بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-14 01:28
تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى – ئەسلىدە ئۆزىدە بار بولغان بىلىم ئاساسىدا ، توغرا بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، ئۆگىنىش جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان توسالغۇلارنى تۈگىتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى مول ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ . پاسسىپ ھالەتتىكى ئۆگىنىشتىن تەشەببۇسكار ھالەتتىكى ئۆگىنىشكە ئۆتكۈزىدۇ . ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرا ، ئالىي مەكتەپ ۋە خىزمەت جەريانىدىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدىكەن . كەلگۈسىدىمۇ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىمنى ئۆزلۈكىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ ، تۇرمۇشقا ، خىزمەتكە ، تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىكەن . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ، دۆلىتىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . شۇنداقلا مائارىپ بىلەن شوغۇللانغۇچىلار تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ تېمىلاردىن بىرى بولۇپ قالدى . ئۇنداقتا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك ؟ مېنىڭچە ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك . ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن : « قىزىقىش – ئەڭ ياخشى ئۇستاز » دېگەنىدى . كىچىككىنە قىزىقىشمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىشىنى بەلگىلىشى مۇمكىن . شۇڭا قىزىقىش بولغاندىلا ، ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئىزدىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىش ، ئۆگىنىشىگە ۋە ئۈگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ . ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشكە قىزىقسا ، ئۈگىنىشتە ئاكتىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان پوزىتسىيىگە ئىگە بولىدۇ - دە ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ : 1) گۇمانىي مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش : ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش جەريانىدا گۇمانىي مەسىللەرگە يولۇققاندا ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى شۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ، بىلىم توقۇنۇشى پەيدا قىلىپ ، ئۇلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشنى قوزغاش ، تېكىستلەرنى ئوقۇتقاندا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ، بىر تەرەپتىن ئويلاش ، ھەر قانداق ۋاقىتتا « نېمە ئۈچۈن » دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە قويۇپ ئۆگىنىش تەلىپىنى قويۇش كېرەك . ھېسسىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق قىزىقىشنى قوزغاش : ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس مەزمونىغا مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇش بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇش ، ئەمەلىي بۇيۇملارنى كۆرسىتىش ، رەسىم ئارقىلىق نامايەن قىلىش ، مۇزىكا ئارقىلىق كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ،فىلىم قويۇپ بېرىش ، كۆپ ۋاستىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئۇسوللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھېسسىي مۇھىتقا باشلاپ كىرىپ ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ، ئىجادىي تەپەككۇرىنى قوزغىتىپ ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك . 3) ئوقۇش ئارقىلىق قىزىقىشنى قوزغاش : تېكىستنى قايتا – قايتا دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا تېكىستنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقارلىق ھېكايە ، چۆچەك ، مەسەللەرنى ئوقۇش، رەسىملىك كىتابلارنى كۆرۈشكە تەشكىللەش ، ياكى ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ بېرىش ، ئۇلاردىكى مۇھىم تېمىلارنى بىرلىكتە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئاستا –ئاستا ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەڭ خوشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ، ھېكايە كىتابلار بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، يەنە پەن-تېخنىكا كىتابلىرىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . مەسىلەن : « يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن » دېگەندەك كىتابلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەش ، كىتاب ئوقۇش جەريانىدا قولىنى، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىشقا ، تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ، ئوقۇغانلىرىنى تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈشكە ، تەجرىبە قىلىشقا ، زىرائەت تېرىش ، ھايۋان بېقىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللۇنۇشىغا يېتەكلەش كېرەك . 2. ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش كېرەك . ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىېتىلدۈرۈشكە سەل قارالغان ۋە ئۇنۇڭغا بولغان يېتەكلەش كەم بولغاچقا ، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا پەقەتلا ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ ، ئوقۇغۇچىلار ئاڭلايدىغان ، ئوقۇتقۇچى سۇئال سورىسا ئوقۇغۇچى جاۋاپ بېرىدىغان ، دەرسخانا كەيپىياتى جانسىز ، مەنىسىز بولغان پاسسىپ ھالەتنى ساقلاپ كەلدى . بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ ، تەشەببۇسكار ھالەتتە ئۆگىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىش ، مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ھەل قىلىشقا قويۇپ بېرىش ، ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچى ئۆزى ھەل قىلالمىغان نۇقتىلار ئۈستىدە يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ، ھەممە ئوقۇغۇچىنى كۆزىنى ، قولىنى ،ئېغىزىنى، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا پۇرسەت بېرىش ، مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقىنى ئۆز ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ، ئۇلارنى ماختاش، تەغدىرلەش ئارقىلىق ، مۇھاپىقىيەت خوشاللىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك . 3. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك . ئاتاقلىق مائارىپچى يې شېڭتاۋ : « ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تەييار بىلىمنى ئەمەس ، بەلكى ئۇلارغا قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىتىدۇ . » دېگەنىدى . بۇ سۆز ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى يېتەكچىلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا ، تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك . 1) تېكىستلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش . ئوقۇشنى ئۆگىتىش –تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسىي ھالقا . ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى كېڭەيتىپ ، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى ، ئۇلارغا ئەركىن- ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ . بۇنى تۆۋەندىكى بەش قەدەم بويىچە ئۆگىتىش كېرەك . بىرىنچى قەدەم : تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇشنى ئۆگىتىش . ① يېڭى سۆز- ئىبارىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇش ، تېكىستنى تولۇق ئوقۇش . ② قورال كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ياكى تېكىستنىڭ باش – ئاخىرىغا باغلاپ ، يېڭى سۆز – ئىبارىلەر ۋە مۇھىم جۈملىلەرنى چۈشىنىش . ③ ئەسەر دە نېمىلەرنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى ، ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش . ئىككىنچى قەدەم : مۇھاكىمە ئاساسىدا ئوقۇشنى ئۆگىتىش . ① ئاسان سۆز– جۈملىلەنى چۈشىنىۋېلىش . ② چۈشىنىش قىيىن بولغان سۆز-جۈملىلەرنى يېشىش . ③ جۈملە ۋە ئابزاس بۆلەكلىرىنى تەھلىل قىلىش ④ تەسىراتىنى ئىپادىلەش . ئۈچىنچى قەدەم : خاتىرىلەپ ئوقۇشنى ئۆگىتىش . ① يۇمىلاق ، ئۈچ بۇلۇڭ ياكى باشقا بەلگىلەر ئارقىلىق بەلگە قويۇش ئاساسىدا ئوقۇش ، مۇھىم جايلارغا سىزىپ بەلگە سېلىش . ② پاساھەتلىك يېزىلغان ياكى ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان سۆز – جۈملىلەرنى كۆچۈرۋېلىش . ③ تىپىك جۈملە ، ئابزاسلارنى ، ماقال –تەمسىل ، ھېكمەتلىك سۆز ۋە قوشاقلارنى خاتىرىلىۋېلىش . تۆتىنچى قەدەم : ئۈنلۈك ئوقۇشنى ئۈگىتىش . ① دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇش . ② قايتا بايان قىلىش . ③ يادلىۋېلىش . 2) ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ جاۋاپ تېپىشقا يېتەكلەش : ئوقۇتقۇچى ئالدىن سۇئال لايىھىلەپ ، ئۇنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى قول سېلىپ بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇش . ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ سۇئال ئاساسىدا تېكىستنى مۇستەقىل ئوقۇش ، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ، ھەل قىلالمىغان ياكى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنى گۇررۇپپىدا مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش ، ھەل قىلالمىغان نۇقتىلارنى ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى تۈرگە ئايرىپ ، رەتلەپ ، مەركەزلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش كېرەك . 3) ماتىرىيال كۆرۈش ۋە توپلاشنى ئۆگىتىش . قورال كىتابلاردىن پايدىلىنىپ چۈشىنىكسىز سۆز-جۈملىلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىش ، دەرس مەزمونىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى توپلاپ ، بىلىمنى تولۇقلاش ۋە كېڭەيتىش . ماتىرياللارنى كۈتۈپخانا ، قىرائەتخانا ، ھەر خىل گېزىت- ژورناللار ۋە ئېنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ئىزدەش ۋە تېپىشنى ئۈگىتىش، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشىغا قىزغىن قاتىنىشپ ، ئەدەبىيات بىلىمى ۋە ئىجتىمائى ئەمەلىيەت قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك . 4.ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش كېرەك. ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا . ئاتاقلىق مائارىپچى يې شىڭتاۋ : « مائارىپ دېگەن نېمە ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، ياخشى ئادەت يېتىلدۇرۇش » دېگەنىدى . تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ، ئوقۇغۇچىلاردا ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . 1) دەرستىن ئىلگىركى ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئادىتى : ھەر كۈنى يېڭى دەرس ئۆتۈلۈشتىن ئىلگىرى « ئوقۇش ، بەلگە قويۇش ، ماتىريال توپلاش، بۆلۈش ، يېغىنچاقلااش » تىن ئىبارەت بەش باسقۇچ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىپ ، سۆز – جۈملە ۋە تېكىست مەزمونى ھەققىدە دەسلەپكى بىلىشكە ئىگە بولۇش كېرەك . 2) لوغەت ئاختۇرۇش ۋە باشقا قورال كىتابلاردىن پايدىلىنىش ئادىتى . 3) دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئوقۇش ۋە ماتىرىيال توپلاش ئادىتى . ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەت ئەتىراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار قوشاقلىرىنى ئوقۇش ۋە بالىلار كىنو – فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش . شۇنداقلا ئوقۇش ، كۆرۈش جەريانىدا پىكىر يۈرگۈزۈشنى بلىشنى تەلەپ قىلش . كىتاب ئوقۇش خاتىرسى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش ، خاتىرسىگە پاساھەتلىك جۈملىلەرنى ، ئۆزىگە يارىغان ، تەسىر قىلغان جۈملىلەرنى كۆچۈرىۋېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . 4) تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىش ئادىتى . ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەش ، تۇرمۇشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ، كۆرگەنلىرى ، ئويلىغانلىرى ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ۋەقەلەرنى يېزىشقا ئادەتلەندۈرۈش ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش . قارا دوسكا چىقىرىش ، قول گېزىتى ، مەكتەپ گېزىتى ئىشلەش قاتارلىق ئەمەلىي يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئاكتىپلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىدىغان ئادەتنى شەكلىللەندۈرۈش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ، ئۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەرىيانىدا شەكىللىنىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچى سەۋرچان بولۇش ، ئۆزى ئاز سۆزلەش . ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ مەشىق قىلىش ، كۆپ كۆرۈش ، كۆپ ئويلاش ، كۆپ سۆزلەش ، كۆپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش . ئۇسۇللارنى قوللانغاندا ، قەدەممۇ – قەدەم ، تەرتىپلىك ، ئىلمى بولۇشقا دىققەت قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆز ۋاقتىدا باھالاپ تۇرۇش ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .چۈشۈرۈش ئادىرسى: pa.lunwen1352777257838.doc
|