىرىمىز كۆرسە بۈگۈنكى ۋىجدان سورىقىغا ئۇ سىزدىن بەك ئۇچرىغان بولاتتى ! ئەمما ۋىجدان دىگەننى يىگىلى بولمايدۇ ئەمما ئۇنى باشقا نەرسىلەر يەۋىتىدۇ ، خەلقىمىزدە <ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك> كۆزى ئەللىك دەيدىغان ماقال تەمسىللەر بار، بۈگۈنكىدەك ھەممە ئۆيدە دىگۈدەك تور ۋە كومپىيۇتېر بار ئەھۋال ئاستىدا سىزدەك  تور دۇنياسىدە نام  چىقارغان قېرىنداشلىرىمىز  ئەلۋەتتە نەزەردىن ساقىت بولۇپ قالمايسىلەر ، ياخش ئىش قىلساڭلار ، خەلقىڭلەرگە شەرەپ كەلتۈرسەڭلەر سىلەرنى قوللايدىغان سىلەر تەشۋىق قىلىدىغان  ئۆز خەلقىڭلاردىن باشقا يەنە بىر قەۋىم چىقمايدۇ،ئەگەر بۈگۈنكىدەك <جىنايەت > ئۆتكۈزسەڭلار، ۋىجدان قامچىسى سىلەرنى ئاياپ قويمايدۇ ، مەن يەنىلا سىزنى ئايىدىم كىچىك ختالىقنى تۈزىتىش پۇرىسىتى بىرىش كىرەك دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ رەسىملەرنى بۇ يەرگە يوللىمىدىم ، ھەم سىزنىڭ پوزىتسىيڭىزمۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولدى ، جەمىيەت شۇنداق مۇرەككەپ كىچىككىنە خاتالىقىڭىز  سىزنى بىر ئۆمۈر پۇشايمانغا قويىدۇ ، رەزىل ئەدەملەر سىزنى ھەر قاچان ھۆل خشقا دەسسىتىشنىڭ كويىدا ، سىڭلىم سىز بەزىدە سىز بولماي قالىسىز ، سىزنىڭ ھەر بىر سۆزىڭىز ھەر بىر ھەركىتىڭىز  بىر قەۋىمگە ۋەكىل بولۇپ قالىدۇ ، سىز بولسا شۇلارنىڭ ئالدىدا جاۋاپكارسىز  ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن بىزنىڭ تەبرىكلىرىمىز تەييار ، ختالىقىڭىز ئۈچۈن تەنبىھلىرىمىز ھەم تەييار ،ئەمما بەزى خاتالىققا پۇرسەت بولغان بىلەن بەزىسىگە پۇرسەت پەقەتلا بولغاي قالىدۇ ،ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ ، سىزدىن كىيىنكىلەرگە ھەم قۇردا شلىرىڭىز ياخشى ئۈلگە بولشىڭىزنى نام ئاتاق ئۈچۈن ، غۇرۇرىڭىزنى ، ئارزۇ -ئارمانلىرىڭىز ئۈچۈن خەلقىڭىز نامىنى ، كۆڭۈل خوشىڭىز ئۈچۈن  ئاتا -ئانا ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز نىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يوق قىلمىغايسىز !

ئاخىرىدا سىزگە خۇشاللىق ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن !

---
تېما يۆتكەپ كەلگۈچىدىن: گۈلنەزەر توغرىلىق خەۋەرنى ئەڭ باشتا سۇمرۇغ تورى چىقارغاندىن كىيىن مەن بۇ خەۋەرنىڭ ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا گۈلنەزەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەرنىڭ ئۇشبۇ تور بېكەت تەرىپىدىن كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم،بۇ تېمىنى مەلۇم مۇنبەردىكى تۇمان ناملىق تورداش يوللىغان بۇلۇپ   مەن  توردا  گۈلنەزەر بىلەن  تونۇشلۇق دوستلار بولسا بۇ تېمىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتسۇن ياكى تەۋسىيە قىلىپ گۈلنەزەردىن جاۋاب ئالسۇن دېگەن مەقسەتتە تېمىنى يۆتكەپ كەلدىم.تېما تولىمۇ سەمىمىي ھىسياتتا يېزىلغان بۇلۇپ كەڭ تورداشلارنىڭ بۇلۇپمۇ گۈلنەزەر سىڭلىمىزنىڭ بىر قېتىم ئۇقۇپ دادىل جاۋاب بەرگۈدەك تېما بوپتۇ.بىز  ئۇيغۇر ، بىز ئۇيغۇرنى سۆيىمىز،ئۇيغۇرنى قوللايمىز شۇڭا ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىمۇ ئۇيغۇرنى سۆيىشى ،ئۇيغۇرنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.


تورنى تەپسىلىي ئاقتۇرۇش ئارقىلىق 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 9 دا ئەلكۈيى تورى  باش بەت كۈندىلىك يېڭى خەۋەرلەر سەھىپىسىگە گۈلنەزەر توغرىلىق يوللانغان تېمىنىمۇ تېپىپ چىقتىم ھەمدە ئۇلىنىش ئادرېسىنى بىرگە قالدۇردۇم.

http://news.alkuyi.com/show.php?mid=7173

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11145
يازما
37
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1027
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 21:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنەزەرنىڭ خەۋىرىنى ئىككى - ئۈچ ئايلار بورۇن مەنمۇ دەسلىپىدە خەنزۇچە تور بەتتىن ئاندىن بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىمىزدىن كۆرگەن ئىدىم،سۇمرۇغ تورىنىڭ مۇخبىرى ئىمتىھان مەيدانىدا گۈلنەزەرنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى رەسىمگە تارتىپ توردا ئېلان قىلغاندىن كىيىن شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە جۇڭگودىكى تور بېكەتلەر ئىچىدە داڭدار قىز بوپ كەتكەن ئىدىغۇ دەيمەن،شۇ چاغدا مەنمۇ خوشال بولغان ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ قابىلىيتى بىلەن باشقىلارغا تۇنىتىۋاتقان پەرزەنتلەرگە خوشال بولغان بولساممۇ،قىززىقىش ئىلكىدە ئىزدەش كۆزنىكىدىن گۈلنەزەرنىڭ رەسىملىرىنى ئىزدەپ نۇرغۇن بىزنىڭ كىملىك قارشىمىز،قىممەت قارشىمىز كۆتۈرەلمەيدىغان رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ ئىچىمدە <<ھەي>>>دەپ قالغان ئىدىم.ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۈستىدىكى تورداش ئۆزىنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن گۈلنەزەردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى قالدۇرۇپتۇ.
توغرا بۇ ئىش نوقۇل گۈلنەزەردىلا كۆرۈلگەن ئەمەس،18 ياشلىق بىر قىزنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ زامانىۋى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسىغا ئايلىنالىشى ئاسان توختايدىغان قولغا كىلىدىغان  ئىش ئەمەس،ئەگەر ئاشۇ رەسىملەر ئىچىدىكى بەزى ناپاك رەسىملەر يۇقاپ شۇ مىنۇتلاردا گۈلنەزەرنىڭ بېشىغا دوپپا،ئۇچىسىغا ئەتلەس كەيگەن رەسىمى تورغا بىرگە چىققان بولسا ئىدى بىز تېخىمۇ ھاياجانلانغان، تېخىمۇ خۇشال بولغان ئىدۇق،ئەپسۇس پاختا ئىچىدە ئوتنى ساقلىغىلى بولمىغاندەك گۈلنەزەرنىڭ بۇرۇن چۈشكەن ئەمما ئۆزى شەخسى بوشلۇقىغا چىقارغان بىر قىسىم رەسىملىرى توردا ئېلان قىلىنىپ بىزنىڭ ھاياجانلىرىمىزغا سۇغۇق سۇ سېپىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.رەسىم ۋەقەسى خەنزۇلاردا ناشايان قېلىقلاردا بۇلۇپ كۆرۈلىدىغان بولسا،بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا مىللىي پىسخىكىمىز كۆتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە بۇلۇپ كۆرۈلىدۇ،ئىچكىرىدە تۇرىۋاتقان ياكى چەتئەلللەردە تۇرىۋاتقان بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا قارايدىغان بولسا ئادەملەر تورى،چ چ بوشلۇقى دېگەندەك تور بېكەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىز رەسىملىرىنى چىقىرىپ قويىدىغانلار ئاز ئەمەس،تور ئۆز نۆۋىتىدە يەر شارىنى كىچىك بىر كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك،باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى ئەكىرىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمما يەنە شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى،مىللى كىملىكىمىز نوقتىسىدىن بىز ئۇيغۇر،دىننى كىملىكىمىز نوقتىسىدىن بىز مۇسۇلمان،مۇشۇنداق بىر قەۋمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىدە بۈگۈن بۇ ئاي ، بۇ يىللاردا مۇشۇنداق بوپ كەتسە يەنە 30يىلدىن 20يىلدىن توغرىسى 10 يىلدىن كىيىن نېمە بوپ كىتىدۇ،بۇنداق ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشى گۈلنەزەردىمۇ؟دىلنار ئابدۇللانىڭ قىزى ۋېنىرادىمۇ؟ ئايتۇلان مەتقاسىمدىمۇ؟ ئەجىبا مۇشۇنداق كايىشلارغا جاۋاب تېپىلمامدۇ؟ نىمىشقا بىزدە مەدەنىيەت كىرزىسى يۈز بىرىش توختىماي تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ؟

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
960
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42683
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
170 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 22:09:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنەزەر ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىشتىن ئىلگىرى مەكتەپداشلار تورىدا مەن بىر قېتىم رەسىمىنى كۆرگەنتىم، شۇنداق تەبىئىي چىقىپتىكەن. ئىشقىلىپ بۇ قىزغا خۇدايىم بېرىپتىكەن تاشقى گۈزەللىكنى. كېيىن بىردىنلا بەستە-بەستە توردا رەسىملىرى چىققىلى تۇردى. بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ دىيارىدىن چىققان ئۇيغۇر قىزىنىڭ مۇشۇنداق بىر چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېققىتىگە ئېرىشىشى بىزنى خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ تارقالغان رەسىملەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم رەسىملەر بىزنى بىر قىسما قىلدۇرىدۇ. بۇ پەقەت ئادەتتىكىچە ئويلىغاندا «ھەجەپ بولماي قاپتۇ» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالماي، بىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىز، دىنىمىزغا تولىمۇ يات بولغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. مەن ئاڭلىسام گۈلنەزەر بۇ ئىشلارغا نىسپەتەن خېلى سەمىمىي پوزىتسىيەدە بوپتۇ. دېمىسىمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى قىزىقىپ قالغان ساھەگە چېتىلىپ قالغان ئادەم نۇرغۇن ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆزى ئاق-قارىسىنى ئۇقۇپ بولغۇچە ئاللىقاچان تور ئەھلىگە تارقىلىپ بولىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋاللىرى تېخىمۇ كۆپ. (پۇل ئۈچۈن قىلمايدىغىنى قالمىدى بەزىلەرنىڭ)

سەۋەبىنى ئىزدەپ كەلسەك بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارغا، مەسىلىلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن. يات مەدەنىيەتنىڭ سېڭىپ كىرىشى، باشقا تىلدا ساۋادى چىقىپ، شۇ تىل مۇھىتىغا ماسلىشىپ قېلىش، بۇ ئارقىلىق كۆپ ئىشلارنى «نېمە بوپتىكەن؟» دېگەندەك ئاددىي تۇيغۇدىلا ئۆتكۈزىۋېتىش، كاززابلار تەرىپىدىن مەنپەئەت ئۈچۈن قۇربانلىق بولۇپ كېتىش، ئائىلە، مەكتەپ، جەمىيەت تەربىيىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى...قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئويلاپ بېقىشىمىز مۇمكىن. خاتالىق سادىر قىلمايدىغان ئادەم بولغان ئەمەس. بىراق خاتالىقنىڭ شەخىسكە، جەمىيەتكە، مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋىتىنى تەھلىل قىلماي بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىزدە خاتالىقنى تونۇيدىغان دادىل پوزىتسىيە، تۈزىتەلەيدىغان سەمىمىي قەلب بولىشى كېرەك.

بۇ خەت شۇنداق سەمىمىي يېزىلىپتۇ، خۇددى مېھرىبان بىر ئاكا ئۆز سىڭلىسىغا چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ تەكلىپ بېرىۋاتقاندەك. ئەقەللىيسى بۇ بىر ئاكىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك ساداسى ئىكەنلىكىنى گۈلنەزەر ھەم گۈلنەزەرلەرنىڭ چوقۇم ھېس قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

گۈلنەزەر، كەلگۈسىڭىز تېخىمۇ پارلاق بولسۇن، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
9520
يازما
87
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2277
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 22:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىز جاھانكەزدىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرگەن بولسا ، ۋۇجۇدى ناپاك ، ھاياسىز سۇرەتلىرى ۋە توردا شاپاق بوپ كەتكەن غۇرۇرى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ سىلكىنگەن بولسا ، پۇشايمانلىق خاتىرىسىنى يىزىپ گۈلنەزەرنىڭ يولىغا ماڭغلىۋاتقان يەڭگىلتەك قىزلىرىمىزنى ئاگاھلاندۇرغان بولسا ، ئۇ قىزلىرىمىز كىيىن مىللەتنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرىدىغان مۇنداق پەس قىلىقتىن يانغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى - ھە ؟!

UID
5276
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 22:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ، ئاپتورمۇ چىرايلىق پىكىرلەر بىلەن يازمىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپتۇ، ئامال بار ئۇ رەسىمنى بۇ يەرگە چاپلىماڭلار، ئىجابىي تەسىرىدىن سەلبىي تەسىرى چوڭ بولۇپ قالمىسۇن.مەنمۇ ئۇ رەسىمنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم،مۇشۇ كۈنلەردە ھېلىمۇ قەيەرگە قارىسا قىزلار توغۇرلۇق پاراڭ، بۇنىڭ تەسىرىدىن بىرقىسىملىرىمىزدا ھەممە قىزلارغا  گۇمانىي نەزەرى بىلەن قارايدىغان ئەھۋال چىققىلى تۇردى..   قىسمەن قىزلارغا مەنمۇ ھەيران.
مېنىڭ ئەجەپلىنىدىغىنىم،بۇ يەردىكى مەسلە ئاتا-ئانا تەربىيسىدىمىدۇ ياكى يات مەدەنىيەت تەسىرىدىنمىدۇ؟ كۆپىنچە كىشى يات مەدەنىيەت تەسىرىدە دەپلا دۆڭگەيدىكەن، مەنچە بولغاندا ئاتا-ئانا بولغۇچىدا؛بولۇپمۇ ئانىلار قىزلىرىغا  تەربىيە نى كۈچەيتىپ ئۈزى ئۈلگە بولمىسا ھەممىسى بېكارمىكىن. ھەرقانچە بولسىمۇ بەزى كىشىلەر تەكىتللەۋاتقان --'ئۆتكۈنچى دەۋردىكى كۆپ قىسىم ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى' تەربىيەنى دەۋرگە ماس ماڭالماس قىپ قويالماس...
قۇرۇق گەپنى توختىتاييا...مەن ياخشىسى ساقال تاغاقلىق قىلماي ئۇمىچىمنى ئىچكەچ داۋاملىق كۆرەرمەن بولاي

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25562
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-25
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 06:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يۇرتتى ئايرىلغان ئوغۇل قىزلىرىمىزغا دىققەت قىلىپ باقىدىغان بولدۇم(ئۆزۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولغاچقا)  ئىچكىرىلەرگە، چەتئەللەرگە ئاتا ئانىسىنىڭ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يۈكلەپ چىقىدىكەن. گۈلنەزەردەك ئۆزىنى تونۇتقانلار بولسا يۇرتنى، مىللەتنى ئۆزىگە قارىتىپ قويىدىكەن. شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزنى ھەقىقىي تونۇتىدىغىنى ئارىمىزدىن چىققان بىر ئىككى ئارتىس، ياكى چوڭ چوڭ ئەربابلار بولماستىن، قېنىمىز، ۋۇجۇدىمىزغا سىڭىپ كەتكەن خاسلىق، ئۆزگىچىلىك ۋە مەدەنىيەت تونۇتىدىكەن. ئەگەر پالانچى چىقىپ بىز ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونىتىدۇ دەپ ئولتۇرساق، پۇستانى چىقىپ نامىمىزنى چىقىرىدۇ دەپ ئولتۇرساق، بىر مىللەتنىڭ يىپىنى بىر نەچچە شەخىسكە باغلاپ قويساق بۇ بىر چوڭ خاتالىق دەپ قارايمەن. توغرا، مىللەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كىشىلەر، دۇنياغا، جەمىيەتكە يۈزلەنگەرنلىرى ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى باشقىلارغا بار ئاۋازى بىلەن جاكارلايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتى، ھەربىر سۆزىنى بىر مىللەت ۋەكىلى قىلىۋالساق، بۇ ئۇيغۇر دېگەن سۆز پاخاللىشىپ كېتىدۇ.
بۇ پەقەت بۇ تېمىغىلا قارىتىلغان سۆز ئەمەس، بەلكى ئاھ، پاھ ئۇيغۇر، سەن مۇشۇمۇ دېگەندەك ئاۋۇپ كەتكەن تېمىلارغا بولغان ئومومىي قارىشىم.

گۈلنەزەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ۋە ئامال بار ئۆزنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر مۇنەۋۋەر سەنئەتكار بولىشىغا تىلەكداشمەن.

تىرىشچان ئەزا

كەلدۇق، كېتىمىز.

UID
5221
يازما
28
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
959
تىزىملاتقان
2010-8-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 10:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىزنىڭ باشقىلار ئارىسىدا جۈملىدىن ئىچكىرىدە نام چىقارغۇدەك  ئالاھىدىلىكى زادى نىمە؟ بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىمۇ؟ ياكى پەۋقۇلللادە بىرەر بىرەر نەتىجىسى بولسا بىز بىلمەي قالدۇقمۇ بىلىدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار...
ئەمما، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ قىز ئىچكىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ھۆسۈن جامالى بىلەن نام چىقارغان.ئەسلى بىلسە ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسۇلمان قەۋىمنىڭ پۇشتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېدىيەلەردە ئۆزىنىڭ چىرايى بىلەن تەشۋىق قىلىنىش بۇ شەرەپلىك ئىش ئەمەس، بەلكى، ئار نومۇسلۇق ئىش. ھەقىقى گۈزەل قىز -ئايال ئۆزىنىڭ ئەخلاق ھاياسى بىلەن گۈزەلدۇر.ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى تەشۋىق قىلىش، تەشۋىق قىلىنىشقا ياندىشىش ۋە ھەتتا تەشۋىق قىلغۇچىلارغا مانا مەن مۇشۇ دەپ ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىش ھەقىقى شەرمىي ھايالىق ،ئەقىل -پاراسەتلىك، غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەڭسىگۈدەك ئەقىل بولسا، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىقىنى بىلگۈدەك ئىنجا بولسا، ئۆزىنى مەركىزىي نۇقتىغا ئايلاندۇرىۋالغان مېدىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى رەت قىلغان ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ رەڭگارەڭ تەشۋىقاتلىرىغا مەستۇ -مۇستەغرەق بولۇپ كەتمىگەن بولاتتى. چەتئەللەردە ئوۇقۋاتقان خىزمەت قىلىۋاتقان پەرىشتە سۈپەت ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئاز ئەمەس. ئەمما، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاللاھ بەرگەن گۈزەل چىرايىنى ئاخبارات ئارقىلىق باشقىلارغا تونۇلۇشنىڭ ۋاستىسى قىلمىغان.ئەگەر بۇ قىز ئۆزىنىڭ پەۋقۇللاددە ئەقىل پاراسىتى، ئىقتىدارى، دىيانىتى، پەزلى،ئادەملىك قىممىتى ۋە ئەخلاق غۇرۇرى بىلەن باشقىلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ئاخبارت ۋاستىلىرىغا چىققان بولسا ئۇنىڭ گۈزەلللىكىگە گۈزەللىك قوشۇلۇپ ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەن بولار ئىدۇق.ئەپسۇس!!! تۈمەن ئەپسۇس!!!
مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىز- ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى باشقىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىش بۇ ياخشلىقتىن دېرەك بېرىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭدىن سەگەك بولمىقىمىز لازىم. باشقىلارنىڭ خىلمۇ-خىل غەرەزلىك ئېلان خارەكتېرلىك تەشۋىقاتلىرىدا ئەمەس، ئۆز ئېرىنىڭ،ھالال ئۆمۈر ھەمرىيىنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى گۈزەلگە ئايلىنالىغان قىز-ئايال ئاندىن ھەقىقى گۈزەلدۇر...

باھا سۆز

altuntarim09  توغرا دەپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 00:49:04
قارلۇغ بىلوگىhttp://Qarluq.blogbus.com

UID
11056
يازما
68
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1828
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-18
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 11:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنەزەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ سەمىمىي يېزىلغان بۇ تېمىدا بىزنى ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان نۇرغۇنلىغان گەپ - سۆزلەر بۇلۇشى مۇمكىن،بىر گەپتە مىڭ گەپ دەيدىغان گەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان.گۈلنەزەرنىڭ نەتىجىسى نېمە دېگەندەك ئىنكاسلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قالدىم،مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە نوقۇل بىر نوقتىنى چىڭ تۇتۇپ باھا بىرىۋېرىدىغان بولساق بىز ماختىغۇدەك،ماختانغۇدەك ھېچقانداق ئىش ،ئادەم چىقماي قويىشى مۇمكىن.سەل سۇغۇققان بۇلۇپ ئويلىنىپ باقساق ئۈستىدىكى تورداشلارمۇ ياخشى سۆزلىگەننى ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ.گۈلنەزەر ئۆزىگە كەلگەن شۇنداق پۇرسەتنى ئۆزىمۇ بىلىپ - بىلمەي بۇ كۈنلەرنى كۈتىۋالدى،ئادەملەر تورى،مىكرو بلوگ قاتارلىق تاراتقۇلاردىن مەنمۇ ئۇ قىزنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرىنى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تورغا چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ كىچىكلىكتىن بەزى سۈرەتلەرگە چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىغاندەك ئىنكاسىنى ئۇچراتقان ئىدىم،ئىچكىرىدىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ گۈلنەزەرنى قوللاش ۋە گۈلنەزەرنى تىللاشتىن ئىبارەت ئىككى توپتا بۆلۈنگەندەك ئىنكاسلارنىمۇ تاپقىلى بۇلاتتى،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگىمۇ چىقىپتۇ،تېمىدا دېيىلگەندەك گۈلنەزەر دۇنياۋى شۆھرەت قازانغاندىمۇ(ئەلۋەتتە مەيلى بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم شۆھرەت قازانسۇن) ئۇ كىشىگە ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۈلىدىغىنى ھەممىدىن بەكرەك تەرىپىنى قىلىدىغىنى يەنىلا شۇ كىشىنىڭ مىللىتى بولغان مىللەت ئەزالىرىدۇر،گۈلنەزەر ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىن مىكرو بلوگ ئاچمىغان،ئەزا بولمىغان بولسىمۇ بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئۇنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان يەردە پەخىرلىنىپ ، تەنىقىدلەيدىغان يەردە تەنقدلىدى،پىشقان بىر كىشى تەنقىدنى قوبۇل قىلالايدۇ،گۈلنەزەرنىڭ كىيىنكى تۇرمۇش يۇلى مۇشۇنداق تەنقىد بىلەن ماختاشنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلىگەندە ئاندىن تېخىمۇ تەرەققى قىلالايدۇ.يېقىندا گۈلنەزەرنىڭ ئانارخان پىلىمىدە ئانارخان باش رولغا چىقىشتەك بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىراق ئۇنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى جۇشېڭچى بىلەن كىنو ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ بولغانلىقتىن باشقا كىنوغا چىقىش پۇرسىتى توختامدا بەلگىلەنگەنلىكتىن توختاپ قالغانلىقىدەك مىش-مىش پاراڭنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم.جۇشېڭچى بىلەن گۈلنەزەرنىڭ كىنو ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغان گەپ راست بوپ قالسا بىز گۈلنەزەرنى يەنە كىنولاردا ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن،ئەمدى مەسىلە بىزنىڭ گۈلنەزەرنى كىيىن قانداق خاراكتىردا،قانداق ئادەملەرنىڭ رولىدا ،قانداق كىيىنىپ تۇرغان ھالەتتە كىنولاردا ئۇچرىتىشىمىز بوپ قالدى؟
سىڭلىم گۈلنەزەر ئەڭ ئالدى بىلەن ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئورنىنى،سىز بىر ئادەمنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىڭىزنى، سىز دېگەن ، سىز قىلغان ھەركەتنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز ،ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرىدىغىنى يەنىلا مىللىتىڭىز بولمىش ئۇيغۇر خەلقى،سىز ئۆز پۇشتىڭىزدىن،ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ قوللىشىدىن بەكرەك يەنە بىر قەۋمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىكىڭىز بەسى مۈشكۈلدۇر،شۇڭا سىزنىڭ ئالدىڭىزغا مۇشۇنداق قاتمۇ قات سۇئاللار،ئۇچۇق خەتلەر ، ئۈمىد-ئارزۇلار تاشلىنىشى مۇمكىن،سىزگە تېخىمۇ زور شان - شەرەپ ۋە نەتىجە تىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ يورۇق قىلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

UID
2114
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
652
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 12:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىنى كۈرۈپ مىللەت ھەم ئەخلاق ئېڭى مىللىتمىزنىڭ يۈرىكىدە مەۋجۇت ھەم كۈچلۈك بىر شەكىلدە جۇش ئۇرىۋاتقانلىقنى ھىس قىلدىم . بىزدە مۇشۇنداق مەسئۇلىيەت ئېڭى بۇلىدىكەن مەڭگۇ مىللەت روھى يېقىلمايدۇ.

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 13:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ خەت ھەم ئىنكاسلاردىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.تىللاش-تەنبىھلەردىن خالى سەمىمى يېزىلغان بۇ خەت مېنىمۇ شۇنچىلىك تەسىرلەندۈردى. ئەگەر گۈلنەزەر بۇ خەتنى كۆرسە تىللاشلاردىن كۆرە بۇ سەمىمى نەسىھەتلەردىن خىجىللىق ھېس قىلىشى،خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشى مۇمكىن.

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش