كۆرۈش: 1005|ئىنكاس: 1

بارماق دىسكا ئوڭشاش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بارماق دىسكا ئوڭشاش ئۇسۇللىرى


سوئال: بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا سالسام، دىسكا بەلگىسى كۆرۈنىدۇ، ئەمما، ئۇنى قوش چەكسەم «فورماتلامسىز»-دەيدۇ، «ھەئە»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇسام، فورماتلاپ ئاخىرىغا كېلەي دىگەندە، 无法格式化 (فورماتلاشقا ئامالسىز) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ناۋادا، بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرۈنسە، بۇنى ئەلۋەتتە ئوڭشاشقا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە بارماق دىسكا ئۆزەك ئىچىدىكى پروگراممىلارنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، بارماق دىسكا قاتتىق دېتالىنىڭ سۈپەت مەسىلى ئەمەس. يېقىندا بۇ خىل ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان خېرىدارلار كۆپىيىپ قالدى، ئۇنداقتا ئاددىي ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
1-خىل ئۇسۇل:
(1) ئالدى بىلەن  بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
usboot-v1.70.rar

(2) USB دىسكا رايونىنى HDD (قاتتىق دىسكا) ھالىتىدە فورماتلاڭ. باشقا رايونلارنى فورماتلىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.
(3) ئېكراندىكى كۆرسەتمە بويىچە بارماق دىسكىنى تارتىۋېلىڭ ھەم يەنە قايتا سېلىڭ.
(4) ئەڭ ئاخىرىدا قوزغىتىش دىسكىسى ياساڭ. بۇ ۋاقىتتا USB دىسكا رايونىنى قوش چەكسىڭىز فورماتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. «شۇنداق» نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ، FAT ھالىتىدە فورماتلاڭ.
(5) بارماق دىسكىنى قايتىدىن ئېلىپ سالسىڭىزلا بولىدۇ، تامام
2-خىل ئۇسۇل:
(1) ناۋادا، بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 2GB بولسا، قاتتىق دىسكىغا 2GB كىچىك بولغان (مۇمكىن بولسا 1.5GBچوڭلۇقتا) لوگىكىلىق تارماق رايون قۇرۇڭ. ئاندىن ئۇنى GHOST 11 ئارقىلىق گوستلاڭ.
(2) بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ، GHOST 11 نى قوزغىتىڭ. ئاندىن بايىقى گوست ھۆججىتىنى بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرسەتكەن رايونىغا قايتۇرسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى خالىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، فورماتلاشقا مۇمكىن بولمايدىغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاشقا بولىدۇ، ئەمما، ئىچىدىكى ھۆججەتلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بارماق دىسكا ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇچۇرلارنى قەرەللىك تۈردە قاتتىق دىسكىغا زاپاس ساقلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مائارىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-12 20:03  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-14 21:29:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىدىكى ھۆججەتلەر يۇقاپ كەتسىمۇ ، ئامال بارمۇ؟ مېنىڭ 写保护بولۇپ قېلىپ 格式化قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ . بولسا ياردەم قىلۋەتكەن بولسىڭىز!!!!!!!!!!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش