بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-14 01:18
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە،ماتېرىيال تاللاش يوللىرىنى كېڭەيتىشتىن باشلاش كېرەك يېزىقچىلىق ___ تىل-يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى ، دۇنيانى بىلىش ، ئۆزىنى بىلىش ،ئىجادىي بايان قىلىش جەريانى،يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بولسا ، تىل-ئەدەبىيات تەربىيلىنىشىنىڭ ئۇنۋېرسال ئىپادىسى . شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ، ئاڭلاش سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم . ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ۋە تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتىگە ئاساسلانغاندا ، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا يېزىقچىلىق ھەقىقەتەن تەس دەيدىغان قاراش ئوموملاشقان . يېزىقچىلىقنىڭ تەسلىكى نەدە ؟ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىنى يېزىشنى بىلەلمەسلىكىدە . چۈنكى ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىش دائىرىسى تار ،كۆرگەن-بىلگەنلىرى ئاز ، تۇرمۇش بىلىمى مول بولمىغاچقا ، بىرەر پارچە ئەسەر يېزىڭلار دېسە ، كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ ، نېمىنى يېزىشنى ، نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قوشۇمىسىنى تۈرگەن ، قەلىمىنىڭ ئۇچىنى چىشلىگەن ھالدا ئولتۇرۇپ كېتىدۇ-دە ، ئاخىرىدا زورمۇ-زور قەلەم تەۋرىتىشكە باشلايدۇ . نەتىجىدە يازغان ئەسىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ . ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل " يېزىقچىلىق تەس " دەيدىغان قاراشنى تۇگىتىپ ، يېزىقچىلىققا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئۇلاردا يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوڭاي قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان قىلىش ئۈچۇن ئىشنى ماتېرىيال تاللاش يوللىرىنى كېڭەيتىشتىن باشلىشىمىز لازىم . ئۇنداقتا ماتېرىيال تاللاش يوللىرىنى قانداق كېڭەيتىش كېرەك ؟ 1. ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشنى بىلىش ، تۇرمۇشنى چۇشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەممىگە مەلۇمكى ، ئەدەبىياتنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى-ئىجتىماىي تۇرمۇش . يېزىقچىلىق ماتېرىيالى دەل تۇرمۇشتىن كېلىدۇ . خۇرۇچ بولمىسا ، تاماق ئەتكىلى بولمىغاندەك ، يېزىقچىلىقتىمۇ يېزىقچىلىق ماتېرىيالى بولمىسا ، ئەسەر يازغىلى بولمايدۇ . يېزىقچىلىقنىڭ ماھىيىتى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېئال تۇرمۇشىنىڭ كارتىنىسى بولۇپ ، ئۇ تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ ھەم تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن يېزىقچىلىق ماتېرىيالى ، بىرىنچى ، ئائىلە تۇرمۇشى ، مەكتەپ تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن كېلىدۇ . ئىككىنچى ، باشقىلار ۋە ئىلگىركىلەرتەمىنلىگەن ماتېرىياللاردىن كېلىدۇ . ئۈچۈنچى ، تۇرمۇش ۋە ماتېرىيال ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇردىن كېلىدۇ . شۇڭا ، ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق ماتېريالىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، تۇرمۇشنى بىلىش ، تۇرمۇشنى چۈشىنىش ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماقالىرىنىڭ مەزمۇنى مول ، جانلىق ، قىزىقارلىق بولۇشنى ، تىلى تاۋلانغان ، تەپەككۇرى تەسەۋۋۇرى قاناتلانغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ باغلانغان ، تۇرمۇش بىلمىنى كېڭەيتىدىغان مول مەزمۇنلۇق ، سەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك . چۈنكى بۇنداق پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، تۇرمۇشنى بىلىشى ، تۇرمۇشنى چۈشىنىشى ئۈچۈن چەكسىز بوشلۇق ھازىرلاپ ، سەزگۈسىنى غىدىقلاپ ، ئۆزىگە خاس بولغان نۇقتىدىن تۇرمۇشنى كۈزوتكۈزىدۇ . تەمىنى تېتىتقۇزىدۇ . بۇندىن باشقا ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش مەدەنىيەت جۇغلاش ، بىلىم جۇغلاش ، ئەقىل جۇغلاش ، ھېسىيات جۇغلاش بولىدۇ . ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغاندا ، ئەسەردىكى ۋەقەلەر ، پىرسۇناجلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتى ، پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش ھەققىدىكى بىلىمى ئېشىپلا قالماي ، ئىجتىماىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ . ھېسسىياتى ، بىلىمى بېيىپ ، چىن ، ھېسىياتلىق ئەسەرلەرنى ئوڭايلا يېزىپ چىقالايدۇ . 2.ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشقا قاتنىشىشىغا ، تۇرمۇشتىن ئالغان خام ماتېرىيالىنى تاللاشقا ، پىششىقلاشقا يېتەكلەش كېرەك . مەشھۇر يازغۇچى يى شىڭ تاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "ئەسەر چوقۇم رىئال تۇرمۇشتىن كېلىشى كېرەك . ئۆزىمىز بېشىمىزدىن كەچۈرمىگەن ئىشلارنى مەجبۇرى يېزىقچىلىققا سۆەپ كىرگۈزمەسلىكمىز كېرەك . " ئۇ ياخشى ئەسەر بىلەن تۇرمۇش ماتېرىيالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تىلغا ئالغاندا " ئۆز تۇرمۇشىدىن ماتېرىيال ئېلىش " نى ئالاھىدە تەكىتلەيىتتى . ئۇنداقتا " ئۆز تۇرمۇشى " دېگەندە ، نېمىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ ؟ بۇ ئۆزى شوغۇللىنىۋاتقان ئۆگىنىش ، خىزمەت ، پائالىيەت ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ، ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشنى ، تۇرمۇشقا قىزغن قاتنىشىشنى ، تۇرمۇشنىڭ كىچىك خوجايىنلىرىدىن بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ قول سېلىپ ئىشلەشكە ، كۆپ مەشىق قىلىشقا ، كۆپ ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش ، ئۆگۈنۇشنىلا بىلىپ قالماي ، يەنە خۇشال-خۇرام ئويناشنىمۇ بىلىش ، ئويناش ئىچىدە " ئويناش " ، ئويناش ئىچىدە "تەپەككۈر قىلىش " ، ئويناش ئىچىدە " ھېس قىلىش " قا يېتەكلەش كېرەك . مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش،گۈل ئۆستۈرۈش،ھايۋانات بېقىش،بىرەر نەرسە ياساش،مۇزىكا چېلىش،ناخشا ئېيتىش،ئۇسسۇل ئويناش،چېنىقىش،تەجرىبە قىلىش...قاتارلىقلاغا تەشكىللەپ،ئوقۇغۇچىلارنى بىر تەرەپتىن ئويناش،بىر تەرەپتىن ئىشلەش،بىر تەرەپتىن ئويلاش،بىر تەرەپتىن مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە،تەسىراتقا ،يېڭىلىق يارىتىشقا،خۇشال-خورام ئويناش جەريانىدا مول ھەم رەڭدار يېزىقچىلىق ماتېرىيالىغا ئىگە قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان يېزىقچىلىق ماتېرىيالى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ماتېرىيال بولمىسا ياكى ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىسا ، كۇڭۈلدىكىدەك ياخشى ماقالە يازغىلى بولمايدۇ . ماتېرىيال بولۇپ . پىششىقلاپ ئىشلەنمىسە ياكى ماتېرىيال ياخشى تاللانمىسا ماقالىنى ياخشى يازغىلى بولمايدۇ . چۈنكى يېزىقچىلىق ماتېرىيالى ماقالىنىڭ ئاساسى . مەركىزىي ئىدىيەنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى ، مەركىزى ئىدىيەنى ئىپادىلەشنىڭ دەلىلى . كىشىلەر دائىم مەركىزي ئىدىيەنى ماقالىنىڭ جېنىغا ، قۇرۇلمىسىنى ئىسكىلىتىغا ، ماتېرىيالىنى گۆش ۋە قېنىغا ، تىلىنى بولسا ھۈجەيرىسىگە ئوخشىتىدۇ . بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ماتېرىيال بولسا ماقالىنىڭ ئۇلى . ماتېرىيال توپلاش ۋە تاللاش ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە يېزىقچىلىقتىكى ئاساسىي ئىقتىدارىدىن ئىبارەت . تۇرمۇشتىن ئالغان ماتېرىيالنى بىۋاستىلا ئەسەر قىلىپ يازغىلى بولمايدۇ . ئۇنى تاسقاش ۋە پىششىقلاشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى ئەڭ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان " يادرولۇق نۇقتا " نى تاللاش ۋە پىششىقلاشقا ، مۇھىم نۇقتا بىلەن ئىككىنچى ئورۇندىكى نۇقتىلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئىپادىلەشكە يېتەكلەش كېرەك . 3.تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈش ، ماتېرىيال تاللاش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك . ئوقۇغۇچىلار يازغان ماقالىرىنىڭ ئىچىدە ، ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن پائالىيەت ، ۋەقەلەرنى يازغان ماقالىلارنىڭ بىر قەدەر ياخشى چىققانلىقىنى بايقايمىز . بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇكى ، تۇرمۇش ، پائالىيەت بولسىلا ، يېزىقچىلىق ماتېرىيالىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ . دېمەك ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئەمەلىيىتى يەنى ئۆزى كۆرگەن ، ئاڭلىغان ، بىۋاستە قاتناشقان ، ھېس قىلغانلىرىنى يازسىلا ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ . بىزسىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى كۆزىتىدىغان بولساق ، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنى كۆپ خىل ئەمەس ، دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىدا ھېچقانداق رەڭدارلىق يوقلىقىنى بايقىۋالالايمىز . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن مەكتەپ-ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئەتىگەنلىك تەكرار ۋە سىنىپ يىغىنى قاتارلىق ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش ، ياخشى يېزىلغان ئەسەر ۋە كىتاپلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىققا قىززىقتۇرۇش ، يېزىقچىلىق مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ ، يېزىقچىلىق يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك . 4.يېزىقچىلىقتا ئوقۇغۇچىلارنى چۈشەپ قويماسلىق ، ئەركىن ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل يېزىقچىلىقىنى پايدىلىق شارائىت ۋە كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ، ئۇلارنى ماتېرىيال تاللاش ۋە يېزىقچىلىق جەھەتتە چۈشەپ قويماسلىق ، بەلگىلەنگەن تېمىدا ئەسەر يېزىشنى ئازايتىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تېما تاللىشىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە شۇ ئاساستا تۇرمۇشنى ئەتىراپلىق ، تەپسىلىي كۆزىتىپ ، كۆزەتكەنلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە ۋە ئىجادىي ئىپەدىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك . يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىنى ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيىتىگە يېققىنلاشتۇرۇش ، ئۇلارنى رىئاللىققا ئەھمىيەت بېرىشكە ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۆشكە ، ھەقىقىي ئىش ۋە ھېسىياتنى ئىپادىلەشكە يېتەكلەش كېرەك . دېمەك ، يۇقۇرىقى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە ، ئوقۇغۇچىلارنى يېزىشقا قىزىقىدىغان ، ئوڭاي ، تەشەببۇسكار قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان قىلغىلى ، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ، يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىدا ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . |