مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 0

مىكرو تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىرى - بۆرە كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3674 سەر
تىللا
922 دانە
تۆھپە
8476 سەر
شۆھرەت
3502 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 22:08:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مىكرو تىپتىكى مۇزىكىلىق تىياتىرى - بۆرە كەلدى

روللاردا:

پادىچى بالا

قويلار

بۆرىلەر

دېھقانلار

ئورۇن : -

مەلۇم بىر يايلاق

سەھنە تۆزىلىشى : - سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قاشا قۇيۇلىدۇ . ئەتراپقا ئوت-چۆپلەر تىزىلىدۇ .




(پەردە ئېچىلىپ ياندىن بايان بېرىلىدۇ ، پادىچى بالا يايلاقنىڭ ۋە قويلارنىڭ شوخ تىتىك ھالىتىدىن ھۇزۇرلانماقتا)

ياندىن بايان –

گۈزەل كەتكەن بۇ زېمىندا ئۈمىد ھەر كۈنى كۈنلىرىنى مۇشۇ يايلاقتا قويلار بىلەن ئۆتكۈزەتتى ، كۈندە كىلىدىغان بىر خىل رېتىمدىن ئۇ گاھ خۇشال بولسا گاھ ئىچى پۇشاتتى . ئۇنداقتا بۆگۈن ئۇ كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ ؟

(مۇزىكا بېرىلىدۇ ، ئۈمىد راۋابىنى چېلىپ قويلىرىنىڭ شوخ تىتىكلىكىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ ، قويلار مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن سەھنىگە چىقىدۇ)

( ئۈمىد قويلىرى بىلەن ئويناپ ئىچى پۇشۇپ بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ )

ئۈمىد : - بۆرە كەلدى ! بۆرە كەلدى !!! ( قويلار قورىققىنىدىن بىر يەرگە يىغىلىشىپ تۇرىۋالىدۇ (ئېتىز – ئېرىقلاردا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار يۈگۈرۈشۈپ بۆرىنى يۇقىتىش ئۈچۈن كېلىدۇ )

دېھقان ئا : - قېنى بۆرە قېنى ( ئۇ ھەر تەرەپنى ئىزدەيدۇ)

دېھقان ب : - قېنى گەپ قىلە ئۇكام بۆرە نەگە كەتتى ؟

ئۈمىد : - ھا ھا ھا ھا مەن سىلەرنى ئالداپ قويدۇم ، ئەسلى بۆرە كەلمىگەن ، مەن شۇ ئىچىم پۇشۇپ ...

دېھقان ئا : - نىمداق بالا سەن ؟ كىچىك تۇرۇپ يالغانچىلىقىنى قارا بۇنىڭ .

دېھقان ب : - ھەي ! قىلغىلى باشقا ئىش تاپالمىدىڭما ؟مۇشۇمۇ قىلىق بولدېمۇ ؟

(دېھقانلار ئاچچىقلاپ سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ)( ئۈمىد ئۇلارنىڭ ئالدانغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلىدۇ . )

ئۈمىد : -قوزىلىرىم مەن سىلەرنى ئالداپ قويدۇم بۆرە كەلمىدى بۇ يايلاقتا بۆرە نىمىش قىلسۇن ؟

( قويلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ ئۈمىدكە باتناپ ، پەرۋاسىز ئوتلايدۇ ،)( ئىچى سىقىلغان ئۈمىد يەنە بىر قېتىم قويلىرىنى ئالداپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ )

ئۈمىد : - بۆرە كەلدى !! بۆرە كەلدى !!! ( قويلار ئۇنىڭغا پىسەنىت قىلماي ، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ )

مۇزىكا رېتىمى ئۆزگىرىدۇ

( يىراقتىن بۆرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ )

ئۈمىد: - (جىددىيلىشىپ) بۆرە كەلدى !!!! ۋاي بۆرە .... بۆرە كەلدى !!!!

مۇزىكا رېتىمى ئۆزگېرىدۇ

( بۆرىلەر قاتتىق ھوۋلىشىپ ، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن چىقىدۇ . )( ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇق تاپقىنىدىن خۇشال بولىشىدۇ . بىر بۆرە مەخسۇس قويلار بىلەن يەنە بىرى ئۈمىد بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىدۇ ، ئۈمىد قورىققىنىدىن قاچىدۇ بۆرە 1 ئۇنى قوغلاپ چىقىپ كېتىدۇ . بۆرە 2 قويلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ . بۆرە 1 ئارلىقتا كىرىپ بۆرە 2 بىلەن بىرلىكتە قويلارنى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ . ئۈمىد كىرىپ بۆرە 1



نى نىشانلاپ ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ ئۇ سەھنە ئىچىدە ئۆلىدۇ ، بۆرە 2 نى ئۈركۈتۈپ سەھنە سىرتىدا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ)

مۇزىكا رېتىمى ئۆزگىرىدۇ

(ئۈمىد ئۆلگەن قويلىرىغا قاراپ قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ، ئاخىرىدا بىر قويىنىڭ ئازراق مىدىرلىغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا ئۇ قوي ئېچىنىشلىق مەرەپ ئۈمىدنىڭ قولىدا جان بېرىدۇ ، ئۈمىد .ئىنتايىن ھەسرەت چىكىدۇ )

ئاخىرقى ياندىن بايان –

ساۋاقداشلار ,ئۈمىد ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق يالغانچىلىق سەۋەپلىك ھەسرەت - نادامەتلەرگە دۇچار بولدى يالغان گەپ قىلغان ئادەمنىڭ راس گېپىگىمۇ باشقىلار ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا بىز تۇرمۇشىمىزدا راسىتچىللىقنى ، ئەستايىدىللىقنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.



(بۇئەسەر 2011-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە يېزىلغان.ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەپىتىس قىلغان)


مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 15:04, Processed in 0.150074 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش