پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 4

تۇرمۇش تەسىراتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 12:34:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىكى تاتلىق ھېسلار
كۆپۈنچە كىشىلەر تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ۋايساپ ئۆزىنى ئۇپرىتىشنى كەسىپ قىلىۋالغاندەك كۆرىنىدۇ .بۇنداق ئادەملەر كۆپ ھاللاردا مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەشنى خالىمايدۇ نەتىجىدە ،ئەنە شۇنداق بىھۇدە قەلىپ كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ .بۇنداقلارغا ئۇچرىغاندا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھەم تاۋاق بولۇپ ۋايساشلارغا تەڭ جۆر بولىدۇ .بۇمۇ بىر قوشلاپ ھەرەج تارتىشنىڭ بىر تۈرى ،ئەمما ۋايساشنى تىڭشۇغۇچى ۋايساشنىڭ مەنبەسىنى تەڭ تېپىپ چىقىپ بىللە ھەل قىلىش تەرىپىدە بولمايدىكەن ،بۇ ئىش بارغانچە ئېغىرلاپ ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ۋايسايدىغانلارنىڭ توپىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ.تۈنىگۈن قوشنا ئىنىم ئالدىمغا ۋايساپلا كىرىپتۇ .بولغان ئىش قوشنىلىرىنىڭ بىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ھېيىت پەتىسى قىلىپ كىرىپ قويماپتۇ .ئۇلارنىڭ ئۆزىنى پەس كۆرگەنلىكىدىن بەكمۇ  غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا بىرمۇنچە ھال ئېيىتتى .ئۇنداقتا بۇ قوشنام ئۆزىچۇ دىگەن مەسىلە مېنى ئويلاندۇرغاچقا ،ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قانداق ئويدا بولىۋاتقانلىقىنى سورىسام بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن بۇنداق قوشنىلار بىلەن ئەمدى ئارىلاشمايدىغانلىقىنى دەپ يەنە بىرمۇنچە ۋايسىدى .مەن ئۇنىڭ بىلەن تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ سىلاش ئۇسۇلى بويىچە پاراڭلىشىپ بۈگۈنكى ھېيت پەتىسىنى بىللە قىلىشنى ئۆتۈندۈم .ئۇ دەسلەپتە قوشۇلمىغان بولسىمۇ كېيىن مېنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرىم تەسىر قىلدىمۇ بىر كۈن مەن بىلەن ئالا قويماي بارلىق قوشنىلارنىڭكىگە ھېيت پەتىسى قىلدى .شۇ ئىش بولۇپ ئەتىسى بۇ قوشنام ئۆيۈمگە << يامان ئادەم جۇمۇ سىز ،مەن بەك خوش بولدۇم ئادەم ئادەم بىلەن ئادەمكەن ئەمەسمۇ .بارلىق قوشنىلار بىزنىڭ ئۆيگە ھېيت پەتىسى قىلىپ كىردى >> دەپ كىچىك بالىدەك خوش بولۇپ كېتىپتۇ .مەن ئۇ قوشنامغا يەنە بىرنىمىلەرنى دەپ چۈشەنچە بېرىپ ئولتۇرمۇدۇم ،بىراق شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ قوشنام باش قېتىنچىلىقتا قالسا ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كىرىدىغان بولدى .مەنمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە خېلى مۇھىم ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمدىن خوش بولۇپ قالدىم .دىمەك ئىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي ،ئەمما ھەل قىلىشتا چارە –تەدبىرلىك بولماي ۋايساش ئارقىلىق غەزەپنى پەسەيتىمەن دىيىش بۇ بىمەنىلىك ئارقىلىق ئۆزىنى قىيناشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
ئارتۇقچىلىقنى تېپىش
بىز كۆپ ھاللاردا بىراۋنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشتەك ئالاھىدىلىككە ئېتىبار قىلماي ، كەمچىلىكىنى كۆرۈشكە كۆپرەك ئېتىبار بىلەن قارايمىز ،شۇنداق بولغاچقىمىكىن بۇ دۇنيادىكى بارلىك ئادەملەر نۇقسان –ئىللەتنىڭ كۆرپىسىگە تۇغۇلغاندەك ،پەقەت ئۆزىلا پاك-بىغۇباردەك كۆرىنىدىغان پىسخىك ھالەتتە ياشىماقتىمىز . شۇڭا كىمدە –كىم بىرەر نۇقسان بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولسا يۈرەكلىرىمىز يايراپ غەيۋەت پىلتىمىزغا ئوت تۇتۇشۇپ نەچچە مىڭ tnt لىق پارتلاتقۇچ بومبىدەك پارتلاشقا تەييار تۇرىمىز .ئەمما بىراۋنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان پاراڭ چىقىپ قالسا نىمىشقىكىن دېمىمىز ئىچىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتىۋىمىزدىكى سۈكۈت ئىچىدە ياشايدىغان بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرىۋاتقاندىكى بىر ئىشى مېنى بەكمۇ تاڭ قالدۇردى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇ مەلۇم بىر بالىنىڭ تاپشۇرىقىنى تەكشۈرىۋاتاتتى تاپشۇرۇققا يېزىلغان خەت شۇنچىلىك سەتكى خۇددى چۆمىلىنى سىياغا چىلاپ دەپتەر يۈزىدە ماڭغۇزىۋەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى ،ئوقۇتقۇچى خەتنى ھەجىلەپ ئوقۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى خەتلەرنى قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئېلىپ قويىۋاتاتتى .مېنى تەسىرلەندۈرگىنى ئاخىردىكى باھا سۆزى بولۇپ ،ئۇ مۇنداق يېزىلغان ئىدى. << ساۋاقداش سىز مەن چەمبەر ئىچىگە ئېلىپ قويغان خەتلەرنى بەك چىرايلىق يېزىپسىز ،بۇندىن كېيىن ئاشۇ چەمبەر ئىچىدىكى خەتلەردەك چىرايلىق خەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ يېزىڭ>> مېنىڭچە ئاشۇ ئىككى قۇر باھا سۆزىدىن ئەنە شۇ تاپشۇرۇق ئىگىسىسى ھەقىقەتەن خوش بولىدۇ ھەم ئىلھاملىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى ئۇستازلىق روھ يەنە كېلىپ ھەقىقى ئادىمىلىك ساپانىڭ بىر ئۆلچىمى . بىز نىيەتنى دۇرست قىلساقلا بىزنىڭ سېسىتىش نىشانىمىز بولغان ئاشۇ ئادەملىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز ھەم شۇ ئارقىلىق بەلگىلىك كۆڭۈل خوشلۇقىغا ئېرىشەلەيمىز.
غاز بېقىش ۋە دوسىتلۇق
مەھەللەمدە يېشى 70لەردىن ھالقىغان بىر خەنزۇ بوۋاي بار .بۇ بوۋاي ھەركۈنى كەچلىكى مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ پاراڭلىشىشقا خۇشتار .باشقا ئادەملەر بىلەن ئانچە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ . يەنە شۇ ئادىتىمىز بۇ بوۋاينىڭ مەن بىلەن ھال-مۇڭداش بولۇپ كېتىشى بەزىلەرگە تەسىر قىلغان چېغى << بىزگە قاراپمۇ قويمايدىغان بۇ ئادەم سېنى كۆرسە ئەجەپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي كېتىدۇ يا سەن بۇنى ئوقۇتۇۋالمىغانسەن ؟>> دەپ يا تەنىلىكىنى يا ھەسەتخورلۇقىنى بىلمەيدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ .مەن ئۇلارغا سىلەرنىڭمۇ بوۋاي بىلەن يېقىنلىشىش خىيالىڭلار بولسا ئۇنداقتا بوۋاي ياخشى كۆرگەن نەرسىنى سىلەرمۇ ياخشى كۆرۈڭلار يەنى بوۋاي بىلەن بوۋاينىڭ غېزىنى بېقىشىپ بېرىڭلار >> دىدىم .ئۇلار ھەيران قېلىشتى .دىمىسىمۇ مەن ھەر شەنبە ،يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ غازلىرىنى خۇددى ئۆزۈمنىڭ غازلىرىنى باققاندەك مەھەللىمىزدىكى كەڭ كەتكەن چىملىقتا ھەم سۇ بويلىرىدا بېقىشىپ بېرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالغان ئىدىم. بۇ بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ پىكىر قىلىشىمغا پايدىلىق بولسا يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەت بىلەن يېقىنلىشىپ راھەتلىنىپ قالاتتىم .بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ بوۋاينىڭ ئاجايىپ مەنالىق گەپ –سۆزلىرىدىن ھوزۇر ئالاتتىم .بۇ ئىش نۆۋىتىدە بوۋايغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىپتۇ ،ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەر ئىككىلىمىز غازلارنى كەڭ مەيدانغا قويۇپ ئوتلىغىلى (دانلىغىلى) قويۇپ چۈشلۈك تاماققا كىرىپ كېتىپ چىقساق 20دەك غازنىڭ بىرىمۇ خۇددى يەر يۇتقاندەك يوق ،بىزنىڭ ۋە بوۋاينىڭ بالا-چاقىلىرى ئىزدەپ بارمىغان يېرىمىز، قىلمىغان ئامالىمىز قالمىدى .دەل شۇ چاغدا ھەر كۈنى ھاراق ئىچىدىغان قوشنىمىزنىڭ قاۋاققا قاترىماي مەھەللىدە يۈرگەنلىكى بىزنى سەل گۇمانلاندۇرۇپ قويدى ،شۇنداقلا كىرەيلى دىسەك غازلارنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازى يوق .شۇنداق بولسىمۇ ھېلىقى زاباي ئادەمنى بىلمىگەن كىشى بولۇپ باشقا يولغا سېلىۋېتىپ ،ئۆزىمىز قوراسىغا كىرىۋىدۇق .بىر بۇلۇڭدا غازلار يەمگە تەشنا قۇش بالىلىرىدەك ئاغزىنى كاماردەك ئېچىپ تۇرۇشۇپتۇ شەرتلىك بەلگە بەرسەكمۇ غاقىلدىمايدۇ ،غاقىلدىسا قۇلاق-مېڭىنى يەيدىغان غازلارنىڭ بۇخىل ھالىتى بىزنى تاڭ قالدۇرماقتا ئىدى .بىز بىر غازنى تۇتۇپ شۇنداق ئاغزىغا قاراپلا غازنى يوقاتقانلىقىمىز ئېسىمىزدە يوق كۈلۈپ تېلىپ قالدۇق ،ئوغرىنىڭ پەمىگىمۇ ھەيران قالدۇق .ئوغرى ھەربىر غازنىڭ ئاغزىغا بىردىن تالنى دىڭگەك قىلىپ تىكلەپ قويغاچقا غازلار قاقىلدىيالمىغان ئىكەن.ئەنە شۇ ئىشلاردىن كېيىن بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزنىڭ مەناسى تېخىمۇ بېيىدى .دىمەك بۇيەردىكى مەسىلە بىراۋ ياقتۇرغاننى بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمىگە سېلىۋېلىپ ياقتۇرماي ئارىدىكى رېشتىنى ئۈزۈل –كېسىل كېسىپ تاشلايمىزدە ئۆزىمىزنىڭ تەنھا –يېتىم قېلىشىنى ئەتراپتىكى ھەربىر ئادەمگە ،ھەر بىر شەيئىگە دۆڭگەپ ئازاپ دېڭىزىدا ئېسەنكىرەپ يۈرۈيمىز.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 13:50:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوتا ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟
سىزنى ئۇزۇندىن بېرى  مۇنبەردە ئۇچۇرتالماي يۈرگەن ئىدىم . قارىسام بۈگۈن ناھايتى ياخشى تېمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز . ئەمدى گەپكە كەلسەك سىز مەھەللىدىكى ئىشلارنى ناھايتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپسىز .ئەمدى مۇنبەردە نۇرغۇنتېمىلار سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرماقتا.  ئۇنداق بولسا نىمىگە  قاراپ تۇرىسىز تېزدىن ئۆزىڭىزگە  ياققان تېمىلارنى كۆزدىن كۆچۇرگەچ ئۇلارغىمۇ ياخشى تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىماي بەرگەيسىز .  رەھمەت .

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 13:54:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە  ئىنىق ئەمەسقۇ؟
ئەگەر بۇ  سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىز بولسا  سىزنىڭ  ناتىقلىقىڭىزغا قول قويدۇم.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

2

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 16:01:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار سىزگە رەھمەت ، مەن مۇنبەرگە چىقىپ كۆڭۈل كۈيلىرىمنى ئىپادىلەشنى ئۈگىنىۋاتقان ھەۋەسكارمەن .سىزنىڭ سەمىمىي ياردىمىڭىزگە ھەم تەكلىپ -پىكىرلىك قوللۇشىڭىزغا مۇھتاجمەن.چچ1765223398مائارىپ خىزمىتىدە پىكىرلىشىش ئۈچۈن بۇ نومۇرنى دىدىم .ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.

2

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 16:04:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش مەن تۇرمۇشنى ئەتراپىمدىن كۆزىتىشكە ھەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ لەززەت ئىزدەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.شۇڭا بۇ مەزمۇنلارنى شۇ ھالەتتە ھېس قىلىپ باشقىلارغا ياردىمى تېگەرمۇ دىگەن نىيەتتە يېزىپ ئېۋەتكەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:21, Processed in 0.451419 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش